3d
كومپىيۇتىرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ، كومپىيۇتىرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى . نۆۋەتتە كەڭ ئو قۇتقۇچىلار دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا كومپىيۇتىرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . تۆۋەندە كومپىيۇتىردىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىشنىڭ ئەنئەنىۋى دەرسخانە ئوقۇتۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ دەرسخانە ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش رولى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن .
+ g1 G/ L# z% U/ ^6 v1. ئەنئەنىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى
5 o8 E8 b" r8 K; L3 \: fئەنئەنىۋى دەرسخانە ئوقۇتۇشى نەچچە ئەسىرلەر داۋامىدىن قوللۇنۇلۇپ كېلىنگەن ئوقۇتۇش شەكلى بولۇپ ،بۇ خىل ئوقۇتۇش شەكلىدە ئوقۇتقۇچى دوسكا ۋە نۇتۇقنىڭ ياردىمىدىن پاي دىلىنىپ ،مۇرەككەپ بولغان بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاددى ،ئىخچام قىلىپ چۈشەندۈرەلەيدۇ . بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇتقۇچى دەرس مەزمۇنىنى ئۆزىنىڭ ھىسياتى ۋە تەپەككۈرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆز خاھىشى بويىچە لاھىيەلىيەلەيدۇ .ئۇ زور دەرىجىدە ئىلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ بۇ نۇقتىدا ھەرقانداق زامانىۋى تېخنىكىلار ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ . شۇنداقلا ئەنئەنىۋى دەرسخانە ئوقۇتۇشى ئاددى ،يول غا قويۇش قولايلىق بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى دەرس ئۆتۈش ،مىسال كۆرسىتىش ،مەشق ئىشلەش قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا زور ھاياتى كۈچكە ئىگە .3 J; ?( ~+ C/ W6 c0 ~# ~- s( I
لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتىكى چەكلىمىكلەر ۋە يېتىشسىزلىكلەرمۇئاز ئەمەس بولۇپ ، بۇ كەمچىلىكلەر بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋردە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئپادىلەنمەكتە .
9 O+ ~( h! f; F- J6 q. M# s+ ?بىزگە مەلۇم – ئوقۇتۇش جەريانى ماھىيەتتىن ئالغاندا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرۇسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانى بولۇپ ،ئوقۇتقۇچى يەتكۈزمەكچى بول غان بىلىمنى ئۇچۇر شەكلىدە ئوقۇغۇچىغا تۇرلۇك ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئارقى لىق ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ . ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچى يەتكۈزگەن ئۇچۇر ئارقىلىق مەلۇم بىلىمنى ئىگەللەيدۇ ۋە ئۆزىدە مۇناسىپ ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈدۈ . شۇڭا ئوقۇتۇش ئۈنۈمى نىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى زور دەرىجىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمنى قانداق شەكلىدە يەتكۈزۈشىگە يەنى يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرنىڭ مىقدارى ۋە يەتكۈزۈلش ئۇسۇلىغا باغلىق بولىدۇ . ئەنئەنى ۋى ئوقۇتۇش شەكلىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەريانى (بىلىم بېرىش جەريانى ) ئاساسەن ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇتىقى ۋە دوسكىغا يېزىلغان خەتلەرنى ئاساس قىلغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانە ئوقۇتۇشى جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزىدىغان بىلىم ئۇچۇرى پەقەت نىسبەتەن تۆۋەن سەۋىيەدە چەكلىنىدۇ .بۇ خىل دەرسخانە ئوقۇتىشى شەكلىدە ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈلىدىغان بىلىم ئۇچۇرىنىڭ زىچلىقى ۋە ھەجمىنى ئاشۇرۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولمايدۇ ، نەتىجىدە بىلىم ئۇچۇرىنىڭ ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى نىسبە تەن تۆۋەن بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچى ئا رىسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش – قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى چەكلىمىلىكى تۈپەيلى دىن ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ،ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى يەتكۈزگەن بىلىم ئۇچۇرى (دەرس مەزمۇنىغا قارىتا ) غا بولغان ئىنكاسىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلالمايدۇ .شۇ سەۋەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ۋاقتىدا قاراتمىلىق ھالدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالمايدۇ بەلكى دەرسنى ئالدىن بېكىتكەن لاھىيە بويىچە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇپ ،دەرسخانە ئوقۇتۇشىنى ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋا پىقلاشتۇرۇش ۋە كونكىرىت شارائىتقا ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ .
! u* n9 m- r* v9 l6 B0 _2 c$ K0 jيۇقۇرقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى ئەنئەنىۋى دەرسخانە ئوقۇتۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ چەكلىملىكى ئۇنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇىشىدا بولۇپ ،ئۇ ئەنئەنىۋى دەرسخانە ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن بەلگۈلەنگەن بولۇپ ،ئوقۇ تۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش بىلەنلا بۇ مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ . ئەن ئەنىۋى دەرسخانە ئوقۇتۇشى دۇچ كەلگەن بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى نى ئۆستۈرۈش جەھەتتە بىزنىڭ باشقا تاللىشىمىز يوق بولۇپ ،پەقەت ‹‹ ئوقۇتۇش قورالىنى ئىسلاھ قىلىش ›› كونكىرىت ئېيتقاندا دەرسخانە ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسنى يېڭىلاپ ،ئۇچۇر يەتكۈزۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت . نۆۋەتتە بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى پە قەت كومپىيۇتىرلا ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇپ ، ئۇ كومپىيۇتىرنىڭ ئۇچۇرنى ساقلىيالايدىغان ،بىر تەرەپ قىلالايدىغان ۋە يەتكۈزۈپ بېرالەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن .
* W9 N$ l: C4 n% W( z" N6 [2. كومپىيۇتىر ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش
) h9 @& ]0 W# D, W4 p. R& iكومپىيۇتىر ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش ( كومپىيۇتىرلىق ئوقۇتۇش ) ( ) دەل مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ تۈپ مەقسىتى : كومپىيۇتىرنىڭ ئالاھىدا ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت .نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ كونكىرت ئەھۋالى بويىچە كومپىيۇتىرنى دەرسخانىغا ئەكىرىپ دەرسخانە ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش -- كومپىيۇتىرۋە چوڭ ئېكرانلىق شەكىل چۈشۈرۈش ئاپاراتى ( ياكى تېلىۋېزور ) نى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ دەرسخانىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ۋە كومپىيۇتىرلۇق ئوقۇتۇش تور سېستىمىسى ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
7 g' m8 M0 Y, B( |تۆۋەندە نۆۋەتتە مەكتەپلىرىمىزدە بىر ئومۇملىشىشقا يۈزلۈنىۋاتقان ‹‹دەرسخانە ئوقۇتىشىدا كومپىيۇتىر ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش›› ئۇقۇمى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتىمىز .
+ z6 A$ q$ s+ L6 oكومپىيۇتىر ئارقىلىق دەرسخانە ئوقۇتۇشىغا ياردەم بېرىش -- ئەنئەنىۋى دەرسخانە ئوقۇتۇشىغا كومپىيۇتىر ۋە شەكىل كورسىتىش ئاپاراتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل ئوقۇتۇش شەكلى بولۇپ ئادەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسلىھەلەر چوڭ سىنىپلار غا ياكى زاللارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇدۇ .كۆرستىش ئېكرانىنىڭ چوڭ ،يورۇق ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسى نىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن ئۇ چوڭ سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ . بۇ خىل ئوقۇتۇش مۇھىتىدا ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بويىچە دەرس ئۆ تۈپلا قالماي يەنە كومپىيۇتىردىن پايدىلىنىپمۇ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالايدىغان بولۇپ ئىنتايىن قولايلىق ھىساپلىنىدۇ . كومپىيۇتىرنىڭ بولۇپمۇ كۆپ ۋاستىلىق كومپۇتىرنىڭ ئۇچۇرلارنى سىغدۇ رۇش ۋە يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن پايدىلانغاندا ئوقۇ تۇش مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش جەريانىدا بىلىم ئۇچۇرىنىڭ ھەجمى ۋە زىچلىقىنى زور دەرىجىدە ئا شۇرغىلى بولىدۇ .ھەم ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك بىلىم ئۇچۇرلىرىنى ئاسان قوبۇل قىلدۇرۇش مە قسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .
- w6 h) p; u& R4 ^كومپىيۇتىر ئارقىلىق دەرسخانە ئوقۇتۇشىغا ياردەم بېرىشنىڭ دەرسخانە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل رولى بولىدۇ .6 U1 d3 Q' g# O) m6 W( \ h+ l- n
1.مۇرەككەپ مەزمۇنلارنى قاتلاملارغا بۆلۈپ يەتكۈزۈش
G6 r: }1 t2 g; j% a2 Uدەرسخانە ئوقۇتۇشى داۋامىدا ئىلمىي ئۇقۇملار ، قائىدە قانۇنىيەتلەرنى ئادەتتىكى چۈشەندۈ رۈش ئۇسۇلى بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ئىگەللىتىپ كەتكىلى بولمايدۇ .بەلكى ئۇلار چېتىلىدىخان مەزمۇنلارنى مەزمۇن قاتلاملىرى بويىچە لوگىكىلىق تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى قاتلاملارغا بۆلۈپ ،قاتلاملار بويىچە چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . شۇنىڭدا قىيىن نۇقتىلارنى ئاددىلاشتۇرۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگەللىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرغى لى بولىدۇ . دەرسخانە ئوقۇتۇشىدا كومپىيۇتىرنىڭ رولىدىن پايدىلانغاندا دەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ۋە يېزىق ماتىرياللىرىنى كومپىيۇتىر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوبراشلىق تۈستە كۆرسەتكىلى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆرسىتىلىش ۋاقتى ۋە تەرتىپىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىنى كونتىرول قىلىش ۋە ئوقۇتۇش رېتىمىنى ئىگەل لەش مەقسىدىگە يېتىپ قاتلاملىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ .& B' f( i- \1 P9 h) t
2.تۇرغۇن ھالەتتىكى شەكىللەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىپادىلەش
: S, S- _7 H% u) c* Xدەرسلىك كىتابلارغا نۇرغۇنلىغان تۈرلۈك شەكىللەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،ئۇلارئارقىلىق مە لۇم قانۇنىيەت ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلەنگەن بولىدۇ .ۋاھالەنكى دەرسلىك مەزمۇنىغا مۇنا سىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان قانۇنىيەت ۋە مەزمۇنلار پەقەت دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن شۇ شەكىل لەرنىڭ مۇئەييەن ھەرىكەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ .لې كىن دەرسلىك كىتاپلاردىكى شەكىللەر تۇرغۇن ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان قانۇنيەت ۋە مۇناسىۋەتلەرنى چۈشۈنۈشى بىر قەدەر قىيىن بولىدۇ . كومپىيۇتىردىن پايدىلانغاندا ئالدىن لاھىيەلەنگەن تەرتىپ بويىچە تۇرغۇن ھالەتتىكى شە كىللەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە شەكىلنىڭ قۇرۇلمىسىغا قارىتا ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ .شۇنداقلا پارامېتىرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەر ۋاقىت شەكىللەرنى قايتىدىن سىزغىلى ،چڭايتقىلى ،ئىچكى قۇرۇلمىلىرىنى كۆرگىلى ،شەكىلنىڭ بىر پۈتۈن ياكى مەلۇم قىسمىنىڭ ئالاىدىلىكىنى تەتقىق قىلىغىلى بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەكىللەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۈزۈتۈشكە بولىدۇ . ئۇندىن باشقا ئېھتىياج غا ئاساسەن شەكىلننىڭ رەڭلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ ./ R7 c; V* c1 i% a: f1 x- ^2 Y
3.تەقلىد قىلىش ۋە دوراش7 o+ O* Z7 a0 X- ^7 k
كومپىيۇتىرنىڭ تەقلىد قىلىش جەريانى- سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ تەقلىدى كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بىر خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇل بولۇپ كومپىيۇتىر دىن پايدىلىنىش ئارقىلىق مەلۇم بىر كونكىرت سېستىمىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھەركىتىگە قارىتا ماس بولغان ھەركەتچان تەقلىدى كۆرۈنۈش ياساپ چىققىلى ۋە ئۇ ئارقىلىق سېستىمىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىققىلى ياكى ئىشلەتكۈچىنىڭ پەرىزىنى ئىسپاتلاپ چىق قىلى بولىدۇ . كومپىيۇتىرنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە ئىقتىدارىنى ئوقۇتۇش قەريانىدا قوللانغاندا ئوقۇغۇچى تەقلىد قىلىش باشلىنىش بىلەن تەڭ تەقلىدى سېستىمىغا دەسلەپكى شەرتلەرنى تاللاپ بېرىدۇ ۋە شۇ شەرتلەر بويىچە تەقلىدى سېستىمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تەقلىدى سىناق ئې لىپ بېرىش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ياكى ئاساسى ماھىيىتىنى تېپىپ چىقى دۇ ياكى ئۆزىنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىنى ھەققىدىكى قىياسىنى تەقلىدى ئەمىلىيەت داۋامىدا تەكشۈرەلەيدۇ .شۇنداقلا دەسلەپكى شەرتى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قايتا قايتا تەقلىدى مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى لاھىيەنى تېپىپ چىقالايدىغان بولۇپ ئۇ ناھايىتى ياخشى بولغان مەشق شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |