ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 911|ئىنكاس: 1

ناخشا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ كۈچىتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

مائارىپ بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدەك چوڭ ئۇقۇم ئۇ مىللەتنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تۇنۇپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ، مىللىتى ئۈچۈن كۆپلەپ خىزمەت قىلىشىغا چەمبەرچاس باغلانغاندۇر. بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقى تۆھپە قوشۇشنى نىيەت قىلغان تالانت ئىگىلىرى قانچە كۆپەيسە، ئۇ مىللەتنىڭ قىسمىتىنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.4 H& A9 i& I" y+ n
مىللەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش مەسلىسى كىچىكلىتىلگەندە، مىللەت ئەزالىرىنىڭ يوشۇرۇن تالانتىنى تۇنۇش ۋە ئۇرغۇتۇش، ئۇنى جەمئىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشتۇر.2 i2 [# K& h! c# ]. {5 O
قانداق قىلغاندا مىللىتىمىز ئىچىدىكى مىللەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خۇشاللىق ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى دەپ بىلىدىغان تالانت ئىگىلىرىنى كۆپلەپ تەربىيلىگىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسلە توغرىلىق مائارىپچى زىيالىيلىرىمىز مەخسۇس تىمىدا سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارسا بولغىدەك.
* I: Y2 v2 b" X) E! E5 h# lئەمما ئۆزۈمنىڭ پىسخولوگىيىلىك داۋالاش، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە ئائىت كۆپلىگەن كونكرېت مەسىللەرنى كۆزۈتۈش، ئۆگىنىش جەريانىدا ھىس قىلغان بىر ئاددى ئەمما ئەڭ مۇھىم قانۇنىيەتنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ئۇ بولسىمۇ دەل ئىلھاملاندۇرۇش." R- T# X) S) d1 j% }+ h9 C2 X/ j
ئىلھاملاندۇرۇش- قارشى تەرەپ ياكى ئۆزىدىكى ئىجابى، جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ياخشى ئارتۇقچىلىق، نۇقتىلارنى بايقاش ۋە ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش. بۇ ياخشى ئارتۇقچىلىق، نۇقتىلارنى ماختاش، ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىش، ئۇ ئارتۇقچىلىق ئىگىسىنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىغا سەمىمىيلىك بىلەن ھەقىقى روھى مەدەتكار بولۇشتۇر.
. O8 w2 ]. `$ Q; F  o/ l# h8 sروھى مەدەتنىڭ كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر. ئادەم روھى مەدەت، ئىلھاملاندۇرۇشقا ئېرىشكەندە ئادەم مېڭىسى ئالاھىدە مېڭە سۇيۇقلىقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ شۇ كىشىدە مۇئەييەن روھى تەسەللى پەيدا قىلدۇرۇپ، شۇ كىشىنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى، ھەركەت كۈچى، ئىجادى قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئۆزلۈكسىز سەمىمى كۆيۈم، رىغبەتلەندۈرۈش ئۇ كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەڭ يۇقىرى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قاتالايدىغان ئېسىل كىشىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ.
1 j2 W) ]" p! ^; wئەگەر ئادەمدىكى ياخشى نىيەت، ياخشى ئارتۇقچىلىق، ئىجابى ھەرىكەت ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بىھۇدە گۇمان، زەربە، ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا بۇ ھالەت ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە زىيانلىق ماددىلارنى ئىشلەپچىقارغۇزۇپ، ئۇ كىشىنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۆزلۈكسىز ئورۇنسىز ھاقارەت، زەربە ئۇ كىشىنى بۇ ياخشى ئارتۇقچىلىق، ئىجابى ھەرىكەتتىن ۋاز كەچتۈرۈشى، ئېغىر بولغاندا ئۇ كىشىنى ئېغىر روھى ۋە جىسمانى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلدۇرۇپ، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.) H: y) c$ @4 L; m
ئادەم بەدىنى سەمىمى كۆيۈم، چىن مېھىر-مۇھەببەت، ھەقىقى ئىلھاملاندۇرۇش، روھى مەمنۇنىيەتكە ئېھتىياجلىق. يۇقارىقىلار كىشى ھاياتى كۈچىنى ئۇرۇغۇتۇپ ئادەمدە ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى پەيدا قىلدۇرىدۇ. قىزغىنلىق كىشىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ھەرىكەت ۋە ئادەت پەيدا قىلدۇرىدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك قىزغىن، ھاياتى كۈچكە تولغان ھەرىكەت جەمئىيەت ئۈچۈن كۆپلىگەن مۇۋاپپىقىيەت، نەتىجىلەرنى ياراتقۇزىدۇ.
; P8 y$ L, _+ M" \  hمۇبادا يۇقارىقى تەبىئىي ئېھتىياجلار قاندۇرۇلمىسا، ئادەمدە قىزغىنلىق سۇۋۇپ، ھاياتى كۈچ تۆۋەنلەيدۇ. قىزغىنلىق بولمىغان ھەرقانداق ھەرىكەت ئۇزاققا داۋاملاشمايدۇ. ھېچقانداق ھاياتى كۈچ يوق، قىزغىنلىققا تولمىغان ھايات ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈشكە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ.
- \( ~  C6 P! p: ^1 n- eسەمىمى كۆيۈم، چىن مېھىر-مۇھەببەت، ھەقىقى ئىلھاملاندۇرۇش، روھى مەمنۇنىيەتنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى تاشقى مۇھىتتۇر. يەنى، ئاتا-ئانا، مەكتەپ، كىتاب، جەمئىيەتتۇر. كىشى ئەڭ ئاۋۋال تاشقى مۇھىتتىن يۇقارىقىلارنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى بويىچە ئۆزىدە مۇئەييەن ھەرىكەت ھالىتى، ئادەت شەكىللەندۈرگۈزىدۇ. ئادەت دۇنيا قاراش ۋە بەلگىلىك نەتىجە يارىتىدۇ.7 U5 K) b" E8 t* v$ k9 `
ئۇيغۇرلاردا نۆۋەتتە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى نىيەت قىلغان تالانت ئىگىلىرىمىز بەكلا ئاز. بۇلارنىڭ سانى قانچە كۆپەيسە ھەممىمىز ئۈچۈن شۇنچىلىك پايدىلىق. ئەكسچە بولىدىكەن، مىللى تىراگىدىيىمىز ھەرگىزمۇ ئاياغلاشمايدۇ.
/ U4 \8 w) n' Q+ S+ Fشۇڭلاشقا، ھەرقانداق قېرىندىشىمىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن ئويلىغان، قىلغان ھەرقانداق ئارتۇقچىلىقىنى، تالانتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقىشىمىز. ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك. دەل بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاتوم بومبىسىدىنمۇ كۈچلۈك قىزغىنلىق، ھاياتى كۈچنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان بولىمىز. پىلتىگە ئوت يېقىلىپ، ھاياتى كۈچ ئۆزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلسا، نەچچە يىلغا بارماي، بىر تالانت ئىگىسىگە ئىرىشىمىز. ئەكسچە بولىدىكەن، بىر تالانت ئىگىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ زەنجىرسىمانلىق تەسىر مۇناسىۋەت قائىدىسى بويىچە تەخمىنەن 200 چە كەلگۈسى يوشۇرۇن تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
6 h" n8 c7 m7 Q3 Xمىللىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئالىمنى چۈشۈرۈپ، يوقىتىش مەقسىتىنىڭ رېئاللىققا ئەمەلىيلىشىشى ئەمەلىيەتتە بىر ئەمەس، 200 ئالىمنى يوقاتقانلىق بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. بىر ۋەتەنپەرۋەرنىڭ پاكىتسىز، چەكتىن ئاشقان ئورۇنسىز زەربىگە ئۇچراپ مىللىي سەپتىن يىراقلاشتۇرۇلىشى ئەمەلىيەتتە بىر ئەمەس، ئەڭ كەمىدە 200 ۋەتەنپەرۋەرنى مىللەتتىن ئۇزاقلاشتۇردۇق دېگەنلىك.) h, d3 C* h% [0 j2 X
ئويلاپ باقايلى، نەچچە يىللىق ئۆز-ئارا زەربە، كۆرەشتە قانچىلىغان ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىز، ئالىم-زىيالىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قاپتۇق؟
2 j8 g/ ?4 |% ^/ A7 Gئۇيغۇر ئاكادىمىيسىىنىڭ قۇرۇلۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە پەن – مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنى باشلىغانلىقنىڭ ئۆزىلا مۇتلەق ئىلھام بېرىشكە، قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە تىگىشلىك ئىشتۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش ئاشكارە، مەخپى خەلق ئۈچۈن بىر كىشىلىك پايدىلىق ئويلىغان، قىلغان ئادەملەر بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرسەك، ئىقتىساد، روھى يۆلەنچۈك بولساق بولغىدەك، ئۇلاردىن پەخىرلەنسەك بولغىدەك ئادەملىرىمىزدۇر.
7 \. G( ?* _1 e/ [' M" gھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن پىكىر ئېقىمىدىكى زىيالىلار يازغان مىللىتىمىز قىسمىتىنى ياخشىلاش توغرىلىق كىتاب-ماقاللارنى كۆرۈپ چىقتىم. ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرىكى ۋە باشقا تەپەككۇر ئىگىلىرىنىڭ تەپەككۇر مىۋىلىرى مېنىڭ نۆۋەتتىكى خىياللىرىمنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى مەنبەلىرىدۇر.4 t0 W4 G5 `/ s1 U5 B% l
دەل يۇقارىقى ئىلگىرىكى ۋە نۆۋەتتىكى پىكىر ئىگىلىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىرى بولغاچقىلا ئۇلار مىنىڭ خىيالى دۇنيارىمدىكى مەسلەكدىشىم، پىكىردىشىم، مۇنازىردىشىم بولدى. مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلچىلىك ئويلىغان ھەرقانداق زىيالى، تەپەككۇر ئىگىلىرىگە چوڭقۇر ھۆرمىتىم، رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ تەپەككۇر يولىدىن ھەرگىز توختاپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. سىلەر خەلقىمىزنىڭ ئۇستازى، مۇنازىرىدىشىسىلەر. بىز سىلەرگە ھەرقاچان ئېھتىياجلىقتۇرمىز. بولۇپمۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئورۇنسىز چەكتىن ئاشقان ھاقارەتلىرىگە ئۇچرىغان پىشقەدەم يولباشچىلىرىمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىزگە دەيدىغىنىم شۇكى، سىلەرنىڭ تەپەككۇرىڭلارنى كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۆرنەك، ياكى ئەينەك قىلغاچقىلا مىللەت ئۆز بەختىنى تېپىش يولىدا تەدرىجى ئىلگىرلەيدۇ. ئەمگىكىڭلار ھەقىقەتەن قىممەتلىكتۇر. ئەلۋەتتە پىكىردە مەلۇم يىتىشسىزلىك، چەكلىمىلىك بولۇشى، ئايرىم كىشىلەر قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇلار ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ مىللەتنى سۆيگەن قەلبىڭلارنى جاراھەتلەندۈرۈشكە باھانە-سەۋەب بولالمايدۇ. ئويلاڭلار. يېزىڭلار. ھەرخىل مەسىللەرنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچمەڭلەر. سەمىمى يۈرەك ھامان بىر كۈنى ئۆز تىڭشىغۇچىسىنى تاپىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرى سەمىمى ۋەتەنپەرۋەرلەردۇر.+ s) h+ T, u' K1 ^! b9 d; A
مىللىتىمىز ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈشتىكى ئەڭ ئاددى ئەمما ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قېرىنداشلىرىمىزغا سەمىمىيلىك بىلەن كۆيۈنۈش. ئۇلارنىڭ 10 ئارتۇقچىلىقىنىڭ ئىچىدىكى 1 سەۋەنلىكىنى ساپ قىلىۋېلىپ، قارشى تەرەپنى چۈشۈرۈش ئەمەس، بەلكى 100 سەۋەنلىكنىڭ ئىچىدىكى 1 ئارتۇقچىلىقنى بايقاش. ئاشۇ بىر ئارتۇقچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش. ئەڭ ئاۋۋال ئاشۇ بىر ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش. ئاندىن، قالغان سەھۋەنلىكنى ئايرىم-ئايرىم سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىش. قارشى تەرەپنى ئارتۇقچىلىقنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشتۇر.
9 z" L! b' N+ c6 l1 Y9 X" @يەنى، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئاۋۋال مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئاندىن يېتىشسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇش. مەسلە بىلەن شەخسكە ئايرىم-ئايرىم مۇئامىلە قىلىش. مەسلىنى مەسلە بويىچە دىيىش. ئەمما شەخستىكى ئارتۇقچىلىققا ئاساسەن ئۇ كىشىنىڭ شەخسىيىتىنى ھۆرمەتلەش كېرەك.2 N- B9 b6 w0 W. \3 n6 y
بۇ ئۇسۇلنى بالا تەربىيلەش، ئائىلە مۇناسىۋىتى، شەخسى تۇرمۇشىمىزدا قوللانساقمۇ بولىدۇ. ھەرقانداق ئادەمدە ئۆز ئارتۇقچىلىقنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن جەمئىيەتتە ئۆز قىممىتىنى يارىتىشتەك كۈچلۈك ئارزۇ بولىدۇ.
8 ]! y& B1 T6 q  P3 Y2 Y. o1 |ھالبۇكى، بۇخىل ئارزۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، باشقىلارغىمۇ ئىشىنىشىمىزگە، ئۆزىمىزنى6 r* R# W- y. @5 f" l' z# ?8 F
ھەم باشقىلارنى ئۆزلۈكسىز ئىلھاملاندۇرۇشنى ھەرقاچان ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.4 X0 a1 [+ S3 W' s5 n
پەقەت ئىلھاملاندۇرۇشلا باشقىلارنى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتەلەيدۇ. پەقەت ئىلھاملاندۇرۇشلا ئادەمدىكى ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرغۇزالايدۇ. ئىلھاملاندۇرۇشلا، ھاياتتا قىزغىنلىق پەيدا قىلدۇرىدۇ.9 L4 O1 l6 r& O
مىللىتىمىزگە ھەقىقى كۆيۈنسەك، قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۆزىمىزدىكى ھەرقانداق ئىجابى ئارتۇقچىلىقنى ھەرقاچان تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرايلى. قېرىنداشلىرىمىزنى ئىلمى ئاساسسىز كەلسە-كەلمەس خائىن، دۈشمەن، ساتقىن قاتارغا چىقىرىپ، چەكتىن ئاشقان زەربە بېرىش، مازاق قىلىش ئۇبيېكتلىرىغا ئايلاندۇرىۋالمايلى.
1 R, h4 h/ O% [" Z7 @7 x' F: wئۆزىمىزنىڭ سەمىمى كۆڭلىمىزگە چىن ئىشىنىشىمىز. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىمى ئىلھاملاندۇرۇشىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭ بىزگە بەرگەن زەربىسىنى ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ بەك ئالغا بېسىشىمغا بولغان تەلەپ دەپ چۈشىنىشىمىز. ھەرقانداق قېرىندىشىمىزغا بولغان تەنقىد ۋە زەربىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا رىغبەت، يېتەرسىزلىكىگە تەنقىد ئەمەس تەكلىپ بېرىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىشىمىز كېرەك.3 }# ?- n, k! K+ G
ئادەمدىكى قىلچىلىك ئارتۇقچىلىق ئۆزلۈكسىز ئىلھاملاندۇرۇش، يېتەكلىنىشكە ئېرىشەلىسە، بۇ ئارتۇقچىلىق تەدرىجى ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ھەرىكەت يەنە قىزغىنلىق ۋە ئىلھامغا ئېرىشەلىسە، ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىپ ئادەتكە ئايلىنىدۇ. ئادەت يۇقىرى قىزغىنلىقتا تېخىمۇ يۈكسىلىپ كۈچلۈك تالانت-ئىقتىدارغا ئايلىنىدۇ.- s- p# i4 n8 R
ئىنسانلارنىڭ فىزولوگيىلىك بەدەن قۇرۇلمىسى ئاساسەن ئوخشايدۇ. ئەمما ئۇلاردىكى تالانت-ئىقتىدارلارنىڭ يىتىلىش، جارى قىلدۇرۇلۇش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. ئاساسى سەۋەب، ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يىتىلىش، ئىلھاملاندۇرۇشقا ئېرىشىپ، ھەرىكەت ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئادەتكە ئايلىنالمىغانلىقىدۇر.
; f* L4 O8 g6 ^7 m$ }كىيىم كىيىش، قورساقنىڭ تويىشى، مەكتەپكە بېرىپ دەرسكە قاتنىشىش تالانتلىقلارنى تەربىيلەشنىڭ قوشۇمچە شەرتى، مۇھىم شەرتى ئەمەس. ئەمما مۇھىم – تولۇق شەرتى شۇكى ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئۆزلۈكسىز ئىلھاملاندۇرۇشقا ئېرىشىشىدۇر., H1 |- S: U3 _4 N3 W3 n
ئەمەلىيەتتە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، بىر ئىشقا باھانە ئىزدەش دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئىشنىڭ بىرسى بولغىنىغا ئوخشاش، مۇبادا تەپسىلى كۆزەتسەك قېرىنداشلىرىمىزدا كۆپلىگەن ئارتۇقچىلىقلارنى تېپىشمۇ ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس. بىز پەقەت ئۇلارغا سەمىمى رىغبەت بەرسەكلا بولىدۇ. باشقىلاردىكى يىتىشسىزلىكنى ئاۋۋال كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، قارشى تەرەپنى چەكتىن ئېشىپ تەنقىدلەش پەقەت ئۆزىگە ئىشەنچى يوق كىشىلەرنىڭلا ئىشى. ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقنى ئاۋۋال كۆرۈشكە ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا ھەرگىز پىخسىقلىق قىلمايلى.
2 r; c$ X2 G8 a" k  vتەنقىدلەش، ھاقارەتلەپ زەربە بېرىش مەسىللەرنى ئىجابى تەرەپكە بۇراشتا ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسچە مەسىللەرنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرۇپ، بۇزغۇنچىلىق تەرەپكە قاراپ يۈزلەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا چوڭ پىرىنسىپاللىق مەسىللەر بولمىسىلا قېرىنداشلار ئارىسدىكى ھەرقانداق مەسلە توقۇنۇشنى ھەل قىلغاندا، قارشى تەرەپكە ئاۋۋال سەمىمى رىغبەت ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئاندىن تەكلىپ بېرىش كېرەك. مۇبادا قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بەرگەن تەنقىدىدىكى نىيىتى توغرا، ئۇسۇلى خاتا بولغان تەقدىردە قارشى تەرەپنى ئەپۇ قىلىش. مۇبادا ئۇنداق بولمىغاندا ھەرقاچان «ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر» لىك قائىدىسى بويىچە، ئۆز-ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
, M* F$ C( P6 h* x: Nرەھبەرلىكنىڭ ئەڭ ئاددى، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى شۇكى، قول ئاستىدىكىلەر، ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ھەرقاچان ئۆزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا يول كۆرسىتىپ بېرىش. ئۇلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بىرىش. ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ھەقىقى ئۇرغۇتۇشقا ماددى ۋە مەنىۋى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىش. شۇنداقلا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەرقاچان ئىلھام ۋە ئەقىل مەنبەسى بولۇشتۇر.
+ E: I! K8 P% dمۇبادا بىر داھى، رەھبەر يۇقارىقى ئاددى رەھبەرلىك پىرىنسىپىدىن مەھرۇم ھالدا، قېرىنداشلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا پاكىتسىز ياكى نامۇۋاپىق زەربە بېرىش ئارقىلىق ئۆزى ھوقۇقىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى بولسا، ئەكسچە بۇ رەھبەرلىك ئەمەس، مۇستەبىتلىك بولىدۇ.+ s+ _- F* F) Z( l6 b. T$ V
رەھبەرلىك ئەمەلىيەتتە ئائىلە-قېرىنداشلىرىمىز، دوست-بۇرادەرلىرىمىز، ئۆزىمىزگە ئىجابى تەسىر كۆرسىتىشتەك تۇرمۇش پائالىيىتىدۇر. ئۇ تامغا-ھوقۇقسىز، ئۆز ئىددىيىسى، قىزغىن رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەرگە ھەرجەھەتتىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشتۇر." j; Y2 R! r+ u8 V! {: {8 Q, T8 N
ئىلھاملاندۇرۇشتەك بۇ ئاددى رەھبەرلىك پىرىنسىپىنى، كىشىلىك يوشۇرۇن كۈچنى ئۇرغۇتۇشتىكى بۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى ھەممىمىزنىڭ بىلىپ قويىشىمىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. قەدەمنىڭ ئاددىيسى، قېرىنداشلىرىمىزدىكى توغرا نىيەت، ياخشى ھەرىكەت، ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقنى كۆرگەندە قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرەيلى.0 I8 M$ F# c7 l3 M9 ^
مەرىپەت تورىدىن ئېلىندى    يوللىغۇچى: ئۇيغۇرچۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-10 13:55:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال تەپسىلىي كۈرۈپ باقاي!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗