ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 363|ئىنكاس: 0

ناخشا سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

606

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
145 سەر
تۆھپە
189 سەر
تىللا
83 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ئۇيغۇر
سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟
: M$ D6 I, t. Mئاپتۇرى: گۇلەن
( V4 g6 J2 J% ^6 [1 S- i
, q% R5 C. f% ^  c
ھېيىت كەلدى، ھەر قېتىم ھېيىت كەلسە ئايالىم ھاياجانلىنىدۇ. بالام كىچىك بولغاچقىمۇ يا ئەتراپىدا ھېيىت كەيپىياتى بولمىغاچقمۇ قورچاق كۆرۈش بىلەن بەنت، بولىدۇ. مەن نېمە ئۈچۈن خوشال بولالماس بولۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالمىسىلا ئايالىمغا ئۈنسىز ئەگىشىمەن. ئۇنىڭغا خوش بولۇشۇپ بەرسەم كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپىدۇ. ئۆيدىكىلەر ھېيىتلىق تېلىفون ساقلايدۇ، ھېيىتقا مۇناسىپ بولالمىغان كەيپىياتىم بىلەن ئۇلارنىڭ سېغىنىشلىق ئىزگۈ سالاملىرىغا جۆر بولۇپ بولالماي قىينىلىمەن. ماڭا ئەسلىمەمدىكى دىكى ھېيتتىن قالغىنى دادام بىلەن ئوقۇغان ھېيىت نامىزى ۋە جامائەتنىڭ سۈرلۈك ۋە مۇڭلۇق تەكبىرىدىن ھىس قىلغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى. ماڭا بۇ تۇيغىدا بولغىلى ئەسىرلەر بولغاندەك تۇيۇلىدۇ، ھەر ھېيىتتا شۇنداق. جىيەنلىرىمنىڭ بۇ كۆرۈنمەس قۇدرەتنى ھىس قىلىشقا قادىر بولالماي ئۆسۈۋاتقىنى يۈرەكنى تېخىمۇ ئېزىدۇ. شۇنداق ئويلايمەن، مەنغۇ ھىچ بولمىغاندا غېرىپ قەلبىمدە كۆرۈنمەس بىر ئۇلۇغلۇقنى ھىس قىلالايدىكەنمەن، جىيەنلىرىمچۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھېيتتتىن شۇنداق بىر غايىپ پاسىبانلىقنى، مېھرىبانلىقىنى، مۇقەددەسلىكنى ھىس قىلالماي چوڭ بولسا، پەقەت يىغقان ھېيتلىق بىلەن يانچۇق، يىگەن گۆش بىلەن قورساق تومپايسا كۆڭۈل ئالىمى بوش قالماسمۇ؟ ئۇلارنىڭ جەنۇپ سەھرالىرىنى قاپلىغان يالتىراق خالتىلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەپ بولغىنىۋاتقان جىسمى، چوڭلارنىڭ تەشۋىش، ۋەھىمە، مىسكىن تۇرىقىدىن نۇسقا ئېلىپ ئەگرىلىككە يۈزلەنگەن سەبى كۆڭلى نېمە بىلەن قەد كۆتۈرەر؟
, k4 F3 r6 ^1 eئۈچ يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن. ئايالىمنىڭ بىر جىيەن قىزى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرىنىڭ قوش تىل سىنىپىغا تاللاندى. تەنتەنىلىك جاكارلانغان بۇ خەۋەر بىزنى خېلى تەمتىرەتتى. چۈنكى بىر ھەمراھ بولغۇچىلار، ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار ئۆمىكى كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. مەركىزىي شەھەردىكى قوش تىل سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى دېگەنلىك بىزنىڭ ئۇ يۇرتتا مەرتىۋىدىن، غەلىبىدىن، ئىناۋەتتىن دېرەك بېرەتتى. كىممۇ ھاياجانلانمىسۇن، قوش تىل، دېگەن قوش تىلدە! بولۇپمۇ قوش تىلنىڭ ئوردىسى، قوش تىلچىلارنىڭ ساماۋىي پايتەختى بولغان ئۈرۈمچىدىكى قوش تىل تۇرسا!9 L4 h2 f- x  h( P% F; r2 x( k
قىز ئەقىللىق ئېدى. كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىز بىلەن چىقىشىپلا كەتتى. دەسلەپتە مېنى ئىنگىلىزچە بىلىدۇ، دەپ ئانچە مۇنچە ئىنگىلىزچە تاپشۇرۇقلىرىنى سوراپ يۈردى. كېيىن نېمە ئۈچۈنكى مەندىن ئىنگىلىزچە سورىماسلا بولدى. سەۋەبىدىن ۋاستىلىق خەۋەر تاپتىم، خەنسۇچەم ئۆلچەمسىز بولغاچقا ئىنگىلىزچەمنىڭمۇ ئۆلچەمسىزلىگىنى تەخمىن قىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ تەلەپپۇزۇم جاڭ مۇئەللىمنىڭكىگە ئوخشىماسمىش، ساۋاقداشلىرى ئىنگىلىزچىنى سەھرالىقتەك دەيدىكەنسەن دەپ زاڭلىق قىلغانمىش. شۇندىن كېيىن بۇ قىزنىڭ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغا دىققەت قىلدىم، دائىم ئوقۇيدىغىنى مۇقاۋىسىغا چېچىنىڭ يېرىمىنى قىزىل يېرىمىنى يېشىل بويىۋالغان ”سۇمباتلىق يىگىت“"ساھىپجامال قىز“ لارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن كىتابلار ئېدى.
* ?: p3 o$ i0 O8 ]& `8 l+ ]0 pدېكابىرنىڭ ئاخىلرى ئېدى، ئايالىم جىيەن قىزىنى تېلىفون قىلىپ ئۆيگە چاقىردى. بارالماسمىش، سەۋەبى ”ئەمنىلىك كېچىسى“ ياتاقداشلىرى بىلەن قۇتلايمىش. ئاڭلاپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى، ”كەلسۇن، بىز قىلىپ بېرەيلى شۇ كېچىسىنى، نېمە ئالغىسى بولسا ئېلىپ بېرەيلى“ دېدىم ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ. ئايالىمنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭ مەھەللە تەرەپتە روژدىستىۋالىق كەيپىيات يوقمىش، ئەمىنلىك كېچىسىدە مۇدا بولىدىغان كىيىم كېچەك تېپىلماسمىش، پائالىيەتلەرمۇ يوقمىش شۇڭا كەلمەسمىش. شۇنداق قىلىپ قىزچاق كەلمىدى. بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزىۋېتىپ تېلىفون قىلدىم. ”ئەمىنلىك كېچىسى“ نىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ خىرىستىيان دىنىغا مەنسۇپ پائالىيەت ئىكەنلىكىدىنمۇ بىخەۋەركەن. پەقەت بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ شۇ بۆلىكىدە مودا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەممە ماگىزىن، كوچا كويلار شۇنداق بايرام كەيپىياتى بىلەن بېزەلگەچكىلا ”دەھشەت“ ئۆتكۈزگىسى كەپتۇ. ساۋاقداشلىرى بىلەن ياتاقنى يېرىم سۆرۈن بېزەپ ئۆتكۈزگەن كېچە شۇنداق“پەيزى بوپتۇ“. ياتاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تۇرسا، نەدىن بىلگەندۇ، قانداق ئۆتكۈزەلىگەندۇ دەپ ھەيران قالدىم. ئۇ قىز مېنىڭ شۇنچە يىل ئىنگىلىزلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەمىنلىك كېچىسى ئۆتكۈزۈپ باقمىغىنىمغا ھەيران قالدى.
, o8 E5 |8 L+ F. Yئىككىنچى مەۋسۈم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي قۇربان ھېيىت كەلدى. ئۆزەمنىڭ خوش بولالمايدىغانلىقىم ئېنىق بولسىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق توغقان ۋە يۇرتداشلارنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بىر ھېيىت قىلىپ بەرمەكچى بولدۇم. شۇلارنىڭ خۇشال چۇۋۇرلاشلىرىدىن ھېيىت بولغادەك كەيپىياتقا كېلىپ قالسام ئەجەب ئەمەس دەپمۇ ئويلۇدۇم. ئالدى بىلەن ئايالىمنىڭ جىيەن قىزىغا تېلىفون قىلدۇق. توۋا، كەلمەسمىش ”سىلەر ئۇ تەرەپتە ھېيىت دېگەن بىلەن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق مودا يوق، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن، شۇڭا بايراملىق كىيىممۇ ئالالمىدىم، خەقنىڭ ئالدىغا سەھرالىقتەك بارامتىم، سىلەردە قۇربان ھېيىت تازا مودا بولغاندۇ ھە! “ دەپتىمىش .
7 N8 Y' B$ v# W* I: c$ Pبۈگۈن مەنمۇ تورلارغا قاراپ ھېيىت كەپتۇ دەپ ئويلۇدۇم، ھېلىقى جىيەن قىزىمنىڭ سۇئالى خىيالىمدىن كەچتى. ھەممىڭلارنى سېغىندىم، مېنىڭ چاخچاق قىلىپ بولسىمۇ ”سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ“ دەپ سوراشقا تىلىم بارمىدى. چۈنكى بىزدە ھەق يولىدىكى پىداكارلىقنىڭ ئىككى دۇنيالىق مودا ئىكەنلىكى ئەقلىمگە ئايدىڭ ئېدى.+ `8 g5 A* c9 M" h2 s# k' N) U) S
شىئېر ۋە تىل; h& Q3 U8 N! l: N8 b5 T# d
ئاپتۇرى: گۇلەن
$ D' f: A& f! \! d( Eشىئېر ۋە تىل# ~+ o) i8 ~1 T& Y/ c: f6 ~
مەن ئەدىپلىرىمىزنىڭ دۇنياۋىي چوڭ تىللاردا شىئېر ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قىزغىنلىقىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئوقۇرمەن دوستلۇرۇمنىڭ ئەدىپلەردىن شۇنداق بىر قابىلىيەتنى كۈتىشىگىمۇ ئاۋاز قوشىمەن. ئەلۋەتتە بىزدىن ئاشۇنداق دۇنياۋىي تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلالايدىغانلارنىڭ چىقىشى ھەممىمىزنىڭ ئارمانى. ۋاھالەنكى، يات تىلدا شىئېر يېزىش قانداق ئەھۋالدا مۇمكىن، قانداق ئەھۋالدا مۇمكىنلىكتىن يىراق؟ بۇ ھەقتە ئويلانماي، بۇنى ئىلىم نوقتىسىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ قۇرۇق ئارمانلا قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق ئەۋەتتە. مەن تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ باقاي.
: j' K+ r+ I8 j8 s+ U& h7 [يات تىلنى بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېگىلىگەنلەرنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن يات تىلدا شىئېر يازالىشى مۇتلەق مۇمكىن. چۈنكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتىلىشىچە تىل ئىنساننىڭ سول مىڭىسىدىكى بروكا رايۇنى ۋە ۋېرنىكا رايۇنىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بروكا رايۇنى گرامماتىكىنى(قوشۇمچە، باغلىغۇچى، ئۇلانما، يۈكلىمە)، ۋېرنىكا رايونى سۆزنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. يات تىلنى كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەرنىڭ مىڭىسىدىكى يۇقارقى ئىككى رايۇنغا شۇ تىل ياكى تىللار يېقىن ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك، كىچىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر شۇ تىللارنى تەڭلا قوللۇنۇپ تەپەككۇر قىلالايدۇ ۋە سۆزلىيەلەيدۇ، قوللۇنۇلۇشتا بىر تىل يەنە بىرسىگە ۋاستە بولمايدۇ، ۋە ياكى بىرسى بىرسىگە تايىنىپ قالمايدۇ دېگەن سۆز . شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئىمكانىيىتى بار. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ رېتىمىنى ئېگىلىگەن بولىدۇ. بۇ رېتىمنى بىز گرامماتىكىدا ئنتوناتسىيە ياكى جۈملە ئۇرغۇسى دەيمىز. يات تىلنى مۇنداق كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەر مىڭىسىگە ئورۇنلاشقان تىلللاردىكى يۇقارقى ئەۋزەللىك سەۋەبىدىن يات تىلنىڭ ئىنتوناتسىيە ياكى رېتىمنى تەبىئى قوللىنالايدۇ. شىئېر رېتىم سەنئىتى بولغاچقا كىچىكىدىن يات تىل ئۆگەنگەنلەر شۇ تىل ياكى تىللاردىكى رېتىمنى ئانا تىلى بىلەن ئوخشاش راۋانلىقتا ئىشلىتىپ شىئېىر يازالىشى مۇمكىن.2 \7 W8 l  A6 f+ a* z
! v3 K& b. O' N$ C$ M! c
يات تىلنى ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئېگىلىگەنلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئىھتىماللىقى تۆۋەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سول مىڭىسىنىڭ يۇقارقى ئىككى رايۇنىدا تىللار يىراقراق جايلاشقان، تەپەككۇر ۋە تەلەپپۇزدا بۇ ئىككى تىل بىر بىرىگە بېقىنىدۇ. ئانا تىل يات تىلنى بېقىندۇرۇپ ئۆز قېلىپىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ سۆزلۈك، گرامماتىكا قىسىمنى ھەر قانچە ئوبدان ئۆگەنسىمۇ رېتىمىنى ئېگىلىيەلمەيدۇ. شۇڭايات تىلدا شىئېر يازالىشى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلىق مەزگىلدە چەت تىل ئۆگەنگۈچىنىڭ كاللىسىدىكى ۋېرنىكا رايۇنى يات تىلنىڭ گرامماتىكىغا مەنسۇپ ئۇچۇرلىرىنىمۇ سۆزلۈك قاتارىدا ساقلىۋالىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. ئۆگەنگۈچى ئۇزاق مەشىق قىلىش ئارقىقىلا يات تىلدىكى بۇ گرامماتىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سۆزلۈك رايۇنىدىن گرامماتىكا رايۇنىغا يۆتىكىيەلەيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ يات تىل ئۆگەنگەندە قوشۇمچە ۋە باغلىغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلمەسلىكىمىزنىڭ ۋە ”سۇدەك“ سۆزلىيەلمەسىكىمىزنىڭ سىرى. چۈنكى كاللىمىز ئۇنى خاتا يارگە ساقلىۋالغان ۋە گرامماتىكىنى سۆزلۈك سۈپىتىدە بىر تەرپ قىلىۋەتكەن. تىلدىكى رېتىمنى قۇراشتۇرىدىغان گرامماتىكنى راۋان قوللىنالمايۋاتقان ئۆگەنگۈچى شىئېرنى ئەلۋەتتە توقىيالمايدۇ ياكى قاملاشتۇرۇپ تۇقۇيالمايدۇ.
# B: P. c5 }  J( o/ q
: J1 ^5 W) w7 d- |مەن يۇقاردا دېگەنلىرىمگە تاگۇرنى مىسال قىلىمەن. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، ئۇيغۇرغا ئەڭ تونۇش قوشنا ئەل شائىرى بېنگال تىللىق شائىر تاگۇر شىئېرنى ئاۋال بېنگالىچە يېزىپ ئاندىن ئىنگىلىزچىگە نەسىر شەكلىدە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغۇزغانىكەن. بىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تاگۇرنىڭ مەشھۇر نەسىرلىرى دەل شۇ بېنگالچە شىئېرنىڭ ئېنگىلىزچە نەسىرلەشتۈرىلىشىدۇر، .شۇڭا يا تىلدا تىرىشسىلا نەسىرى ئەسەر يازغىلى بولىدۇ، ھەم مۇنداق يازغانلارنىڭ مىسالى كۇرمىڭ، ئەمما شىئېر يازغانلارنىڭ مىسلى ئاز. بولۇپمۇ يات تىلنى ياشلىقىدا ئېگىلەپ شۇ تىلدا شىئېر يېزىپ ئۇتۇق قازانغانلار ئاز بوسا كېرەك.
: G) N$ e! z; ]يۇقارقى خۇلاسىگە قاراپ بەزىلەر، ئۇيغۇرلاردا تارىختا ۋە ھازىر يات تىلدا شىئېر يازغانلار جىققۇ دېيىشى مۇمكىن. بەرھەق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىپ جىق، فارابى، نەۋايى، لۇتفى، يۈسۈف سەككاكى… لېكىن شۇ يات تىل ئەھلىنى قايىل قىلغۇدەك، شۇ يات تىل ئەھلىنىڭ ئاغزىدا قالغىدەك يازغانلىرى ئاز. بىز پەقەت شۇلارنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغىنىنىلا بىلىمىز. فارابىنىڭ ئەرەبچە شىئېرلىرى ئەگەر راستىنلا ئېسىل بولۇپ ئەرەبلەرنى قايىل قىلالىغان بولسا ئەرەب ئەدەبىياتىغا دائىر تەتقىقاتلاردا، ئەرەب ئەدەبىيات تارىخىدا نامى قالغان بولاتتى، لېكىن فارابىنىڭ نامى مەزكۇر زات قالدۇرغان تۈرلۈك پەنگە دائىر ئەسەرلەردە. بولمىسا ئەرەب ئەدەبىيات تارىخى، فارىس ئەدەبىيات تارىخى دېگەنگە ئوخشاش كىتابلاردا ياكى شۇ ئەدەبىياتلارغا دائىر تەتقىقات ئەسەرلىرىدە بىزنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ تاپالمايمىز.
$ G: `2 H% A3 P$ s8 n) ^3 Bبىزنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىپلىرىمىز دەۋرداشلىرى تەرىپىدىنمۇ مۇئەيەنلەشتۈرۈلمىگەن، مەسىلەن، نەۋايىنىڭ فارىسچە شىئېرلىرىنى بۈيۈك ئەجداد بابۇر ”تولىمۇ سۇس يېزىپتۇ“ دەپ باھا بەرگەنىكەن.
4 B, _( I) r- x; n/ Dئەمەلىيەتتە شىئېر تەرجىمىسنىڭ تەرس بولۇشىدىكى سىرمۇ مەن يازمىدا يازغاندەك. تەرجىمىدە شىئېرنىڭ مەزمۇنىنى چىقارغىلى بولغان بىلەن رېتىمنى چىقارغىلى بولمايدۇ. مەزمۇننى مەزمۇن بىلەن چىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما يات تىلدىكى ئۆز تىلدا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى بىر تىلدىكى ناخشىغا يەنە بىر تىلدا تېكىست سالسا چۈشمىگەندەكلا ئىش.
4 v/ |7 E  Y( f; I- xبۇ يازمىدىكى بايانلار پۈتۈنلەي يات تىلغا قارىتىلغان، ئۇيغۇر قازاقچە، ئۆزبېك تاتارچە شىئېر يازسا گەپ يوق ئۇتۇق قازىنىدۇ، چۈنكى قېرىنداش تىللاردا رېتىم ئورتاقىلىقى بار. بۇ تىللاردىن شىېئىرلارنى تەرجىمە قىلماقمۇ تەرس ئەمەس.+ U  b2 h2 t% V' n. m* u1 C8 \4 O
بەزىلەر تىرىشسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئەخمەتجان ئوسمان ئەرەب ئەدەبىياتىنى تاڭ قالدۇردى… دېدى. مەن ئۇلاردىن بۈگۈنكى ئەرەب شىئېرىيىتى دېگەندەك تەتقىقات كىتابلىرىغا قاراپ باقسىكەن دەيمەن. ئەگەر شۇنداق نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان كىتابلاردا شۇنداق دېيىلگەن بولسا بىز بۇنى تەتقىق قىلىپ باققساق بولىدۇ. شۇنداق ئىمكانىيەت بولسا تېخى ياخشى. بەزىلەر ھەممە ئىشنى تىرىشسا قىلغىلى بولىدۇ دەيدۇ. ھەممە ئىشنى تىرىشسىلا قىلغىلى بولىدۇ دېگەنگە بۇرۇن مەنمۇ ئىشىنەتتىم، ئەمما يۇقارقىدەك رىياللىقنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئەگەر ياشلىق دەۋرىمىزدە تىل ئۆگەنگەن بولساق، بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ كالىمىزدىكى بىر ئورۇنغا پاراللىل ۋە يېقىن ئورۇنلاشمىغان ئىككى تىلنى ئوخشاش راۋانلىقتا قوزغىتالمايدىكەنمىز. تىلدىكى باشقا ئامىلنى ئۆگىنىۋالغىلى بولغان بىلەن رېتىمنى تولۇق سىڭدۈرىۋالماق مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ.6 x' x: s+ ]/ X' ]* }: k: L
توغرا ئۇيغۇر شائىرلىرى مىڭ يىلغا يېقىن ئەرەبچە شىئېر يېزىش ئەئەنىسىگە ئېگە.(فارابىدىن تەجەللى، ئابدۇقادىر دامۇللامغىچە) بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئوچۇقلاش زۆرۈر بولىدۇ. ئەرەب تىلىنىڭ رېتىمى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇرئان ۋاستىسىدە تولىمۇ تونۇش، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب شىئېرىيىتىدىكى رېتىمنى ئۆزلەشتۈرىشىگە قولايلىق ياراتقان ئامىل. مەسىلەن، قىرائەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قارى ئەگەر ئەرەب تىلىنى بىلمىسە ئۇنىڭ ئوڭ مىڭىسىلا ئىشلەۋاتقان بولىدۇ. چۈنكى ئوڭ مىڭە مۇزىكا، رەسىم، شەكىل ئاۋاز قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئەمما بۇنداق يادىلاش تىلدىكى رېتىمنى ئېگىلەشكە پايدىلىق. شۇڭا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەرەبچىنى قۇرئاننى يادلىتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆگەتكىنىمۇ خاتا ئەمەس، بەلكى ئىسپاتلىمىغان ئىلمىيلىك. بۇنداق بولغاندا تىلنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگىلى بولىدۇ. بۇ مىسالدا مىسالغا ئالغىنىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك بىزگە ئەرەبچىنىڭ رېتىمى تونۇش، بىر قەدەر ئۆزلىشەرلىك شۇڭا بىزدە ئارۇز شىئېرىيىتى بار. ۋاھالەنكى ئۇيغۇرلار ئەرەبچىدىكى رېتىمنى تولۇق قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن. پەقەت ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېقىنلىشىدىغان رېتىمنى قوبۇل قىلالىغان. شۇڭا ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەممە تۈرى بىزدە يوق، پەقەت بىر قىسىم تۈرىلا مەۋجۇد. ئۇيغۇرلارنىڭ فارىسچە شىئېر يازغانلىقمۇ ئارۇز سەۋەبلىك ئىككى تىلدا بارلىققا كەگەن رېتىم ئورتاقلىقى، مەدەنىيەتتىكى يېقىنلىق سەۋەبلىك كىچىكىدىن ئىككى تىلغا تەڭ پىشقان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى، فارىس شىئېرىيىتىنىڭ ياراتقان پەللىسى قاتارلىق ئامىللار موھىم رول ئوينىغان. ئەمما بىز يۇقاردا توختالغاندەك ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى شۇ مىللەت شىئېرىيىتى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىپ تارىخقا پۈتۈلگەنلىكىنى كۆرمىدۇق. ھازىر ئارىمىزدا بولۇۋاتقان مەلۇم شائىرلارنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىپ غالىپ بولغىنى ھەققىدىكى پاراڭلارنى توغرا چۈشنىمەن، مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن لېكىن، شىئېرىيەتتە بىر پارچىلا يات تىلدىكى شىئېر بىلەن يات تىلدا شىئېر يازالايدىغانلىقى بىلىنەر، مەشھۇر بولغاننى بىلمەيدىكەنمەن. بۇ توغرىدا ئارتۇقچە توختالماي.2 G( n, A0 H% {' |0 W: s; q
ياشلىق دەۋرىدە يات تىل ئۆگەنگەن ئادەمگە يات تىلدىكى شىئېرنى يازماق تەسلا ئەمەس، ئوقۇپ ھوزۇر ئالماقمۇ تەس. سەۋەبىي يۇمتالدا ئەمەس قاتتالدا. ئۆزىمىز ئۆزلەشتۈرەلمىگەن رېتىمنى ئوقۇپ ھىس قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا يات تىلدا ئۇتۇقلۇق شىئېر يازماقمۇ، يات تىلدىكى شىئېردىن ھوزۇر ئالماقمۇ ۋە شۇنى رېتىمى بىلەن تەرجىمە قىلماقمۇ تەس، بۇنى بىزنىڭ مىڭىمىزدىكى تىلغا مەسئۇل بۆلەكنىڭ خىزمىتى بەلگىلىگەن." Y- o% [$ f' o2 R

" c5 \4 {$ C" M8 w8 [0 wدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗