خەۋەرمىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى
$ R' O6 g2 X9 t! S
e- u2 U- J7 U1 \- f) m % n$ t" e4 G7 M4 l
3 I! p. Y+ {( t2 f# u ئابدۇقادىر ئىممەت + A8 f+ g; G+ h; B* l
* ~6 Y+ l) R( e
شامان دىنى ئېتىقادىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەر / y- {% o7 t$ [: V+ f
تۇتېم ئېتىقادچىلىقى ئۇيغۇرلاردا نەچچە مىڭ يىللاپ ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، تەبىئەتكە چوقۇنۇش، تۇتېمغا چوقۇنۇش ۋە ئەجدادقا چوقۇنۇشنى مەزمۇن قىلغان ئىپتىدائىي دىن شامان دىنى پەيدا بولدى. تەتقىقاتلار ۋە قىيا تاش سىزمىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شامان دىنى ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ ئەڭ شىمالىدىكى چەت-ياقا جايلاردا تەخمىنەن 20 مىڭ يىللار ئىلگىرى پەيدا بولۇپ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى( 7 - 8 مىڭ يىللار ئىلگىرى) ئېلىمىزگە تارقالغان ئىكەن. ئېلىمىزدە مانجۇلار) (17-ئەسىرگىچە)، موڭغۇللار (13 -ئەسىرگىچە) ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر (8 -ئەسىرگىچە) شامان دىنىغا چوقۇنغان ئىكەن. ! A( R9 `3 ^. m" j+ H( G, K+ f
«شامان» دېگەن سۆز ئېلىمىزدىكى قەدىمكى مىللەتلەردىن مانجۇ- توڭگۇس تىللىرىدىكى «سامان» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار «قام»، «كام» دەپ، كېيىنچە «ياخشى»، «پېرەخون»، «داخان»، «جىنكەش» دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالغان.
M8 Y- q$ K6 b. z( p# H شامان دىنىنىڭ قارىشىچە، ھەممە نەرسىدە روھ بولىدىكەن. روھ ئۆلمەيدىكەن. شامان دىنى كۆپ تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدىغان دىن بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئاسمان تەڭرىسى، يەر تەڭرىسى، سۇ تەڭرىسى، ئوت تەڭرىسى... دېگەندەك ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىدىغان تەڭرىلەر بولىدىكەن. لېكىن بۇ دىننىڭ ھەممىگە ئورتاق كىتابى، بىرلىككە كەلگەن تەشكىلى، ئىبادەت قىلىدىغان مۇقىم سورۇنى ۋە ھەممە بىر خىل ئاتايدىغان ئۇلۇغ تەڭرىسى يوقكەن. , ?0 f9 s5 u0 n+ s/ Z1 O7 z2 N+ ~- k
شامان دىنىدا پۈتۈن ئالەم « ئۈستى» ، «ئاستى»، «ئارىسى» دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدىكەن. ئۈستى يەنە يەتتە قەۋەت بولۇپ، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئاسمان تەڭرىسى بىلەن ئەجداد روھى تۇرىدىكەن؛ ئارىسىدا ئادەملەر، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر تۇرىدىكەن؛ ئاستى يەنە يەتتە قەۋەت بولۇپ، ئۇنىڭدا جىن-شەيتانلار بىلەن ئادەتتىكى ئەرۋاھلار تۇرىدىكەن.
0 T# o, ]0 _5 R3 n شامان تەڭرىلەر، ئادەملەر ۋە جىن - شەيتانلار ئارا ئالاقە باغلايدىغان ئەلچى بولۇپ، تەڭرىلەرنىڭ ئەمرىنى ئادەملەرگە، ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىنى تەڭرىلەرگە يەتكۈزەلەيدىكەن. ئۇ تەڭرىلەر بىلەن ۋە جىن-شەيتانلار بىلەنمۇ سۆزلىشەلەيدىكەن. : k% Q& X* o, P/ ^; @( A
دۇنيادىكى ئىشلار تەڭرىلەر بىلەن جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىدە بولىدىكەن. تەڭرىلەر ئادەملەرگە ياخشىلىق ۋە بەخت-سائادەت ئاتا قىلسا، جىن-شەيتانلار ئادەملەرگە بالا-قازا ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ ئىشلارنى شامان ياراشتۇرالايدىكەن. جىن-شەيتانلاردىن كەلگەن زىيان-زەخمەتلەرنى شامان مۇناسىۋەتلىك تەڭرىلەردىن تىلەش ۋە جىن-شەيتانلارنى قوغلاش يولى بىلەن يوق قىلىۋېتەلەيدىكەن . شاماننىڭ بۇنداق پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلاردا «پېرە ئويناس»،« پېرەخونلۇق» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. « پېرە ئويناش» ئالاھىدە تەييارلانغان سورۇن ۋە ئۆزگىچە سايمان-جابدۇقلار بىلەن غەلىتە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. پېرە ئوينايدىغان ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن ئاق ئۆچكىنىڭ چۇپۇرىدىن ئىشلىگەن ئارغامچا باغلىنىدۇ، ئاستى قوزۇق بىلەن بېكىتىلىدۇ ياكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا بىر خادا تىكلىنىپ، ئۇنىڭ (ئارغامچىنىڭ) ئۈستىگە بىر باغ جىڭدە شېخى باغلىنىدۇ( ئاسماندىن چۈشكەن ئەرۋاھلار جىڭدە شېخىدا ئارام ئالارئىمىش). شامان بېشىغا تۇماق، قالپاق ياكى كۇلاھ قاتارلىقلارنىڭ بىرەرسىنى كىيىپ، ياكى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋەتكەن چېچىنى چۇۋۇپ، ساڭگىلىتىپ، پېرەخونلۇق تونىنى كىيىپ، بەزىلىرى جۇۋىنى تەتۈر كىيىپ، بېلىنى كولدۇرمىلار چىگىلگەن كەمەر ياكى بەلۋاغ بىلەن باغلاپ، ياغاچ دەستىسىشىگە ئۈچ تال تۆمۈر ھالقا بېكىتىلگەن ئىككى بىسلىق خەنجەر، ياكى ئالاھىدە تەييارلانغان تاياقنى پۇلاڭلىتىپ، جالدۇر-جۇلدۇر شاۋقۇن ۋە گۇپ-گۇپپاڭ داپ ساداسى ئىچىدە، ئۈچ تاسمىلىق قامچىسىنى تاراس-تۇرۇس شىلتىپ، تورۇسقا باغلانغان ئارغامچا ياكى خادىغا ئېسىلىپ، سۈرلۈك ئاۋازدا «ئەپسۇن» ئوقۇغاچ، ئىلاھلارنىڭ ياكى جىن-شەيتانلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ توۋلاپ، پىرقىراپ ساما سالىدۇ. بىر چاغلاردا ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ، تەرلەپ-تەپچىرەپ، پۇت-قوللىرى يىغىلىپ، سوزۇلۇپ، ئاغزىدىن كۆپۈك ئېقىپ، ھالىدىن كەتكەن بولۇپ يىقىلىدۇ. بۇ ھالنى كۆرگۈچىلەر « تۇتتى، تۇتتى» دېيىشىدۇ. بۇ چاغدا ھەل قىلماقچى بولغان ئىش توغرۇلۇق شامان سۆزلەشكە باشلايدۇ: كېسەل داۋالىماقچى بولغان بولسا، تەڭرىلەردىن شىپالىق تىلەيدۇ ياكى جىن-شەيدانلارغا ھەيۋە قىلىپ، كېسەلدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ يىتكەن مالنى تاپماقچى بولسا، جىنلىرىنى يىتكەن مالنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ياكى پىلدىرلاپ كۆيۈپ تۇرغان جىن چىراغقا ۋە ئەينەككە قاراپ پال ئاچىدۇ... بارلىق پائالىيەت ناھايىتى سىرلىق ۋە سۈرلۈك كەيپىياتتا داۋاملىشىدۇ. كۆرۈپ تۇرغۇچىلاردىن بەزىلىرى ئېسىنى يوقىتىپ، يىقىلىپمۇ قالىدۇ.
2 y5 ^5 c: b2 q; U A; W" {) A شامان دىننىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى ئۇزۇن( بەزىلەر 2000 يىلدىن ئارتۇق دەيدۇ)، تەسىرى كەڭ، يىلتىزى چوڭقۇر. 7 X" `9 j# R$ Z, Y7 u4 B
2007 -يىل دېكابىردىكى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» (خەنزۇچە) نىڭ 8 -بېتىگە ئادىل ئابلىز ئەپەندىنىڭ 2500 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن شامان باخشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بېسىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلىپتۇ: «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات ئورنى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى بىرلىكتە، 2003 -يىلى 3- ئايدىن 5 -ئايغىچە، پىچان ناھىيىسىنىڭ ياڭخى قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ چىققان. قېزىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 21 -قەبرىگە 40 ياشلاردىكى بىر ئەر جەسەت كۆمۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ماڭلىيىغا رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان لېنتا چىگىلگەن، لېنتىگە يالتىراپ تۇرغان سەدەپ قۇلۇلە بېكىتىلگەن. بېشىغا تۇماق كىيدۈرۈلگەن. سول قۇلىقىغا بىر پاي مىس ھالقا، ئوڭ قۇلىقىغا بىر پاي ئالتۇن ھالقا سېلىنغان. بوينىغا قەھرىۋا بىلەن چەچ ئۆتكۈزۈلگەن زۇننار ئېسىلغان. ئۇچىسىغا شۇ يەردە توقۇلغان ئوچۇق رەڭلىك يۇڭ رەختتىن چاپان، ئىشتان كىيدۈرۈلگەن. پۇتىغا ياخشى ساقلانغان مىس ئەزمىلىك خۇرۇم ئۆتۈك كىيدۈرۈلگەن. ئوڭ قولىدا بۇرۇما نۇسخىدا ئايلاندۇرۇپ مىس يۆگەلگەن بىر تال ياغاچ تاياق، سول قولىدا ياغاچ ساپلىق مىس پالتا تۇتقان، بېلىگە ئىككى دانە خۇرۇم قاپچۇق ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىگە مىس پىچاق، يەنە بىرىگە مىس بېگىز سېلىنغان. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ قولىدىكى مىس يۆگەلگەن تاياق بىلەن مىس پالتىنى ئۇنىڭ باخشىلىق جابدۇقى، دەپ چۈشەندۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى تۇرپان، پىچان دىيارىدا 2500 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن مۆتىۋەر باخشى دەپ بېكىتكەن» .
( n7 u6 N! Y. Z* D( w ئېلان قىلنغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شامان ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن رەڭلىك ساپال قورچاقتىن ھازىرغىچە ئىككىسىلا تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئېلىمىزنىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ زىشەن ناھىيىسىدە، يەنە بىرى ئامېرىكا مىسسۇرى شتاتىنىڭ كانزاس شەھىرىدە ئىكەن. ئۇلارنىڭ تارىخى 1500 يىلدىن ئاشمايدىكەن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شاماننىڭ تارىخى ئۇلارنىڭكىدىن 1000 يىل ئۇزاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاماننىڭ ئۆزى ئەينەن تېپىلغان. بۇ ئېھتىمال دۇنيا بويىچە تېپىلغان شامان ئوبرازلىرى ئىچىدىكى «ئۆمۈر چولپىنى» بولۇشقا لايىقتۇر.
8 i$ ] N3 z' j5 W8 M شامان دىنىي ئېتىقادى ئەجدادىمىزنىڭ تەپەككۇرى تىلى ۋە ياشاش تەرزىدىن تارتىپ، تاكى ئاخىرەتلىكلىرىگىچە سىڭىپ كېتىپ، شۇلارغا مۇناسىپ بىر قاتار ئۆرپ- ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئېتىقادنىڭ ئالمىشىشى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلى يوقالغان بولسىمۇ، بەزىلىرى يات مەدەنىيەتلەردىن ئۆزىگە زۆرۈر بولغان تەركىبلەرنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ، بۈگۈنگە قەدەر ساقلانماقتا. , z" R; W! \2 ~, @& k
ئاسمان تەڭرىسى، يەر تەڭرىسى ئېتىقادى: ئورخون ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (840 -744 ) دە، شامان دىنى دۆلەت دىنى بولغان. ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ قاغانلىرىغا ئاتاپ تىكىلگەن مەڭگۈ تاشلاردا مۇنداق خاتىرىلەر بار: مىلادىيە 712 -716 -يىللاردا ئورنىتىلغان يەر«تۈينۇقۇق مەڭگۈ تېشى»دا: « تەڭرى، ئوماي، مۇقەددەس يەر-سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ» ؛ ! j: k/ R) }4 H% o' ?
732- يىلى ئورنىتىلغان «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دا: «مەنكى تەڭرىدەك، تەڭرىدىن تۆرەلگەن تۈرك بىلگە قاغان...، ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپراق يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ»؛ 734- يىلى ئورنىتىلغان «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دا: «ئۈستىمىزدىكى تەڭرى، مۇقەددەس يەر - سۇ ۋە ئەجدادىم قاغاننىڭ روھى خۇشال بولمىغان بولسا كېرەك، توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر - سۈيىنى تاشلاپ، تاپغاچقا باردى»؛ 759- يىلى ئورنىتىلغان «بايانچور مەڭگۈ تېشى»دا: «ئۈستىمىزدىكى تەڭرى، ئاستىمىزدىكى يەر - زېمىن ساقلىغانلىقى ئۈچۈن...» «تۈركىي تىللار دىۋانى» 3 - توم 515- بەتتە: «... ئۇلار كۆزلىرىگە چوڭ كۆرۈنگەن ھەرقانداق نەرسىنى - ئېگىز تاغ، يوغان دەرەخلەرنىمۇ <تەڭرى> دەيدۇ. شۇڭا بۇنداق نەرسىلەرگە سەجدە قىلىدۇ». ' `9 ~' B2 I. d3 x+ Q3 ?! z9 B5 c
قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك، كۈن تۇتۇلۇش ۋە يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى ئاسمان تەڭرىسى بىلەن يەر تەڭرىسىنىڭ غەزىپى تاشقانلىق دەپ قاراپ، «ياغىشلىغ يۇغ» (قۇربانلىق، نەزىرى) قىلىش شامان دىنىدىكى ئادەت بولۇپ، قۇرغاقچىلىق بولغان يىللىرى يۇرت جامائەت بىر يەرگە يىغىلىپ، ئاسمان تەڭرىسى بىلەن يەر تەڭرىسىگە ئاتاپ چوڭ - كىچىك مال ئۆلتۈرۈپ، نەزىر قىلىپ سۇتىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ئادەت سېرىق ئۇيغۇرلاردا ھېلىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. ئۇلار ھەر يىلى 6- ئىيۇندا ئەل - جامائەت سۇ بېشىغا جەم بولۇپ، مال ئۆلتۈرۈپ، نەزىر قىلىپ، سۈ تىلەيدىكەن. بۇ ئادەت بىزدە 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە «زارا خەتمە» دېگەن نام بىلەن داۋام قىلىپ كەلگەن. «زارا خەتمە» پارسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى «يىغا - زارلىق دۇئا - تىلاۋەت» دېگەن بولىدۇ. قارا يامغۇر ----، يەر تەۋرەپ توختىمىغاندا، كۈن تۇتۇلۇپ ئېچىلمىغاندا، ئەل - جامائەت بىر يەرگە يىغىلىپ، ئىمام - مەزىنلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەممە بىرلىكتە «ئەزان» توۋلايتتى؛ قۇرغاقچىلىق بولغان يىللاردا يۇرت جامائەت يېزا - كەنتلەر بويىچە بىر يەرگە يىغىلىپ، ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئايرىم قازان ئېسىپ، مال سويۇپ، داستىخان تەييارلاپ، كۆپچىلىك يەپ - ئىچىپ، دۇئا - تەگبىر قىلىپ، ئاسايسىلىق تىلىشەتتى. بۇ پائالىيەت بەزى جايلاردا بايرام تۈسىنىمۇ ئالاتتى. تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا 981- يىلى سۇڭ خانلىقىدىن ئەلچىلىككە كەلگەن ۋاڭ يەندېنىڭ خاتىرىسىدە مۇنداق سۆزلەر بار: 1 y( @' D! m, D, `# H' ]0 b. k
«... ياز ئايلىرى ئادەملەر كۆپىنچە بىر يەرگە جەم بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىشىدىكەن. ئويناپ كەلگەنلەر ئاتلارغا مىنىشىپ، تۈلرۈك نەرسىلەرنى ئوقيا بىلەن ئاتىدىكەن. بۇنى ئۇلار ئاپەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىنغان تىللاۋەت. دەيدىكەن» («سۇڭنامە» 490- جىلىد <تۇرپان تەزكىرىسى>. جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى. 1977- يىل، 14112- بەت). - m, F0 \5 F- D/ l, ^4 A7 E
قىيان كېلىپ، دەريا - توغانلار تېشىپ كېتىپ، توختىتىش قىيىن بولغاندا، ئۇلۇغ - ئۇششاق جانلىق ئۆلتۈرۈلۈپ، قانلىرى ئېقىتىلاتتى. بەزى جايلاردا «توختى»، «تۇردى»، «تۇرسۇن» ئاتلىق ئادەملەر تۇتۇپ كېلىنىپ، سۇ تاشقان ئېچىققا بېسىلىپ «قۇربانلىق» قىلىناتتى. 1 t8 Q1 g+ `: X$ z0 B
ئۆلگەن ئادەمنىڭ روھى ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ، دەيدىغان قاراش: بۇ قاراش ئەجدادىمىزدا ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، «ئۆلدى» دېگەن ئۇقۇم «ئۇچتى»دېگەن سۆز بىلەن، «جەننەت» دېگەن ئۇقۇم «ئۇچماق»دېگەن سۆز بىلەن بىلدۈرۈلگەن. «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»دا «بىلمەدۈك ئۈچۈن، يابلاقىڭلىڭ ئۈچۈن ئەچىم قاغان ئۇچار باردى» (بىلىمسىزلىكىڭلاردىن، ئوساللىقىڭلاردىن تاغام قاغان دۇنيادىن ئۆتتى. «... ئوچا باردىغىز...» (ۋاپات بولدىڭىز)؛ «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دا: «قاڭىم قاغان ئىت يىل ئونىنچى ئاي ئالتى ئوتتۇزقا ئۇچا باردى» (ئاتام قاغان ئىت يىلى 10- ئاينىڭ يىگىرمە ئالتىنچى كۈنى قازا قىلدى). «بايانچور مەڭگۈ تېشى» دا: «قاڭىم قاغان ئۇچتى» (ئاتام قاغان قازا تاپتى). «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1- توم 160- بەتتە «ئۇچماق» دېگەن سۆزگە «جەننەت» دەپ تەبىر بېرىلگەن.
4 u6 {, F1 B9 C; L3 u2 V7 M كۈنگە چوقۇنۇش ئېتىقاد ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق - ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئارخېئولوگلىرى 1979- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە لوپنۇر رايونىدىكى رورەن قەدىمكى شەھەر ئەتراپى، قاراشەھەر قارا مودون يېزىسىدىكى قەدىمكى قەبرىلەر، بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ چومپاق يېزىسىدىكى قەدىمكى قەبرىلەر ۋە چەرچەن ناھىيىسىنىڭ زاغۇنلۇق دېگەن يېرىدىكى قەدىمكى قەبرىلەرنى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ كۆرۈش جەريانىدا، كۆمۈلگەن جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ چېكىسىگە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش شەكلى قىزىل، سېرىق بوياقلار بىلەن ئوخشىتىپ سىزىلغانلىقىنى، تۇپراق بېشىغا چۆرىدەپ، ئالتە رەت، يەتتە رەت، توققۇز رەت ياغاچ قوزۇق (خادا) قېقىلغانلىقىنى ئۇلارنىڭ چۆرىسىگە يەنە رەتلىك قوزۇقلار قېقىلىپ، نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشنىڭ شەكلى چىقىرىلغانلىقىنى، بەزى جايدىكى تۇپراق بېشىغا ياغاچ ئورنىغا تاشلار تىزىلىپ، يۇقىرىدىكى شەكىل چىقىرىلغانلىقىنى كۆرگەن، پېقىر 1996- يىلى يوپۇرغا ناھىيىسىگە ساياھەتكە بارغىنىمدا، بىر يېزا يولى بويىدىكى زاراتلىقتا تۇپراق بېشىغا قاداپ قويۇلغان ئۇزۇن - قىسقا بادرالارنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شوتىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، يەرلىك كىشىلەردىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇلاردىن: «ئەرۋاھلار مۇشۇ ياغاچلارغا يامىشىپ ئەرىشكە چىقىدۇ» دېگەن جاۋابنى ئاڭلاپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە ئىشلىرىدا مۇنداقمۇ ئادەتلەرنىڭ بارلىقىدىن ھەيران قالغان ئىدىم، ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋېتىپ، ئۇنىڭ تېگى - تەكتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ' |$ ]; }& m1 G' ?0 {' V
شاماننىڭ «يادا» (جادۇ) قېلىشى: شاماننىڭ ئەپسۇن ئوقۇپ، قار - يامغۇر ياغدۇرغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق مەلۇماتلار بار: 765- يىلى تاڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان تېبەتلىكلەرنى تىنجىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار قارشى تەرەپكە ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋاقتىدا، «دۈشمەن جايلاشقان يەردە كېچە ئايدىڭ بولۇپ قالغاچقا، ئۇيغۇرلار جەڭنى ئەتىگە كېچىكتۈرگەن ۋە جادۇگەرگە جادۇ قىلدۇرۇپ جۇت - شىۋىرغان پەيدا قىلغان. ئەرتىسى جەڭگە بارغاندا تېبەتلىكلەر توڭلاپ كېتىپ، ئوقيالىرى كارغا كەلمىگەن، ئادەملىرى كىگىزلەرگە يۆگىنىپ، مىسىلداپ يۈرگەندە ئۇيغۇرلار بېسىپ كېلىپ، قىر چاپ قىلىپ، ساينىڭ تېشىدەك ياتقۇزۇۋەتكەن» («كونا تاڭنامە»، <ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى>، خەنزۇچە، 5206- بەت). - i3 z: `* U* j0 g4 F6 P7 W
«يات، يادا، بۇ بىر خىل سېھىرگەرلىك بولۇپ، يامغۇر، شامال ۋە باشقىلارنى تىلەش ئۈچۈن، مەخسۇس تاشلار (يادا تاشلار) ياردىمى بىلەن سېھىر قىلىنىدۇ. بۇ ئادەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. مەن بۇنى ياغمىلاردا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۇ يەردە بىر يانغىن بولغاندا، يانغىننى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىنغان ئىدى، خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن، يازدا قار ياغدى. كۆز ئالدىمدا ئوت ئۆچۈرۈلدى» («تۈركىي تىللار دىۋانى» 3- توم، 1-، 2- بەت). «(1004- يىل 7- ئاي) خان ئالىيلىرى ۋەزىر - ۋۇزرالىرىغا دەپتۇرلەر: مۇشۇ كۈنلەردە قۇرغاقچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتتى، تۇرپاندىن كەلگەن ئۇيغۇر راھىبلىرى جادۇ قىلىپ يامغۇر ياغدۇرۇش قولۇمدىن كېلىدۇ، دەپتۇ. مەن ئۇلارنى ئۆيدە تۇرۇپ كارامەت كۆرسىتىپ بېقىشقا بۇيرۇۋېدىم، كارامىتى دېگەندەك كارغا كېلىپ قالدى».
' P$ v3 c- N7 b7 s1 C «(1301- يىل 7- ئاي) ئۇيغۇر راھىبلەر، دەرۋىشلەر، مۇنەججىملەر، جادۇگەرلەر بۇنىڭدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك دۇئا - تىلاۋەت ئىشلىرىدا چوقۇم ئالدىن ئىجازەت ئېلىپ ئاندىن ھەرىكەت قىلسۇن، خىلاپلىق قىلغۇچىلار گۇناھكاربولىدۇ، دەپ چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىلدى» («قەدىمكى ئۇيغۇرچە پۈتۈكلەر ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ياڭ فۇ شۆ، مىللەتلەر نەشرىياتى 174- بەت، خەنزۇچە).
$ \9 ~3 H6 _3 t# w يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا، بىزدىكى «رەمباللىق» (پالچىلىق)، «ئىسسىتقۇ، سوۋۇتقۇ»، «قەست» قىلىش قاتارلىق خۇراپاتلىقنىڭ يىلتىزى ئوخشاشلا شامان دىنى ئېتىقادىغا بېرىپ تاقىلىدۇ
& ~- K. I [3 J7 B% B
" Z6 f/ d% |* ~ . a! z1 _" J! `% k$ a
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |