تۆھپە131
تىللا113
قىزغىنلىق155
UID565
تېما24
دوست1
خاتىرە2
ئالبوم0
يازما42
تېما24
تىزىملاتقان2012-9-18
性别مەخپىي
- جۇغلانما
- 601
ئالى ئەزا
 
قىزغىنلىق- 155 سەر
تۆھپە- 131 سەر
تىللا- 113 دانە
جەۋھەر- 1 دانە
|
ئەيسا خۇاڭ مۇسوڭنىڭ يېنىدا مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مەقسىتىنى بىلگەندىن كىيىن، نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىدا ۋائىزخانلىق قىلىپ، يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدا ئالايىتەن تىيەنجىنغا بېرىپ، مەسئۇدنى نەنجىڭگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇدنىڭ كېلىشىنى ئۇنىڭ ئامىتى كەلگەنلىك دېسىمۇ بولاتتى. نەنجىڭ تەرەپ مەسئۇدنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولۇپلا قالماي شىنجاڭدا مەكتەپ ئاچقان، دوختۇرخانا ئاچقان نامىنىڭمۇ بارلىقىنى، بولۇپمۇ سوۋېتقا، كومپارتىيىگە قەتئىي قارشى پوزىتسىيىسىنى بىلگەندىن كىيىن گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولدى. مەسئۇد سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يول تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم نەزەرىيىسىنى ۋاقتىنچە يىغىشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلاپ ، نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن مەزگىلىدىكى مەكتەپ ئاچقان نەتىجىلىرى ۋە مۈشكۈلاتلىرىنى يىغلامسىراپ ئېيتىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ مائارىپ ئىستىكاھمىدىن پايدىلىنىپ «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تارقىتىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى مائارىپقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە شېڭ شىسەينىڭ سوۋېتقا تەسلىم بولۇپ ۋەتەننى سېتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى خارلىغانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ زەربە بېرىپ، شېڭ شىسەينى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەسئۇدنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل نىقابلىنىش قىلمىشى نەنجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي ئېھتىياجىغا ماس كېلەتتى. بولۇپمۇ سىياسىي ئېھتىياجى قانائەتلىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇنى دەسمايە قىلىپ، كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەپقەتسىز ھاكىمىيىتىنى ئاشكارىلاش مەسئۇدنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرىدىغان سەۋەب بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەسئۇد خۇاڭ مۇسوڭ پىلانلىغان تەشكىلى قۇرۇلۇش، ئارمىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۆز شتابىغا تەۋە چېگرا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇيزۇ تىل يېزىق بۆلۈمىنىڭ (ھەربىي) ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئەرەب تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتتى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا، دوكلات قىلىشقا مەسئۇل بولدى. خۇاڭ مۇسوڭ شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان، مەسئۇد شېڭ شىسەيگە قارشى ئاۋانگارت سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولغاچقا ئىككىيلەن تېز ۋە ئاسانلا كېلىشىپ، بۇ قاتلاملىق مۇناسىۋەت مەسئۇد ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە مەردىۋىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. مەسئۇدنىڭ نەنجىڭدە ئۆزىنى نامايان قىلىشى ۋە ئىش باشلىشى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى.0 P' E P1 y9 J+ ~
$ k8 @5 D, F* M" m" z& ~1 o. {
مەسئۇد نەنجىڭگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭدىن نەنجىڭگە كەلگەن ھەر قىماپتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلاشتى ھەمدە «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن كەڭ-كۆلەمدە ئۇچرىشىپ، ئۆز تەسىرىنى زورايتىپ، ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ سوۋېتقا، كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى سېتىش قىلمىشى قىلىپ كۆرسىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىنى ھەدەپ داۋراڭ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قاتتىق ئازاب -ئوقۇبەت ئىچىدە قالغانلىقى، خەلقنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى ئۈستىدە جار سالدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار بۇ ئىشتىن خۇشال بولدى. ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى، ئىمتىھان ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى گومىنداڭ نەزەرىيىچىسى دەي جىتاۋ ئۇنى تېخىمۇ مۇكاپاتلاپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن رىغبەتلەندۈردى. شۇڭا ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دەي جىتاۋ ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى./ _ w2 F- W# x; x* H+ Q
1 g0 d( F" E) {1 ? مەسئۇد بۇ ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىپ پائال ماسلاشتى. ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمىشە ئوغلى ۋە جىيەنىنى نەنجىڭدە ئوقۇتىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بولغان سادىقلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزىنىڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇ يەنە دەي جىتاۋنى مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. دەي جىتاۋ شۇ ھامان ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا «مەي خۇەنشىن» دېگەن خەنزۇچە ئىسىمنى قويۇپ بېرىپ، يەنە داغدۇغا بىلەن ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، شەپقىتىنى بىلدۈردى. مەسئۇد دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىشىش داۋامىدا ئوخشاش يولدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ «تەڭرىتاغ ئايلىق ژۇرنىلى»نى تەسىس قىلىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى تىلدا چىقىرىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى نومۇسسىزلارچە كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۈچ مەسلەكنى ماختاش بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقىنى زەھەرخەندىلىك بىلەن تىللاپ، ئاتالمىش مىللىي ئاپتونومىيىنى يوشۇرۇن تەكىتلىدى.0 P0 w1 \) P4 u# z/ C, k
/ E" L6 }0 i! m+ d& j d0 L/ x& M
بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيىگە بولغان قەتئىي قارشى پوزىتسىيىسى، شېڭ شىسەيگە بولغان ئۆچمەنلىكى بىلەن گومىنداڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۆزىنىڭ خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش تەشەببۇسى ۋە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى جېنىنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن «مەركەزنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدىكى ئاپتونومىيە»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆز ۋە ھەرىكەتكە تەڭلا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ناھايىتى تېزلا ئىلتىپاتقا ئېرىشتى، مەرتىۋىسى قەدەممۇ-قەدەم ئۆستى، ھۆكۈمەت پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولدى. 1935- يىلى 11- ئايدا گومىنداڭنىڭ 5- قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، مەسئۇد يەنە مەركىزى مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەسئۇدنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشى مۆجىزە ئىدى. بۇ ۋاقىتلارنى مەسئۇدنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئەڭ ياخشى مەزگىلى دېيىشكە بولىدۇ. 1936- يىلى ئۆلىما زېڭ ۋېنۋۇ ئۆزىنىڭ «غەربنىڭ ئىگىلىك تارىخى» دېگەن كىتابىدا «مەسئۇد شىنجاڭدىكى غۇلجىلىق باينىڭ ئوغلى بولۇپ، تۈركىيىدە ئوقۇغان. ئەخلاق ۋە ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن شىنجاڭلىق ئالىملارنىڭ بىرى. ھازىر جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى 5- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 5- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى» دەپ باھا بەرگەن. بۇنىڭدىن مەسئۇدنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى., P, u4 `* Y. X8 j5 ~. N- G+ m# w6 ~ u4 S
* K* \( o7 Y/ a8 ^ بۇ چاغدا مەسئۇد يەنە ئۆزىنىڭ سابىق باشلىقى—دىۋىزىيە كوماندىرى مامۇتنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن باش قاتۇردى. مەسئۇدنىڭ قوشۇنىدا مەسلىھەتچى بولغان ۋاقىتتا مەركەز بىلەن مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ئەمما مامۇت ئەسەبىي پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ئۇنسۇرى بولسىمۇ، ئاقكۆڭۈل، جاھىل، نەزەر دائىرىسى تار كىشى بولغاچقا مەسئۇدنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان. بۇ مەزگىلگە كەلگەندە شېڭ شىسەينىڭ قوشۇنى كۈندىن-كۈنگە زورايدى. شۇنىڭ بىلەن مامۇت مەسئۇدنىڭ تەكلىپلىرىنى ئويلاپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئىشەنچىلىك ئادىمى مۆمىن ئاخۇن بىلەن ئىمىن داموللىنى نەنجىڭدىكى پائالىيەتلەرگە ئەۋەتىپ، مەركەزنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شېڭ شىسەينىڭ يوقۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشتى.
# N$ _9 \, B* `% {
' \: o! N& [" e سىياسىي پوزىتسىيىسى يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن مەسئۇد مامۇتقا باشتىن- ئاخىر دوستانە پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلدى. يەنە كېلىپ سىياسى جەھەتتە ئوخشاش يولدا مېڭىۋاتقاچقا، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلاشقۇچىسىنىڭ شىنجاڭدىن سىقىپ چىقىرىلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا مامۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى، ھەمدە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق مامۇتنىڭ ۋەكىللىرىنى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئەقىل كۆرسىتىپ، مامۇت ۋە ئۇنىڭ قىسمىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەركىزى كومىتېتى مەخسۇس خادىمنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتىپ، يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ يول-يورۇق بەردى. بۇنىڭدا شىنجاڭدا كۆپرەك ھامىلىرىنى قالدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىدى. ئەپسۇس بۇ ۋاقىتتا شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ تايانچى تاپقاچقا تەبىئىيلا بۇيرۇقنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى. يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ جايلىشىش ئورنى چەت بولغاچقا قاتناش، ئۇچۇر-ئالاقە قىيىنچىلىق كۆپ ئىدى، شۇڭا قامچىسى ئۇزۇنراق بولسىمۇ ئاتقا تەگمەي، شۇنىڭ بىلەن مامۇت ئاخىرى ئامالسىز دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىلدى، شېڭ شىسەي ھەممىنى بىر تۇتاش باشقۇردى..
5 i8 D9 ?) h, G! A0 h: [" k) O3 n6 B2 p1 ~; c( J% j5 ~
بۇ پىلانلار مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، توساتتىنلا مەسئۇدنىڭ شېڭ شىسەيگە بولغان ئۆچمەنلىكى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. 1936- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە گومىنداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك 2- ئومۇمىي يىغىنى نەنجىڭدە ئېچىلدى. يىغىندا مەسئۇد شېڭ شىسەينى قاتتىق سۆكۈپ، شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى سېتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قىرغىن قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى سىستېمىلىق ئاشكارىلىدى. شېڭ شىسەي نۇرغۇن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكتىن زور مىقداردىكى ئۇۋال قىلىنغان دېلولار شەكىللەندى، نەنجىڭگە كېلىپ ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىلارمۇ كۆپەيدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسىمۇ، كۆپىنچىسى يەنىلا خەنزۇلار ئىدى. مەسئۇدنىڭ سىستېمىلىق شىكايىتى بۇ تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ كەڭ-كۆلەمدە قوللىشى ۋە ياخشى باھاسىغا، بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ۋە ئۆلىمالار شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى زاتلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشتى. بۇ ئىش بىلەن مەسئۇد شىنجاڭ خەلقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى.9 Q2 E% j/ @/ M/ Z
8 C8 i5 w4 y9 x) K* o3 i0 \) Q; N, A( {
1936- يىلى 8- ئايدا، موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالمىشىپ، ۋۇ جوڭشىن كومېتىت باشلىقى بولدى. كومىتېت باشلىقى ئالماشقاندىن كىيىن نەنجىڭدە «چېگرا يېرىم ئايلىق ژۇرنىلى» تەسىس قىلىندى، ھەر ساندا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا سەھىپە ئاجرىتىلدى. مەسئۇد ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ھەمىشە بۇ سەھىپىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەم نام ھەم مەنپەئەتكە ئېرىشتى. 1937- يىلى ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلاپ، نەنجىڭ خېيىم-خەتەر ئىچىدە قالدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پايتەختىنى كۆچۈرۈشنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بەزى ئاپپاراتلارنى چوڭچىڭغا يۆتكەپ بولغان ئىدى. مەسئۇد ۋە ئۇ باشچىلىقىدىكى «نەنجىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» ئالدىنقى قاراردا چوڭچىڭغا بارغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى . چوڭچىڭغا بارغاندىن كىيىن ئۇ ئاۋۋال يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدا «ئانا يۇرت» ئايلىق ژۇرنىلىنى چىقاردى. ژۇرنالنىڭ نامىنى مەسئۇد ئۆزى بېكىتكەن بولۇپ، تۈركىيىدىكى «تۈركىيىلىكلەرنىڭ ئانا يۇرتى» ژۇرنىلىدىن ئۆرنەك ئالغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، «تۈركىيىلىكلەرنىڭ ئانا يۇرتى» ژۇرنىلىدا تەشۋىق قىلىنىدىغان يادرولۇق ئىدىيە «ئانا يۇرتىمىز تۈركىستان» – ئۇلارنىڭ تەرغىبات نۇتۇقىدىكى ئاساسلىق سىياسىي شوئاغار ئايلاندى.
; q" Z. N9 R* G- s4 O/ H4 |) D, m2 E
مەسئۇدنىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشى ئاۋۋال ۋۇ جوڭشىننىڭ دىققىتىنى تارتتى. ۋۇ جوڭشىن چېگرانىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندىن كىيىن، چېگرا ئىشلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان ۋەقەلەردە ئىنتايىن سەزگۈر بولدى. مەسئۇدنىڭ «چېگرا يېرىم ئايلىق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرى بۇرۇنلا ۋۇ جوڭشىننىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋۇ جوڭشىن ھەر مىللەت زاتلىرى جۈملىدىن شىنجاڭلىق زاتلارنىمۇ موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا كەڭ-كۆلەمدە كىرگۈزگەن بولۇپ، ۋۇ جوڭشىن بۇ ئەزالار ئارقىلىق مەسئۇدنى ئازراق چۈشەنگەن ئىدى. بەختكە يارىشا ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇدنىڭ كۆڭلى ئارامىدا بولمىغاچقا، قەلب سىرلىرىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان. چوڭچىڭغا كەلگەندىن كىيىن دارىتمىلاشقا باشلاپ، قىلماقچى بولغانلىرىغا تەييارلىق قىلدى. ھەمدە تىلدا دىققەت قىلغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر تىلىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن چېنىپ قالمىدى. بىر قېتىم زاڭزۇ-موڭغۇل كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تىلىدىكى سىياسىي تەربىيە كۇرسىدا، شىنجاڭلىق ئەزالارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مەسئۇد ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتكەن ۋاقىتتا قەستەن تۈرك تىلى تەلەپپۇزىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، تۈرك تىلى گرامماتىكىسىنى سۆزلىدى. بۇ ئەھۋال ۋۇ جوڭشىننىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق يىغىندا كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ ئالدىدا ۋۇ جوڭشىنمۇ قاتناشقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش پانئىسلامىزم نەزەرىيىلىرىنى تەپتارتماي بازارغا سېلىپ، يېنىدا ئادەم يوقتەك سۆزلىگەنچە ھاياجانلىنىپ ۋاتىلداشقا باشلىدى. ئەتراپىدىكىلەر بىر-بىرىگە قارىشىپ، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرس ئۆتىشىگىلا باشقىچە ھېسسىياتتا بولۇپ كەلگەن ۋۇ جوڭشىن ئۇنىڭغا كەينى – كەينىدىن بىشارەت بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھېچنىمىنى بىلمىگەن بۇلىۋالدى. ئاخىر ۋۇ جوڭشىن ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولدى ھەمدە ئۇنىڭ سۆزىدىكى سەپسەتىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككىيلەن نەق مەيداندىلا توقۇنۇشۇپ، يىغىن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ۋۇ جوڭشىننىڭ مەسئۇدقا بولغان قارىشى تۈپتىن ئۆزگەردى./ A( j, j3 \5 x0 @, j
. {$ O5 T. Q q9 m4 U
1939- يىلى 1- ئايدا گومىنداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك 5- ئومۇمىي يىغىنى چوڭچىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا كومپارتىيىگە قارشى فاڭجېن بېكىتىلىپ، كومپارتىيىگە قارشى كومىتېت قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىندى. يىغىندا مەسئۇد كومپارتىيىگە قارشى نۇتۇق سۆزلەپ، شېڭ شىسەينى كوممۇنىست ئۇنسۇر دەپ ئەيىبلەپ، شىددەت بىلەن سۆكتى. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، مەسئۇدنىڭ نۇتىقىدىكى بەزى سۆزلەر يۈرىكىدىن چىققان ھەقىقى سۆزلەر بولسىمۇ، يەنە نىقابلانغان سۆزلەرمۇ بار ئىدى. 1942- يىلى 11- ئايدا گومىنداڭنىڭ 5- نۆۋەتلىك 10- ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ ۋاقىتتا سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا ئىش كۆرۈدىغان شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، جياڭ جيېشىغا «نازلىنىش»قا باشلىدى. يىغىندا مەسئۇد يەنە بىر قېتىم كومپارتىيىگە قارشى نۇتۇق سۆزلەپ، تىغ ئۇچىنى بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتتى.
; \$ I6 p7 N4 t; P; T4 Z6 F/ o" ^- W( Z8 w# K# u
1943- يىلى 11- ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ، گېرمانىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى مىسىردا قاھىرە يىغىنى ئېچىپ، ياپونىيىگە بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت جۇڭگوغا پايدىلىق يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدى. 1944- يىلى 1- ئايدا جياڭ جيېشى رادىئو نۇتقى سۆزلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن گومىنداڭ سىياسىي ئىشلار كېڭىشى ئاساسى قانۇنلۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى «مەملىكەت پۇقرالىرىغا مەكتۇپ» نى ئېلان قىلىپ، كۆپچىلىكتىن ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر بېرىشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى بوشاپ، ئۇزۇن يىل كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىيالمىغان مەسئۇد تايانچ تاپقاندەك بولدى. يەنە كېلىپ گومىنداڭغا تۆھپە قوشقان بولغاچقا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ مەسىلىسىدە بىلجىرلاپ، پانتۈركىزم مۇقامىنى چېلىشقا باشلىدى. ئۇ ئەسلى تەبىئىي پەن بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بۇ چاغدا زورقۇپ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى توغرىسىدا بىلجىرلاشقا باشلىدى. 1944- يىلنىڭ بېشىدا چوڭچىڭدا سۆزلىگەن «شىنجاڭ تارىخى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىن ئىزلار» تېمىسىدىكى نۇتقى، ئەيسا تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن «ياشلار ژۇرنىلى» ۋە ئارقىدىن «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە تۇنجى سانىدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش» سەرلەۋھىسىدىكى ماقالىسىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بۇلىدۇ.
% H5 K% {( b4 g$ d1 `$ G
9 P! s. V% ^8 E! u «ئالتاي ژۇرنىلى» ئەسلىدە مەسئۇد ۋە ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار بىرلىشىپ چىقارغان ژۇرنال بولۇپ، ئەيسا مەسئۇل مۇھەررىر بولغان ئىدى. ئۇلار بۇ ژۇرنالدا يوشۇرۇن شەكىللەر ئارقىلىق ھەمىشە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تەرغىب قىلىدىغان ئەتكەس ماللىرىنى بازارغا سالدى. ئۇيغۇر تىلىدا 5 سان چىقىپ بولغان بولۇپ، خەنزۇ تىلى سانىنىڭ تۇنجىسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش دېگەندىن كۆرە پانتۈركىزمنى ئاشكارا تەرغىب قىلغان ماقالە دېگەن تۈزۈك ئىدى. مەسئۇد ماقالىسىدا: نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئون تۆت مىللەتكە ئايرىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تارانچى، ئۆزبېك ، تاتارلار پەقەت «ئالتە قەبىلە» بولۇپ، تىل، ئۆرۈپ-ئادەت، دىن، كىيىنىش جەھەتتە ئوخشاش. ئىرق ئوخشاشلىقى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ تۇتىشىشىغا ئاساسەن «ئۇلارنىڭ بىر مىللەت يەنى تۈرك مىللىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك». تاجىك مىللىتىنىڭ تىلىدىن باشقا تەرەپلىرى بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتە قەبىلە بىلەن ئوخشاش، شۇڭا ئۇلارنىمۇ «تۈرك مىللىتى» دېيىشكە بولىدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسئۇد خۇيزۇلارنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇلار «تاماقنى چوكىدا يەيدۇ»، دىنى ئېتىقاددىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، پەقەت موڭغۇللارلا مۇستەقىل مىللەت دېدى. شىنجاڭدىكى رۇس مىللىتىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ رۇسىيىگە، كومپارتىيىگە قارشى خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، ھەتتا ئۇلارنى جۇڭگولۇق ئەمەس، شىنجاڭدىكى مۇھاجىرلار دەپ قارىدى.) e"
# f1 [& h- U& |3 H! i$ j! w( I
4 C2 D* ]3 }- S& J6 q" H2 p ماقالە ئېلان قىلىنغاندا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كۆز قارىشىنى «چۇڭچىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ نامىدا ماقالىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، «چۇڭچىڭدىكى شىنجاڭلىق يۇرتداشلارنىڭ ئاساسى قانۇن لايىھىسىگە قارىتا پىكىرى» دېگەن توننى كەيدۈرۈپ، 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى «ئاخبارات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە نۇرغۇن مەزمۇن سۆزلەنگەن بولسىمۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى يادرولۇق نۇقتا بار ئىدى: بىرىنچىدىن، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنى تۈرك مىللىتى دەپ ئاتاش؛ ئىككىنچىدىن، «شىنجاڭ» دېگەن نامنى «تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىش. مەسئۇدنىڭ دەسلەپكى ئويى شۇنىڭدەك بۇ ئىككىيلەننىڭ بايانىدىكى مەقسەت ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە سىياسىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونى پارچىلاشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يول ھازىرلىماقچى بولغان ئىدى.
) B$ B% R3 K4 ~7 N/ ^1 u$ f- z4 y$ v. ^7 z3 n$ l S
ئۇلارنىڭ بىمەنە لوگىكىسى شۇ ھامان كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. فرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ، شۇنداقلا شىنجاڭدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان ئۆلىما لى دوڭفاڭ «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، «چۇڭچىڭدىكى بىر نەچچە يۇرتداشنىڭ پىكىرىگە ئاساسلىنىپ، نەچچە مىليون قېرىنداشنى ئۆزىمۇ قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان، يەنە كېلىپ ھەقىقى شەكىللىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نام بىلەن ئاتاشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. لى دوڭفاڭ ماقالىسىدە ئۇلارنىڭ ئۇ يەردىن-بۇيەردىن قۇراشتۇرغان نۇقتىنەزەرلىرىگە بىر-بىرلەپ رەددىيە بېرىپ، نۇقسانلىرى كۆپ ئىسپاتلىرىنى مەسخىرە قىلىپ، توغرا تارىخى ئىسپاتلار بىلەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇيغۇر مىللىتى جوڭگۇ قەدىمقى زامان تارىخىدىكى ئوغۇز، ئۇيغۇرلاردۇر، ئۇلار بىلەن تۈركلەر سۈي، تاڭ سۇلالىرى مەزگىلىدە بىر مەھەل گۈللىنىپ كىيىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە ئۇيغۇرلار ئەسكەر چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەملىشىپ توپىلاڭنى تىنجىتقان. ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئايرىم-ئايرىم ئىككى قەبىلە تۇرسا ئۇلارنى قانداقمۇ بىرلەشتۈرۈپ بىر مىللەت دېگىلى بولسۇن؟ قىرغىزلار قەدىمكى تارىخلاردىكى خاككاسلار بولۇپ، ئۇيغۇر، تۈركلەر بىلەن قوشنا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ بىر قەۋم ئەمەس؛ تاتارلار موڭغۇل قان سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى بىلەن كۆچۈپ كەلگەن. تاجىكلار پامىر ئېگىزلىكىدە ياشاپ كەلگەن ئىران تىلى سىستېمىسىغا تەۋە مىللەت بولۇپ، تۈركلەر بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋىتى يوق؛ قازاق، ئۆزبېكلەرنىڭ شەكىللىنىشى نىسبەتەن كىيىن بولۇپ، تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا تۈرك يېزىغىنى قوللانغىنىغا قاراپلا تۈرك مىللىتى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ خۇددى ياپونلۇقلار چاسا خەتنى قوللانسىمۇ، ئۇلارنى جۇڭگولۇق دېگىلى بولمىغاندەك ئىش. لى دوڭفاڭ قاتارلىقلارنىڭ ماقالىسىدا تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمى پوزىتسىيىسى ۋە ئۆلىمالارنىڭ سەزگۈرلۈكى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، گومىنداڭنىڭ پارتىيە گېزىتىدا ئېلان قىلىنىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۇقتىنەزەرگە بولغان پوزىتسىيىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.6 d8 q2 l4 q5 Z) h/ d% D8 H
6 R; \, c0 k6 y8 z1 x* \/ T
1945- يىلى 4- ئايدا «ئالتاي گېزىتى»دا يەنە مەسئۇد «غەربى شىمالنىڭ سىياسىي توغرىسىدا سۆز» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، بېشىدىلا «ھازىر سۆزلەيدىغان پۇرسەت كەلدى» دەپ، تاقەتسىزلىك ئىلكىدە ئۆزىنى باسالماسلىق پسىخىكىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ شۇنچە ئالدىراپ نېمىنى بايان قىلىدۇ؟ ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى غەربنى ئېچىش مەزمۇنىدىكى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنىڭ تارقىلىشىغا چىدىيالماي، تاقەتسىزلىك ئىچىدە پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈرۈشكە، شىنجاڭنى ئېچىشقا، شىنجاڭنى قۇرۇشقا، شىنجاڭغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە قارشى تۇرىمەن، شىنجاڭدىكى تىنچسىزلىققا كۆچۈپ كەلگەن ئاھالە ۋە ئارمىيە سەۋەپچى دېدى. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى بىلەن ئالدىنقى قېتىم جەڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ مەقسىتى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بىرسىدە شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنى «تۈرك مىللىتى» دەپ ئاتاشنى چاقىرىق قىلسا يەنە بىرسىدە خەنزۇ قوشۇنى بىلەن خەنزۇ خەلقىنى شىنجاڭغا كىرگۈزمەسلىك چوقانىنى سالدى. بۇنىڭدىن چىقىدىغان يەكۈن ئىنتايىن چۈشىنىشلىك بولۇپ، پەقەت مۇھىت چەكلىمىسى يەنە كېلىپ گومىنداڭنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش سۆزىنى دېيەلمىگەن خالاس. بۇ ۋاقىتتا مەسئۇد ۋە ئەيسا داۋاملىق ئالاقە قىلغان بېرەيلەن بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسىدا مەسئۇدنىڭ ھەقىقى پسىخىكىسى ئاشكارىلاندى. ماقالىدىكى تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا «مەسئۇد – سوۋېتقا قارشى مۇتەخەسسىس، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ بىئارام بولغان» ئىدى. مەسئۇد يەنە « خەنزۇلار مەخسۇس باشقا مىللەتلەرنى يەۋىتىدىغان مىللەت دېگەن» ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەمراھلىرى ئىمىن، ئەيسالار بىلەن بىرلىكتە جياڭ جيېشىغا مەكتۇپ يوللاپ، «شىنجاڭدا يۈكسەك ئاپتونومىيە قۇرۇش تەلىپىنى ئىزھار قىلدى. بۇ ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان»، «بىر مەزگىل ئۇلارنىڭ لەنجۇ، چوڭچىڭلارغا بېرىپ كىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان». بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئاساسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش قوزغىغان بىر مەزگىللىك «پانتۈركىزم» ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى كىلىمات شەكىللەندۈرەلمەيلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئەپتى- بەشىرىسى خەلق ئالدىدا ئاشكارىلىنىپ، ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى مەسئۇد قاتارلىقلارغا يۈرەكنى كۈچەيتىش دورىسى بولۇپ بەرگەچكە، ئۇلار قايتىدىن روھلانغان.2 ^( H) B' @3 B* i, @" D
4 K7 R- }) T" X; I& k9 h7 z. I% H شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەسئۇدنىڭ ھوقۇقنىڭ پەللىسىگە چىقىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى. 1944- يىلى 9- ئايدا شېڭ شىسەي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھاقارەتلىرى ئىچىدە 11 يىل 5 ئايلىق ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىن ئايرىلدى. ئەمما ئۇنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تۈپەيلىدىن قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بېسىقمىدى. موڭغۇل -زاڭزۇ كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ جوڭشىن ۋەقە كۈچىيىۋاتقان پەيتتە شىنجاڭغا كېلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.
9 M5 f/ X! N# m" @4 R/ z
q% D7 K g4 c/ x يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەشتە تەبىئىيلا بىر تۈركۈم بىللە بارىدىغان خادىملارنى تاللاشقا توغرا كېلەتتى. مەسئۇد بۇ مىسلىسىز تەستە كېلىدىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ قارىدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ ژۇرنال ۋە مۇنبەرلەردىن پايدىلىنىپ پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم تەشۋىقاتىنى تارقاتقان بولسىمۇ، چۇڭچىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا ئۇنىڭ چوقانلىرىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە بولغان تەسىرىنى يوق دېيىشكە بولاتتى. ئۇ پەقەت شىنجاڭغا قايتىش ئارقىلىقلا «قوش پان ئىزىم» نەزەرىيىسىنى شىنجاڭنى بۆلىۋېلىشتەك كونكرېتنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. مەسئۇد ۋۇ جوڭشىننىڭ موڭغۇل – زاڭزۇ كومىتېتىدىكى نۇرغۇن خادىملارنى ئىشلەتكەنلىگىنى، رويخەتتە ئىسمىنىڭ يوقلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن، ۋۇ جوڭشىن بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىدىن مۇشۇنداق بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جياڭ جيېشى ئارقىلىق شىنجاڭغا بېرىش مەقسىتىگە يېتىشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇد جاڭ جيېشى نەۋكەرلەر ئىشخانىسى ئىككىنچى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى چېن بۇلېيدىن «يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسى»نى جياڭ جيېشىغا يەتكۈزۈشنى ئىككى قېتىم ئۆتۈندى. ئەمما چېن بۇلېي پۇرسەت كەلمىدى دەپ قاراپ جياڭ جيېشىغا ئىككىلىسىنى يەتكۈزمىدى. مەسئۇد پۇرسەتنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چېن بۇلېينى يەنە بىر قېتىم سۈيلىگەندە، چېن بۇلېي ئامالسىز 10- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىش تەلىپىگە قارىتا ۋۇ جوڭشىندىن پىكىر ئالدى. ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ پانتۈركىزم تەشۋىقاتىنى داۋاملىق تارقاتقانلىقىنى بالدۇرلا بىلگەچكە، تەبىئىيلا بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىگە قوشۇلمايتتى. ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق 8- ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇ شاۋلىياڭ بىلەن بىرلىكتە تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇلار تېلېگراممىسىدا ئۈچ تۈرلۈك قارشى تۇرۇش سەۋەبىنى بايان قىلدى:
+ e) _: x1 l: ]; S8 p
H5 T: U: ~3 e5 \% E( i% A9 R 1. ئۇلار مىنگونىڭ 31- يىلى مەركەزگە مەكتۇپ يوللاپ، شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈرمەسلىكنى، ئارمىيە كىرگۈزمەسلىكنى، شىنجاڭنى شىنجاڭلىقلار باشقۇرۇشنى، شىنجاڭنىڭ نامىنى «شەرقى تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان. تار مىللەتچىلىك كۆز قارىشى ئېغىر.
8 A! Q& D) J8 S; Q/ H1 K; D" W 2. شېڭ شىسەي ئۇنىڭدىن پەقەت رازى ئەمەس، ھازىر شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى قىسمىدا ئادەم بەك كۆپ، ئۇنىڭغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.
8 ]) C/ ]% g4 W* b. u7 B4 F8 g: h
: ^2 n! b# P* o! r3 y! J9 R 3. ئۇنىڭ خانىمى ھازىر شىنجاڭدا، داۋراڭ سېلىپ يۈرگەن ئەھۋال بار. ئۇ شىنجاڭغا كەلسە تىنچلىق بولۇشى ناتايىن. ئىنىلىرى مەسئۇدنىڭ كېچىكىپرەك كېلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.5 R( d& N% V$ C
" J3 G6 y6 P. F# O ۋۇ جوڭشىننىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا كېلىش چۈشى ئەمەلگە ئاشمىدى. جياڭ جيېشى ئارقىلىق شىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كىيىن مەسئۇد ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ جامائەت پىكرى بېسىمى ئارقىلىق مەركىزى ھۆكۈمەتنى يول قويۇشقا قىستىماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمىن، ئەيسالار قول تىقىپ، «شىنجاڭ خەلقى شىنجاڭنى باشقۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يۇقىرى -تۆۋەن قاتراپ، لەنجۇدا جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈردى. جياڭ جيېشى گەنسۇ تەرەپنىڭ مەخپىي تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن، دەرھال ۋۇجوڭشىنغا تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار- يوقلىقىنى سورىدى. ۋۇ جوڭشىن «مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىقلار شىنجاڭغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇنى ئىسپاتلاشقا بولمىدى. مەركىزى كومىتېت ئامال ئىزلەپ ئۇلارنى چوڭچىڭغا قايتۇرۇپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا» دېگەن مەزمۇندا تېلېگرامما قايتۇردى. جياڭ جيېشى ۋۇ جوڭشىننىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، مەسئۇدنى چوڭچىڭغا تەڭشەپ، مۇۋاپىق دەرىجىدە تىزگىنلىدى. ئەمما جازالىمىدى. بۇ ئىش تۈپەيلى ۋۇجوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ قىلمىشىغا تېخىمۇ ئاچچىقلاپ، ئۇلار لەنجۇدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىمەنە چاقىرىقلارنى قىلدى، مەقسىتىنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، مەيلى يەرلىك، مەيلى مەركەز بولسۇن ھەممىسىگە پايدىسىز دەپ قارىدى. ۋۇ جوڭشىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاغرىنىش مەنىسىدە جياڭ جيېشىغا: «ئىلگىرى مەركەزدىكى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان زاتلار مەسئۇد، ئەيسالارنىڭ داۋراڭلىرىغا ھەدەپ يول قويدى، ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشى مەركەزدىكى بەزى ‹ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان› لارنىڭ مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىق قارا نىيەتلەرنى سىغدۇرغانلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك» دەپ دوكلات يوللىدى.
& f9 Y2 L6 h# v; ^) K2 S! ^4 |1 M$ _ مەسئۇد قاتارلىقلار لەنجۇدىكى پائالىيەتلىرىدە ئۈنۈم كۆرمەي قايتقاندىن كىيىن، تەبىئىيلا ئۆچلۈكى قوزغالدى. ئەمما ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان ۋۇ جوڭشىنغا ئامالى بولمىغاچقا، تىغ ئۇچىنى شېڭ شىسەيگە قاراتتى.9 Y4 f1 `* g* e9 S6 z0 C
0 I2 ]: v+ {- U 1945- يىلى 5- ئايدا، گومىنداڭنىڭ مەملىكەتلىك 6- قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە مەسئۇد قاتارلىقلار شېڭ شىسەينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شىنجاڭلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، شېڭ شىسەيدىن ھېساب ئالماقچى بولدى. يىغىندا، مەسئۇد ئاچچىقلانغان ھالدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «سەن شىنجاڭدا تۇرغان 10 يىل ئىچىدە 200 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدىڭ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھېسابلىغاندا شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن بىردىن ئادەم قامالدى. قولغا ئېلىپ قويۇپ بېرىلگەنلەر پەقەت 80 مىڭ ئادەم بولدى. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى… مۇشۇنداق پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، شېڭ شىسەي ئەپەندى، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ كېرەك» دېدى . مەسئۇدنىڭ سۆزى ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرۈپ، يىغىنخانا ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدى. ھەممەيلەن شېڭ شىسەينى «قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دەپ ۋارقىراشتى. يىغىنخانىدا ئولتۇرغان شېڭ شىسەي ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى. ئەمما يىغىن تەرتىپى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ، چاتاق چىققىلى تاس قالدى. بەختكە يارىشا يىغىن رىياسەتچىسى سالماق بولۇپ ئەپچىللىك بىلەن بۇ ئىشنى بېسىقتۇردى.2 @" z, f6 ~5 c- W f
8 U/ d+ J: h$ }" a) l0 r
ئارقىدىنلا مەسئۇد يەنە شىنجاڭدىن كەلگەن كېڭەش ئەزالىرى ليۇ ۋېنلوڭ، قادىر ئەپەندى، مەنسۇر داموللا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 7- ئايدا چاقىرىلغان 4- نۆۋەتلىك گومىنداڭ سىياسىي ئىشلار يىغىنىغا «ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ھەر مىللەت بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرگەن جاللات شېڭ شىسەينى جازالاپ بېرىش» توغرىسىدىكى تەكلىپنامىسىنى سۇنۇپ، شېڭ شىسەينىڭ قانلىق جىنايىتى ئۈستىدىن رەھىمسىزلەرچە شىكايەت قىلدى. يىغىندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شېڭ شىسەينىڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى. بۇ قېتىمقى ئېلىشىشتا مەسئۇد كۈچىمەيلا غەلىبە قىلغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن مەسئۇد روھلىنىپ نىشانىنى شىنجاڭغا قاراتتى.6 |, {6 s' u" T1 v6 }; d5 ~) E' g
8 w0 g1 |/ X( C* t بۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ قانلىق ھاكىمىيىتى تۈپەيلى يىغىلىپ قالغان غەزەپ-نەپرەت كەيپىياتى كۈچەيگەن بولۇپ، يەنە كېلىپ مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خەلقنى نامراتلاشتۇرۇش، ئىنقىلابنىڭ پىلتىسى ئوت ئېلىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مال باھاسىنى تۇراقلاشتۇرۇش، قالايمىقانچىلىقتا قالغان شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزى بانكا شىنجاڭدا شىنجاڭ ئوبوروت بانكنوتى تارقىتىشنى قارار قىلىپ، چۇڭچىڭ مەركەز كۈمۈش پۇل باسما زاۋۇتىدا باستۇردى. ئوبوروت بانكنوتىنىڭ ئوڭ يۈزىدە خەنزۇ يېزىقى، تەتۈر يۈزىدە ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچىسىنى مەسئۇد تەرجىمە قىلىپ يازدۇرغان ئىدى. تەرجىمىدە مەسئۇد قەستەن شىنجاڭ ئوبوروت بانكنوتى دېگەن سۆزنى «چىنا تۈركىستان ئوبوروت بانكنوتى» دەپ تەرجىمە قىلدى. بۇ پۇل 8- ئاينىڭ 14- كۈنى تارقىتىلغان ۋاقىتتا تەرجىمىسىدە مەسىلە بارلىقى بايقىلىپ قالدى، مۇبادا تارقىلىپلا كەتكەن بولسا، سىياسىي خاتا چۈشەنچە كېلىپ چىقاتتى. پۇل تارقالغىلى تۆت سائەت بولغان ۋاقىت ئىچىدە ۋۇ جوڭشىن دەرھال يىغىۋېلىپ ھەممىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەسئۇد پانتۈركىزم تەشۋىقاتى قىلىشتا پۇرسەت بولسىلا ھېچ يەرنى بوش قويمىغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھۆكۈمەت ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ جازالىمىغان. جياڭ جيېشى ھۆكۈمىتى ئۇلارغا شۇ دەرىجىدە كەڭچىلىك قىلغان.. r% D# z! Y9 P/ ?+ {
9 u; F8 m) P: m! J. a& R شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كىيىن ئۈچ ۋىلايەت كۈچلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ھەربىي كۈچىدە ناھايىتى تېزلا ئىلىدىن سىقىپ چىقىرىلىش ئېھتىمالى تۇغۇلدى. ئىككىنچى يىلى 8-، 9- ئايلاردا يەنە ئالتاي، چۆچەكلەرنى بېسىۋېلىپ مىللىي قوشۇننىڭ ئاساسى كۈچى ماناس دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقى بويلىرىدا مۇقىملىشىپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلدى.) D7 |% {* M, t% p# a- w5 ^
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئەمدىلا قوزغالغان ۋاقىتتا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلسىلا قۇراللىق قارشى تۇرۇش تۈگەيدۇ دېگەن خاتا قاراشتا بولدى. ئەمما 11- ئاينىڭ 7- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ غۇلجا قوزغىلىڭىغا تولۇق قاتناشقانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، شۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ مۇرەككەپ ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشەندى. ۋۇ جوڭشىن تاشقى ئىشلار جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن جايلارنى قۇراللىق قورشاش، ئەمما ئىچكى جەھەتتىكى سىياسىي ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېقىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.
$ c3 r4 X) U0 i- R6 B0 T5 L0 D9 U* ]7 l% v2 E# M5 {
جياڭ جيېشى ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، چەتئەل دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن «تىنچلىق گېنېرالى » دەپ نام ئالغان ئارمىيە-ھۆكۈمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جىجوڭنى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزلىنىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئەۋەتتى. مەسئۇد بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئاۋۋال جياڭ جيېشىغا خەت يېزىپ، مەركەزنىڭ قارارىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، شىنجاڭ خەلقىنىڭ باج سېلىقلىرىنى يېنىكلىتىش ، قامالغان بىگۇناھ ئاممىنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا جاڭ جىجوڭغا خەت يېزىپ، يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ مەركەزنىڭ قارارلىرىنى ھىمايە قىلىش كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا قايتىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاڭ جىجوڭ بۇ ئىشتىن ئىلگىرى مەسئۇد بىلەن كۆپ باردى-كەلدى قىلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جياڭ جيېشىغا تەكلىپ بەرگەنلىكى ۋە ئۆزىگە خەت يازغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى قىزىقتى. يەنە كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى بىر رەھبەرنىڭ مەسئۇد بىلەن جىيەنلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، باشقا مۇناسىۋەتلەر بىلەن پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى پەملىدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ۋۇ جوڭشىنغا تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلارنى ئۈرۈمچىگە مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرغىلى ئېلىپ كەلمەكچى بولغانلىقىنى، ۋۇ جوڭشىندىن قوشۇلىدىغان – قوشۇلمايدىغانلىقىنى سورىدى.
1 S, k! g3 j3 B3 ]' g
; M' f' X' Q, ] ئۈچ ئاي ئىلگىرى جياڭ جيېشى ۋۇ جوڭشىندىن مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىشى توغرىسىدا پىكىر ئالغاندا، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد، ئەيسا قاتارلىقلارنى شەرقى تۈركىستان ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن شىنجاڭغا قايتۇرۇش پىكىرىدە چىڭ تۇرغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ۋۇ جوڭشىننىڭ شىنجاڭنى تەرتىپكە سېلىش ئىشەنچىسى زور ئىدى. ئەمما كېيىنكى ۋەزىيەتتە ئۈرۈمچى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتىگە ئۇچراپ، ۋۇ جوڭشىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بەل باغلىغان جاڭ جىجوڭنىڭ مەسئۇدنى ئېلىپ كېلىش تەلىپىنى تەبىئىيلا رەت قىلالمايتتى. ئۇنىڭ بىلەن جو شىياۋلىياڭ بىرلەشمە تېلېگرامما يوللاپ، مەسئۇدلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى ۋەزىيەتكە پايدىلىق بولىدىغانلا بولسا قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاڭ جىجوڭ ۋۇ جوڭشىنغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە مەسئۇدلارنى ئېلىپ كەلمەي ۋۇ جوڭشىننىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھەمدە ۋۇ جوڭشىن يۈز تۇرانە قوشۇلغاندىن كىيىن، 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم تىنچلىق سۆھبىتىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇلارنى ئاندىن بىللە ئېلىپ كەلدى.
; j2 h2 O0 @2 \# D2 |+ G$ }
$ i" f' \: M9 x8 [- f# m& oشىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدى ئەمەلگە ئېشىش
' q9 J) l% g9 g3 _! |- ^) P: i جاڭ جىجۇڭنىڭ سىياسىي فاڭجېنى مەسئۇدنىڭ شىنجاڭغا قايتىش ئۈمىدىنى رىياللىققا ئايلاندۇردى.
# G& m3 j4 P- V/ q 1945- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى مەسئۇد ۋە مۇھەممەت ئىمىن، ئەيسالار جاڭ جىجوڭنىڭ چاقىرىقى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا قاراپ ئۇچتى. ۋۇ جوڭشىننىڭ مەسئۇد قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا پەقەت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى زېڭ شىياۋلۇ ۋە ھەر قايسى نازارەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ئايرودرومغا ئەۋەتتى. ۋۇ جوڭشىن جاڭ جىجوڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا سەمىمىيلىك بىلەن: «مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەشەببۇس قىلمايمەن، سۆھبەتكە قاتنىشىشىنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلمايمەن. مۇبادا سۆھبەتتە قىيىنچىلىق تۇغۇلسا، ۋەزىيەتنى قايتا پەملەپ، مەسئۇدلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ سالا قىلىش-قىلماسلىقىنى قارار قىلساق» دېدى . چۈنكى سۆھبەتنى قارار قىلىش ھوقۇقى جاڭ جىجوڭنىڭ قولىدا بولۇپ، ۋۇ جوڭشىن ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
4 v; u J% B' L: D% g5 @7 p3 {9 }
/ `6 l6 u, }, W$ @. f$ ]4 C مەسئۇد ئۆزى قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىش چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا پۈتۈنلەي جاڭ جىجوڭغا تايانغانلىقىنى بېلەتتى . ئەمما بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋۇ جوڭشىنغا كۆڭلىدە ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، سىرتقى جەھەتتىن ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. ھەر قېتىم ۋۇ جوڭشىن بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، ھەمىشە «كەمتەر پوزىتسىيە» دە بولۇپ، ھەدەپ خۇشامەت قىلىپ، «ھازىرغا قەدەر مەركەزدىن كەلگەنلەر ئىچىدىكى تەڭداشسىز شەخس »، «بىز شىنجاڭلىق تۇرۇپ شىنجاڭ تارىخىنى ۋۇ جۇشىدەك بىلمەيدىكەنمىز، ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم» دەپ ماختايتتى. ۋۇ جوڭشىن ئۇلارغا بىر يىللىق سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان ۋاقىتتا مەسئۇد قاتارلىقلار «ئىنتايىن قايىل» بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن بەلكى «چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئوقۇش ھېسسىياتى » دا بولدى. سۆھبەت مەزگىلىدە ۋۇ جوڭشىن ئۆزىنىڭ خەنزۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى سۆزلىگەندە مەسئۇد دەرھال ۋۇ جوڭشىننىڭ سۆزىنى ئىسلام دىنى كىتابلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، «ئىسلام دىنىنىڭ قۇرئاندىمۇ ‹ئومۇمەن مەدەنىيىتى قالاق مىللەتلەر چوقۇم مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك، بولمىسا مۇھەممەد پەيغەمبەر رۇخسەت قىلمايدۇ› دېگەن . بۇنىڭ مەنىسى ۋۇ جۇشىنىڭ پىكىرى بىلەن ئوخشاش» دېدى . ۋۇ جوڭشىن بۇ ھالەتنى كۆرگەندىن كىيىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ «يۈكسەك ئاپتونومىيىسى » نى تەشەببۇس قىلىدىغان مەسئۇد قاتارلىقلارغا نەسىھەت قىلىپ: «ئاتالمىش ئاپتونومىيە ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، چوقۇم مۇناسىپ قەدەملەرنى بېسىش ھەمدە زۆرۈر بولغان شارائىتلارنى ھازىرلاش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا پەقەت قۇرۇق نامىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمايدۇ.» دېدى . ئۇلار بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى..8 r: r+ x, E! g6 ?" F
ۋۇ جوڭشىن ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىشنى ئويلاپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە «ھالىدىن خەۋەر» ئېلىپ، ئۇلارغا خۇرۇم چاپان، سوكنا قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلدى. قۇربان ھېيت ۋاقتىدا ئۇلارنى جاڭ جىجوڭ بىلەن بىرلىكتە زىياپەتكە چاقىرىپ «تەبرىكلەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. 1945- يىلنىڭ ئاخىرىدا يەنە مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسالارنىڭ ھەربىرىگە 200 مىڭ يۈەندىن فابى (1935- يىلىدىن كېيىن گومىنداڭ تارقاتقان قەغەز پۇل) ھەدىيە قىلدى. ئۈچەيلەن رەھمەت ئېيتىپ تاپشۇرۇۋالدى. & r* \. x4 I# f! f% F- t: a+ k( M% m
& b( I/ x2 O s2 v6 f ۋۇ جوڭشىن مۇشۇنداق ھېسسىيات ئالاقە شەكلى ئارقىلىق ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى تىزگىنلەشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، مەسئۇد ھەرىكىتىنى تىزگىنلىمەيلا قالماستىن، مەركەز رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن ھەممە يەردە ئالدامچىلىق قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئورۇندى . 1945- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى مەسئۇد قاتارلىقلار تۇرالغۇسىدا يىغىن ئېچىپ، شەرقى تۈركىستان تەشۋىقاتى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتتى. ئىككىنچى كۈنى يەنە ئوخشاش يىغىن چاقىرغان بولۇپ، 50 ئادەم قاتناشتى. يىغىن ئارقىلىق ئۇلار ئاتالمىش «يۈكسەك ئاپتونومىيە» تەشەببۇسىنى تەرغىب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۈرۈمچى نەنگۇەندىكى(جەنۇبىي قوۋۇقتىكى) مەسچىتلەر ۋە ئامما بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى ئازدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «يۈكسەك ئاپتونومىيىسى »نى ھەل قىلىپ بېرىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاتالمىش «تۈرك مىللىتى»نى تارتىۋاتقان ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار يەنە مەسچىتلەرنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرى ۋە ئىماملىرىدىن ئېتىقادچى ئامما يىغىلىش ۋاقىتلىرىدا ئۇلارغا دادىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشنى، ئالدىنقىلارنىڭ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىقىدەك كەيپىياتىنى دورىماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئامما تەپتارتماستىن: «خەنزۇلارنىڭ كۈچى قالمىدى. ھاكىمىيەتنى تېزدىن بىزگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك. بولمىسا ئۇلارنى يوقاتقىلى پىچاق، پالتا، كالتەك تەييارلاپ قويدۇق» دەپ تەشۋىق قىلدى. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى، ھەتتا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خۇيزۇ ئاممىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇن تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمىگەن ئۇيغۇر ئاممىسىنى بىردەك چەتكە قېقىپ، بوھتان چاپلاپ زەربە بەردى.: `6 ]. @# a0 A9 e0 E- F
% Q E$ e n" i; d5 s, x ۋۇ جوڭشىن ئېرىشكەن ئاخباراتلار مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن مەخپىي تۈردىكى ئۈرۈمچىدىكى خەنزۇلارغا قارشى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى، ئەيسانىڭ ئۇلارغا بىۋاسىتە مەدەت بېرىپ، يول- يورۇق بېرىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىنى پائال مايىل قىلىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئىگىلىگەن بىرىنچى قول ئىسپاتلاردىن ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ئاغرىنغان ھالدا، ئۇلار ئەدەپ يوسۇنلۇق بولۇۋېلىپ مەركەزنى بىر نەچچە يىل ئالدىدى. بۇ قېتىم شىنجاڭغا قايتىپ چىققاننىڭ نەتىجىسى يەنىلا جېدەلگە قۇترىتىش بولدى…نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بەردى. ھەقىقەتەن كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ، دېدى . ئۇ يەنە ھەسرەتلىنىپ تۇرۇپ: مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلارنىڭ بىلىمى، تالانتى، ئابرۇيىغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمما تار مىللەتچىلىگى ئىنتايىن ئېغىر. مەركەزدىكى ئاز سانلىق زاتلار ئۇلار تەرەپكە ئېغىپ، ئۇلارغا ئالدىنىپ، ئۇلارنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇق پسىخىكىسى ۋە ئاساسسىز سەپسەتىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ نامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ مەركەزنى، ئەمدى مەركەزنىڭ نامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلغىلى تۇردى. ھەممىسىنىڭ مەقسىتى نام-شۆھرەت قازىنىشقا قورۇنۇش ، ئوتتۇرىدىن مەنپەئەت ئېلىش» دېدى .
+ ^3 R% w3 T( R' c, V, l ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە بولغان غەزىپىنى باسالماي، جاڭ جىجوڭغا بىۋاسىتە تەكلىپ بېرىپ، «مەسئۇدلارنى بالدۇرراق ئىچكىرىگە كىرگۈزىۋېتىش» نى تەلەپ قىلدى. چوڭچىڭدا تۇرۇۋاتقان جياڭ جيېشىمۇ مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، جاڭ جىجوڭ، ۋۇ جوڭشىنلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىشىنى تەكىتلىدى. مەسئۇدنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى نۇرغۇن يەرلىك ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى. يەرلىكلەرنىڭ قارىشىچە، مەسئۇدنىڭ «شىنجاڭدا يۈكسەك ئاپتونومىيە بولۇش چۇقانىنى سېلىشى» ماھىيەت جەھەتتە يەرلىك خەلق ئويلىغاندەك بولماستىن بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭدىن «خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنى بۆلىۋېتىش»، شىنجاڭنى «مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان پاجىئەگە پاتقۇزۇش»تەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقاتتى.
! o- ^6 ]- H% P8 t, ]" y8 Q% z1 k& s% f7 f& A9 |1 a4 F
ئەمما جياڭ جيېشىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، ۋۇ جوڭشىننىڭ غەزەپلىنىشى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قارشى تۇرۇشى جاڭ جىجوڭ قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بېكىتكەن فاڭجېنى : مەسئۇدنى ھۆرمەتلەپ، سۆھبەت تارازا تېشىنى ئېغىرلىتىش، بۇ ئارقىلىق يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش فاڭجېنىنى ئۆزگەرتەلمىدى. 1946- يىلى 2- ئايدا، ۋۇ جوڭشىن مەسئۇدنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرى تەپتىشلىكىگە تەيىنلەنگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قارشى تۇرىدىغانلىقىنى مەركەزگە قايتا-قايتا بىلدۈردى. ئەمما مەركەز تىڭشىمىغاچقا جاڭ جىجوڭدىن قاتتىق نارازى بولدى. ئۇ ئىستېپا بېرىپ شىنجاڭدىن ئايرىلغان ۋاقىتتىمۇ جاڭ جىجوڭغا كۆيۈنگەن ھالدا نەسىھەت قىلىپ: مەسئۇد قاتارلىقلار بۇ قېتىم شىنجاڭدا تۇرۇش داۋامىدا، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقى تۈركىستان ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچەلمىدى. مۇقەررەركى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەشكىلاتنى ئۆزىگە تارتىپ، كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا جېدەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەسئۇد قاتارلىقلارنى ھەددىدىن زىيادە ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك لازىم، دېدى . ئەمما جاڭ جىجوڭ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، مەسئۇدنىڭ سوۋېتقا قارشى قەتئىي پوزىتسىيىسىدىن پايدىلانماقچى بولدى. ئۇ ۋۇ جوڭشىنغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ: ئىككىمىزنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش پىكىرىمىزنىڭ %80 ى ئوخشاش، پەقەت مەسئۇدقا بولغان پوزىتسىيىمىز ئوخشىمايدۇ. مەن يەنىلا مەسئۇد قاتارلاردىن پايدىلىنىپ ۋەزىيەتنى تېزگىنلەيمەن، دېدى . ۋۇ جوڭشىن شىنجاڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، مەسئۇد 1946- يىلى ئاخىرى ئىشقا چۈشۈپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىشى ئورنىغا چىقتى.- t4 C0 C2 y7 \
% M- _- ] z! R" ^! D* i, V0 l
قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالى ھوقۇق ئورنىغا چىقىش8 [$ @6 N) b$ {# f( T/ b! _
مەسئۇد قاتارلىقلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن ژۇرنال چىقىرىش ھوقۇقىنى ئالغان ئىدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا، ئىلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى بولغان چوڭچىڭدا تۇرغاچقا، بۇ ژۇرنالنىڭ غەربى شىمالدىكى شىنجاڭغا بولغان تەسىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا قايتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى بەرگەن ئىدى. شۇڭا مەسئۇد ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، «ئالتاي» ژۇرنىلىنىڭ نامىنى ئالتاي نەشرىياتىغا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، قوشۇن تەركىبىنى كېڭەيتتى. داغدۇغا قوزغاپ تەسىرنى زورايتىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى قارار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ-كۆلەمدە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قول تىقىپ، ئەزالارنى تىزىملاش جەدۋىلىنى كەڭ-كۆلەمدە تارقاتتى. ئۇلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا قوبۇل قېلىنغان ئەزالارنىڭ سانى 1000 نەپەردىن ئاشتى. 80 كىشىنى تاللاپ پەخرى كومىتېت قۇرۇپ، مەسئۇد مۇدىر ھەيئەتلىكنى ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزىنى ئاممىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلاپ ، بارلىق كۈچى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، «دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىدى، خەلققە ئۇۋال قىلدى» دەپ جار سالدى. بۇ ئىشنى ئۇ ئاممىنىڭ رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئىدى.
' P; R6 K) s* h g) L" A. c
) w! U4 k2 U" F5 l9 e 1946- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئالتاي نەشرىياتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. مەسئۇد نەشرىياتىنىڭ پەخرى باشلىقلىقىنى، ئىمىن باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ئەيسا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر دائىمىي ھەيئەت رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ مەسئۇد باش بولغان مەتبۇئات تەشكىلاتىنىڭ نامى نەشرىيات بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ كونتروللىقىدىكى بىر پانتۈركىزم تەشكىلاتى بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى تورغا چۈشۈرۈش ۋە ئالداش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى پارچىلاشتىن ئىبارەت ئەكسىيەتچىل نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىلىمات شەكىللەندۈرۈش، ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. 1947- يىلى 11- ئايدا، نەشرىياتتا يەنە ئىلمى جەمئىيەت قۇرۇلۇپ، قارمىقىدا تارىخ-جۇغراپىيە بۆلۈمچىسى، يېزىق بۆلۈمچىسى ۋە قىرائەتخانا تەسىس قىلىندى. بۇ ئاپپاراتلار قارىماققا ئىلىم-پەن ئىشلىرى بۆلۈمىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ماھىيىتى پانتۈركىزم، پانئىسلامىزمنى تارقىتىش ئۈچۈن تارىخ ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسلارنى تۈزۈش ئىدى. قىرائەتخانىنىڭ كىتابلىرى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق چەتئەلدىن سېتىۋېلىنغان ياكى چەتئەلدىن ئىئانە قىلىنغان بولۇپ، كۆپىنچىسى پانئىسلامىزم، پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى، «قوش پان ئىزىم» ئىدىيىسىنى تارقىتىشى ئۈچۈن «ئىلھام» ئاتا قىلاتتى. ئىلمى جەمئىيەت ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، ئاساسلىقى مەسئۇد، ئىمىن، ئەيسا قاتارلىقلار خىيالىدىكى «شىنجاڭ تارىخى» ۋە پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلاتتى. نەشرىيات ئۇيغۇر، قازاق تىلىدىكى قەرەللىك ژۇرنال «ئالتاي ئايلىق ژۇرنىلى»، «ئەركىنلىك گېزىتى» نى چىقارغاندىن سىرت، يەنە بەزى كىتابلارنى نەشىر قىلدى. مىسالەن، پولات قادىرنىڭ «ئۆلكە تارىخى» مۇشۇ مەزگىلدە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، مۇھەممەت ئىمىننىڭ «شەرقى تۈركىستان تارىخى» دىن كىيىن چىققان پانتۈركىزمنى تەشۋىق قىلىپ تارىخنى بۇرمىلايدىغان يەنە بىر كىتاب ئىدى.3 _; ]/ P1 q' D6 V
& a" V9 o- Z7 G p. H% ]% g
بۇ مەزگىلدە مەسئۇد ئالتاي نەشرىياتىنى تايانچ قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەشكىلى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، ئۇيغۇر تىلىدىكى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىدا، «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى تەپتارتماي ئوغرىلۇقچە «جۇڭگو تۈركىستان» (چىنى تۈركىستان) دەپ ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدىكى تۈرك تىلىنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنى بىردەك «تۈرك مىللىتى» دەپ ئاتىدى. خەنزۇ تىلىدىكى نامى ئۆزگەرمەي، پەقەت ئۇيغۇر تىلدىلا «جۇڭگو تۈركىستان» ۋە «تۈرك مىللىتى» دېگەن ئىبارە كېڭەيگەچكە خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە كىشىلەر دىققەت قىلمىدى( o `( {+ \# w+ v* Y4 o G2 v
4 `, W! w* Y+ h2 f6 ~6 G. ]: J+ I' F6 U- @+ ]+ h7 \: }7 ?: e; Q
مەسئۇدنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى سالاھىيىتى – شىنجاڭنىڭ تەپتىشى ئىدى. نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ مەركىزى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يەرلىكنى مەمۇرىي تەپتىش قىلاتتى. ئۇنىڭ ئورنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسىدىنمۇ يۇقىرى ئىدى، ئەمما بۇ ئورۇننى ھېچكىم ئالاھىدە ھۆرمەتلىمەيتتى. ھەتتا مەسئۇدمۇ شۇنداق قارايتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ داۋاملىق شېڭ شىسەي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ئابرۇيىنى ئۆستۈرگەندىن باشقا، ئاساسلىق زېھنىنى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزمنى تارقىتىشقا قاراتقان ئىدى. 1947- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ كېڭەشمە يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەسئۇد مەمۇرىي تەپتىش سالاھىيىتى بىلەن ئاشكارا ھالدا: «شىنجاڭ تۈركلەرنىڭ يۇرتى، بىز چوقۇم مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز، جۇڭگو تۈركىستان قۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم»، دېدى . ئۇ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئالتاي نەشرىياتى كىتاب ، ژۇرنال ، گېزىت قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ئاز سانلىق مىللەتنى «تۈرك» مىللىتى، شىنجاڭنى «تۈركىستان» دەپ ئاتاپ، بۇ ۋاسىتىلەرنى تەكرار قوللىنىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئادەتلەندۈرۈشنى پىلانلىدى. بۇ خىل ئۇسۇل راستتىنلا ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارلا بولۇپ قالماي، ھەتتا قازاقلار، قىرغىزلارمۇ خاتا چۈشەنچە بىلەن ئۆزلىرىنى تۈرك مىللىتى دەپ قارىدى. بەزى خەنزۇلارمۇ بۇ مىللەتلەرنى تومتاقلا «تۈرك مىللىتى» ھەتتا «تۈركىيە مىللىتى» دەپ ئاتىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئەينى ۋاقىتتىكى پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم تەشۋىقاتىنىڭ داغدۇغىسىنىڭ زور بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.' N; Z3 K s, M* U) R! u' x! F* P C
6 |5 |# F5 p* U
ئەمما «تۈرك» مىللىتىنى يارىتىش ئاسان ئەمەس ئىدى. گەرچە، ئۇيغۇر، قازاق يېزىقلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئەرەبچە ھەرپ قوشۇلۇپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلەشمىكى قىيىن ئىدى، ھەتتا تەرجىمان كېتەتتى. مەسئۇدلار سىياسىي زۆرۈرىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ئورتاق تىل يارىتىشقا تەييارلىق قىلدى. شۇڭا مەسئۇد مەخسۇس «ياش تىل خىزمەتچىلىرىنىڭ تۈرك تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بويىچە سۆھبەت يىغىنى»نى چاقىرىپ، يىغىندا: «بىزنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت— ‹تۈرك تىلى› گۇرۇپپىسىنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى بىر تۇتاش بولمايۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىملىرى سوۋېتلىشىپ كەتتى. ئەسلىدىكى سۆزلۈك ۋە گرامماتكىمىزنىڭ كۆپ قىسمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇڭا نۆۋەتتە سىرتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىشىمىز، ئەسلىدىكى سۆزلۈك ۋە گرامماتكىنى قوللىنىپ، يېزىقىمىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز لازىم» دەپ جاۋىلدىدى." p- W+ {* V3 f. x' P
7 ~' l1 w5 X' z I2 Y* B2 N$ G
مەسئۇد قاتارلىقلار تىل-يېزىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ماقالە ۋە نۇتۇقلىرىدا تۈرك تىلى سۆزلۈكى، گرامماتىكىسىنى كۆپلەپ ئىشلەتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ئاتالمىش تىل-يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش—ئۇچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش، «ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابىغا تاقابىل تۇرۇش، ھەممىنى «تۈركلەشتۈرۈپ»، بۇ ئارقىلىق بىر ئورتاق تىل—تۈركلەشكەن ئۇيغۇر تىلىنى شىنجاڭدىكى باشقا «تۈرك مىللىتى» تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىدى.
* l! ~) T/ x3 L5 Z 1944- يىلدىن 1947- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەسئۇد جاڭ جىجوڭنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش سىياسىتىدىكى «ئۈچ ۋىلايەت»نى ئىسكەنجىگە ئېلىشتىكى مۇھىم شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇبى-شىمالى شىنجاڭدا پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ رايونلىرىدا ، ئۇ شېڭ شىسەيگە قەتئىي قارشى تۇرغانلىقتىن ئۈچ ۋىلايەت ۋە قەشقەردىن باشقا كۆپ قىسىم رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. سىياسىي ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىدە ئېھتىياتچان بولدى. جاڭ جىجوڭ دېموكراتىيە—سىياسىينىڭ ئاساسى مەزمۇنى، ئۇ پارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالالىشى، غەيرى ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك دەپ قارايتتى. شۇڭا مەسئۇدقا قارىتا سەۋرچانلىق پوزىتسىيىسىنى قوللاندى. مۇشۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ، جاڭ جىجوڭ «تىنچلىق سىياسىتى»نى نىسبەتەن سىلىق يولغا قويغان تۇرۇقلۇق يەنە زور دەرىجىدىكى قارشىلىققا ئۇچرىدى. قەشقەرگە بارغان ۋاقىتتا ئاممىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، شۇنىڭ بىلەن «ئۈچ ۋىلايەت»كە مەجبۇرلاش، قاتتىق قول بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش قارارىنى تېزلەتتى، ھەمدە مەسئۇدنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە كۆرسەتمەكچى بولدى. مەسئۇدنىڭ ئورنى پەيدىن پەي يۇقىرى ئۆرلەپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھوقۇقى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
+ K- Y9 v* D$ A8 _- l% y, x n$ ]+ A `$ S8 }
1947-يىلى 5- ئايدا، مەسئۇد شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. مەسئۇد جاڭ جىجوڭنىڭ پىكىرى بىلەنلا رەئىس بولۇپ قالماستىن بەلكى، جياڭ جيېشىمۇ بالدۇرلا ئويلاشقان ئىدى. شۇ يىلى 3- ئايدا جاڭ جىجوڭ جياڭ جيېشىغا خىزمەت دوكلاتى يوللىغان ۋاقىتتا، جياڭ جيېشى مەسئۇدنى رەئىسلىككە تەيىنلەش توغرىسىدا جاڭ جىجوڭدىن پىكىر ئالغان، ھەمدە «مۇشۇنىڭغا باغلاپ ئۇنى تىزگىنلەش» ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى كونتۇرۇل قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. جياڭ جيېشى مەسئۇد تەشەببۇس قىلىۋاتقان «شەرقى تۈركىستان مىللىي تېررىتورىيىسى» نەزەرىيىسىنى چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ مەقسىتى، مەسئۇد قاتارلىقلار بىلەن بەلگىلىك سىياسىي رامكا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ، «ئۇلارنىڭ قۇرۇق گەپ سېتىپ ئىشلارغا دەخلى قىلىشىغا يول قويماسلىق» ئىدى. جاڭ جىجوڭمۇ مەسئۇدنىڭ دېموكراتىيە توغرىسىدىكى پولىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان سىياسىي ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، «ئۈچ ۋىلايەت»نى تىزگىنلىمەكچى بولغان ئىدى.
* M4 O3 u) i# D2 q, e# j& s y9 a' H' ~) B$ Q8 }8 @3 ~, u
مەسئۇد مەمۇرىي تەپتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتۈۋاتقان چاغلاردا، «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نى تەرغىب قىلغان بولسىمۇ، قولىدا ئەمىلى ھوقۇق بولمىغاچقا ھوقۇقدارلارغا يول قويۇپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا، سىلىق بولۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما شىنجاڭنىڭ رەئىسىدىن ئىبارەت گۆھەر ئورۇنغا چىققاندىن كىيىن ئەيمىنىش ئازلاپ كۈندىن كۈنگە ئۇچۇق ئاشكارا بولدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوخشاش يولدىكىلەر تەسىس قىلدۇرغان «ئەركىنلىك گېزىتى»، «تاڭ نۇرى گېزىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «جۇڭگو شەرقى تۈركىستانى» قاتارلىق گېزىت ژۇرناللارنى دەرھال قوللاپ، دېموكراتىيە توغرىسىدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي پو ئاتقاندىن سىرت، پانتۈركىزم ۋە ئاتالمىش «يۈكسەك ئاپتونومىيە» تەشۋىقاتىنى ئاساسى مېلودىيە قىلدى. ئۇ ھەتتا ئۆزى بىر سىياسىي ئوبزورلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، كىتابىدا قىلچە يوشۇرماي : بىز تۈركلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋەتىنىمىز پەقەت تۈركىيە، تۈركىستانلارلا ئەمەس، بەلكى بىرلىككە كەلگەن بۈيۈك «تۇران» دېدى . ئاتالمىش «تۇران» بارلىق تۈرك تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرىكمىسىنى كۆرسىتەتتى.
: f3 \2 r; E7 |
0 s) [- Y3 p3 b0 q) ]+ g مەسئۇد ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ قەتئىي قارشىلىقى ۋە توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يىلىدىكى روزا ھېيت مەزگىلىدە باشقىدىن تەشكىل قىلىنغان ئاتلىق ئەسكەرلەر 1- دېۋىزىيىسىنىڭ كوماندىرى ما چېڭشىياڭ قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، مىللەت دىن ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرىنى قۇترىتىپ، شىنجاڭ گارنىزون باش شتابى ئالدىدىكى خەلق مەيدانىدا زور كۆلەمدىكى ناماز ئوقۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. ما چېڭشىياڭلار ئورىۋالغان مەسئۇد ئۇچىسىغا ئاچ رەڭلىك مىللىي كىيىم كىيىپ بېشىغا سەللە ئورىغان ھالدا خەلق مەيدانىغا كېلىپ، ھىمايىچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە قولىدىكى ھوقۇق ۋە تەشۋىقات قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ ، ئۇلارغا بېسىم چۈشۈرۈپ، «قىزىل پاچاق» لار دەپ تىللىدى ۋە ھەممە يەردە ئۈچ ۋىلايەت بىلەن قارشىلاشتى.
, g* N& P* P1 k) X4 @6 G$ G4 Y. F, o4 K
ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ مەسئۇد بىلەن تىركىشىش ئۈچۈن ئۇنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاپ، ئۇنى پاش قىلىش، توسۇشتىن سىرت يەنە بەزى رايونلار قوللاش ياكى قوراللىق قوزغىلاڭغا تەشكىللەش ئارقىلىق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى مەسئۇدنى ۋەزىپىگە قويۇش مەسىلىسىدە يول قويۇشقا مەجبۇرلىدى. ئەمما مەسئۇد ئۆزىنى ئالى ھوقۇقلۇق دەپ قاراپ ئۆز-ئارا يول قويمىدى. ئۇ باشقۇرۇۋاتقان گېزىتتا ھەتتا «قالايمىقانچىلىقنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش» سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ، قۇرال كۈچى ئارقىلىق خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىنىپ قانخورلۇق قىياپەت ئەكس ئەتتى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، مەسئۇد گومىنداڭ ۋەكىلى رولىنى ئېلىشقا رازى بولماي، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن قەتئىي دۈشمەنلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزۇندىن بۇيان بېسىپ كېلىۋاتقان خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇش، خەنزۇلارغا ئۆچ بولۇش كەيپىياتىنى تەدرىجىي ئاشكارىلاپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنى خالىغانچە كۈچەيتىپ، ۋەتەن كۆز قارىشى ئاجىزلاپ، مىللىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇپ خەنزۇلارنى چەتكە قېقىشقا قۇتراتتى. ھەتتا ئاشكارا سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارىتا تۇتقان ئېھتىياتچانلىق پوزۇتسىيىسىنى يىغىشتۇرۇپ، گومىنداڭدىن كۈنسايىن يىراقلىشىپ، دېموكراتىيە دەپ بېسىم ئىشلىتىپ، «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نى تەلەپ قىلدى. ئۇ تىلغا ئالغان «يۈكسەك ئاپتونومىيە» مۇستەقىللىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ، جاھانگىرلارنىڭ بېقىندى دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەي خۇئەنشىن (ئەلتوغرۇل) 1948- يىلى تەشۋىقات ۋە ھال سوراش ئۈچۈن جەنۇبى شىنجاڭغا بارغاندا قىلچە ھېيىقماستىن: «مېنى جياڭ جيېشى، جاڭ جىجوڭ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ رەئىس (مەسئۇدنى دېمەكچى ) ئۆزى ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن كىيىن سۆزگە دىققەت قىلىڭلار، مەركەز، مۇدىر جاڭ جىجوڭ دېگەنلەرنى تىلغا ئالماڭلار؛ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مىللەت ئۈچۈن خەنزۇلار بىلەن قىلغان كۈرەشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى چىقمىدى. بۇنىڭدىن كىيىن مىللەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۈرەش قىلغاندا ئاندىن ئىستىقبالىمىز بولىدۇ. ھازىر ھاكىمىيەت قولىمىزدا. مېنىڭ بۇ يەردە سۆز قىلىشىمدىكى مەقسەت ئاممىنى مىللىي ئاڭ بىلەن سۇغۇرۇش، ئۆز مىللىتىمىزدىن بولغان رەئىسنىڭ ئارزۇسىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش، خەلقنى ئۆز مىللىتى، ئوخشاش دىندىكى رەئىسىگە بەيئەت قىلدۇرۇپ ئۇلاردا مىللەت كۆز قارىشىنى ئويغۇتۇش. مۇشۇنداق بولغاندا خەنزۇلار تۈرك مىللىتىگە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ» دېگەن.0 M! U# R5 \$ s: Q
# h7 C- R0 \; e2 Q6 k' _6 R% J0 F بۇ قىسقىغىنا سۆزدىن، ئۇلار – ئاتا-بالىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ چىقىش، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش ئارزۇسى نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
* H2 a7 D. s8 y/ |; r/ H+ x6 I
7 j6 i s1 |/ e0 v6 O6 `% W بۇ سىياسىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇد قاتارلىقلار توختىماي ھەرىكەتلىنىپ ، گېزىت-ژۇرناللاردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ جېدەل چىقىرىش، خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سۇسلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەنلا بولماي يەنە گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنى تازىلاش بىلەن بولدى. ھەر ۋاقىت ئۆز گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىگە قويۇپ كۈچىنى زورايتتى. مىسالەن، مەسئۇد ئىمىن، ئەيسالارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپلا قالماستىن يەنە بىر تۈركۈم پانتۈركىزم ئۇنسۇرلىرىنى ۋالىي، ھاكىم، ئۇيۇشما (ئۇيغۇرلار ئۇيۇشمىسى) مەكتەپلىرى ۋە نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەي خۇەنشىنمۇ يالغاندىن ئاتىسىنىڭ نامى بىلەن يەرلىك ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇپ، ئەدلىيە، مەمۇرىيەتكە ئارىلىشىپ، «ھاكىمىيەتنىڭ ھەيۋىسى بىلەن باشقىلارنى چەتكە قاقتى». ئۇنىڭ بىلەن تىلىنى بىر قىلىۋالغان ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئەيسا ھەتتا ئۆز مىللىتىدىن بولغان خىيانەتچى ئەمەلدارلاردىن ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ئاشكارا قارشى تۇردى. بىر ئۇيغۇر ياش كورلىنىڭ ھاكىمى قادېرىننىڭ زۇلمى ئۈستىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغاندا باش كاتىپ ئەيسا ئاق-قارىنى سۈرۈشتە قىلمايلا: «سىلەر مېنىڭ مەقسىتىمنىڭ ئۆز مىللىتىمىزدىن ھاكىم تولۇقلاش ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇر ھاكىملارنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ خەنزۇلارنى ھاكىملىق ۋەزىپىسىگە قويساق رازى بولامسىلەر؟ بۇنداق قىلغاندا ئۇيغۇرلار قاچان قۇللۇق كىشەنلىرىدىن ئازاد بولىدۇ؟ سىلەر چوقۇم سەمىمىيەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىشىڭلار، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشىڭلار، نەزىرىڭلارنى يىراققا تاشلىشىڭلار، خەنزۇلارغا ئېغىپ كەتمەسلىكىڭلار … كېرەك» دەپ ئەيىبلىدى. مەسئۇدلارنىڭ قەلبىدە خەنزۇلارغا قارشى تۇرۇپ خەنزۇلارنى چەتكە قېقىش ھەق-ناھەقنى ئۆلچەيدىغان بىردىن-بىر ئۆلچەم ئىدى.* t9 ^( k! i0 Z. W6 y- p( w
0 {4 D% ~7 q: g* x1 t% Y& X# W
) p) P6 c, |- B مەسئۇد سالاھىيىتى بىلەن كارى بولمىدى. ئۇنىڭ سۆز ھەرىكىتى شىنجاڭغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ، پۈتۈنلەي خەۋپ -خەتەر ئىچىدە قالغان شىنجاڭ جەمئىيىتىگە تېخىمۇ زور داۋالغۇش ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەسئۇد باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت ئۆزى ئوينىغاندەك بېكىتكەن پرىنسىپلارغا پەرۋا قىلماي، ھۆكۈمەت تارقاتقان «دېموكراتىك سىياسىي» ئۆلچىمىنى باشلامچىلىق بىلەن بۇزۇپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنى تېخىمۇ تەرتىپسىزلىك ۋە قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىپ، سىنىپى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ خىل ھالەتكە مەسئۇدنى تەۋسىيە قىلىپ كەڭ قورساقلىق قىلغان جاڭ جىجوڭمۇ بەرداشلىق بېرەلمىدى. 1948- يىلى 10- ئايدا شەخسى سالاھىيىتى بىلەن مەسئۇد ۋە ئەيساغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىغۋا تارقىتىپ ئىش تېرىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. j6 Q" k2 \- a- D- [/ W
; F( {/ g2 v/ }/ m
مۇشۇ ھالەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جاڭ جىجوڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە قاتتىق چۈشەندۈرۈپ، مەركەزدىكى مەسئۇدنى قوللايدىغانلارنى قايىل قىلىپ، 1948- يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەسئۇدنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىدىن قالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە قوبۇل قىلالايدىغان ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرى بۇرھاننى رەئىسلىككە تەيىنلەشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇڭا جاڭ جىجوڭ يەنە مەسئۇدقا مەخسۇس تېلېگرامما يوللاپ، «ئارا يولدا ئۆزگىرىش بولغاچقا قاتتىق ھەسرەتلىنىدىغانلىقى»نى، «مەركەزنىڭ ئەمىلى ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ، زۆرۈر تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. جاڭ جىجوڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان «ئەمىلى ئېھتىياج» ئۈچ ۋىلايەت بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنى تۈگىتىش دېگەنلىك ئىدى. بۇرھاننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىگە ئەگىشىپ بىر تۈركۈم پانتۈركىزم ئۇنسۇرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇلار تەسىس قىلغان گېزىت-ژۇرناللارمۇ ئارقا-ئارقىدىن توختىتىلدى. مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جاڭ جىجوڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇشى يىراقنى كۆرگەنلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان ئىدى.
- E0 I4 d. S3 p. \; Y" G. w/ a3 ] |
|