维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 704 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1576|ئىنكاس: 0

سېرىق ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

446

تېما

6

ئەگەشكۈچى

8540

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1606
تىللا
1221
قىزغىنلىق
2611
تېما
446
يازما
476
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-6 14:38:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەر
* J  k9 ?; g; t( d1 x: ~7 \( `
7 ~) ^5 |& R5 O  u  m- c1990- يىلى9 -ئاينىڭ 7-كۈنى7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1200 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك <مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 - يىغىنىنىڭ >جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى> غا ئاساسەن تۈزىتىلىدى.) 9 Y$ W- H. t& {" l3 n) H
+ f4 A, [9 {5 F' Y
1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ 8 [; c, H3 a; w! F7 K& w; G
0 A& p2 z* A4 _
1 - ماددا بۇ قانۇن ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ئەسەرلىرى ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى ھەم ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك، ماددىي مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە تارقتىلىشىغا ئىلھام بېرىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ۋە ئىلىم - پەن ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ھەم گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلدى. + x& j' K8 L7 H- I( b, C7 E7 w

* I- W, A$ p: s0 L: F 2- ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەسىرى ئېلان قىلىنغان - قىلىنمىغان بولسۇن، مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. چەت ئەللىك، دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتى ياكى دائىم تۇرۇشلۇق دۆلىتى جۇڭگو بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە بىنائەن بەھرىمەن بولىدىغان ئەسەر ھوقۇقى مۇشۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. چەت ئەللىك، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەردىن ئەسىرى ئاۋۋال جۇڭگو تەۋەسىدە نەشىر قىلىنغانلىرى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن كېلىشىم تۈزمىگەن ياكى خەلقئارا شەرتنامىگە بىرلىكتە قاتناشمىغان دۆلەتتىكى ئاپتورلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ ئەسىرى جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتتە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان ياكى ئەزا دۆلەت بىلەن ئەزا ئەمەس دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنغان بولسا، مۇشۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
% z. d. y' ?  b
2 G' H" I! Y8 P( L" C3 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەسەر تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىجاد قىلىنغان ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) يازما ئەسەرلەر؛ (2) ئاغزاكى ئەسەرلەر؛ (3) مۇزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل، سېرىك سەنئىتى ئەسەرلىرى؛ (4) گۈزەل سەنئەت، بىناكارلىق ئەسەرلىرى؛ (5) فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى؛ (6) كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر: (7) قۇرۇلۇش چېرتيوژى، مەھسۇلات چېرتيوژى، خەرىتە، شەرتلىك سخېما قاتارلىق گرافىكلىق ئەسەرلەر ۋە مودېل ئەسەرلەر؛ (8) كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى؛ (9) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەسەرلەر.
! i6 K4 g0 }8 a5 U- V  m) N( `/ ^! l  O/ W4 F) A
4 - ماددا نەشرقىلىش، تارقىتىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنغان ئەسەرلەر بۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ، جامائەت مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا بولمايدۇ.
1 l/ }6 K- {; Q* G2 N1 l4 }+ o- w+ |, `* f9 q
5 - ماددا بۇ قانۇن تۆۋەندىكىلەرگە تەتبىقلانمايدۇ: (1) قانۇن، نىزاملار، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قارار، بېكىتمە، بۇيرۇقلىرى، قانۇن، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە خاراكتېرىدىكى ھۆججەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ رەسمىي تەرجىمە نۇسخىلىرى؛ (2) ئېقىم مەسىلىلىرىگە دائىر خەۋەرلەر؛ (3) يىلنامە. ھەممىباب سانلىق جەدۋەللەر، ھەممىباب جەدۋەللەر ۋە فورمۇلىلار.
9 |0 Y) Y4 A1 z1 I9 M2 Q$ \5 }( g) {$ d* H2 C8 y; l
6 - ماددا خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى ئەسەرلىرىگە دائىر ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.2 Z" g1 _% O% G6 D$ }* Q0 F5 H
) q' W' x" I$ F- K" |: T0 w
7 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئەسەر ھوقۇقىنى مەملىكەت بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.& b' J$ B" v- _5 g, e
2 q4 d+ R0 b' {$ K* F$ G7 N
8 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ئەسەر ھوقۇقىنى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ يۈرگۈزۈشىگە بەرسە بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات ھوقۇق ئالغاندىن كېيىن ئۆز نامىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ئۈچۈن ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلسا ھەمدە ئالاقىدار كىشى سۈپىتىدە ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا چېتىلىدىغان دەۋا، كېسىم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات، ئۇنىڭ تەسىس قىلىنىش ئۇسۇلى، ھوقۇق - مەجبۇرىيىتى، ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش، ھەق ئېلىش ۋە تەقسىملەش ھەمدە ئۇنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 2 - باب ئەسەر ھوقۇقى 1 - پاراگراف ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى
3 B; Q  C3 V  u
, I+ g  P. j5 p8 R2 Y 9- ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىلگىرى: (1) ئاپتۇر؛ (2) ئەسەر ھوقۇقىدىن مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار.% u' |9 O# n4 f' H

8 F0 F8 J- m4 ]. \3 W 10 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى تۆۋەندىكىكدەك جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئېلان قىلىش ھوقۇقى، يەنە ئەسەرنى ئېلان قىلىش - قىلماسلىقىنى بەلگىلەش ھوقۇقى؛ (2) ئىسىم يېزىش ھوقۇقى، يەنى ئاپتورنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئەسەرگە ئىسىمنى يېزىش ھوقۇقى؛ (3) تۈزىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى تۈزىتىش ياكى باشقا ئادەمنىڭ تۈزىتىشىگە ھوقۇق بېرىش ھوقۇقى؛ (4) ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاش ھوقۇقى؛ (5) كۆپەيتىش ھوقۇقى، يەنى مەتبەئەدە بېسىش، نۇسخا ئېلىپ بېسىش، چاپلاپ بېسىش، ئۈن ئېلىش، سىن ئېلىش، قايتا كۆچۈرۈش، قايتا سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەرنى بىرنۇسخا ياكى كۆپ نۇسخا تەييارلاش ھوقۇقى؛ (6) تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى سېتىش ياكى ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بېرىش ھوقۇقى؛ (7) ئىجارە بېرىش ھوقۇقى، يەنى كىنۇ ئەسەرلىرى ۋە كىنۇ ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان  ئەسەرلەر كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى باشقىلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلىتىشىگە ھەقلىق ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئاساسلىق ئىجارە نىشانى بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ (8) كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى؛ (9) ئورۇنداش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئاشكارا ئورۇنداش ھەمدە ئەسەرنىڭ ئورۇندىلىشىنى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئاشكارا تارقىتىش ھوقۇقى؛ (10) قويۇش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئاپپاراتى، پرۇيېكسىيە ئاپپاراتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، كىنو ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاشكارا قايتا كۆرسىتىش ھوقۇقى؛ (11) ئاڭلىتىش - كۆرسىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىمسىز ئاشكارا ئاڭلىتىش ياكى تارقىتىش،ئەسەرنى سىملىق تارقىتىش ۋە ئۇلاپ تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھەمدە ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ياكى شەرتلىك بەلگە، ئاۋاز، سۈرەت تارقىتىدىغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا قوراللار ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش، ئاڭلىتىش ھوقۇقى؛ (12) ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇلدا يەتكۈزۈپ جامائەتنى ئۆزى تاللىۋالغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئەسەرگە ئېرىشتۈرۈش ھوقۇقى؛ (13) فىلىم ئىشلەش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلەش ياكى كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ۋاستىگە مۇقىملاشتۇرۇش ھوقۇقى؛ (14) ئۆزگەرتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ ئۆزگىچە يېڭى ئەسەر يارىتىش ھوقۇقى؛ (15) تەرجىمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى بىر خىل تىل - يېزىقتىن باشقا بىر خىل تىل - يېزىققا ئۆرۈش ھوقۇقى؛ (16) توپلاپ تۈزۈش ھوقۇقى، يەنى ئەسەر ياكى ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى تاللاش ياكى رەتلەش ئارقىلىق يېڭى تۈزۈش ھوقۇقى؛ (17) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار؛ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ئىجازەت بەرسە ھەمدە پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق ئالسا بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بۇ ماددىنىڭ (5) ~ (71) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ھەمدە پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەق ئالسا بولىدۇ.
: D) [! K2 ~3 K- ^5 b( ?
! d" @4 o: H- x 2 - پاراگراف ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى 11 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئاپتورغا تەۋە، بۇ قانۇند ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىجاد قىلغان ھەم قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەسەرلەردە قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتور دەپ قارىلىدۇ. قارشى ئىسپات بولمىسا، ئەسەرگە ئىسمى يېزىلغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاپتور ھېسابلىنىدۇ.! K( Q4 u- s6 h% u/ N

) S3 X2 B& a4 n1 {  Z 12 - ماددا ئەسلىي ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھىلەش، رەتلەش بىلەن ھاسىل بولغان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن شۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزگۈچى، تەرجىمە قىلغۇچى، رەتلىگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن، ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.
& v! a$ O5 B  d6 C* b
% f2 X# b* M, U( P/ `4 E$ L 13 - ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرنىڭ ھەمكارلاشما ھوقۇقىدىن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئاپتورلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. ئىجادىيەتكە قاتناشمىغان كىشى ھەمكارلاشقان ھېسابلانمايدۇ. ھەمكارلاشما ئەسەرنى پارچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولسا ئاپتورلار ئۆزى ئىجاد قىلغان قىسمىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن ئۆز ئالدىغا يۈرگۈزگەندە پۈتۈن ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.
$ ]) s: m' I3 w" t2 U) e, X( n9 ]8 d8 K
14 - ماددا بىر قانچە ئەسەر، ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى، ئەسەر ھېسابلانمايدىغان سانلىق مەلۇمات ياكى باشقا ماتېرىياللارنى توپلاش ئارقىلىق تۈزۈلگەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ تاللىنىشى ۋە رەتكە تۇرغۇزۇلۇشىدا ئۆزگىچە ئىجادىيىلىق ئەكس ئەتكەن ئەسەر توپلاپ تۈزۈلگەن ئەسەر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن توپلاپ تۈزگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن، ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.
. P1 s! g9 }, _( e3 g) `* M2 h2 W  m9 v6 _, X
15 - ماددا كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ھوقۇقى فىلىم ئىشلىگۈچىدە بولىدۇ، لېكىن سېنارىيە يازغان، رېژىسسورلۇق قىلغان، سۈرەتكە ئالغان، ناخشا تېكىستى يازغان، مۇزىكا ئىشلىگەن ئاپتور ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە فىلىم ئىشلىگۈچى بىلەن تۈزگەن توختام بويىچە ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەردىكى سېنارىيە، مۇزىكا قاتارلىق ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئۆزىگە تەئەللۇق ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.7 d) W9 Q+ t  e! t9 O( n( m% P9 f
9 t9 k& U8 h, I. h* q8 M: z9 i
16 - ماددا پۇقرالار قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ئىجاد قىلغان ئەسەر ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق ئەسەرلەردە مۇشۇ ماددىنىڭ ئىككىنچى تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەسەر ھوقۇقىدىن ئاپتور بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ۋەزىپە ئەسەرلىرىدىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ كەسپىي دائىرىسىدە پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق. ئەسەر پۈتۈپ ئىككى يىل ئىچىدە ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرنى شۇ ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ ئورۇن پايدىلانغان ئۇسۇلدا پايدىلىنىشىغا ئىجازەت بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ۋەزىپە ئەسەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئاپتور ئىسىم يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەسەر ھوقۇقىغا كىرىدىغان باشقا ھوقۇقلاردىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئاپتورنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ. (1) قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ماددىي تېخنىكىلىق شەرت - شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىجاد قىلىنغان ھەم قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات جاۋابكارلىقنى زىممىسىگە ئالغان قۇرۇلۇش لايىھىسى، مەھسۇلات لايىھىسى، خەرىتە، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىق ۋەزىپە ئەسەرلەر؛ (2) ئەسەر ھوقۇقىدىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەر.6 z9 }; m' J% d$ y- h0 _3 J
" I! `- ]$ R5 U
17 - ماددا ھاۋالە بىلەن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرنىڭ ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى توختامدا پۈتۈشىدۇ. توختامدا ئېنىق پۈتۈشمىگەن ياكى توختام تۈزۈلمىگەن بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا تەۋە بولىدۇ.
+ V5 v7 a7 z3 y( D% [- S
* `4 ]# b# h  n% o/ H& j, K 18 - ماددا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشى ئەسەر ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشى ھېسابلانمايدۇ، بىراق گۈزەل سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقىدىن ئۇنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچى بەھرىمەن بولىدۇ.
7 L2 E1 h: e5 C8 |
7 p1 V+ g# n+ u1 \19 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى پۇقراغا تەۋە بولسا، شۇ پۇقرا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ
* F/ g, W1 a2 b' ^$ F3 M5 s
) m: C; E3 P0 ]; t% C  e3 X: ^ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرى مەزكۇر قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتى ئىچىدە ۋارىسلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۆتكىلىدۇ. ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتقا تەۋە بولسا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزگەرگەن، ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتى ئىچىدە، ئۇنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولمىسا، دۆلەت بەھرىمەن بولىدۇ. 3 - پاراگراف ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 20 - ماددا ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
" X7 p( Q& g5 _4 w8 _9 g+ _% @
0 F5 N; R, E, i9 {- D' i9 u21 - ماددا پۇقرالارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ  10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى ئاپتورنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەم ئاپتور ئۆلۈپ 50 يىلغىچە بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئاپتور ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ھەمكارلاشما ئەسەر بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا قېپقالغان ئاپتور ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئەسەرلىرى ئەسەر ھوقۇقى (ئىسىم يېزىش ھوقۇقى بۇنىڭ سىرتىدا) دىن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئېلان قىلىش ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى قوغداش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، بىراق ئىجاد قىلىنىپ 50 - يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنى بۇ قانۇن قوغدىمايدۇ. كىنو ئەسەرلىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدە ئېلان قىلىش ھوقۇقى مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنىڭ قوغداش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئىجاد قىلىنىپ 50 يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلەرنى بۇ قانۇن قوغدىمايدۇ. 4 - پاراگراف ھوقۇقنىڭ چەكلىنىشى
+ D, |$ H' p, N; L1 t: W$ C& F
: `0 ~) b: ?  S, A& J" a% \22 - ماددا ئەسەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلسە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەق بەرمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق، ئاپتورنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئەسەرنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ قويۇش، شۇنىڭدەك ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلماسلىق كېرەك: (1) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرى شەخسىي ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ياكى بەھىرلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە؛ (2) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بىر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا باھا يېزىش ياكى مەلۇم بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق نەقىل كەلتۈرۈلسە؛ (3) ئېقىم مەسىلىلىرىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزىيلەردە ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلسە ياكى نەقىل كەلتۈرۈلسە؛ (4) گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزىيىلەردە باشقا ئىقتىسادقا، دىنغا ئائىت ئېقىم مەسىلىلىرى ماقالىلىرىنى باسسا ياكى ئاڭلاتسا؛ لېكىن ئاپتور بېسىشقا، ئاڭلىتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ (5) گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزىيىدە يىغىلىشلاردا قىلىنغان سۆزلەرنى باسسا ياكى ئاڭلاتسا؛ بىراق ئاپتور بېسىشقا، ئاڭلىتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ (6) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلىرىدا ئوقۇتۇش ياكى پەن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ ياكى ئاز ساندا كۆپەيتىپ، ئوقۇتۇش خادىملىرىنى ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى تەمىنلىسە بولىدۇ، ئەمما نەشر قىلىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ؛ (7) ئېلان قىلغان ئەسەرلەرنى دۆلەت ئورگانلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق دائىرىدە ئىشلەتسە؛ (8) كۈتۈپخانا، ئارخىپخانا، خاتىرە سارىيى، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ياكى نۇسخىسىنى ساقلاش زۆرۈرىيىتى بىلەن كۆپەيتىپ ئىشلىسە؛ (9) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ھەقسىز ئورۇندىسا، بۇنداق ئورۇنداشتا ئاممىدىن ھەق ئېلىنمىغان، ئورۇندىغۇچىلارغىمۇ ھەق بېرىلمىگەن بولسا؛ (10) تالادىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئورنىتىلغان ياكى قويۇلغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئەندىزىگە ئالسا، سىزسا، سۈرەتكە تارتسا، سىن ئالغۇغا ئالسا؛ (11) جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان، خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە نەشىر قىلىپ تارقاتسا؛ (12) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئەمالار يېزىقىدا نەشىر قىلىنسا؛ ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن - سىن بۇيۇمىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ، رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.
! [/ S/ Q5 C- [! T* U
. b, g" o; s4 \8 L0 s. V' s23 - ماددا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ نەشر قىلىشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي، ئېلان قىلىنغان ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى ياكى يەككە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا توپلاپ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. لېكىن، بەلگىلىمە بويىچە ئاپتورغا ھەق بېرىش، ئاپتورنىڭ ئىسمىنى، ئەسەر نامىنى ئەسكەرتىش ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلماسلىق كېرەك، ئاپتور ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ ئالدىن ئەسكەرتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە نەشر قىلغۇچىلار، ئورۇندىغۇچىلار، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلىگۈچىلەر، رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ. 3 - باب ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى 24 - ماددا باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىشتە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۈزۈش كېرەك. مۇشۇ قانۇندا ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىراتىدا. ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تۈرى؛ (2) ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىلگەن ھوقۇقىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى؛ (3) ئىجازەتلىك ئىشلىتىش رايون دائىرىسى ۋە ۋاقتى؛ (4) ھەق بېرىش ئۆلچىمى ۋە چارىسى؛ (5) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛ (6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈپ زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.' ?6 g+ L. V0 ]

" p- Q+ d& E! i5 x9 L; R: r 25 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددا (5) ~ (17) تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يازما توختام تۈزۈش كېرەك. ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1) ئەسەر نامى؛ (2) ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ تۈرى، رايون دائىرىسى؛ (3) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى؛ (4) ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى؛ (5) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛ (6) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار؛
$ c7 H# p% M% T" L4 b1 b. F/ t/ N6 |% R
26 - ماددا ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئېنىق ئىجازەت بەرمىگەن، ئۆتۈنۈپ بەرمىگەن ھوقۇقلارنى يەنە بىر تەرەپنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىسىز يۈرگۈزۈشىگە بولمايدۇ
- E9 K( y; J* i& cمەنبە:يەكەن مائارىپ ئۇچۇر تورى.
4 s" {# S1 [! L4 z* W1 h% ^
* z" g% m1 `% A# z' a' `

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ