ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1279|ئىنكاس: 1

دەرىس ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ پەرقى ھەققى ...تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-12-27 16:30:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەر $ J5 s3 W' \2 ^& B% Q$ Z
  
6 f2 G8 V; i, e' o# `$ _4 z
ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ پەرقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
1 k/ ?  h4 j* g  X
! i5 o5 c- u* J& s3 x2 ^  T4 @
" x$ m0 l% M' |6 ]) ?9 G- b  k  R
تىل − ئىنسانلارنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم قورال. ھەر بىر تىل مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ تەپەككۇر ئەندىزى ۋە دۇنيا قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ، ئوخشىمىغان تىللاردا مەلۇم پەرقلەر مەۋجۇت. تىلشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوخشىمىغان تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى يېپىشقاق تىپلىق تىللار (ياپون تىلى، موڭغۇل تىلى، تۈرك تىلى)غا تەۋە. خەنزۇ تىلى مۇستەقىل تىپلىق تىللارغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى مۇستەقىل سۆزلەر، ئادەتتە، گىرامماتىكىلىق بەلگىلەر بىلەن كەلمەيدۇ، سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت سۆز تەرتىپىگە ئاساسەن ئىپادىلىنىدۇ) ^$ F- {8 z! c, B. p
فونېتىكا جەھەتتىكى پەرق ئۇيغۇر تىلىدا بىر سۆز بىر ياكى بىر نەچچە بوغۇمدىن تەشكىل تاپىدۇ. بىر بوغۇم بىر سوزۇق تاۋۇش ياكى بىرسوزۇق تاۋۇش بىلەن بىر نەچچە ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ. خەنزۇ تىلىدا كۆپ ھاللاردا ئىككى خەت بىر سۆزنى تەشكىل قىلىدۇ. بىر خەت بىر بوغۇم ھېسابلىنىدۇ.
4 Q  J# D' R  Z* ?لېكسىكا جەھەتتىكى پەرق ئۇيغۇر تىلىنى خەنزۇ تىلىغا سېلىشتۇرغاندا ، كىرمە سۆزلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى كىرمە سۆزلەر ئاساسەن ئەرەب تىلى، رۇس تىلى، پارس تىلى، خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگلىز تىلىدىن كەلگەن.
$ q2 j9 u: I( |7 ?( h1 [گىرامماتىكا جەھەتتىكى پەرق مەلۇمكى، تىلنىڭ گىرامماتىكا قىسمى بىر قەدەر مۇقىم، تۇراقلىق بولىدۇ. تىلنىڭ مىللىيلىقى، خاسلىقىمۇ گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلى يېپىشقاق تىل بولۇپ، ئىسىملار جۈملىدە شەخس، كېلىش، سان جەھەتتە تۈرلىنىپ كەلسە، سۈپەتلەر ئۆزىگە خاس دەرىجە كاتېگورىيەسىدە تۈرلىنىدۇ. پېئىللارنىڭ تۈرلىنىشى مۇرەككەپ بولۇپ، سان، زامان، راي، بولۇشلۇق، بولۇشسىز، پېئىل دەرىجىلىرى جەھەتتىن تۈرلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدا جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كەتسىمۇ، جۈملىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا زور تەسىر يەتمەيدۇ. خەنزۇ تىلى مۇستەقىل تىپلىق تىل بولۇپ، سۆز تەرتىپى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى سۆز تەرتىپى ئارقىلىق مەنا ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر جۈملە ئىچگە كىرگەندە، ئاساسىي جەھەتتىن تۈرلەنمەيدۇ.
  x' v+ f6 l3 e! r8 P; t6 Rيېزىق جەھەتتىكى پەرق ئۇيغۇر يېزىقى تاۋۇشلۇق يېزىق ئىچىدىكى ئېلىپبەلىك يېزىق، ئېلىپبەلىك يېزىق دېگىنىمىزدە، ھەر بىر ھەرپ بىردىن فونېمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يېزىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بارلىق يېزىق تىپلىرى ئىچىدە ئىلمىي بولغان، ئىشلىتىشكىمۇ ئاسان بولغان يېزىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى ئوڭ تەرەپتىن سول تەرەپكە قاراپ يېزىلىدۇ. خەنزۇ يېزىقى مەنىلىك يېزىق بولۇپ، سول تەرەپتىن ئوڭ تەرەپكە قاراپ يېزىلىدۇ. خەنزۇلار خەت ئىجاد قىلىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئۆزلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىپ تۇرىدىغان شەيئىلەرنى ئەستە ساقلاش ۋە ئۆزئارا ئالاقە قىلىشتا قوللىنىش ئۈچۈن، شەيئىلەرنىڭ تەسۋىرىنى ئاددىي سىزىقچىلار بىلەن دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا، قۇلۇلە قاپلىرىغا، كېيىنچە ساپال بۇيۇملارغا، تاشقا ۋە مىس داڭقان قاتارلىق بۇيۇملارغا سىزىپ چىققان ۋە ئويغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ رەسىم تۈسىنى ئالغان بەلگىلەر بارا - بارا خەت يەنى يېزىق بولۇپ شەككىللىنىشكە باشلىغان. بۇ باسقۇچ تەسۋىرىي يېزىق. دەپ ئاتالغان. مەنىلىك يېزىق دېگىنىمىز تەسۋىرىي يېزىقنىڭ راۋاجلىنىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان يېزىق، بۇنداق يېزىقتا ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئەينەن سىزىپ كۆرسىتىلمەي، بەزى شەكىل ياكى بەزى بەلگىلەر ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوخشىمىغان تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرق مەۋجۇت. بۇ پەرقلەرنى توغرا، ئەتراپلىق چۈشەنگەندە، تىلنى تېخىمۇ تېز ھەم ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

- z$ @# Q6 Y7 S0 j3 _2 ~* f' t/ k
9 g- r, l8 r" e% Lمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

1

تېما

4

يازما

80

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
11 سەر
تۆھپە
10 سەر
تىللا
45 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-29 02:44:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗