ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1065|ئىنكاس: 1

سېرىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىزغا دىئاگنۇزئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-12-19 12:10:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىزغا دىئاگنۇز+ |% |; ^  j( r
; G, B( w! Z5 |. A9 k/ z$ b
                       توختىمۇھەممەت تۇراجان( U2 m- J' P% z+ y& ?" t

/ N7 Q$ W# e. r0 I( hدەرس ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا گەرچە خېلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولساقمۇ،بىراق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىز تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولالمىدى.
" s3 f& K% T8 f1 M: ^( F' hبۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىزغا قويغان دىئاگنۇزلىرىم ئارقىلىق كەڭ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:* N5 P2 k3 @  d8 U; T/ b5 X6 y
1.دەرس ئۆلچىمىنى چۈشەنمەسلىك.دەرس ئۆلچىمى - دەرسلىك تۈزۈش ۋە ئۇقۇتۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ،ئۇنىڭدا تىل-ئەدەبىيات دەرسىمىزنىڭ خاراكتىرى،مۇھىم ئورنى،دەرسنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى،شۇنداقلا دەرسنى لايىھىلەش،تەييارلاش،دەرىس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم ھالقىلىرى تۇلۇق چۈشەندۈرۈلگەن قۇرال كىتاب،بىراق كۆپ قىسمىمىز دەرس ئۆلچىمى بىلەن كارىمىز ئۆزىمىز بىلگەن پەدىگە مېڭىۋەرمەكتىمىز،شۇڭا دەرس ئۆلچىمىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ شۇ ئۆلچەم بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كىرەك.
! f7 G/ T5 x$ |( B# W2.پەننىڭ خاراكتىرىنى ئىنىق چۈشەنمەسلىك. تىل-ئەدەبىيات -تىل ۋاستىسى ئارقىلىق بەدىئىي ئوبراز يارىتىپ،رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان،كىشىلەرگە دۇنيا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئەخلاق،ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىپ گۈزەللىك قارىشى يىتىلدۈرىدىغان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىلىق يىتىلىشى ۋە ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپ، باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۈگىنىشكەتۈرتكە بولىدىغان مۇھىم پەن. ھالبۇكى بەزىلىرىمىز تىل-ئەدەبىياتنى  <<ئۆتۈش ئاسان،نەتىجىسى يۇقىرى چىقىدىغان پەن>>دەپ قاراۋاتىمىز.بۇنىڭ بىلەن تىل-ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي،ئاھ ئۇرماقتا.شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ پەننىڭ خاراكتىرىنى ئوبدان چۈشۈنىۋېلىشىمىز كىرەك.7 C7 u9 ^6 j: p+ b* k6 w
3.ماتىرىيال كۆرمەسلىك.تىل-ئەدەبىيات دەرىسى مەزمۇن دائىرىسى ھەم چېتىلىش دائىرسى كەڭ پەن بولغاچقا ،بىز ھەرخىل گېزىت-ژورنال،لۇغەت ۋە تۈرلۈك كىتابلارنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇشى كىرەك ئىدى،بىراق بىز بىكار ئولتۇرۇپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا رازىمىزكى،كىتاب-ماتىرىيال كۆرۈپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتمەيمىز،ئېسىمىزدە بولۇشى كىرەككى ئوقۇغۇچىلارغا بىر چۈمۈچ سۇ بېرىش ئۈچۈن بىزدە بىرتۇڭ سۇ بۇلۇشى كىرەك.) S3 r& H  o# e5 }9 S
4.دەرس لايىھىسىنى ئەتراپلىق قىلماسلىق.دەرس تەييارلىقى - دەرس ئۆتۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بەزىلىرىمىز دەرس لايىھىسىنى ئىزدىنىپ ئەتراپلىق لايىھىلىمەي، باشقىلارنىڭ دەرس لايىھىسىنى كۈچۈرۈپ  قويۇپلا<< دەرس تەييارلاش ئالۋىڭى>>نى ئادا قىلىمىز.نەتىجىدە بۇ دەرس ئوقۇغۇچىلارغىلا،ئەمەس ئۆزىمىزگىمۇ ئۆزلەشمەيدۇ،شۇڭا دەرس لايىھىسىنى ئەتراپلىق،پۇختالايىھىلىشىمىز كىرەك.
  j$ c: x3 ?+ i  C6 k7 }4 w5. دەرىسكە باشلاپ كىرىشكە ئىزدەنمەسلىك.يىڭى دەرسكە مۇۋاپىقىيەتلىك باشلاپ كىرىش-كىرەلمەسلىك شۇسائەتلىك دەرسنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتۈلۈش-ئۆتەلەلمەسلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتى.شۇڭا ھەرسائەتلىك دەرىسكە باشلاپ كىرىش جەھەتتەئالاھىدە ئىزدىنىش كىرەك.ئېسىمىزدە بولۇشى كىرەككى تۇنجى پاي ئوقنى دەل تەككۈزۈش-تەككۈزەلمەسلىك جەڭدە غەلبە قىلىش-قىلالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ.
; B! z; s' u; O5 e0 R) y( Y6 o6.ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماسلىق.ھەممىمىزگە مەلۇم ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا بىز ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا خىلمۇخىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى جانلىق قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كىرەك.  }% N# v+ X: A; u' p" x
7.دەرىسلىك كىتابقىلا ئېسىلىۋېلىش.تىل-ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابى ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان قورال،بەزىلىرىمىز دەرىسلىك كىتابقىلا ئېسىلىۋالىمىز،بۇنىڭ تىكىستنى تەھلىل قىلىشىمىز بەك يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز ھەم تەپەككۇرىنى ئويغۇتىشىمىز كىرەك.
2 v' h& k, G+ f8.نۇتۇق قابىلىيىتىمىز ياخشى بولماسلىق.ئۇقۇتۇش مىتودى يېڭى بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتۈزۈشتىكى مۇھىم ۋاستە،بىراق بەزىلىرىمىزنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى ياخشى بولمىغاچقا ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە جەلىپ قىلالماي،كايىپ ،ھېرىپ كېتىمىز،ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرسىمىزدىن بىزار بولىدۇ.شۇڭا بىز چۇقۇم ناتىق،يۇمۇرىستىك بولىشىمىز كىرەك.8 C2 [9 g0 A% t" |" a
9.نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرمەسلىك. تىل-ئەدەبىيات ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك دەرس.بەزىدە نەزىرىيگىلا ئېسىلىۋېلىپ ئەدەبىياتنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنى بىر يانغا قايرىپ قويىمىز.بۇنداق دەرس ئۈلۈك دەرس، خالاس. شۇڭا نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى چۇقۇم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشىمىز كىرەك.
  e2 i6 F6 z. z) N10.دەرىسنى دەرسخانىدىلا ئۆتۈش.ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش -تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەقسىتى.كۆپ قىسمىمىز دەرسنى پەقەت سىنىپتىلا ئۆتىمىز،بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەتتىن،تەبىئەتتىن ۋە جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە سىرتلارغىمۇ ئېلىپ چىقىشىمىز كىرەك.
6 S0 h& I8 i) N7 Y5 p8 f11.يېزىقچىلىق،ئاغزاكى ئالاقە،ئونىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى،مەشھۇر ئەسەرلەرنى تۇنۇشتۇرۇش قاتارلىق دەرىسلەرگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك.ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق،ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقى دەرسلەرگە قەتئى سەل قارىماسلىقىمىز كىرەك.
' H1 z2 \* y- L12.دەرىس بايلىقىدىن تولۇق پايدىلانماسلىق.ھازىر ئىزدىنىدىغانلا بولساق پايدىلىنىدىغان ماتىرىيالنى چۇقۇم تاپقىلى بولىدۇ.شۇڭا دەرس بايلىقىدىن كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىشقا ھەرۋاقىت ئەھمىيەت بېرىشىمىز كىرەك.
, P7 ^4 V. D0 `5 \, {- H. P0 R13.ھەمىمىنى ئۆزىمىز سۆزلىۋېلىپ،ئۇقۇغۇچىلارغا سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىك.ھازىرقى شارائىتتا ئوقۇغۇچىلارغا ھەممىنى چايناپ بەرمەستىن يېيىىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كىرەك.6 |3 S: B+ _! b3 V5 {: Z& B
14.تىل-ئەدەبىياتنىڭ  تەربىيەلەش رولىغا سەل قاراش. ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەب-ئەخلاق ئۆگىتىش ئەدەبىياتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەقسىتى ھەم ۋەزىپىسى. شۇڭا ھەربىر دەرىسكە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيە-ئەخلاق ۋە قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى بىرىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كىرەك.
9 s5 z  _# {3 g4 T15.سوئال سوراشنى بىلمەسلىك.سوئال سوراش ئوقۇتۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى،شۇڭا سوئال سوراش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىمىز كىرەك.
4 ]5 n4 Q* P+ g; F" I' \! |0 L16.تىكىستنى ئۇقۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. ئەسەرنى ئوقۇش -ئەسەر ۋەقەلىكىنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسى.ئەسەر ۋەقەلىكىنى چۈشىنىش ئەسەرنى تەھلىل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.شۇڭا تىكىستنى ئۇقۇشقا ھەم ئۇقۇتۇشقا قەتئى سەل قارىماسلىقىمىز كىرەك.
% j( e" X8 b) l' N  ]  F; {; |* H17.تاپشۇرۇقنى مۇۋاپىق بەرمەسلىك. تاپشۇرۇق بېرىش - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش،ئۈگەنگەنلىىرىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ ،شۇڭا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك.
" z5 x) l: U6 N/ M- D5 }يۇقىرىقىلارغا ئەھمىيەت بېرەلىسەك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىز تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بولىدۇ،دەپ قارايمەن.! X( z8 i: `: B$ w
/ ?2 r4 i! p: s6 G9 f
ئاپتور:قاراقاش ناھىيە زاۋايېزا2-ئوتتۇرا مەكتەپتە8 j( x2 [7 c& t1 \
مەنبە:ئۆز قەلىمىم. a3 l+ @, T% z/ A
ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

96

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
12 سەر
تۆھپە
10 سەر
تىللا
58 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-9 22:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗