|
يانفۇن
جاسارەت جاپپار ھېكايىلىرى4 T2 m7 x' c0 N" k
دادامنىڭ ئۈمىدى 7 ]& S3 y$ u# L9 A! l9 L* ~$ }6 N
( B6 ?. G$ `8 |8 K' W8 Tھايات يولۇمنى يورۇتىدىغان مۇھىم ئىمتىھاننى بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كېتىشىمدە گەپ يوق. چارچىغان چاغلىرىمدا دادامنىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى گەپلىرى ئېسىمدىن كېچىپ، پۈتۈن جىسمىمغا قايتىدىن كۈچ- قۇۋۋەت تولغاندەك روھلىنىپ كېتىمەن...6 }# W2 d( y2 ~. ~' t0 y8 d7 c8 E
ئۇ چاغدا نامرا، سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. ئانام مەن ئويغانماستا ياستۇق بېشىمغا چويۇندەك قاتتىق بىر- ئىككى زغرىنى قويۇپ قويۇپ ئېتىزغا كەتسە، گۇگۇم چۈشكەندە بىر قۇچاق ئوتنى يۈدۈپ ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ ئاران كېلەتتى. دادامنى ھەپتە- ھەپتىلەپ كۆرەلمەيتتىم. دادام نان- پان، گۈلە- قاق قاچىلانغان خورجۇننى ھارۋىغا پوككىدە تاشلاپ، ئارغامچا- توخۇناقنى ئېلىپ، يىرىك ساقىلىنى مەڭزىمگە سۈركەپ قويۇپ، «بالام، مەن ئوتۇنغا كەتتىم» دېسە، دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كېتەتتى. بۇنداق ۋاقىتتا كۈن- كۈنلەپ ئۆيدە يالغۇز قالاتتىم.
8 i5 a) F# h: [: J) \8 O0 Tدادام جاڭگالغا ماڭغاندا، قايتىپ كەلگەندىكى جۈدەڭگۈ تۇرقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۈلگۈرەتتىم. ساقال- بۇرۇتى بېدىدەك ئۆسۈپ كەتكەن، ئورا كۆز، لەۋلىرى چاك- چاك يېرىلغان، تارىشىدەك يىرىك بىر قول، قورايدەك ئورۇق بىر گەۋدە ئىشىك زەنجىرىنى يېنىك شىرىقشىتىدۇ، مانا بۇ مېنىڭ دادام...
1 ^; v v& E+ ~* M9 b% I" t4 wبىر قېتىم دادام جاڭگالدىن ئىككى ھەپتىدە ئاران كەلدى.
# G+ j* J' i3 B. m* q* B- سەندىن بەك ئەنسىرىدىم دادا، يولدا بىرەر ئىش بولدىما؟4 L K5 i3 R4 c& h$ k
- ھارۋىنىڭ ئىچ كامىرى ئېتىلىپ... كاساپەت، تۆت كۈن يولدا قويدى دېسە.9 f d7 k1 w& V5 d& E/ E5 [. b
- تازا قىينالغانسەن ھەقىچان؟
( i9 F" Z" u- I- كېچىلىرى بىر توپ بۆرە پەيدا بولىدۇ. توپ ئىچىدىن بىرى ئاسمانغا قاراپ سوزۇپ ھۇۋلىسا، باشقىلىرىمۇ ئەگىشىپ ھۇۋلايدۇ. سورۇپ- سوزۇپ ھۇۋلىغان ئاۋاز كۈچىيىپ ماڭا ئارام بەرمىگەندە گۈلخان يېقىپ ئۇلارنى قوغدايمەن، كۈندۈزلىرى چارچاپانلىق كېلەر چوغدەك قۇم دۆۋىسى ئۈستىدە ئادەملەردەك ئۆرە تۇرۇپ، تىللىرىنى پىل خارتومىدەك ئوينىتىپ ئىسقىرتىدۇ، توپا چېچىپ قورقۇتىمەن...
( S2 @, ]+ G3 h( @4 a& f- مېنى ئېلىۋالغان بولساڭ ساڭا تازا ئەسقاتىتىم.! N& {) |+ c% {7 Y0 t# q1 d2 V
- سېنى ئۇنداق جاپالاردا قويغۇم يوق، مېنى خۇش بولسۇن دېسەڭ كىتابىڭنى ياخشى ئوقۇ!
2 l4 c/ S4 U2 h2 Uدادامنىڭ چانىقىدا مەرۋايىتتەك لىغىرلاپ تۇرغان ئىككى تامچە ياشنى كۆرۈپ يۈرىكىم چىممىدە ئېچىشتى...! x- ?1 G3 ]( U
دادام ئوتۇنغا بارمىغان ئارىسال چاغلىرىدا يەنە ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىدىن باش كۆتۈرەلمەيتتى. ئاخشاملىرى دادامنى كۆن پەرتۇقنى تارتىۋېلىپ قولۇم- قوشنىلارنىڭ ئاياغ- پوپۇشلىرىنى تىكىۋاتقان، «پۈف، پۈف» دەپ سەرپۇشلاۋاتقان، يىپنى ئاغزىدىن سىيرىپ نەمدەۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتىم.
; U4 @" z6 ]( X3 Y) P- دادا، «چامغۇر چاتىغان شەمشەر» دېگەن ھېلىقى چۆچىكىڭنى يەنە ئاڭلىغۇم بار ئىدى..3 m8 ~' N1 a1 S* U) {$ o" S
- ئۇنى دەپ بەرگىلى نەدە چولام ھازىر. مېنى خۇش بولسۇن دېسەڭ كىتابىڭنى ياخشى ئوقۇ.: \8 P* H; P! B" D/ q
دادام تولا چاغلاردا گېپىمگە شۇنداق جاۋاپ بېرىپ، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. كىرسىن چىراغنىڭ نۇرلىرى قەغەز چاپلانغان دېرىزىدىن دادامنىڭ گەۋدىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئۆتۈپ يىراق- يىراقلارغا ئۆزىنىڭ شولىسىنى چاچاتتى. بېرىلىپ ھۈنەر قىلىۋاتقان دادامغا قاراپ مېنىڭمۇ ئورۇنسىز جېدەل قىلغۇم كەلمەيتتى. تولا ۋاراقلاپ كىر بولۇپ كەتكەن كىتابنىڭ رەسىمىنى كۆرگەچ قانداق چاغدا كۆزۈمنىڭ ئۇيقۇغا ئىلىنغانلىقىنىمۇ تۇيماي قالاتتىم.
6 [" O$ j0 A% [4 B- Jبىر كۈنى سەھەر دادام ئېشەكنى ھارۋىغا قوشۇپ جاڭگالغا مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، ئەترەت باشلىقى دادامنىڭ ئەترەتنىڭ قوغۇنلۇقىغا قارىشىنى تاپىلاپ قويۇپ كەتتى. 6 _, J+ g8 C+ f. x5 I2 Z
- دادا، سەن قارايدىغان ئۇ قوغۇنلۇق نەدە؟
2 I+ A7 \+ T$ V8 M7 p- ناغرا دۆڭدە.3 l6 |* E, v9 ?* U
- بۇ يەردىن يىراقمۇ؟0 P/ R6 d. q3 F
- ئېشەك ھارۋىسى بىلەن ساق بىر كۈنلۈك يول.
- H; l! d* l7 a5 ~. g6 d- بارمايمەن دېسەڭ بولمامدۇ؟, Z6 [2 Q3 b+ R0 l9 U
- ھەممەيلەن نۆۋەتلىشىپ قاراۋاتقان تۇرسا، قانداقمۇ ياق دېيەلەيمەن؟
5 L; n/ z8 t) y+ a- ئەمىسە، مەنمۇ ساڭا ھەمرا بولۇپ باراي.
! n# V+ j% Q5 ?7 x" V: C2 u! H& O- نېمە قىلىسەن ئۇ تونۇردەك بىنەمدە؟
( n5 {1 _) p- L& V6 x- ساڭا ياردەملىشىمەندە.
^) n8 M" j% n- b- ئۇ يەردە سەن ماڭا ياردەملەشكۈدەك ئىش يوق. # V" Z" e0 J w; I0 t" R* z
- ئىش بولمىسىمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمەن.
/ x, |' V" t* c0 z1 [0 Xدادام «جاھان كۆرۈپ كۆزى ئېچىلسۇن» دېدىمۇ يا جاھىللىقىم ئېسىدىن كەچتىمۇ، ئەيتاۋۇر لام- جىم دېمەي بېشىنى لىڭشىتتى.
' E: D3 C6 d1 C5 ]دادام سەپەرگە چىقىمەن دەپ ئېشەككە بوغۇزنى كۆپرەك بەرگەنمۇ يا بۇ جانىۋارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى بىر كۆرسەتكۈسى كەلدىمۇ يولدا قويۇندەك توختىماي چاپتى.
) ]5 w$ Z; l8 N- جاڭگالغا ماڭغاندىمۇ مېنى قاقشاتمايۇ مۇشۇنداق چاپساڭ كاساپەت.
4 W G. m: l) ~5 b; }' v2 }3 O- شاپاق يېگىلى ئالدىرايدۇ ھەقىچان.& s# W) g" p* \8 H
دادام چاقچىقىمنىڭ جايىغا چۈشكىنىدىن سۆيۈندىمۇ ھۇزۇرلىنىپ كۈلدى. بىز ئۆيدىن چىقىپ ساي ۋە قومۇشلۇق ئەگرى- بۈگرى يوللاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، كۈن غەربكە قىيسايغاندا قۇملۇق بىلەن ئورالغان دۆڭگە يېتىپ كەلدۇق. , Y, M! i* T9 ~' {; y2 M0 T
- ناغرا دۆڭ دېگەن مۇشۇمۇ دادا؟
3 A u' _7 | m! B: ]1 m) Q- D- ھەئە، شۇ.
& o/ K I! w5 f) `+ j7 P# xدادام ھارغىنلىقىدىن ئۇيقۇغا ئىلىنغان كۆزىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ ھارۋىدىن چۈشتى. كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقتا بىساناق قوغۇنلار سۇنايلىنىپ ياتاتتى.
8 v( u- P$ d* B- شۇنچە جىق يەردىكى قوغۇنلارغا ئۆزۈڭ يالغۇز قانداق قارايسەن دادا؟! C% J; v' |2 Y6 _% q
- بۇ يەردە ئوغرى يوق. پەقەت تاك- تاك چېلىپ ياۋايى مەخلۇقلارنى قورقۇتساقلا بولىدۇ.$ @. ~8 j4 j! |) Y" b
- ئۇلار قوغۇنلارنى يېۋالامدۇ؟
& J: O9 \ g" @% m! q1 m/ S& k- ياق، قوغۇنلارنى ھىڭگاڭ چىشلىرى بىلەن تۈكچىدەك تېشىپ قويۇپ قاچىدۇ، قوغۇنلار سېسىيدۇ.
& R7 j# @. `1 h- t0 T% O& eبىز قوغۇنلاردىن ئېھتىيات بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈپ، قوغۇنلۇق ئوتتۇرىسىغا بورا بىلەن چاققانغىنە ياسالغان ساتمىغا كەلگەندە قوشنىمىز ھېبىكام ساتمىدا ئىكەن. دادام ھېبىكام بىلەن كۆرۈشۈپلا مېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتىپ كېتىشكە زورلىغان بولسىمۇ، مەن ئاڭلىماسقا سېلىپ جىم تۇرۇۋالدىم. دادام بىلەن ئىككىسى بىر- بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ كۈلۈپ كېتىشىتى., D J) }, A* r8 z6 r" d; g6 D+ F" p6 G
- كېلە بالام، مەن ساڭا شۇنداق تاتلىق بىر قوغۇن پىچىپ بېرەيكى، ئۇنىڭ ئالدىدا شېكەر- ناۋات خىجىل بولۇپ قالسۇن.
9 x8 X, [0 n. ]2 H* [& ^" D- ھېبىكام پىچقان قوغۇن ئۆزى ماختىغاندەك راستتىنلا تاتلىق چىقتى. 9 \; Q: }+ ]2 Q, \ y4 K
- كارامەت قوغۇنكەن.2 f- q: H8 l: d, h
- ئەلۋەتتە،- دېدى ھېبىكام گېپىمنى تەستىقلىغاندەك،- قۇملۇقىدىنمۇ ھەسەل تامىدىغان زېمىن بۇ.- N3 Q9 A% a2 V' K: g1 d
كۈن بارا- بارا تاغ كەينىگە ئۆتۈپ، گۇگۇم پەردىسى قېلىنلاشقا باشلىدى. بىرى پۇشتەك چالغاندەك ساتما ئەتراپىغا مىژژىدە پاشا، كۇمۇتا يېغىپ كەتتى.
! Z5 G P9 p2 D9 o6 L. I5 K- يېڭى مېھماننىڭ قېنىنى تەكشۈرگىلى دوختۇر كەلدى.
4 ?$ G2 B. A m+ I! n- قاراپ تۇرۇپ ئۇلارغا بالىنى تالاتمايلى، ئىس سالايلى.
! k7 Q$ _, r3 e, a' Bدادام ھايال بولمايلا بىر پۇلۇقتا سامان كۆتۈرۈپ كەلدى.# m1 I2 u& V+ @3 Y( W, o7 v5 l
- ھەر قايسىڭنىڭ جاجىسىنى مۇشۇ ئىس بەرمىسىە...
1 T( c4 C$ M$ \ئىس سېلىندى. سامان ئۆچۈشكە تەمشەلسە دادام سىڭاتىز بولۇپ ئېڭىشىپ پۈۋلەپ تۇردى. سامانغا گۈپپىدە ئوت تۇتاشسا قۇمنى چېچىپ ئۆچۈردى. شۇنداق قىلىپ سامان تۈتەپ كۆيۈپ تولغىنىپ تارالغان قويۇق ئىس كۆزلىرىنى ئېچىشتۇردىمىكىن، پاشا، كۇمۇتىلارنىڭ «غىڭ- غىڭ- غىڭ، ۋىڭ- ۋىڭ- ۋىڭ» قىلغان ئۈنى ئۆچۈشكە باشلىدى.2 O( [2 S, g# J/ I) k1 D5 k, `
ھېبىكام بىلەن دادام بىردەم قايسىبىر جەڭنامە، قىسسە ھەققىدە ھاياجان بىلەن مۇڭداشتى، بىردەم ئۆستەڭ چاپقان، تاش توشۇغان چاغدىكى ئۆزى بىلىشىدىغان كەچمىشلىرىنى ئەسلەشتى. سۈتتەك ئايدىڭدىكى بۇ پاراڭلار بالىلىق قەلبىمدە گۈزەل ئەپسانىۋى تۇيغۇلارنى پەيدا قىلاتتى. بۇلۇتسىز ئاسماندىكى يۇلتۇزلار «بۇ پاراڭلارنى بىزمۇ بېرىلىپ ئاڭلاۋاتىمىز» دېگەندەك جىمىرلىشاتتى. ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاچ كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنغاندەك قىلىۋىدى، يەر تېگىدىن شالدۇر- شۇلدۇر، خارت- خارت ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
4 A8 U1 w5 c/ _4 T4 i! _! @- گەپ بىلەن بولۇپ تاك- تاك چېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمىز ئەمەسمۇ، ياۋا مەخلۇقلار كەلدى.5 r2 v, k/ N% P2 _3 J9 U) J6 m
بۇ گەپنى دادام دېدىمۇ يا ھېبىكام دېدىمۇ، بىلمىدىم. ئىشقىلىپ ئۇلار جىددىي جەڭ بۇيرۇقى چۈشكەن ئەسكەرلەردەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، سىلاشتۇرۇپ بىر نەرسە ئىزدەشكە كىرىشتى.7 ^% h5 S+ O3 F" G, A
- كالتەكقۇ ساتمىدا، تاك- تاكنى نەدە قويغان بولغىدىم ئەمدى...
$ R! e3 o7 _% ], {5 dبۇنىڭ ھېبىكامنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلدىم.
* y& f, c3 H4 ^! R& k$ s- دەرھال تاك- تاكنى چالايلى.& M/ g3 B+ R. J) l
- تاپالمايۋاتىمەن.
$ D) n m: o5 v- ئەمىسە گۈلخان ياقايلى.
: t+ V8 \- O2 e- g9 l! j0 f- سەرەڭگىنى نەدە قويغاندىمەن؟...: v m( ]& n+ T* k% `/ Y
مەنمۇ سەگەكلىشىپ، ئورنۇمدىن دىككىدە تۇرۇپ كەتتىم- دە دادامنىڭ قولىدىكى كەلتەكتىن بىرنى تارتىۋلدىم.
! V9 A5 I T7 U! f7 @6 o- قولچىراق يېقىپ ئىزدىگىنە.
7 t0 Y! P6 e! D8 A+ Eھېبىكام دادامنىڭ گېپىگە «يوق» دەپ جاۋاپ بەرگەچ، بىر چاغدا سەرەڭگىنى تاپتى.
! M& ^/ j6 j# E# R' n) [0 ^بىز ساتما يېنىغا خاماندەك دۆۋىلەنگەن قۇرۇق تىكەن، قۇمۇشلارغا ئوت ياقتۇق. ئوت گۈرۈلدەپ يالقۇن پۈركۈپ كۆيۈشكە باشلىدى. بەستى يېڭى تۇغۇلغان موزايدىن سەل چوڭراق، توپتەك سېمىز، ھىڭگاڭ چىش ھېلىقى مەخلۇقلار ئوت يالقۇنىدا 20- 30 قەدەم نېرىدىن ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئاڭغۇچە ھېبىكام نەدىن تاپتىكىن، تاك- تاكنى تاكىلداتتى. ئۇ مەخلۇقلار گۈلخاندىن قورقتىمۇ يا تاك- تاك ئاۋازدىن ساراسىمىگە چۈشتىمۇ، زەي قامچىدەك قىسقا، ئىنچىكە قۇيرۇقىنى سىلكىشىپ، كەڭ پەنجىلىك تاپىنىنى يەرگە زەرب بىلەن ئۇرۇپ ئۆز ئورنىدا بىردەم پىتىراشقاندىن كېيىن چىرقىرىشىپ قېچىشتى.
5 H+ ]/ @' Z/ j, y8 f0 q- ئەمدى يەنە بەش- ئالتە كۈن بۇ يەرگە كېلىشكە پېتىنالمايدۇ ئۇ مەخلۇقلار،- دېدى ھېبىكام.
8 |& [5 i) X/ c5 Z2 m" W- پاۋان مىلتىقىدا سىيرىۋېتىدىغان ئىشتى ئۇ نېمىلەرنى. j" B" o" c2 a$ W z
- ئوقۇڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگمەي قالسا غالجىرلىشىپ، جان ئاچچىقىدا ساڭا ئېتىلىشى تۇرغان گەپ.
7 e x) V( \. Q$ z' d6 T+ D" i- c- ئەتراپقا قاپقان قۇرساق بولماسمۇ؟! K0 [7 ~: H a1 _2 S
- بارىكاللا،- دېدى دادام،- بۇ ئەقىل ئەجەپ كاللىمىزغا كەلمەپتا؟ باياتىن قورقتۇڭمۇ بالام؟( _. X2 s- S- D$ n
- قورقمىدىم. «ھايت» دېگەن بولساڭ كالتەك بىلەن ئۇ نېمىلەرنىڭ مېڭىسىنى چۇۋۇۋېتەتتىم.% p! p4 N* c! I @8 F3 Y4 {& u
- يارايسەن، جىگەرلىك بالا بوپسەن. ئۇ نېمىلەر كۆزۈڭدىكى غەزەپلىك ئۇچقۇنلاردىن قورقۇپ قاچتى.
1 P% v* M* Q. i5 i+ Q- تاك- تاك بىلەن گۈلخاندىن قورققاندۇ؟
0 r* Z. x o9 E' r, P6 r- باياتىنقى مەردانە تۇرقۇڭنى دىۋە كۆرسىمۇ لاغ- لاغ تىتىرەپ قاچاتتى.
( C* [" r8 @# D' a" U$ ]; y- ساڭا قاراپ مەنمۇ شۇنداق تۇردۇم.! @6 c$ R$ U" |" m7 o# d5 j
دادام رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى. شۇ كېچىسى لايدەك ئېزىلىپ ئۇخلاپتىمەن. تېخى يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ بېشىنى قويماي كېسىپ قوغۇندەك دومىلاتقان غەلىتە چۈشلەرنىمۇ كۆرۈپتىمەن.
2 _& ?$ u3 L- Aئەتىسى ئۇنىمىغىنمىغا قارىماي دادام مېنى ھېبىكام بىلەن بىللە يولغا سېلىۋەتتى. مېڭىش ئالدىدا «مېنى خۇش بولسۇن دېسەڭ كىتابىڭنى ياخشى ئوقۇ» دېگەن گېپىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. كۆزۈم كەينىمدە ئۆيگە كەلدىم. ھېبىكام يولدا «ئەنسىرىمە، داداڭ مەندىن پەملىك، قانداق قىلىشنى ئوبدان بىلىدۇ. ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، بۇ گەپلەر ماڭا قىلچە تەسەللى بولالمىدى. گۇگۇم چۈشسىلا ھېلىقى ھىڭگاڭ چىش مەخلۇقلار خارتىلدىشىپ كېلىپ دادامغا ئارام بەرمەيۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. جېنىم دادام..." J6 i" C5 X# ?
- نېمىگە شۇنچە خامۇش يۈرىسەن؟- دەيتتى ئانام كۆڭلۈمدىكى ئەندىشەمنى تۇيغاندەك.
% L( M/ \+ c6 |# v# Y- دادامدىن ئەنسىرەپ...
M+ L0 e n. i+ i4 D. s+ p) C2 _/ R- ئەنسىرىمە ساق قايتىپ كېلىدۇ./ q( M# R6 F/ V& w9 R
گەرچە ئانام شۇنداق دېسىمۇ، ئەمما دادامنى خىيالىمدىن نېرى قىلالمىدىم.8 V8 J3 g, y" t; ~9 _3 D
- نان- پان تەييارلاپ بەر، دادامنى يوقلاپ كېلىمەن، -دېدىم بىر كۈنى ئانامغا." w: J' Y1 T* [" Z" I
- ئۆينىڭ ھالى مۇشۇ تۇرسا، نېمە تەييارلىيالايمەن. تەييارلىساممۇ سەن ئۇ يەرنى تېپىپ بېرىپ كېلەلەمتىىڭ؟8 w I: n8 L+ |& T5 s
مەن ئۆيدىن ئۈنسىز- تىنسىز چىقىپ، ھېيتلىق پۇلۇمغا ئالغان چۈجىلىك توخۇنى باغدا دانلاۋاتقان يېرىدىن كاپپىدە تۇتۇپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، نان، پىششىق گۆش ئالدىم، دادام بىز ناغرا دۆڭگە بارغان ئاخشىمى قولچىراغنىڭ گېپىنى قىلغاندەك قىلىۋىدى، شۇ گەپلەر ئېسىمدە بولغاچقا، قولچىراغ ھەم قاپقان ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇمىدىم، ئاندىن نەۋرە ئاكامغا يالۋۇرۇپ بىللە بېرىپ كېلىشكە ئاران ماقۇل كەلتۈردۈم. نەۋرە ئاكام ئاتقا لىككىدە سەكرەپ مىندى. مەنمۇ مىڭ تەستە كەينىگە مىنگەشتىم.
1 i& R2 A* m/ [, y1 ?- بېلىمدىن چىڭ تۇتۇۋال.0 m. d/ \* \9 ?( {
نەۋرە ئاكامنىڭ شۇنداق دېگىنىنى بىلىمەن، ئات كىرىچتىن چىققان ئوقتەك چاپتى. مەن نەۋرە ئاكامغا مەھكەم چاپلىشىپ ئولتۇردۇم. مەھەللە بارغانسىرى كەينىمىزدە قالدى. پېشىن بىلەن ناغرا دۆڭگە يېتىپ كەلدۇق. ئات تۇيىقى چاچراتقان ئاسمانپەلەك توزاندىن بىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالدىن پەملىۋالغان دادام ساتما يېنىدا بىز تەرەپكە قولىنى سايىۋەن قىلىپ قاراشقا ئۈلگۈرگەنىدى. مەن نەۋرە ئاكامدىن بۇرۇن ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ دادام تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم.
& T: T2 @5 S1 l' B3 A- دادا...
3 a6 S# _' x L k; k& jدادام مېنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن مەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.9 R* Y( K8 Z! ?2 s `
- بۇ يەرگە نېمىدەپ كەلگەنسەن بالام. ئون كۈندىن كېيىن ئۆيگە قايتاتتىم ئەمەسمۇ؟
r( q- H5 m& y# k- سېنى كۆرگۈم كېلىپ...
/ M3 x! {3 L7 ^) h- hمەن ئەسلىدە «ساڭا قولچىراغ، قاپقان ئەكېلىپ بەرگىلى كەلدىم» دېمەكچى ئىدىم، لېكىن ئۇنداق دېيەلمىدىم.
6 ~, A$ c+ N! @- كۆرگۈڭ كەلسىمۇ چىدىشىڭ كېرەكتە، ئاناڭ ئامانمۇ؟: D3 ` s1 T4 e+ x' l: }3 {+ ^& v
- ئامان، قايسى كۈنى ئاخشىمى قولچىراغنىڭ گېپىنى قىلىۋىدىڭ، شۇنى ئەكەلدىم، تېخى قاپقانمۇ بار.6 O' n+ X7 [" f0 y1 q
بىردەملىك سالام- سەھەتتىن كېيىن نەۋرە ئاكام ئالدىراپ قالدى:
0 W+ R' n" [3 l; C2 E- بىز يانايلى، تاغا. قوشنىمىزنىڭ ئېتىنى مىڭ تەستە بىر ئاش پىشمىلىق سورىغان، بۇ دەمگە يولغا مىڭ قېتىم بويۇنداپ بولغاندۇ؟
; C' ~% H! E3 W- }" m- يېنىڭلار،- دېدى دادام،- سىلەرنىڭ بۇ يەردە ئىشىڭلار يوق. سەن لاغايلاپ يۈرمەي، مېنى خۇش بولسۇن دېسەڭ كىتابىڭنى ياخشى ئوقۇ.
+ G) I$ Q7 W, ^: `/ y1 _- y+ Jدادامغا تاماقتىن كېيىنكى دۇئادەك ئادەت بولۇپ كەتكەن بۇ گەپ قۇلىقىم تۈۋىدە يەنە بىر قېتىم جاراڭلىدى.
a' y# g' X+ p0 p2 e) p* V5 X V4 g5 Bئۆيگە يېنىپ كېلىپ، ئون بارمىقىم توشقان كۈنى كەچتە دادام بۇسۇغىدا كۆرۈندى. دادام كېيىن نەچچە قېتىم ئوتۇنغا، ناغرا دۆڭگە، يەنە نەلەرگىدۇر بارغاندۇ، بۇلارنى ساناپ بېرەلمەيمەن. ئەمما، ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرنى نېمىشقىدۇر پات- پات ئەسلەپ قالىمەن. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىپ قالسام دادامنى، ئانامنى ھەرگىز جاپادا قويمايمەن.
1 k* w9 F) K* E3 {7 U
) G* f# r6 d3 z7 e
- c+ D0 c5 C) t5 Q& w
% O2 ~8 F2 [. e) s, S2 f* `سۈت رەڭ كۆڭلەك
1 s- l; D- a2 }+ S- T- ?* ~+ X
) {) p5 T$ d; ~2 o0 M! _- قىزىم، بۇ كۆڭلەكنى كىيسىڭىز ئاق كېپىنەكنىڭ ئۆزىلا بولۇپ كېتىسىز. مەن بايرىمىڭىز كەلگۈچە چۇقۇم بىرنى ئېلىپ بېرەي.: c) `3 ~" q" m7 E: b: O
قىزچاق كىيىم- كېچەك دۇكىنى ئالدىدىن ئۆتۈۋېتىپ پۈرمە ياقىلىق، كەڭ ئېتەكلىك، سۈت رەڭ كۆڭلەككە قاراپ سالدى. ئانىسى ئۇنى بىر يىل ئىلگىرى مۇشۇ دۇكانغا باشلاپ كىرىپ شۇنداق دېگەنىدى. ئانىسىنىڭ گېپى ئېسىدىن كېچىپ كۆڭلى يېرىم بولغان قىزچاق كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش ئالدى. «ئانام ساقىيىپ ئورنىدىن تۇرسا چوقۇم ئېلىپ بىرىدۇ». قىزچاق ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاپ لېۋىنى چىشلىگىنىچە تېز- تېز قەدەم ئېلىپ ئۆيىگە ماڭدى. بۇلتۇرقى بايرام ئۆتۈپ كەتتى، بۇ يىلقى بايراممۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما، ئۇ ئانىسىنىڭ ھېلىقى سۈت رەڭ كۆڭلەكنى ئېلىپ بېرەلمىگىنىدىن قىلچە رەنجىمىدى.: b/ O7 C0 @7 p* \% Z& `
ئۆزىگە تاغ ھەم باغ بولۇپ كېلىۋاتقان ئانىسى تازىلىق ئىشچىسى ئىدى. خوراز چىللىماستا يوغان شاخ سۈپۈرگىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتسە، ئۆزىگە تەقسىملەنگەن كوچىلارنى پاك- پاكىزە سۈپۈرۈپ، تاڭ سۈزۈلمەستە يەنە ئۆيگە يېنىپ كېلىپ چاي تەييارلايتتى. ناشتىدىن كېيىن يەنە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى., {: Z5 y3 Z3 M: a! U0 i
- ئانا، ئۇ ئىشىڭ بەك جاپالىقكەن،- دەيتتى قىزى ئانىسىنىڭ چېكە چاچلىرى، قاش- كىرپىكلىرىگە چاڭ قونغان، ھارغىن ھالىتىگە قاراپ،- باشقا خىزمەت قىلساڭ بولمامدۇ؟
( ?& y0 G/ `0 [! L7 W5 V- ماڭا ئۇنداق بىلىنمەيدۇ، قىزىم، كۆنۈپ قاپتىمەن.
6 K, s2 Z! Z, ^" e1 `" |ئانا قىزىغا «مۇشۇ ئىشنىمۇ باشقىلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاران تاپقان تۇرسام، بۇنى قىلمىسام سېنى قانداق باقىمەن» دېيەلەيتتىمۇ؟
( @) f6 s& X2 y" n- vقىزچاقنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە تۇرۇپتۇ، «قىزىم، ساڭا كۆڭلەك ئېلىپ بېرىمەن» دېگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئانىسى تاڭ سەھەردە شاخ سۈپۈرگىسىنى كۆتۈرۈپ كوچا سۈپۈرۈشكە بۇرۇنقىدىنمۇ بالدۇر كەتتى. ئاش ۋاقتى بىلەنمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى. «قوشنىلار بىلەن پارىڭى تۈگىمەي قالدى، ھەقىچان» دەپ ئويلىغان قىزچاق ئۆزى ئامراق «كېپىنەك قىز» دېگەن ناخشىغا غىڭشىغاچ دالاندا كەشتىسىنى تىكتى. چۈشكەن يېقىن بىر نەچچەيلەن ئىككى پۇتى قېلىن گېپىسلانغان ئانىسىنى كۆتۈرۈپ كىرىشتى. قىزچاق قورققىنىدىن چىرقىرىۋەتتى. تۇيۇقسىز ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.
1 x5 ~9 ^1 ?1 s" [8 b- ئانىڭىز قاراڭغۇدا قاپقاقسىز ئۆرەككە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئورەك تىك ھەم چوڭقۇر بولغاچقا، ئانىڭىزنىڭ ئىككى پۇتى سۇنۇپتۇ.
# [. y0 z1 p% ] i) [ھوشسىز ياتقان ئانىسى ئارىلاپ ئۆزىچە جۆيلۈپ كېتەتتى:
' C4 p! k% T4 u- جىق كوچىنى سۈپۈرۈپ، جىق پۇل تېپىپ، قىزىمغا...
$ f W9 d+ n/ C- a5 ]6 g$ Xقىزچاقنىڭ كۆڭلىدە ھەممە نەرسە ئايان بولدى. ئانىسىنىڭ باغرىدىكى سولماس يېشىل چىمەنلىكتە ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئاق كېپىنەك بولۇپ پەرۋاز قىلىدىغىنىنى ھېس قىلدى. «جېنىم ئانا، جاپا تارتىپ نېمىمۇ قىلاتتىڭ؟ مەن ئاداشلىرىمنىڭ ئالدىدا بوينۇم قىسىلىپ قالدى دەپ باققانمۇ؟ گۈللۈك كونا چىت كۆڭلىكىمنى كىيىپ يۈرۈۋېرەتتىمغۇ؟» قىزچاق شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تېخىمۇ روھلۇق، تېتىك تۇتۇشقا تىرىشتى.
& S* R/ a+ P/ H* t3 P" V+ M- ئانا، سەل ئۆرە بولۇڭ، چېچىڭىزنى تاراي قوياي.
% E+ y0 h& Y L% ?- قولىڭىزنى چىقىرىڭە، ئۇۋۇلاپ قوياي.
- B c, | F' S2 U$ y. R- يانچە يېتىڭ، دۈمبىڭىزنى ئۇپىلاپ قوياي.6 E' V; a5 h1 J, o3 [$ W" Y' c% V
...
3 z4 v( `8 _5 n4 Nقىزچاق كۆكتات ئەكېلىدىغان، تاماق ئېتىدىغان، كىر- قات يۇيىدىغان ئىشلارغا يېتىشىپ بولالمىغانسېرى ئانىسىنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى تىلىدى. قۇلىقى ئاڭلىغان، مەھەللىدىكى مۇنەججىملەر كۆرسەتكەن رېتسېپتىكى داۋالارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. ئانا ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى./ w% K+ q& ^5 J+ M; F7 j0 g
ئانا گەرچە قىزى ئۆزى ئەتراپىدا چۆرگىلەپ پەرۋانە بولۇپ يۈرگەندە كۈلۈمسىرەپ تەبەسسۇمى بىلەن قىزىنى قەيسەر بولۇشقا ئۈندىسىمۇ، ئەمما قىزى ھارغىنلىق ئىچىدە بۆجەندەك تۈگۈلۈپ ئۇخلاپ قالغان چاغلىرىدا ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. تالاي كېچىلەرنى خىيال بىلەن ئۆتكۈزەتتى. «نېمىشقا تەقدىر مېنىڭ بېشىمدا يەنە چاقماق چاقتۇرىدۇ... قىزىم يېشىغا تەگمەي تۇرۇپ دادىسى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. سەككىز يىللىق تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرى مانا مېنى 80 ياشقا كىرگەندەك ھالىمىدىن كەتكۈزدى. ھېلىمۇ قىزىم پۇتۇمنىڭ قەيەردە سۇنغىنىنى بىلمىدى. بولمىسا...»
5 K$ Y: a% v% [7 \, fئانا ئاغرىپ يېتىپ قالغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىيالى ھەر كۈنى پۇتىدا ئەمەس، ھېلىقى كىيىم- كېچەك دۇكىنىدا ئىدى. «مەن ساقايغۇچە سېتىلماي تۇرغىدى، ئىلاھىم...» دەيتتى ئانا. ئۇ تام، تۈۋرۈككە تايىنىپ ئۆرە بولۇپ پۇتىنى سۆرەپ تۆت- بەش قەدەم ماڭغۇدەك بولغان بىر كۈنى قىزىغا:( ], J+ R; x3 S
- ئۆيدە يېتىۋېرىپ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. ماڭا تالانى بىر كۆرسەتكىنە،- دېدى.
* S# e2 ~% |# i. Sقىزچاق ئانىسىنى يۆلەپ ماڭدى. ئانا نېمىگىدۇر ئالدىرايتتى. ئۇ ھېلىقى كىيىم- كېچەك دۇكىنى ئالدىغا كەلگەندە چىپپىدە توختىدى. سۈت رەڭ كۆڭلەكنىڭ بۇرۇنقى ئورنىدا ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى تىندى.
, l1 R# U) N4 X" K- بۇ يەردە نېمە قىلىمىز، ئانا؟
0 f( T y! b. D3 j Kقىزچاقنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى. ئانا دۇكان ئىچىگە كىرىپ ھېلىقى سۈت رەڭ كۆڭلەكنىڭ يېنىغا كەلدى:
/ j* d; G2 C+ V! X8 t, p3 I- بۇ كۆڭلەكنى ئالىمەن.
/ M- B7 P, c# l4 u! Z0 u- L- G8 u- fئانىنىڭ ئاۋازى شۇنداق كەسكىن چىقتىكى، ئەتراپتا مال كۆرۈۋاتقانلارمۇ چۆچۈپ كېتىشتى. ئانا «كۆڭلەكنى ئالىمەن» دېگەچ بىردىنبىر تەۋەررۈك ئالتۇن ئۈزۈكىنى بارمىقىدىن چىقىرىپ پۈكەي ئۈستىدە قويدى.! M5 k2 w* Z( ^0 K2 N8 g
- سىز ئاخىر كەلدىڭىز- ھە،- دېدى دۇكاندار موماي كۆڭلەكنى ئاسقۇدىن ئاۋايلاپ ئېلىۋېتىپ.
+ q A" b6 n* X9 M; X0 U- سىز مېنى تونۇمسىز؟
1 d: Q& J! @" h5 b- سىز نەۋرەمگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قىزچاقنىڭ ئانىسى تۇرسىڭىز، نېمىشقا تونۇماي؟ دۇكانغا ئۆتكەن يىلى ئوماق قىزىڭىزنى يېتىلەپ كىرگەندە بىر تەرەپتىن خۇش بولدۇم، يەنە بىر تەرەپتىن كونا يارام قوزغالدى... قىزىڭىزنىڭ بوي- تۇرقى، چىرايى نەۋرەمگە بەك ئوخشايدىكەن، خۇش بولدۇم. ئوخشىغىنى ئۈچۈن كۆڭلۈم يەنە بۇزۇلدى. كۆڭۈل ئېتىزىمنى ياشارتىپ كېلىۋاتقان نەۋرەم بىر كۈنى ئۆيدىن چىقىپ ئاداشلىرى بىلەن چانا ئوينىغىلى تۆۋەن ئېقىندىكى دەريا بويىغا كېلىپ..., X* ^9 I+ h" D5 t! v$ g
- قايتىپ كەلمىدىمۇ؟+ t9 |" L) f* y' k# Q
- دۇكاننى تاقاپ ئۆيگە كەلسەم ئۆي ئالدىدا قوشنىلارنىڭ بالىلىرى ماڭقىلىىرنى تارتىشىپ مىشىلداپ يىغلىشىپ تۇرۇپتۇ. نەۋرەمنى سورىسام ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى.
/ z- C2 W( o% }2 `. c8 u# z8 W- نېمە بوپتۇ؟ ئانا پۇتىنىڭ ئاغرىق ئازابىنىمۇ ئۇنتۇپ بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
. g- O% Z( R* F- نەۋرەم چانا ئويناۋېتىپ ئېھتىيات قىلمىغانمۇ، كاكچىدەك نېپىز مۇز يېرىلىپ سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. ئۇششاق بالا دېگەن مىشىلداپ يىغلاشتىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەن. يا يۈگۈرۈپ كېلىپ چوڭلارنى چاقىرماپتۇ، يا...5 c( |: r6 d" T \
- شۇنداق قىلىپ...7 \" y6 |+ M7 T! ~) s
- شۇنداق قىلىپ نەۋرەمدىن ئايرىلىپ قالدىم. دەريا قىنىنى مىڭ ئاختۇرۇپمۇ جەسىتىنى تاپالمىدۇق. تەقدىرگە تەن بېرىپ ئاخىر ئۇنى قەلبىمگە دەپنە قىلدىم. قىزىڭىز ھەر كۈنى دۇكان ئالدىدىن كۆكتات ئېلىپ يانغاندا يۈرىكىم چىممىدە ئېچىشىدۇ، تۇرۇپلا يەنە نەۋرەمنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك، سۆيۈنۈپ كېتىمەن. دۇكاندىن نەچچە قېتىم يۈگۈرۈپ چىقىپ قىزىڭىزغا كۆڭلەكنى ئۆز قولۇم بىلەن كىيدۈرۈپ قويماقچىمۇ بولدۇم. ئەمما، قىزىڭىزنى چۆچۈتۈپ قويۇشتىن قورقتۇم. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام ئىككىمىز ئارىسىدىمۇ ئوقۇشماسلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىدى. مانا، بۈگۈن ئوبدان بولدى، مەن دەل مۇشۇ كۈننى كۈتۈپ كەلگەنىدىم. نۇرغۇن خېرىدار بۇ كۆڭلەكنى سورىدى. ئەمما مەن «سېتىلىپ بولغان» دەپ جاۋاب بەردىم. دېمىسىمۇ بۇ كۆڭلەك بىر يىل ئىلگىرىلا بۇ ئوماق قىزغا سېتىلىپ بولغان. ماڭا ئۈزۈكىڭىزنىڭ كېرىكى يوق، پەقەت ئۆز قولۇم بىلەن كىيدۈرۈپ قويۇشۇمغا رۇخسەت قىلسىڭىزلا بولدى.
B* n+ |2 @- U$ {9 C, {ئۇلارنىڭ كۆڭلى بۇلۇتلۇق ئاسماندا بىردىنلا كۈن چىققاندەك پاللىدە يورۇدى.7 K$ z8 ]( s7 x/ M; s1 b2 s
قىزچاق كۆڭلەكنى كىيدۈرۈپ قويۇۋاتقان موماينىڭ قوللىرىنىڭ بىلىنەر- بىلىنمەس تىتىرەۋاتقانلىقىنى سەزدى." R6 } r, S6 T
- مانا ئەمدى ئاق كېپىنەكنىڭ ئۆزىلا بولدىڭىز. M4 z9 A# e- R. U/ Z
موماي بۇ گەپنى شۇنچىلىك سۆيۈنۈش ئىچىدە دېدىكى، قىزچاقنىڭ كۆزلىرىگىمۇ ياش كەلدى.
% v) W2 g8 O* p* h8 w. O- مومايغا رەھمەت ئېيتىپمۇ قويمىدىڭ،- دېدى ئانا ئۆيگە كەلگەندە بىر نەرسە ئېسىدىن كەچكەندەك.
8 s- n8 G" A5 j5 w4 j- خۇشلۇقۇمدا ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن، ئەتىلا باراي.
" O9 K: l" X( B# ~% oئەتىسى مومايغا رەھمەت ئېيتقىلى بارغان قىزچاق تۈنۈگۈنكى كىيىم- كېچەك دۇكىنىنىڭ بۈگۈن رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان گۈل دۇكىنىغا ئايلىنىپ قالغىنىدىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى. موماي گۈل سېۋەتلىرىنى رەتلىگەچ ئوچۇق ئىشىكتىن كوچىغا پات- پات قاراپ قوياتتى...
$ x% w$ t7 y# i0 `7 E
) n% Y4 q% p; C3 i1 E1 S" n
/ O. T7 }# u) k: O0 Jبىر تال بور # Z6 G! u- l, F5 Z7 ^' Q6 `0 z2 X
/ A- A! ?; ?! t
سىنىپ مۇدىرىمىز باشقا ناھىيىگە يۆتكىلىپ كەتتى. مۇدىر بالت ئۇسسۇلچىلىرىدەك ئېگىز، ئورۇق، چىرايلىق بىرىنى سىنىپقا باشلاپ كىرىپ، «بۇياق سىلەرنىڭ سىنىپ مۇدىرىڭلار بولىدۇ» دەپ تۇنۇشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
9 I6 f# r- h4 R' `4 J) I( r- ئىسمىم گۈلزار، گۈلزار ئاپپاي دېسەڭلار بولىدۇ.- i' g5 R2 L! q O* X- m' w
ئۇ شۇنداق دەۋېتىپ لېۋىنى بىلىنەر- بىلىنمەس چىشلەپ قويدى. بۇ چاغدىكى تۇرقىمۇ ماڭا يېقىملىق بىلىندى. سىنىپىمىزدىكى ھېكىمنىڭ بۇ چىرايلىق ئاپپاي بىلەن چېقىشقىسىمۇ كەلدىمۇ، يا ھەييارلىقى تۇتتىمۇ، ئوفىتسېرىغا چاس بەرگەن ئەسكەردەك ئورنىدىن تۇرۇپ «خوپ» دېدى.) y$ y8 _7 I# l% K3 f7 ^+ l
ئاپپاي ھېكىمنىڭ ھەييارلىقىنى بىلىپ قالغاندەك:# u& w2 r% r2 f0 S9 Y1 l: R- ^
- سىز بەك شوخ بالا ئىكەنسىز،- دەپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى.
) ?- f9 q3 B/ @+ d3 x5 i2 eشۇنىڭدىن باشلاپ گۈلزار ئاپپاي ئارىمىزغا قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ كەتتى. + W+ {* }: p* s; P" y/ l" M; Q
بۈگۈنى سىنىپقا قالايمىقان تاشلانغان سۈپۈرگىلەرنى رەتلەپ قويۇپ، «سىلەرنىڭ پۇتلاشماي مېڭىشىڭلارغا مۇشۇنچىلىك ياردەم بېرەلىگىنىمدىن خۇشالمەن» دېسە، ئەتىسى يەرگە چېچىلغان قەغەز پارچىلىرىنى تېرىپ، «سىلەرنىڭ پاكىز مۇھىتتا دەرس ئاڭلىشىڭلار ئۈچۈن مەن ھەر كۈنى قەغەز پارچىلىرىنى تېرىشكە رازى» دەيتتى. گۈلزار ئاپپاينىڭ بۇ گەپلەرنى دېگەن چاغدىكى تۇرقىدىن نە رەنجىش، نە ئاغرىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. بۇنىڭ بىلەن نوختىسى يوق بايتالدەك چاپچىپ تۇرالمايدىغان ھەييار ھېكىممۇ دەرسىلەردە جىم ئولتۇرىدىغان بولدى. بولۇپمۇ گۈلزار ئاپپاي ئۆتكەن دەرسلەردە شۇنداق ئىدى.
/ g; f( ^$ E1 i4 |* |گۈلزار ئاپپاينىڭ مېنى ئەڭ قايىل قىلغىنى، ئۇ بىر كۈنى سىنىپقا كىرىپ، قوي مايىقىدەك چېچىلىپ ياتقان بورلارغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. بىز بىر نەچچىمىز تېرىۋەتمەكچى بولۇۋىدۇق، ئاپپپاي قول ئىشارىتى بىزنى قايتۇرىۋەتتى. ئۆزى ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ بۇلارنى بىر- بىرلەپ تەرگەندىن كېيىن، دوسكىغا نۇرغۇن چالا رەسىملەرنى سىزدى.
) _8 J- n! z( B. I- دوسكىغا قاراڭلار،- دېدى ئاپپاي،- بۇ قاناتسىز بۈركۈتكە ئىچىڭلار ئاغرىدىمۇ؟
3 E2 a* r' [9 x* a- ئاغرىدى. قانىتىنى سىزايلى، بۇلۇتسىز كۆك ئاسماندا ئەركىن ئۇچسۇن.
3 {, O/ U& Y) M% s0 l: o! l9 c- قانىتىنى سىزىشقا بور كەملىدى. سىلەر بورنى ئىسراپ قىلمىغان بولساڭلار بۇ بۈركۈت كۆك ئاسماندا مەغرۇر قانات قېقىپ ئۇچقان بولاتتى.
" a3 L" i! x P3 ?6 Q- مۇنۇ رەسىمگە قاراڭلار، بۇ توكۇر قىزنىڭ مېڭىشتا قىينالغىنىنى ھېس قىلدىڭلارمۇ؟$ T9 f' g9 W! i I/ R+ r, A0 k
- ھېس قىلدۇق..
$ z8 i; ~% E& e% e; W, Y; x- نېمە بولغان بولسا قىينالماي ماڭالايتتى.
3 K( n h* E# A" o ^, y" c2 m- قولتۇق تايىقى، ئاپپاي، ئۇ قىز يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا مەزمۇت بىر جۈپ قولتۇق تايىقى بېرەيلى.
1 S9 }# K A1 W2 Q1 B) X- }- بور يوق.
' a) [3 y p5 \& g( Pھېكىم يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاپپاي بايا تېرىشكە ئۈلگۈرمىگەن بورلارنى ئېڭىشىپ تېرىشكە باشلىدى.
2 \, u6 K, u5 f- ساۋاقداشلار، بىر تامچە سۇ بىر تۈپ گىياھقا جان بېرەلەيدۇ. بىر تال بور ئارقىلىق بەلكىم سىلەرنىڭ كېيىنكى ھايات خەرىتەڭلەرنى تېخىمۇ كۆركەم سىزغىلى، كەلگۈسىدىكى ھايات يولۇڭلارنى تېخىمۇ كەڭ ياسىغىلى بولۇشى مومكىن...0 E' `( I5 D) s1 v+ m4 h+ t- `
شۇنىڭدىن باشلاپ سىنىپتا بورنى تېجەيدىغان، سىنىپنى ھەر كۈنى پاكىز تازىلايدىغان بولدۇق. ئاپپاينى كۆرسەكلا ھېلىقى كۈنى دوسكىغا سىزغان قاناتسىز بۈركۈت ئېسىمىزگە كېلىۋالىدۇ. بىزنىڭ ئاپپاي ھەقىقەتەن قالتىس جۇمۇ؟!1 B* \: G6 q5 K7 e" N
- o3 B% V1 F2 m9 d1 v0 N* D ~$ c0 Z
& K% R" L5 I# Hئۆگەي ئانام ! x" x5 V$ B0 j
+ e0 o$ g6 D7 X7 p
ئانام ئۆلۈپ كېتىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، قولۇم- قوشنىلار مەسلىھەتلىشىپ دادامنى قايتا ئۆيلەپ قويدى. مەن بالدۇر بىلەلىگەن بولسام بۇ ئىشقا جان- جەھلىم بىلەن قارشى تۇرغان بولاتتىم. ھەممەيلەنگە بىر نەچچە كۈن باتناپ، قېيداپ يۈردۈم، بىر چاغلاردا مەھەللىدە ئوينىغان بالىلار:
2 C! ^ s1 O/ g8 A7 p( a9 Z: \6 I: _ئاش بەرسە سۇيۇق بەردى،5 K, n4 b$ V) y8 Z
نان بەرسە كۆيۈك بەردى.
6 ` _- T; M# k* M* }كۈن ئىشتان، چاپاننى. S* P, e6 a$ c+ u
ھەر كۈنى ياماپ بەردى.
- T9 ]+ d( X; r9 [
( }/ Y* p9 [1 q: r/ P1 C" k* i% mپۇچۇم جامغا ئاش ئۇسۇپ،6 l) I) u# f' T4 H4 U9 A! Q
خام بەردى، يىرىك بەردى.
! T) ?+ y$ K- R. A) r5 hئەجەپمۇ يامان ئىكەن
6 h: C+ t3 k0 W$ X0 kئۆگەي ئانىنىڭ دەردى.$ X3 z, D, c+ `/ v% l9 O" z
دەپ قوشاق توۋلايدىغان... ئۆيدە يالغۇز قالغاندا ئانامنى سېغىنىپ مۇڭلىنىپ قالغاندا مەنمۇ بۇ قوشاقلارنى غىڭشىپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم. گەرچە ئۆگەي ئانام ئاش- تاماقلىرىمنى ۋاقتىدا ئېتىپ بېرىپ، ياقامنى كىر قىلمىغان، ھەرخىل يوللار بىلەن ماڭا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ماڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى ساقتا مېھرىبانلىقتەك تۇيۇلاتتى. ئاش ئەتسە قاچامغا دىققەت قىلاتتىم. چاي ئىچكەندە ناننىڭ گىرۋەكلىرىگە قارايتتىم. كاللامدىن نۇرغۇن قاراشلىرىمنى چىقىرىپ تاشلاپ، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا تىرىشساممۇ ئۈنۈمى بولمىدى. خۇددى ماڭا ئاشنىڭ سۇيۇقىنى، ناننىڭ كۆيۈكىنى بەرگەندەك تۇيغۇدىن قۇتۇلالمىدىم.
9 f1 p1 g. r) i- ئۆگەي دېگەن بەرىبىر ئۆگەي. A- n& `. s" M& Y) j
- ئۆزۈڭنىڭ ئانىسىغا نېمە يېتىدۇ؟! L" P. Y4 a' e( @+ I
- ئۆگەينىڭ ئالدىدا چوڭ بولغۇچە كۆسەينىڭ ئالدىدا چوڭ بولغۇلۇق.2 L( ]( e( p7 ~: R2 y' W
...6 m" j5 Q3 k8 K+ G: s- {( @. L
ئوينىغاندا بولۇنغان ھەرخىل گەپلەر مېنى تولىمۇ ئازابلايتتى. ئەمما، ئاشۇ بىر ئىشتىن كېيىن ئۆگەي ئانامغا بولغان قارىشىمدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. دادام دېمىسىمۇ ئۆگەي ئانامغا ھەقىقىي بالىلىق مېھرىم بىلەن ئىللىق كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىدىغان، مۇڭدىشىدىغان، سىردىشىدىغان بولدۇم.4 ^5 [! z/ r* n0 u* e
ئۇ ئالدىنقى يىلى يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىدى. قورسىقىم بىلەن بېقىنىم تۇيۇقسىز قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىپ كەتتى. ئاغرىق ئازابىدىن تىناي دېسەممۇ تىنالمايۋاتاتتىم. چىرايىمنىڭ بىر تاتىرىپ، بىر قارىداپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۆگەي ئانام پۇتى كۆيگەن توخۇدەك نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي جىددىيلەشتى. بىر چاغدا دادام بۇسۇغىدا كۆرۈندى.
3 L+ r6 Y2 `' U2 G" r& s- U3 P$ Q- نەگە باردىلا دادىسى، بالا بولالمايۋاتىدۇ، دوختۇرغا كۆرسىتەيلى، تېز بولسىلا.* V: C2 ~ E. m1 x7 ^) T* P
دادام گەدىنىنى قاشلاپ تۇرۇپ قالدى:
7 m6 d m2 u# N i; g1 ?: i, R& I- پۇل بولمىسا...
, X0 S; @$ V* O; Y" l- باشقىلاردىن سورىماملا؟
# t5 D1 D3 o4 J1 b2 c+ S' _# T8 S9 U- بۇ مەھەللىدە باشقىلارغا بىز بەرسەك بولىدۇ، خوتۇن.% {* R8 l6 n7 A6 B
ئۆينىڭ ئەھۋالىنى مەن بىلەتتىم. ئۆيدىكى بار- يوقىنى يىغىش قىلىپ تېخى ئالدىنقى ھەپتە بىر سوپەك سېتىۋالغانىدۇق.$ @/ K1 V, K, X! D
- پۇل بولمىسا مانا پۇل.
' e# H# q4 i- ], h8 z& U% B8 fئۆگەي ئانام شۇنداق دېگەچ قوللىرىدىكى ئۈزۈك، بوينىدىكى زەنجىرنى سۇغۇرۇشقا باشلىدى.
1 ?+ Q8 w# c; @- بۇ تويلۇق تۇرسا.
$ z- `6 x" U5 X! ~- نېمە ئېزىلىپ تۇرىلا، بالىنىڭ جېنى مۇھىم. تېز بولسىلا...
: I3 V& w" x2 i% rكۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كەلدى. ئوپىراتسىيە قىلىنىپ ئون نەچچە كۈن ئىچىدىمۇ ئۆگەي ئانام يېنىمدىن بىر قەدەم نېرى بولمىدى. مەن بارا- بارا بۇ رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىدىم. بار ئاۋازىم بىلەن بالىلارغا «بىز ئانىلارنى ئۆگەيلىمىسەك، ئانىلار بىزنى ئۆگەيلىمەيدىكەن» دېگۈم كەلدى. كېيىنكى چاغلاردا ئۇيەر- بۇيەردە ئۆگەي ئانا ھەققىدە بولۇنغان پاراڭلارمۇ قولىقىمغا كىرمەيدىغان بولدى.
c. x; W# _1 Y! K1 D+ `8 l+ ?' ?
( n0 Z) ?. t4 k8 e# `: ~' y
( k7 U* _: P' p+ b! T0 \2 cياماقچى بوۋاي
7 E$ q7 k: r: H: ], @8 W2 ?$ `" h* @* K9 {7 \0 @ d
ھۈنەرنى سىلىق، سىپتا قىلغاچقىمىكىن، دوقمۇشتىكى بۇ ياماقچى بوۋاينىڭ ئالدىدىن ھەر كۈنى ھاجەتمەنلەر ئۈزۈلمەيتتى، توپ تېپىپ ئايىغىمىز يىرتىلسا، تارتىشىپ ئويناپ سومكىلىرىمىزنىڭ بېغى ئۈزۈلۈپ كەتسە بىزمۇ بۇ بوۋاينىڭ قېشىغا يۈگۈرەتتۇق.
1 i$ b u+ \. a/ k' z- ھەي، كەپسىزلەر، ئاياغنى مۇنداقمۇ يىرتامسىلەر، ئىتنىڭ تىلىدەك ساڭگىلاپ قاپتۇ مانا، ئۆيۈڭلەرگە مۇشۇنداق بېرىشساڭلارغۇ داداڭلار قۇلۇقۇڭلاردا چىغىرىق چۆرۈيدۇ.. |7 A) @( m7 v& f0 ?+ p d3 t/ ]
...
% ]* q- d1 ^) f$ ~- تېخى تۈنۈگۈنلا تىككەن ئەمەسمىدىم بۇ سومكاڭنىڭ بېغىنى، ئاراڭلاردا رۇستەمدەك كۈچتۈڭگۈردىن بار ئوخشىمامدۇ؟ مەن ياش چېغىمدا ئوقۇيالمىغان. سىلەر ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەك، ياخشى ئوقۇڭلار، بالىلىرىم. سىلەرگە مېنىڭ بەك ھەۋىسىم كېلىدۇ.3 ^5 E; x& Z/ P' T+ R* W8 S# d
- بوۋاي سۆزلىگەچ قولىنى ئىشتىن توختاتماي، بىزنى بالدۇرراق يولغا سېلىشقا تىرىشاتتى. پۇل بەرسەك ئالاتتى، بەرمىسەك ھېچقاچان «مېنى قۇرۇق قول قويامسىلەر؟» دەپ باقمايتتى.
- P3 }" C! y; K7 |' ]. @9 F- مەكتەپكە ماڭدىڭلارمۇ؟ ياخشى ئوقۇڭلار جۇمۇ، توخۇ- توشقاندىن ئىمتىھان ئالىمەن.3 @5 L* U8 _, Z8 _1 V
- مەكتەپتىن بارغۇچە، مەكتەپتىن يانغۇچە ھەر كۈنى بوۋاينىڭ مۇشۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتەتتۇق. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، بېلى يادەك ئېگىلگەن بۇ بوۋاي نېمە يەيدىكىنتاڭ، مەن ئۇنىڭ بىر كۈن ئاغرىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن. مەيلى يازنىڭ دىمىق ئىسسىقلىرىدا بولسۇن، مەيلى قىشنىڭ قار ياغقان شىۋىرغانلىق كۈنلىرىدە بولسۇن دوڭغاق سۆگەت تۈۋىدىكى يايمىسىدا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. خۇددى بىرى مۇشۇ سۆگەت تۈۋىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقلۇق يايمىسىغا بەند قىلىۋەتكەندەك، ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭساممۇ شۇ ئورۇندۇقتا، مەكتەپتىن يانغاندا قارىساممۇ شۇ ئورۇندۇقتا، ئويچان كۆزلىرى قانداقتۇر بىر غەمگە پاتقان...
9 v* `6 ~+ R3 D) P r- بوۋا، بىز شەنبە، يەكشەنبە كۈنى ئارام ئالىمىز، سىزمۇ بىرەر- ئىككى كۈن ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ،- دېدىم بىر كۈنى بوۋايغا ئىچىم ئاغرىپ.
4 n. J* o. H( n/ {% H1 T5 X# \- قولۇمدىكى بۇ بىر جۈپ ئاياغنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسەم، ئاندىن كەلمەي ئۆيدە ئارام ئالاتتىم.* j/ R& H; j+ F$ V, a y2 R
- ئۇزاق بولدى، بۇ ئاياغنى ھەر كۈنى مايلىغىنىڭزنى كۆرىمەن. ئىگىسى تېخى ئېلىپ كەتمىدىما؟...
& q f3 r9 }* r5 J2 L3 ^1 H1 h- تۆت يىل ئىلگىرى مۇشۇنداق كۈز پەسلىنىڭ بىر كۈنى يېنىمغا سرىق چىراي، كۆزلىرى چوڭ، قاڭشارلىق، ئورۇق بىر بالا كېلىپ، «بوۋا مۇنۇ ئايىغىمنى ياماپ قويۇڭ، ئەتە ئېلىپ كېتەي» دېدى.
1 }" j5 Q* J9 r. u( j0 sئۇ بالا ئەتىسى كەلمىدى، ئۆگۈنىمۇ يوق. «بۈگۈن كېلەر، ئەتە كېلەر» دەپ ئاشۇ بالىنى ساقلاپ مانا بىردەمدە تۆت يىل ئۆتۈپتۇ. ئاراڭلاردىن ئاشۇ بالىنى ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالمىدىم./ Z/ t7 @1 a+ {& m, ^
- سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز يۈزىدە سۇس سەپكۈن بار، ئوڭ كۆزى سەل قىيسىق، ئوتتۇرا بوي بالىمۇ؟( r( t% O% x, o3 H& ~$ J
- دەل شۇ بالا، ئۇنى تونۇمسەن؟
8 [9 t8 @( p7 }2 U! D {مەن بوۋاينىڭ گەپلىرىدىن ئاكاملىقىنى پەرەز قىلغانىدىم، مانا ئەمدى راست بولۇپ چىقتى.
; ~7 q1 F9 O5 @1 p) O. x- ئۇ... ئۇ... مېنىڭ ئاكام،- مەن بۇقۇلداپ يىغلىۋاتتىم،- ئۇ بۇ ئاياغنى كىيەلمەيدۇ.
; F ?, ]3 V: ?" Q Z- گەپلىرىڭنى ھېچ چۈشىنەلمىدىمغۇ؟ نېمىشقا كىيەلمەيدۇ؟
- Q5 y4 v6 c; `- تۆت يىل ئىلگىرى دەل مۇشۇنداق كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاكام ھاممامنىڭ ئۆيىدىن يانغاندا كەينىدىن كەلگەن ماشىنىغا دىققەت قىلماي يولدا پىرقىرىغۇچ ئويناۋاتقان بىر بالىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ماشىنا ئۇچقاندەك تېز سۈرئەتتە بالىغا يېقىنلىشىۋاتقان، بالىنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان جىددىي پەيتتە ئاكام يۈگۈرۈپ بېرىپ بالىنى چەتكە تارتىپتۇ...
+ Y5 L& F7 s& B) B. {. Q- بالا ئامان قاپتۇمۇ؟- بوۋاينىڭ تىتىرەپ چىققان ئاۋازىدىن جىددىيىلىشىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
5 F7 p+ D; @" A, l# E0 q7 u1 Z- بالام ئامان قاپتۇ، لېكىن ئاكام...2 J& @! x& l" Z# m
- ئاكاڭغا نېمە بولدى؟
! }* x; a9 P9 i+ H3 s( T- چاق ئاكامنىڭ ئىككى پۇتىنى بېسىۋېلىپ تىزىنىڭ ئاستىنى ئۇن قىلىۋېتىپتۇ. يىغلىدۇق، قاقشىدۇق. نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالاتتۇق، ئۈنۈمى بولماي، ئاخىرى دوختۇرلار تىزىنىڭ ئاستىنى كېسىۋەتتى... بالىنى قۇتقۇزغان نەخ مەيداننى كۆرگەنلەر ئاكامنىڭ شۇ چاغدىكى باتۇرلۇقىنى ھازىرمۇ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلىشىدۇ.6 Y v: R( r. i2 v8 W
- ئاكاڭ ھازىر نەدە؟0 d9 }8 A: r+ D) E# b+ A% C4 J8 \
- ئۆيدە.
# R6 u2 H) {0 d( l( y2 Y |- مىدىرلىماي ياتامدۇ؟5 s' h) \6 O+ \- T2 r! m( _1 P6 C
- ياق، چاقلىق ھارۋىدا.
' r7 _6 e2 R! _+ Y- ھېلىقى بالىچۇ؟
1 [2 U9 p: i+ g( }- پات- پات كېلىپ چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرىپ ئاكامنى ئوينىتىدۇ. ئاكام بىلەن پاراڭلىشىدۇ. پاراڭلىرى ئارىسىدىن «مەن چۇقۇم كاتتا دوختۇر بولۇپ سىزنى ساقايتىمەن» دېگەن گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالىدۇ.
: E( H# f2 h; c* G) Q- يۈر بالام، مېنى ئاكاڭنىڭ قېشىغا باشلاپ بار.' K6 A6 G: t3 w7 @
- نېمە قىلىسىز؟
. u7 {0 d2 M& E: Y" @4 m- ئاكاڭغا ئاياغنى ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
4 I" v! I j' ]3 t3 _- ئاكام ئاياغنى كىيەلمەيدىغان تۇرسا، كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالارمىكىن؟7 e" {- W& T0 T" a! } _5 o
- ئاياغنى ئاكاڭغا ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمىسەم مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.
: M5 w7 E( p! M' \/ \/ _بوۋاينىڭ ئورنىدا توختىماي چۆرگىلەۋاتقان تۇرقىدىن ئاكامنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە ئالدىراۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.; s7 \# }+ [) _8 z3 z
- يۈرۈڭ.1 \8 i1 G" d5 h
بوۋاي قولىغا ھېلىقى مايلاپ پارقىرىتىۋەتكەن بىر جۈپ ئاياغنى ئالدى. بىز نۇرغۇن گەپلەرنى دېيىشكەچ ئاستا- ئاستا گۇگۇم قوينىغا سىڭىپ كەتتۇق. دېگەندەك، ئەتىسىدىن باشلاپ بوۋاينى ياماقچىلىق يايمىسىدا پەقەت كۆرمىدىم.
( L% H+ r1 N7 j- l2 ] Q& h& o ^, o$ g4 r1 c# t% Z* K
4 _ r6 w( S9 U$ G1 }
6 W# ?! a4 |2 P5 _
چاي " V! u: b) q( V g& a
& U1 b) w+ F0 s% b0 m' fمەن دادام بىلەن ئانامنىڭ «چايغا بارىمىز» دېگەن گېپىنى ئاڭلاشتىن بەكمۇ قورقىمەن. چۈنكى، ئۇلار چايغا بارىدىغان چاغدا مەن بىلەنمۇ كارى يوق، ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ:/ V# C1 |$ i6 C/ y! ]: s
- بۈگۈن چېيىمىز بار. تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىگەچ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇر،- دەيدۇ دادام ساقىلىنى ئېلىۋاتقاچ.
9 B$ O! v* x k, a' \- چۈشتىكى تاماقتىن قازاندا بار، قىزىق چاي بىلەن يە،- دەيدۇ ئانام ئەينەك ئالدىدا ئۆتكۈر پۇراقلىق بىر نەرسىلەرنى يۈز- قوللىرىغا سۇۋۇغاچ.
6 s' Q% t- N4 E/ c+ U$ |( V9 mبىز تىكلەپ قويۇلغان سەرەڭگە قېپىدەك تارچۇق، ئېگىز بىنادا ئولتۇرىمىز، دادام بىلەن ئانام سائەتلىرىگە قارىغاچ، «تېز بولمامسەن سۆرەلمە، كېچىكىپ قالىدىغان بولدۇق» دەپ بىر- بىرىگە كۇتۇلدىغاچ ئۆيدىن چىقىدۇ. تۆمۈر ئىشىك «جالاققىدە» ئېتىلگەن ھامان دېرىزە ئالدىغا يۈگۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن جىمجىتلىق ئىلكىدىكى زېرىكىشلىك مىنۇتلىرىم باشلىنىدۇ. بىردەم ياتاق ئۆيۈمگە، بىردەم مېھمانخانا ئۆيگە كىرىمەن. بىردەم ئولتۇرىمەن، بىردەم ئۆرە تۇرىمەن. نىشانسىز قەدەملىرىم موكىدەك توختىماي يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلەي دەپ سومكامنى قولۇمغا ئالىمەنيۇ، يەنە رايىم بارماي بۇلۇڭغا پاققىدە چۆرۈيمەن. مۈگدەك باسقان كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلاپ بېقىپ ئاخىر ئۇخلاپ قالىمەن. بىر چاغدا «ھۆ... ھۆ» دېگەن ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولىدۇ، بۇرنۇم بىر خىل قاڭسىق پۇراقتىن ئېچىشىدۇ، ئەتىسى چىڭقىلىپ ئاغرىغان كاللامغا سىنىپتا ھېچنىمە چۈشمەيدۇ.& C# t9 x T! ?& J
- مېنى ھەمىشە بۆشۈكتە ئۆيگە سولاپ قويۇپ...
g7 m `. q# D- u) H1 e" gدادام، ئانام چايغا تولا قاترىغانسېرى مەنمۇ بارا- بارا قاقشايدىغان بولۇپ قالدىم. تاپشۇرۇق ئىشلەشكە رايىم بارمىغان بىر كۈنى تېلىۋىزور ئاچتىم. ئائىلە تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن فىلىمكەن، قىزىقىپ كۆردۈم.8 [+ P' i+ `0 F' r7 b* U1 ~* B
بىر ئائىلە كىشىلىرى قىزغىن پاراڭلاشقاچ كەچلىك تاماققا ئولتۇردى. قىزچاق تەخسىدىن بىر تال گۆشنى قىسىپ دادىسىنىڭ قاچىسىغا سالدى، دادىسى قىزىنىڭ بېشىنى سىيلاپ ئەركىلىتىپ سۆيۈپ كەتتى. تاماق كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا يېيىلدى.
" M5 C7 @+ k) |# t* Y7 q; M, {* T' j- ئەمدى نېمە قىلىمىز؟2 m4 X" m- w: v3 C
- ئۆگىنىش قىلىمىز.
/ |/ \9 x( U& P/ ?قىزچاق دادىسىنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرگەچ ياتاق ئۆيىدىن بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. قىزچاق ئۆگىنىش ئۈستىلى ئالدىغا كېلىۋىدى، ئانىسى قولىغا بىر كىتابنى ئالدى. دادىسى ياندا ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرۈشكە باشلىدى. بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئائىلىمىزدىكى بۇرۇنقى بەختىيار مىنۇتلار ئېسىمدىن كەچتى:
9 Y9 Y1 O$ D `- ئەتە ئوغلىمىزنىڭ بايرىمى، باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلەيلى.4 i% x+ D7 g) u* j
- ئوغلىمىز ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئاپتۇ، يارايدۇ./ e7 z7 L! d" m) d; W4 p6 ~
- ئوغلۇم سەن ئامراق پولو ئەتتىم، مانا، كۆپرەك يە...
$ |5 h% B' B; n5 g+ a- `$ N- بۈگۈن ئوغلىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، راسا بىر تەبرىكلەيلى. ئانىسى يېقىنراق تۇرۇڭلار، بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ قوياي. ھە كۈلۈمسىرەڭلار...
3 T' R% B4 v1 W" wئۇلار «چاي» دېگەن نېمىنى نەدىن تاپتى، ئىللىق ئائىلە مۇزخانىغا ئايلاندى. چاناقلىرىمدا ئەگىگەن ياشنى قولۇمنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئاستا ئېرتىۋەتتىم.7 R5 S& {( x X% v/ t! x
دادام چاينىڭ گېپىنى قىلغان دەسلەپكى كۈنلەردە مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەنىدىم:4 ~2 \& ?6 v B& k9 u I( p
- چايغا بېرىپ نېمە قىلىسىلەر، دادا؟; v9 Z) {- Q& V# V
- چاي ئىچىمىز.
' v. v; N3 M4 F. d; a: F3 i( S- چاينى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىللە ئىچسەك بولمامدۇ؟
0 u( c; V& k1 H9 c. g- بالام، ئۇ... ئۇ... ئوخشىما... يدۇ.0 ?$ T4 Y4 _4 G5 L% K; u
دادامنىڭ كېكەچلەپ تۇرۇپ بەرگەن جاۋابىنى ئەمدىلەتىن ئويلىسام راستتىنلا ئوخشىمايدىكەن. ئۆيدە ئىچكەن چاي سىڭىشلىك چاي ئىكەن، تالادا ئىچكەن چاي ئۆينى سېسىقچىلىققا تولدۇرىدىغان چايكەن.6 l9 X- _ r( d( N# h; H5 A
بارا- بارا مەنمۇ ئۇلار «چايغا كەتتۇق» دېسە يۈگۈرۈپ بېرىپ دېرىزىدىن بۇيۇنداپ قارايدىغان ئادىتىمدىن قالدىم. بويۇنداپ قارىغان بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ مۇكىدەك تېز يۆتكىلىۋاتقان قەدىمىنى توختىتالمىسام...
7 {: E% F* G6 n. dبىر قېتىم ئۇلار چايغا كېتىپ، بوران چىقىپ بىردىنلا توك كەتتى. بوراننىڭ ئەنسىز ئاۋازى ئىچىدە جىن كېلىپ گېلىمنى بوغۇۋېتىدىغاندەك قورقۇپ كەتتىم. قاراڭغۇدا سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەستە تېلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قولۇمغا ئالدىملا:
( ^4 p( H$ M$ a6 v. y- دادا، توك كەتتى. قورقۇپ قالدىم. بالدۇرراق يېنىپ كېلەمسىلەر؟
3 A2 l0 n7 q; J# g1 y* M9 c, wتوۋلاش، ۋارقىراش، چىرقىراش، ئاللىقانداق گۈلدۈر- گۇپپاڭ مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدە دادامنىڭ بۇيرۇقى كەلدى:: W$ K( ?) v" D6 C
- بىردەم قاراڭغۇدا قالغانغا ئۆلەتتىڭمۇ، گۇي! ئىشىكنى ھىم تاقاپ ئولتۇر. ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ نېمە تېلىفۇن قىلىسەن؟
, \ K& {4 M& \# T* V% lدادام يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن، بىلمىدىم. تۇرۇپكىنى ئاستا قويۇۋەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار چايغا بارسا مېنى مومامنىڭ قېشىدا قالدۇرۇپ كېتىدىغان بولدى./ l$ I; b% L6 h3 ~& E
- بۈگۈن چېيىمىز بار، ئۇدۇل موماڭنىڭ ئۆيىگە بار., \: g6 V0 I# T$ E, e- X
بۇ گەپ بارا- بارا ماڭا ياغدەك ياقىدىغان بولدى. مومام زېرىكمەي نۇرغۇن ھېكايە- چۆچەكلەرنى دەپ بېرەتتى، ئېرىنمەي ئامراق تاماقلىرىمنى ئېتىپ بېرەتتى. ئوينىغىلى ماڭسام يانچۇقلىرىمغا گۈلە- قاق، چىلان، ئۈزۈم تولدۇرۇپ قوياتتى. قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن توپلىشىپ ئوينىغان ئويۇنلار بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. ئۇلار شۇنداق جىق ئويۇنلارنى بىلىدىكەن. باشتا مەن سەل- پەل ياتسىراپ قالغان بولساممۇ، كېيىن ئىچىكىپ كەتتىم. ئۇلاردىن نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئۆگىنىۋالدىم.: s9 r- o; @, v
- بۈگۈن يەنە چېيىمىز بار، مەكتەپتىن يېنىپ ئۇدۇل موماڭنىڭ ئۆيىگە بار،- دېدى دادام بىر كۈنى.+ V& u5 J3 M# f* V4 D8 X
مەن دادامنىڭ گېپىگە «خوپ» دېگۈچە ئانام ئېغىز ئاچتى:* ]; W* E. }6 ?8 I
- ئانام ئەتىگەندە قوشنا ناھىيىدىكى تۇغقانلارنىڭكىگە ماڭدى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كېلىدۇ.
' h; e8 o0 j9 r; Z: m- ئەمدى بۇنىچۇ؟ دادام بوينىنى سوزۇپ بېشى بىلەن مېنى ئىشارە قىلدى.
% q0 f5 c6 m X6 ^- ئۆيدە يالغۇز قورقىدىكەن، بىللە ئاپىرايلى.8 G* c4 C# m) s! R/ [
يولدا ئۇلار كەپسىزلىك قىلماسلىقىم، پاقلاندەك يۇۋاش بولۇشۇم ھەققىدە ئاغزى تالماي جېكىلەشتى. مەن ئۇلار نېمە دېسە بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ مېڭىۋەردىم. ئۇلار مېنى شاھ ئوردىسىدىنمۇ كاتتا بېزەلگەن، چاقماق چىراغلار ۋالىلداپ تۇرغان ئەينەك تاملىق چوڭ سارايغا باشلاپ كىردى. شۇنچە كۆپ يۇمىلاق ئۈستەللەرنىڭ بىرىنىڭمۇ بوش ئەمەسلىكىگە قاراپ جىمى ئادەملەر بۇ يەرگە يېيىش- ئىچىش مۇسابىقىسىگە كەلگەنمىكىن، دەپ قالدىم. بىرى قولىنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىۋىدى، دادام، ئانام شۇ تەرەپكە ماڭدى. مەنمۇ كەينىدىن ئەگەشتىم.' `: S: X/ A6 ?6 w- G
- ساقچى ئەگەشتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟
! P5 j8 Y1 h& w* A- سورۇننىڭ ئامانلىقى ياخشى بولغۇدەك. V1 D. |3 u% C6 j# H3 i- a" Y
- ۋەيت...6 W( K% k6 {- M- T# S q- H) g, Z
ئۇلار تىزلىرىغا شاپىلاقلاپ ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىنى تۇلۇق چۈشەنمىگەن بولساممۇ، دادام بىلەن ئانامنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ بىزنى مەسخىرە قىلدىمىكىن، دەپ ئويلىدىم. توختىماي كەلتۈرۈلگەن قورۇمىلار ناۋاي ئالدىدىكى ناندەك دۆۋىلىنىپ كەتتى.
: |! _) K; b+ ]$ k- چېيىمىزنى ئىچكەچ پاراڭلاشساق...+ {+ Q$ |# C3 y0 o$ P) W
بۈدۈر چاچ، كاشكاپ چۆگۈنىدەك بوينى يوق دوغىلاق بىرى شۇنداق دېگەچ بىر بوتولكىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. قاڭسىق پۇراق بۇرنۇمغا گۈپپىدە ئۇرۇلدى. دادام ئۆزىگە تەڭلەنگەن ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ ئاغزىغا ئاپاردى. پۈرۈشكەن چىرايى ۋە چايقالغان بېشىغا قاراپ دادامنىڭ بەكمۇ قىينالغانلىقىنى بىلىپ تۇردۇم. لېكىن، قىينىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا ئىچىدىغانلىقىنىڭ تېگىگە پەقەت يېتەلمىدىم. ئېغىز- بۇرۇندىن توختىماي سىرتقا پۈركۈلۈۋاتقان كۆكۈش ئىسلار ئارىسىدا مېڭەم زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى. مەن كىرپىدەك تۈگۈلۈپ يەرگە قاراپ جىم ئولتۇرىۋالدىم. كىملەردۇر ئىسقىرتاتتى. كىملەردۇر ۋارقىرايتتى.8 r; M) U8 Y% `# p& k( i; B y
- بىر ئائىلىگە 200 يۈەندىن توغرا كەلدى، چىقىرىڭلار.
& s8 x: g% n0 d Wھەقىچان مۇشۇ سورۇننىڭ گېپىنى قىلدىمىكىن، دېدىم. بۈدۈر چاچنىڭ گېپى بىلەن ھەممەيلەن يانچۇقلىرىنى كولاپ تۇتام- تۇتام پۇللارنى چىقىرىشىپ بۈدۈر چاچنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشتى. دادام تېخى ئەڭ ئالدىدا بەردى.# p1 M1 z' h3 ~7 H) x
- دادا، كىتابخانىغا يېڭىدىن بالىلار كىتابى كەپتۇ، ئېلىپ بىرىڭە؟
* E6 E. G+ A+ R# w& l; s- مەكتەپتىن بەرگەن كىتابچۇ؟ شۇنى ئوقۇ.
3 ]" P, o: g2 ]- سىنىپىمىزدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلماقچى ئىدۇق، پۇل بىرىڭ.
6 K; L6 |5 y6 n0 O$ \5 _- پۇل يوق.
; q( a3 G0 G/ _& O- مېنى باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلمەمسىز؟7 ~' u& C8 e; J5 @1 y, Y
- پۇل بولسا ئوينىتارمەن.2 E( s$ [8 P+ s1 t2 D2 U9 z( r) p
دادام بۈدۈر چاچقا قولىدىكى پۇللارنى ئۇزاتقاندا نېمىشقىكىن دادامنىڭ ئاشۇ گەپلىرى قۇلىقىم تۈۋىدە قايتا جاراڭلاپ ئەكىس سادا پەيدا قىلدى.# Z$ |" a4 R9 H
& }8 m' s, x5 x" J: c8 g2 B6 ^5 {& d( `1 C) k
يېتىم قىز
8 s: \1 r3 d: l: ]5 U% @
o( ?, r4 p2 N# s) s; {6 Nدادامنىڭ تۇيۇقسىز تۈگەپ كېتىشى ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. دادامنىڭ ماڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرى بار بولغىيدى...؟ ئۇنىمۇ ئاڭلاشقا نېسىپ بولمىدى. ئۇ كۈنى دادام ھويلىدا سامان تاسقاۋاتاتتى. بېشى پىررىدە قايدىمىكىن، غولىغا پالتا تەگكەن توغراقتەك كەينىگە يىقىلدى. يېنىدا تۇرۇپ تۇتۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم. جاۋغىيىدىن ئاپئاق كۆپۈك يىرىك، شالاڭ ساقىلىغا ساقىغاندەك بولۇپ جىمىپ قالدى. توۋا دەيمەن، ئادەمنىڭ جېنى دېگەن بىر نەپەس ئىكەنغۇ؟...6 W! N4 y% t4 _/ @. C# T3 p% l
ئۆتكەن يىلى ئانامدىن ئايرىلغان، مانا ئەمدى دادامدىنمۇ ئايرىلىپ تىكەندەك يالغۇز قالدىم./ d+ N5 X" d' a9 L$ c7 `
دادامنىڭ نەزىر- چىراغ ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ھاممام مېنى يېنىغا ئەكېلىۋالدى. مەن بۇ يېڭى ئۆيگە كۆنە- كۆنمەي تۇرۇپ بىر كۈنى ھاممام مۇنداق دېدى:
! Y* t/ u4 R3 H! X- ئوبدان قىزىم، سېنى يەنە ئوقۇتايلى دېسەك پۇل كېتىدۇ. تاغاڭ ئۇنىڭ- بۇنىڭ ئاغزىنى مايلاپ يۈرۈپ يولىنى قىلدى. سېنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈۋالدۇق. سەھرادا توپىغا مىلىنىپ يۈرگۈچە شەھەردە تۇر. تاغاڭنىڭ يېقىنلىرى ئىكەن، تەڭلىككە سېلىپ تۇرۇۋالدى.
0 X O T" W- J! J4 \- مەن ئۇ يەردە نېمە قىلىمەن؟
* ?: [- H+ m% T4 O! z: h( v- بالا باقىسەن، يېيىشىڭ گۆش، پولۇ، كىيىشىڭ يېڭى كىيىم بولىدۇ.2 d" D/ ^: b" j( `& Y7 V4 E5 Q& I
- بارمايمەن، گۆش، پولۇ يېمىسەم زاغرا يەمەن، يېڭى كىيىم كىيمىسەم يالىڭاچ قالماسمەن، ياق، بارمايمەن.
0 ^2 C/ f: T5 q7 ]- تۇرۇپ باق، كۆنەلمىسەڭ يەنە ئەكېلىۋالىمەن ئەمەسمۇ؟; k6 w2 d/ `+ S, ?
شۇ گەپلەر بولۇپ ئەتىسى ھاممامنىڭ ئۆيى ئالدىدا بىر لاتا پىكاپ توختىدى. مەن ھاممامغا شۇنچە يېلىنىپ- يالۋۇرغان بولساممۇ ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىكارغا كەتتى. ھاممام ھېلىقى لاتا پىكاپنى ھەيدەپ كەلگەن ئادەمگە بىر نېمىلەرنى دەيتتى. ئارىلاپ ماڭا قاپىقىمنى تۈرمەسلىك ھەققىدە كۆز ئىشارىسى قىلاتتى. كۆز ئالدىمغا بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرىتىپ، يەنە بىر قولىدا كىتاب ۋاراقلاپ ئولتۇرغان مىسكىن بىر قىز كەلدى. ئۇمۇ تېخى بالا ئىدىغۇ؟ بىراق ئەمدى ئۇ ئوقۇيالمايدۇ. ئاداشلىرى بىلەن ئۆتكەن غەمسىز كۈنلىرى مەڭگۈ قايتىلانماس چۈشكە ئايلاندى. ئۇ ئىلگىرى مەكتەپكە باراتتى. مانا ئەمدى مەكتەپكە بارغانلارنىڭ كەينىدىن بوينىنى قىسقانچە ھەۋەسلىنىپ تەلمۈرۈپ قارايدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرى بار ئىدى. ئەمدى شۇ گۈزەل ئارزۇلار... ئۇ ئەمدى ھاممىسى دېگەندەك بالا بېقىشى، تاماق ئېتىشى كىر- قات يۇيۇشى ئۆي تازىلىىشى، گاھى ئاچچىق تىل- ئاھانەتلەرنى ئاڭلىشى كېرەك..." q6 m3 \# b7 v, ~
- پاتىگۈل، كىيىملىرىڭنى چاپسان يىغىشتۇر قىزىم.
8 m9 M# v$ K& ^1 ^% b zھاممامنىڭ گېپى خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى. ئۇنىڭ گېپىنى يىرالماي، بوينۇمنى باغلىغاندەك پىكاپقا ئاستا چىقتىم. پىكاپ سىلكىنىپ، چايقىلىپ، نۇرغۇن ئېگىز- پەس دوقمۇشلاردىن ئۆتۈپ بىر چاغدا توختىدى., _- X/ Q; P S+ t/ S; C
- بىزنىڭ ئۆي مۇشۇ بىنادا.
3 {5 k4 b+ J9 K6 ~* tشوپۇر شۇنداق دېگەچ ئالدىمدا ماڭدى. تىكلەنگەن دورا قېپىدەك بىنالارنىڭ بىرىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەتتۇق.0 [& ~/ ?# S: K) W7 M' V
بەزى ئىشلاردا پېشانىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي نېمە ئامال؟ مەن ئامالنىڭ بارىچە ئۆيگە كۆنۈشكە- كۆنۈش ئۈچۈن ئىشچان، پاكىز بولۇشقا تىرىشتىم. مەن باقىدىغان بالا بەك ئوماقكەن، ئىچىكىپ كەتتىم، ئەمما ئانىسى بىلەن چىقىشالمىدىم.
: \% K B( i8 X* Z- ھەي پاتەك، ئۇكاڭنى ئۇنداق كۆتۈرمە... مەن ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم، يۆگەكلەرنى پاكىز يۇغىن دەپ. ياغاچ قۇلاق، گەپ ئاڭلىمايدىغان...
E" w y! v3 p1 Q- مەن دىققەت قىلاي ئاچا.
; ?( j! @& D8 a! s. W0 l: O/ \مەن ھەر قېتىم شۇنداق دەيتتىم. ئەمما، ئىچىمدە بىر ئوت كۆيەتتى. ئازابتىن ئىچىم سىقىلاتتى. مەن بارا- بارا دېرىزە سىرتىدىن قۇشقاچ سايراپ ئۆتسىمۇ قاتتىق ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ماڭا ھېچكىمنىڭ ئىگە بولماسلىقىغا ئىشەنمەيتتىم.
# L( T* Y! T- D) o. u- Z) iبۈگۈن مەن ئۆزۈمنى ئاققۇ پەيلىرىدەك يەڭگىل سەزدىم. نېمىشقا دەمسىلەر؟ چوڭلار مېنى كۆكتات ئەكېلىشكە بۇيرۇغانىدى، نەچچە كۈنى ئالدىدا مەكتىپىمگە يېزىپ يانچۇقۇمدا ساقلاپ كەلگەن خېتىمنى پوچتىدىن ماڭدۇرۇۋەتتىم. ئىشىنىمەنكى، مەن پات يېقىندا ئاداشلىرىمنىڭ نۇرانە چىرايىنى چۇقۇم كۆرەلەيمەن...
1 E! [* n$ G6 ?4 T: L, f$ e
9 p, t# s6 m' I. i6 b6 Y& X7 e
# ? c$ K, k/ M% o) C& x) Gمېنىڭ مەخپىيىتىم . N V1 g" @, }/ {
& T8 [4 r. q0 Y) ?* h$ [" E
ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈۋېتىپ تېمىدىن چەتنەپ يېزىلغان بىر ماقالىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. گەرچە مەن بالىلارنىڭ ئەركىن خارەكتېرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، «كۆڭلۈمدىكى گەپلەر» دېگەن تېمىدا ماقالە ئورۇنلاشتۇرغان بولساممۇ، ئوقۇغۇچۇم سەمەت «مېنىڭ مەخپىيىتىم» دەپ تېما قويۇپ، مەن بايقاشقا ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ماڭا دەپ بەرگەنىدى...
8 K) b& \, H( p0 ]«مۇئەللىم، سىز مېنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ئۈجمە خادىسىدەك ئۇزۇن بويۇمغا قاراپ ھەيران بولغانسىز. مەن بۇلۇتسىز ئاسماندەك كۆك كۆزۈمنى ھازىر تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. راستىنى دېسەم، بۇرۇن ساۋاقداشلىرىمنىڭ «ھەي، كۆك كۆز»... دېيىشلىرى ماڭا نىسبەتەن ھاقارەت بىلىنەتتى. ھازىر بۇنىڭغىمۇ بارا- بارا كۆنۈپ كەتتىم.! i5 U3 W1 O* s
ئېسىڭىزدىمىكىن، ئۆتكەندە سىنىپلار ئارا ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. سىز:0 S. J9 T" n: e/ B$ m$ r
- سەمەت، بويۇڭ ئېگىز بولغاندىكىن مەيدانغا چۈش،- دېدىڭىز.
7 Z. g6 s. J7 G0 _! [1 v/ G! Aمەن لام- جىم دېمەي يەرگە قراپ ئولتۇرۇۋالدىم. & H& c- M1 T0 Z d" s6 N4 Z: D/ g& |
- مۇئەللىم، ئۇ لەقۋا توپ ئوينىيالمايدۇ.5 F1 d# e& ]" z- e" \9 b% z
- ئۇ شادا پاچاق توپنى تۇتۇپمۇ باقمىغان...; I0 _+ R6 V& t, M" Q+ ]
ساۋاقداشلىرىم يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن، قۇلىقىمغا كىرمىدى. خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم.& Y, y2 e; b" K6 V( P* \
توقۇز- ئون ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك. بىر كۈنى ھاممامنىڭ ئۆيىدىن يېنىپ كېلىۋاتسام يول بويىدىكى جىگدىلىك شورا پاراس- پۇرۇس قىلغاندەك قىلدى، قارىسام توپتەك سېمىز، تامدەك ئېگىز تاغىل ئىت ئاچا قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ، چىشلىرنى ھىڭگايتىپ ماڭا ئېتىلماسمۇ، جان- مانىم چىقىپ كەتتى. مەن قاچىمەن، ئۇ قوغلايدۇ، قېچىپ- قېچىپ بىر ئېرىققا كەلگەندە پۇتلىشىپ يىقىلدىم. سول پۇتۇمنى «ھاپ» قىلىپ سىكىشلىگەننى غۇۋا سەزگەندەك قىلدىم. ئاڭغۇچە يولدىن ئۆتكەنلەر بىر نېمىلەرنى قىلىپ ئىتنى ياندۇرغان بولدى." e1 m/ x; c; c+ s; b! L
- بۇ قاسىم قوتازغا نەچچە دېدۇق ئىتىڭنى باغلاپ باق دەپ.
0 O- Y) ^" N$ q- پۇتىنىڭ بۇلجۇڭ گۆشىنى كونا چاپاندەك تىتىۋېتىپتۇ...9 ~8 L v) [3 z; Z+ W9 R* h3 S N
- ساقىيارمۇ؟
+ D9 t/ W2 A, D9 H, }- ھەي، بىر نېمە دېمەك تەس جۇمۇ؟1 b- `' G8 {6 ^" v+ z# ?, Y
...: U! C, n$ v3 D5 ~
ئۆيدىكىلەر قۇلىقى ئاڭلىغان داۋالارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. «ساقىيىىپ كەتتىڭ، ئازىراق تاتۇقى قالدى شۇ» دېدى دادام. يول ماڭسام باشقا تەسىرى بولغاندەك ئەمەس. لېكىن، يۈگۈرگەندە سول پۇتۇمنىڭ ئوڭ پۇتۇمدىن قىسقىلىنى ھېس قىلىپ قالدىم. توپنى ئوينىيالمايمەن ئەمەس، راۋۇرۇس ئوينايمەن. ئەمما مەيداندا بالىلار پۇتۇمنى سۆرىگىنىمنى سېزىپ قالسا ماڭا يەنە «توكۇر» دەپ يېڭى لەقەم قويۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدىم.8 r( J- T+ P1 d" p: {% }/ O
ئىلگىرى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا شارقىراتمىغا بېرىپ چۆمۈلۈپ كېلەتتۇق. پۇتۇمنى كۆرسە «تاتۇق» دېيىشىدىن قورقۇپ بارا- بارا ئۇلار بىلەن بىللە بارمايدىغان بولدۇم. 1 x; S* z% g/ ^2 G, C& _) G( i
مەن كۈچ- ماغدۇرىدىن قالغان سەلىمىخان مومامنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بەرگىلى خېلى يىللار بولغانىدى. بىر كۈنى مەن مومامنىڭ سۈينى توشۇپ، ئوتۇنلىرىنى يېرىپ بېرىپ قايتاي، دەپ ھويلا ئىشىكى ئالدىغا كەلسەم سىز قوشنا ھويلىغا كىرىپ كەتتىڭىز، ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىپ ئاران ئۈلگۈردۈم. ئەگەر دوقۇرۇشۇپ قېلىپ، «بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن سەمەت» دېگەن بولسىڭىز نېمە دەر ئىدىم. بەلكىم قىزىرىپ يەرگە قاراپ تۇرغان بولار ئىدىم. مەن بۇ ئىشلىرىمنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمايتتىم. سەلىمىخان مومادىن سىز كىرىپ كەتكەن ھويلىنىڭ چوڭ ھويلىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دوقۇرۇشۇپ قېلىشىتن قورقۇپ، بىر ھەپتە بولدى ئۇ يەرگىمۇ بارالمىدىم.
2 [# W4 H0 l' V3 lتۈنۈگۈن ياغقان يامغۇر يوللارنى پاتقاق قىلىۋېتىپتۇ. مەكتەپكە كەلسەم بالىلار پاتقاقتىن قېچىپ ياندىكى گۈللۈكنى دەسسەپ ئۆتۈۋېتىپتۇ. بىر تال ئۇرۇقنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل بولمىقى ئاسانمۇ؟ كاللامغا بۇ ئەقىل قانداق كەلدىكىن بىلمەيمەن، كۆمۈرخانا يېنىغا تۆكۈپ قويغان شاخارلارنى ھارۋىغا ئۇسۇپ پاتقاقلار ئۈستىگە تۆكۈپ تەكشى يېيىتتىم. بۇ ئىشنىمۇ شۇنچىلىك چاقماق تېزلىكىدە قىلدىمكى، ھېچكىمنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى پەقەت خالىمايتتىم. مەن ھېچنىمە دېمىسەممۇ، بالىلار ئەمدى مەن تەكشى يېيىتقان شاخار ئۈستىدىن ماڭدى. شۇ چاغدا ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى. بىر چاغدا بۇ يولدا سىز پەيدا بولۇپ، ياندىكى گۈللۈكلەرنىڭ شادىلىرىنى تىكلەپ، ھىملەپ قويۇپ مەكتەپكە كىردىكىز. ئەگەر مەن شاخار باسقان ھارۋىنى سۆرەپ پاتقاقلىققا كەلگەندە سىز ئۇچراپ قالغان بولسىڭىز خىجىللىقتىن ئۆلگەن بولاتتىم. مەن سىزنىڭ پاتقاقسىز يولدا مېڭىشىڭىزغا ياردەم قىلالىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەك ئەركىن سەزدىم.) o9 @$ T5 n) I7 o: g+ w p# g
مۇئەللىم، سىز «كۆڭلۈڭلاردىكى گەپلەرنى يېزىڭلار» دېسىڭىز، مەن نېمىلەرنى يېزىپ كەتتىم.
# @" M+ F! @' i$ }% `ئەمدى كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، مۇئەللىم، سىز مېنىڭ يۈرەكسىزلىكىمنى، تارتىنچاقلىقىمنى يېڭىشىمگە ياردەم بەرسىڭىز...»! ?4 K2 R4 D6 {& D; c
$ S7 I3 \( a# i
7 |# ^" i+ Y$ [6 ]- p2 |
/ ~0 A; D& j% y, `* i( V' k7 U0 s& A
ئاق بۇلۇت
& Y% T- `6 s: k& f; @7 R: `4 y, x L9 k0 g$ T: D& D' L
ئۇ ھاياتىدا بۇنچە تېز ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى. ئۇ تۇرمۇش بېغىنى ياشناتماقچى بولۇپ نۇرغۇنلىغان بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، پەقەت بۇ باغنى ئالتە يىللا ساقلاپ قالالىدى. ئاخىر سارغايغان ياپراقلار خازان پەسلىنى ھاسىل قىلدى. ئۇ شۇنچە ئويلىسىمۇ، ئۆزىدىن نېمە سەۋەنلىك ئۆتۈلگەنلىكىنى ھېس قىلالمىدى. بەخت قوينىغا ئىنتىلگەن بىر ئائىلىنىڭ شاد- خوراملىققا تولغان كۈنلىرى توزغاقتەك تۇزۇپ، تۈتۈندەك يوقالدى. + A, F6 z0 |" [
ئەمما ئۇ ئاجراشقان كۈنى بەش ياشلىق ئوغلىنى يېتىلەپلا ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئۆيدىن سويغان پىيازدەكلا چىقىپ كەتتى. ئۇ ھېلىھەم ئۆزىدىن سۆيۈنەتتى. شۇ چاغدا ئېرىنى تىللىمىدى. ئىچىنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى. چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلىمىدى، ھەتتا بىر تامچە ياش تۆكۈش تۈگۈل، كىرپىكىمۇ نەمدەلمىدى... شۇ چاغدا ئېرىنىڭ «ئاجرىشىپ كېتەيلى!» دېگەن سۆزى قەلبىگە بىر تاغ يىقىتىپ، كەلكۈن باشلىغان بولسىمۇ، ئۇ بەرداشلىق بېرىپ، ئوغلىنى يېتىلەپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. پاختىدا چوغ ساقلىغىلى بولمىغاندەك، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئانىسى بۇ ئىشلارنى بىلدى، بىر نەچچە كۈن قىزىغا قېيدىدى، تەتۈر قاراپ يۈردى. ئۇ ئانىسىغا تۆكەلەيدىغان دەردلىرنى تۆكتى، تۆكەلمەيدىغانلىرنى ئىچىگە يۇتتى. قىزىنىڭ تۆككەن ياشلىرى ئانىنىڭ باغرىنى بارا- بارا ئېرىتىپ، قىزىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلدى. V. a9 w& \. B$ _4 c5 A
ئۇ ئوغلىنى يېتىلەپ، كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پات- پات بۇ يەرگە كېلەتتى. ئوغلىنىڭ چىملىقتا ئوغلاقتەك دىك- دىك سەكرەشلىرىگە، چاقپەلەكتەك پىرقىراشلىرىغا، موللاق ئېتىشلىرىغا، مۇشتۇمچىلىك توپنى تېپىپ ئويناشلىرىغا زوقلىنىپ قاراپ كېتەتتى، ھەتتا بەزىدە ئۆزىمۇ بىللە ئوينىشىپ بېرەتتى. ئۇ بۈگۈنمۇ ئوغلىنى يېتىلەپ چىملىققا كەلدى. ئوغلى ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىلارغا قاراپ ئانىسىدىن سورىدى:
6 f. a# ]- a: x6 }- ئانا، بۇ يول بىلەن نەگە بارىدۇ؟( v1 p; n/ S% T' U+ ]
- يىراق- يىراققا بارىدۇ.7 m* W" f" t+ K
- زادى نەگە بارىدۇ؟- قىزىقسىنىپ سورىدى بالىسى.8 H5 G G' s4 Z4 D4 i
- چوڭ بولغاندا بىلىسەن.! S% i% ^+ l; ^/ R, T
- ئانا، قارا، ئاسمان بۈگۈنمۇ سۈزۈككەن، بۇلۇت چۇقۇم ئاق.. j# N" Z' \! O; B; q
- كىم شۇنداق دەيدۇ؟
0 f; m% h: n* b w1 r+ J% m- مومام چۆچىكىدە «ئاسمان سۈزۈك، بۇلۇت ئاق» دېدى.( ~6 r9 o- ?. ]! ?5 A" a' x5 c$ Y6 x
- بولدى، بولدى، ئويۇنىڭنى ئوينىغىنە بالام.6 W' }, t) ^' q0 E6 Q# X
بالا چىملىققا سەكرەپ ئويناشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھارغانلىقىنى ھېس قىلىپ، چىم ئۈستىدە ئاستاغىنە ئولتۇردى. شۇنچە تىرىشسىمۇ، تەگسىز خىياللار ئۆتمۇش كارتىنىلىرىنى بىر- بىرلەپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يېيىشقا باشلىدى.
: p0 [2 R" b/ ?. m4 J1 p# rئۇ ھاياتلىق ئالىمىگە «ئىڭڭە» دەپ كۆز ئېچىپ نەچچە باھار، قىشنى ئۇزىتىپ ئەقلىگە كەلگەندە، يالغۇز ئانىسىنىڭ چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ ئۆزىنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. دادىسىنى سورىۋېدى، ئانىسى سۈزۈلۈشكە باشلىغا يىپەك ياغلىقنىڭ بۇرجىكى بىلەن كۆزىگە بۇلاق سۈيىدەك مۆللىدە يىغىلىپ قالغان يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى دەپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ قەلبىدە بىر بوشلۇق پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ بوشلۇق ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىگە باھار ئىللىقلىقىنى ئەمەس، جۇدۇن ئۈششۈكىنى باشلاپ كېرەتتى. تەڭ دېمەتلىك ئادىشىنىڭ دادىسىغا، ئانىسىغا ئەركىلىگىنىنى، بىر قولىدا ئانىسىنىڭ، بىر قولىدا دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ مېڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسە قەلبىنى غېرىپلىق باساتتى. دادىلار ئامراق بالىلىرىغا كەمپۈت، تاتلىق- تۇرۇم بەرگنە چاغلىرىدا ئىختىيارسىز ئالىقىنىغا قاراپ كېتەتتى. ئۇ نېمىنىڭ دادا مېھرى، دادا مۇھەببىتى ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدىن باشلاپ ھېس قىلدى. بارا- بارا تۇرمۇش ئۇنىڭغا قانائەتچان، چىدامچان بولۇشنى ئۆگەتتى.
: U: c4 b. Z; m' Fئانىسى «قىزىم، ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا، ئاسمان سۈزۈك، بۇلۇت ئاق، تىرىشىپ ئوقۇڭ» دەپ ئىلھاملاندۇراتتى. دەرۋەقە، ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تىرىشىپ ئوقۇدى. ئاخىر ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردى.
: ~, M2 S- T$ Z5 H! Q/ w- ئامىنە، سىزگە مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىدىن چاقىرىق كەپتۇ.
8 r, w8 w! w' a. F; qدوستىنىڭ بۇ گېپى ئۇنى چەكسىز سۆيۈندۈردى. ئۇ چاقىرىق قەغەزنى باغرىغا بېسىپ تاراملاپ ياش تۆكتى. «دادام بولغان بولسا ئاپىرىن قىزىم ئاپىرىن!» دەپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويار ئىدى. مەن چاقىرىق قەغەزنى باغرىمغا باسقاندەك مېنى دادىلىق مېھرى بىلەن باغرىغا مەھكەم باسار ئىدى...»
+ F* v: a: i6 P! d/ S0 c- Q1 Zدادىسى ئۇنى باغرىغا باسالمىغان بولسىمۇ، ئانىسى ئۇنى باغرىغا باستى. «جەمەتىمىزدىنمۇ كادىر چىقىدىغان بولدى» دېيىشىپ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئۆرىتۆپە بولۇشۇپ كەتتى. ئالىي مەكتەپكە چىرايلىققىنە يولغا سېلىپ قويدى.; j1 w3 h2 M# W$ j3 E
ئامىنەنىڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئىشقا ئورۇنلاشقىنىغىمۇ ئىككى، ئۈچ ئاي بولۇپ قالدى. ئۇ جۈدەڭگۈ، چېكە چاچلىرىنى ئاق ئارىلىغان ئانىسىغا ھەر قېتىم قارىسا قەۋەتلا ئىچى ئاغرىيتتى. ئۆزىنى دەپ تارتقان جاپالىرىغا لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئويلاپ پايپېتەك بولاتتى. چامىنىڭ يېتىشىچە ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى. ۋاقىت چىقىرىپ ئانىسىنىڭ چېچىنى تاراپ، بېلىنى مۇجۇپ قوياتتى. ئانىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلارنى دەپ بىرەتتى، ئىلگىرىكى بەختىيار كۈنلەرنى ئەسلەپ بېرەتى. گاھىدا ئانا- بالا ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلىشاتتى. ئانا گەرچە قىزىنىڭ ئالدىدا تاغدەك مەزمۇت تۇرسىمۇ، بەزىدە جىمغۇلىشىپ كېتەتتى. # p ?6 Z8 X( J+ w6 W
قىزنىڭ ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملاپ كەلگەنلىكىدىن ئانا سۆيۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىنى توي غېمى ساراسىمىگە سالاتتى. شۇڭا، ئۇ پات- پات قىزىدىن گەپ ئارىلاپ لايىقىنىڭ بار يوقلۇقى توغرىىسدا چېكىپ باقتى. كېيىن يەنە نۇرغۇن دە تالاشلار بولدى. ئامىنە ئارىدا نەچچە قېتىم تىركىشىپ باققان بولسىمۇ، يەنىلا ئانىنىڭ كۆز يېشى غالىپ كەلدى. توي ھەر ھالدا تىنچ، خاتىرجەم ئۆتتى.7 n9 N! U! N3 P! X, C
رئاللىقنىڭ پەپىلىشى، كۆندۈرۈشى بىلەن ئۆزىنىڭ خىياللىرىدىن ۋاز كېچىپ رېئاللىققا يۈزلىنىپ، بارلىق ھېسسىياتىنى ئائىلىسگە بېغىشلىغان ئامىنە، يولدىشىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنىشىنى، غەمخورلۇق قىلىىشنى ئۈمىد قىلاتتى. يېڭى توي قىلغان چاغلاردا ئۇ بۇ ئۈمىدكە ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ، كېيىن بارا- بارا ئۇنداق بولمىدى. ئامىنە باشتا قاقشاپ باقتى، مىشىلداپ يىغلىدى، يالۋۇرۇپ باقتى. كېيىن بارا- بارا بۇ خىل تۇرمۇشقىمۇ كۆنۈپ كەتتى. سادىق ئۆيگە كەلمىگەن كېچىلىرى ئەنسىز خىياللار بىلەن يۈرىكى ئېغىپ سۇ بولدى. ئورۇنسىز جەڭگى- جېدەللەردىن ھەر قانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمىدى. قىسقىسى، ئامىنە بۇ ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زو تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولماي ئاخىر ئاجرىشىپ كەتتى.1 {( |) |' s2 t" p: r
ئامىنە بەزى ئادەملەرنىڭ تەقدىرى تۇغۇلۇشىدىنلا كاج ئوخشايدۇ، نېمىشقا تەقدىر مېنىڭ بېشىمدىلا ياڭاق چاقىدۇ دەپ ئويلايتتى. ئۇ بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇشقا تىرىشىپ، ئوغلىنى يېتىلەپ پات- پات چىملىققا كېلەتتى.9 p* s1 `& Z3 u- _
بۇ چىملىقتا يېقىن ئولتۇرۇپ بىر- بىرى بىلەن سىردىشىۋاتقان ئاق چاي بوۋي- مومايلارنىمۇ، ئەدىيال ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىپ كىتاب كۆرۈۋاتقانلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئامىنە ئوغلىنى يېتىلەپ ھەر قېتىم كەلگىنىدە 30 ياشلاردىكى بىر يېگىتنىڭ دائىم بىر يەردە ئولتۇرۇپ بىر نۇقتىغا تىكىلىپ رەسىم سىزىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى. بىر كۈنى ئوغلى قولىدىكى توپنى كۈچەپ بىر تېپىۋېدى، توپ قاڭقىپ بېرىپ ئۇنىڭ رەسىم جازىسىنى ئۆرۈۋەتتى. رەسسام يىگىت جازىسىنى ئۈن- تىنسىز ئوڭشاپ توپنى بالىغا بەردى. بالا مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، ئۇنىڭ قولىغا يەنە بىر نەچچە پارچە رەسىم تۇتقۇزۇپ قويدى. بالا ۋاراقلاپ كۆرۈۋېدى، بىرىدە ئانا- بالا ئىككىسىنىڭ چىملىقتا ئولتۇرۇپ يىراققا قاراۋاتقانلىقىنى، بىرىدە بالىنىڭ موللاق ئاتقىنى، بىرىدە توپ تەپكىنى سىزىلىپتۇ.
2 @) }+ @4 u$ Y7 `# Y- ئانا، بۇنى كۆرۈپ باقە، ئاۋۇ ئاكام سىزىپتۇ، بۇ ئاكام يەسلىدە بىزگە رەسىم سىزىپ بېرىدىغان مۇئەللىمدىن ئۇستىكەن،- دېدى بالا.$ p& y8 O. J4 J# s
ئامىنە قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ، ھېچنېمە دېمىدى، ئەمما بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن چىملىقتا ئۇ ياش رەسسامنى كۆرمىدى.
2 t5 T" m/ z9 F2 H/ Q% t5 y- ئانا، رەسسام ئاكاش كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ئۇ ماڭا ھەر قېتىمدا جىق رەسىم سىزىپ بېرەتتى. . ~% C$ g" v, l7 M/ c, H2 U
- ئۆيىدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى،- دېدى ياندا تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان پاكار بوي، تەمبەل بىر بوۋي،- مەن ئۇنىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرىمەن، ھېلىلا دورىسىنى ئىچۈرۈپ قويۇپ كېلىشىم.6 j# h% g0 h8 X2 {! p! Q
- نېمە كېسەل بىلەن يېتىپ قالدى بوۋا؟- سورىدى بالا.
3 n8 b, j$ ?- ~- c! C- ئىچ ئاغرىق كېسىلى بالام، ئۇ تۇغما گاچا، ئۇنىڭ سىزدەك ئوماق بىر پەرزەنت يۈزى كۆرگۈسى بار ئىدى. ئايالىغا بەك مېھرىبان، ئامراق ئىدى، ئايالى تۇغۇتىدىلا ئۇ دۇنياغا كەتتى. ئىچ ئاغرىقتا بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى. بالىغا ئامراقلىقىدىن ھەر كۈنى چىملىققا كېلىپ بالىلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ چاپلايدۇ. تېمىنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ رەسىمى بىلەن لىق تولۇپ كەتتى. ھە راست، بالام، سىزنىڭمۇ نۇرغۇن رەسىملىرىڭىز بار. ئىست، ياش تۇرۇپ كېسەل چاقتىغۇ ئۇ بالىنى،- بوۋاي توختىماي بوينىنى ئىككى يانغا ئىرغىتتى.
1 \, d2 ~+ ^& Q3 p# G& C2 G0 z- ئانا، ئۇ ئاكامنى يوقلاپ كېلەيلىچۇ؟ سەن دوختۇر بولغاندىكىن تەكشۈرۈپ باق.
8 L$ O8 W$ }/ a+ \! Rئامىنە تۇرمۇش يۈكىنىڭ ئېغىرلىقىدىنمۇ يا روھىي بېسىم ئىسكەنجىسىدە قالغىنى ئۈچۈنمۇ، ئەيتاۋۇر، ئۆزىنى تۈگمەن تېشى ئاستىدا قالغان چۆپتەك ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگۈسى كەلمىدى." G% x8 U' A& D9 L3 x- u
- ئانا، ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن، رەسسام ئاكامنى يوقلاپ كېلەيلىچۇ؟# u; S& l( c5 m p6 g T" a& F
ئامىنە ئوغلىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن باشقا گەپ باشلىدى:
! W! P3 i$ w" K0 v- ?: j# m$ a- بالام، بۈگۈن ھاۋا ئوچۇقكەن- ھە؟
: y5 @4 k% @1 C9 ~* c: g7 P- ئاسمان سۈزۈك، بۇلۇت ئاق، باش كۆتۈرۈپ قاراپ باق.
+ q* S) A, K# b- yئامىنە ئوغلىنىڭ جاۋابىدىن سۆيۈنۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئەينەكتەك سۈزۈك ئاسماندا قاردەك ئاپئاق بىر توپ بۇلۇت ئەركىن ئۈزۈشۈپ يۈرۈپتۇ. ئۇ ئوغلىنىڭ بېشىنى سىيلىغاچ چىملىقتا ئۇزاق ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئورنىدىن تۇردى. گۇگۇم قوينىدا ئىككى گەۋدە بارا- بارا چۈمۈلىنىڭ كۆزىدەك ئىككى چېكىتكە ئايلىنىشقا باشلىدى.
) i- \& h- R, g" ]- p yرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان - ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|