ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 880|ئىنكاس: 1

سېرىق مەكتەپ تەنتەربىيىسنى باشقۇرۇش توغرىسىداmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

179

تېما

276

يازما

4687

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1379 سەر
تۆھپە
901 سەر
تىللا
721 دانە
جەۋھەر
6 دانە
ئۇيغۇر مەكتەپ تەنتەربىيىسى – دۆلەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئاساسى، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيىسى، مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھەم مۇھىم ۋاستىلىرىنىڭ بىرى.
+ ?9 n3 \$ X/ h+ p8 A$ i         مەكتەپ تەنتەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش بولسا، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاقى، ئەقلى، جىسمانى، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققى قىلغان تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ، پۈتكۈل جوڭخۇا مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.7 L$ z' U& j: o9 i. p
        مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى باشقۇرۇش، ئادەتتە، ئادەم، مالىيە، ماددا، ئۇچۇر، ۋاقىت قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل – چارىلارنى قوللۇنۇپ، پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا كونتۇرۇل قىلىنىپ، باھالاش ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان بىر يۇرۇش خىزمەت بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر دەرىجىلىك ئالى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى، دەرستىن سىرتقى تەنھەرىكەت مەشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
* P3 e5 _6 `* s4 @          باشقۇرۇش دائىرىسى جەھەتتە ماكرو جەھەتتە باشقۇرۇش ۋە مىكرو جەھەتتە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى مەمۇرى ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشى ماكرولۇق باشقۇرۇش؛ ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇش مىكرولۇق باشقۇرۇش دىيىلىدۇ.7 |" Q; A0 a. }
          تۆۋەندە مەن ئون نەچچە يىللىق تەنتەربىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىم جەريانىدا ھىس قىلغان مېكرو جەھەتتە باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇخسانلار ۋە ئۇنى تۇزۇتۇپ تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچى.
: N7 N! E9 F. S0 q; @4 n          ھازىرقى دەۋىردە كىشىلەر ساغلام بولغاندىلا ساغلام ئەقىل بولىدىغانلىقى، ھەر قانداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ساغلاملىق بىرىنچى دېگەن يېتەكچى ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ھەممە كىشى ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان  ۋەزىيەت شەكىللەندى. مەملىكىتىمىزدىمۇ تەنتەربىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قارىتا كۈندىن كۈنگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلمەكتە.  مانا مۇشۇنداق جىددى قارىلىۋاتقان، ھەممە بىردەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋاقىتتىمۇ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇشقا قارىتا يەنىلا سەل قارايدىغان، كۆڭۈل بۆلدى دېگەن تەقدىردىمۇ مەكتەپ مۇدىرى باشقۇرۇشىدا، مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە خادىم ئارقىلىق باشقۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر تەرتىپلىك، سېستىمىلىق ئىشلەنمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى يالغۇز تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىدىن ياكى مەكتەپ مۇدىرىدىن كۆرۈش مېنىڭچە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. باشقۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر مەكتەپ مۇدىرىدىن تارتىپ، ئىلمى مۇدىر، خوجۇلۇق بۆلۈم، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىغا قەدەر چېتىشلىق بولغان يۈرۈشلۈك خىزمەت. ھازىر مەكتەپلەردە باشقۇرۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، مەكتەپ رەھبەرلىكى 6 يىللىق يىرىك پىلاننى ئاساس قىلىپ تۈزۈش، پىلان تۈزۈشتە مائارىپ فاڭجىنىنى ئاساس قىلىش تەلەپكە  ئۇيغۇن بولىدۇ. ئۇنداقتا مائارىپ فاڭجىنى نۇقتىسىدىمۇ ئەلۋەتتە جىسمانى تەربىيە چوڭ نۇقتىنىڭ بىرى بولۇشى، بۇ دەل تەنتەربىيەنى باشقۇرۇش خىزمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.# n6 g6 I  ~( }2 ^8 l( J
         مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ چوڭ نۇقتىنى يىرىك پىلانغا كىرگۈزمىگەچكە، قانداقتۇر باشقۇرۇش سېستىمىلاشمىغان، قاتلاممۇ – قاتلام ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەل قارالغان. بۇنىڭ بىلەن تەنتەربىيەگە كېرەكلىك سايمان، كىيىم – كېچەك، تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى، پائالىيەت قاتارلىقلار ئالدىن تەرتىپكە سېلىنمىغاچقا، نوقۇل ھالدا تەنتەربىيە دەرسى يەنىلا قوشۇمچە پەن دەپ قارىلىپ، چوڭ نۇقتىدىن كۆڭۈل بۆلۈش يېتەرلىك بولمىغان.
, ^- O6 J( ~! `( Z         مەكتەپلىرىمىزدە، ئىلمى بۆلۈم خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى باشقا پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇشقا قارىتپ، نەتىجە ۋە كۆرسەتكۈچ ئۆرلىشىنى ئاساسى نۇقتا قىلىپ، تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى باشقا پەنلەرنىڭ كەينىدە قويىدىغان، ھەتتا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشتىمۇ تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ھەم ئەقلى ئەمگەك ھەم جىسمانى ئەمگەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمەي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى قۇۋۋىتى ھەم پىسخىك ساغلاملىقىنى ئويلاشماي، قورساق ئېچىپ چارچىغان چاغدىكى 4-سائەتلىك دەرسكە مەركەزلەشتۇرۇش ئەھۋاللىرى يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت.     دەرستىن سىرتقى بىر سائەتلىك چېنىقىشقا تېخىمۇ ئېتىبار بەرمەي، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىنى تەكشۈرۈش ئەمەس، بەلكى بوش ۋاقتىنى باشقا پەنلەرگە قارىتىشىنى دەۋەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندە بىر سائەتلىك چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىشى نەزەرگە ئېلىنمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا دەرس ۋاقتىدا ئۆزلۈكىدىن ھۇشىدىن كېتىدىغان، ھەركەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كېتىدىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقماقتا.4 [7 D/ ?3 I' m* Y/ e
      تەنتەربىيە كافىدىراسى بولسا، بىر نەچچە يىللىق تەرتىپلىك پىلان بولمىغانلىقتىن، مەۋسۈملۈك پىلان ئاساسىدا بىر مەۋسۈملۈك خىزمەتلەرنى تاماملاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمى ھالدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەي، باش – ئاخىرى يوق مەشىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى چېنىقتۇرغان، گۇرۇپپا خىزمىتىدىمۇ كۆپ يىللىق ئوقۇتۇش لايىھىسى ، مەشىق لايىھىسى دېگەنلەردىن ئەسلى خەۋىرى يوق. ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ۋاقتى – قەرەلىدە ئۆلچەپ، ئانالىز قىلىش خىزمىتىنىمۇ ئېلىپ بارمايدىغان، ھەپتىلىك كەسپى ئۆگىنىشىنىڭ مەزمۇنىغا سەل قارايدىغان، مەيدان، سايمانلار بۇزۇلسا رىمونت قىلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەي، پۇل بولسا ئوڭشىغىلى بولىدۇ دەيدىغان مەسىلىلەر تەنتەربىيە كافىراسىدىكى ھەر بىر يولداشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى.
* G3 f2 I) T* \0 `دېمەك، مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى باشقۇرۇشتا، يۇقۇرقىدەك توغرا بولمىغان كۆزقاراش، ئىلمى بولمىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلى مەۋجۇت بولىدىكەن، مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىمۇ مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك. ئىدىيە ھەم كۆزقاراشنى يېڭىلاش يەنى تەنتەربىيە پېنىنى قوشۇمچە پەن دەيدىغان كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىم – تەربىيە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر  تونۇپ يېتىش. چۈنكى تەنتەربىيە دەرسىنڭ ھازىرقى سالمىقى باشلانغۇچ 1-، 2-يىللىقلاردا ھەپتىسىگە 4 سائەت، 3- يىللىقتىن 9 – يىللىققىچە ھەپتىسىگە 3 سائەت بولۇپ، باشقا پەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا دەرس سالمىقى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.   شۇڭا، مەكتەپ رەھبەرلىرى تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇشقا قارىتا، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، مەكتەپ خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن تەنتەربىيە خىراجىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەپلىنىشىگە ئېتىبار بېرىشى، تەنتەربىيە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.! W8 E7 u* p( M" Z, M9 L3 N
   2. باشقۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە قاتلاممۇ – قاتلام ۋەزىپىنى ئادەمگىچە ئەمەلىلەشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەنى ئىلمى بۆلۈم تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى پىلانلىق ، ئىلمى باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يەنى دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشتا 4-سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى تونۇپ يېتىشى، تەنتەربىيە گۇرۇپپىسىنىڭ پىلانى بىلەن خۇلاسىسىنىڭ ئىلمىلىكىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تەھلىل قىلىشى كېرەك.
. G4 ]1 y: Y6 V; B    3. تەنتەربىيە كافىراسى ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆز قاراشنى تېخىمۇ يېڭىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تىكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئىلمى لايىھىلىنىشىگە ئېتىبار بېرىش، ئۆمۈرلۈك چېنىقىشقا پايدىسى بولغان تۈرلەرنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشكە ماھىر بولۇش، ئىككى گىمناستىكىنىڭ ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەسپى ئۆگىنىش مەزمۇنى مول، ئوقۇتۇشقا پايدىلىق بولۇش، چېنىقىش ئۆلچەم خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك.
5 d- `5 K7 y( v& D' R8 Uيۇقۇرىدا دىيىلگەندەك، خىزمەتلەر پىلان خۇلاسە بىر – بىرىگە ماس ھالدا تۈزۈلىدىكەن، باشقۇرۇش خىزمىتى قېلىپلىشىپ، ئوقۇتۇش ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ – دە ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى ساغلام، گۈزەل قىلىپ تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ.
, H; o0 w- v* s" q5 R# U+ P- @8 v
# X7 P! d% f' q
. b/ @, Z4 \+ N(غۇلجا شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات تەربىيىلەش مەركىزىدىن: دىلنۇر خوجا ئابدۇللا)ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

114

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
18 سەر
تۆھپە
16 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-12 11:28:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما,رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗