ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 541|ئىنكاس: 0

دەرىس ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى 10 دۆلەتتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

606

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
145 سەر
تۆھپە
189 سەر
تىللا
83 دانە
جەۋھەر
0 دانە
مائارىپ
ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى 10 دۆلەت
3 q" Q/ j0 P& l; Q1 {5 C+ X  
" ?9 f' V4 F9 q0 F! {+ M+ i
" [' u/ N# D4 z, w( O  s
* d* G2 J+ m. d5 I, o7 t. D% W   
( x% O0 J) ~& m   شېرىن قۇربان

, h0 C8 D% w1 i% j0 ~
8 n8 U: P  L$ Y9 l' w8 u- n
' I/ s" p; S7 y* a  يېقىندا ئامېرىكىدا «تەپەككۇر جەۋھەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى بىر سانىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ10مەدەنىيىلىك دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ناملىق يېڭى ماتېرىيال ئېلان قىلىنغان. 10 دۆلەت ئىچىگە كىرگەن دۆلەتلەرنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى مۇنداق:8 R! ^  l+ ]; N0 _% w( A+ D9 w
   1. ئىتالىيە، قەدىمكى رىم ھازىرقى «غەرب جەمئىيىتى»نى بەرپا قىلغان. بۇ قەدىمكى غەرب دۇنياسىنىڭ قانۇن، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رىم ئىمېپېرىيىسى يوقالغاندىن كېيىن، ياۋروپا1000يىللىق جالاھەت دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيە يەنە ئەدەبىيات - سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ياۋروپاغا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئېلىپ كەلدى. بىر مەدەنىيلىكنى بەرپا قىلىشنىڭ ئۆزى زىيادە ئۇلۇغلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيە تېخى1000يىلدىن كېيىن ياۋروپانى يەنە بىر قېتىم قۇتقۇزغان. بۇ قالتىس ۋە كارامەت ئىش، ئەلۋەتتە!
# G$ ~  b5 f% c7 t8 X# @; u   2. ئەنگلىيە. ئەنگلىيە 19- ئەسىردىكى ئۇلۇغ سانائەت دۆلىتى ۋە دېڭىز - ئوكيان دۆلىتى، ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شۇكى، ئۇ «ھازىرقى زامان دۇنياسى»نى ياراتقان. ئەنگلىيە ھازىرقى زامان غەرب كاپىتالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كاپىتالىزم ۋە پارلامېنت دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە پەن - تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئىنتايىن مۇھىم سەردارلىق رولىنى ئوينىغان. ئەڭ گۈللەنگەن چاغلاردا، بۈيۈك ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ سەلتەنەت دائىرىسى يەر شارىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يەتكەن. بەزى چاغلاردا تېخى بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. + C7 e4 `  i! B, ~7 Z# A3 T
   3. ئامېرىكا، مەيلى قايسى نۇقتا ياكى تەرەپتىن ئېيتمايلى، ئامېرىكا دۇنيا تارىخىدا ئەڭ باي ، ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ زور دۆلەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھازىرچە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوق. لېكىن ئامېرىكىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولمىغاچقا، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالالمايۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى زەپەر مارشى ئىچىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا زىيان ئەمەس، بەلكى توپىلاڭدا توقاچ ئوغرىلىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 3 l5 p. p! j3 M7 i5 J# D4 ?8 {+ h
   سوغۇق ئۇرۇش مۇناسىۋىتى ئاياغلاشقان، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۇنيادا بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى.
, z& b' }) r! b$ ?2 L   4. جۇڭگو. جۇڭگو تارىختا كۈچلۈك دۆلەت ئىدى، ئۇ كەلگۈسىدىمۇ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قالغۇسى، ئۇ ھەتتا كېلەچەكتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قېلىش مۇمكىن. جۇڭگو ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دۇنيادا مىللىي مەدەنىيلىكى ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇ يەنە جاھاندا يېزىق تارىخى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يېزىق مەدەنىيىتى ۋە مىللىي تىياتىرى تەڭداشىسز ئۆزگىچىلىككە ئىگە.
4 @  t2 ]- U% s: y8 Z, O( u& |1 n    5. گرېتسىيە. گرېتسىيە (يۇنان دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئۇ يەنە ھازىرقى زامان دېموكراتىيە سىياسىي، غەرب پەلسەپىسى، دۇنيا ئولىمپىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى، غەرب ئەدەبىياتى، غەرب سىياسىيشۇناسلىقى ۋە تراگېدىيە كومىدىيەنىڭ تۇپراق ئانىسى. گرېتسىيىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ۋە رەڭدار. گرېك مەدەنىيىتى ئالەمشۇمۇل تەسىرگە ئىگە. دۇنيادا مەدەنىيلىكتە گرېكلار بىلەن بىرىنچىلىكنى تالىشىدىغانلار يوق. 3 o- z( M3 d0 i4 \" U# R
   6. مىسىر. مىسىر دۇنيادا ئۆزگىچە تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت ئېكولوگىيىسىگە ئىگە. نىل دەريا ساھىلى مەدەنىيەت قاتلىمىدا مىسىرنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى كۆزلەرنى چاقىنىتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك بولسا كېرەك، گرېك مەشھۇر تارىخچىسى ھېرودوت (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 384- 425- يىللار)مىسىرنى «مىسىر نېل دەرياسىنىڭ بىزگە تارتۇق قىلغان سوۋغىتى» دېگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى3200يىللار پادىشاھ نارمېر بىرلىككە كەلگەن مىسىر شاھلىقىنى قۇرغان. ئۇنىڭ سەلتەنىتى 3000 يىلدەك داۋام قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى 343- يىللارغا كەلگەندە، نارمېر شاھلىقىنىڭ 13- پادىشاھى پارسلارغا يەم بولۇپ كەتكەن. پارسلار مىسىرنى ئالغاندىن كېيىن بىر قانال (ئەڭ دەسلەپكى سۇۋەيىش قانىلى) ياساپ چىقىپ، قىزىل دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنى تۇتاشتۇرغان. كېيىنكى چاغلاردا مىسىر يەنە گرېك، رىم ۋە ۋىزانىيىتىيە قاتارلىقلارغا ئەل بولۇپ كەلگەن. 7- ئەسىرگە كەلگەندە، مۇسۇلمان ئەرەبلەر مىسىرغا كىرىپ، ئىسلام دىنى بىلەن ئەرەب تىلىنى ئومۇميۈزلۈك تارقاتقان. مىسىرنىڭ كالىندارچىلىقى، قايتا تىرىلىش ۋە قىيامەت سوراقلىرى توغرىسىدىكى ئەپسانىلىرى، مىسىر ئەل ئېھراملىرى، سان - ساناقسىز موميا ۋە تارىخىي يازمىلىرى ئالەمشۇمۇل ئەھمىيەتكە ئىگە.
9 l/ v( X5 T7 |0 f% ^& c   7. ئىراق، جاھانغا مەشھۇر ئېفرات دەرياسى بىلەن تىگىر دەرياسى ئىراق دائىرىسىدىن ئۆتىدۇ. قەدىمكى گرېكلار بۇ يەرلەرنى «مېسوپوتامىيە» دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ مەنىسى «ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى جايلار« دېگەندىن ئىبارەت. بۇ رايوندا ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلەر، يەنى سومېر مەدەنىيىتى، ئاككاد مەدەنىيىتى، بابىلون مەدەنىيىتى ۋە ئاسسۇرىيە مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. بۇ قەدىمكى مەدەنىيلىك ئەللەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى، تەسۋىرىي يېزىقلىرى، «مورا قانۇنى»دەك قانۇنلىرى، تەبىئىي پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، پەلسەپە ۋە ئاسترونوملىرى ئاجايىپ نۇرانە ۋە پارقىراقتۇر. مۇشۇ تۈپەيلى، مەزكۇر رايون «مەدەنىيەت بۆشۈكى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالەمدىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئالەمدىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ ئاتىلىدىغان »بابىلوندىكى مۇئەللەق باغچە« مۇ ئىراق زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن. ئىسلام باغداد خەلىپىلىكى دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋروپانى ھەيرەتتە قالدۇرغان. گرېك مەدەنىيىتىمۇ بىر ھېسابتا مۇشۇ يەردە بايقىۋېلىنغان ۋە قايتىدىن ئەسلى يۇرتى - ياۋروپاغا كىرگەن، مۇشۇ نۇقتىدا ياۋروپالىقلار ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەرگە مىڭلاپ تەشەككۈر - ھەشقاللا دېيىشى كېرەك!
: B6 m3 [, E& w. `% @/ P+ z   8. ھىندىستان. بۇنىڭدىن9000يىل مۇقەددەم ھىندى زېمىنىدا ئىنسانلار پەيدا بولۇپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار بارا بارا ھىندى دەريا ساھىلى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. بۇ مەدەنىيەت كۆپرەك گانگ دەريا ساھىلى مەدەنىيىتى نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. ھىندىلار گانگ دەرياسىنى «ئىلاھ دەريا»ۋە «ئانا ھىندىستان» دەپ تەربىيلەيدۇ. ھىندىستان تارىختا مۇھىم سودا مەركىزى بولۇپ قالغان. ھىندى ئىمپېرىيىسى بىر مەھەل ھازىرقى جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ خوجايىنى بولۇپ دەۋر سۈرگەن. ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا، ھىندىستان ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ھىندى دىنى، جاينا دىنى، بۇددا دىنى، دىنبا دىنى ۋە سېك دىنى قاتارلىق دىنلار ھىندىستاندا پەيدا بولغان ۋە جاھانغا تارالغان. شۇڭا كىشىلەر ھىندىنى ئەۋلىيا - ئەنبىيالار يۇرتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ھىندى خەلقىنىڭ جاھانشۇمۇل «ۋېدا» پوئېزىسى، «ماخابخاراتا» ۋە «رامايانا»قەھرىمانلىق ئىپوسلىرى، «پەنجنامە» بالىلار ھېكايەتلىرى، «كەلىلە ۋە دەمىنە» ھېكايەت توپلاملىرى تېخىمۇ جەلبكارلىققا ۋە تەسىرچانلىققا ئىگە. دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان ئەرەب رەقەملىرىنىڭ ئەسلى ساھىبى ئەرەبلەر بولماستىن، بەلكى ھىندىلاردۇر. . m, j) D; l! {
   9. ئىران. ئىران قەدىمدە پارسلار (ياۋروپالىقلار پىرسىيە دەپ ئاتايدۇ) دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ 4000 -5000يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى مەدەنىيلىك دۆلەت بولۇپ، دۇنيا خەرىتىسى ۋە تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئىراننىڭ قەدىمكى پىرسىيە ئىمپېرىيىسى، پارفىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ساسانىيە ئېمېرىيىسى دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر بولۇپ، --- ئىز ۋە مەدەنىيەت قالدۇرغان. ئىران زازو ئاستېر دىنى (ئاتەشپەرەسلىك دىنى)، مانى دىنىنىڭ بارلىققا كەلگەن زېمىنى، ئىسلام دۇنياسىدا، ئۇ ئىسلام شىئە مەزھىپىىنىڭ سەركەردىسى ۋە مەركىزى. ئىران دۇنيادا »شېئىرىيەت دۆلىتى« دەپ داڭق چىقارغان. مەشھۇر «ئاۋېستا» داستانى، فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە» ئىپوسى، ئۆمەر ھەييامنىڭ پەلسەپىۋى رۇبائىيلىرى، جالالىدىن رۇمىنىڭ «مەسنەۋىي شەرىف» ۋە «شەمىس تەبرىزى»پوئېزىلىرى، نىزامى گەنجەۋسنىڭ «موھزانول ئەسرار» (سىرلار خەزىنىسى)ناملىق خەمسە سى، شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان» ۋە «بوستان» خەزىنىسى، ھافىز شېرازىنىڭ لىرىك غەزەللىرى، ئابدۇراخمان جامىنىڭ «ھەفت ئەۋرەڭ» (يەتتە يۇلتۇز)خەمسەسى دۆلەت، رايون، مىللەت ۋە ئېتىقاد چېگرىسىدىن ھالقىغان بىباھا بايلىقتۇر.
7 L1 I6 `. y% w! x8 a) E: f   10. چاد دۆلىتى. چاد دۆلىتى قازاقىستان ۋە موڭغۇلىيىدىن قالسا ئۈچىنچى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئافرىقا قىتئەسىنىڭ يۇقىرى ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، كۆپ كىشىلەر چاد دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلىشنىمۇ بەك خالاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ نامرات - تە! لېكىن بەزىدە ئىش كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرىدەكمۇ بولۇپ چىقمايدۇ. 2002- يىلى، مەيكىر بورۇنېت دېگەن ئالىمنىڭ بايقىشىچە، بۇنىڭدىن 7 مىليون يىللار ئىلگىرى چاد دۆلىتىنىڭ تۇپرىقىدا ئىنسانلار ئەجدادى ياشىغانىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە قەيەردە پەيدا بولغانلىقى بىر سىر سۈپىتىدە قالغانىدى. ئالىملار كىنىيە بىلەن ئېفوپىيىنى ئىنسانىيەت ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان جايلار دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئەمدىلىكتە بولسا كىنىيە بىلەن ئېفوپىيە تۆرنىڭ ئورنىنى چاد دۆلىتىگە بوشىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن چاد دۆلىتى قىزىق لىنىيىگە ئايلىنىپ قالدى. كىشىلەر ئەمدى چاد دۆلىتىنىڭ گېپىنى بەكرەك قىلىدىغان بولۇپ قالدى. مانا بۇ ئادەملەرنىڭ لوگىكىسى!
7 ^9 j& |' y7 F# Q    يۇقىرىدىكى 10 دۆلەتنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، يەنە كېلىپ ئىزچىللىققا ئىگە. يەنە بىر جەھەتتە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرى تارقىلىشچانلىققا ۋە تەسىرچانلىققا ئىگە. مەدەنىيەت ئاساسى ياخشى بولغاچقا، بۇ دۆلەتلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيا سەھنىسىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.
* d8 W6 E- C$ ?1 V   ئادەتتە دۇنيا مەدەنىيىتى تۆت چوڭ مەدەنىيەت سىستېمىسىغا بۆلۈنىدۇ. يۇقىرىدىكى 10 دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئىتالىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گرېتسىيىنىڭ مەدەنىيىتى گرېك - ياۋروپا ئامېرىكا مەدەنىيەت سىستېمىسىغا؛ جۇڭگو مەدەنىيىتى جۇڭگو مەدەنىيەت سىستېمىسىغا؛ ھىندىستان مەدەنىيىتى ھىندى مەدەنىيەت سىستېمىسىغا؛ مىسىر مەدەنىيىتى، ئىراق مەدەنىيىتى، ئىران مەدەنىيىتى ۋە چاد مەدەنىيىتى ئەرەب - پارس مەدەنىيىتى سىستېمىسى (پارس - ئەرەب مەدەنىيەت سىستېمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گە كىرىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەدەنىيەتلىك 10 دۆلەت بىلەن دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى ئۆز ئارا زىت ئەمەس، بەلكى تازا كىرىشىپ كېتىدۇ.
( w, u2 z$ A2 n* z. w+ U8 C) Z! |
& n( j9 {/ S) Q+ n7 j0 E$ Y4 @ " w- I" j" }5 ]  `* x+ C8 \

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗