مائارىپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈمىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-25 19:59 7 p" u& l Z& N: v% A
# Y( | m, c; U; `, [5 u" q
! S( h- M G4 Q3 N; @2 g* D
' F% V6 a, I/ D' W. h
4 S x: E# V4 k1 t! k7 F4 z7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ۋېيفاڭ« ئۈمىد لوڭقىسى» خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئاياقلاشتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى 6-0 نەتىجە بىلەن كورىيەنىڭ بۇسان كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى ھەم ئۈچىنچى قېتىم چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ساقلاپ قالدى.
- e- P2 y' ~7 L# q& x$ D, dئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ترېنېرى تۇنجى بولۇپ مىكرو بىلوگىدا « بىز 6-0 نەتىجىدە كورىيە بۇسان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتۇق، يارايسىلەر ئەزىمەتلەر، سىلەر جاپا چەكتىڭلار، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ، چېمپىيونلۇق مەڭگۈ بىزگە تەۋە» دەپ خوش خەۋەر تارقاتقان.4 U- Z4 {6 A, Y9 x) b
2-نۆۋەتلىك ۋېيفاڭ«ئۈمىد لوڭقىسى» دا ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ۋاكالىتەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ئەينى ۋاقىتتا مۆھلىتى تۆت كۈنلۈك بولغان مۇسابىقىدە، بۇ كوماندا يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا غەلبە قىلىپ، قالتىس ئىپادىسى بىلەن كورىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئىچكى ئۆلكىدىكى بولۇپ جەمئىي 16 كوماندا ئىچىدىن ئوغۇللار U13 ياشلىقلار چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.. f* Q. S- ?4 I8 t' f
3-نۆۋەتلىك« ئۈمىد لوڭقىسى»دا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى يەنە بىر قېتىم چېمپىيون بولغان، ئەينى ۋاقىتتا لۇنىڭ U13 ياشلىقلار كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، ۋېيفاڭ U13ياشلىقلار كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.
g; E5 w- A0 C8 X3 a4-نۆۋەتلىك «ئۈمىد لوڭقىسى»دا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە 42 توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ توپ كەتكۈزۈشتەك قالتىس نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
! k" j$ n9 m1 v& m+ J4 qبۇ قېتىم 5-نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە كورىيەنىڭ بۇسان كوماندىسىنى 6-0 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، كورىيە بۇسان كوماندىسى ئالدىنقى يىلى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدىكى رىقابەتچىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى 7-0 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلغان.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |