ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1049|ئىنكاس: 1

سېرىق ئەينەكmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ئۇيغۇر
ئەينەك" b) V9 p8 b; S5 ~8 M7 b% G
(ھېكايە)* K* }: g4 r. h: v# y/ N+ R
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
' e+ I& a) h: O. J8 q8 x) p
      ئىيۇلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى دوستۇم دىلشات بىلەن بازار ئارىلاپ كېتىۋاتاتتۇق. بازار ۋاراقشىپ قايناۋاتقان قازاندەك قىزىغان بولۇپ كاسىپ – ھۈنەرۋەنلەر، سېتىقچىلار بار ئاۋازدا توۋلاپ، ماللىرىنى ماختاپ خېرىدار چاقىرىشماقتا ئىدى. ھاۋا تونۇر تەپتىدەك بولۇپ ئۇسسۇزلۇق ئادەمنى قىينايتتى. بىز تاۋۇز سېتىۋاتقان بىر باققالنىڭ ئالدىغا باردۇق – دە، تاۋۇزدىن ئىككى تىلىم ئالدۇق. باققال ھەدەپ ‹‹يېڭى يەرنىڭ تاۋۇزى، شېكەر تاۋۇز، يېگەنلەر دەرماندا، يېمىگەنلەر ئارماندا!›› دەپ خېرىدار چاقىراتتى. بىز تاۋۇزنى شالاپشىتىپ يېگەن پېتى مىغ – مىغ ئادەملەر توپىغا كىرىپ كەتتۇق. تاۋۇزنى يەپ بولۇپ شاپىقىنى چوڭ يولغا تاشلىۋەتتۇق. ئەمدى مېڭىشىمىزغا ئارقىمىزدىن ‹‹ۋايجان!›› دېگەن بوغۇق ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇرۇلۇپ قارىساق بۇغداي ئۆڭ، چىرايىنى يول – يول قورۇقلار قاپلىغان بىر موماي ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئۇنىڭ پۇتى يېنىدا بىز تاشلىغان شاپاق تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. شۇ چاغدا: ‹‹ھۇي تەربىيە كۆرمىگەن تەنتەكلەر!›› دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدۇق. موماينىڭ نۇرسىز كۆزلىرىدە نەپرەت ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى. بىز نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇراتتۇق، 15 ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق، بۇدرە چاچ بىر بالا دەرھال كېلىپ موماينى يۆلىگەچ:9 ^6 m; v; M! {/ F' m3 I6 Z
      – موما، بىر نېمە بولمىغانلا، – دېدى.
$ u8 Y2 x* x/ S  w. O, r      – بېلىمنى رۇسلىيالمايۋاتىمەن بالام، – دېدى موماي ئىنجىقلاپ. بالا بىزگە نارازىلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى – دە، موماينى يۆلەپ ئېلىپ ماڭدى.' ?. O; P9 d2 w& D
      – ئۇ بالىسىمىدۇ؟ – دېدى دوستۇم.
/ v  }6 I" D% d8 o" [      – ئېھتىمال، بولمىسا بىكاردىن ئۇنى يۆلەپ يۈرگىلى ساراڭ بولمىسا ئۇ، – دېدىم دوستۇمنىڭ سوئالىغا جاۋابەن.
2 O. {  v* g) `  M" x      ئۇلار كەتتى. بىزمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يولىمىزغا راۋان بولدۇق. بازارنى مەقسەتسىز ئايلىنىپ كەچ بولغاندا ئۆيىمىزگە قايتتۇق.
) R) K' i. Z' i9 c* N      شۇ كۈنى چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە ئاپئاق ساقاللىق خىزىر سۈپەت بىر بوۋاي ماڭا قاراپ ئەپسۇسلانغان ھالدا: ‹‹ئوغلۇم، سېنىڭ يۈزۈڭ، قەلبىڭ نېمىدېگەن قارا – ھە! سەن نېمىشقا ئەينەككە قاراپ باقمايدىغانسەن؟›› دېگۈدەك. مەن شۇ ھامان ئەينەككە قارىغۇدەكمەن. چىرايىم ھېچقانداق ئەمەسمىش. شۇنىڭ بىلەن: ‹‹بوۋا، ئەينەككە قارىدىمغۇ، يۈزۈمدە نەدىمۇ قارا بولسۇن؟›› دېگۈدەكمەن. بوۋاي ئىستىھزالىق كۈلۈپ: ‹‹بالام، ئەينەك چىرايىڭنى، تۇرقۇڭنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن بىلەن قەلبىڭنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن، ھەقىقىي ئەينەككە قارىساڭ ھەممىنى كۆرەلەيسەن. ئۇ سېنىڭ نۇقسان، كەمچىلىكىڭنى بىرمۇبىر كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئىشەنمىسەڭ بازاردىكى موماينى يۆلىگەن بالىغا قارا! ئۇ ساڭا، ۋىجدانىڭغا ئەينەك بولالايدۇ. ئۇ موماينىڭ بالىسى ئەمەس، ئەلنىڭ بالىسى. بىراق سىلەرچۇ؟›› بوۋاي شۇنداق دەپلا يوقاپ كەتكۈدەك. مەن بوۋاينى توۋلىغان پېتى ئويغىنىپ كېتىپتىمەن. چۈشۈمنى ئويلاپ يۈزۈم ئوت كەتكەندەك كۆيۈشتى. قاراڭغۇدا يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆكتۈم. ئۆزۈمنى ھېلىقى بالىغا سېلىشتۇرۇپ بەكلا يارامسىز ھېس قىلدىم. ناتونۇش بالىنىڭ چىرايى خىيالىمدىكى ئەينەكتە چېھرىدىن مېھىر نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان ھالەتتە كۆرۈندى، ئەمما مەن نادانلىق كوچىسىدا ياياق يۈرەتتىم.) Q: ^! H5 z' D, e( P, D

- _5 s; E6 l8 \ (ئاپتور قاراقاش ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)
! K, l: l) v7 @8 D; c7 L& Lمەنبە:شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر تورىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7622 سەر
تۆھپە
4883 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2012-4-3 19:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەركەن.دىمىسمۇ تۇرمىشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ بۇنداق ئىشلار.يېقىن تۇققىنى ياكى تۇنىشى بۇلۇپ قالسا ياردەم بىرىپ،تۇنۇمايدىغان ئاجىزەلەرنى،مۇساپىرلارنى كۆرسە ئەخمەق قىلىپ.
ئۈزىگە ئوخشاش ئىشەك قىلىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗