ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1449|ئىنكاس: 1

دەرىس ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھا ...تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

خەۋەر
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
  b( V1 n2 e: P! f
co120404232J1-0.jpg

) q6 U4 P8 b, x) h: z+ T  h; Oيازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 1972 - يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى يېڭى مەھەللە كەنتىدە تۇغۇلغان. 1992 - يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك دارىمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ 1998 - يىلى تىل - ئەدەبىيات كەسپى بۇيىچە تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغان. 1992 - يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان پىچان ناھىيە تۇيۇق مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000 - يىلى 8 - ئايدىن بۇيان تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. 2004 - يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «كەسپ ۋە ئەخلاقتا تەڭ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر يازغۇچى»، 2005 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «10 مۇنەۋۋەر» ياش بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
' f2 c0 `0 ?. [( U" M5 K) b0 o/ l! V& U( t) z; w
  ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى 7 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.; I* U: d- h$ W* D; Z. W8 j" w
+ e! J$ o% f* N5 ?9 R& |
  يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 1989 - يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مەن دوستلۇققا يارىمايمەنمۇ؟» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان بولۇپ، «ياۋا جىگدە»، «ئىشقىم قايتا قوزغالدى» قاتارلىق ھېكايىلىرى، «ئەتىرگۈلگە خۇشتار قىز»، «ئانا، مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك» قاتارلىق نەسىرلىرى، «بۇلبۇلدىن گۇمانلىنىمەن»، «مۇھەببەتنىڭ خەتنىسى يېرىم» قاتارلىق شېئىر - داستانلىرى، «چاڭ باسقان ئالتۇن»، «سىم - سىم ئىشىكنى ئاچ» قاتارلىق پوۋېستلىرى، «ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تەۋەرۈك تونى»، «سەن ساقچى بولساڭ، مەن پۇقرا» قاتارلىق ئەدەبىي خاتىرە، فېليەتونلىرى، «زوقلار جىلۋىسى»، «شېئىرىيىتىمىزدىكى يېڭى يۈزلىنىش» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوبزورلىرى ۋە «كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل» قاتارلىق رومانلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «دوختۇرلارمۇ ياش تۆكىدۇ» ناملىق ھېكايىسى، «ئانا، مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك» ناملىق نەسىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىگە، «زىلالىگۈلنىڭ ئويۇنچۇق دوستلىرى» ناملىق چاتما چۆچىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. تۆت پارچە ھېكايىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «تۇرپان» ژۇرنىلى (خەنزۇچىسى)، «جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئۇ سېنارىيسىنى يازغان (شىرئەلى ھوشۇر بىلەن بىللە) «ئېھ، قىزىل لېنتا» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قازاقچە نۇسخىلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا، خەنزۇچىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن ۋە مەملىكەت بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
5 q2 T" s' P  V* [
% T8 x9 W5 d  Q7 b- {- f  ئۇنىڭ «ئۆلۈم ۋەھىمىسى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى (2000)، «چاڭ باسقان ئالتۇن» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى (2000)، «تاشقا ئايلانغان كۆز - يېشى» ناملىق رومانى(2003)، «تىل - ئەدەبىيات تەكرار يېتەكچىسى» ناملىق ئوقۇتۇش پايدىلىنىش ماتېرىيالى( 2002)، «ئىناق دوستلار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى،(2005)، «بالىلىقتا سوئال كۆپ» ناملىق رومانى (2006)، «سېۋەتچىلىك ۋە بورىچىلىق» ناملىق پەن - تېخنىكا ئوقۇشلىقى(2007)، «كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل» ناملىق رومانى(2009)، «پادىچى ۋاڭ» ناملىق تارىخىي رومانى(2010)، «ئازغان كۆڭۈل» ناملىق رومانى(2011) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. «41 يالغان»، «ئالتۇن بالاسى»، «مۇھەببەت داۋانلىرىدا»، «دورامچىنىڭ كەچۈرمىشى»، «ئېھ، قىزىل لېنتا»، «ساھىپجامال ئوغرى»، «ۋەھىمىلىك بۇلبۇل باغچىسى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىنىڭ سېنارىيىسىنى يازغان، رېژىسسورلىقىنى قىلغان.
% t( F% k4 d( X$ {( l' G
! ~: q3 q' Z; t+ ~0 Y# b8 Q  ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ «تۆت تال شاكىلات» ناملىق ھېكايىسى 1990 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان «غۇنچە مۇكاپاتى ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسى»دە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «غۇۋا چىراق» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى 1993 - يىلى شىنجاڭ بۇيىچە گېزىت ئەدەبىيات بەتلىرىنى باھالاشتا 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئۇششاق باشلىقلار» ناملىق ھېكايىسى 1994 - يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «خوراز تۇغقان تۇخۇم» ناملىق ھېكايىسى 1994 - يىلى «تۇرپان گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «پاقلان ۋە بالىلار» ناملىق ھېكايىسى 1998 - يىلى «قۇمۇل ئەدەبىياتى» تەرىپىدىن 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «داۋۇت دىڭ قۇلاق» ناملىق پوۋېستى 1999 - يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «قان شۇنداق تۆكۈلگەن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى سىنارىيىسى 2000 - يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ياۋا جىگدە» ناملىق ھېكايىسى(1996)، «داۋۇت دىڭ قۇلاق» ناملىق پوۋېستى (2000)، «ئانا، مېنى تۇغقان كۈنىڭگە مۇبارەك» ناملىق نەسىرى (2003) 3 قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «چەمبەردىن چىقىش» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» تەرىپىدىن 2005 - يىلى 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «دەپ قويغىنىم ياخشى» ناملىق فېليەتونى 2004 - يىلى «تۇرپان» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىدە 1 - دەرىجىلىك «ئىزچىلار لوڭقىسى» مۇكاپاتىغا، «ئاتام كېتىپتۇ خوش دېمەي» ناملىق داستانى 2010 - يىلى «تۇرپان گېزىتى» تەرىپىدىن 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «قارا سىياھ»، «قىزىمغا ئارخىپ» قاتارلىق ئون پارچىدەك ھېكايە - نەسىرى «تۇرپان گېزىتى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «تۇرپان» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

2

يازما

49

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
9 سەر
تۆھپە
7 سەر
تىللا
23 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-20 00:06:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، داۋاملىق تېرىشىڭ....   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗