3d
رومانچىلىقىمىزدىكى بىر گۈل - «ئاشىق-مەشۇقلار»
' _* M. g4 W! ^% A8 S Yئوقۇرمەنلىك ھېسسىياتىمۇ قىزىق بولىدىكەن، بىرەر پارچە ئەسەرنى ئوقۇساق، گاھىدا ئۇنى ئۆزىمىز يازغاندەك سۆيۈنۈپ كېتىدىكەنمىز. گاھىدا ئاپتوردىن خاپىلاپ، ئاچچىقىمىز كېلىپ، ئۆزىمىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ھەسرەتلىنىپ كېتىدىكەنمىز. ئاپتورلارمۇ قىزىقكەن، تەنقىدتىن كۆپرەك ماختاشنى ياقتۇرىدىكەن. بۇ بەلكىم تەنقىدنىڭ ئاچچىق، ماختاشنىڭ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغانلىقىدىن، جۈملىدىن ئىنساننىڭ شۇنىڭغا مايىل پىسخىكىسىدىن بولسا كېرەك. بەزى ئاپتورلار ئازراقلا ماختاپ قويسىڭىز، شۇنچە يىراق يەردىن دوستلۇق غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ، سىزگە ئىلتىپات ۋە خۇشامىتىنى ئىپادىلەپ كېتىشىدىكەن. ئەكسىچە، يەنە بەزى ئاپتورلارنى تەنقىدلەپ قويسىڭىز، خۇددى ئۇزۇن يىللىق قان قەرزى بار رەقىبلەردەك شۇنچە يىراق يەردىن سىزگە ھۈرپىيىپ، نەشتىرىنى سانجىغىلى تۇرىدىكەن؛ خالىس، ياخشى نىيەتلىك بىلەن قىلغان ئىشىڭىزدىن بىكاردىن بىكارلا ئۆزىڭىزگە «دۈشمەن» تېپىۋالىدىكەنسىز. بۇ ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تازا بىر «سەت» ئىشكەن!
' a$ d+ p6 i8 j, K( Fشۇڭا ئەدەبىياتىمىزدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك گاھى ھاللاردا ئۆزىنىڭ راست گېپىنى دېيەلمەيلا كەلدى. ئورۇنلۇق تەنقىد ئورۇنلۇق ماختاشقا ئوخشاشلا شۇنداق قۇدرەتكە ئىگىكى، ئۇ ئەمەلىيەتتە تەنقىد ئوبيېكتىغا سۇنۇلغان سەمىمىي ياردەم، ھاياتى كۈچى بار تۈرتكە ھېسابلىنىدۇ. بىر ماختاش بىلەنلا ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىش ياكى بىر تەنقىد بىلەنلا ئۆزىنى تۈگەشتىم، دەپ ئويلاش ماھىيەتتە ئىرادىسىزلىك، ئاجىزلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى، شائىرلىرىمىزدا، جۈملىدىن ئاپتورلىرىمىزدا يېتەرلىك روھىي ساپانىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئۇ شۇندىلا ماختاش ياكى تەنقىدلەر ئالدىدا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ. نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ماختاش ياكى تەنقىدكە ئۇچرىمىغان ئەسەرنى «تايىنلىق، ئادەتتىكىچە، مۇنداقلا بىر ئەسەر» دېيىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە كۈچ يېتەرسىز ھەم ھورۇنلۇق گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر ئىنكاسسىز قالماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە «نوپۇزغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياكى نوپۇز تەرەپكە ئاغىدىغان» بىر خاھىش مەۋجۇت بولغاچقا، كۆپىنچە نامى چىققان، بەلگىلىك تەسىرى مۇقىملىشىپ قالغان ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىگىلا نەزەر ئاغدۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىگە تۇشلۇق پىداكارلىق بىلەن «سەپ» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە ئانچە كۆڭۈلشىمەيدىغان بىر ئەھۋالمۇ ساقلانماقتا.
/ d0 I! g5 F. _( ^* |, v9 Q5 Wبەزى كىتابخانلىرىمىزمۇ شۇنداق ساددىكى، ماختاپ قويۇلغان ئەسەرگە، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئاپتورىغا بىراقلا ئەل بوپكېتىدۇ؛ ئەكسىچە، تەنقىد قىلىنغان ئەسەرگە، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئاپتورىغا بىراقلا سوۋۇپ كېتىدۇ؛ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مۇستەقىل مەيدانىنى ئىپادىلىمەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ماختالغان ئەسەرنىڭ ياخشى بوپكېتىشى، تەنقىدلەنگەن ئەسەرنىڭ ناچار بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇ يەنىلا تەقرىز ئاپتورىنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، پوزىتسىيىسى، ھېسسىيات ئارقا كۆرۈنۈشى، چۈشىنىش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى... قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەرگىزمۇ ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. 1 @4 f* C. k+ ?
ئەنە شۇ جاپاكەش قەلەمكەشلەر ئىچىدە «تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار»، «ئەخمەت ئەپەندىم»، «ئاشۇ يىللاردا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن دىققىتىمنى تارتىپ كېلىۋاتقان بىر يازغۇچىمىز بار. 2009-يىلى 6-ئايدا يازغۇچىمىزنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئاشىق-مەشۇقلار» ناملىق رومانىنى ئوقۇپ، مۇشۇ ھەقتىكى ھېس قىلغانلىرىمنى كىتابخانىلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ باققۇم كەلدى ۋە يۇقارقىدەك ئەگەشمە ئويلارغا ئىگە قىلدى.
7 S9 @# \+ E+ x+ E# Mھازىرقى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا 200 دىن ئارتۇق روماننىڭ نەشر قىلىنىشى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەرەققىياتنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. چۈنكى، يىرىك ھەجىملىك رومانچىلىق ژانىرى بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات بارومېتىرى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخقا بولغان ئىشتىھاسى بەكرەك روشەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخىي تېپىشماقلارنىڭ ئۆلۈك ھالدىكى ۋەقەلەر تىزمىسى شەكلىدە ئەمەس، ئادەمدە ھاياجان ۋە تەسەۋۋۇر قوزغىيالايدىغان ئىستېتىك لەززەت سۈپىتىدىكى بەدىئىي شەكىلدە يورۇتۇلۇشى بىر مەزگىل تارىخىي رومانلار قىزغىنلىقىنى، جۈملىدىن يازغۇچىلارنىڭ شۇنىڭغا مايىل خاھىشىنى قوزغىۋەتتى. ھازىرمۇ تارىخىي رومانلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولماقتا. ئەلۋەتتە بىزگە تارىخىي رومانلار كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە دەۋرىمىز روھى، رېئاللىقىمىز بىلەن تىنىقداش، نەق بۈگۈنىمىزگە يۈزلەنگەن رومانلارمۇ كېرەك.
& o. V h0 \' z: Q«ئاشىق-مەشۇقلار» رومانى مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئۆز ئەھمىيىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ. «ئاشىق-مەشۇقلار» رومانىدا پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىگە ياراشقان تۈرلۈك تەسۋىرلىرىدىن مانا مۇشۇ ئەگرى-توقاي رېئاللىقنىڭ ھىدىنى ئاساسەن دېگۈدەك پۇرىغىلى بولىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكىچە بولغان ۋاقىتنى بىر دەۋر دېسەك، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى مەزگىلنى يەنە بىر دەۋر دېيىشكە بولىدۇ. مەزكۇر رومان تېما ۋە باش تېما ئىزچىللىقىغا قەتئىي بويسۇنغان ھالدا قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى چۆرىدەپ تۇرۇپ، مۇشۇ ئىككى دەۋر كىشلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشلىرىدىكى پەرقلەرنى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ تاشلىغان ھەم ئىككى دەۋر كىشلىرىنى ئومۇمىي بىر تېما ئىچىدە ئۆز ئارا باغلىغان. روماندا مۇشۇ ئىككى دەۋرنىڭ روھى گىرەلەشمە ھالدا ئەكس ئېتىپ، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىنغان. بۇ مۇشۇ ئەسەرنىڭ رومان بولۇش سالاھىيىتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان يارقىن ئامىل. مەن مانا مۇشۇ نۇقتىدىن يازغۇچى ئامان نۇرى ئابدۇرۇسۇلنىڭ ۋەقەلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەسەر قۇرۇلمىسىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تېما ئىزچىللىقىنى يۈتتۈرۈپ قويماسلىق، ئەسەرگە بەدىئىي قان بېرىش، سيۇژىتنى زىددىيەت بىلەن يېيىش جەھەتلەردىكى يازغۇچىغا خاس بەدىئىي دىت ۋە ئېستىداتىغا قايىل بولدۇم. ]6 n! l. t1 J6 z9 u# i
مۇھەببەت ئەدەبىياتنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى. مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەخلاقىي تەلەپلەر ھەر قانداق دەۋر ئۈچۈن ئورتاق بولغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يا ئۇنداق، يا مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن دەۋر تامغىسىمۇ بېسىلغان بولىدۇ. روماندىكى ئالىم بىلەن نۇرنىسا ئوتتۇرىسىدىكى ۋىسالغا يەتمىگەن مۇھەببەت ۋە بۇ مۇھەببەت ئوتىنىڭ پىنھان چوغ كەبى يۈرەكتە ساقلىنىپ قېلىشى مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەس ۋەھىيلىكى يېقىدىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. لېكىن، ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتتە بۇ مۇھەببەت ئادەم ئويلاپمۇ باقمىغان بوشلۇقلارغا قاراپ كېڭىيىدۇ، دەسلەپتە ھەيرانلىقىمىزدىن تەئەججۈپتە تۇرۇپلا قالىمىز. ئاستا-ئاستا مەدەنىيەتلەر تەسىرلىشىشى ئارقىسىدىكى ھازىرقى رېئاللىق ھېسسىياتىمىزنى ئۆز قىنىغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ. بۈگۈنكى دەۋرنىڭ بۇ خىل مۇمكىنچىلىكىنى بېرەلەيدىغانلىقىغا چىنپۈتكۈزىدۇ. 4 b' {7 T0 }4 }
مانا بۇ يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەننى مەستخۇشلاپ، ئاندىن رېئاللىققا قايتۇرۇپ كېلىش جەريانى. بۇ چاغدىكى بەدىئىي ۋە ئىجتىمائىي لەززەت ئوقۇرمەننىڭ قەلبىدە ئەستىلىك قالدۇرىدۇ. ھەقىقەتەن بۈگۈنكى يېڭىلىققا تولغان دەۋردە ئەتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق ئىلگىرىكىدىن بەكلا تەسلىشىپ كەتتى. روماندا ئويلىمىغان يەردىن نۇرنىسانىڭ قىزى فەرىدە ئاپىسىنىڭ مۇھەببەتلىك قەلب ئېتىزىدىكى يارقىن سىما بولغان ئالىم بىلەن تېپىشىپ قالىدۇ، چوڭلارنىڭ توسۇشلىرىغا، ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ ياش پەرقى بولۇشىغا قارىماي بۇ مۇھەببەتنىڭ ۋىسالىغا يېتىپ توي قىلىدۇ. تېخىمۇ كۈتۈلمىگەن، قىزىق بولغىنى ... يازغۇچى ۋەقەلىكنىڭ ئىچىدىن ۋەقە تۇغدۇرۇشقا شۇنداق كۈچىگەنكى، بۇ، ئوقۇرمەننى قىزىقتۇرۇش رولىنى ئوينىغان. دەۋرىمىزدە مۇھەببەت ئەركىنلىكى شۇنداق جۇلالاندىكى، بۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرى كۆپرەك گەۋدىلىنىش بىلەن بىللە، قىسمەن سەلبىي ئاينىشلىرىمۇ روي بەردى. بەزى ئۆزگۈرۈشلەرگە بۇرۇنقىلارنىڭ نەزىرى بويىچە قارايدىغان بولساق، تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغماسلىقى مۇمكىن. بىراق، رېئاللىق نۇقتىسىدىن بۇنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوق. تېخى، بۇنداق ئىشلار دەۋرىمىز كىشلىرىگە غەيرىي تۇيۇلمايدىغان بولۇپ كەتتى، كۆنۈپ كېتىش — ئىنساننىڭ بىر تەبىئىتى بولسا كېرەك. يازغۇچى بۇ جەھەتتە دادىل بولۇپ رېئاللىققا سەمىمىي مۇئامىلە قىلالىغان. قاراڭ:' e3 U) V2 L+ F* X% g
«— تېخى باياتىندىن بېرى يالغاندىن ‹بولمايدۇ› دەپ ئولتۇرۇۋالسام، سىلەر مېنى نېمىلەرنى دەپ كەتمىدىڭلار؟ ھەي ھەدە، مېنى شۇنچىلىك ئىشنىمۇ چۈشىنەلمەيدىغان، كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدىغان نادان، ئەقىلسىز، جاھىلغا چىقىرىۋەتتىڭىزغۇ؟ ھەي، ئويلاپ باقمامسىلەر؟ مەن شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان ئادەممىدىم؟ پەرھات بىلەن شاراپەت توي قىلسا، نېمە بوپتۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشىغۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ تاللىشىكەنغۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ تاللىشىغا، نىكاھ ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىساق، ئۇلارنى ئىززەتلىمىسەك بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ-دە ... ئۇ چاغدا ھەدە، مەن ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك ياشىرىپ قالىمەنغۇ دەيمەن؟ — دېدى ئالىم كۈلۈپ قويۇپ.% u# \9 @9 p9 _; S
— قانداق دەيسىز؟
% q1 V2 \4 X9 B" L- n5 p0 B— چۈنكى، بۇرۇنقى ئىنىم كىچىكلەپ، ئەمدى ماڭا بالا بولغاندىكىن، مەنمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا كىچىكلىمەمدىمەن؟ # N% l) E1 f: b; s5 _
— سىز كىچىكلىسىڭىز ئۇ چاغدا فەرىدەمۇ كىچىكلەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىنىسى ھازىرقى ئوغلى بولدى–دە.
& j2 t- ?1 B) L O& C— لېكىن، مېنىڭ قەدىردان خوتۇنۇم فەرىدە زادى ئويلىمىغان يەردىن ئۆز ئانىسى بىلەن قۇدىلىشىپ قالىدۇ-دە، يامان يېرى شۇ. 1 n0 w' t2 S& P6 E; z3 A% d7 {
— ۋاي، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟* J. l, B6 c% ^3 w; K& ], k( E
— دېمەكچى بولغىنىم ئەڭ بەختلىك بولغىنى يەنىلا مەن ئىكەنمەن، — دېدى ئالىم ئۆزىنى مەغرۇر تۇتۇپ، — ئۇ چاغدا مەن مەيدەمنى كېرىپ تۇرۇپ، پۈتۈن خەلقىئالەمگە: ‹ئېھ، خالايىق، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، مەن بۇرۇن، يەنى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا ياش خوتۇندىن بىرنى ئېلىپ، يىگىرمە ياش ياشاردىم. بۇ قېتىم قېينىنىمنى كۈيئوغۇل قىلىپ يەنە ئون ياش ياشىرىدىغان بولدۇم!› دەپ جاكارلايمەن». a6 u* D# }# B. s( B8 u
روماندا پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىمۇ زورۇقۇپ يارىتىلمىغان. بولۇپمۇ نۇرنىسا ئوبرازى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. نۇرنىساغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك تەسۋىرلەر، جۈملىدىن تىل ۋە پىسخىك تەسۋىرلىرى ئۇنىڭ خاراكتېرىگە قان كىرگۈزگەن:, g# K: e2 G" d2 s) N- m* ?3 @
«— ئۇنداق دېگىنى پەقەت توغرا بولماپتۇ. تېخى توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەنلەردىن بەزىلەر ئاز ۋاقىت بولسىمۇ، بېشىدىن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزۈپ ئەقىل تاپقان بولىدۇ، مۇنداقلار: ‹بۇرۇن بىر ئەردىن ئىلاجىمنىڭ يوقىدىن ئاجراشتىم، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرى بىلەن ئاجرىشىپ، ئەرگە تېگىمەن دەپ يۈرسەم بولماس›دەپ كېيىن تەگكەن ئېرىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتىدۇ، تېخى بۇنداقلار بەكمۇ بەلەن كېلىدۇ. ‹تاشلاپ قاچقۇدەك قىز بار، ئېلىپ قاچقۇدەك چوكان› دېگەن سۆز بىكار ئېيتىلمىغان دەڭە؟ ھا-ھا -ھا ...
Y1 L' _5 o p2 b0 jنۇرنىسا خېنىم چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر خىل ھېسسىيات ئىلكىدە ئويلىدى: كاساپەت، ھەي كاساپەت، شۇ چاغلاردا مېنىمۇ خۇددى ئاشۇ گۈلنى قىسقاندەك، ئۆزىڭىزگە قىستۇرۇۋالغان بولسىڭىز ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك مۇنداق تەس كۈنگە قالمايتتىم. ئۇ چاغدا مەن نەقەدەر بەختلىك بولغان بولارىدىم-ھە؟ دەپ كەلسەم، ئۆزۈمنىڭمۇ گۆدەكلىك قىلىپ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىم بار ! نېمىشقىمۇ بالدۇر توي قىلىۋالغان بولغىيتتىم؟ خەقنىڭ تاپا-تەنە، ئورۇنسىز ئەيىبلەشلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ بىرەر يىل چىداپ تۇرغان بولسام، سىز بىلەن قايتا تونۇشۇپ توي قىلمايتتىممۇ؟ ئەسلىدە مېنىڭ توي قىلىدىغىنىم سىز ئىكەنسىز ئەمەسمۇ؟ بۇنى نېمىشقىمۇ بالدۇرراق بىلمىگەن بولغىيتتىم ...»( w& d; ]: L; Y0 l
بۇ تەسۋىردە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ يوشۇرۇن قاتلىمىدىكى بەزى سىرلار دادىللىق بىلەن ئېچىۋېتىلگەن، جۈملىدىن بۇ تەسۋىردە خەلقىمىزنىڭ نىكاھ ئېڭىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي ئىنكاسمۇ ئەكىس ئەتكەن.4 `* A3 u h; V7 I5 T T
«نۇرنىسا خېنىم فەرىدەنىڭ ئىشىنى ئويلىغانسېرى جۇدۇنى تۇتتى، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ ئولتۇرالماي قالدى. ‹مېنىڭ قىزىم مانا ئەمدى قىپقىزىل ساراڭ بوپتۇ، تېخى نومۇس قىلماستىن دادىسىدەك ئادەم بىلەن توي قىلىمەن دەۋاتىدۇ. بۇ ئادەم باشقا بىرى ئەمەس، مېنىڭمۇ، مەسۇمجاننىڭمۇ ساۋاقدىشى بولۇپ چىقتى! ياراتقان ئىگەم بىزنى نېمە كويلارغا سالىمەن دەيدىغاندۇ ؟ ...›»
q. @) n) e. nبۇ تەسۋىرمۇ شۇنداق جانلىق، گويا تىرىك كۆرۈنۈش! ھەمدە مەدەنىيەتمۇ ئەكس ئەتكەن. يۇقارقى تەسۋىرلەردىن بىز نۇرنىسا ئوبرازى ھەققىدە ھېسسىي باسقۇچتىن چۈشىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ قالىمىز. مانا بۇ تەسۋىرنىڭ ھاياتىي كۈچى.7 V1 B0 E& z' D, y% `
ھېس قىلىشىمچە، مەزكۇر روماننىڭ تىلى ئىنتايىن يەڭگىل، ئاممىباب، تۇرمۇشلۇق. نۇرغۇن تەسۋىرلەر تەبىئىيلىكى ھەم ئىجتىمائىيلىقى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىممىتى جەھەتتىن ئادەمنى «ۋاھ» دېگۈزۈۋېتىدۇ. مانا قاراڭ:
7 U) K. V. G( j5 ?- D, D* v* O«ياشلىق ھېسسىياتلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىز بىلەن يىگىت يېزىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىدە بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىشقان ھالدا ئەنە شۇنداق قىزغىن كۆرۈشتى. بۇنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك، ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۆرۈنۈش بولۇپ قالىدىغانلىقى كىم بىلسۇن. بولۇپمۇ ئالىم ئۈچۈن شۇنداق، چۈنكى ئۇ بۇ چاغقىچە ھېچبىر قىز ياكى چوكان بىلەن مۇنداق قول ئېلىشىپ قىزغىن كۆرۈشۈپ باقمىغانىدى. ئالىم شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كېيىن: ‹مۇنداق كۆرۈشۈشمۇ بولىدىغان ئىشكەن، خۇددى تاتلىق، شېرىن بىر ئېقىم قولۇمدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن بەدىنىمگە تاراپ كەتكەندەك بولدى› دەپ ئويلىغانىدى.6 {, x& X! C% f/ c4 k1 l
ئەتراپ بەك قاراڭغۇ ئىدى، نۇرنىسا ئالىمغا شۇنداق يېقىن تۇردىكى، ھەتتا ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تىنىقىنى سېزىپ تۇراتتى. لېكىن، ئارىدىكى خەندەكنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە، يەنى بىر-بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدى. توساتتىن بىرى بۇيرۇق قىلغاندەك ھەر ئىككىلىسى يان تەرەپكە تەڭلا قارىدى. نېرىراقتا بىر ئادەم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى. ئالىم بىلەن نۇرنىسا شۇنداق قورقۇپ كېتىشتى. ئۇ ئادم جايىدىن زادى قوزغىلايمۇ دېمىدى. ئالىم قورقۇنچ ئىچىدە:‹قانداق بىزەڭ ئادەم بۇ؟ قېنى كىمكىن، بىر كۆرۈپ باقاي› دەپ ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى. ئۇھ! ئۇ ئادەم ئەمەس، بىر پارچە يوغان دەرەخ كۆتىكى بولۇپ چىقتى. ئالىم بىلەن نۇرنىسا شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا ئازادىلىككە چىقىپ ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگۈچە كۈلۈشتى. كۈلكىدىن ئاران توختىغان نۇرنىسا ئاشۇ تەرەپكە قاراپ: ‹ھوي بېشىنى يەيدىغان، ئادەمنى ئەجەپمۇ قورقۇتۇۋەتتى ! ...› دەپ غودۇراپ قويدى».1 ]# Q) M/ n$ f# C) ]6 m& k6 U, \
قاراڭ، بۇ تەسۋىرنىڭ تاتلىقلىقىغا، ئۇنىڭدا يەنە ئىلگىرىكى بىر دەۋر كىشلىرىنىڭ مۇھەببەت ئەخلاقىمۇ چىن ئەكس ئەتكەن. بۇ ھازىرقى بىر قىسىم قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ بىھايا مۇھەببەت «ئەخلاقى» دىن روشەن پەرقلىنىدۇ.
6 K! v) s- x& W0 l8 F( n7 A+ e' j- h«ئالىم بىر سەكرەپلا ئۇ ئېرىقتىن ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما نۇرنىسا ئۆتەلمەيدىغاندەك قىلىپ تۇردى. ئالىم:‹قورقماڭ، يىقىلىپ چۈشمەيسىز، مەن تۇتۇۋالىمەن› دەپ ئۇنىڭغا مەدەت بەردى. باشقا ئىلاج بولمىغاندىن كېيىن نۇرنىسا ئالىمنىڭ دېگىنىنى قىلماقچى بولدى. ئۇ چاغدا ئالىم ئاستى-ئۈستى رېزىنكە بىلەن بوغۇلغان كەڭ كۆپتۈرمە ئىشتان كىيىۋالغانىدى. مۇنداق ئىشتان كىيىش ئۇ چاغدا ياشلار ئارىسىدا بىر مودىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. نۇرنىسا سەكرىدى. ئۇ سەكرىگەندە ‹ئالىمنىڭ قولىنى تۇتۇۋالىمەن› دېگەن ئويدا ئىدى. لېكىن، نۇرنىسانىڭ قولى تۆۋەن تەرەپكە كېتىپ قېلىپ، ئالىمنىڭ ئىشتىنىنى تۇتۇۋالدى. ئالىمنىڭ ئىشتىنى رېزىنكە بەلۋاغلىق بولغاچقا، جايىدا تۇرماي تۆۋەنگە سىيرىلىپ كەتتى. ئالىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي خىجىلچىلىقتا قوللىرىنى تىزىغا ئۇرغانچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. نۇرنىسامۇ تولا كۈلۈپ تىلىقىپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەتتە قىزغا تەس بولاتتى. شۇنداققۇ؟ لېكىن، بۇ يەردە قىزغا قارىغاندا يىگىتكە ئەلەم بولدى. چۈنكى، نۇرنىسا قانداقلا بولسۇن يېقىندىلا توي قىلغان، كۆزى ئېچىلىپ بولغان چوكان، ئالىم بولسا تېخى توي قىلمىغان، كۆزى ئېچىلمىغان يىگىت ئىدى».
' P5 j- |3 w) g; B+ H! Kبۇ يەردىكى تەپسىلات ناھايىتى ئىنچىكە، ئاددىي-سادا، يېقىشلىق، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىمۇ بار. بۇنىڭدىن يازغۇچىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت بىلىمىنىڭمۇ موللىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
8 D7 x0 M( M$ U: v& K3 mيىغىنچاقلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، «ئاشىق-مەشۇقلار» رومانى ئومۇمىي جەھەتتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىك لاتاپىتى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
5 M, L6 N: d7 Hمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |