ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1354|ئىنكاس: 1

ناخشا دۇنيادىكى تىللارmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-12-27 16:26:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەر
دۇنيادىكى تىللار
, R# L  s& m, b1 B
«دۇنيادا زادى قانچە خىل تىل بار؟» دېگەن بۇ تېمىنى دەۋر قىلغان تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش بۈگۈنكى كۈندە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ قىزىق نۇقتا بولماقتا. گېرمانىيەلىك تىلشۇناسلار 1979-يىلى دۇنيادا 5651 خىل تىل بار، دەپ يەكۈن چىقارغان. فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيادا 2796 خىل تىل بارلىقىنى ئېلان قىلغان. باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغان. ئەمما، ھەرقايسىسىنىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ئوخشاشمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا دۇنيادا 2500 دىن ئارتۇق مىللەت، 2500 دىن 3500 غىچە تىل بار، دەپ ئىزاھلانغان.
. {- d. g6 V( g; Xدۇنيادىكى تىللار دۇنيادىكى يېزىقلاردىن كۆپ. چۈنكى بەزى مىللەتلەرنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق. بۇنىڭدىن سىرت نەچچە مىللەت بىر تىلنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەھۋالمۇ بار. تىل توغرىسىدىكى دۇنياۋى تەتقىقاتتا ئىنسانشۇناسلارنىڭ ئىستاتىستىكىسى ئەقىلگە مۇۋاپىقراق بولۇپ، ئۇلار ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى داۋامىدا دۇنيادىكى تىللارنىڭ 6809 خىلغا يېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم تىللارنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈشىنىمۇ شەرھلەپ، تىل تۈرىنىڭ ئاز - كۆپلۈك تەرتىپىدە ئاسىيا قىتئەسىنى بىرىنچى ئورۇنغا (2197 خىل تىل بار)، ئافرىقا قىتئەسىنى ئىككىنچى ئورۇنغا(2058 خىل تىل بار)، تىنچ ئوكيان تاقىم ئاراللىرىنى ئۈچىنچى ئورۇنغا (1131 خىل تىل بار)، لاتىن ئامېرىكىسىنى تۆتىنچى ئورۇنغا (1013 خىل تىل بار)، ياۋروپانى بەشىنچى ئورۇنغا (230 خىل تىل بار) قويغان. ئېلىمىزمۇ تىل تۈرى كۆپرەك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، 80 خىلدىن ئارتۇق تىل، 30 خىلدىن ئارتۇق يېزىق بار.. O6 R- O/ U, Z3 g  J" B, C
لېكىن، ھەرقايسى ئەللەردىكى نۇرغۇن تىلشۇناس بۇنداق ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىيالنىڭ توغرىلىقىغا تازا ئىشىنىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار«ھازىر دۇنيادىكى كۆپىنچە تىل يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. بەزى جايلاردا بەزى تىللارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتىدىنمۇ تېز بولۇۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تىللارنى توغرا ئىستاتىستىكا قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ.
; y* p) z: P5 z5 w2 B  h1 X! pھازىر دۇنيادا ئۆز تىلىنى دۆلەت تىلى سۈپىتىدە رەسمىي ئىشلىتىۋاتقان، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ شۇ تىلنى ئىشلىتىشى بىر قەدەر خەتەرسىز، دەپ قارالغان تىل پۈتكۈل دۇنيادىكى تىللارنىڭ %10ىگىمۇ يەتمەيدۇ. ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى تىللارنىڭ يوقىلىشىنى تېزلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىغاندا، مۇشۇ ئەسىردە دۇنيادىكى تىللارنىڭ يېرىمى يوقىلىشى، يەنە 200 يىلدىن كېيىن بۇ تىللارنىڭ %20ىلا ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
6 m5 D" T- }+ e/ g% Nئىستېمال نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىنگلىز تىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ تىل ھېسابلىنىدۇ. ئالاقە تورىنىڭ %85ىنى ئىنگلىزچە ئۇچۇرلار ئىگىلەيدىكەن. ھازىر نۇرغۇن دۆلەت ئىنگىلىز تىلىنى ئاساسلىق تىل ئورنىدا قوللىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر تىلنىڭ يوقىلىشى بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە رەڭدارلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھەر قانداق بىر مىللەت ئەزاسىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلىشى ۋە قوغدىشى ناھايىتى زۆرۈر.% D0 D. a0 j' t& n( [! s& d
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

89

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-5 03:39:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال تەپسىلىي كۈرۈپ باقاي!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗