مائارىپ
"يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن -قۇل" - i5 X5 {: D( ]5 F; G
; m( J5 H8 n! n
سەلىمە كامال
4 y4 Q6 p: } G) l5 ? , E# ]1 g1 Y; G" g* D$ t
"شىنجاڭ گېزىتى"ئىدارىسىدىن 8 {- ~$ C) I7 o1 y+ \! X
& k$ s4 ^# F- x3 q. j
- x' t& W% B6 L. H5 W
"بىزدە يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن -قۇل"دېگەن ھېكمەت بار. بۇ ھېكمەتنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى "يەتتە ئەجدادىنى بىلمىگەن -ئۇي«.بۇ ھېكمەتنىڭ ئۆزىدىنلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ "نەسەبىنى، تېگى - تەكتىنى، جەمەت يىلتىزىنى بىلىش بىر ئادەمنىڭ، بىر ئۇرۇق - جەمەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونۇشىدا ئەھمىيەتلىك بەلگە. شۇڭا فامىلە قوللىنىش زۆرۈر«دەپ قارىغانلىقىمغا يەنە ئىسپات ھاجەتسىز. زامانداشلىرىم بەلكىم فامىلە مەسىلىسىنى بۇ ھېكمەتتىن باشلاپ قاتتىق تەلەپپۇزدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدىن بىئاراملىق ھېس قىلىشى ياكى"ئاشۇرۇۋەتكەنلىك«دەپ قارىشى مۇمكىن. بىراق، مەن زامانداشلىرىمنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەنكى، بىز يېزىق مەسىلىسىدە كۆپ قېتىم زىيان تارتتۇق، فامىلە بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئاتىلىرىمىزنىڭ بىپەرۋالىقىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ باتۇر- پالۋانلىرىمىزنىڭ نامىنى، يەر - جاي ناملىرىنى، ئۇرۇق - جەمەت لەقەملىرىنى ئۇلۇغلاپ ئىشلەتكەن فامىلىلىرىنى تاشلىۋەتتۇق. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇكى، خەلقىمىز پۈتۈنلەي فامىلىلىسىزمۇ قالمىدى. ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز جەمەت فامىلىسىنى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. چەت ئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىز شۇ دۆلەتلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىزچىل فامىلە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. نەتىجىدە بىز ھازىر دۇنيادىكى فامىلىسىز قالغان ناھايىتى ئاز ساندىكى مىللەتلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ قالدۇق. فامىلىسىزلىك بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇبارەك نامىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى، باتۇرلۇقلىرى، تەجرىبە - ساۋاقلىرىنىمۇ ئۇنتۇلدۇردى. ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەللەرگە چىققانلىرىمىز"فامىىلىڭىز"دېگەن كاتەكچىگە دادىمىزنىڭ نامىنى، "ئىسمىڭىز«دېگەن كاتەكچىگە يەنە ئۆز ئىسمىمىز بىلەن دادىمىزنىڭ ئىسمىنى تەكرار يېزىپ ئۆز ئۆزىمىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىۋالدۇق، نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى پەيدا قىلدۇق. بۇنىڭغا ئىزاھ بېرىشكە، ئاخىرىدا يەنىلا فامىلىسىز مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قالدۇق. ئەمما، ئەمەل قىلالمىغان بولساقمۇ "يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن قۇل"دېگەن ھېكمەتنى خۇداغا شۈكرى، 21 - ئەسىرگىچە ئۇنتۇماي يادلاپ كەلدۇق. $ D8 P( b6 u5 C/ G
بىز كۆپ بولسا دادىمىز ۋە بوۋىمىزنىڭ نامىنى بىلگەندىن باشقا، ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيمىز، ئۇلارنىڭ مىجەز - خۇلقى، خاراكتېرى، ياشاش ئۇسۇلى، ماكان - زامانلىرى ۋە يىلتىزى ، نەسلى - نەسەبى ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيمىز. شۇڭا بىزگە فامىلىسىزلىكنىڭ نەقەدەر ئاچچىق ئىكەنلىكىنى تەن ئالماي مۈمكىن ئەمەس.زادى يەتتە ئاتىمىزنى تاپالمامدۇق؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ھېچقانچە تەس يېرى يوق. بوۋىمىزدىن ئۆزىمىزگىچە ئۈچ ئەۋلاد، ئۇنىڭغا بالىمىزنى ئۇلىساق تۆت ئەۋلاد بولىدۇ ئەمەسمۇ.
' f8 v* @/ s1 y( d- ? مەن دادام قۇلۇقۇمغا قۇيۇپ قالدۇرغان "يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن -قۇل"دېگەن بۇ ھېكمەتنى ئۆمرۈم بويى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بالىلىرىمغا، دوستلىرىمغا ئېيتتىم، مەنىسىنى يېشىپ چۈشەندۈردۈم. ھەر قېتىم مۇشۇ ھېكمەت يادىمغا يەتكەندە ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىدۇ. ئائىلىمىز فامىلە ئىشلەتكىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي مىللەتنىڭ فامىلىسىزلىكى كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. خەيرىيەت ، ئاخىرى بىزدە بۇ خاسىيەتلىك ئىش ئۈچۈن تەتقىقاتلار ، ئىزدىنىشلەر باشلاندى. فامىلە تارىخىمىز، ئۇنىڭدىن نە تەرىقىدە ۋاز كەچكەنلىكىمىز، تارتقان زىيانلىرىمىز ھەققىدە "شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى«، "شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى«، "شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى«، "مىراس"ژۇرنىلى قاتارلىق ژۇرناللاردا يېتەرلىكپاكىتلار سۆزلەنگەن قىممەتلىك ماقالىلەر بېسىلدى. بۇ خاسىيەتلىك ئىشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى كىشىنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. مەنمۇ ئاشۇ ئاپتورلارغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز جەمەتىمنڭ فامىلە قوللىنىش تارىخى، سەۋەبى، فامىلىنىڭ جەمەتىمىز تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە سۆزلەش ئارقىلىق فامىلە قوللىنىشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكچىمەن.مەكتەپ يېشىغا توشقان چېغىمدا دادام مېنى قولۇمدىن يېتىلەپ مەكتەپكە تىزىملىتىشقا ئاپاردى:-قىزىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟-سەلىمە-ئۆزىڭىزنىڭچۇ؟-ئابدۇلھەق-فامىلەڭلار؟-كامالچىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، ياۋروپاچە كاستيۇم - بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقىغان تۇرغۇن ئەپەندى مېنىڭ ئىسىم - فامىلەمنى :سەلىمە. ئا. كامال، دەپ يازدى.شۇنىڭدىن كېيىن مەن "سەلىمە . ئا. كامال"بولدۇم. ئەينى چاغدا كامال دېگەن كىم؟ مەن نېمىشقا سەلىمە ئابدۇلھەق بولماي، سەلىمە . ئا. كامال بولىمەن، دېگەندەك ئىشلارنى ئويلىمىغانىكەنمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى چاغلاردا ئىسىم - فامىلەمنى تولۇق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۈچ ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دادامنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرپى بولغان "ئا"نى تاشلىۋەتكىنىمگە بەكمۇ ئېچىنىمەن. ھازىر ئويلىسام بۇ ئۆز ۋاقتىدا بىر باشباشتاقلىق بولغانىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرىقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك. دادام جىگەر رەڭ مۇقاۋىلىق بىر كونا دەپتەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھەدە - سىڭىللىرىمنى يىغدى:-سىلەرگە جەمەتىمىزنىڭ تارىخىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. بۇ دەپتەرنىڭ بىرىنچى بېتىدە دادام ئابدۇۋەلى كامال ھەزرەتلىرى بۇخارادا يەتتە يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتىپ كەلگەندە يېزىپ قويغان "يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن - قۇل"دېگەن بىر جۈملە سۆز بار. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئائىلە ئۇرۇق - جەمەت نەسەبنامىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئەۋلادلارغا ئۆز يىلتىزىنى بىلدۈرۈشنى شۇ تەرىقىدە جىددىي مەسىلە دەپ قارىغان. جەمەت نەسەبنامىمىز ئابدۇكېرىم بەگ بوۋىمىزدىن باشلىنىدۇ. ئابدۇكېرىم بەگ بوۋىمىز تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىدا ئوردا مەسلىھەتچىسى بولغان. ئابدۇكېرىم بەگنىڭ ئوغلى ئىليار موللا تۇردىنىڭ نامى ھېلىھەم خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۆچكىنى يوق. ئۇ چاپتۇرغان بىر ئۆستەڭ ھازىرمۇ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ گۈكىرەتمە يېزىسى ھېزىۋەكتام مەھەللىسىدە ھېلىمۇ "ئىليانىڭ ئېرىقى"دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئىليار موللا تۇردى قورغاس مازاردا دىنىي مەكتەپ ئاچقان. ئىليار موللا تۇردىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئىسمائىلنىڭ ئوغلى ئىسراپىل، ئىسراپىلنىڭ ئوغلى كامالىدىن ھاجى، كامالىدىن ھاجىنىڭ ئوغۇللىرى ئابدۇلئەزىز، ئابدۇۋەلى، ئابدۇمۇتائالىلاردۇر. "كامال"دېگەن فامىلە مۇشۇ ئۈچ ئوغۇلدىن باشلاپ رەسمى مۇقىم فامىلە قىلىنغان.دادام بىزنىڭ:نېمە ئۈچۈن چوڭ بوۋىلىرىمىز ئوردا مەسلىھەتچىسى ئابدۇكېرىم بەگنىڭ ياكى ئۆز زامانىسىدا ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ، ئەلگە ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن ئىليار موللا تۇردىنىڭ نامىنى فامىلە قىلىپ تاللىمايدۇ؟دېگەن سۇئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى:20-ياشلىق كامالىدىن ھاجى بوۋىمىز 1860 - يىللاردا سادىر قوزغىلىڭىنىڭ سەركىلىرىدىن بىرى بولۇپ، لەخمە كولاشنى پىلانلاشقا قاتناشقان، ئۆزى باشلامچى بولۇپ لەخمە كولىغان كىشى بولۇپ، كامالەك(كامالەك - ئىككى يايلىق، ئوقيا شەكىللىك قورال بولۇپ، ئىككى ياينىڭ ئوتتۇرىسىغا ھايۋانات تېرىسىدىن تىكىلگەن پىششىق خالتا ئورنىتىلىدىكەن. خالتىغا تاش قاچىلىنىپ، ياي قاتتىق تارتىپ قويۇۋېتىلگەندە كۈچ بىلەن ئېتىلىپ چىققان تاش دۈشمەننىڭ مىڭىسىنى چۇۋۇۋېتەلەيدىكەن)ئېتىشقىمۇ ناھايىتى ماھىر كىشى ئىكەن. كامالىدىن بوۋىمىز كېيىن ئىچكى - تاشقى قورا سالدۇرغان، ئىچكىرىكى قورۇدا مومىمىز قىزلارنى ئوقۇتقان، تاشقىرىقى قورۇدا ئۆزى ئوغۇللارنى ئوقۇتقانىكەن.$ D# H) s& Q% C
كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ سادىر قوزغىلىڭىدىكى باتۇرلۇقى، ئەل ئارىسىدىكى شۆھرىتى، مەرىپەتپەرۋەرلىكى تۈپەيلىدىن شۇ كىشىنىڭ نامى تۇراقلىق فامىلە قىلىنغان. نەسەبنامىگە يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى بوۋىمىز ئابدۇكېرىم بەگدىن ھېسابلىغاندا سىلەر 9 - ئەۋلاد، نامى جەمەتىمىزگە فامىلە قىلىنغان كامالىدىن بوۋاڭلاردىن ھېسابلىغاندا 4 - ئەۋلاد بولىسىلەر، دېگەنىدى.ھازىر دادامنىڭ نەۋرىسى شۆھرەت كامال، ئۇنىڭ ئوغلى سۇبات كامال دۇنياغا كەلدى. ئائىلە نەسەبنامىمىز 11 - ئەۋلادقا، فامىلە تارىخىمىز 6 - ئەۋلادقا ئۇلاشتى. كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرە - چەۋرە، پەي نەۋرىلىرى ...بولۇپ، ھازىر بۇ يىلتىز ئەتراپىغا 300دىن ئارتۇق كىشى ئۇيۇشتى. 50 - يىللارنىڭ ئاخىرى، 60 - يىللارنىڭ بېشىدا ئىلى دەرياسى بويىدا چوڭ - كىچىك بوۋىلىرىم ئابدۇۋەلى كامالى موللا ھەزرەت بىلەن ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەت ئاكا - ئۇكىلارنىڭ ناھايىتى چوڭ باغلىرى يانمۇ يان ئىدى. ئابدۇۋەلى كامالى موللا ھەزرەت بۇخارادىن قايتىپ كېلىپ تاكى 1928 - يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر غۇلجا شەھەر ئىچى تېرەك مازاردىكى قورۇسىدا مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتقان. ئايالى بۈبى ئايشە قىزلارنى ئوقۇتقانىكەن. ئىككى بوۋىنىڭ بالىلىرى، نەۋرە - چەۋرىلىرى بولغان بارلىق كاماللار بىر يەرگە جەم بولساق، باغلاردا، دەريا ساھىللىرىدا ئوينىساق، چوڭلارغا ئەگىشىپ باراۋەتكە چىقساق، ھەتتا سوقۇشۇپ تالاشساقمۇ خۇددى بىر ئاتىنىڭ بالىلىرىدەك ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر خىل يېقىنلىق، ئىللىق مېھرى مۇھەببەت بىزنى باغلاپ تۇرىدۇ.
; b1 t; i# T6 B4 q' e; T) n& G4 Oئېسىمنى تاپقىنىمدىن بۇيانقى ئىشلارنى ئەسلىسەم، مەيلى جەمەتىمىزنىڭ بېشىغا بالايى ئاپەت ياغقان "مەدەنىيەت ئىنقىلابى«دا بولسۇن، مەيلى تىنچلىق مەزگىللىرىدىكى كۈنلەر بولسۇن كامال جەمەتى قولنى قولغا تۇتۇپ قايغۇ ۋە خۇشاللىقلارنى بىرگە تارتتى.
# q; l5 Q' S( e يىللار ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلىپە ھەزرەتلىرىگەئوخشاش ئېسىل ئاتىلارنى، يۈرەك - باغرى ئىلى دەرياسىدىنمۇ كەڭ بۈبى ئايشە، زۆھرە ئابىستايغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى ئانىلىرىمىزنى قارا يەرگە ئۇزاتتى. ياش ئاتا - ئانىلار چوڭلارنىڭ مۇبارەك قەدەملىرىنى بېسىپ، ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە، جەمەتىمىزنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ئايانماي بەدەل تۆلىدى. ئەۋلاد تەربىيىسىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويدى. نېمىشقىدۇر، غۇلجىدا "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى"قۇرۇلغاندا بوۋىمىز ئابدۇمۇتائالى كامالى ھەزرەت دىنىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغاندىن باشقا، تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جەمەتىمىزدىن ئەمەلدار چىقمىدى. بىراق، 50 - يىللاردىن باشلاپ دىنىي ساھەدە ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن لۇتپۇللا.غ. كامال قارى ھاجىم؛ ئىنگلىز، ئەرەپ، تۈرك، خەنزۇ تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن تىل بىلىمدانى ئىسھاق. ئى. كامال، مەركىزىي ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا سىستېمىلىق تەربىيە ئالغان ئابدۇراخمان.م. كامال قاتارلىقلار جەمەتىمىزنىڭ بايراقدارلىرى بولۇپ يېتىشتى. 60 - ۋە 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ جەمەتىمىزنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تۈركۈملەپ ئوقىدى. جەمەتىمىز ئىچىدە جەمەتىمىز ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرىدىغان بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بەرمىدى. ئەكسىچە جەمەتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى "كامال"دېگەن بۇ تەۋەرۈك فامىلىنىڭ شان - شۆھرىتىنى قوغداپ كەلدى.1990- يىلى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، روسىيە، قىرغىزىستانلارغا ساياھەتكە چىقتىم. كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز كامالنىڭ ئوغلى ئابدۇقەييۇم. ئا. كامال 50 - يىللاردا ئائىلىسنى ئالمۇتىغا كۆچۈرۈپ چىقىپ كەتكەن. ئۇ يەردە يەنە دادامنىڭ سىڭلىسى زەينەپ.ئا. كامال، ئىنىسى باقى. ئا. كامال ھەمدە قىرغىزىستاندىكى ئىنىسى مەسئۇت . ئا. كامال ۋە ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرى بار ئىدى. كىچىك ئاپام زەينەپنىڭ ئۆيىگە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن تۇغقانلارنىڭ بىرىنىمۇ تونۇمايتتىم. ھەتتا كىچىك ئاپام زەينەپنىمۇ ئاتا- ئانام سۈرەتلەپ بەرگەنىدى. چۈنكى، ئۇلار قازاقىستانغا كۆچكەندە مەن تېخى كىچىك ئىدىم. تۇغقانلارنىڭ ئىچىدە ئاپپاق چاچلىق موماي - بوۋايلار، ياش، ئوتتۇرا ياش ئەر - ئاياللار، قىز - يىگىت، ئۆسمۈرلەر كۆپ ئىدى. ھەممىسى ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا ماڭا ئاشۇ يېقىملىق، پەخىرلىك "كامال"نامى ئۇلارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ، بىللە يادلىناتتى. مەن شۇ چاغدا چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان مۇنچىۋالا جىق قېرىنداشلىرىم، جىگەرلىرىمنىڭ بارلىقىدىن سۆيۈندۈم. بىر خىل خاتىرجەملىك، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ماڭا ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. شۇ چاغدا مەن دۇنيادىكى كاماللارنىڭ ھەممىسى بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى دېگەن ئەقىدىنى تىكلەپ بولغانىدىم. قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىسى ئابلەت كامال لېنىنگرادتا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقانىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە باغرىمغا باستىم، ئۇنىڭ كاماللار جەمەتىگە كەلتۈرگەن شان - شەرىپىگە ئورتاقلاشتىم. جانابى كامالىدىن بوۋىمىزنىڭ چەۋرىلىرىدىن بولغان ئابلەت .ق. كامال ھازىر ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسورى.مۇھەببەت .ئا.كامال 1988 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ھازىر ئىسپانىيە مۇرسىيە(MURCIA)ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئۇنۋانى بىلەن ئىتالىيە، ئىسپانىيە ئالىملىرى بىلەن بىرگە مالىكولا بىئولوگىيىسى ۋە ھاشارەتلەرنىڭ DNA ۋە HROMOSOMلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئىشلىمەكتە.
" l7 l& Y; S9 \, }9 i6 M3 F6 J2 p يەنە چەۋرىلەردىن مەغپىرەت .ئا. كامال مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلى كەسپى بويىچە ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن، ياپونىيە، تۈركىيەلەردە بىلىم ئاشۇرۇپ تۈركىي تىللار كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ھازىر ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىمەكتە.پەي نەۋرىلەردىن قېيۇم.ئا.كامال بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاللاپ ئەۋەتىشى بىلەن ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسترونومىيەبىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەنمەكتە. ئومۇمەن كامال جەمەتىدىكى چەۋرە، پەي نەۋرىلەرنىڭ 80پىرسەنتى ئالىي مەلۇماتلىق.19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كامالىدىن بوۋىمىز قەھرىمانلىقتا، باتۇرلۇقتا نام چىقارغانىدى. بۈگۈنكى دەۋردە ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنى ئۆز ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن نۇرلاندۇرماقتا. 0 G# V7 h$ J" W' D: m: N
ئەگەر بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز جەمەت نەسەبنامىسى تۇرغۇزمىغان، جەمەتىمىزگە تۇراقلىق فامىلە تەقدىم قىلمىغان بولسا، ھەممىمىز ئۆز ئاتىمىزنىڭ نامىنىلا فامىلە دەپ تونۇپ، تار دائىرىدىكى جەمەتچىلىككە، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارا ياتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپ، كىچىك - كىچىك توپلارغا ئايرىلىپ كەتكەن بولاتتۇق.بىزگە يەنە ئاتىمىزنى تونۇتقان، بىر ئەۋلادنىڭ ئىزىنى يەنە بىرى بېسىپ، ئۆزلىرى تىكلىگەن جەمەت ئابىدىسىگەئۈزۈلدۈرمەي تاش تىزىشنى، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى ئۆگەتكەن، بىزنى چىرىماس يىلتىزغا توپلىغان ئاتىلىرىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ئانا زېمىننىڭ توپىسىغا سىڭىپ كەتكەن جىسمى مەڭگۈ قۇرۇمىغاي! 8 l, F0 Z4 Z. x7 W; |
; F9 ^1 k! }" W" Q$ P$ v تەھرىرلىگۈچى: ئابلىز ئورخۇن $ J3 @+ R: [( b6 b8 k
- g3 z4 B5 G, _3 r7 i- t u
# N1 a. k+ ?" Y$ _
, |" }* n0 P" q R% F
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |