ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1893|ئىنكاس: 1

سېرىق يېڭى پۇتبول چولپىنىمز- بارىئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

يانفۇن
يېڭى پۇتبول چولپىنىمز- بارى
68_3_b159458af53acf6.jpg
# k' b* J( Z& d1 A" E
بۇ يىل 1-مارت، خاڭجۇ شەھىرىدە ئاسىيا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 4-لىككە ئېرىشىپ، بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خاڭجۇ «لۈچېڭ» كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۆتكەنكى مۇسابىقە پەسلىدە ياپونىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى ھەم ياپونىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان «گۇۋۇجىڭبا» كوماندىسى كۈتۈۋالغانىدى.
# B* i* C2 r! U+ d2 }% U4 n  }5 ^% ~5 E" B6 k
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياغلاشقۇچە ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا، خاڭجۇ «لۈچېڭ» كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋۇ جىنگۈي ھالقىلىق پەيتتە ئادەم ئالماشتۇردى. 20-نومۇرلۇق ماھىر مەيدانغا چۈشۈشى بىلەن تەڭ خاڭجۇ «لۈچېڭ» كوماندىسىنىڭ ئامىتى ئوڭدىن كەلدى. ئۇ مەيدانغا چۈشۈپ 30 سېكۇنت بولغاندا، خاڭجۇ «لۈچېڭ» كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى قارشى تەرەپ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دەل شۇ ماھىرنىڭ ئەپلىك پاس بېرىشى بىلەن قارشى تەرەپ قاپقىسى ئالدىدىكى رامرېيس ھېچقانچە كۈچىمەيلا توپنى قاپقىغا كىرگۈزۈپ، خاڭجۇ «لۈچېڭ» كوماندىسىنى بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 85 مىنۇت بولغاندا، يەنە شۇ ماھىر چەكلەنگەن رايون سىرتىدا تۇرۇپ بىر توپ تېپىپ، قاپقىنىڭ 90 گرادۇس بۇلۇڭىدىن كىرگۈزۈپ، «گۇۋۇجىڭبا» كوماندىسىغا قىلچە يۈز بەرمىدى. بىر قېتىملىق پاسى ۋە دۇنياۋى دەرىجىلىك ئېسىل توپى بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خاڭجۇ خەلقىنىلا ئەمەس، بارلىق جۇڭگو خەلقىنى ھاياجانغا سالغان 20- نومۇرلۇق بۇ ھۇجۇمچى كىم؟ بۇ دەل ئۇيغۇر يىگىتى — بارى.+ \( h8 I+ K6 S& f6 A
. D* ]+ l2 H4 R9 X0 \8 @
بارى كىرگۈزگەن بۇ توپ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالغۇدەك چىرايلىق كىرگەنىدى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «جاھان پۇتبولى» پىروگراممىسى شۇ ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم مۇسابىقىلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئەڭ چىرايلىق كىرگەن ئون توپنى باھالاشقا قويغاندا، بارى كىرگۈزگەن بۇ توپ C رونالدو قاتارلىق چولپانلار كىرگۈزگەن توپنىمۇ بېسىپ چۈشۈپ، ئىككىنچى بولدى.  ~; d0 ]6 D9 c
. J3 x! P8 ?; F3 N8 A/ ?7 w
بارى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى يېشى كىچىك ماھىر ھېسابلانسىمۇ، ئەمما مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن تەڭلا كوماندىغا ئامەت ياغدۇرغان. ئۇ ھالقىلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ 46 يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۇ چاغدا ئۇ تېخى 16 ياشتا ئىدى. جۇغىمۇ ھەم يېشىمۇ كىچىك بۇ ماھىرنى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېر بولغان پەرھات ئەزىمەت قانداقسىگە شۇنچە چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلغاندۇ؟ ئۇ يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ ماھىرنى ئىككى قېتىم دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسەتكەندۇ؟3 x5 Z" j. V; @1 O  r8 U

1 N4 @- \( ?9 f! J$ L9 Z; K# h$ uپەرھات ئەزىمەتمۇ ئۆز ۋاقتىدا شىنجاڭ پۇتبولچىلىرىغا باش بولۇپ، مەملىكەتلىك  A، B دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ تەربىيەلىنىپ كەلگەن. ئۇ ياش ماھىرلارنى كۈزىتىشكە ماھىر ئىدى. گەرچە جۇڭگو ياشلار كوماندىسى ئەينى چاغدا بارىغا ئېرەن قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇزاققا قالماي ئۇ يەنىلا يېشىل مەيداندىكى چاقنىغان يېڭى يۇلتۇزغا ئايلاندى. پەرھات ئەزىمەت بۇ ياراملىق شاگىرتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا يېڭىلىق يارىتىش روھى بار. ھەممىدىن گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى — كاللىسى سەگەك، ئۆزى چەبدەس، مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىشقا لايىق بەدەن قۇۋۋىتى بار».
; z9 r" a& d; D- P+ [# `# _( n
خاڭجۇ «لۈچېڭ» كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋۇ جىنگۈي شىنجاڭ كوماندىسىدا «كىچىك تانكا» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن بۇ ماھىرغا خېلىدىن بېرى قىزىقىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھەمدە شىنجاڭ لاتارىيە كۇلۇبىنىڭ مەملىكەتلىك C دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بارىنى بايقاپ قالغانىدى. ۋۇ جىنگۈي ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا ياش ماھىر تاللاش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىپ بارىنى تاللاپ ئېلىپ كەتتى. ئەينى چاغدا ئۇنى پەقەت 50 مىڭ يۈەن بىلەنلا يۆتكەپ كەتكەنىدى. ھازىر بۇ ئويلىمىغان يەردىن تېپىلغۇسىز بايلىقىغا ئايلاندى.& A+ W# i" t; J/ m- \: T- r
/ ~0 g5 y0 K: f8 W( f; J. Q
بارى مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى چاغدا شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسى سەپتىن چۈشۈپ قالدى. مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي يۈرگەنىدىم. تەلىيىمگە ۋۇ جىنگۈي ماڭا يېڭى بىر يول ئېچىپ بەردى. ئۇ مېنى خاڭجۇ ‹لۈچېڭ› كوماندىسىغا ئەكەلگەندىن كېيىن، ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى. ئۆتكەن يىللىق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ماڭا 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بېرىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەھنە ھازىرلاپ بەردى. مەن ھەر قېتىم نەتىجە ياراتقىنىمدا ئالدى بىلەن ئۇستازىم ۋۇ جىنگۈيگە رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ».0 A. X  J7 s4 \2 ]) y" c
6 o, a  I  R5 B* y
ۋۇ جىنگۈي بارىغا باھا بەرگەندە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ توپنى قاپقىغا تېپىشىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇسابىقىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارى داۋاملىق ئېلىشىپ، توختىماي يۈگۈرەيدۇ. مانا بۇ تەرىپى ماڭا بەك يارايدۇ. بىز كورىيە كوماندىسىنى ئۇتىمىز دەيدىكەنمىز، مۇسابىقىگە چوقۇم كورىيەلىكلەردىنمۇ بەكرەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئۇلارغا دېمىنى ئېلىۋالغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك».
5 a2 p/ l( _) L* K0 Y/ ~: D4 y) ]# |0 T" L, d
ۋۇ جىنگۈي ئۇنى ماختاش بىلەن بىللە ئەيىبىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى: «ئۇنىڭ كورىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇسابىقىدە ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىدى. ئۇ مۇسابىقىدىن بەكلا پايدىلانماقچى بولدى. بەزىدە قاپقىغا توپ تېپىش ئەپسىز، ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋالدىمۇ قاپقىغا توپ تېپىش يولىنى تاللىۋالدى. ئەمەلىيەتتە سەپداشلىرىغا پاس بەرگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىدى». بىراق ئۇ، بۇ ئىشلارنىڭ بارىنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس، مەيلى بەدەن قۇۋۋىتى بولسۇن ياكى تېخنىكىسى بولسۇن ئالدىدا تۇرىدۇ. مەن بارىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئەستايىدىل پوزىتسىيەسىنى ياقتۇرىمەن. ناۋادا ئۇ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلىسىنى ساقلاپ قالالىسا، ئاسىيا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلىرىدە مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىمەن».
: e6 d6 B% t/ v( ^* D; Q0 B
4 ?; y# j! I/ ^! qمەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 5 J, `8 o. B. c8 p) J: G) y5 b) g: K
$ r) w( K$ r+ q" D- X
چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

7

يازما

152

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
140 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-11 11:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكىدەك تېما ئېلىپ كەپسىز  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗