مائارىپ
«چوشقا-قوي»نىڭ سىرى & q. o5 h0 \ S' Z/ J( m i
+ C; s% e0 y- o h$ yبىلگەجان
: [, I% a' j1 |7 q2 ~يېقىندىن بۇيان تور ۋە ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن قويغا ئوخشاش يۇڭلۇق چوشقا سۈرەتلىرى ۋە شۇنىڭغا ئەگەشكەن قانداقتۇر قوي گۆشى دەپ سېتىلىدىغان ھارام گۆشلەرنىڭ بازارغا كىرگەنلىكى، بۇنىڭدىن ھەممەيلەننىڭ ھەزەر ئەيلىشى كېرەكلىكى ئۈستىدىكى خەۋەرلەر دېققىتىمنى تارتتى. تۈنۈگۈن بۇ گەپنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يەنە بىر يازمىنى كۆردۈم ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۈگۈن ئالدىراشچىلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ خىل «قوي سۈرەتلىك چوشقا» دىن ئىبارەت غەلىتە مەخلۇقنىڭ سىرى ئۈستىدە ئازراق چۈشەنچە بېرەي دېدىم ۋە مۇناسىۋەتلىك بىر ئېنگىلىزچە خەۋەرنى سۇنۇش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ سىرىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرىمەن.
* T. i5 L+ I* p/ M1 y& S% W1 h. ?4 ?4 | Y8 v
ئالدى بىلەن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:' v5 p" g- B) b- C3 D! A ~: S( B) p
8 @* G* D- ]9 o$ t8 t# F4 k
http://www.dailymail.co.uk/news/ ... erybodys-eyes-.html
1 C( H5 ?8 D4 V" a* r4 ^& z
5 [3 C+ x- R6 l- d0 R+ ]' Oھەممە كىشىنىڭ كۆزىنى ئالدىغان قوي-چوشقا: z& p/ v* U. _+ G X5 W0 f
: J) Y; @# W# }3 N) g
لەپ قاراشقا يۇڭلۇق چاپان كەيگەندەك كۆرۈنىدىغان بۇ مەخلۇقنى قوي دەپ قالغانلارنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما سىنچىلاپ قارىسىڭىز بۇ ئاز ئۇچرايدىغان سورتتا چوشقىنىڭ بۇرنى ۋە پۇتى بارلىقىنى بايقايسىز. قارىماققا غەلىتە تۇيۇلغان بىلەن، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيە ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئىلىپ كېلىنگەن ئۈچ تۇياق «ماڭگالىتزا قوي-چوشقا» لىرىنىڭ بىرىدۇر.
- J+ B5 d0 a9 T1 p! U4 p& A; J( r/ W1 ~( s$ a
4 p7 y4 I( S/ i) q- s( |! @
7 y# i0 x- Z4 E$ ?" v
8 L: z1 h5 ~, c+ \( N8 b; Sھايۋانلار تۈرلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پروگراممىسىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئېسىكىس (لوندوننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر ناھىيە) «تروپىك قاناتلىرى» ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى خادىملار بۇ سورتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيەدىن كىلىپ چىققان «ماڭگالىتزا» ئەنگىلىيەدە 40 يىللار بۇرۇن يوقىلىپ كەتكەن يەرلىك سورت «لىنكولىن بۈدرە يۇڭلۇق» چوشقىسىغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.& E6 ?. a9 m2 f( ~! _/ K% |
1 J; e5 O$ R$ l0 o3 g/ s1 U«دەسلەپ قارىغاندا، كىشىلەر ئۇلارنى قويكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ» دەيدۇ - «تروپىك قاناتلىرى» ھايۋاناتلار باغچىسى تەربىيە پائالىيىتى تەشكىللىگۈچىسى دېنىس كوكىس:
" V. a: m# E) K% ?0 I3 _«كىشىلەر ئەتراپقا سەپسېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن بۇرۇنلىرى ۋە يۈزىنى كۆرمىگىچە خاتا ئويلاپ قالىدۇ».
7 P+ P, U: s: n' @! D/ w% D«ئۇلارنىڭ يۇڭى بۇ چوشقىلارنى ناھايىتى چېدامچان قىلىدۇ ۋە ئۇلار كەلگەن ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ سوغۇق قېىشىغا ماسلىشىشىغا يارەم بېرىدۇ»
8 w+ N6 ^, M% w: H«ياز كۈنلىرى بولسا ئۇلارنى كۈن نۇرىدىن كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ»! V8 p7 U \! ]4 g* J9 E6 ~
0 S5 w$ ^7 Z1 k( l, P0 r8 W* t; T/ i5 w
ئەينى ۋاقىتلاردا «قوي-چوشقا»لارنى كۆرۈش لىنكولىندا ئادەتتىكى بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇلار يىلدا بىر پوپايكا توقۇش ئۈچۈن قىرقىلاتتى، ئەمما 1972-يىلى ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى.
7 G- D u) _# Y9 q1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئەنگىلىيە لىنكولىن بۈدرە يۇڭلۇق چوشقىلىرى ئاۋىستىرىيە ۋە ۋېنگىرىيىگە سېتىلغان بولۇپ، ئۇلار شۇ جايلاردا ماڭگالىتزا چوشقىسى بىلەن چاڭلاشتۇرۇلغان ۋە لىنكولىنىستا سورتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
5 b6 V, J9 O. J! l( H ~1 d' Zئۈچ يىل ئىلگىرى ئاۋىستىرىيىدە ناھايىتى ياخشى يەرلەشكەن بۇ چاڭلاشما چوشقىلار بىر توپ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەنگىلىيەگە ئاز بىر قىسمى ئېلىپ كىلىنىگەن. ) Y1 R4 `) p$ J1 T( e ?' T
ئەمدىلىكتە بۇ چاڭلاشما سورتنىڭ ئەۋلادلىرى نەسلى قۇرۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېسىكىسقا كەلتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 1000 فوندېستىرلىڭغا يارايدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى چوشقىلاردىن بەش ھەسسە قىممەت. ئۇلار مېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. / A; x5 D' h. ^' B) K+ w
……………………………………
8 B! ~9 U/ _: l* g S" h5 s
3 u2 U8 s; |! J; F5 O# e% Bشۇنداق، ئۈستىدىكى سۈرەتتە كۆرۈنگىنى ھەرگىزمۇ بىر قوي بولماستىن چوشقا ۋە بۇلار ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان نەسلى قۇرۇش گىردابىدىكى سورت بولغانلىقى ئۈچۈن باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىممەت چوشقىلارنىڭ گۆشى بازارغا قوي گۆشى دەپ سېلىنىشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
7 v2 P8 g# N/ Z B4 m; B6 d8 \* E" P w0 y: i
شۇنى ئېنىق بىلىۋىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ھەرگىزمۇ قوي بىلەن چوشقا چاڭلاشقانلىقتىن كىلىپ چىققان يېڭى تۈر ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن بار بولغان كەم ئۇچرايدىغان چوشقا سورتىدۇر. بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئالغاندا، چوشقا بىلەن قوي بىر-بىرىگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان تۈرلەردىن بولغاچقا ئۇلارنىڭ چاڭلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىز بىلىدىغان خىچىر بىر چاڭلاشما ھايۋان بولۇپ، ئۇلار ئات بىلەن ئېشەكنىڭ چاڭلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ ئىككى تۈر گېنتىكىلىق جەھەتتىن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، بىرىدە 62 تال، يەنە بىرى دە 64 تال خىروموسوم بار بولغاچقا، خىچىردا 63 تال خىروموسوم بولىدۇ، ئەمما ئەركەك خىچىرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق ياكى ئىنتايىن ئاجىز (ئامېرىكا كالورادو شىتاتىدا بىر ئەركەك خىچىرنى چىشى خىچىر بىلەن جۈپلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرغانلىقى DNA ئانالىزى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان). چوشقا بىلەن قويغا قارايدىغان بولساق، چوشقىنىڭ جەمئىي 38 تال خىروموسومى بار، قوينىڭ بولسا 54 تال خىروموسومى بار بولۇپ بۇ ناھايىتى چوڭ پەرقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا چاڭلىشىش ئۈچۈن ئىككى جانلىقنىڭ (ھايۋاننىڭ) تۇخۇم ۋە ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرى بىرلىشىپ زېگوتا (ئۇرۇقلانغان تۇخۇم) ھاسىل قىلىشى شەرت. ئۇرۇقلنىش يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئىسپىرما ھۈجەيرىسى تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە يېتىپ بارغاندا تۇخۇم ھۈجەيرىسى سىرتىدىكى ZP قەۋىتى دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرە پوستىدا ئىسپىرمىنىڭ ماس ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغان بىر مىخانىزىم بار بولۇپ، ئەگەر ئوخشاش تۈرنىڭ ئىسپىرمىسى بولمىسا، تۇخۇم ھۈجەيرىسى بۇ ئىسپىرمىنى ھەرگىز ئىچىگە كىرگۈزمەيدۇ ۋە ئۇرۇقلىنىش يۈز بەرمەيدۇ. چوشقا بىلەن قوينىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ قەتئىي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، قوي كۆشىگۈچى ھايۋانلارغا تەۋە، ئەمما چوشقا بۇ تۈردىكى ھايۋانغا تەۋە ئەمەس. ھەتتا، چوشقا بىلەن قوينىڭ تۆرەلمە يېتىلىش جەريانى ۋە بالياتقۇسى قەتئىي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىرىنىڭ بالىياتقۇسىدا يەنە بىرىنىڭ ھايات قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. خۇلاسىلىسەم، قوي بىلەن چوشقا چېتىشىپ ھاسىل بولغان جانلىق مەۋجۇت ئەمەس. 4 F# v1 Q/ E Y1 G7 [+ w
+ S8 H7 {; ~- g9 ^* e* x
ھازىرچە بۇنى مۇشۇنداق قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ تۇراي. مۇشۇ ئىشتا گاڭگىراپ ئەنسىرەپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى بىلىۋىلىشىىنى ۋە يالغان-ياۋىداق ئەپسانىلەرگە ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
+ S$ H5 n$ Q1 U& {) [$ dتىما مەنبەسى:http://bbs.izdinix.com/thread-58511-1-1.htmlچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |