ئۇيغۇر
ئادەمنىڭ قىممىتى4 ^/ l; m: `* b% j. c) q
( v# y5 X, C7 u; Nبىر ئالىم ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك، مۆجىزە خاراكتىرلىق مۇنداق تەجرىبە يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1 _: |' E" B8 M( f' ?, Z
ئادەم بەدىنىنى سىنتىزلاپ (پارچىلاپ) ماددىلارغا ئايرىغاندا ئادەم تېنىدە يەر شارىدا بار بولغان 108 خىل ئېلمىنىتنىڭ ھەممىسى بار چىققان. ئەڭ ھەيران قالارلىق يېرى يەر شارىدا بار ئېلمىنىتلارنىڭ زاپىسى بىلەن ئادەم تېنىدىكى ئىلمىنىتلارنىڭ زاپىسى ئوخشاش مىقداردا ئىكەن. مەسىلەن : يەر شارىدا سۇنىڭ نىسبىتى %70 بولسا ئادەم بەدىنىدىمۇ شۇ نىسبەتتە ئوكسېگىن، ئازوت، ئالتۇن، تۆمۈر، مىسلەرنىڭ نىسبىتىمۇ يەرشارىدىكى زاپىسى بىلەن ئوخشاشكەن. ھەتتا ئادەم بەدىنىدىك گۈڭگۈرتنى سىنتېزلاپ ئالغىلى بولسا نەچچە قاپ سەرەڭگە ياسىغىلى بولىدىكەن. ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان تەجرىبە يەكۈنى شۇكى بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماددىلارنىڭ سىنتېزلانغاندىكى باھاسى بەكلا ئەرزان بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا ئون يۈەنگىمۇ يەتمەيدىكەن. دېمەك بىر ئادەمنىڭ ماددىي قىممىتى ئەنە شۇنداق تۆۋەن بولىدىكەن.. P8 I1 c5 l# `+ a0 l% b
ھەئە، ئادەمنى ماددىي قىممەت بىلەن ئۆلچەش ئەخمىقانىلىق بولسا كېرەك. ئەمما بۇ يەكۈن بىزنى ئادەمنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك، ئادەمنىڭ قىممىتىنى قايسى خىل ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەيمىز، دېگەن سوئاللارغا باشلايدۇ.
4 o1 D. T9 c. u5 _بىر ئادەمنىڭ ماددىي قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرىدىكىدەك بەك تۆۋەن، ھەتتا چىچقاق قوزىنىڭ باھاسىدىنمۇ تۆۋەن ھالەتتە بولىدىكەن. بۇ خىل باھا بىر ئىلمىي يەكۈن بولۇپ، بۇ يەكۈندە ئېسىل نەسەبلىكلەر يۇقىرى باھادا بولىدۇ، پەسلەر تۆۋەن باھادا بولىدۇ، دېسەك خاتالىشىمىز. بەك ئەخلاقلىق ئادەممۇ، بەك مەدەنىيەتسىز ئادەممۇ يەنىلا ئوخشاش باھادا بولىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ياسىلىش ماتېرىيالى ئوخشاش. دەسلەپكى يارىتىلىشىمىز تۇپراقتىن، كېيىنكىلىرى ئىنسان تىلغا ئېلىشتىنمۇ سەسكىنىدىغان، ئەمما جەزمەن شۇ نەرسىدىن ، سېسىق سۇدىن بارلىققا كەلگەنمىز. يەيدىغىنىمىز زېمىندىن چىققان نەرسىلەر، ئەمما بۇغداي قوناقنى ھەرقانچە سېنتىزلىسىمۇ چاچ ، تىرناق ياسىغىلى بولماسلىقى مۈمكىن، ياسىغىلى بولدى دېگەندىمۇ، جان، ئەقىل قاتارلىقلار بۇغداي قۇناقتىن پۈتىدىغان نەرسە ئەمەس.
4 [& V0 R8 f, K) Rدىمەك بەدەننىڭ چىرايلىق، سەتلىكى، نەسەبىمىزنىڭ ياخشىلىقى، بايلىقىمىزنىڭ موللىقى، ئوغۇللىرىمىزنىڭ كۆپلىكى قىممىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس!' W2 q9 |& d) ]8 H* C* a
ئۇنداقتا قىممەتنىڭ ئوخشىماسلىقى قەيەردە؟ ئەمدى بىز روھىي تەرەپكە نەزەر ئاغدۇرايلى. قۇرئان كەرىمدە، «ۋەلەقەد كەررەمنا بەنى ئادەم»، يەنى «ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلىپ ياراتتۇق»، دېگەن ھۆكۈم بولغان بولغاچقا يەرشارىدىكى ھەتتا ئاسماندىكى بارلىق شەيئىلەر ئادەمدىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چۆرىدەپ خىزمەت قىلىدۇ. يەنى ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. قۇياش ئالەم ئوربىتىسىدا ئۆز ئوقىدىن مىللىمىتىر تېيىپ كەتمەي خىزمەت قىلىدۇ- ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن! ئەگەر قېيىپ كەتسە يەر شارىدىن ھاياتلىق ئىزنالىرىمۇ قالمايدۇ. سۇ، ئوكسىگىن، ئازوت، ھېدروگىن، بارلىق ئېلىمىنىتلار ئىنساننىڭ مەنپەئەتىگە تولۇق لايىقلاشقان. بارچە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ئىنساننىڭ مەنپەئەتى، ئېھتىياجىغا لايىقلاشقان. ئاسمان ھەم يەر ئارىلىقىدىكى بارچە نەرسە ئادەم ئېھتىياجى ئۈچۈن. ھەتتا ئولۇغ بولغان پەرىشتىلەرمۇ ئىنسانغا سەجدە قىلغان. ئىنساننىڭ ئېھتىياجى شۇنداق يۈكسەك، ئولۇغ ئورۇنغا قويۇلغانكى، ھەتتا ئەڭ زۈرۈرىيەتلىك ھالەتلەردە ھارام قىلىنغان چوشقا گۆشى ھالال بولىدۇ. ئېھتىياج، ئىنساننىڭ زۆرۈرىيەتلىرى شۇ قەدەر ئالىي ئورۇنغا قويغان. ئىنسان شۇقەدەر ئۇلۇغلانغان.' `# l' l3 K1 Z5 b" B
شۇ قەدەر ئولۇغلانغان ئاشۇ ئىنسان، ئۆزىنىڭ قەدرىنى قىلالامدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئولۇغلۇقىنى قانداق بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ؟ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە، «بىز ئىنسان بالىلىرىنى ئويناپ ياراتمىدۇق»، «بىز جىن بىلەن ئىنساننى پەقەت پەرۋەردىگارى ئۈچۈن ئىبادەت قىلسۇن ئۈچۈن ياراتتۇق»، دېگەن./ B/ J: t# k1 b* D5 ]9 a3 y
ئىنسان دەل مۇشۇ ھۆكۈم بويىچە ئۆز پەرۋەردىگارىنى تونۇپ، ئۆز پەرۋەردىگارىغا قۇلچىلىق قىلىپ ، بەندىگە، باشقا مەۋجۇت شەيئىلەرگە قۇلچىلىقنى تاشلاپ، مېنىڭ رەب دەپ تونۇيدىغىنىم پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ ھەممىنى ياراتقان، ياراتقانلىقىغا قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت پۇلاتتەك پاكىتلىرى بولغان ئولۇغ ئاللاھ، دېيەلىسە، ئۇ ئادەم تولىمۇ بەختلىك. ھەئە، مېنىڭ رەببىم بار، ئۇ بىردۇر، دېيىش ھەم شۇ ھۆكۈمگە تولۇق تەستىق قىلىش، شۇنى تەستىق قىلىش يولىدا ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلار ئىنساننىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىگە پايدىلىق، توسقان بارلىق ئىشلار ئىنساننىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىگە زىيانلىق دەپ تونۇپ، بۇيرۇق ۋە توسۇقلارنى جايىدا ئىجرا قىلىش، ئىنساننى بۈيۈكلۈك ماقامىغا يەتكۈزىدۇ.
" w3 u' L% v) B1 a/ oھازىرقى زاماندا شەيتان بارلىق گۇمپىلىرىنى ئىشقا سالماقتا. قەلبى پۈچەك ئادەملەرگە ئاللاھ يولىدىكى ئەمەللەر شۇ قەدەر تەس بىلىنىدۇكى، ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ بولغان، مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنى پەرىقلەندۈرىدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم دەپ قارىلىدىغان ناماز ئوقۇش ئاسمانغا چىقىشتىن تەس بىلىنىدۇ. ئەمما ھەر بىر ئازدۇرغۇچى شەيتاننىڭ چىرىكلىرى قولىمىزدىن چىڭ تۇتىۋالدى. ئاڭ – ئەقىدىمىزنى ئاسان بۇزىدىغان، بۇلغايدىغان يوللارغا بىزنى سۆرىمەكتە. ئاشۇ يوللارنى بىزگە چىرايلىق كۆرسەتمەكتە. بىر ئىنسان ئاللاھنى تونۇغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى بولمىسىمۇ، تالانتلىق يازغۇچى، ئىجادكار ئالىم، مىللەتنىڭ گۈھەرلىرى دەپ تۇنۇدۇق. ئۆزىنى شۇ قەدەر سىپايە تۇتىدىغان ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبى شۇنداق قېتىپ كەتكەنكى، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا باش ئېگىش، ئېگىلىش شۇقەدەر تەس بىلىنىدۇ. ئاشۇنداق ساقتا يازغۇچى، ئالىملار بىزدە ئىنتايىن كۆپ، ئاشۇلارنىڭ ئىخلاسمەنلىرى بولغان ئىنسانلارمۇ بىزدە زور كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.) o8 G) L, g+ ^/ I8 m9 @7 s* I3 I; O
يەنە باي كىشىلەر، نەسەبلىك كىشىلەر، جەمەتلىك كىشىلەر بار. ئۇلار ئۆزىنى ئەسمەتخاندەك تۇتىدۇ. ئات – بىلەن ئىشەكنىڭ پەرقى بولىدۇ، دەپ تونۇيدۇ. توغرا، ئات بىلەن ئىشەكنىڭ پەرقى بار. ئەمما پەرق نېمىدە، پۇل - مالدىمۇ، نەسەپ- مەنسەپتىمۇ، ياكى جاھانغا پاتمىغان ئاشۇ ئوغۇللاردىمۇ؟
; R; c" D4 Q0 E/ K2 y+ ]- e6 g, T8 Lئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئولۇغلۇق ۋە بۈيۈكلۈك چىراينىڭ، بايلىقنىڭ، ئوغۇللارنىڭ كۆپلۈكىدە ئەمەس بەلكى، ئاللاھقا قىلىنىدىغان تەقۋادارلىق بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەتلەر نازىل قىلىنغان.
* o3 I; c' K8 d) M% q' Rبىز بىر ئىنساننى ئىككى خىل سۈپەتتە تەھلىل قىلىپ باقايلى. , @6 p1 V7 e* M- }6 c: R! f/ k" r
1- سۈپەت، ئىنساننىڭ كاپىر يەنى ھەقىقەتنى يۆگىگۈچى ھالىتى. بۇ ھالەتتە ئىنسان، بەك ئاق كۆڭۈل، بەك ئەخلاقلىق، بەك ساخاۋەتچى، ھەتتا يەرشارىنى تەمىنلىگۈدەك پۇل – مېلىنى سەدىقە – ئېھسان قىلسىمۇ ئۇنى ئولۇغلۇق شەرىپى بىلەن تەرىپلەشكە بولامدۇ؟' x& B. N, |, c, J7 q( i+ A
مۇتلەق بولمايدۇ. ئاددىي ئەقلىڭىز، چولتا يەكۈنلىرىڭىزدە ئۇ بىر ياخشى ئادەم. ئەمما ياراتقۇچىنىڭ نەزىرىدىچۇ؟ ئۇ بىر شەقىي، كور، ئۆز بەختىنى نابۇت قىلغۇچى. چۈنكى ، ئۇ ئىنسان ساغلام ئەقلى بىلەن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىنى تونۇمىسا، ئۆزىنىڭ ھەرزامان مۆھتاج ئىكەنلىكىنى، ئېتىقادقا، رىزىققا، ماددى، مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا مۆھتاج ئىكەنلىكىنى، يەر شارىدىكى شۇ قەدەر تەرتىپلىك قانۇنىيەتنىڭ ئۆزىچە بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ياراتقۇچىنىڭ ھېچنىمىگە مۆھتاج ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ مال – دۇنياسى ئۇنى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىلىرىدىن مۇستەسنا قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ ياشىيالمىسا ئۇ يەنىلا بەك بىچارىدۇر، ئەڭ شەقىي، ئەڭ گۇناھكار بەندىدۇر.
, J0 j2 B& R: j- S+ C U8 y# Nشۇنداق مەن ئەڭ قۇدرەتلىك دېگەن ئىنسانمۇ شۇ ئىلاھلىق سۈپەتتىكى ئاللاھنىڭ ئالدىدا شۇ قەدەر ئاجىز بولىدۇكى، ئۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلۇقلىرى ئۇنىڭ جەھەننەمنىڭ قەرىگە كىرىشىگە يېتەرلىك سەۋەب بولىدۇ. ھەئە، ئىنسان ئۆزىنىڭ قايسى ھالەتتە قاچان توغۇلۇشىدىن بىخەۋەر. ئوغۇل – قىز بولۇش ئىختىيارى تېخىمۇ يوق. ئېگىز – پاكار، چىرايلىق، سەت بولۇش ئىختىيارى تېخىمۇ يوق. كېسەل بولىمەن، ساقىيىمەن. ئۆلىمەن، ئۆلمەيمەن دېيىشتىن شۇ قەدەر ئاجىز. ئۇ ھەتتا پۇلات قەلئەنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ.
" C* K& X: U0 s: K% bئۇنىڭ رەبنى رەب يەنى ياراتقۇچىنى ، ياراتقۇچى سۈپەتتە تونۇيالمىسا ئۇنىڭ ياخشىلىقىنىڭ جەننەت دۇزاختىن ئىبارەت مۇكاپات، جازا مەيدانىغا بارغاندا بىر پۇللۇق ئىناۋىتى بولمايدۇ. (جەننەت ۋە دۇزاخقا ھۆكۈم قىلىنىشتا ئىناۋىتى بولمايدۇ، دېمەكچى. چۈنكى ئۇ ئىمان شەرىپىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. رەببىنى تۇنۇمىدى. شۇڭا رەببىمىز ئۇنداق شەقىي بەندىنى قىيامەتتە تونۇمايدۇ. ئەمما دۇزاختىكى دەرىجىسى ئوخشاش بولماسلىقى مۈمكىن. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپ، پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ كۆپ ياردەم بەرگەن شەخىس، ئەمما ئۇمۇ ئىمان شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەچكە، ئاخىرەتتىكى ئورنى دۇزاختا بولىدۇ، ئەمما ھۇشۇقىغىچە ئوتتا بولىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقى ھەرقانداق شەخىسنىڭ ياخشىلىقىدىن كۆپ بولىشى مۈمكىن. چۈنكى پەيغەمبەرگە ياردەم بېرىش، قوغداش دېگەن ئەڭ بۈيۈك ئىش. ئەمما شۇ ئىشمۇ ئىمانسىزلىقنىڭ ئورنىنى باسالمىغان، دېمەك ئىمانسىزلىقنىڭ ھۆكمى دۇزاختا، ئەمما دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، دېمەكچى بىز) چۈنكى ئۇ رەببىنى تونۇشتىن تەكەببۇرلۇق قىلدى. شەيتاننىڭ تەكەببۇرلۇقتىن بۆلەك گۇناھى يوقتى. ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ ئالدى ئىدى. ئۇ تەكەببۇرلۇق بىلەنلا لەنەتگەردىگە ئايلاندى. شۇڭا ئىنساندىكى تەكەببۇرلۇقمۇ ئىنساننىڭ دۇزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىشىغا يېتەرلىك.
3 f1 E0 Y. ^8 {4 {8 ^2 u- _- Yمەن نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ بەزى مەشھۇر زاتلار، يازغۇچىلار، ئالىم – كەشپىياتچىلار، سىياسىيون، مۇتەپەككۇرلارمۇ قىممەتلىك كىشىلىرىمىز ئەمەسمۇ؟ دەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. دەرھەقىق نۇرغۇن ئېسىل ئادەملىرىمىز بار. ئەمما ياراتقۇچىنىڭ ھەم مۆئمىنلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ئېسىللىك ئۆلچىمى بىرلا يەنى ئالدى بىلەن ئاشۇ ئالىم ، يازغۇچىنىڭ ئىمانى بولغان بولسا، قىلغانلىرى ، يازغانلىرى ئاشۇ ئىمانىغا كېپىل بولالىسا...
G; U& C" S( k8 j6 w: tئۇنداق بولالمىسا ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى ئۇنى ئاخىرەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟ ساغلام ئەقىل بىلەن تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭلار. ئۇ ئالىم، يازغۇچىنى كىشىلەر پەقەت مۇشۇ ئالەمدىلا قىممەتلىك دەپ بىلىدۇ. ئەمما ئىككىلا دۇنيانىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ ياشاش بىلەن مۇشۇ دۇنيادىلا نام ئابرويلۇق بولسام كېيىن نېمە بولسام مەيلى، دەپ ياشىغان ئادەمدىن بەخىتسىز كىشى بولمىسا كېرەك.
( j! o {% C$ n; R2- ئىنساننىڭ مۇسۇلمان ھالىتى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇ يەردىكى ئۇ بوي سۇنغۇچى، ئىشەنگۈچى. تەكەببۇرلۇقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتقۇچى. شۇڭا ئۇ ئەڭ نامرات، ئەڭ ئاجىز ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ ئەڭ بەختلىكتۇر. ئۇ دۇنيا ئاخىرەتلىك بەخت سائادىتىنى قولغا كەلتۈرگەندۇر. ئۇ چىن قەلبىدىن ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىنى تەستىقلىسا، ئاللاھنى تونۇغۇچى بولسا، ئۇ بەك شەرەپلىك ئىنسان. ئۇنىڭ شەرىپى شۇ يەردىكى رەبنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە بوي سۇندى. ئۆزىنىڭ بىر مۇقەددەس يۆلەنگۈچىسىنى تونۇدى. ئۇنىڭغا يۆلەندى، تەكەببۇرلۇقتىن ئۆزىنى تارتتى. ھەر زامان بوي سۇنغۇچى ، رەببىگە ئىمان كەلتۈرۈش يولىدا كەلگەن ئەرزىيەتلەرگە سەبرى قىلغۇچى بولدى. ئۇ ئىنساننىڭ نەپسى، ئۇ ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى ئۇ ئىنساننى شۇ قەدەر زور قانائەتكە باشلايدۇكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ شەھەرلەردە تەكەببۇرلارچە مېڭىپ كەتكەنلىكىگە مەستانە بولمىدى. ئۇلۇغلۇق ۋە شەرەپنى پۇل - مالدىن، ھوقۇق، مەنسەپتىن، ئالىي نەسەبلەردىن، كۈچلۈك پەرزەنت، تۇققانلىرىدىن تېپىشنى ئويلىمىدى. ئۇ بارلىق ئۈمىد، ئارزۇلىرىنى، تەمە – ئېھتىياجلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت يىگانە بىر ئاللاھقىلا باغلىدى. بەندىگە خوش – خوش دىيىشتىن، بەندىدىن قورقۇشتىن، بەندىگە قۇلچىلىق قىلىشتىن ئۆزىنى يىراق تۇتتى. شۇ سەۋەبلىك، قەلبى شۇ قەدەر پۈچەكلىشىپ كەتكەن ئادەملەر ئارىسىدا يىتىم، يىگانە قالدى. ئەمما ئۇنىڭ دىلى يورۇق ئىدى. پۇلى يوق ئەمما ئىمان شەرىپى بىلەن ئەڭ زەردار كىشى، نەسەبى يوق، ئەمما ئىسلام شەرىپى بىلەن ئەڭ ھۆرمەتلىك ئادەم. ئوغۇللىرى يوق، ئەمما ئېتىقاد گۈللىرى بىلەن قەلىب باغچىسى ئاجايىپ گۈزەل پورەكلەر بىلەن بىزەلگەن كىشى بولدى. ئۇ رەببىمىز مانى قىل دەپتۇ، دېسە قىلچە ئىككىلەنمەي «سەللەمنا»، بوي سۇندۇم دېگۈچى. ئۇ پەيغەمبىرىمىز مونۇ ئىشقا بۇيرۇپتۇ، دېسە، ئورنىدىن دەست تۇرۇپ كەتكۈچى.
0 `/ ` V F. {. \" Iئەڭ مۇھىمى مۇسۇلمان دىلىدا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق شەرىپىدىن ئەڭ پەخىرلىنىپ ياشىغۇچى. شۇڭا ئۇ بەختلىك. شۇڭا ئۇ ئەزىز، شۇڭا ئۇ قىممەتلىك.
6 t, \. T0 v) |: Oئاڭلاڭ، بىر ئادەم، پۇت - قوللىرى يوق، ئەمما تىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن شۇقەدەر سۈيۈنگەن ھالدا ئىبادەتتە تۇرغان بىرسىدىن سوراپتۇ.
) f/ s! x; d2 J" l2 I" B. Q− ئىي ئاجىز بولغۇچى بەندە، ئاللاھ سېنى پۇت ۋە قوللىرىڭدىن ئايرىپ تاشلاپتۇ، سەن يەنە ئاللاھقا شۈكرى – قانائەت قىلغۇچى بولامسەن؟6 \9 \3 Q4 s/ E; P* y- o( }
− ئەلۋەتتە شۈكرى قانائەت قىلغۇچى بولىمەن. چۈنكى ئاللاھ مېنىڭ پۇت – قوللىرىمدىن ئايرىۋەتتى، ئەمما ئىمانىمدىن ئايرىۋېتىپ، كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا تاشلىۋەتمىدى. بىلسەڭ كۇفرىنىڭ زۇلمىتىدە قالغانلىق، پۇت – قولى بولغان، ھەتتا پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىگىسى بولغاندىنمۇ ياماندۇر.+ O. w* T* o9 Z
ئەي قۇدرەتلىك ئىگەم، بىزنىمۇ ئۆزەڭ ئېھسان قىلىپ بەرگەن ئىمان نېئمىتىدىن ئايرىۋەتمىگەيسەن، شەقىيلىقنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىنى چىرايلىق كۆرسەتمىگەيسەن. ئىمان يولىدىكى ھەرقانداق جاپالارغا چىدام ئاتا قىلغايسەن. (ئامىن)( A$ [1 z; H$ ^& ^
كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، ھەممە نېمىسى تەل بولغان، ئۆزىنى دۇنياۋىي شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىگىسىمەن دەپ بىلگەن ھەرقانداق شەقىي بەندىدىن ھېلىقى پۇت – قۇلى يوق كىشىنىڭ قىممىتى مىڭ ھەسسە ئۈستۈن تۇرمامدۇ؟...
) n8 `# A# t9 S9 t3 V' ^# dرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |