ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1222|ئىنكاس: 1

سېرىق ئۇچۇق دەرىستە ئويلىغانلىرىمئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-12-19 14:13:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر
ئۇچۇق دەرىستە ئويلىغانلىرىم
% c  b, _- s  |7 \
- m2 e' v/ N7 @! x
ھازىرغىچە ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوچۇق دەرس ئۆتمەكچى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى ئارىلاش بولغان جايدا ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ گەرچە ئىجابىي تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بولسىمۇ بىراق مېنىڭچە يېتەرسىز تەرەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس.   1. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئارىلاش سۆزلىگەندە، ھەرقانداق نورمال پسىخىكا قابىلىيەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىمۇ شۇ سائەتلىك دەرستە چوقۇم ياسالمىلىق قىلىشتىن خالىي بولالمايدۇ. يەنى دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا ماس ھالدىكى سەۋىيىدە  ئەمەس بەلكى شۇ سىنىپتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە  ماس ھالدا سۆزلەيدۇ - دە، چۈشىنىكسىز ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.    2. ئوچۇق دەرس ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلسە دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش مېتودىنى تولۇق ئىگىلىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇغۇچىسىدىن سوئال سورىشى،  كۆز قاراش،  چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تولىمۇ ئەپسىز بولۇپ، دەرس ئاڭلىغىلى كىرگەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا بىرخىل بۇرۇقتۇرمىلىق  ئىچىدە بىر سائەتلىك دەرسنى ئاران تۈگىتىپ چىقىدۇ. نېمىدۇر بىر نەرسە كەم قالغاندەك ئۆزى  سورىماقچى بولغان نۇرغۇن مەسىلىلىرى باردەك ھېس - تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.    3. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ناھايىتى نازۇك مۇناسىۋەت بولغاچقا، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل مۇناسىۋەتكە ناھايىتى سەزگۈر كېلىدىغان بولغاچقا ئوچۇق دەرس ئۆتمەكچى بولغان ئوقۇتقۇچى روھىي كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرالماي، خاتا سۆزلەپ قويسا ياكى دۇدۇقلاپ بەك تەمتىرەپ كەتسە، دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوبرازىغا ياخشى بولمايدۇ. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارمۇ تۇرغان يەردە دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى بىرخىل تەقىپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالىدۇ.   ئەگەر بىز ئەزەلدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوچۇق دەرس ئاڭلايدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ پەقەت ئوقۇغۇچى ئەكىرمەي، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان ئوچۇق دەرس ئۆتكۈزۈپ باقساق،  بولۇپمۇ ئۈلگىلىك بولغان ئوچۇق دەرسنى شۇنداق ئۆتكۈزۈپ باقساق قانداق بولار؟   مېنىڭ ئويۇمدا دەرس ئاڭلاۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچى،  مۇدىرلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچى ھېسابلانسا، دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇلارنى ئوقۇغۇچى دەپ تونۇپ تەبىئىي ھالدا دەرسكە كىرىشىپ كەتسە،  ئوقۇتقۇچى بۇ ساقاللىق >ئوقۇغۇچىلار< دىن تارتىنماي سوئال سورىسا، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئوقۇتقۇچىدىن كۆڭۈلدىكى سوئاللارنى سورىسا، ئۆز ئارا تەجرىبە،  بىلىم ئالماشتۇرۇلسا، بۇ سىنىپتىكى دەرس ئاڭلاش ھەم ئۈنۈم ھەم تەجرىبە قولغا كېلىدىغان دەرس ئاڭلاش بولامدىكىن دەپ قارايمەن.          (قاراقاش ناھىيە سايباغ 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن)  ئالىمجان ئەخمەت  + w  y/ `. g" L; m8 w2 |. j: X
) s& t' f# X  U4 G. a' @6 \+ W
مەنبە:ياشلىق تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-22 14:57  - r, c2 K9 r6 Z7 [
) }5 y* H: ~+ ]1 Z$ G' g' d
دىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

71

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
10 سەر
تۆھپە
8 سەر
تىللا
41 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-17 03:49:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قوللايمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗