ئۇيغۇر
توساتتىن دۇنيادا نۇرغۇنلىغان بىز ھەق تۆلىمەيمۇ ئېرىشەلەيدىغان قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالدىم .$ _8 z8 \; a0 ] F G- `' q/ {
قۇياش نۇرى : دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلار قۇياشسىز ياشىيالمايدۇ ، ھالبۇكى ، كىشىلەر تاكى ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر قۇياش نۇرىدىن ھەقسىز پايدىلىنىدۇ .7 ^2 w5 r7 |( F
ھاۋا : ئادەمنىڭ تىنىقى بولىدىكەن ، چۇقۇم ھاۋانى سۈمۈرۈشكە مۇھتاج بولىدۇ . لىكىن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ، ھېچكىم بۇ ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس .* _1 i8 U% h% p5 P( U
ئاتا - ئانا مېھرى : بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ بېقىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ . بۇ بىر خىل مىننەتسىز مۇھەببەت . مەيلى پەرزەنتى قورامىغا يەتكەندە بولسۇن ۋە ياكى ئۆزلىرى كۈچ مادارىدىن كەتكەندە بولسۇن ، ئاتا - ئانا مۇھەببىتى سۇسلىشىپ كەتمەيدۇ . پەقەت ئۇلار ھاياتلا بولىدىكەن ، بۇ مۇھەببەت ئىزچىل بىردەكلىكنى ساقلايدۇ . ) e0 M& o7 X+ F2 }, Z
دوستلۇق مېھرى : غېرىپ ۋاقتىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بولالايدىغان ، يىقىلغىنىڭىزدا سىزگە دادىللىق بىلەن قولىنى سۇنالايدىغان ، ئازاپلانغان چېغىڭىزدا سىزنى مېھىر بىلەن قۇچاقلايدىغان ئاشۇ دوستىڭىز سىزدىن قاچان ھەق تەلەپ قىلىپ باققان ؟7 Q \: h. i3 m3 U4 H
سۆيگۈ : ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭۈل بېرىش ، بوران - چاپقۇندىمۇ بىرگە بولۇش ، ساختىلىق ئارلاشمىغان چىن مۇھەببەتلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىڭىزدىكى مەزمۇن يۆلەنچۈكىڭىزدۇر . ئەمما ئۇلار ھەقسىز . سىز ئۇلارنى كۆپ پۇل خەجلەپ سېتىۋالىمەن دېسىڭىزمۇ سېتىۋالالمايسىز .
( E5 n( D- a, v6 N7 }2 X' hغايە : مەيلى شاھزاە ياكى سەرگەردان بولسۇن ، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق غايىسىنى تىكلەش ھوقۇقىغا ئىگە . ئۇ مەيلى ئۇلۇغۋار ياكى ئاددىي غايە بولسۇن ، پەقەت سىز خالىسىڭىزلا ئۇ سىزگە تەئەللۇق بولىدۇ . ئېتىقاد ، ئۈمۈد ، ئىرادە ، ئارزۇ ... قاتارلىقلارمۇ ھەقسىز . سىز بىر پۇڭ خەجلىمەيمۇ ئۇلارغا ئېرىشەلەيسىز .
! k# S# D0 W8 _7 [9 rئەمدى ئۆز تەغدىرىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرمەڭ . چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن سىزگە ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئاتا قىلىپ بولغان . ئەمدىكى گەپ ، ئۇلارنى قانداق قىلىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۆزىڭىزگە باغلىق . " @7 o5 b3 X5 b/ Z" d
" I- { ]5 o0 s/ v, Q: T: U) e1 E1 ^
مەنبە : ئاسىيە كىندىكى 2009-يىل 10- دېكابىر
9 h9 u1 G5 E- {3 Qكۆزنەك ; \) y s& x; h; [
خالىسە ئەھمەت تەرجىمىسى . رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |