3d
! L* u/ m/ W7 }- k0 J& J, }/ p* u v7 { h+ G
بەخت دىگەن نىمە؟ بەخت قەلبنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىرخىل رازىمەنلىك، قانائەتچانلىق، مىننەتدارلىق ۋە سويىنىش ھىسياتىدىن ئۇرغۇپ چىققان تاتلىق كۈلكىدۇر، يارقىن سۆيگىدۇر.
5 i& R, `0 f2 S/ s: r- v: X& E* u7 U5 l+ p
بەخت ئۇ نەدە؟ بەخت ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشىڭىزدا، يىنىڭىزدا،قولىڭىزدا،قەلبىڭىزدە،روھىڭىزدا ،شۈكرى قانائىتىڭىزدە، مىننەتدارلىغىڭىزدا، سۆيىنىشىڭىزدە سىزگە تەلمۇرۇپ، سىزنىڭ تۇتىۋىلىشىڭىزنى كۈتۈپ قاراپ تۇرىدۇ، سىز ئۇنىڭغا بىپەرۋا قارىسىڭىز، قەدرلىمىسىڭىز،ئۇنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بىلمىسىڭىز ئۇ سىزدىن يۈز ئۆرۇپ چەكسىز يىراققا كىتىدۇ. قولدىن كەتكەندە ئىككىنچىلەپ قايتىپ كەلمەيدۇ.
) W0 W% W2 s C+ Y, Y7 A
/ e7 Q: [9 y3 V0 S( d1 b" y: [+ Nسىز مىنى بەختلىك قىلالامسىز؟ دەپ سورىغانلارغا سىز بەختنى ھىس قىلالىسىڭىز مەن سىزنى بەختلىك قىلالايمەن دەپ جاۋاپ بىرىش كىرەك.قەلبى شۆھرەتپەرەسلىك، ھەسەتخورلۇق، ئۆچمەنلىك ۋە شەخسىيەتچىلىككە تولۇپ كەتكەنلەرگە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئىلىپ بەرسىڭىزمۇ بەختلىك قىلالارسىزمۇ؟ شۈكرى قانائەتسىز كىشىنى ئاللاھمۇ رازى قىلىپ بولالمىغان يەردە سىز بەختلىك قىلالارسىزمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىرىپ جىنىڭزنى سىلىپ بەرسىڭىزمۇ ئۇنى رازى قىلىپ بولالامسىز؟7 E# F1 K5 f2 U4 U) _ G
' U6 G4 K: q/ g; X' nبەخت ئۇ ئىنسان روھىنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇردىغان بىرخىل روھ.ئۇ پەقەت ئاددى تۇرمۇشىمىزدا بىز بىلەن بىردۇر، كۆڭلىدىكى يارنى تىپىپ سۆيۇشمۇ بىرخىل بەختتۇر؛ قەدىرلەپ تاللاپ ئەمرىگە ئالغىنىنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەختتۇر؛ ئېغزىغا تىتۇغىدەك تاماق ئىتىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر داسقاندا غىزالىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل بەختتۇر.' E" o# h3 k# ], H+ m7 s
) v D) S5 W% N+ h+ c% z5 Dيولدىشىم تالاغا قارىغان تەقدىردىمۇ 3 ۋاخ تامىغىنى مىنىڭ يىنىمغا قايتىپ كىلىپ يىيىشىنىڭ ، كەچتە مىنى سىغىنىپ مىنىڭ يىنىمغا قايتىپ كىلىپ مىنى باغرىغا بىسىشىنىڭ ئۆزىمۇ مىنىڭ بەختىم؛ بالامنىڭ دەرقەمتىلىكتىن يۈرىگىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئەركىلەشلىرى ۋە چىھرىدە پارلىغان تاتلىق كۈلكىنىڭ ئۆزىمۇ مىنىڭ بەختىم؛ ھىيىت بايراملاردا نامراتلىقتىن ماڭا ھىچ- نەرسە ئىلىپ بىرەلمىسمۇ "بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن " مىھرى بىلەن سۆيۇپ قۇيىشىنىڭ ئۆزىمۇ مىنىڭ بەختىم؛ سەپەرگە چىققىنىمدا مەندىن ئەنسىرەپ مىنى ئۇزىتىپ قويىشى ۋە نەچچە قىتىم تىلفۇن قىلىپ بىخەتەرلىگىمگە كۆڭۈل بولىشىنىڭ ئۆزىمۇ مىنىڭ بەختىم؛ يولدىشىمنىڭ جاپا چىكىپ بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ مىنىڭ بەختىم؛ ماڭا كىيىم ئىلىپ بىرەلمىسىمۇ شامالدىن دالدا بولغىدەك بىر ئۆي ئىلىپ بىرەلىگىنىڭ ئۆزىمۇ مىنىڭ بەختىم؛ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ھىرىپ چارچىساممۇ چىھرىدىكى كۈلۆىنى كۆرۇش مىنىڭ بەختىم؛كىسەل بولغىنىمدا پۇل چىقىرالمىسىمۇ مەيلى مىنىڭ يىنىمدا تۇرۇپ مەن ئۈچۈن جىددىلەشكىنىڭ ئۆزى مىنىڭ بەختىم؛ مىليونىرلارغا سىلىشتۇرغاندا كۆپ پۇلۇم ۋە ئەۋزەل شارائىتىم يوق بولسىمۇ لىكىن ئۇلاردىن خاتىرجەم كۈنۈم، ئۇلاردىن ساق تىنىم، ئۇلاردىن خۇشال كۈلكەم بار بۇنىڭ ئۆزىمۇ مىنىڭ بەختىم؛ كۈنلىرىم جاپالىق ئۆتسىمۇ سۆيگەن ئادىمىم ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتىمەن مانا بۇ مىنىڭ بەختىم؛ يىنىمدا ماڭا يۆلەنچۈك بولغىدەك،مىنى قوغدىيالىغىدەك ۋاپادار يولدىشىمنىڭ بولغىنى مىنىڭ بەختىم.
+ F- o) l; o* v% Y
( j! Q* K6 a1 s6 X8 |بەخت كۆز يەتكۈسىز يىراقتا، قول يەتكۈسىز يىراقتىمۇ ئەمەس بەلكى ھەر بىر كۈنىڭىزدە؛ ھەر بىر تۈنىڭىزدە؛ ھەربىر ئىشىڭىزدا . پەقەت سىز ئۇنى ھىس قىلىپ قەدىرلىسىڭىزلا بەخت سىزنى تىخىمۇ بەختىيار قىلىدۇ. قىنى بەختكە قول ئۇزىتىڭ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ قەلبىڭىز بىلەن ھىس قىلىپ بىقىڭ، سىزمۇ بەختلىكمىكەنسىز؟ نۇرغۇنلىرىنى قولدىن بىرىپ قۇيسىڭىزمۇ يەنە نۇرغۇنلىرى قولىڭىزدا بارمىكىن؟ بەختنى ھىس قىلماي يىنىڭىزدا سىز ئۈچۈن بەخـت ئىلىپ كىلىۋاتقان كىشىنى چارچىتىپ قويماڭ!
+ k( U1 R* K5 K! r. c/ z3 J& y p( ]. m' e$ a4 J( ]8 i& N
http://barmu.cn/Text/Read.aspx?id=3060رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |