ئۇيغۇر
باشقۇرغۇچىنىڭ ساپاسى ۋە تور بەتنىڭ سۈپىتى ' F+ b1 Y# o% [* }; a, `$ `
- E* q' ~+ ^% k" K; K' y: V( T3 M# p
نۇرقۇت تورى ئەلبەھرە يازمىسى باشقۇرغۇچىلار چۇقۇم كۈرۈڭلار
S# W ]: o. v8 V) c7 H' W# ?* x3 f# S# U
تور بەتچىلىكىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىگە قارايدىغان بولساق، تەرەققىيات ئاز ئەمەس، لېكىن، مەسىلە ۋە نوقسانلارمۇ ئاز ئەمەس. «نۆۋەتتىكى مۇنبەرلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئاۋات تېمىلار ، ئىنكاسلىق تېمىلارنىڭ نەدىكى خەقنى چۈشۈرىدىغان ، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ، ئوغرى ، قاراقچى ، پاھىشە ، ئادەم ئۆلتۈرگەن ، باسقۇنچىلىق قىلغان ، ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان ، ئوغۇللارنىڭ قىزلارنى ئازدۇرۇپ ، يامان يوللارغا باشلاۋاتقان ... ئەسەرلەر بىلەن تولغانلىقىنى كۆرىمىز . بۇلار ھازىرقى تورلىرىمىز شۇنداقلا مۇنبەرلىرىمىزدە ئەڭ كۆپ ھۆكۈم سۈرىۋاتقان تېمىلار بولۇپ قالدى». مىللەتنى سۆكىدىغان ، خانىم - قىزلىرىمىزنى ، ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنى بۇزۇق ، پاھىشىگە چىقىرىۋېتىدىغان تېمىلار ئىنكاسلار كۆپلەپ يېزىلدى. كىشىلەرنى تەربىيەلەش خاراكتېرلىك تېمىلار، تورداشلار ھەقىقىي بەھرە-نەپ ئالالايدىغان يازمىلار، رېئال تۇرمۇشقا قارىتىلغان يازمىلار ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئەسقاتىدقغان يازمىلار ئاز بولدى. ھېچقانداق مەنىسى يوق ، تورداشلارنى ئەھمىيەتسىز سۆھبەت ۋە تالاش-تارتىشقا سېلىپ قويۇپ ، بىر تەرەپتە ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆرۈشنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان تېمىلار خېلى سالماقنى ئىگىلىدى. 5 U: @8 L0 H6 q% D
تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسلىلەرنى توغرا تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى يېتەرسىز ، مۇستەھكەم مەيدانى يوق، توغرا پىكىر قىلالايدىغان ، تورداشلارنى توغرا يېتەكلىيەلەيدىغان ، ئىنكاس يېزىش، باشقىلارنى قايىل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان باشقۇرغۇچىلار ئاز. ( \4 l; K7 s. `9 j! D+ B# u6 q
% R; H7 `) y! U! [8 ~+ z; E* [
ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى كۈنسىرى تېزلىشىۋاتقان، رىقابەت ۋە خىرسقا تولغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۇ رىقابەت دەۋرىدە تور بەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتلەرمۇ كەسكىن بولىۋاتىدۇ. رىقابەتتە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇش ئۈچۈن، تور بەتلەر ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا تاللىشى، تېمىنىڭ مەزمۇنى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوبرازىنى تىكلىشى زۆرۈر بولماقتا.# l! G7 ^$ {8 t1 c
تور بەتلەر ئارا رىقابەت كۈچىيىۋاتقان شارائىتتا، تور بېكەتلىرى ئالدى بىلەن باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەخلاقىي، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.. n& ]; O# n8 x, X0 j
ساپاسىنى ئۆستۈرۈش لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى بولۇشتىكى مۇھىم ئۆتكەل. باشقۇرغۇچىلار كەسپىي ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەشكىللەش، ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى، شۇنىڭدەك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تىلنى توغرا ئىپادىلەش، كەسپىي سۆھبەت، يېزىقچىلىق، كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش، بولۇپمۇ بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى كۈندىن - كۈنگە قىسقىراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىلىمنى يېڭىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، بىر ئىزدا توختاپ قالماي يېڭى بىلىم ئۆگىنىشى ۋە چۈشىنىشى، بىرقەدەر مول تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ئاساسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.* b" f2 p. p! V, X% ?
ھازىر بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار تېما تەستىقلىغاندا، ئەسەرنىڭ ئىملاسىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ماقالە تىلىنىڭ ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك بولغان - بولمىغانلىقى، مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى - كېينلىك تەرتىپىنىڭ مۇۋاپىق بولغان - بولمىغانلىقى، ئەسەردە لوگىكىلىق زىددىيەتلەرنىڭ ھەتتا بەزى ئىلمىي خاتالىق ۋە تېخنىكىلىق نۇقسانلارنىڭ بار - يوقلۇقى قاتارلىقلارغا سەل قارايدۇ. سۈپەت تەلىپىگە لايىق بولمىغان يازمىلارنىڭ تەستىقلىنىشى تور بەتنىڭ ئىناۋىتى، زىيارەتچىنىڭ نەزىرىدىكى ھۆرمىتىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تېمىلار باشقۇرغۇچىنىڭ خاملىقى بىلەن كەسپىي ساپاسىنىڭ چولتىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
" g/ I. i6 `8 F7 u( R$ e8 ~: vباشقۇرغۇچى تورداشلارنىڭ ئېھتىياج ۋە تەلەپلىرىنى چىقىش قىلىشى كېرەك. باشقۇرغۇچى تورداشلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە ، ئۇلارنىڭ قايسى خىلدىكى تېمىلارغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان - بەرمەيدىغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تورداشلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېھتىياجىغا ئاساسلانغان ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىر - تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغاندا ھەم تور بەت نەپ ئالايدىغان، ھەم زىيارەتچى نەپ ئالالايدىغان، ھەم ماقالە يوللىغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىنىڭ ھاردۇقى چىقدىغان ئەسەرلەرنى روياتقا چىقارغىلى بولىدۇ.
+ U( t u! B- e" oباشقۇرغۇچىلار ماھىيەتتە تاللىغۇچى، پىششىقلاپ ئىشلىگۈچى ۋە ئۇنى تېخىمۇ كەڭ تارقاتقۇچىلاردۇر. باشقۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن ئىدىيىدە ئىلغار بولۇشى، ھەرقانداق ۋاقىتتا ماقالىنىڭ سۈپىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى لازىم. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا باشقۇرغۇچىدىن سىستېمىلاشقان ئەخلاقىي ساپانى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.& F4 M* b* _0 F7 \0 H
5 @0 s9 g8 j4 u0 C4 i8 {, v$ Hباشقۇرغۇچىلىق تور بەتچىلىك ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. توربەت سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى باشقۇرغۇچىنىڭ سىياسىي، ئىدىيىۋى ۋە كەسىپ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تور بەتتىكى تېمىلارنىڭ دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى ھەر خىل بولغاچقا، باشقۇرغۇچىدىن ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقۇرغۇچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن ئوبدان چىقىشى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
# J( ]; N; [: r+ l& dتور بەتكە يوللىنىدىغان تېما ھەرخىل بولىدۇ. بۇ باشقۇرغۇچىلاردىن ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى يۇقۇرى دېيىشكە بولىدۇ. بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ سەزگۈرلىكى زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆز-ئۆزىدىن ئەنسىرەپ، سىياسىيغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بىردەك تەستىقلىمايدىغان ئەھۋاللارمۇ ساقلاندى. پۇقرالار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە باشقا تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە ئەدلىيە تۈزۈمى قاتارلىق ساھەلەر ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە تەنقىت ۋە تەكلىپ بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. موشۇ خىلدىكى تېمىلارنى سىياسىيغا چېتىلىدىكەن دەپلا تەستىقلىمىسا، تور بەتلەر قايسى بىر ھەمجىنىسلارنىڭ بەتقىلىقلىرى، ئاتا قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى، ئۆزئارا تونۇشۇپ قالايلى دېگەندەك تېمىلار بىلەن توشۇپ كەتسە، شۇ ئارقىلىق زىيارەت قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، ئېلان كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈنلا تىرىشىپ، تېما تاللاش ۋە شاللاشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، بۇنداق توربەتنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى قانچىلىك بولماقچى. .(بىزنىڭ بۇيەردە تور بەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىنى چەتكە قېقىش ئويىمىز يوق. مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي ئۈنۈم مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمىز) باشقۇرغۇچىلار تۈرلۈك قانۇن-سىياسەتلەرنى پىششىق ئۆگىنىپ، قايسى تېمىدا سىياسىي جەھەتتە مەسىلە بار، قايسى تېما قانۇن-سىياسەتلەرگە ئۇيغۇن، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا پايدىلىق دېگەننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر.
2 C5 j0 U6 K. f! ^7 X# p3 b. Wباشقۇرغۇچىلاردا ئەتراپلىق بىلىم بولمىسا بولمايدۇ. باشقۇرغۇچىلار ئىمكان قەدەر ھەر ساھەدىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار ئادەم بولسا، تېما تەستىقلاش ۋە تەھرىرلەشتە قىينالمايدۇ. تورغا يوللانغان تېمىلارنىڭ دائىرىسى ھەرقايسى ساھە، كەسىپ ۋە ھەرقايسى سەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، باشقۇرغۇچىلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئەتراپلىق بىلىم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.
0 \7 v# m1 h) X9 K- H% ]باشقۇرغۇچىلاردا خالىسانە تۆھپە قوشۇش روھى بولۇشى تېخىمۇ مۇھىم. باشقۇرغۇچىلىق جاپالىق ئەمگەك بولۇپ، ياراملىق باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن خەلقىم ئۈچۈن مىننەتسىز ئىشلەيمەن، دەيدىغان روھ بولۇشى كېرەك.) a0 j0 ~0 h/ x f' P4 Y0 H( i; Z5 D
باشقۇرغۇچىلار داۋاملىق ئۆگىنىپ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ تۇرمىسا، تېمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، شۇڭا، داۋاملىق ئۆگىنىپ، سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، يېڭى بىلىملەر بىلەن ئۆزىنى بېيىتىپ تۇرۇشى كېرەك.
$ ^( g" j1 ~1 f3 b2 Sباشقۇرغۇچىلارنىڭ تىل جەھەتتىكى ساپاسى ئۇلارنىڭ ئاساسىي ماھارىتىدۇر. تىل جەھەتتىكى ساپا گىرامماتىكا، ئىستىلىستىكا، لوگىكا جەھەتتىكى ساپانى كۆرسىتىدۇ. باشقۇرغۇچىلەر گىرامماتىكا، ئىستىلىستىكا، لوگىكىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلمىسە، خەۋەر – ماقالىدە خاتا سۆز – ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن، سۆز – جۈملىلەرنى توغرا قوللانماسلىقتىن، كېسەل سۆز – جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن، نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆز – ئىبارىلەرنى توغرا قوللانماسلىقتىن ساقلىنالمايدۇ.4 M8 k% p% Q4 J8 `7 E8 z( }
كۆپلىگەن باشقۇرغۇچىلار توربەتتە ئېلان قىلىنىدىغان يازمىلارغا گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە-ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ دېيىشىدۇ. بۇنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن، بەزى ئەقەللىي تەلەپلەرنى يەنىلا نەزەردىن ساقت قىلىشقا بولمايدۇ.دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |