خەۋەر خانىم–قىزلار چاچ بۈدۈر قىلدۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى / {5 g- S& L2 r6 W4 `3 S
: m- ~/ v3 v" E+ k
6 b( P% I& _( M: Kبۇرۇن خانىم–قىزلار قىسقۇچنى ئوتتا قىزدۇرۇپ چېچىنى بۈدۈر قىلاتتى ، بۇنىڭدا ئوتنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسىنى تەڭشەش قېيىن بولغاچقا ، چاچ كۆيۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلەتتى . ھازىر بۇ خىل ئۇسۇللار قوللىنىلماي ، ئۇنىڭ ئورنىنى توكتا بۈدۈر قىلىش ۋە ھوردا بۈدۈر قىلىش ئۇسۇللىرى ئىگىلىدى . توكتا چاچنى بۈدۈر قىلغاندا، ئىشقارلىق خۇسۇسيىتى بار بولغان ئاممىياك سۈيى ئىشلىتىلىدۇ. ئىسسىقلىق دەرىجىسىنى تەڭشەپ، چاچنىڭ كۆيۈپ كېتىشى ، ئىلاستىلىكىقى بۇزۇلۇپ كېتىش ۋە پارقىراقلىقى يوقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر چاچ ئۆزىنىڭ نورمال ئىلاستىكىلىقى ۋە پارقىراقلىقىنى يوقاتقاندا قۇرغاق، قاتتىق بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە قۇرغاق چاچلارنى توكتا بۈدۈر قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى قۇرغاق چاچقا توك ئۆتكەندىن كېيىن، چاچ ناھايىتى ئاسانلا چۈرۈكلىشىپ، ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە چاچنىڭ ئۇچى يېرىلىدۇ. (بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۈچۈرۈلگەن)
! G. Y7 C+ l1 f8 F8 o. nچاچ بۈدۈر قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ھوردا بۈدۈر قىلىش بولۇپ، ئۇ يەنە خىمىيەلىك بۈدۈر قىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلدۇر . چاچتىكى بۈدۈرنىڭ ئۇزۇنغىچە بۇزۇلماي تۇرىشى ئۈچۈن ئادەتتە ھوردا بۈدۈر قىلىش سۇيۇقلىقى ئىشلىتىلىدۇ . بۇ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبىدە 5 پىرسەنتتىن 10 پىرسەنتكىچە تىئوئېتانول ئامىن بار، بۇ بىر تۈرلۈك ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېرىتمە بولۇپ، چاچ پوستى قەۋىتىدىكى سىستىن بىلەن خىمىيىلىك رىئاكسىيەلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىكى قوش گۈڭگۈرتلۈك باغ ئۈزۈلۈپ سۈنئىىي بۈدۈر چاچ شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش ئۈچۈن ھىدروگېن پروكسىد قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزگەرمەيدىغان بۈدۈر چاچ شەكىللىنىدۇ. لېكىن، بۇ ئۇسۇلنىڭمۇ چاچقا زىيىنى بار. شۇڭا خانىم–قىزلار چېچىنى بۈدۈر قىلغاندا چاچ بۈدۈر قىلىش سۇيۇقلىقىنى ئىمكان بار چاچ تېرىسىگە تەككۈزمەسلىكى كېرەك . ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزگەرمەيدىغان بۈدۈر چاچنى ھەپتىدە تۆت قېتىم ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سىيادان مېيى ، زەيتۇن مېيى ۋە ئوسما مېيى بىلەن مۇۋاپىق مايلاپ، چاچنىڭ ئۇزۇن– قىسقىلىقىغا قاراپ تۇرۇپ سۈپىتى ياخشى بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا يۇيۇپ تازلاپ تۇرۇش كېرەك . لېكىن بۈدۈر قىلغان چاچنى كۈندە يۇيۇشقا بولمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئۇسۇل ئارقىلىق چاچنىڭ بۈدۈر ھالىتىنى ساقلىغىلى ۋە چاچنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. / X/ l9 J7 B7 S# k6 l8 e; s/ D
9 {5 O- U1 \: t3 }$ m' M! L9 ? o1 A5 u/ e, `& W6 D% d
: M* [; }, f$ Q: F
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |