يانفۇن
يارىماسلىقنىڭ پايدىسى
( \, p6 [& M# Z, i/ jبىر ياغاچچى چىن بەگلىكىگە بېرىپ، چۇ يۈەن دېگەن يەردە كىشىلەر ئىلاھ دەپ چۇقۇنىدىغان بىر تۈپ ئېمەن دەەرىخىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئاجايىپ چوڭ دەرەخ بولۇپ، مىڭلىغان ئات ھارۋىسى ئاستىدا سايىدىيالايدىكەن. 100چى ئەتراپىدا كېلىدىكەن. بىراق ياغاچچى دەرەخكە نەزىرىنى سېلىپمۇ قويماپتۇ. ياغاچچىنىڭ شاگىرتى بۇ ھالدىن تەئەججۈپلىنىپ:-ئۇستام، مەن ئۆزلىرىدىن ھۈنەر ئۆگىنىۋاتقاندىن بېرى بۇنداق ياخشى ياغاچنى كۆرمەپتىكەنمەن، لېكىن سىلى بۇ دەرەخكە قاراپمۇ قويمىدىلا، بۇ نېمە ئۈچۈن‹-دەپ سوراپتۇ. ياغاچچى ئۇستام:-قوي بۇ گېپىڭنى، بۇ بىر كېرەكسىز ياغاچ، ئۇنىڭدا كېمە ياسىساق بەك ئېغىر بولۇپ كېتىدۇ، جەسەت ساندۇقى ياسىساق ئاسانلا چىرىپ كېتىدۇ، ئۆي جاھازلىرى ياسىساڭ ئاجىزلىقىدىن نەچچە كۈندىلا بۇزۇلىدۇ، ئىشىك دېرىزە ياسىساڭ پۇختا بولمايدۇ، لىم قىلساڭ ئوڭاي قۇرت چۈشىدۇ، شۇڭلاشقا مۇشۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، مۇشۇنچىۋالا يۇغىنىغان دەرەخ بۇ،-دەپتۇ. ياغاچچى ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئېمەن دەرىخى ئۇنىڭغا:-سەن كۈندىزدە مېنى بىر مۇنچە يامانلاپ كەتتىڭ، ئەمدى مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ قوي، ئېسىل ياغاچلار ئاللىقاچان باشقىلار تەرىپىدىن كېسىل؛ىپ، ھەر خىل سايمانلارغا ئايلىنىپ بولدى، ئالما، نەشپۈت، ئاپېلسېن قاتارلىق دەرەخلەر چېچەكلەپ، مېۋە بېرىدۇ. ئەمما مېۋىسى پىشقاندا كىشىلەر مېۋىنى ئۇرۇپ چۈشۈرىمىز دەپ دەرەخنى زەخىملەندۈرىدۇ. دەل ئۇلارنىڭ پايدىلىقلىقى خاتىرجەم ياشىيالماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. مېنى كېرەكسىز دېدىڭ، كېرەكسىزلىكىم ئەكسىچە مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىمغا ئايلاندى، ئەگەر مەن كېرەككە كېلىدىغان دەرەخ بولسام مۇشۇنداق بۈك-باراقسان ھالەتتە تا ھازىرغىچە ياشىيالامدىم؟-دەپتۇ.
, H9 P2 O7 x8 w5 _$ p, @ { ?# g5 u5 h7 ^/ _* Q0 d
مەنبە:پاراسەتلىك ھايات 5 B& C! j7 U; a [0 H
چۈشۈرۇڭ" l0 ]6 j2 Q& F+ z' l7 t) B
چۈشۈرۈڭرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |