خەۋەرئۆچكىنىڭ ئوغرى تۇتۇشى
& _ @" z/ B- A$ n; i; \# X& O(مەسەل)
z/ e }4 L. e: {+ D توختىمۇھەممەت تۇراجان) E7 `$ s5 B e ~. J' F$ Y
( m5 ?; j! c [2 k0 D ئۆچكە بوۋاينىڭ كۆكتاتلىرى بەك ئوخشاپتۇ. بىراق، كۆكتاتلىققا ئوغرى ئۆگىنىۋالغاچقا ئۆچكە ئوغرىلارنى تۇتماقچى بوپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا غاز بىلەن توشقان يېنىك دەسسەپ كۆكتاتلىققا كەپتۇ ۋە ئەڭ ئوخشىغان كۆكتاتلارنى يۇلۇشقا باشلاپتۇ. ئۆچكە بالىلىرى بىلەن كېلىپ ئۇلارنى تۇتۇۋاپتۇ. ئۆچكە ئۇلارنى سوراققا تارتىپتۇ. بىراق، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇلاردىن جاۋاب ئالالماي ئۇلارنى قايناق سۇغا باسماقچى بوپتۇ. بۇ چاغدا توشقان ئۆچكىگە يالۋۇرۇپ: ‹‹ماڭا ئوغرىلىق قىلىشنى غاز ئۆگەتكەن›› دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئۆچكىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ ۋە غازنىڭ تۇمشۇقىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ ياپىلاق قىلىۋېتىپتۇ. غاز ئاغرىققا چىدىماي: ‹‹ئوغرىلىققا ئاۋۋال توشقان كىرىپتىكەن›› دەپتۇ. ئۆچكە توشقاننى شاپىلاق بىلەن تازا ساپتۇ. توشقان يۈزىنى قاچۇرۇۋالغاچقا كۆزىگە بىرنەچچە شاپىلاق تېگىپ قىزىرىپ كېتىپتۇ. توشقان بەك قورقۇپ كەتكەچكە ھەممىنى ئىقرار قىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋۋال يېسسىۋېلەك ئوغرىلاپ ئېرىقتا يۇيۇۋاتقاندا غازنىڭ كۆرۈپ قالغانلىقىنى، غازنىڭ ئۆزى بىلەن دوست بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ بۇ يېسسىۋېلەكنى نەدىن ئالغانلىقىنى سوراپ بىلىۋالغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسىنىڭ بىللە ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۆچكە توشقاننىڭ قۇلاقلىرىدىن، غازنىڭ بوينىدىن كۆتۈرۈپ ئۇلارنى سازايى قىلىپ غازنى سازلىققا، توشقاننى جاڭگالغا تاشلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن توشقان ئۇۋىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوت – چۆپنى، غاز كىشىلەرنىڭ كۆكتاتلىرىنى يېمەيدىغان بوپتۇ. غاز ۋە توشقان كۈنبويى سازايى قىلىنغاچقا غازنىڭ بوينى، توشقاننىڭ قۇلىقى ئۇزىراپ ھازىرقىدەك بولۇپ قاپتۇ.
. B6 L* w) V `
0 L1 D; b$ k0 L& t. V2 M& X' s (ئاپتور قاراقاش ناھىيەسى زاۋا يېزىلىق 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)5 S( u4 @2 z" W1 B% J. }( _
2 }. [% L' o1 x& \ W- k9 P
مەنبە:شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر تورى
- @- v ]+ W+ e0 w: s. U
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |