مائارىپ
مۇدىر ، سىز ئوقۇتقۇچلاردىن قانچىلىك يىراقلىقتا % o; R" [; o7 j0 F2 s# x
9 A) X% K ` `
ئارزۇگۈل قۇدىرەت
3 f. P$ D! O3 `% f: V8 H. m" C" b+ V6 ^, w
بىز مەكتەپكە نىسبەتەن مەكتەپ مۇدىرى –مەكتەپنىڭ بېشى ،مەكتەپنىڭ مىڭىسى ،مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى مەكتەپنىڭ ئۇمۇمىي ئىشلىرىغا مەسۇل بولغۇچى نۇپۇزلۇق كىشى .ھەرقانداق بىر ئوقۇتقۇچىنىىڭ ئىقتىدارلىق ،رەھبەرلىك ئۇسۇلى ئۆزگىچە ،كۆڭلى *** كەڭ ،ھەق –ناھەق قارشى ئىنىق بولغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قولىدا ئىشلىگۈسى كېلىدۇ .مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ،مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداقلىقىنى سان ياكى مىتىر بىلەن ئۆلچەپ چىققىلى بولمايدۇ.
. T( z* j- _0 \# T) {بۇنى پەقەتلا ئۇقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ مۇدىرىنى قوللاش-قوللىماسلىقى مەكتەپ خىزمىتى ياخشى –يامان بۇلۇش بىلەن ئۆلچە چىققىلى بۈلىدۇ .مەن بۇھەقتە بىر ئەمىلىي پاكىتىنى مىسال كەلتۈر مەكچى :ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە كۆزگە كۈرۈنۈپ داڭ چىقارغان راخمان ۋاھىت 45يىل مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلى مۇئەللىمىن مەكتىپى ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى قۇرغۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن قىرىق نەچچە يىل مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇپ دەم ئېلىشقا چىقتى .راخمان ۋاھىت مەكتەپ مۇدىرى بولغان ھەرقانداق مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا –ئانىلىرى ئۇنى ماختىماي ،تەرىپلىمەي قالمايدۇ .راخمان ۋاھىتنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغان چاغدىكى ئۇقۇتقۇچى ،ئۇقۇغۇچىلارغا بەرگەن تەسىرى ناھايتى ياخشى بولغاچقا ،ئۇنى ھېلىھەم ھەممە كىشى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي تەرەپلەپ كەلمەكتە .ئۇنىڭ ئىشلگەن ئۇقۇتقۇچىلار ۋە ئۇ مەكتەپ مۇدىرە بولغان مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ راھمان ۋاھتقا بەرگەن باھاسى؛‹‹قاتتىق قول ،پىرنسپتا چىڭ تۇرىدىغان ھەق –ناھەق قارشى ئېنىق ،پاك –دىيانەتلىك ،كەسپىي ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى زامانىۋى ئادەم ››دىن ئىبارەت .! {& ~1 C, B6 d( z+ {
ئەمدى راخمان ۋاھتىنڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنكى ئەھ***غا كەلسەك ،ئۇ ھازىرمۇ زامانىۋى ئادەم بۇلۇپ كۈندە چۈشكىچە ئككى سائەت ،چۈشتىن كېيىن ئككى سەئەت كىتاپ ئوقۇشنى ئۆزىگە كۈندىلىك ئادەت قىلىپ كەلمەكتە .ئۇنىڭ ھاياتىدا ‹‹زامانىۋى رەھبەر››دېگەن نام ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇننى ئگىلىگەن .3 ] v2 d% ]- Q4 o$ Y0 u, p
مەن گەرچە ئادەتىتكى بىر ئوقۇتقۇچى بولساممۇ ، ئۇزاق يىللىق تەلىم –تەربىيە ئەمەلىيتىم ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمىتىگە بولغان تۇنۇشۇمغا ئاساسەن كۆپ يىللىق كۆزىتىش ،ئويلىنىش ئارقىلىق ،‹‹مۇدىىر ،سىز ئوقۇتقۇچىلاردىن قانچىلىك يىراقلىقتا ›› دېگەن سوئال ئۇستىدە ئويلىغانلىرىمنى تۆۋەندىكىدىك ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتىمەن .! R$ @0 v, I) u3 H
1. مەكتەپ مۇدىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ،دەۋرىنىڭ تەلىپىگە لايلىشىش ئۇچۇن ئالدى بىلەن ‹‹زامانىۋىي ئادەم ››بۇلۇش كىرەك .تارىختىن بۇيان تۈرلۈك تەرەقىيات دەۋرىلىرىدە ،شۇ تەرەقىياتقا باشلامچى بۇلدىغان زامانىۋىي ئادەملەر بولغان .ئۆززامانى ئىتىبارى بىلەن ئېيتىلدىغان ‹‹زامانىۋىي ئادەم ››لەر دەۋىر داشلىرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ،ھەممە ئىشتا باشلامچى بۇلۇپ.ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قەدرىنى نامايەن قىلغان .ئىلگىرى بىز مائارىپتا داۋاملىق ‹‹ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستاكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بۇلۇشى كىرەك›› دىگەىنى تەكىتلەپ كەلگن ئىدۇق ،ئەمدىلىكتە بولسا،تەلىم –تەربىيە قارشىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، ‹‹ ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى توختاۋسىز بۇلاق بۇلىشى كىرەك ››دەپ كېلىۋاتىمىز .ئۇنداقتا ،ئوقۇتقۇچىغا بىر ئستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىدا قانچىلىك سۇ بولۇشى كېرەك ؟ ئەگەر مەكتەپ مۇدىرى زامانىۋى ئادەم بۇلالمىسا ئوقۇتقۇچىغا ھەرگىزمۇ بىر چېلەك سۇ بېرەلمەيدۇ .مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھۆرمىتى ،ئىناق ئىناۋەىتىنىڭ تەبىئي تىكىلىنىشدە زامانىۋى ئادەم بۇلۇش مۇھىم رول ئوينايدۇ 2.بىر مەكتەپنڭ ياخشى- يامان بۇلۇشى مەكتەپ مۇدۇرىغا باغلىق .شۇنىڭ ئۇچۇن مەكتەپ مۇدىرى تەدبىرلىك بۇلۇپ .مەكتەپ قائىدە – تۇزۇملىرىنى ئەتىراپلىق تۇزۇپ .تۇزۇم ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇشقا ماھىر بۇلىشى كېرەك .شۇنداق بولغاندىلا خىزمەتلىرىدە ناھەقچىلىك ئازبۇلۇپ ،ھەممە ئادەم تۇزۇمى ھىمايە قىلىپ ،مەكتەپ مۇدىرىدىن ئاغىرىنىدىغان ئەھۋال يۇزبەرمەيدۇ .مەكتەپ مۇدىرىغا چۇشۇدىغان بېسىممۇ ئازراق بۇلىدۇ .تۇزۇمنى جايىدىلا ئىجرا قىلسا نورمال ئارىلىق ساقلىنىپ قالىدۇ ،تۈزىمىنى جايىدا ئىجرا قىلماي ھېسسياتقا تايىنىپ ئىش تۇتسا نورمال ئارقىلىق ھامان بۇزۇلىدۇ . . s% O# @5 c1 ?6 N. Q
3. مەكتەپ مۇدىرىدا دېمۇكراتىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئستىلى ،ھەممە ئادەمگە ئوخشاش كۆزدە قارايدىغان ئادىل ،ھەققانىي خىزمەت ئستلى بولۇشى كېرەك .كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ پىىكىرىگە قۇلاق سېلىپ ،‹‹كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بۇلىدۇ ››دېگەن نىشاندا چىڭ تۇرۇپ ،كۆپچىلىكنڭ ئەقىل –پاراسىتى ئارقىلىق ،كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك .مەن دېگەن مەكتەپ مۇدىرى ،ھەممە ئشقا مەن قول تىقىشىم كېرەك ،ھەممە ئشتا مېنىڭ دېگىنىم ھېساب ،دەيدىغان بىيۇرۇكىرات ئىدىيە بولغاندا ،ئەتىراپىدا جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئادەم قالمايدۇ ،ئەتىراپتىكىلەرمۇ ‹‹بولدىلا،ھەممىنى ئۆزۇڭلا قىلغىن ››دەپ باتناپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تاپىنىغا قاراپ ئش قىلىدۇ .پۇرسەتپەرەسلەر ،خۇشامەتچىلەر ‹‹مەكتەپ مۇدىرىغا يارىساملا بۇلىدۇ ،قالغىنى نېمىگە ھېساپتى ›› دەپ قاراپ خىزمەتنى ئاقسىتىدۇ ،ئاممىغا يامان تەسىر بىرىدۇ ،‹‹ئۇ دېگەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئادىمى ،نېمە قىلسائىختىيارى ،بىزدېگەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆگەي بالىسى ›› دېگەن گەپ چىقىپ ئوقۇتقۇچىلارئارسىدا بۇلىنىش كىلىپ چىقىدۇ ،شۇنۇڭ بىلەن نۇرمالسىز ئارلىق پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ . 9 y: b( `* N" ^/ M! N/ }* X% h
4.ئجتىمائى ئالاقە ئشلىرىدا سەگەك بۇلۇپ ،ھەربىر ئادەمنى چۇشۇنىشكە ماھىر بۇلۇپ ،قۇلۇدىن ئش كلمەيدىغان ،ھەسەتخور ، چىقىمچى ،ئككى يۇزلىمىچى ئادەملەردىن ھەزەر ئەيلەپ ،تەكشۇرۇش تەتقىق قىلشقا ئەھمىيەت بىرش كېرەك .كۇپىنچە ئەھۋالدا چىقىمچى ،ھەسەتخور ئادەملەر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ .كۇپىنچە ئەھۋالدا چىقىمچى ،ھەسەتخور ئادەملەر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قۇلىقىغا غىڭشىپ يۇرۇپ ،ھەق –ناھەقنى ئاستىن –ئۇستىن قىلىپ ،ئاقنى قارا ،قارىنى ئاق كۆرسىتىپ ،قالايمىقانچىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .بۇخىل ئادەملەر تېخى مەكتەپ مۇدىرىنى يۈزىگىىلا داڭلاپ ئشەنچىسىگە ئېرششنى ئويلايدۇ .كىمكى مەكتەپ مۇدىرىنى يۈزىگىلا قانچىكى كۈپ ماختىسا مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن شۇ كىشى يەنە مەكتەپ مۇدىرىنى ئەڭ ئاۋۋال تىللايدۇ .بىرەرسى مەكتەپ مۇدىرىنى يۈزىگىلە داڭلىسا ،مەكتەپ مۇدىرىمۇ ‹‹ئۇ راستتىنلا مېنى قوللايدىكەن ››دەپ قاراپ بقىۇدلىشىپ ،ئۆزىدىن پەخىرلىنپ ،كىبىر پەيدا بولۇپ قالىدۇ .تىللاپ يوقتىشىقا قارىغاندا ماختاپ يوقىتىش شېكەر يالىتىلغان **** ئوقى بولۇپ ،ماھىيەت جەھەتتە ماختاپ يوقىتىشنىڭ زەربىسى چوڭ بولىدۇ .مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى نورمال ئارىلىقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە ،كۆپىنچە ھاللاردا چېقىمچى ،ھەسەتخور ،زىددىيەت تەتقىقاتچىلىرى سەۋەب بولىدۇ .+ G% j& B. v0 Z: Q0 d
5.مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كاللىسىدا ،مەكتەپتە ‹‹ئوقۇتۇش ئاساس ››دېگەن سادا جاراڭلاپ تورۇشى كېرەك .ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ،مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەھ***نى ئۆزى بىۋاستە ئىگلەپ ،ئشلىگەن بىلەن ئشلىمىگەننى ئېنىق ئايرىپ ،ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىكىگە ھەققانىي باھا بىرىش كېرەك ،ئۆزى تۆۋەنگە چۆكمەي باشقىلارنى كۆزى ئارقىلىق كۆزىتىش ئېلىپ بارغاندا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆزىنى تۇماق قاپلاپ كېتىدۇ ،سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتىدىغانلار ئاسانلا مەكتەپ مۇدىرىدىن پايدىلىنىپ ،ئۆزىنىڭ يامان غەرىزىنى ئشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىدا ھاڭ پەيدا بولۇپ قالىدۇ .بۇخىل ئەھۋالدا يەنە نورمال ئارقىلىق بۇزۇلۇپ كېتىدۇ .* L: A7 n0 b4 l6 Z0 R- k
6.مەكتەپ مۇدىرى ھەرقانداق چاغدا راسچىل ،سەممىي بۇلۇشى ،ساختىپەزلىك ،يالغانچىلىق ،رەڭۋازلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئالداماسلىقى ،سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولۇشى كېرەك ،يىغىن سەھنىسدە ‹‹بىز دېگەن زىيالي ،بىلىمىمىزنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرىشىمىز كېرەك ،بوشۋاقىتلاردا ھاراق ئچىپ لاغايلاپ يۈرسەك بولمايدۇ ››دەپ ،ئۆزى كۈندە ھاراق ئىچىپ ،ماتىريىال كۆرمەي يۈرسە ؛«يولداشلا،ئتپاقلىقنى بۇزمايلى » دەپ ،ئۆزى ھاراق سورۇنلىرىدا «پۇستانى ئۇنداق،پوكۇنى مۇنداق ،ئۇنىڭ ئەدەپنى بەرمەيدىغان بولسام ،ئۇنى ئۆستۇرۇپ ،بۇنى كۆزدىن يوقىتىمەن » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا ...ئوقۇتقۇچىلارئۇنى مەسخىرە قىلمامدۇ !؟ ئېغىزدىكى گېپى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولمىغان كىممۇ ھۆرمەت قىلسۇن ؟!
% ?0 u4 ^( R% A2 @0 O% E \7. ۋەزىپە تاپشۇرۇش بىلەن قەرەرللىك تەكشۈرۈش خۇلاسىلەشنى بىرلەشتۇرۇپ ،مۇكاپات بىلەن جازانى ئېنىق ئايرىپ «ئشلىگەنىلەر چىشلەش »پىرنسىپنى ئشقا ئاشۇرۇش كېرەك .مەن دېگەن مەكتەپ مۇدىرى ،دەپ ئۆزىڭزگە تەمەنىنا قۇيۇپ ،تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەي ، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ قۇيۇپ سۈيلىمسىڭىز ،ياماندىن قورقۇپ ،ياخشىلارغا ئۇۋال قىلسىڭىز ،ئوقۇتقۇچىلار نەتىجىدە ،سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقىڭىز يىراقلىشىپ كېتىدۇ . 8- مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى مۇستەھكەملەشتە ، قۇرساقنى كەڭ تۇتۇپ ئەتىراتىكلەرگە ئەمەلىيى ھوقۇق بېرىپ ،كەڭ دائىرنىى يېتەكلەشتەئەھمىيەت بېرىش كېرەك .يەھۇديلاردا «بىر شام بىلەن بىر نەچچە شامنى ياندۇرغاندا ،دەسلەپتە ياندۇرغان شامىنڭ يورۇشىغائازىرقمۇتەبولمايدۇ»دېگەنھېكىمەتلىك سۆز بار .مەكتەپتە مەن بولمىسام بولمايدۇ ،مەندىن باشقىسى كارغا كەلمەيدۇ ،دەپ قاراپ ، ئەتىراپىمىزدىكى سەللا كۆزگە كۆرۇنگەن ئادەمنى كۆزۈمگە قادالغان مىخ ،دەپ قاراپ پۇتلسىڭز ياكى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ،كۆزگە كۆرۇنگەنلەرنى ھەرخىل بەتناملار بىلەن يۇقىرىغا چېقىپ ئۆزىڭىزنىلا بازارغا سالىدىغان ئشنى قىلسىڭىز ھامان سىرىڭز ئاشكارلىنىپ ،چاكىنا ،ئىچى تار ئادەملىكىڭىز بىلىنىپ قالىدۇ –دە ،نورمال ئارقىلىق بۇزۇلۇپ كېتىدۇ . سىزنىڭ مانچە يىل مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقىڭىز شەرەپ ئەمەس ،بەلكى ئاز ئشلىشڭىزمۇ كىشلەر قەلبىدىن ھەققىي ئۇرۇن ئېلىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ئشلىسىڭز ،سىزنىڭ نامىڭىز يەنىلا تىللاردا داستان بولىدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا ،مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىگە «مەن ئوقۇتقۇچىلاردىن قانچىلىك يىرقلىقتا » دېگەن سوئالنى پات-پات قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك .ئەگەر مەكتەپ مۇدىرى بولغان كىشى ،بۇ سۇئالنى ئۆزىڭىزىگە ئۆزىڭىز پات –پات قويۇپ تۇرسىڭىز ،سىز خۇددى ئەينەككە قاراپ تاشقى كۆرۈرىنىشىڭىزنى ئوڭشاپ تۇرغانغا ئوخشاش ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىدىكى نۇقسانلارنىمۇ ۋاقتى –ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ تۇرالايسىز .كونىلاردا ‹‹خەلىقنىڭ كۆزى قاھان ئەينىكى ،تاسقاپ ئۆتكۇزەر ھەربىر ئەلگىكى »دېگەن گەپ بار .مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئادەم ئامما بىلەن نورمال ئارلىقنى ساقلاپ تۇرمىسا ،مەكتەپ خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلمايدۇ .مەن مەكتەپ مۇدىرى ،دەپ غادىيۋالسڭز ،ئاممىنىڭ پىكىر –تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىسىڭز ،ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىگە چوڭقۇر چۆكمىسىڭز ،تەكشۇرۇپ –تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەسىڭز .ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سىزنىڭ ئارلىقىڭز كۇندىن –كۈنگە يىراقلاپ ،ئۆزىڭىزگە بىر مۇنچە ئاۋارچىلىق تېپىل***سىز !مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا مەلۇك ئارلىق بۇلىشى كىرەك ،بۇ ئارلىق نۇرمال ئارلىق ئۆلچىمىنى ساقالاپ قېلىش كىرەك .2 ]: B2 e, o- ^. ~. `# q
& E: H8 s! s1 Z0 b; @
ئاپتۇر :ئاقسۇ شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتىن (شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى 2012-يىلى 4-سانىدىن ئېلىندى)
" j) P3 J, n% z1 F2 d8 Sرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |