ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 0

سېرىق مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ (2)ئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

606

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
145 سەر
تۆھپە
189 سەر
تىللا
83 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ئۇيغۇر
مەدەنىيلىشىشمۇ، ياتلىشىشمۇ (2)
, `8 E; t5 J3 ~9 N  
3 Z5 ~/ o- T) E+ l9 e0 s
( b0 r) Q3 i" R& p' uيارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق
2 U9 g1 j  F3 S) {6 j) k" d
' Z' `/ P) ^. N
; D4 Z& |1 F, n* Z8 V ئەرلىك ۋە مەردلىك تارازىسى

- h0 V! F' A  ]9 E1 R9 ^& I# k- T, l2 V4 ?* O4 e
ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئەرلىك ۋە مەردلىك قەدىرلىنىپ كەلگەن، نامەردلىك ئەيىبلەنگەن. شۇڭا، ئەرلەر ئۈچۈن ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ ۋە يۇقىرى ئۆلچەملەرنى قويغان. ئەزەلدىن ئەرلىك جىنسلا ئەرلىك تەبىئىتىنى ۋە ئەرلىك خاراكتېرىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ باققان ئەمەس. شۇنداقلا تەققى - تۇرقى، كىيىم - كېچىكى ۋە زىبۇزىننىتى ئەرلىك سالاھىيەت ۋە ئەرلىك سالاپىتىنى باھالاشنىڭ شەرتى بولۇپ باقمىغان. ئەلىشىر نەۋائى تاشقى كۆركى بىلەن مەنىۋى پۈتۈنلۈكنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇنداق تەۋسىيىلەرنى قىلغانىدى:«ئۆزىنىڭ ھۆسن - جامالىدىن لاپ ئۇرىدىغان مۇنداق سۆزنى ھېچكىم سۆزلەپ باقمىغان، بۇنداق سۆزنى گۆدەك بالىلارمۇ، گول - گومۇشلارمۇ، ساراڭ - مەجنۇنلارمۇ قىلمايدۇ. پاھىشە ئاياللارمۇ خىلمۇخىل ۋە رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئەمما ھۆسن، زىبۇزىننەت توغرىسىدا پو ئېتىشنى ئۇلارمۇ ئار - نومۇس دەپ بىلىدۇ. بۇ خىل سۆزلەرنى قىلغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى ئۇ پادىشاھنىڭ يولىغا قەدەم قويمىغىنى تۈزۈك. سەن خوتۇن كىشىلەردەك ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەنسەن، دېمەك، ۋۇجۇدۇڭدا ئەركەكلىك نىشانىسى يوق ئىكەن. چۈنكى، بۇنداق دەۋالارنى قىلغانلارنى ئەركەكلەر قاتارىغا قوشقىلى بولمايدۇ. ئەركەكلەر ئۆزىنىڭ غەيرىتى ۋە ھىممىتى بىلەن ئەرەنلەر قاتارىدا تۇرالايدۇ، زىبۇزىننىتى بىلەن پەخىرلەنگەنلەر ئەر ئەمەس. بۇ ھەقتە ئۇلۇغلار: <زىبۇزىننەت ۋە كىيىم بىلەن ماختىنىش ئاياللارنىڭ ئادىتى> دېگەن. ئەر كىشىنىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننىتى ياخشى ئەخلاق ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ھاسىل بولىدۇ».* s* B  r, X5 r2 y
ئەرلەر قەدىمدىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئەرلەرگە خاس جاسارەت، ئەرلەرگە خاس باتۇرلۇق، ئەرلەرگە خاس ۋىجدان ۋە غۇرۇر بىلەن ياشاپ، بۇ زېمىنغا جان ۋە روھ بېغىشلاشتى. ئۇلار مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى ئاقلاش، مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، مەۋجۇدلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان قانلارنى تۆكۈپ، ئەرلىك خاراكتېرىنى ۋە ئەرلىك جاسارىتىنى ھەرقاچان نامايان قىلىپ كېلىشتى. قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز دۈشمەن ئالدىدا تىز پۈكۈشنى، دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىشنى ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ھېسابلايتتى. تارىخىمىزدىكى خاسىيەتلىك ئىزلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان باھادىر ئوغلانلارنىڭ بۇ زېمىندا بۈيۈك ئەرلىك خىسلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۈيۈك مۆجىزىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرىمىز. قەدىمكى قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىدا خاتىرىلەنگەن ئوغۇزخان، باتۇر تەڭرىقۇت، ئالپ ئەرتۇڭا (ئافراسىياب) قاتارلىق باھادىر ئوغلانلار ئەلنىڭ تەقدىرى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن مۆجىزىلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، سەلتەنەت تارىخىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ مىڭلىغان قاپ يۈرەك نوچىلىرىمىز بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ھايات - ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە گىگانت ئادەم سۈپىتىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئۆلۈمنى مەنسىتمىگەن. شۇڭىمۇ ئۇلار ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاش شەرىپىگە ئېرىشكەن.
: b- i/ A% @  K7 E2 J7 \' e: b' Kئۇيغۇرلاردا ئەڭ ھار ئېلىنغان ۋە خار كۆرۈنىدىغان ئىش نامراتلىقمۇ ئەمەس، كۆرۈمسىزلىكمۇ ئەمەس، بەلكى خۇمسىلىق، يەنى ئەرلىك تەبىئىتىگە داغ تەگكۈزۈش، ئەركەكلىك ئوبرازىنى نامەردلىك بىلەن بۇلغاش ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلاردا بىلىمسىزلىك، نادانلىق، بىكار تەلەپلىك، ھورۇنلۇق شۇنچىلىك پەس كۆرۈلسىمۇ، لېكىن خۇمسى، نامەرد ئەرلەرنى ھەرگىز ئەرلەر قاتارىدا سانىمايدۇ. ئوغرىلىق، قاراقچىلىق، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك قاتارلىق ئىشلارنى شۇنچىلىك يامان ئالسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۆۋە قىلسىلا كەچۈرۈشكە ئېرىشكەن، لېكىن ئەرلىك خاراكتېرىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان خۇمسىلىق، نامەردلىك ۋە ساتقىنلىققا ئوخشاش رەزىل قىلمىشلار ھەرگىزمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشمىگەن.8 ~" T% Z: x' W  E% Q8 _# k3 j- n9 N
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەرلىك ئۆلچىمى ۋە ئەرلىك گىر تېشىنى مۇنداق بىرقانچە نۇقتىلارغا سۈرۈپ باھالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز:* d; {& m+ y, i0 R6 P

+ [9 z0 ~9 p% Y. j! {1 N" i$ yمەردلىك ئەرلىكنىڭ مۇھىم شەرتى
& m, t% ?! Z1 |8 s4 ]1 s
% y( m; h. c/ j: @9 _ئەسلىي تەبىئىتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى مەرد خەلق دەپ قارىساق بولىدۇ. چۈنكى، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردا مەردلىك قەدىرلىنىپ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن قەتئىي شوئارى بولۇپ كەلدى. شۇڭا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ھەممىسىدە پەرزەنتلەردىن مەردلىك خىسلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مەكتىپىنىڭ مۇھىم بىر دەرسخانىسى بولغان مەشرەپ دەل ئەركەكلەرنى، مەردلەرنى ئايرىپ چىقىدىغان، ئۇلارنى تەربىيىلەيدىغان ئەنئەنىۋى مەكتەپ بولغانىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «بىرنى بىر، ئىككىنى ئىككى دېيىش»، «يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن»، «مەرد ئەر دۈشمەنگە كەينىنى قىلماس» دېگەنگە ئوخشاش مەردلىكنى مەزمۇن قىلغان جەڭگىۋار خىتابلىرى بار ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ چېلىشىش پائالىيەتلىرى شۇنداق گاڭگۇڭ، مەردلەرچە چېلىشىش ئادىتى بولغانكى، چېلىشقاندا پۇت قويۇش ۋە باشقا شەكىلدىكى نامەردلىكلەرنى قىلىش نومۇسلۇق ئىش دەپ قارالغان. شۇڭا، ھەرقانداق بەسلىشىش ۋە رىقابەت لىللا، مەردلەرچە ئېلىپ بېرىلاتتى. بولۇپمۇ دۈشمەن بىلەن بولغان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىش پەيتلىرىدە قەتئىي تىز پۈكمەسلىك تەكىتلەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنۇ بايانلىرى ئەرلەرگە قويۇلغان بىر سىناق تېشى ئىدى:«دۈشمەن بىلەن تۇتۇشۇش ئۈچۈن ئەردە يەنە نومۇس بولۇشى كېرەك. نومۇس كۈچى بىلەن ئەر دۈشمىنىنى يېڭىپ، ھاقارەتنى يۇماي تۇرۇپ ئارقىغا يانمايدۇ. قورقۇنچاقلارمۇ نومۇسىنى ساقلاش ئۈچۈن باتۇرلۇق قىلىدۇ. ئەركەك دېگەن ماختىنىش ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىدۇ. يۈرەكلىك، باتۇر ئەر دېگىنىمىز دەل نومۇسلۇق ئەردۇر. ئار - نومۇسلۇق ئەر ئۆلسە جەڭدە ئۇرۇشۇپ ئۆلىدۇ. نومۇسسىزلار جەڭدىن ئەڭ بۇرۇن قاچىدۇ.» يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى بايانلىرىدا ھەقىقىي مەردلىك بىلەن نومۇس ۋە ۋىجداننىڭ مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولسا، تۆۋەندىكى بايانلىرىدا ئەرلىك خىسلەتلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ:«دۈشمەن بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەندە قىلىچ - پالتا ئىشلەت، ھەتتا چىش بىلەن چىشلە، تىرنىقىڭ بىلەن تاتىلا، ياقىسىدىن ئېلىپ جان - جەھلىڭ بىلەن ئېلىشقىن. جەڭ دېگەندە يا ئېلىشىپ ياۋنى يوقاتقۇلۇق، يا جەڭدە ئۆلگۈلۈك. قاتتىق تىركەشكىنكى، ھەرگىز دۈشمەنگە ئارقا تەرىپىڭنى تۇتۇپ بەرمە. چىداملىق بول، چىداملىق ئەر دۈشمەننى يەر چىشلىتەلەيدۇ. بىلگىنكى، قىزنىڭ سۆيۈنچى تويى بولغان كۈنلىرى بولسا، باھادىر ئوغلانلارنىڭ ئىپتىخارى جەڭدە ئۆتكەن كۈنلىرىدۇر» مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى مەرد ئوغلانلارنىڭ بىر خىل سىماسى.. ~  W9 o6 J% o6 ?8 W
دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەن باتۇر، مەرد دەپ ئۆزىنى قارىغۇلارچە دۈشمەنگە يەم قىلىپ بېرىش ھەقىقىي مەردلىك ئەمەس، بەلكى پەم - پاراسەت، جاسارەت كۆرسىتىپ ھەتتاكى چىشلەپ، تاتىلىساڭمۇ دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىش ھەقىقىي مەردلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
9 S. W, p8 n4 y$ g& Y6 E6 Oتارىخىي خاتىرىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، «ئۇيغۇر» دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى، قەھرىمانلىقى، قورقماس جاسارىتى، ۋەتەن سۆيەرلىكى، ياۋۇزلۇققا، تاجاۋۇزلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش روھى ئاساسىدا ئاتا قىلىنغان شەرەپلىك ۋە شۆھرەتلىك نام ئىدى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «ئۇيغۇر»غا بەرگەن تەبىرىدىن مۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.+ g# n: @/ \; |9 P7 J
«ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن.+ C5 R8 T. v/ ]; x8 h. m+ A. a: g
ماڭا مۇھەممەت چاقىر تونغاخان ئوغلى نىزامىددىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قانىتىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە «ئىنان خۇزخۇرەن» - بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزىقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن «خۇزخۇر» فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساش نەتىجىسىدە، «ئۇيغۇر» دېگەن نامغا ئۆزگۈرۈپتۇ.& x$ f6 u. V1 t! m: @3 o
دېمەك، يۇقىرىقى مەلۇماتتىن «ئۇيغۇر» نامى مەردلىك نامى، باھادىرلىق نامى، غۇرۇر، ۋىجدان نامى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەردلىك، باتۇرلۇق، جەڭگىۋارلىقىغا بېرىلگەن نام ئىدى. ئەپسۇسكى، ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەر سۈرەتلىك كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىك خاراكتېرىنى نامەردلىك رەزىللىكى بىلەن بۇلغاپ، «ئۇيغۇر»دىن ئىبارەت شەرەپلىك نامغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان؛ مىللەتنىڭ يارقىن ئوبرازىنى چاكىنىلىق، چۈپرەندىلىك بىلەن خۇنۈكلەشتۈرىدىغان؛ يۈرەكسىزلىك ۋە قورقۇنچاقلىق، تەمە قۇلچىلىقى ۋە نەپسى مەھكۇملۇقى بىلەن ئەرلىك تەبىئىتىنى يوقاتقان غۇرۇرسىز، ۋىجدانسىز، مەيدانسىز، نامەردلەر بارلىققا كەلدى. بىز تاشقى قىياپىتىنى پەردازلىۋېلىپ ئۆزىنى ئەركەك ھېسابلاۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئىچكى دۇنياسى رەزىللىك بىلەن توشقان؛ تاشقى كۆرۈنۈشتە مەردلىك دەۋاسى قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە نامەردلىكنى جان بېقىشنىڭ پەلسەپىسى قىلىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى گىرغا چۈشۈپ ئۆزىگە توغرىراق باھا بېرىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
$ J9 ]% q, U7 D& V: f# h7 c) [ھەق - ناھەق مەسىلىسىدە ئېنىق مەيدانى بولماسلىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردا كۆزىنى يۇمۇپلا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولۇش نامەردلىكنىڭ بىرىنچى خىل ئىپادىسى.0 C/ `6 ?4 x" l, \; l$ U% o5 ?" V
ئىتالىيىنىڭ بۈيۈك شائىرى ئاگلىرى دانتى ئۆزىنىڭ «ئىلاھىيەت» دېگەن ئەسىرىدە تەكىتلىگەن:«دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرى بۈيۈك مەنىۋىلىكنى سىنايدىغان مىنۇتلاردا بىتەرەپ تۇرىۋالغان ئادەملەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان» دېگەن مەشھۇر سۆزنى يۇقىرىقىدەك ئادەملەرگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ. رومىن روللان:«ھەربىر باتۇر، ھەربىر ھەققانىيەتچى ئادەم ۋەتىنىگە شان - شەرەپ كەلتۈرىدۇ» دېگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە تەسەۋۋۇر قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەقىقەت دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا سۈكۈتتە تۇرىدىغان ۋە ئۇنى قوللىغان، قورقۇنچاق ئادەم ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدۇ. بۇنداق ئادەم ھەقىقەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئادالەت ۋە ھەقىقەت قوغدالمايدىكەن، ھاياتنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان، ئەرلىكنى نامايان قىلىدىغان ھېچ نەرسە بولمايدۇ. ھەققانىيلىك ئادەمدىكى ئەڭ ئېسىل پەزىلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەققانىيلىك بولمىغان ئەلدىن ئەرلىكمۇ ۋە مەردلىكمۇ ئۆچكەن بولىدۇ. ئوغۇل بالا دېگەن گەرچە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىك بىلەن ئىش قىلىش قولىدىن كەلمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇشى، ھەققانىيەتكە ئاسىيلىق قىلماسلىقى، ھەققانىيەتكە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھايات ئۆلچىمىدە نامەردلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى مۇناپىقلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ھەققانىيەتتىن يۈز ئۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق مۇناپىقلىق بولمايدۇ. تولىستوي شۇنداق بىر سۆز ئېيتقانىكەن: ئادەمنىڭ قانچىلىك ھەققانىيلىكى ئەخلاقىي مۇكەممەلىكنىڭ ئۆلچىمىدۇر. چۈنكى، ھەققانىيلىك بىز تىلغا ئالىدىغان بۈيۈك پەزىلەتلەرنىڭ ئانىسى. ئادەم ھاياتقا ھەققانىيلىك تۇيغۇسى بىلەن نەزەر سالغاندىلا توغرا ۋە ھالال ياشاشنىڭ يولىنى ئاچالايدۇ.
0 t+ m" v" z" z% f, dتۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلاردا نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىقتىدارى يوق. ئۇلار ھەققانىيەتسىزلىكنىمۇ تەبىئىي يوسۇندا ۋە رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. بىراق بەزى كىشىلەر باركى، توغرا، ھەققانىي ئىشلارنى قەستەن قارىلاشتىن نومۇس قىلمايدۇ. ھەققانىيەتسىز، ئادالەتسىز ناھەقچىلىقنى قاراپ تۇرۇپ ئاقلايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن شەمسۇلمەئالى قابۇس:«يالغانلىقى بۇرۇندىن مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقان نەرسىنى ھەقىقەت دېيىشتىنمۇ ئارتۇق ھاياسىزلىق يوق» دېگەن.
7 n) I$ k& A$ c8 H4 Z: \5 H- Dئادەم تۇرمۇشتا ھەرقاچان چوڭ - چوڭ ھەق - ناھەق مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىپ قالماي، بەلكى نۇرغۇن ئاددى، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردىمۇ بۇنداق ھەق - ناھەق سىنىقىغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىر مۇشتۇمزورنىڭ بىر ئاجىز بىچارىنى بوزەك قىلىۋاتقىنى، بىر ئۆكتەمنىڭ بىرىنىڭ مېلىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋاتقانلىقى، بىر لۈكچەكنىڭ بىر قىزغا پوخورلۇق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارغا ئۇخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىمىز. بەزى مەرد ئوغلانلار باركى، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ھېلىقى بېسىمدار، مۇشتۇمزورلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ. بەزى زەئىپ مىجەزلىك «بايۋەچچى»لەر باركى، قاراپ تاماشا كۆرىدۇ. بۇ ناھەقچىلىق ئۇنىڭ غۇرۇرىغا ھەرگىزمۇ تەسىر قىلمايدۇ. ھەتتا بەزى لالما مىجەزلىك نامەردلەر باركى، دەرھال ناھەق بولسىمۇ كۈچلۈك، مۇشتۇمى چوڭراقى تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراتقان ئادەمنى ھاقارەتلەيدۇ، ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق مىساللارنى ھەر كۈنى كۆپلەپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىزغۇ.' [  H9 R; M8 v2 R
بۇلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزدىكى غەرەز شۇكى، كىچىك ئىشلاردا ھەققانىي بولالمىغان ئادەم چوڭ ئىشلاردا ھەرگىزمۇ ھەققانىي بولالمايدۇ. ئىرادىسىز، جۈرئەتسىز، غۇرۇرسىز ئادەمدە قانداقمۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولسۇن. ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئادەمدە ئاددىيسى ئىنسانىي سۈپەتمۇ بولمايدۇ. ئادەم ھەقىقىي مەردلىك بىلەن ياشايمەن دەيدىكەن، بېشىدا ئۆلۈم پۇراپ تۇرسىمۇ، ھەقىقەتكە خىيانەت قىلماسلىق كېرەك. «بىر سائەتلىك ئادالەت پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادىتىدىنمۇ ياخشىراقتۇر» دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئادالەت تەرەپتە تۇرۇش كېرەك. ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ھەرقاچان خەلق تەرەپتە بولىدۇ. جاھالەت بار جايدا ئادالەت خارلىنىدۇ، بىراق ھەققانىيەت قوغدالمىسا، ئاخىر ھەققانىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
- ]) O7 ]" O6 F. F( Yئەلنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئۆزىنى ئەلنىڭ پەرزەنتى دەپ بىلىش - مەردلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك - نامەردلىكتۇر.
, l$ n- E$ c6 N# B7 t+ s4 T6 J" M5 Z ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ دۇنيادا ئەل بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئەل بىلەن بىرگە تۇغۇلىدۇ، ئەل بىلەن بىرگە ئۆلىدۇ؛ ئەل بىلەن بىرگە يىغلايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئەلنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتگەن بولىدۇ. بىر پۈتۈن خەلق بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇيغۇرلار «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى. ئادەم بۇ تۇپراققا تۆرىلىشى بىلەنلا، تەييار نېمەت ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ زېمىننىڭ مەئىشىتى ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئەل ئۇنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرىدۇ. بەلكىم بۇنداق دېسە بەزىلەر «مېنى ئاتا - ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان» دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈشى مۇمكىن. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئاتا - ئانىمۇ مانا مۇشۇ ئەلنىڭ بىر ئەزاسىغۇ. ھەقىقىي ئىنساپ ۋە ۋىجدان بىلەن ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھەربىر ئادەمنىڭ بۇ تۇپراقتا بىر ئۆمۈر ئەمەس، ھەتتا بىرقانچە ئۆمرى بولسىمۇ ئادا قىلىپ بولالمىغۇدەك قەرزى بولىدۇ. ۋەتەننىڭ تۇپرىقى، سۈيى، ھاۋاسى بولمىسا، بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق كەچۈرەلىشى مۇمكىنمۇ؟ شۇ ئەلنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ بېيىپ كېلىۋاتقان تەييار تۇرمۇش ئەندىزىسى، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ھاسىل قىلغان تۇرمۇش ۋە ياشاش تەجرىبىسى، شۇنداقلا تەييار ھايات ئېتىكى بولمىغاندا، قانداق ئىجتىمائىي ئاساسقا تايىنىپ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش مۇمكىن؟ ئەگەر ئانا تىل بايلىقى بولمىغاندا، قانداق ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ ۋە كىم بىلەن ئالاقە قىلىپ ياشاش مۇمكىن؛ ئەگەر مائارىپتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە سىستېمىسى ھازىرلانمىغان بولسا، ئىنسان ئۆزىدە قانداقمۇ ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنى ھازىرلىغان بولاتتى؟ ئاددىيسى بىز سۆيگەن قىزنى، بىز سۆيگەن يىگىتنى مانا شۇ ئەل تۇغۇپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەنغۇ. بىز يەۋاتقان ۋە بىز كىيىۋاتقان كىيىم - كېچەكلەرنى مانا شۇ خەلق ھازىرلاپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئەلدىن ئىبارەت ئومۇمىي كوللېكتىپنىڭ بىر پۈتۈن قانۇنىيەتلىك باغلىنىشى بولمىغاندا، بىر قازان ئاش ئېتىپ يەپ ھايات كەچۈرۈشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئىنسانلار ئىچىدىكى بۇنداق قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى ۋە ئۆزئارا ھاجەتمەنلىكنى قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئاجايىپ ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگەن.4 l, ]( }5 _, P. j7 D9 j
- دۇنيادىن ۋە ئادەملەردىن قېچىش ياخشى ئادەت ئەمەس - دەپ بايان قىلىدۇ «كەلىلە ۋە دېمىنە» دېگەن كىتابتا - سۆھبەتنىڭ پايدىسى خىلۋەتنىڭ مەنپەئىتىدىن كۆپرەك. ئاللاتائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئىنسانلارنى بىر - بىرىگە موھتاج ۋە بىر - بىرىگە لازىم قىلىپ ياراتقان تۇرسا، كىشىلەرگە خىلۋەت قانداقمۇ راۋا بولسۇن؟ ئادىمىزاتنىڭ تەبىئىتى تەبىئەت مەدەنلىرىدىن بەرپا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر - بىرىگە قوشۇلماققا مايىل كېلىدۇ ۋە بىر - بىرىدىن ياردەم تىلەشكە ئېھتىياجى چۈشىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر كىشى تائام پىشۇرماقچى بولسا ياكى بىرەر كىيىم كىيمەكچى بولسا، ئاۋۋال قازان ياساش ۋە كەتمەن سوقۇشى كېرەك بولىدۇ. شۇڭا لاي ئېتىپ بىر قاچا ياساپ، ئۇنىڭدا سۇ ئېلىپ كەكە سوقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇن كېسىپ، ھەر ئىشنى ئۆز تەرتىپى بىلەن قىلىش لازىم بولىدۇ. قازان ۋە كەكە سوقۇشقا بولقا، سەندەل، كۆرەك ۋە كۆمۈر كېتىدۇ. ئاددىيسى كۆرەك ياساش ئۈچۈنمۇ تېرە ئەيلەش كېرەك. تاغقا بېرىپ كۆمۈر كۆيدۈرۈپ ئەپكېلىشكە تاغا توقۇش كېرەك. تاغار توقۇش ئۈچۈن يۇڭ بولۇشى لازىم بولىدۇ. يۇڭنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوي، تۆگە بېقىش كېرەك. قىسقىسى، ئەنە شۇنداق نۇرغۇن ئاۋارە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئاشۇنداق بولسا، ھەرقانداق ئادەم بىر كىمنىڭ ياردىمىسىز پۈتۈن ئۆمرى ئىچىدە بىرەر قېتىم ئاش پىشۇرۇپ يا يېيەلەيدۇ يا يېيەلمەيدۇ. ھەتتا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمايدۇ. شۇڭا زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن بىرى قازان ياسايدۇ، بىرى كەكە سوقىدۇ، بىرى كۆمۈر كۆيدۈرىدۇ، ئالاھازەل قىياس، ھەر كىم بىر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ، ئۆز ئېھتىياجىدىن ئارتۇقىنى باشقىلارغا بېرىپ، بۇ ئىقلىمنىڭ ئادەملىرى بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ ھايات كەچۈرگەچكە، ھەرقانداق ئىش ئاسانلىق بىلەن ھەل بولىدۇ، ئادەملەر بىر - بىرىگە زۆرۈر. يالغۇزلۇق بىلەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. مانا بۇلار ئادەملەرنىڭ بىر - بىرىگە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقى، بىرلەشمىسە ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ»0 d. m* l0 H! b) e  z& |3 m+ ?
مانا بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى خۇلاسىلەپ، ئەل - ۋەتەننىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ياشا، ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىل، چۈنكى سېنىڭ جانىجان مەنپەئىتىڭ ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئىچىدە بولىدۇ، دەپ تەۋسىيە قىلغان. ئۇ يەنە «مال - دۇنيا تارقاتماق سېخىيلىق ئەمەس، ھەقىقىي سېخىي شۇكى، ئەل ئۈچۈن جانۇ تېنىنى تەسەددۇق قىلىپ پۇشايمان قىلماس» دېگەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئەلنىڭ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەردلىك بىلەن نامەردلىكنى سىنايدىغان گىر تېشى. شۇڭا ئۇلار ئەل ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ئەل ئۈچۈن ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەل قەلبى ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك جەننىتى بولۇپ قالدى. مانا بۇ ھەقىقىي قەدىر - قىممەت، مانا بۇ مەڭگۈلۈك دېئالىكتىكا. ئەل بىلەن بولغان مۇنداق باغلىنىشنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئەلنىڭ مەۋجۇدىيىتى شەخسنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى، ئەلنىڭ تەقدىرى شەخسنىڭ تەقدىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇش نامەردلىك ۋە ۋىجدانسىزلىق بولىدۇ. ئۆزىنىڭ كىچىككىنە كېكىرتىكى ئۈچۈن، ئۆتكۈنچى، ئازغىنا، كۆپۈكتەك مەنپەئىتى ئۈچۈن ئەلگە ئاسىيلىق قىلىش، خەلقنى زىيانغا ئۇچرىتىش، خەلقنى ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلماسلىق، ئەلنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك ۋاپاسىزلىق ۋە كەچۈرگۈسىز نامەردلىك ھېسابلىنىدۇ.
5 F- S( ~1 r+ Z0 sۋاپا ۋە ساداقەت مەردلىكنىڭ يارقىن سىماسى، ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىك نامەردلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسى4 d( q) ~3 a; K& o
ۋاپادارلىقنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ. ئۇيغۇرلاردا «ئاتاڭنىڭ ئوغلى بولغۇچە، ئەلنىڭ ئوغلى بول»، «ئەل رازى خۇدا رازى» دېگەنگە ئوخشاش ۋاپادارلىققا دائىر ماقال - تەمسىللەر ناھايىتى كۆپ. بۇ تەشەببۇسلار ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇدۇم. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن داستانلار ۋە خەلق چۆچەكلىرىدە ۋاپادارلىق مەسىلىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئەلگە ۋاپادار بولۇش، ۋاپادارلىق تەلىپىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى خەلق بىلەن شەخس ئۇقۇمىنى دېڭىز بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەققاسلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بىر تامچە سۇ يەككە - يېگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىر تامچە سۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت خەلقتىن ئىبارەت دېڭىز مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. ھېكايە قىلىنىشىچە:* E' L2 T+ j7 @* W& A
بىر كۈنى بىر كىچىك كۆلچەك بىلەن دەريا مۇنازىرىلىشىپ قاپتۇ.# T/ p4 Z% t) ^: N7 `. a6 ]
- ھەي دەريا، سەن نېمە دېگەن ئەخمەق،-دەپتۇ كۆلچەك دەرياغا مەسخىرىلىك قاراپ،-قارىسام ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن توختىماي ئاقىسەن، بىرئازمۇ ئارام ئالغىنىڭنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بەزىدە قارىسام ھەر - ھەر ئېغىر كېمىلەرنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ يۈرۈيدىكەنسەن، ھەتتا بەزىدە كۆيۈپ پىشىدىكەنسەن. ئۆزۈڭگە ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟! سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولىدىغان بولسام، قۇرۇپ كېتىشكە رازى بولاتتىم.2 Z# P" g' Z8 t+ C$ d4 M  ~
- سېنىڭ نېمە راھىتىڭ بار،-دەپ سوراپتۇ دەريا كۆلچەكتىن., T$ P4 p7 I+ R# t2 m7 f" O( C; L
- مېنىڭ ھېچقانداق غېمىم يوق. ھەپتىدە، ئايدا بىر قېتىم كۆزۈمگە سۇ توشقۇزىۋالسام بەخىرامان ياتىمەن. دۇنيانىڭ قانداق بولۇپ كېتىشى بىلەن چاتىقىم نېمە،-دەپتۇ كۆلچەك.0 h+ |) _; X  G& M. W$ [0 g3 r
- ھەي بىغەم ئەقىلسىز، مەن ئېقىپ تۇرمىسام، سەن قانداقمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايسەن. مېنىڭ تىنماي ئېقىپ تۇرۇشۇم ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشۇمنىڭ ئاساسى، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭمۇ كاپالىتى.( U7 u& T) B$ h, ]+ k3 D$ s7 G
كۆلچەك دەريانىڭ سۆزىگە قايىل بولماي ئۆزىچە تېخىمۇ يوغان گەپ قىلىپ تۇرغان ئىكەن، دەريا ئۆزىنىڭ ئېقىش يولىنى باشقا ياققا يۆتكەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆلچەك بارا - بارا قۇرۇغىلى تۇرۇپتۇ. ئاۋۋال ئۈستىنى لەش بېسىپتۇ، ئاندىن قۇمۇشلار ئۈنۈپتۇ، ئاخىرى مەنبەدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇپ قاپتۇ. دەريا بولسا توختىماي ئېقىپ باغلارنى ياشارتىپتۇ.
- v6 c% w0 r$ pئەلىشىر نەۋائى بۇ ھېكايەتتە ئەل بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە شەخسى تەقدىرىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا خۇلاسىلەپ بەرگەن. دۇنيادا بۇ مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بىغەرەزلىك بولىدۇ. ھېس قىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ رېئاللىقتىن ئۆزىنى تارتىش نامەردلىك دېگەن شۇ.
- f9 X( m  b  s8 d+ [شۇڭا ۋەتىنى ئۈچۈن ۋاپادار بولمىغان، ۋەتىنى ئۈچۈن باش قاتۇرمىغان، ۋەتىنىنىڭ تەقدىرىنى ئويلىمىغان ئادەم ئۆزىگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس. ئۇنداق ئادەمنى بېجىرىم ئادەم دېگىلى بولمايدۇ.
9 p+ [8 J/ {& J! h3 Jۋاپادارلىق ۋە ساداقەتسىزلىك تەلىپى ئەجداتلارغا ۋاپادار بولۇش، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، ئائىلىسىگە ساداقەتمەن بولۇش، دوستلارغا ۋاپادار بولۇش قاتارلىق يەنە نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
: o6 ]! L& L4 B$ `& g9 k, L% }ھازىر جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ۋاپا، ساداقەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى، ۋاپاسىزلىق، ساداقەتسىزلىك ئەدەپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنماقتا.  s; h+ f- G/ `# V
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھەربىر ئادەم ھەربىر قەدەمدە ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ھەربىر سورۇندا ۋاپاسىزلىق توغرىسىدىكى ۋايساشلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرىمىز. بۇ خۇسۇستا بىز ئالدى بىلەن دەۋرىمىزدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش ۋە ۋاپاسىزلىقنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەلىمى بىلەن سىزىپ بېرىلگەن كارتىنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:) m) M( P8 o$ C: O
«زامانىڭغا ئوبدان نەزەر سال، ھەممە ئىش - ھالەتلەر تامامەن باشقىچە بولۇپ كەتتى. بىلىملىكلەر خارلاندى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئايايدىغان بولۇپ قالدى. ئەقىللىقلار كېكەچ بولۇپ ئېغىز ئاچالماس بولدى. ئەل ئىچىدە يارىماس پەس كىشىلەر كۆپىيىپ كەتتى. ياۋاشلار دەپسەندە بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولدى، مەي بىلەن يۈزىنى يۇغان بىنامازلار مەرد، باتۇر ئاتىلىپ، ئەلگە كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. پىتنە - پاساتچىلار ئەر ئاتىلىپ، مەي ئىچمەيدىغان پاك كىشىلەر خەسىس دەپ تونۇلىۋاتىدۇ. ھەي ئەل ھۆكۈمدارى! ناماز، روزا بىلەن يۈرگۈچى كىشىلەر مۇناپىق ئاتالدى، شۇنداقلا ھارام ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ھالال يوقالدى. ھارام يېگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىنى قارا بېسىپ كەتتى. ھالالنى قەيەردىن ئىزدەپ تاپقۇلۇق؟ ھالالنىڭ نامىلا قالدى، لېكىن ئۇنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھارام بولسا تالاشتا قالدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم تويمىدى. ھارامنى ھارام دېگۈچى، ھارامنى تاشلاپ ھالال يېگۈچى قېنى؟ قىيامەت كۈنىنى بىلىدىغان ھەقىقىي توغرا، تەقۋادار كىشىلەردىن كىم قالدى؟ قارا! دۇنيانىڭ قىلىقلىرى تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىلىدىن باشقىچە بولۇپ كەتتى. خەلقتىن ۋاپا كۆتۈرۈلۈپ، جاپا غالىب كەلدى. ئىشەنچلىك بىرەر ئادەمنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. قېرىنداشلار يېقىنلىقنى تاشلاشتى، دوستلار ساداقەتنى تەرك ئەتتى. كىچىكتە ئەدەپ قالمىدى، چوڭدا بىلىم كەملىدى. قوپال، نادانلار كۆپىيىپ پەزىلەت ئىگىلىرى ئازايدى. ھەممە يېقىنلىق پۇل، يارماق ئۈچۈنلا بولدى. ھەممە ئادەم پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. كىمدە كۈمۈش كۆپ بولسا شۇنىڭغا بويۇن ئەگدى. ھەقىقەت ئۈچۈن دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلار قېنى؟ ئامانەتنىڭ ئورنىنى خىيانەت ئىگىلىدى، «نەسىھەت» دېگەن سۆزلا قالدى. ئۇنى ئادا قىلغۇچى قېنى، قېنى يامانلىقتىن توسقۇچى، قېنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى...
0 F; T( k+ t  z7 i, q% @نەزەر سال! ئوغۇل ئاتىسىغا ئاتىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئوغۇل بەگ بولۇپ، ئاتا بولغۇچى قۇل بولۇۋاتىدۇ. ئوغۇل - قىزلار ئاتا ھۆرمىتىنى تاشلىدى. <قېرى> دېگەن ھۆرمەتلىك نام ئەمدى ھاقارەت بولۇپ قالدى. تۇرمۇش ئېغىرلىشىپ، تەشۋىش ئەدەپ كەتتى. ئاچ كۆزلۈك ئەدەپ، خۇشاللىق سۇسلاشتى. پېقىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا شەپقەتچى يوق، جاھان ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەجەپلەنگۈچى قېنى؟»
  k" s8 A7 `3 `; R5 N2 ^مانا بۇ ۋاپاسىزلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنىڭ ئەلنى قانچىلىك خاراب ئەھۋالغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنىڭ يارقىن سىماسى. ئۇنىڭدىن ئەلگە بولغان ۋاپاسىزلىقنىڭ نىشانلىرىنىمۇ، ئەجداتلارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقنىڭ ئىزنالىرىنىمۇ، ئاتا - ئانا ۋە ئەقىدە - ئېتىقادقا قىلىنغان ساداقەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىنىمۇ، قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇققا قىلىنغان ئاسىيلىقنىڭ كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرىنىمۇ ھېس قىلالايمىز. يۇقىرىقى كونكرېت مىساللارنى ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە تەدبىقلىغاندىمۇ نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق بايقايمىز.5 B0 Q1 [! S, [4 H2 x
دېمەك، ھەرقانداق بىر ئەلدە ۋاپا ۋە ساداقەت كۆتۈرۈلسە، ئۇ ئەلدىن ئامەت ۋە نۇسرەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، بەخت - سائادەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ھەتتا بىر ئائىلىدە ساداقەتسىزلىك، ۋاپاسىزلىق باش كۆتۈرسە، شۇ ئائىلىمۇ تېز ئارىدىلا سورۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا كىشىلەردىكى چوڭقۇر ۋاپا ساداقەتنىڭ خاسىيىتى ئەلگە ئامەت ئېلىپ كەلسە، ساداقەتسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىق ئەلگە كاساپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھېكايەت قىلىنىشىچە: تۆت ئۈلۈش خانى - قۇدرەتلىك شاھ ئەمىر تېمۇر كۆرەگان ئەتراپتىكى جايلارغا ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا، ھىندى دىيارىدا قاتتىق جەڭ بولۇپتۇ. دەۋران غەلىبە نۇسرىتىنى ئۇنىڭغا يار قىلىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ باغرىنى تىلىپتۇ. ھەر كىشى ئۆز ئالدىغا قىرغىنغا ئاتلىنىپ، كېسىلگەن باشلار ساينىڭ تېشىدەك يېتىپتۇ. پۈتكۈل دەشتنى جەسەت قاپلاپ، قانلار دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. ھەممە تەرەپتە ئۆتكۈر قىلىچلار يالتىراپ گويا قىيامەت قايىم بوپتۇ.
" D; O- j' J  v" bقىرغىن بولۇۋاتقان ئاشۇ مەھەلدە ئىككى بىچارە دوست قىرغىنغا دۇچ كەپتۇ. بىر نۆۋكەر ئۇلارنىڭ بىرىنى چاپماق ئۈچۈن قىلىچنى قېنىدىن سۇغۇرۇپتۇ، دوستىنى قىلىچ ئاستىدا كۆرگەن ئۇنىڭ دوستى ئۆز بېشىنى قىلىچ ئاستىغا سۇنۇپ:
8 Q+ v, l+ Y" X- E; z- ئەگەر ساڭا باش كېرەك بولسا، ئۇنى چاپما، مانا بۇ مېنىڭ بېشىم ئۇنىڭغا ئەرزىيدۇ،-دەپ نۆۋكەرگە ئىلتىماس قىپتۇ. نۆۋكەر ئۇنى چاپماق بولۇپ يۈزلەنگەندە، ئۇنىڭ دوستىمۇ يەنىلا شۇ سۆزنى تەكرارلاپتۇ. قايسىنى چاپاي دېسە، ئۇلارنىڭ يەنە بىرى تاقەتسىزلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ:4 s2 B, Y8 p$ g5 H% h. y
- ئاۋۋال مېنى چاپ، مەن كۆزۈمنى يۇمغۇچە ئۇ تىرىك تۇرسۇن!-شۇ يوسۇندا ئۇلار ئۆز دوستىنىڭ بىردەملىك ھاياتى ئۈچۈن بېشىدىن كېچىپ، ئۆز بوينىغا چۈشىدىغان قىلىچنى تالىشىپتۇ.- A8 Z$ Z2 V$ t* P% ~9 e  Y& ?2 S% H
شۇنداق قىلىپ ئارىدا خېلى تالاش - تارتىش بوپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەنلەر ئارىسىدا غوۋغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئىككى دوستنىڭ بىر - بىرى ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن كەچكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شاھ تەسىرلىنىپ، ئەلنىڭ قېنىدىن كېچىپ، قەتلىئام قىلىشنى توختىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتمەنلىكنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئۆزلىرىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپتۇ، خەلقمۇ قىرغىندىن خالاس بوپتۇ.
' g$ h5 a  ^: T **
0 Q% s3 H0 ?2 M/ H) r) Cچىڭغىز ئايتماتوف نەسلىگە ۋاپاسىزلىقنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاپىتى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىكەن: بىر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى يوقاتسا، مەدەنىيەت تارىخىنى يوقاتسا، ئىلغار ئەنئەنىسىنى ئۇنۇتسا، ئىتائەتمەن قۇلغا، ئىتائەتمەن ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىغانكى، ھەرقانداق بىر مىللەت ياخشى ئەنئەنىسىدىن ۋاز كەچسە، ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، يامان تەقدىرنىڭ قولىغا تۇتۇلىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئەنئەنە.
! ~; j7 P' }/ Q. A) }; p7 xھازىر بىر قىسىم ياشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولغان ھايا ۋە نومۇسنى تەكچىۋاشقا ئېلىپ قويدى. شۇنچىلىك قەبىھ ۋە يىرگىنىشلىك ئىشلارنى قىلىپمۇ ئازراقمۇ يۈزى قىزارمايدىغان، ھەتتا شۇنداق رەزىللىكى ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان نامەردلەر مەيدانغا كەلدى. كوچا - كويلاردا ھاياسىزلارچە قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ يۈرگەن ياشلىرىمىز ئۆزىنى نېمە چاغلايدىغاندۇ؟ ئۇلار باشقا ئادەمدە مۇھەببەت ھېسسىياتى، سۆيگۈ تەقەززاسى ۋە سۆيگۈنى يوق دەپ ئويلاپ، بىرەر قىزنى كەلتۈرىۋالغانلىقىنى كۆز - كۆز قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ شۇنداق تۇيغۇدا شۇ چاكىنا ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن شۇ ياش نېمىدېگەن بىچارە - ھە؟! ئۇلارغا تېخى توغرا نەسىھەت قىلىپ قوياي دېسە، قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. تېخى بىزنى مەدەنىيەتسىزلىك، قالاقلىقتا، مۇتەئەسسىپلىكتە ئەيىبلىشىدۇ. بىر كۈنى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىدىن بىرىنچى يول ئاپتوبوسىغا چىقتىم. مەن بىلەن يەنە بىر جۈپ قىز - يىگىتمۇ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردۇم. ئازراق مېڭىپلا ئۇ يىگىت قىزغا ئەدەپسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى، بىردەمدىن كېيىنلا قىزنىڭ بېشىنى قايرىپ تېخىمۇ ئەدەپسىزلىك، ھاياسىزلىق بىلەن قىلىقسىز ئىشلارنى قىلغىلى تۇردى. ئۇلار بۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ نەدە ئولتۇرغانلىقىنىمۇ، ئەتراپىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنۇتقان، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى. مەن بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى بېسىۋالاي، دەپ ئۆزۈمنى ئاران - ئاران تۇتۇپ ئولتۇرغان بولساممۇ، بىراق مەندىكى مەسئۇلىيەت ۋە ھايا ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىغا تاقەت قىلىشقا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يىگىتنىڭ مۈرىسىگە ئاستا نوقۇدۇم. بۇ چاغدا ھېلىقى يىگىت دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ماڭا شۇنداق بىر قاتتىق ھومايدىكى، ئەلپازى ئىنتايىن يامان ئىدى:«ھە، نېمە بولدى؟» دېدى ئۇ مېنى چاينىۋەتكۈدەك ئەلپازدا. «يىگىت، ماۋۇ ئاممىۋى سورۇن، دۇرۇسراق ئولتۇرۇپ ماڭساڭلار ياخشى بولامدىكىن؟» دېدىم مەن. ئۇ دەرھاللا «سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئولتۇرۇشىڭىزنى ئولتۇرىۋېرىڭە، كۆپ ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئادەم ئىكەنسىز، ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ» دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە تەھدىت ئارىلاشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ ئاچچىقىم بىرئاز تۇتتى - دە، مۇنداق دېدىم:7 U7 `5 i$ m* X/ H
- توغرا گەپ قىلسا ھۆكىرەپلا قوپسا بولمايدۇ. مەن سىزگە دەپ قوياي، سىزدەك چۈپرەندە ئادەمنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ، نەسىھەت قىلىدىغانغا ئەخمەق بولۇپ قالمىدىم. لېكىن، ھازىر قىلىۋاتقان ئىش ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ئەمەس، ئولتۇرغان يېرىڭىز دادىڭىزنىڭ ئايۋان سارىيى ئەمەس، ئاممىۋى سورۇن، چەت ئەل ئەمەس، بەلكى شىنجاڭ. سىزنىڭ ھازىرقى ھاياسىزلىقىڭىز مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار ئەخلاقىي ئەنئەنىسىگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىك. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىزنىمۇ ھاقارەتلەۋاتىسىز، ئۆزىڭىزنىمۇ ھاقارەت قىلىۋاتىسىز. ئۈچىنچى تەرەپتىن، مۇشۇ ئاپتوبوستىكىلەرنى كۆزگە ئىلماي، ئەخلاقسىزلىق قىلدىڭىز، ھەرقانداق ئىشنىڭ جايى ۋە يولى بولىدۇ.
- V& S, |2 J3 J" s" P- سىز خۇددى ماڭا دادامدەك تەربىيە قىلىپ كەتتىڭىزغۇ؟ داداممۇ ماڭا بۇنداق گەپ قىلىپ باقمىغان،-دېدى يەنىلا گەپتىن قالماي.
' V* a- k' n8 z) |$ D4 L; q: K, q- توغرا، ئەگەر دادىڭىز تەربىيە قىلغان بولسا، بۇنداق ئىشلارمۇ بولمايتتى،-دېدىم مەن., w6 U2 |: _3 F" X/ Q
- بىزنى سەھرالىق چاغلاپ قالماڭ جۇمۇ، بىزمۇ ئوقۇغان،-دېدى ئۇ.
; {4 r2 D. M1 F6 e- گەپنى ئاز قىل ئۇكام، راست ئوقۇپتىكەنسەن. مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي، سەن قىلىۋاتقان مۇشۇ قىلىقنى سەن ھاقارەتلەۋاتقان ھەرقانداق بىر سەھرالىق قىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسىمۇ، سەندە يوق بىر ئۇلۇغ بايلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلاردا گۈزەل ئەخلاق پەزىلەت بار، شەرم - ھايا بار،- دېدىم. شۇ ئارىدا ماشىنا مەن چۈشىدىغان بېكەتكە يېتىپ كەلدى.9 _" W9 w8 S; |
بۇنداق ياتلىشىش، ئەنئەنىگە ۋاپاسىزلىق قىلىشنىڭ ئىپادىلىرىنى ناھايىتى كۆپ تەرەپتىن مىساللار ئېلىپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قائىدىسى ۋە قانۇنىيىتى بار. ھايۋانلار دۇنياسى بىلەن كىشىلىك جەمئىيەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ روشەن، نازۇك بەلگە بار. شۇڭا، ھەربىر ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىغا، قائىدە - يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ناھايىتى مۇھىم تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.
/ K2 _' Q* k7 r5 }. O" @  i4 Wھەربىرىمىز مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنمىز، جەمئىيەتتە ھەر جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ رولىنى، مەسئۇلىيىتىمىزنى جارى قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. چېخوپ:«بىپەرۋالىق قەلبنىڭ پالەچلىكى، شۇنداقلا ئۇ ۋاقىتسىز ئۆلۈمدۇر» دېگەن. مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئىنسان خاراكتېرىنى نۇرلاندۇرىدىغان چىراغ دېسەك، بىپەرۋالىق ئىنسان خاراكتېرىنى كۆمىدىغان گۆركار. ھەرقانداق قورقۇنچلۇق ھالەتمۇ بىپەرۋالىقتەك ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى، بىپەرۋا ئادەم خۇددى ئۇخلاپ ماڭغان يولۇچىغا ئوخشاش ئۇنىڭ نە مەقسىتى، نە نىشانى بولسۇن. ئۇنداق تۇيغۇ تەرەققىي قىلىۋەرسە ياخشى بولامدۇ، يامان بولامدۇ ھەممىگە بىپەرۋا قارايدۇ. مانا بۇ ئەڭ قورقۇنچلۇقى، شۇڭا بىپەرۋا ئادەمنى ئۆز كونتروللۇقىنى يوقاتقان پالەچ ئادەمگىمۇ ئوخشىتىش مۇمكىن. ھەربىرىمىزنىڭ جەمئىيەتكە، ئەنئەنىگە مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەڭ مۇھىمى مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا، گۈللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار. «جاھاننى سەل باسسا تەرەپ - تەرەپتە، ئېشەكنىڭ غېمى بولارمىش ھەلەپتە» دېگەندەك، «كارىم نېمە؟» دېگەن پوزىتسىيىنى تۇتساق، بۇنى ھەرگىزمۇ ئەركەكلىك ۋە مەردلىك دېمەيمىز.2 L  |7 M, J8 s$ c7 G0 [
يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، قىممەت قارىشىمىزدىمۇ خېلىلا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن ئەخلاق جەھەتتىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ تىزگىنىدىن بوشىنىشقا ئۇرۇنۇپ تىپىرلاۋاتقانلىق نەزىرىمىزدىن نېرى ئەمەس. كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئاجىز - كەمبەغەللەرگە يار - يۆلەك بولۇشتەك ئىلغار ئەنئەنىلىرىمىز ئورنىغىمۇ شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك، پۇلغا ھەددىدىن ئارتۇق چوقۇنۇش، پۈچەك - يارماق ئۈچۈن ۋىجداننى، ئىماننى بۇلغاش قاتارلىق ئىللەتلەرگە يول بەردۇق. چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاممىۋى سورۇنلاردا شەرم - ھايانى ساقلايدىغان، قىز - ئوغۇللار ئارىسىدىكى ئىلمىي مۇئامىلە مۇناسىۋەتلەر ۋە ياخشى ئەنئەنىنىڭ ئورنىنى قوپاللىق، ھۆرمەتسىزلىك، ھاياسىزلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر ئىگىلەپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلمايۋاتىمىز. گەرچە قىسمەن قارشىلىق، نارازىلىق ئىپادىلىرىنى ئۇچراتساقمۇ، ئۇ بىر ئومۇمىيلىققا ئايلانمىغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاساسەن رولى بولمايۋاتىدۇ. بەزى ياشلار ئۆزىنىڭ ياتلىشىش، ئاينىشلىرىغا زامان ئۆزگەردى، دەۋر ئۆزگەردى، ھازىرقى زامان سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا ئوخشىمايدۇ، دەپ ئىنكاس قايتۇرىۋاتىدۇ.7 L4 n9 ]  ]" I. J4 P- b2 R* `
ئۇنداقتا زامان، دەۋر ئۆزگەرسە، مىللەتنىڭ ئىلغار، قىممەتلىك ئەنئەنىسىدىن، ئەجدادلىرىدىن ئاينىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟ دەۋرنىڭ تەرەققىياتى مىللەتنىڭ ئۆزىدىن ياتلىشىشىغا سەۋەب بولامدۇ؟ پەقەت روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشكەن كىشىلەرلا ئاشۇنداق ئاينىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش، قارىغۇلارچە باشقىلارغا چوقۇنۇش خاھىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، مىللىتىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت، ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت پارلىغان جۇشقۇن، روھلۇق ياشلار روھىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇش، ئەنئەنىنى زامانغا لايىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ مىللىتىگە، مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋە نەسلىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ. چۈشكۈن، زەئىپ، ئىرادىسىز كىشىلەرلا ئاينىشنى ئەنئەنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك ۋە زەئىپلىكنى ئەركىنلىشىش دەپ چۈشىنىدۇ.
) z/ C& W0 a4 b: Q, t# `( ]**) E3 g! _# ?0 ^8 ^$ B& B' R! f
ۋاپادارلىق ۋە ساداقەت تەلىپىنىڭ يەنە بىر نۇقتىسى ئاتا - ئانىلارغا بولغان ھۆرمەت، ۋاپا ۋە ساداقەت جەھەتتە سىنىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى ئاتا - ئانىنى مۇقەددەس بىلىدۇ، ئاتا - ئانىنى قاقشىتىشنى گۇناھ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقانلار جەمئىيەتنىڭ لەنەت - نەپرىتىگە قالىدۇ. چۈنكى، ئاتا - ئانا دېگەن ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ۋە ئەڭ ھۆرمەتكە لايىق كىشىلەر. ئۇلار بىزنىڭ ھاياتلىق دۇنياسىغا كېلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتچىسى. شۇڭا، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەم ئۆزىنىڭ يارىلىشىغا سەۋەب بولغۇچىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. بۇ ئېنىق ھايۋانىي سۈپەتنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى ھايۋانلارلا چوڭ بولىۋېلىپ ئاتا - ئانىسىنى تونۇمايدۇ.
3 O" J0 \. c5 }دىنىي ئەقىدىلەردىمۇ ئاتا - ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇلارغا كۆز ئالايتماسلىق، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىپ دىلىنى ئاغرىتماسلىق، ئاتا - ئانىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك دەۋەتلەر بار، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن:6 d! t0 [( R- T: l0 A$ p
«بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنا، يىراق قوشنا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا) مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل - چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللانى خۇش قىلىشتا ئانىنى رازى قىلىشتىن ياخشىراق ھېچبىر ئامالنىڭ بارلىقىنى مەن بىلمەيمەن. ئەگەر ئاتا - ئاناڭ ساڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنى ھەرگىز رەنجىتمىگىن».- q3 H, e- R& e& R  \4 S
قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ ئاتا - ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي بۇرۇچ دەپ تەكىتلىگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق تەۋسىيىلەرنى قىلغان:9 p. k5 U4 t! f! a1 j/ O* G
ئاتا پەندىنى سەن قاتتىق تۇت قاتتىق،6 H+ ]: Q* \: L
كۈنۈڭ قۇتلۇق بولۇر كۈنسايىن تاتىق.
; o/ o, A' ]& f# r( Xخىزمەتلە خۇش قىلساڭ ئاتا - ئاناڭنى،. k- z4 F$ J5 f, v! a
تاپارسەن تۈمەن مىڭ كۆپ پايدا - ئاسىغ.6 @1 O( u1 d. ~: Q$ a5 D4 K

6 T8 L- ?; e0 v  P! h/ ~) ~ئەلىشىر نەۋائى مۇنداق دېگەن:7 ]% r. q5 B  _/ a
- s, Z) J( y5 w, B9 ]
بېشىڭنى پىدا ئەيلە ئاتا قاشىغا،5 g& {+ x* M0 k7 J
جىسمىڭنى قىل پىدا ئانا باشىغا.: Q5 i7 A" j" @1 |9 m+ `

1 w  ?7 M' \9 G* Y& s  z5 ~ دېمەك، ئاتا - ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارغا ۋاپادار بولۇش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك ئەنئەنىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان نامەرد ئادەمگە «نامەرد، ۋاپاسىز» دېگەن تامغا بېسىلىدۇ. ئاتا - ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان ئادەمدىن ھەرگىزمۇ ئەلگە ۋە باشقىلارغا ۋاپا كەلمەيدۇ. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئاۋۋال ئاتا - ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقتىن ئىزدەش كېرەك. ۋاپاسىز ئادەمدىن ھەرقاچان ئۆزىنى تارتقۇلۇق، ئۇنداق ئادەم بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ مەردلىك جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. ۋاپاسىز ئوغۇللار چايان مەسەللىككى، چاياننىڭ تۇغۇلۇشى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش مۇئەييەن ئادەت بويىچە بولمايدىكەن. يەنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچ قارنىنى يەپ، قورسىقىنى يىرتىپ چىقىدىكەن - دە، چۆل - باياۋانلارغا كېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇۋۇسىدا كىشىلەر كۆرىدىغان چايان پوستى شۇنىڭ بەلگىسى ئىكەن. بىر ھۆكۈما بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دەپتۇركى، بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا كۆڭلۈم گۇۋاھلىق بېرىدۇ، باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار كىچىكلىكىدە ئاتا - ئانىسىغا ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلغاچ، ئەلۋەتتە چوڭ بولغاندا شۇنداق سۆيۈملۈك ۋە ھۆرمەتلىك (كىنايە قىلىپ ئېيتىلغان سۆز) بولىدۇ - دە.
7 p, o# A. T. [" w0 M, Qكىشىلەر چاياندىن سوراپتۇ:
4 Y; K: A4 y, g- نېمىشقا قىشتا تاشقىرى چىقمايسەن؟
5 [4 P: L# D  E3 }چايان دەپتۇ:+ j* |2 g3 y; L2 Q
- يازدا تۈزۈك ھۆرمىتىم بولمىسا، قىشتا چىقىپ نېمە قىلاي.  |5 r$ {; F" O) x5 Z
ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەرلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقانچە نامرات بولۇپ كەتسىمۇ، قانچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ، يەنىلا ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقنى ئۇنۇتماي ۋاپادارلىقتا بايراقدار بولۇۋاتقان ئەزىمەتلەر خېلى بار. لېكىن، ئاتا - ئانىسىنىڭ قېنىنى شوراپ، ئىچ - باغرىنى يەپ، يىلىكىنى قۇرۇتۇپ، ئاتا - ئانىسىنى مەڭگۈلۈك داغدا، ھەسرەت - نادامەتتە قويۇۋاتقان چايان تەبىئەتلىك نامەرد مەلئۇنلارمۇ ئاز ئەمەس. بەزىلەرنىڭ تەبىئىتى ئۇلارنى ئاتا - ئانىسىدىن ھەر خىل باھانە سەۋەب تېپىپ يۈز ئۆرۈشكە ئىشتراك قىلغان، بەزىلەر خوتۇنىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خوتۇنىنىڭ يالغان - ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئاتا - ئانىسىدىن يۈز ئۆرىگەن. بەزىلەر ئۆزىنىڭ زەئىپلىكى، ئىقتىدارسىزلىقى، نابابلىقى تۈپەيلى، بىر ئۆمۈر ئاتا - ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدىغان تەمەخورلۇققا ئادەتلەنگەن. ئاتا - ئانىسىنىغۇ باقمىسۇن، ئۆزىنىمۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىمۇ بېقىش ئىقتىدارى بولمىغان ئادەمنى قانداقمۇ ئەر قاتارىغا قوشقىلى بولسۇن؟
8 ^" d: s3 B" y8 Iبىز شۇنى ياخشى بىلىمىزكى، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئادەمنىڭ بېشىدا ھەرقاچان خارلىق، زەبۇنلۇق ۋە بالا - قازا ئەگىپ يۈرىيدۇ. ئاتا - ئانىسىنى رازى قىلمىغان ۋاپاسىزلار قاچان روناق تاپقان؟
: D  M* L+ u) Y/ I% V) F/ _**
# z) V  q& J+ T8 oبىز ئەمدى ۋاپادارلىق ۋە ساداقەتنىڭ تېشىنى دوستلۇق تەرەپكە سۈرىمىز. بۇ چاغدا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ يەڭگىل كېلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز.
1 M# [, O6 ]# _8 e' q9 lھازىرقى رېئال مۇناسىۋەتلەر تۈرىدىن شۇنىسى ناھايىتى روشەنكى، خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك، ھەقىقىي ئىنسانىي دوستلۇقنىڭ ئورنىنى پۇل، مەنپەئەت تەمەسىدىن ئىبارەت ساختا دوستلۇق قەسىمى ئىگىلىدى. «يېغا (ياغى) ياندىن قوپۇر، بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەندەك، نۇرغۇن ياخشى خۇيلۇق، دۇرۇس، ئوڭلۇق، مەرد، مەردانە يىگىتلەر نامەرد دوستىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. يەنى نۇرغۇن نامەردلەر دوستىنىڭ پوستىغا ئۇردى. يەنى نۇرغۇن گاڭگۇڭ يىگىتلەر ساتقىنلىقنىڭ تورىدا ھالاك بولدى. بەزى خۇمسىلار دوستلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ دوستىنىڭ خوتۇنىغا بەدنىيەتلىك قىلدى. بەزىلەر دوستىنى ئالداپ سېتىپ خانىۋەيران قىلىۋەتتى. يەنە بەزى نامەردلەر «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەندەك، ئازراق پۇل تېپىپ ياكى تىرناقتەك ئەمەلنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇۋېلىپلا بۇرۇنقى نامرات چاغلىرىدىكى، بالا ۋاقىتلىرىدىكى ئۆزىگە يار - يۆلەك بولغان، نۇرغۇن ئىشلاردا قولداش، يولداش بولغان دوستىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك تونۇماس بولىۋالدى. ھېكايەتتە كەلتۈرۈلۈپتۇركى، بىر كىشىنىڭ دوستى چوڭ مەنسەپكە ئولتۇرغانىكەن، ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستى ئۇنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن يوقلاپ بېرىپتۇ.: X( L3 ~3 H$ \9 o2 {1 e
- سەن كىم بولىسەن،-دەپتۇ ئەمىلى ئۆسكەن كىشى دوستىنى قەستەن تونۇماسلىققا سېلىپ. يوقلاپ كەلگۈچى كىشى ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن ئوسال ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ ۋە:
/ F- j6 X* ~5 y1 W+ V- مېنى تونۇمامسەن؟ مەن سېنىڭ كونا دوستۇڭ بولىمەن، سېنى كور بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئاڭلاپ يوقلاپ كەلگەنىدىم،-دەپتۇ.
7 n( b6 Q) U0 e% Cشۇڭا، ئادامىس «ئەمەلدار بولغان دوست يوقالغان دوست» دېگەن. ھەقىقىي دوستلۇق ئوتتۇرىسىدا ئورۇن، مەرتىۋە، بايلىق، كەمبەغەللىك پەرقى بولمايدۇ. تەمەگە، مال - دۇنياغا، ئەمەل - مەنسەپكە باغلانغان دوستلۇق دوستلۇق ئەمەس، بەلكى قۇلچىلىقتۇر. دوست دېگەن قان دوستكى، ھەرگىز نان دوست ئەمەس. كىمىكى يەنە بىرىگە تەمە بىلەن دوست بولماقچى بولسا، ئۇ خۇددى قۇشلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن دان چاچقان ئوۋچىغا ئوخشايدۇ. غەرەز ئارىلاشقان دوستلۇق دوستلۇق ئەمەس نامەردلىكتۇر. بىر بۇزرۇكتىن كىشىلەر «نەچچە دوستۇڭ بار؟» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ كىشى:«بىلمەيمەن، ھازىر دۆلىتىم پاراۋان، نېمىتىم كەڭرىچىلىك، شۇڭا ماڭا ھەممە كىشى دوستلۇق ئىزھار قىلىشىدۇ، مەن بىلەن قەلبى بىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا لاپ ئۇرىشىدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر ئىززەتنىڭ كۆزىنى مېھنەت قارىغۇ قىلسا، ئۇ چاغدا ئاندىن كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. دېمەك، ئەل خارەزمى دېگەندەك «ئۇرۇش باتۇرنى، جاھىل دانانى، يوقسۇزلۇق دوستنى سىنايدۇ.» بۇزرۈكلار شۇڭا:«تۆت گۇرۇھنى مۇنداق تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك، يەنى باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە، خىيانەتسىز، ئىنسابلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم - بېرىمدە، خوتۇن - پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامراتلاشقان چاغدا، ھەقىقىي دوستلارنى بالا - قازا كەلگەن ۋاقىتتا سىناش كېرەك» دېگەن.
# _$ X3 f; l4 X4 L. A8 Q) p3 d) P% \
دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،7 K2 u' X; |- a1 j' g% z
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.) I' ]  f7 x# h
بولسا كىم مېھنەتتە دوست، ئۇ جانغا دوست،6 f0 c7 e- Q3 E# X4 T" Q3 a" I. F
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست، ئۇ نانغا دوست.
' s( Z5 w* f! @6 d2 _* H) b. f. s. w( i# ~
بۇ شېئىر ھېكمەت كىتابلىرىدا يېزىلغان مۇنۇ ھېكمەتنى ئىپادىلىگەن: پادىشاھلارنىڭ بىرى بىر پازىل كىشىدىن:«خالايىقلارنىڭ مالدار كىشىلەرنى دوست تۇتۇشىدا نېمە ھېكمەت بار؟» دەپ سورىغانىكەن. ئۇ پازىل كىشى:«مال ئۇلارنىڭ مەشۇقىدۇر، مەشۇق قەيەرگە بارسا، ئاشىق شۇ يەرگە كېلىدۇ، مەشۇق كەتسە ئاشىقمۇ كېتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن.
7 C4 t6 x; r; {6 Q, ?دېمەك، دوستىغا بولغان ساداقەتمەنلىك مەردلىك، ساداقەتسىزلىك نامەردلىكتۇر. 5 e" p/ y8 T# z$ S- E" X# k

  P6 v( q- q$ D' T" t' \5 |6 i# |
. v2 a* H) O# [# B/ _3 \/ T- Q 1 s8 q2 C$ a( `6 e  q' M
چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗