维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 704 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1293|ئىنكاس: 1

بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ تۇرۇش كېرەكmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

564

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1916
تىللا
5262
قىزغىنلىق
7191
تېما
564
يازما
869
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 17:36:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇن بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ تۇرۇش كېرەك
3 y' z% q; x1 \. H" f7 | W020111008396495836609.jpg
7 j& X9 d# a7 o5 p. ^& F
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى 40 يىل تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، مۇۋاپىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلغان بالىلار ئۆي ئىشىنى قىلمايدىغان بالىلارغا قارىغاندا خۇشال ئۆتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بوستون شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىن 456 ئۆسمۈرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. بۇ بالىلار ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندا، كىچىكىدىن ئادەتتىكى ئەمگەك ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ باقمىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا خۇشال ئۆتىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسى يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ ياشلارنىڭ بالا ۋاقتىدىكى پائالىيىتى بىلەن قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتتىكى پائالىيىتى زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ئامراق بالىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەندە دوستلىرى ئىش قىلىپ كۆنمىگەن بالىلارغا قارىغاندا ئون ھەسسە كۆپ، كىرىمى تۆت ھەسسە كۆپ، ئىشسىز قېلىش ئېھتىماللىقى 15 ھەسسە ئاز بولىدىكەن. داڭلىق يازغۇچى تولىستوي مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر ئادەم قانداق ئەمگەك قىلىش ۋە ئەمگەكنى قانداق سۆيۈشنى بىلسە، ئۇ چوقۇم گۈزەل ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. ئاتا - ئانىلار بۇ گەپنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىغا سېلىپ تۇرۇشى كېرەك. بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىغا سالغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:1. مەقسەت ئېنىق بولۇشى كېرەك. بالىغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كىچىكىدىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلارنى مەقسەتلىك ئۆي ئىشلىرىغا سېلىشى كېرەك.2. بالىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆي ئىشىنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئاتا - ئانىلار بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا »ئاتا - ئانامغا ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتىم بار« دەيدىغان ئىدىيەنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بىراق، بالىنى چامى يەتكۈدەك ئىشلارغا بۇيرۇش ھەمدە ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.3. بالىلار قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىۋالماسلىق كېرەك. بەلكىم بالىلار چوڭلار تاپشۇرغان ئىشنى ياخشى قىلالماسلىقى مۇمكىن، بۇنىڭغا قاراپلا ھەرگىزمۇ بالىنى مەسخىرە قىلماسلىق، ئۇلار قىلالايدىغان ئىشنى قىلىۋالماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلسا، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بالىلار بىر ئىشنى ئۆزىنىڭ بىلگىنى بويىچە قىلماقچى بولسا، ئۇنى توسماسلىق كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىش ھەرگىزمۇ ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەنلىك ئەمەس. 4. بالىنى ئۆي ئىشىنى قىلىشقا ماددىي بۇيۇم بىلەن قىزىقتۇرماسلىق كېرەك. بالىلار بىرەر ئىشنى قىلىپ بولغاندا، ئۇنىڭغا قاراپ بىر كۈلۈپ قويۇڭ ياكى رەھمەت دەپ قويۇڭ. بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات. بالىنى ھەرگىز ئۆي ئىشىنى قىلىشقا ماددىي بۇيۇم بىلەن قىزىقتۇرماسلىق كېرەك.5. بالىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئۆي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بالىلارغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپلا، بالىلارنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا بۇيرۇۋەرسە، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا بالىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئۆي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.2 q0 h& }/ n4 s7 j  W5 r
مەنبە:ئۇيغۇرچە رادىئوتورىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

356

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
40
تىللا
123
قىزغىنلىق
86
تېما
0
يازما
22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 10:05:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قوللايمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ