ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 1

سېرىق نېشە چەككەن گۇنامۇ؟تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7622 سەر
تۆھپە
4883 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2012-11-23 13:41:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
3d بۇ يەردەدۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان ، ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغان بىزنىڭ ھۆكۈمەت چەكلەيدىغان زەھەرلىك چېكىملىك دەل نېشىدۇرنېشە ھەققىدە :. o4 E8 t1 T0 y( _7 C" h4 d+ `
نېشە ئادەتتە كەندىر دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ئۈسۈملۈكنىڭ يۇپۇرماق ، غوللىرىدىن چىقىدىغان ماي ئارقىلىق ياسىلىدۇ ، ئۇنى يىيىش ، تاماكىغا ئوراپ چېكىش ، موخۇركا بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قاپاقتا ياكى ياڭيۇ ، ئالما قاتارلىق مىۋە چىۋىلەردە ئويۇپ "تانكا" ياساپ چېكىش دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئىپادىسى باشنى قايدۇرۇش ، ۋاقىتلىق ئەسلىمىنى يوقىتىش ، بەدەن سېزىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ، مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش ( مودا بولىۋاتقان كەيىپ دىگەن مۇشۇنداق ئوخشايدۇ) ، ئۇنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئەقلى قابىليەتنى تۆۋەنلىتىش ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى ھەددىدىن زىيادە ئاجىزلىشىش ، غەم يىمەسلىك ، بەغەرەزلىك ، جاھىللىق قاتارلىق پىسخىك كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، خىلىت جەھەتتىن سوغۇققا مايىل بولۇپ بەدەننىڭ سوغۇقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ، دىمەك نېشە سېپى ئۆزىدىن زەھەرلىك بۇيۇم !
; Q. ?! V1 \4 y$ H% J9 s  l- a. b* y; y+ S
       خوش ، نېشە دىگەن شۇنداق نەرسىكەن ، ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك ، نۇرغۇن ياشلىرىمىز مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆزىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ رېئاللىقتىن قاچۇرىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالدى ، قەيسەر ئىرادە ، چن ئېتقاد دىگەنلەرنى تىلغا ئالمايلا قويايلى ، ئاددىسى ھاياتىنىڭ كاپالىتى بولمىش بەدىنىنىمۇ ئاسراپ تۇتالمايدىغان ھالەتكە يەتتى ، پۇلى بار يەرلەردە (مەسىلەن قاراماي) سېستىرا ئاغىنلىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ پۇل كۆپ بولغاچ نېشىنى ياراتماي بىۋاستە خىروئىن بىلەن ھەپىلشىۋاتىدۇ ، ئىقتىسادىى ياخشى ئەمەس بۇرادەرلەر بولسا ئات تاپقۇچە ئىشەك مىنىپ تۇرايلى دەپ قاپاق تارتىپ نېشىنىڭ كەيپىنى سۈرۈپ يۈرۋاتىدۇ ، مېنىڭ دىققەت قىلىشىمچە نۇرغۇنلىرىنىڭ نابۇت بۇلۇش جەريانى ئوخشايدىكەن.
# R& z( W" a+ e/ K. Z& \; R6 z+ c* z: W0 ]! c/ k  N3 t, w
               بىرىنجى قەدەم يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىش- g+ g9 d7 B; v5 k
               چىن دىلىدىن ، مەقسەتلىك ھالدا يالغان سۆزلەش
+ Q( [/ K8 n: F, I1 D, o- ]( t8 x( I1 \- a2 [5 j3 k6 ~" }9 x, H
               ئىككىنجى قەدەم تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىش. Z& `* q( P; C: s
               مەيلى دورىسۇن ، مەيلى ئوينىسۇن ، بارا بارا چېكىشكە خۇمار بولۇپ قېلىش
! h& G; g* c( n& t6 {
$ T, D& r' B& R2 D: @               ئۈچىنجى قەدەم ھاراق ئىچىشنى ئۆگىنىش0 g1 v: W, O; p# y1 Z- \9 K' I
               دەسلەپتە ھاراق ئىچىش ھەقىقى ئەركەكنىڭ ئىشى دەپ قاراپ باشلىنىدۇ ، كېيىن مەس ۋاقتىدىكى بىنورمال ھادىسە ۋەقەلەردىن ئىلھام ئېلىپ ھاراققا باشچىلىپ كىرىپ كېتىش.
7 f' o6 h6 R: I. f/ {! m! \+ y. ?4 ~4 e* }; O5 \2 z
               تۆتىنجى قەدەم قىزلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىش
; e0 P$ g* R; y5 \1 i               خاتا بولغان جىنسىيەت كۆز قارىشى تىكلەش ، قىزلاردىن ھۇزۇرلىنىش ئىستىكى ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى بولۇش ( داۋاملىق قىزلار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولۇش ، شەھۋانى بۇيۇملار بىلەن ھەپىلىشىش )
" x- ~! S" z5 M4 E
" T* d, d6 g- p+ @               بەشىنجى قەدەم نېشە چېكىشنى ئۆگىنىش. M4 q! F1 t% [$ l, Q2 S( k
               يۇقارقى كەيىپلەر لەززەتلىك تۇيۇلمايدىغان مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە نېشە ئىنتايىن ياقىدىغان ، ئەرزان ، كۆپ باش ئاغرىقى يوق ، ئېسىل شەخس بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ دە ۋاقىت چىقسىلا شۇنىڭ بىلەن ھەپىلشىدىغان ، شۇنى چەككەندىن كېيىنكى گاراڭ - گۇرۇڭلىقنى كەيىپ دەپ قاراپ لەززەتلىندىغان بولىدۇ ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى ، ئۇنى چەككەندىن كېيىن نېرۋىلارنىڭ كۆپىنجىسى ئۇيقۇ ھالىتىدە بولىدۇ ، پەقەت مەلۇم نېرۋىلارلا خىزمەت قىلغاچقا مەلۇم مەسىلىگە نىسبەتەن دىققەتنىڭ چېچىلىشى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ ، دىمەك بۇ خىل ھالەت بەزى ناخشىچىلارغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق پايدا ئەكىلىشى مۇمكىن ، نېشە چەككەندىن كېيىن كاللا ئاددىلىشىدۇ ، بۇ خىل ئاددىلىق بەزى ئىشنى قىلغاندا بەك بېرىلىپ قىلىش ، ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل ۋە قورقۇنچاق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ ، دەل مۇشۇنداق بىنورمال ئىنكاسلار بەزىلەرگە نېشىنىڭ كەيپىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بېرىپ قويغان ، شۇڭا كۆپىنچە ياشلار بۇنى بىر ياخشى ئىش دەپ قاراپ ئۆزىنى نېشىگە ئۇرىدۇ.
( V) N/ ?( u  n; L4 A0 T6 |
5 r0 O, U. ]& m2 ]4 @- M; P; Q               ئالتىنجى قەدەم كۈچلۈك بولغان ، ئارلاشمىلارنى چېكىشنى ئۆگىنىش, D; i  O1 Z/ H0 O9 a8 G+ U
               ئادەتتىكى ساپ نېشىنى ئۇزۇن ۋاقىت بېسىپ چەككەندىن كېيىن بەدەن زەھەرلىنىپ ئۇنىڭ زەھىرى بەدەندە بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلمايدىغان بولىدۇ ، يەنى كەيپى تۇتمايدىغان بولىدۇ دە "ئاقكۆڭۈل" بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىچكىردە ئىشلىنىۋاتقان " شەرقى شىمال يولۋىسى" دەپ نام ئالغان ئارلاشمىنى تېتىپ باقىدۇ ، بۇ خىل ئارلاشما ئەمەلىيەتتە نېشە بىلەن ھەرخىل زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ بېرىكمىسى بولۇپ ئۆزى نېشىنىڭ شەكلىدە بولۇپ ، بەدەنگە تەسىر قىلىش كۈچى يۇقىرى ، زەھەرلەش دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن ،  ھەقىقى ئۆزىنى تارتىپ بۇلالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويالايدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ، k ئۇنى ، باش تولغاش كۇمىلىچى قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئالدىدا ھېچگەپ ئەمەس ، كۆپىنچە ھاللاردا نېشىنى توپ ئېلىپ ، پارچە ساتىدىغان كىشىلەرنى "بولاقچى" دەپ قويىشىدۇ ، بۇ بولاقچىلار يەرلىك نېشە (ساپ نېشە) ۋە شەرقى شىمال يولۋىسى نى بىللە ساتىدۇ ، ئۆزىچە ئۆزىنى ئاياپ قالغانلار يەرلىك نېشە بىلەن ھەپىلشىدۇ ، ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەي قالغان نوچىلار بىۋاستە شەرقى شىمال يولۋىسى بىلەن ئېيتىشىدۇ ، ھۇدۇقماي تۇرۇپ دىيەلەيمەنكى ئۇيغۇر جەمىئىتىدە %60 ئۇيغۇر ياشلىرى نېشە چېكىدۇ ، بۇنىڭ %70 شەرقى شىمال يولۋىسى چېكىدۇ ، بۇنىڭ %90 ئاخىرى ئاق چېكىشكە تەرەققى قىلىدۇ.% \8 k( Y# |9 o- a& |, Z' S

) {/ b% ^; j# C7 {& S; Q               يەتتىنجى قەدەم ئاق چېكىشنى ئۆگىنىش; k" {( p6 w0 {) a
               شەرقى شىمال يولۋىسىنى بېسىپ نەچچە يىل ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەن تېخىمۇ زەھەرلىنىپ بۇ نەرسىمۇ بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ ، كەيىپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار "تاتلىق" ياشلىرىمىز ئاخىرى كەيىپنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولغان خىروئىننى ئىزدەپ تاپىدۇ دە، ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق لەززىتىدىن تەسىرلىنىپ جان جەھلى بىلەن ئۇنىڭغا كىرىشىدۇ ، ئەمەلىيەتتە خىروئىنمۇ پەقەت مېڭىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقان قىلىش ئارقىلىق كىشىدە لەززەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ ، ئۇنىڭ زەھىرى كۈچلۈك ، خۇمارى كۈچلۈك ، پۇلى كۆپلىرى تاماكا قەغىزىدە ئاستىدىن ئوت قۇيۇپ ئىسىنى شوراپ ياكى بىۋاستە بۇرنىغا شوراپ چېكىدۇ ، پۇلى يوق چېكەرمەنلەر ئازغىنە نەرسىدىن بەكرەك ھۇزۇر ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ بىۋاستە تومۇرغا ئۇرىدۇ ، ئۇلار خىروئىن بىلەن سۇنىڭ مىقدارىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن تەڭشەيدۇكى سۇ كۆپ بولۇپ كەتسە كەيىپ كۆرەلمەيدۇ خىروئىنغا زىيان بولىدۇ ، سۇ ئاز بۇلۇپ قالسا خىروئىن قان تومۇردا قېتىۋېلىپ دەل جايىدا جەھەننەمگە سەپەر قىلىدۇ .
# w5 q: c; e& ~
! H# s" S. l! V) N  ?2 ]; [" Q. I               سەككىزىنجى قەدەم ۋەيران بولۇش0 Z  r5 X. X( N  y) i  ~
              .....................+ @5 \! k( e" W/ B1 h3 o0 K/ n
               (تەلىيى كاج كەلسە تېخى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپمۇ قالىدۇ)
* }, s/ ?: w# Y9 x9 y5 V" C3 ^6 j& K
               بىر ئادەمنىڭ كەيىپكە بېرىلىش باسقۇچلىرى يىغىپ يۆگەپ كەلسە مۇشۇ باسقۇچلار بىلەن بولىدىكەن ، كۆپىنچە ھاللاردا بۇ باسقۇچلار ئىلگىرى- كېيىن بولماي مۇشۇ تەرتىپ بۇيىچە داۋام ئېتىدىكەن ، مەن بەك دىققەت قىلدىم ، ئۇيغۇر جەمىئىتدە نېشە ئاجايىپ سىرلىق بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەن ، بەزى چوڭلىرىمىز ئۇنى چېكىشنى بوۋىلىرىدىن ئۆگەنكەنىكەن ، بەزىلەر ھەتتا نېشە چېكىش مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن ئادەمگە پايدىلىق دەپ قارايدىكەن ، تېخىمۇ قورقۇنۇچلىقى شۇكى، يىتىلۋاتقان ياشلىرىمىز نېشىنىڭ كەيپىنىڭ تۈرتكىسىدە يۇقارقى كەيىپ باسقۇچلىرىنىڭ تېزلىكتە تاماملاپ خىروئىن بىلەن بىۋاستە ھەپىلشىدىغان ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان ئىشلارغا دۇچار بولىدىكەن ، يېقىندا بىر ئۇكىمىز ئورنىدىكى بالا ئاق چېكىپ جېنىدىن ئايرىلدى ، شۇنچىلىك ھەيران قالدۇقكى ئۇ يۇقارقى باسقۇچلارنى تېز سۈرئەتتە تاماملاپ "ئەلاچى" بولۇپ "ئەجەل" مۇكاپاتىغا بالدۇرلا ئېرىشتى ، يېنىمدا ، يېنىڭىزدا بۇنداق مىساللار بەكمۇ كۆپ ، چىرايى خۈنۈك ، ئىش خوشياقمايدىغان ، قىز بالىغا قارىسا كۆزلىرى خۇمالىشىپ قالىدىغان ، جىمغۇر ياكى كوت كوت ، غەرەز چۈشەنمەيدىغان بىر ئەۋلات ئۇيغۇر ياشلىرى ھېلىھەم سىز بىلەن، مەن بىلەن ئورتاق بىر ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرۇپتۇ ، تەرەققىياتنىڭ چاقىغا چاپلاشقان بۇ لاي- لاتقىلارنىڭ قولىدىن ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش ، مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ، تەرەقىياتنى ئاستىلىتىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ خالاس ." r$ z: ?3 x6 t  U3 I
; L5 h5 Q+ _, d/ M
               قانداق قىلىش كېرەك ؟!؟!؟!9 |6 t% [+ R' p- |
! p* i8 Z7 V) `1 y  K! [
               پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزنى مەركەز قىلغان ھالدا باشقىلارغا تەسىر قىلالىغۇدەك ، ئىلمى بولغان باشقىلارنىڭ قايىل قىلالىغۇدەك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك ، بۇنداق قىلالىشىڭىز ياكى قىلالماسلىقىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ دىتىغا باغلىق ، قىلالىسىڭىز سىزدە ، مىللىتىڭىزدە يەنىلا ئۈمىت بار ، قىلالمىسىڭىز (قىلدىغانلار بارغۇ دىمەڭ) ، تارىخ تارازىسى ھامان سىزنىمۇ شۇلار بىلەن قوشۇپ جازالايدۇ !

5 ?5 g) O8 f8 I# B/ r( [# i$ jمەنبە:دىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئۈزىگە ئوخشاش ئىشەك قىلىدۇ

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-11-24 09:35:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور تىمىكەن ،ھازىر بىر نەششە ساتقۇچى ۋە چەككۈچىلەرنىڭ سېتىش ۋە چىكىش يوللىرى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ ،ھەربىر ساغلام كىشى دىققەت قىلىشىمىز كىرەككەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗