ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 868 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1627|ئىنكاس: 1

ناخشا قاغا بىلەن قارلىغاچيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
خەۋەرقاغا بىلەن قارلىغاچ 8 X; f0 c& ]  b, _; L
(چۆچەك); m. i$ d7 |8 W( ~! U
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار+ e( f6 k/ |5 T3 o
      1. بۇرۇن كاتتا بىر باغدا سۇمۇرغ دەيدىغان قۇش بولۇپ 72 خىل ھۈنەرنى بىلىدىكەن. قايسى قۇش ھۈنەر ئۆگەنگىلى كەلسە زېرىكمەي – تېرىكمەي ئۆگىتىدىكەن. شۇ كۈنلەردە قاغا بىلەن قارلىغاچ ھۈنەر ئۆگەنگىلى سۇمۇرغنىڭ ھۇزۇرىغا كەپتۇ. سۇمۇرغ ئۇلاردىن قايسى ھۈنەرنى ئۆگەنمەكچى بولغانلىقىنى سوراپتۇ.
& x0 z3 D& e1 ?) w! b% I8 y
5 e- n) r# \/ _3 A5 ]1 o4 V+ i8 O. [  Y8 [" ^  v

2 H8 H, H  ]- c* z' p" m: q      2. قارلىغاچ قەتئىيلىك بىلەن: ‹‹ئۆي ياساشنى ئۆگىنەي›› دەپتۇ. قاغا بىردەم بېشىنى قاشلاپ: ‹‹ساتىراشلىقنى ئۆگىنەيمىكىن›› دەپتۇ. سۇمۇرغ ئۇلارغا ھۈنەر ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ. قارلىغاچ سۇمۇرغنىڭ سۆزلىگىنىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپتۇ ۋە ئۆي سېلىشنى مەشىق قىپتۇ.
) a1 p6 j# l5 t% v7 M4 B
5 p' g, S1 d  }  z$ x6 O+ [/ S6 C4 ~
      3. ئىككى كۈن ئۆتكەندە قاغىنىڭ يېنىغا بىر جىگدىچى كېلىپ: ‹‹شورلىشاڭغۇ يەرلەرگە، ئۇرۇق سالسا ئۈنەمدۇ؟ قاغا ئاكا، ئويلاپ باق، ساتىراشلىق ھۈنەرمۇ؟›› دەپتۇ. قاغا بىر كېچە ئويلىنىپتۇ ۋە ئەتىسى سۇمۇرغقا: ‹‹تىككۈچىلىكنى ئۆگىتىپ قويسىلا بوپتىكەن›› دەپتۇ. سۇمۇرغ ماقۇل بوپتۇ.0 N* B# o. e) B  E  ^
/ U" ]0 O% s) w; Z9 ]  b3 V9 {

* M' _- p8 V9 o. |2 g      4. ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندە ھۆپۈپ كېلىپ: ‹‹مۈشۈك قانات قاقمايدۇ، قىشتا دوغاپ ئاقمايدۇ. تىككۈچىلىك ھۈنىرى، بۇندىن كېيىن ئاقمايدۇ›› دەپتۇ. قاغا سۇمۇرغقا: ‹‹قانداق ئىش بار دەپ تۇرۇڭ، ئالدىڭىزدا يۈگۈرەي. مەرتەم – مەرتەم ئۈچ مەرتەم، ناۋايلىقنى ئۆگىنەي›› دەپتۇ. سۇمۇرغ: ‹‹›يىگىت سۆزىدىن يانماس، يولۋاس ئىزىدىن‹ دەپتىكەن، نىشانىڭىز ئېنىق بولسۇن›› دەپتۇ ۋە ناۋايلىقنى ئۆگىتىپتۇ.# w6 Y! |4 e1 |) ~4 Y. t4 f7 i
( S. d9 S# v" r) j6 T
- g  Y( m' g5 c. b8 l& X

; |: g* q; i4 U5 @6 w' ^0 m* s/ }8 X
      5. دەل ئون ئىككى كۈن بولغاندا قاغا تورغاي بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ قاپتۇ. تورغاي: ‹‹دەمدەر مۇڭلۇق ئۈنلەيدۇ، بۈركۈت سانى كۈنلەيدۇ. ناۋايلىقنىڭ دەردىنى، قىلمىغانلار بىلمەيدۇ›› دەپ بۇ ھۈنەرنى قەتئىي قىلماسلىق توغرىسىدا بىرمۇنچە سۆزلەپ قاغىغا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىپ قويىدىغان بوپتۇ. قاغا تورغاينى ئۇستاز تۇتۇپ ناخشا ئېيتىشنى مەشىق قىپتۇ.; e: e% K5 t- l2 n
4 f: f1 j- R5 z5 ]

: }: i! H; m9 [3 \      6. قاغا: ‹‹قاق، قاق، قاق، چاپىنىم ئاپئاق. تاتلىق – تۈرۈمگە مەن بەكمۇ ئامراق›› دېگەن ناخشىنى ئۆگىنىۋېلىپلا تورغايغا خوشمۇ دېمەي كېتىپتۇ. ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپماقچى بولسىمۇ قۇشلار شاپاق ئېتىپ ئۇنى قوغلاپتۇ. قارلىغاچ ئۆي سېلىشنى ئۈچ يىل ئۆگىنىپ ئۇستا بىناكارغا ئايلىنىپتۇ. قاغا ھېچنەرسىنى ئۆگىنەلمەي ئاخىر ئوغرى بوپتۇ. ‹‹ھۈنىرى يوق كىشىنىڭ، مەززىسى يوق ئىشىنىڭ›› دېگەن ماقال شۇنىڭدىن قاپتۇ.
- B; I* V. S/ H8 U+ A
! S% Z- @' H& e$ J
; [0 \5 M3 i) ~3 `% ~(ئاپتور قاراقاش ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)2 d. _+ }8 I) u- d: o6 s6 O5 k% J
مەنبە:شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر تورى.5 p3 O. g7 M* J! s. S( Z" ]
. H" ], X8 l. Q2 \! \4 u! q

" ~. v2 I/ p. C7 C
1 T3 J6 ]) I. y9 V9 z  M6 X( a

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

2

تېما

12

يازما

186

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
12 سەر
تۆھپە
8 سەر
تىللا
143 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-25 22:00:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يېزىپ قوللاپ قويايلى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗