تۆھپە58
تىللا27
قىزغىنلىق54
UID2285
تېما16
دوست0
خاتىرە0
ئالبوم0
يازما21
تېما16
تىزىملاتقان2014-7-5
性别ئەر
- جۇغلانما
- 214
رەسمىي ئەزا
 
قىزغىنلىق- 54 سەر
تۆھپە- 58 سەر
تىللا- 27 دانە
جەۋھەر- 0 دانە
|
3d
فىرانكىلىن دېلانيو روزېۋېلىت# u! `/ ]' m& {" `, l* I
(1945-1882)9 A3 `5 Y" K' C1 F
فىرانكىلىن دېلانيو روزېۋېلت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى.(1933-1945). دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى. ئادوۋكات بولغان. 1913-1920-يىللىرى دېڭىز ئارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1928-1932-يىللىرى نيو-يورك شىتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933-يىلى زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن «يېڭى سىياسەت»يۈرگۈزۈپ، ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلماقچى بولغان. دىپلوماتىيە جەھەتتە «قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتۈش سىياسىتى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى ئەللەر ئوتتۇرىسدىكى جىددى مۇناسىۋەتنى يۇمشاتماقچى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كىيىن، گېرمانىيە، ئىتالىيە گورۇھىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. 1941-يىلى ياپونيە تىنىچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كىيىن، ئامېرىكا فاشزىمغا قارشى ئىتتىپاققا قاتناشقان. 1944-يىلى ئادەتتىكى قائىدە بۇزۇۋىتىلىپ، ئۇدا تۆت قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. «ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە بەرگەن جاۋابى»ناملىق بۇ نوتۇقنى روزېۋېلت 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى پىيورل-خاربور ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككىنچى كۈنى «تام مەش ئالدىدىكى سۆھبەت» تەرىقىسىدە سۆزلىگەن مەشھۇر نوتۇق. روزۋېلىت بۇ نوتۇقىدا ئامېرىكا خەلقىنى دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، فاشسىتىك تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلىشقا چاقىرغان.
: h5 t8 y5 M( eئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە بەرگەن جاۋابى) F) D8 {0 i2 L7 O
1941-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى
$ R( B; {- {; u+ Wياپون قاراقچىلىرىنىڭ تىنىچ ئوكياندىكى جىنايى ھۇجۇمى- ئون يىلدىن بۇيانقى خەلقئارا ئەخلاقنىڭ چىرىكلىشىپ چېكىگە يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى. , z' M* h9 U4 B
كۈچى زور ۋە ھىيلە-مىكىرلىك باندىتلار ئۆز-ئارا ئېغىز بۇرۇن يالىشپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئۇرۇش قوزغىدى. ھازىر ئۇلار ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئۇرۇش ئىلان قىلدى. ياپونيىلىكلەر ۋاپاسىزلارچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تىنىچلىقنى بۇزدى. دۈشمەنلەرنىڭ ھەركىتى داۋامىدا ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جەڭچىلىرى ۋە ماتروسلىرى ئۆلتۈرۈلدى. پاراخوتلىرى پارتىلىپ چۆكتۈرۋېتىلدى. ئايروپىلانلىرى بومباردىمان قىلىندى. 5 [) H7 M9 d) |9 b4 h9 B+ j
قوشما شىتاتلار پارلامېنتى ۋە خەلقى بۇ قېتىمقى ئىغۋاگەرچىلىككە رەددىيە بېرىش نىيىتىگە كەلدى.
% b& k& }# s% R" I) \( K' _% ~% Lدۇنيادىكى دوستانە دۆلەتلەر ئارا ئەركىن-ئازادە، باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئەنسىرمەي قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ھوقۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز.
6 j" f! j" M9 ~+ D/ ~0 j/ v8 q: uمەن دۆلىتىمىز بىلەن ياپونيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتكە ئائىت يەنى بۇنىڭدىن 88يىل ئىلگىرى دېڭىز ئارمىيمىزنىڭ گېنرالى پىلى※ ياپونيەنى زىيارەت قىلغاندىن تارتىپ، تاكى ئۆتكەن ھەپتە يەكشەنبە كۈنى ئىككى نەپەر ياپونيە ئەلچىسى دۆلەت سېكىرتارى بىلەن كۆرۈشكەنگىچە بولغان بارلىق ماتىرياللارنى پارلامېنىتقا تاپشۇرۇشنى تەستىقلىدىم. بۇ ئىككى نەپەر ياپونيە ئەلچىسىنىڭ كۆرۈشۈشى دەل ياپونيە ئارمىيىسى بايرىقىمىزنى، ئارمىيىمىزنى، گىراژدانلىرىمىزنى بومباردىمان قىلغاندىن كىيىنكى بىر سائەتتە بولدى.
* j: F. n" I/ v }4 C* U" E& hمەن قەتئىي ئىشەنىچ بىلەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، نەچچە يىلدىن بۇيانقى بارلىق چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرگە قوللانغان ئادالەتپەرۋەرلىكىمىز ۋە شەۋكىتىمىز، تىنىچ ئوكيان تىنىچلىقى ئۈچۈن بولغان چىدامچانلىقىمىز ۋە تىرىشچانلىقىمىزدىن بۈگۈن ياكى مىڭ يىل كىيىنمۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ تامامەن پەخىرلىنىشىگە ئەرزىيدۇ. ياپونىيە ھەربىي مۇستەبىتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ۋاپاسىزلارچە قىلغان جىنايى شۇملۇقلىرىغا مەيلى ھازىر ياكى مىڭ يىلدىن كىيىن بولسۇن، بارلىق سەمىمىي ئادەملەر غەزىپىنى باسالمايدۇ ۋە نەپرەتلىنىدۇ.
3 U3 H# f4 k# r- Lياپونىيىنىڭ ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئاسىيادىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرى گېتلىر، مۇسسۇلىنلارنىڭ ياۋروپا، ئافرىقىدىكى قىلمىش، ئەتمىشلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ قىلمشلىرى«ئوخشاپ كېتىش»تىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىشلىرى باندىتلارنىڭ باش قاتۇرۇپ تۈزۈپ چىققان ئەمەلى ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزى بولۇپ قالدى. ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ سىتراتىيىگىچىلىرى ھازىر دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ قۇرۇقلۇقلارنى ۋە دېڭىزلارنى زور ئۇرۇش مەيدانى دەپ قاراشماقتا. # {$ F, W) J$ Q! N
بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى،1931-يىلى ياپونيە مانجورىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چاغدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى. : J9 @+ D+ M4 i
1935-يىلى ئىتالىيە ئېفئوپىيىگە تۇيۇقسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرگندە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى. 6 F) N, {8 j/ e& ]
1938-يىلى گېتلىر ئاۋىستىريىنى تىۋىش چىقارماي بېسىۋالغاندا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى.
# `) \" v4 F0 B& c! eئوخشاشلا 1939-يىلى گېتلىر نورۋىگىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە لىيۇكسىمبورىگقا تۇيدۇرماي بېسىپ كىرگەندە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى. + S3 {2 O; e& ^; D2 p7 U8 q% t
1940-يىلى ئىتالىيە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، فىرانسىيە ۋە گىرتسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى. , h$ ~, C- f7 ~( n
بۇ يىل 1941-يىلى ئوق مەركىزى دۆلەتلەر يۈگۈسلاۋىيە ۋە گىرتسىيىگە ھۇجۇم قوزغاپ، بالقان يېرىم ئارىلىنى كونتىرول قىلغاندا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى.
7 l E" f4 z8 D. V: \; a8 b. e+ U1941-يىلى گېتلىر روسىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى.
# D% h9 N, d5 y2 c9 |# b0 k! I' H# cبۈگۈنكى كۈندە ياپونيە مالايسىيا، تايلاندقا ھەمدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى. 3 F9 |% b/ e4 C, |. @
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر قېلىپتا بولدى.
& u* l8 K0 p S; o7 { Wبىز ھازىر بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا دۇچ كەلدۇق. بىز ھازىر ئۇرۇش ئىچىدە، بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالدۇق. ھەربىر ئەر، ھەربىر ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا تارىخىدىكى مۇنداق مۇشەققەتلىك ئىشلاردىكى دوستىمىز، بىز ھوزۇر ھالاۋەتنى تەڭ كۆرۈپ، جاپانى تەڭ تارتىشىمىز، ئۇرۇش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشچان قىسمەتنى تەڭ تارتىشىمىز كېرەك.
" A* S z* ?+ E9 b4 H4 f3 L @تاكى بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كېلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇم خەۋەر، بىز ھاۋاي ئارىلدا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىردۇق. فىلىپپىندىكى قوشۇنىمىز جۈملىدىن ئاپتونۇمىيىلىك ھوقۇقنى يۈرگۈزىۋاتقان بۇ جايدىكى باتۇر خەلىقلەر بىلەن ئازاپ چېكىۋاتقان بولسىمۇ، ئامالنىڭ بارىچە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ. گۇئان ئارىلى، ۋىيىك ئارىلى ۋە مىدىۋى ئارىلىدىن كەلگەن خەۋەر ئېنىق ئەمەس، شۇنداقتىمۇ بۇ ئۈچ ئالدىنقى قاراۋۇللۇق پونكىتىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ئىلان قىلىشقا ئىددىيە جەھەتتە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز كېرەك.
: Y2 z% ?' {9 Mدەسلەپكى كۈنلەردىكى تالاپىتىمىز ناھايىتى كۆپ بولدى. قوراللىق قىسىمدىكى جەڭچىلىرىمىز بارلىق ئائىلە تاۋاباتى ۋە بومباردىمان قىلىنغان شەھەر ئاھاللىرىنىڭ دوستلىرىنىڭ غەم قايغۇلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن. مەن سىلەرگە تەنتەنە بىلەن كاپالەت بېرىمەنكى، پات ئارىدا خەۋەر ئاڭلايسىلەر. ھۆكۈمىتىمىز ئامېرىكا خەلقىنىڭ چىدام-بەردىمىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما ئالدى بىلەن مۇنداق ئىككى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. بىرىنچى، خەۋەر ئېنىق ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن بولۇش، ئىككىنچى، خەۋەرنى تاپشۇرۇۋىلىپلا ئىلان قىلىش سەۋەبىدىن دۇشمەنگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا پايدا يەتكۈزمەسلىك كېرەك.
) y6 Q$ p# I N' ?. Nمەن قېرىنداشلارنىڭ ھەرقانداق پىتنى-پاساتلارغا ئىشەنمەسلىكىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاپەت خاراكتىرلىك بۇنداق چوڭ كىچىك ئەپقاچتى خەۋەرلەر ناھايتى تىز ھەم كۆپ تارقىلىدۇ. ئۇنداق خەۋەرلەرنى چوقۇم تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭغا توغىرا ھۆكۈم قىلىشىمىز كېرەك. مەسلەن، مەن سىلەرگە شۇنى راسچىلىق بىلەن ئېيتىمەنكى، تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى پىيورىل-خاربوردىكى دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىمىزنىڭ قانچىلىك زىيانغا ئۇچىرغانلىقى ھەققدە يېتەرلىك ماتىريال بولمىغاچقا، ئەھۋالىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. شۇنى ئىتراپ قىلشىقا بولىدۇكى، زىيان ناھايتى ئېغىر. ئەمما بىز تارتقان زىيانلارنىڭ قانچىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولدىغانلىقى، شۇنىڭدىن قانچىلىك زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەنگە قەدەر، ھېچكىم زىياننىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىگە بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ. يەنە بىرى، يەكشەنبە كۈنى كەچتە قانال بويلىرىدا ياپونيىنىڭ بىر ئاۋىئاماتكىسى بايقالغان، ھەم چۆكتۈرۋىتىلگەنلىكى توغىرسىدىكى باياناتنى مىسالغا ئالايلى، سىلەر ئاڭلىغان باياناتلار ئاتالمىش نوپۇزلۇق ئەربابلار ھەرگىز ھەقىقىي نوپۇزلۇق ئەربابلار ئەمەس. بىز ھازىر ئاڭلاۋاتقان نورغۇن سۆز-چۆچەك ۋە خەۋەرلەرنىڭ ھەممسى دۈشمەن تەرەپلەردىن كەلگەن، ئالايلۇق: بۈگۈن ياپۇنلۇقلار ھاۋاي ئارىلدا بىر ھەركەت قوللىنىپ، تىنىچ ئوكياندىكى ئەڭ ئالى دېڭىز ھوقۇقىغا ئېرىشتۇق دەپ داۋراڭ سالدى، بۇ ناتسىسلار تەشۋىقات ساھەسىدە قانچە قېتىملاپ ئشلەتكەن ھېيلە مېكىردىن ئىبارەت. بۇنداق تەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى ئارىمىزدا ۋەھىمە ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلپ، زىتىمىزغا تېگىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان ھەربىي ئاخباراتلارنى ئاشكارلاتقۇزۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
0 J& c) j" b% y# D$ M* i) R9 Z+ p* `ھۆكۈمىتىمىز بۇنداق قىلتاقنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ دامىغا ھەرگىز چۈشمەيدۇ. قوشما شىتاتلار خەلقى ھەرگىز چۈشمەيدۇ. ھەربىر كىشى شۇنى ئېسىدە تۇتۇش كېرەككى، بىزنىڭ بۇنداق تىز ۋە ئەركىن خەۋەرلىششىمىز ئۇرۇش مەزگىلىدە مۇقەررەر ھالدا زور چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ. بىز ناھايتى يىراقتىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن مۇكەممەل، تىز، توغىرا دوكلاتقا ئىگە بولالمايمىز، ھازىرقى سىمسىز تىلگىراف ئادەتتىن تاشقىرى تەرەققىي قىلغان دەۋىردە ھەرقاسى ئورۇنلارنىڭ قوماندانلىرى ئۆز پائالىيىتنى كۆپ ھاللاردا سىمسىز تىلگىراف ئارقىلىق دۈشمەنگە تولۇق ئۇقتۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ئاخپاراتلارنى دۈشمەنلەرمۇ بىلىۋالىدۇ. ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە مۇداپىئەلىنىش پىلانى ئاسان ئاشكارلىنىپ قالىدۇ. ! D2 `$ r E" K0 M; w. t
بەزى ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئسپاتلاش ياك ئىنكار قىلىش سەۋەبىدىن خەۋەرنىڭ كېچىكىپ ئىلان قىلىنىشى تۇرغان گەپ، لىكىن، پەقەت بىز ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۇقساقلا، ئىلان قىلىنغاندا دۈشمەنگە پايدىلىق بولمىسىلا بىز پاكىتلارنى يوشۇرمايمىز.
7 ?, I! `2 `$ C- p6 Xبارلىق گېزىت ۋە رادىئو ئىستانسىلىرى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەكچى بولغانلار، مەن سىلەرگە ئېنىق ئېيتىپ قويايكى، ھازىر ۋە بۇ بىرمەيدان ئۇرۇش مەزگىلىدە سىلەر پۈتۈن مەملىكەت ئالىددا جاۋابكار. : j' p/ Q6 `8 Q" E: j k7 o
ئەگەر سىلەر ھۆكۈمىتىمىز ھەقىقىي ئەھۋالنى تولۇق ئاشكارلىمىدى دەپ قارىسىڭلار، سىلەرنىڭ مۇنداق دىيىشىڭلار تامامەن ھەقلىق، ھۆكۈمەت تەرەپ تېخى ئېيتمىغان، ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىپ بولمىغان شارائىتتا ۋەتەنپەۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ئەخلاق ئۆلچىمىدىن ئېيتقاندا سىلەرنىڭ ئىسپاتلانمىغان خەۋەرلەرنى ئىلان قىلىپ، كىشىلەردىكى ھەقىقىي پاكىتلار ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىپ قويۇش ھوقۇقۇڭلار يوق. * k3 k+ ? i5 s7 m Y: f& i3 A
ھەرساھە، ھەركەسىپلەردىكى گىراژدانلارنىڭ ئوخشاشلا مەسئۇلىيىتى بار. جەڭچىلىرىمىز ۋە ماتروسلىرىمىزنىڭ ھاياتى، ئىلىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەربىرىمىزنىڭ ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتمىزنى ئادا قىلىشىمىزغا باغلىق.
6 a; y+ `# `/ Jشۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن يېقىنقى ۋە ئۆتكەن مەزگىل ۋە كەلگۈسى ھەققىدە بىرقانچە ئېغىز سۆز قىلاي، فىرانسىيە قولدىن كەتكىنىگە بىر يېرىم يىل بولاي دەپ قالدى. پۈتكۈل دۇنيا شۇ چاغدىلا ئوق مەركىزى دۆلەتلەر بىر قانچە يىل سەرىپ قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ماشىنلاشتۇرۇشنىڭ كۈچىنى تېخى تۇنجى قېتىم تونۇغانىدى. ئامېرىكا ئاشۇ بىر يېرىم يىل ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. بىز ئەنە شۇنداق ھۇجۇمنىڭ پات ئارىدا بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن، دەرھال ھەركەتكە كېلىپ سانائەت كۈچىمىز ۋە زامانىۋى جەڭگە ئېھتىياجىلىق نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش قابىلىيتىمىزنى كەڭ كۆلەمدە يۇقرى كۆتۈردۇق.
* E$ R& u; L; D5 u" W8 X- q3 zبىز كۆپ مىقداردا ئۇرۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يەتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي قىممەتلىك ۋاقىتقا ئىگە بولالىدۇق. بىزنىڭ سىياسىتىمىز مۇنداق ئاساسى رىئاللىق بويىچە بولىدۇ: گېتلىر ۋە ياپونيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن دۆلەتنى قوغدىغانلىقىمىز كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۆز دۆلىتىمىزنى قوغدىغانلىق بولىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ توغىرلىقى ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىز ۋاقىتنى ئۇتتۇق. قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردۇق. ئۇ ۋاقىتنى بز ئامېرىكىنىڭ ئشلەپچىقىرىش سېپىنى قۇرۇش ئۈچۈن سەرىپ قىلدۇق. ! a4 o5 M. n3 l c5 @: Q, Z
ئىشلەپچىقرىش سېپىمىز ھازىر ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. خېلى كۆپلىرى تىز ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. ئۈزۈلمەي ئىشلىنىۋاتقان تانكا، ئايروپىلان، قورال ياراغ، پاراخوت، توپ-زەمبىرەك ئوقلىرى، ھەرخىل ئۈسكۈنىلەر ئەنە شۇ 18ئاي ئىچىدە بىزگە ھازىر بولدى.
, u3 y8 p$ v1 [! h9 c {ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن بىر خىل باشلىنىش بولۇشى كېرەك. بىز سۈيقەسىت، ھيلە مېكىرى كۆپ ھەم كۈچلۈك قاراقچىلارغا قارشى ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك. پىيورىل خاربورغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى كۆپلىگەن جايلاردا يەنە يۈز بېرىشى مومكىن، ھەتتا ئىككى ئوكيان ۋە ئلىمىزنىڭ ئىككى دېڭىز ساھىللىرى ھەمدە يەرشارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنىڭ بىرەرىدە يۈز بېرىشى مومكىن. 2 ?% @( h. @' G& M
بۇ بىر قېتىملىق ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر مەيدان مۇشەققەتلىك ئۇرۇش، مانا بۇ ھازىر بارلىق پىلانلىرىمىزنى تۈزۈشىمىزنىڭ ئاساسى. مانا بۇ كەلگۈسى ئېھتىياجىمىزنى ئۆلچەيدىغان مىزان. پۇل-پىچەك، ماددى ئەشيا، ئىككى ھەسسە، تۆت ھەسسە ئېشپ ئىشلەپچىقرىىش بارغانسىرى كۆپيىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش پەقەت بىزنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى جەنۇبى ھەم شىمالى ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ناتسىستلار ۋە ياپون مىللىتارىستلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى شەرت. ' e$ ?6 f/ n5 y& |
مەن بۈگۈن ئىشلەپچىقىرىش مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلمىدى، سىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار ئىككى تۈرلۈك پىرىنسىپال سىياسەتنى بەلگىلىدى. بىرىنچى، بارلىق ھەربى سانائەتتە، جۈملىدىن مۇھىم خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ھەپتىسىگە يەتتە كۈن ئىشلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھازىرقى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى تىزلىتىلىدۇ. ئىككىنچى، تېخمۇ كۆپ يېڭى زاۋۇتلار قۇرلىدۇ. كونا زاۋۇتلار كېڭەيتىلىدۇ. نۇرغۇن كىچىك زاۋۇتلار ئۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئىشلار كونكىرىت ئەمىللەشتۈرۈلىدۇ.
0 G; m3 |# S0 Y5 W8 v7 p( Cئۆتكەن بىرقانچە ئاي ئىچىدە جاپالىق يوللاردا بىز ھە دىگەندىلا توسالغۇ ۋە قىيىنچلىق، ئىنقىلاپ ۋە مۇنازىرە، سوغۇق مۇئامىلە ۋە كارى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچىراپ تۇردۇق. بۇلار ھازىر تارىخ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنى بىز ئۇندۇرۇپ قويدۇق.
+ @- n4 c" v8 M- Y/ g5 \# hئەمەلىيەتتە، ۋاشىنگتوندا بىر ئاپاراتىمىز بولۇپ، ئۇ ھەريىلى ھەرقايسى ساھە ئىتراپ قىلغان ئەر ئايال مۇتەخەسسلەردىن تەركىپ تاپقان، پۈتۈن مەملىكەتكە ئايانكى، بۇ نۇرغۇن ساھەدىكى ھەربىر ساھەنىڭ ئەمەلى مەسئۇللىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن ياخشى رەھبەرلىك كوللىكتىپ بولۇپ شەكىللەندى.
+ a A+ k, I' _! i, h% Pئالدىمىزدىكى يولدا كېچە-كۈندۈز، ھەرسائەت، ھەرمىنۇتتا مۇشەققەتلىك، ئازاپلىق خىزمەت بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. مەن ئەسلىدە مۇنداق بىر ئىشنى يەنى ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش تەلىپىنى دىمەكچىدىم. ئەمما ئۇ سۆزنى قىلىش توغىرا ئەمەسكەن. ئۆزى قىلالىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەنگە بېغىشلاش، ۋەتەن ئۆز ھاياتى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش قوشما شىتاتتا قۇربان بېرىش دەپ قارالمايدۇ. 7 |2 z# S5 n/ O0 K7 V
ھەرقانداق ئادەم مەيلى قانچە ياش بولسۇن، قوشما شىتاتلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىز ئارمىسيىگە قاتناشسا بولىدۇ. بۇ قۇربان بەرگەنلىك ئەمەس، ئەكىسچە ئالاھىدە شەرەپ ھېساپلىدۇ. " i3 k6 I( b; L1 |( n
سانائەتچى ۋە مائاشقا تايىنىپ جان باقىدىغان ئادەملەر، دېھقانچىلىق مەيدان خوجايىنلىرى، دۇكاندارلار، پويىز خادىملىرى ياكى دوختۇرلار كۆپ باج تاپشۇرۇشى، كۆپ غەزىنە چېكى سېتىۋىلىشى، ئادەتتىن تاشقىرى پايدىنى قوغلاشماي، ئۆزىگە باب كېلىدىغان خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشى ۋە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بۇمۇ قۇربان بېرىش ئەمەس، ئەكىسچە ئالاھىدە شەرەپ ھېساپلىنىدۇ. : E& J+ ^, @9 |- E3 d
چۈشتىن ئىلگىرى ئەسلەش ئارقىلىق مەن مۇشۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم. ھازىر نورمال يىمەك ئىچمەك چىقىمىنى ئازايتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ھەممە ئەدەملىرىمىزنى تولۇق تەمىنلەپ، كېتەلىگۈدەك يىمەكلىكلىرىمىز ئادەملىرىمىزنى تولۇق تەمىنلەپ كېتەلىگۈدەك يىمەكلىكلىرىمىز بار، ئېشىنغان بويۇملار بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغان كىشىلەرگە بېرىشىمىزگە ئازارە يېتىدۇ. % I; l- e6 D W/ R" U
لىكىن تۇرمۇشقا لازىمەتلىك بولغان نۇرغۇن مىتاللار ھەقىقەتەن كەمچىلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىقكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش پىلانىغا ئاساسلانغاندا ئۆتكەندە تۇرمۇش ئۈچۈن سەرىپ قىلماقچى بولغان مىتاللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھازىر ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداق نۇرغۇن نەرسىلەردىن تامامەن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك.
4 F# v" c; X) `& O3 g. x4 b( Uمەن ئىلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلق ئارمىيىسى بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا غەلبە قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مەزەىلىدە ئۇلار خۇشال خوراملىق بىلەن خېلى زور ئۇرۇش خىراجەتلىرىنى تاپشۇرىدۇ. ئۇلار ۋاز كېچىشكە تېگىلشىك ماددى نەرسىلەردىن خۇشاللىق بلەن ۋاز كېچىدۇ.
! y' R% u) ?* \1 aمەن يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇلار ئۈزۈل-كېسىل غەلبە قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇلۇغ روھ جەھەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ساقلاپ قالالايدۇ. مەن شۇنى تەكرارلايمەنكى، ئامېرىكا پەقەت ئۈزۈل كېسىل غەلبىنىلا قوبۇل قىلىدۇ. ياپۇنلارنىڭ مۇناپىقلىق ھەركىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئار نومۇس ئاقلىنىدۇ. خەلقئارادىكى ياۋايىلق ھەركەتلىرىنىڭ مەنبەسى نەدە بولسۇن، ئاخىر تامامەن يوقىتىلىدۇ.
, \! f2 c$ |' f$ O! tتۈنۈگۈن پارلامىنىت يىغىنىدا «مۇنداق مۇناپقلارچە ھەركەتنىڭ بىزگە مەڭگۈ زىيان سالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز»دىگەنىدىم. بۇ ئەمەلى ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۈيۈك ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى باشلىغاندا ئۆزىمىزنى ئىنسانىيەت ئارىسىدىن يىتىم قالدۇرۇشنى خالايدىغان خام خىياللارنى مەڭگۈ تاشلىۋىتىشىمىز لازىم. , S2 X3 C3 s" K4 D4 v9 A0 ?" [ B2 @
ئۆتكەنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاچچىق ساۋاقلارنى قوبۇل قىلدۇق. شىھىت بولغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى ساۋاقلىرىمىزنى مەڭگۈ ئۇنۇتماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش بىزنىڭ مۇقەددەس مەجبۇريىتىمىز.
# ]- f& L; j+ i) Q7 H# cبىز كۆپچىلىك قوبۇل قىلغان ساۋاقلار شۇكى: 0 J8 D# t4 F A# i/ A, K# ^
قاراقچىلار زورلۇق زومبۇلۇق قىلىۋاتقان جاھاندىكى ھەرقانداق دۆلەت ياكى ھەرقانداق شەخىسنىڭ بىخەتەرلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
6 d; s4 n$ W1 m3 C7 V2 V Q3 w, d$ Eزۇلمەت ئىچىدە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان، ئاگاھلاندۇرۇش بولماي ھۇجۇم قىلىدىغان كۈچلۈك دۈشمەنلەرنىڭ بۆسكىلى بولمايدىغان مۇداپىئەسىنىڭ بولۇشى مومكىن ئەمەس. بىز شۇنى ئېنىق چۈشەندۇقكى، بىزنىڭ ئوكيان بىلەن ئورالغان بۇ يېرىم شارىمىز كۈچلۈك ھۇجۇمدىن خالى بولالمايدۇ. بىز ئەمدىكى خەرىتىدىكى ئۇزۇنلۇق ۋە ئارلىقنى كۆرسىتىدىغان سان سىپىرلار ئارقىلىق بىخەتەرلىكىمىزنى ئۆلچەيمىز. بىز دۈشمەنلەرنىڭ بىر قېتىم ئەڭ ئۈستۈنلۈك بىلەن ئالدامچىلىق قىلغانلىقىغا، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ۋاستىسىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىگە ئىقرارمىز. ئۇ بىر قېتىملىق نومۇسسىزلقتا چېكىگە يەتكەن ھەركەت. شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ناتسىستلارنىڭ شەكلى بويىچە ھازىرقى زامان ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئەسلىدىنلا ئىپلاسلق ئىدى. بىز ئۇنى ياخشى كۆرمەيمىز. بىز ئەسلىدە بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالماسلىقنى ئويلايتتۇق. لىكىن بىز چېتىلىپ قالغانىكەنمىز، بۇ ئۇرۇشنى بارلقىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئېلىپ بارماقچىمىز. ) G/ |( q- [/ f5 @& c$ L% m
مېنىڭچە ھەرقانداق ئامېرىكىلىق بىزنىڭ بۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچى خۇمپەرلەرنىڭ تېگىشلىك جاجىسىنى بېرەلەيدىغانلىقىمزدىن قىلچە شۇبھىلەنمەيدۇ.
3 `9 q" K U5 a3 O" W8 X% Eسىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار بىلىدىكى ، بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان، گىرمانلار، ياپۇنلۇقلارغا : ئەگەر سىلەر ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلمىساڭلار تىنىچلىققا ئېرىشكەندە گىرمانىيە بىلەن ئولجا تالىششقا قاتنىشالمايسىلەر دەۋاتىدۇ. گىرمانىيە ياپۇنلۇقلارغا: ئەگەر سلەر بۇ ئۇرۇشقا كىرىشسەڭلار پۈتكۈل تىنىچ ئوكياننى كونتىرول قىلسىلەر، دىدى. ئۇ پۈتۈن يىراق شەرىقنى، پۈتكۈل تىنىچ ئوكيان ئاراللىرىنى، شىمالى ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە جەنۇبى ئامېرىكىنىڭ غەربى تەرىپىدىكى پۈتكۈل ساھىللارنىڭ بوغۇزىنى كونتىرول قلىشنى كۆرسەتكەن.
( I; d3 r: v2 |بىز يەنە گىرمانىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ بىرلەشمە پىلانىغا ئاساسەن، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئارمىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇش قىلىش ھەركىتىنى بىلۋالدۇق. بۇ پىلاندا ئوق مەركىزى دۆلەتلەرگە ياردەملەشمەيدىغان بارلىق مىللەت ۋە دۆلەت بارلق ئوق مەركزى دۆلەتلىرىنىڭ دۈشمىنى ھېساپلانغان. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ قىسقا ئېنىق ئومۇمى سىتراتىگىىسى. شۇڭا ئامېرىكا خەلقى بۇنى ئوبدان تونۇشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق ئومۇمى سىتراتىگىيە بولغاندا ئۇلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. ئالايلۇق، بىز ياپۇنلۇقلار تىنىچ ئوكياندا ئامېرىكا ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، گىرمانىيەنىڭ لىبىريەدىكى ھەركىتىگە ياردەم بېرۋاتقانلىقىنى تونۇشىمىز كېرەك. گىرمانىيىنىڭ كافكازدىكى ھەرقانداق ھەركىتى ياپونىيىنىڭ گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقى ھىندىدىكى ھەركىتىگە ياردەم بېرىدۇ. گىرمانىيىنىڭ ئالجىريە ۋە ماراكەشكە قىلغان ھۇجۇمى گىرمانىيىنىڭ جەنۇبى ئامېرىكا ۋە قانال رايۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول ئېچىش ئۈچۈندۇر., m- ?! S. I* [% n7 [
لىكىن يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا بىز ئەھۋال ئىگەللەشنى ئۆگنىۋىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. ئالايلۇق، سىربىيە بىلەن نورۋېگىيەدىكى گىرمانىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىنىڭ بىزگە ياردىمى تېگىدۇ. گىرمانىيە ئالۋاستىلىرىغا قارشى بولغان سوۋىتنىڭ بىر قېتىملىق ھۇجۇمىنىڭ بىزگە ياردىمى تېگىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز غەلبىسى بىزنىڭ كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.
- } O/ L" b, F9 lگىرمانىيە بىلەن ئىتالىيە بىزگە ئۇرۇش ئىلان قىلمىغان بىلەن، ئۇلار شۇ تاپتا ئەنگىلىيە بىلەن روسىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقاندەك ئۆزلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى جەڭ قىلۋاتىمىز دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گىرمانىيە بارلىق جەنۇبى، شىمالى ئامېرىكىدىكى دۆلەتنى ئۆزلرىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ. بىز يەرشارىنىڭ يېرىمىدا بىللە تۇرۇۋاتقان قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەر خەلقى بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلىمىز. , V0 f* v0 O% F; s ]/ h A9 @) [# [
بىز كۈتۈۋاتقان نىشان ئاشۇ رەزىل جەڭ مەيدانىدىن تولا ھالقىپ كەتكەن، بىز قورال كۈچى ئىشلەتكەندە ھازىر قىلۋاتقىنىمىزغا ئوخشاش ئۇ قورال كۈچىنى ھەم كۆز ئالدىمىزدىكى جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ھەم ئاخىرقى بەخىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئشلىتىمىز. بىز ئامېرىكىلىقلار بۇزغۇنچىلار ئەمەس، بەلكى قۇرغۇچىلارمىز. ( E2 }* m& ^9 N2 Z1 ]
بىز ھازىر بىر مەيدان ئۇرۇش يالقۇنى ئىچىدە بويسۇندۇرۇش، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتمايمىز، بەلكى شۇنداق بىر دۇنيانى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۇرۇۋاتىمىزكى، ئۇ دۇنيادا دۆلىتمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سىموۋىلى بولغان نەرسىلەر پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن بىخەتەر بولىدۇ. بىز ياپونىيىنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىشنى ئۆمىد قىلىمىز. ئەگەر بۇ نوقتىنى ئورۇندىساق، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنى گېتلىر بىلەن موسسۇلىنلار تىزگىنلىسە، ئۇنىڭ بىزگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. . U1 {9 K* _: y
بىز بۇ جەڭدە غەلبىە قىلىمىز، جەڭدىن كىيىنكى تىنىچلىققا ئېرىشىمىز. مۇشۇ قىيىن پەيىتتە، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان زۇلمەتلىك كۈنلەردە ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ بىز تەرەپتە تۇرۇدىغانلىقى كۆڭلىمىزگە ئايان، ئۇلارنىڭ ئىچىدكى نۇرغۇن كىشىلەر بىز بىلەن مۆرىنى مۆرىگە تېرەپ جەڭ قىلىدۇ. بارلىق كىشىلەر بىز ئۈچۈن دۇئا تىلاۋەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىشلىرىمىزغا سموۋىل بولدى. بىز ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا سىموۋىل بولىمىز ھەمدە تەڭرى ھەممىمىزگە ئاتا قىلغان ئەركىنلىكتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش ئارزۇيىمىزغا سىموۋىل بولىمىز. 1 {# g% j" x0 v% d
(※مانتېۋ پىلى(1794-1858)نى دىمەكچى، ئۇ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىسىيىنىڭ گېنرالى، شەرقى ھېندى فىلوتىنىڭ قوماندانى ئىدى. 1853-يىلى 7-ئايدا فىلوتنى باشلاپ، ياپونيىگە بارغان، 1854-يلى 2-ئايدا يەنە بىر قېتىم ياپونيىگە بېرىپ، ياپونيە ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسىنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان)5 n9 X, l3 \0 F) A: P) o& V
% V5 }4 u( j8 k! d3 \( g! q
6 c4 m. F2 [2 z* y0 L8 `. [
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان - ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى - تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|