ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 0

سېرىق «خامان» مەدەنىيىتىمىزگە بىر نەزەرلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

606

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
145 سەر
تۆھپە
189 سەر
تىللا
83 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ئۇيغۇر
«خامان» مەدەنىيىتىمىزگە بىر نەزەر

4 K6 ?8 t3 T: t! |5 h  ' R. d& q, o1 k% V: X7 I
: j3 Z/ p# e* v3 z% v2 C
ياسىنجان كەنجى
9 p8 p" k: x$ v* _
+ ?" b5 h, b7 N8 _4 n  j7 `
" G% a  J" F5 U' e$ s1 @* n: f. C
ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق (تېرىم) مەدەنىيىتىگە قايسى چاغلاردىن تارتىپ قەدەم قويغانلىقىغا ئائىت يازما مەلۇماتلار كۆپ ئۇچرىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئېلىمىز ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بىر قىسىم تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمكى خەلقلەرنىڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3-2 مىڭ يىللار بۇرۇن دېھقانچىلىق (تېرىم) مەدەنىيىتىگە قەدەم قويغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىدىن بۆلۈنۈپ چىققان دېھقانچىلىق ئادەتلىرى ئۇلارنى شەھەرلىشىش دەۋرىگە باشلاپ كىردى. ئۇلار ئەڭ دەسلەپ سۇغىرىش تىپىدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر ئەتراپلىرىدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن شەھەر مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويدى. ئۇلاردا ئات، ئېشەك، كالا قاتارلىق ھايۋانلاردىن پايدىلىنىپ يەر ھەيدەپ دېھقانچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت يېرىم چارۋىچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىگىلىك شەكىللەندى. «<تېرخىن مەڭگۈ تېشىدا سەككىز >(دەريا ئېقىنى)ئارىسىدا مېنىڭ چارۋا - ماللىرىم بار. سېلىنگا، ئورقۇن، تۇغلا قاتارلىق سەككىز (دەريا ئېقىنى) مېنى شادلاندۇردى (4 - قۇر) دېيىلگەن، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردىمۇ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.»①«ئۇيغۇرلاردا قاراخانىيلار سۇلالىسى قۇرۇلۇشتىن خېلىلا بۇرۇن دېھقانچىلىق ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خامان ۋاقىتلىرىدا ئادەم كۈچى ۋە ئۇلاغ كۈچى بىلەن ئۆزئارا لاپقۇتلىشىش» ②تەك مۇكەممەللەشكەن خامان مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغانىدى. ئۇلار جاپالىق ئەمگەك مۇھىتىدا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى، ئەمگەك قارىشى، ئىدىئولوگىيىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى، مۇھەببەت - نەپرىتى، ئەمگەكچان روھىنى مەڭگۈ تۈگىمەس بۇلاق سۈيىدەك ئوما ناخشىلىرىغا ۋە خامان ناخشىلىرىغا سىڭدۈرۈۋەتكەنىدى./ X% Q: ^9 b! u7 c0 u
  ئوما ئورۇپ خامان تېپىش دېھقانچىلىق مەدەنىيىتىگە قەدەم قويغان يىراق قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ئادەتلىرىگە قارايدىغان بولساق: ئۇلار دېھقانچىلىق پەيتىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن 12 موچەل بويىچە ۋە ياكى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە قاراپ كېلەر يىلى قۇرغاقچىلىق ياكى ھۆلچىلىك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، قايسى خىل زىرائەتلەرنى تېرىشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ئويلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئېتىزلىرىغا ئىشلەپ قىر ياساپ، ئوسا قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق باشلايدۇ. ئەگەردە قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولسا پۈتۈن يۇرت خەلقى ئۇلۇغ مازار، قەدىمكى جاي ياكى يۇرتىغا سۇ كېلىدىغان ئېرىق بېشىغا چىقىپ كونا ئادەت بويىچە قوي ئۆلتۈرۈپ، قان ئېقىتىپ، ياغ پۇرىتىدۇ، سۇ تىلەپ دۇئا - تەكبىر ئوقۇيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھۆل - يېغىن بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ «زاراخەتمە» دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن جامائەت بىر يەرگە جەم بولۇپ دېھقانچىلىق رىسالىلىرىنى ئوقۇپ دېھقانچىلىق قائىدىلىرى، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدا رىئايە قىلىدىغان ئىشلار، بەدەننى پاك تۇتۇش، ئەۋلىيالارنى سېغىنىش، ئېتىقادىنى پاك قىلىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش، ئۇرۇقنى ئوڭ قول بىلەن سېلىش، خاپىلىق ۋە ئاچچىقلىنىشتىن ھەزەر ئەيلەش، كەڭ قورساق بولۇش، دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئاسراش، ئۆشرە - زاكات ئايرىش، يالغۇز بۇغدايلا تېرىماي ھەر خىل زىرائەتلەرنى تېرىش توغرىسىدا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش، يېتىم - يېسىر، تۇل خوتۇن، ئاجىزلارنىڭ تېرىقچىلىقنى ئورتاق قىلىشىپ بېرىش توغرىسىدا تەشۋىق قىلىشىدۇ ۋە مەسلىھەتلىشىدۇ. ئۇلار ئېتىزلىرىغا سۇ قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئوسا ۋاقتى كەلگەندە ئېتىزلارنى ئوغۇتلاپ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار يەرنى ئات، ئېشەك، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى قېتىپ ساپان ياكى بوقۇسا بىلەن ئاغدۇرىدۇ. يوغان چالمىلارنى چوقۇپ يەرگە ئۇرۇق سالىدۇ، سۆرەم سېلىپ ئېتىز يۈزىنى تۈزەپ قويىدۇ. ئۇچار قۇشلارنىڭ ئۇرۇقلارنى يەۋالماسلىقى ئۈچۈن ئېتىز بېشىغا قارانچۇق ياساپ قويىدۇ. بۇغداي مايسىسى ئۈنگەندىن كېيىن چالا ئۈنگەن جايلارغا تولۇقلاپ ئۇرۇق سالىدۇ. مايسا پۈتۈنلەي ئۈنۈپ بولغاندىن كېيىن بۇغداي مايسىلىرىنىڭ قىشتىن توڭماي، ئۇرۇق بىخلىرىنىڭ ساغلام چىقىشى ئۈچۈن كەچكۈزنىڭ سۈيىنى ئېتىزغا باشلاپ كانجا قىلىدۇ. (ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ يازغى بۇغداي ياكى كۈزگى بۇغداي تېرىيدۇ. يازغى بۇغداي ئەتىياز كەلگەندە يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە تېرىلىدۇ) باھار كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار «ھۇت - كەتمەن سېپىنى تۇت» دەپ ئالدىراش دېھقانچىلىققا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئادەتتە كۈزگى بۇغداي 4 قېتىم سۇ قۇيۇلغاندىن كېيىن پىشىدۇ. بۇغداي پىشىشى بىلەن ھەممە دېھقان ئورغاقلىرىنى تەييار قىلىپ ئوما ئورىدۇ. ئورما ئورۇش ۋە خامان ئېلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك جەريانىدىكى بىر جەڭگاھ بولغانلىقتىن «ئۆلۈكنىڭ قولىنى ئۆتنە ئالىدىغان چاغ»، «خامان ئالماق - شەھەر ئالماق» دەپ قاراپ بۇ چاغدىكى جاپا - مۇشەققەت، ئەمگەك ئېغىرلىقى ۋە ئالدىراش پەيتلەرنى بۇ پاساھەتلىك ماقال بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار ئورما ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بۇغداي ئەنجىللىرىنى پاكىز تازىلانغان مۇۋاپىق ئېتىزغا يىغىپ دۆۋىلەيدۇ، بۇ خامان ياكى خامان ئېتىز دەپ ئاتىلىدۇ. خامانغا يىغىلغان بۇغداي ئەنجىللىرى ئارال چىقىرىش شەكلى بىلەن راسا قۇرۇتىلغاندىن كېيىن خامان ئوتتۇرىسىغا موما ياغاچ بېكىتىدۇ. بۇ موما دەپ ئاتىلىدۇ. ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن خاسىيەتلىك بىر كۈننى تاللاپ، قولۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقانلارنى خامان تېپىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ئۆز ئۆيلىرىدىكى ئېشەك، كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، خامان تېپىشكە ياردەملىشىدۇ.  v" V4 w- w5 X1 b8 h/ D
خامان تېپىشتا ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ئۆزىگە خاس خامان تېپىش ئادىتى بار. بەزى جايلاردا ئات، ئېشەك، خېچىرغا تولۇق تاش سۆرىتىش ئارقىلىق خامان تەپسە، بەزى يۇرتلاردا مەسىلەن: قەشقەر، ئاتۇش رايونلىرىدا خامان تېپىشكە خولۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل جانۋارلارنى بىر - بىرىگە چېتىپ موما ياغاچقا باغلاپ، تەرتىپلىك ئايلاندۇرۇپ خامان تېپىدۇ. ئۇلار خامان تەپكەندە «موما» تۈۋىگە كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى چېتىپ «ياقا» تەرەپكە چاپقۇر ئېشەك چېتىپ مومىنى مەركەز قىلىپ ئۇلاغلارنى ھەيدەپ خامان تېپىدۇ. خامانغا قېتىلغان ئۇلاغ كۆپ بولغانسېرى ياقا تەرەپكە تېز ھەيدىلىدۇ، بولمىسا موما تەرەپ تۇرۇپ قېلىشتەك مۇرەككەپ ئەمگەك ئاۋارىچىلىقلىرى كېلىپ چىقىدۇ. خامان تېپىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغانلار ئىچىدە يېشى چوڭراق بالىلار ئۇلاغلارنى توختىماي ھەيدەپ بەرسە، ئوتتۇرا ياش، ياشلار بوغداي ئەنجىللىرىنى ئۇلاغ ئاستىغا تاشلاپ پايخان بولغان بۇغداي ئەنچىللىرىنى ئۆرۈپ خاماننىڭ تېزراق يۇمشىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان قېرى - ياشانغانلار خامان ئەتراپىدىكى مەلۇم جايغا ياسالغان ساتمىدا ئولتۇرۇپ ياشلارغا ئەقىل ئۆگىتىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان ئادەم كۆپ بولسا ئادەملەر ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ نۆۋەتلىشىپ ئىشلەيدۇ. ئەگەر خامان پەۋقۇلئاددە چوڭ بولسا ئۇلاغلار ئىككى «قوش» قىلىنىپ ھەيدىلىدۇ. ھەرقانچە چوڭ خامان بولسىمۇ بىر كۈندە يۇمشاپ بولىدۇ. ئاياللار خامان ئەتراپىنى سۈپۈرۈپ، ھاردۇق ئېشى تەييارلاپ، ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ كېلىپ، خامان ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. بۇ خىل ئەمگەك شارائىتى ئىنتايىن خۇشال - خۇرام، ناھايىتى جانلىق بولۇپ ھەرقانداق ئادەمگە ئەمگەك خۇشاللىقى بېغىشلايدۇ. بولۇپمۇ خامانغا تەكلىپ قىلىنغان خەلق ناخشىچىلىرى (لاي - لايچىلار) ئەمگەككە جان - ھوزۇر بېغىشلايدىغان خامان ناخشىسىنى ئېيتىپ خاماننى جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئۇلار خاماندىن ئىبارەت مۇرەككەپ ئەمگەك مەيدانىنى سەنئەت بىلەن ئەمگەك بىرلەشكەن بىر كۆڭۈللۈك سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ خۇشال كەيپىيات شەكىللەندۈرىدۇ. خامان يۇمشاپ بولغاندىن كېيىن بۇغداي پايخانلىرىنى بۆلە قىلىپ خاماننى پاكىز سۈپۈرۈپ سەلكىن شامالنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ھاردۇق ئالىدۇ ياكى لاپقۇت ياندۇرۇپ باشقىلارغا ياردەملىشىدۇ.
$ _9 ]. ?% Y5 b   ئەزەلدىن ناخشا - سەنئەتخۇمار خەلقىمىز ئەمگەكنىڭ ئېغىر، جىددىي پەيتلىرىدىمۇ چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە ئەمگەك قوشاقلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ كەلگەن. بولۇپمۇ خامانغا تەكلىپ قىلىنغان لاي - لايچىلار موما تۈۋىدە تۇرۇپ ئىككى قولى بىلەن قۇلاقنى تۇتۇپ، تاق ۋە قوش كىشىلىك بولۇپ خامان ناخشىسىنى ئېيتقاندا بۇنى ئاڭلىغان يىراق - يېقىن ئەتراپتىكى ھەرقانداق كىشى ئۆزلىكىدىن ئارا - سايمانلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ خامان ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. خامان ئىگىسىگە مۇناسىۋەتلىك يېقىن ئەتراپتىكى ئاياللارمۇ مەخسۇس داستىخان تەييارلاپ، قوغۇن - تاۋۇز، ئۇسسۇزلۇق ئېلىپ كېلىپ خامان ئىگىسىدىن ھاردۇق سوراپ، ئۇلارنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولىدۇ. لاي - لايچىلار مەخسۇس خامان ناخشىسىنى ئېيتىپ، خامانغا جان كىرگۈزگىدەك دەرىجىدە خاماننى جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ يۇرت ئىچىدە ئابرۇيى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئۇلار خامان ناخشىسى ئېيتىلمىغان خامان «گاچا خامان، بەرىكەت بولمايدۇ»، «لاي - لاي جىن - شاياتونلارنى قوغلاپ، ئەرۋاھلارنى خامانغا چاقىرغانلىق»دەپ قارايدۇ. خامان قېتىلىپ بولغاندىن كېيىن لاي - لايچىلارغا رەخت، پۇل قاتارلىق نەرسىلەرنى بېرىپ ئۇلارنى رازى قىلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ.ئۇيغۇرلار بۇغداي پايخانلىرىنى سەلكىن شامالدا سورۇپ بۇغداي، سامىنىنى ئايرىغاندىن كېيىن بۇغداي دانلىرىنى پاكىز تازىلاپ، چەشلەپ قويىدۇ. ھەمدە خامانغا خىزىرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ خامانلىرىدا تۈنەيدۇ. ئۇلار »بۇغداي چەشلىرى خاماندا قانچە كۆپ تۇرسا خىزىر كېلىپ بەرىكەت بېرىدۇ« دەپ قارايدۇ. ھەمدە خاسىيەتلىك بىر كۈننى تاللاپ مەھەللە ئاقساقاللىرىدىن بىرىنى خامان ئۇسسۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. »خامان ئۇسسىدىغان كىشى چوڭقۇم خامان ئۇسسۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بەرىكەت قېچىپ كېتىدۇ« دەپ قارايدۇ. خامان ئۇسسۇشتا ئالدى بىلەن بىر غەلۋىر ئاشلىقنى چەش ئەتراپىنى ئايلاندۇرۇپ تۆكىدۇ. يەنە بىر غەلۋىر «چەش بۇرنى»نى «ئىمام ھەققى» ئۈچۈن ئايرىپ قويىدۇ. ئاندىن ھەر ئون غەلۋىر بۇغدايدىن بىر غەلۋىر ئۆشرە ئايرىپ يېتىم - يېسىرلارغا، خامان ئۈستىگە كەلگەن مېھمانلارغا «كەپسەن»قىلىپ ئايرىپ قويىدۇ، ئاندىن بۇغداينى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كىرىدۇ.$ z1 r: l2 t  E8 }6 I4 e
    خامان ناخشىسى چوڭقۇر مەزمۇن، كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ئىچىدە ئەمگەك قوشاقلىرى نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ خىل ناخشىلار، ئەمگەك رېتىمىغا ئەگىشىپ ئېيتىلىدىغان بولۇپ، ئەمگەك ھەرىكىتى بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ كۈي - ئاھاڭلىرى ھەرىكەتنى تەڭشەش، ئەمگەككە قوماندانلىق قىلىش، كىشىلەرگە ئىلھام بېرىش رولىغا ئىگە بولۇپ، مەيلى قايسى ئورۇندا خامان قېتىلسۇن شۇ يەردە ئاڭلىنىپ دەۋردىن - دەۋرگە، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تارقىلىپ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، يېقىنقى يىللارغىچە خامانلاردا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەنىدى. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا «خامان ناخشىلىرى» ئەينى چاغدىكى ئەمگەك جەريانلىرىنى تېخىمۇ مەزمۇنلۇق قىلىپ تەسۋىرلەپ بېرىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ۋە ھاياتقا بولغان كۆزقاراشلىرىنى تېخىمۇ تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن.خامان ناخشىسى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەزمۇن، شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ بېيىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى يۇرت - مەھەللىلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىي ئاھاڭىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ۋە تارقالغان. خامان قوشاقلىرىدا ئاساسەن دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى تېزراق يىغىۋېلىش ئارزۇسى ۋە مول - ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدى، تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىنىڭ دېھقانلار ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ۋە دېھقانلارنىڭ ھايۋانلارغا بولغان مۇھەببىتى قاتارلىق مەزمۇنلار كۈيلەنگەن. مەسىلەن، ئاتۇشتا كەڭ تارقالغان خامان ناخشىلىرىدىكى:) n% g' w7 v3 v6 a1 y) J
قادىر ئاللا، تەقدىر ئاللا، تاغنى ياراتتى، لاي - لاي،) x% j; ^1 w, w
تاغ ئىچىنى قاراڭغۇ دەپ، ئاينى ياراتتى، لاي - لاي.
  A6 O& a8 m' R/ O* r( }  [) _ئاي ماڭسا مېڭىۋەرسە، يايرىم ماڭمىسا، لاي - لاي،: }4 y( e7 G, I/ }/ U  x
شۇل يايرىمدىن ئايرىلىپ مەن، كۆڭلۈم قالمىسا، لاي - لاي.+ Z( I0 ]2 ?, z: Y6 `$ V& ~
بۇغداي بولدى، دانلار تولدى، خامان تاغ بولدى، لاي - لاي،
8 ^* K! f1 m% w* }7 G; oتېز ھەيدەڭلار، تېز ئايرىڭلار، ئوبدان چاغ بولدى، لاي - لاي.7 C+ r) k- [/ ^+ {% i4 I
دەسسەڭلار، يەنجىڭلار (ۋاي) تالقان بولسۇن، لاي - لاي،# x/ T3 }! C) k. e; f7 B' _
بۇغدايلىرى ماڭا بولسۇن، سامانلىرى ساڭا بولسۇن، لاي - لاي.
! R% t7 k" p* l& b2 [0 Jئالا كالا، قارا كالا، موزايلاپتۇ بوينى ئالا، لاي - لاي،
5 o% c( r% X* ~4 pبۇغداي ئالماي سامان ئېلىپ، پۇشايمان يېگەن كۆڭلى قارا «بۇغداي ئالماي سامان ئېلىپ، پۇشايمان يېگەن كۆڭلى قارا»دېگەن بۇ مىسرا بەلكىم «ئادەم ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەندە خۇدا ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىگە بىر كالىنى يارىتىپتۇ، ئادەم خاماندا بۇغداينى باشقا، ساماننى باشقا ئايرىپ بولۇپ كالىغا <سېنىڭ كۈچۈڭ كۆپ كىردى، يەيدىغىنىڭنى ئاۋۋال سەن تاللىۋال، سەندىن قالغاننى مەن ئالاي >دەپتۇ، كالا ساماننى تاللاپتۇ، بۇغداي ئادەمگە قاپتۇ، كالىنىڭ ھازىرقى ئۇلۇغ - كىچىك تىنىشى بۇغداينى ئالمىغان ھەسرىتىدىن چىقىدىغان تۈگىمەس پۇشايمان تىنىقى ئىكەن»دېگەن رىۋايەتلەرگە ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
- {+ L+ K9 B6 |1 b! `! Dلاي - لاي.
& z( m/ L- `, F  C1 h لاي - لاي ناخشىلىرىدا ئەمگەكچان، جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ ساددا دۇنيا قارىشى، چىن ھېسسىياتى، ئىشقى - مۇھەببىتى، مول - ھوسۇل ۋاقىتلىرىدىكى ئالدىراش ھالىتى ئىپادىلىنىش بىلەن بىرگە ئىشلەپچىقىرىش ھايۋانلىرىنىڭ ئەجرى قەدىرلەنگەن چىن ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن.
" A* H. l/ M. Z5 E6 zئارپا - بۇغداي سامانىنى، سەلكىن ئايرىيدۇ، لاي - لاي،
0 a& Q, L2 k& H# wئۇرۇق - تۇغقان قېرىنداشنى ئۆلۈم ئايرىيدۇ، لاي - لاي.- ]  I4 X; m9 k7 n
ئانام بولسا، ئاتام بولسا ئۆلۈم بولمىسا، لاي - لاي،8 v( @. _/ a' L8 R/ n3 N: L
ئۆلگەنلەرگە جەننەت بولسا، دەۋزەخ بولمىسا، لاي - لاي.
6 n) o- T" ?& iئانام باقتى، ئاتام باقتى ماڭا جان قاتتى، لاي - لاي،4 b5 D0 I+ `1 w5 X4 r
قارا بەختىم ئاقارغىچە كۆزدىن قان ئاقتى، لاي - لاي.
& V  P% U7 ~  i8 Yئاتلار ئورۇق، يوللار يىراق ماڭارمەن ياياق، لاي - لاي،
2 g% W  j0 v4 C3 W9 f$ Y" {قامچام بولدى ئىرغايلىقتىن ئالغان بىر تاياق، لاي - لاي.) x- d1 g7 Z7 B
دېگەن مىسرالاردا ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، دەرقەمتىلىك خاتىرجەملىك، تىنچلىق، باياشادلىقىغا بولغان ئارزۇلىرى ئىپادىلىنىش بىلەن بىرگە ئۆتمۈشتىكى جاپاكەش دېھقانلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە، زۇلۇم - زۇلمەتكە قارشى ئەگرى - توقاي ھايات يولى تەسۋىرلەنگەن.
/ C, E! `5 u" t7 h    ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «لاي - لاي» قوشاقلىرىنىڭ تېكىستى ۋە ئاھاڭى ھەممە رايونلاردا بىردەك ئەمەس، لېكىن خامان قوشاقلىرىدا ئەكس ئەتكەن ئەمگەك، مۇھەببەت، تۇرمۇش، ھايات يولى، ئۆلۈم قاراشلىرى ھەرقايسى يۇرتلاردا (رايونلاردا) ئۆزگىچە كۈي، ئاھاڭ بىلەن تەرەققىي قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئەمگەك جەريانىدىكى ئورتاق بايلىقى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ خامان تېپىپ ناخشا ئېيتقانلىقىغا ئائىت تارىخىي مەلۇماتلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. پەقەت ئېلىمىز تارىخ ماتېرىياللىرى «ۋېينامە»، «قاڭقىللار ھەققىدە قىسسە»دە «ئۇلار ئاۋازىنى سوزۇپ لەرزان ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ»③ دەپ خاتىرىلەنگەن. «ئۇيغۇر ناخشىلىرى ئىچىدە دالا - ئورمان، ئېتىز - خامان ۋە سەپەر ناخشىلىرى ئادەتتە سوزۇلۇپ ئېيتىلىدۇ»④ بۇ يەردە ئېيتىلغان ناخشا چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىگە تەۋە دالا ناخشىسىمۇ ۋە ياكى خامانلاردا ئېيتىلىدىغان خامان ناخشىسىمۇ بۇنى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ خامان ناخشىسىنى لەرزان، ئىختىيارى، سوزۇپ ئېيتىدىغانلىقى ھەقىقەت. بىز يەنە بۇ خىل ئەھۋالدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى بولغان قاڭقىللارنىڭ ناخشىنى لەرزان، مۇڭلۇق ئېيتىشىنى تاساددىپىي ھادىسە دېگەندىمۇ يەنە ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن لەرزان، مۇڭلۇق سوزۇپ ئېيتىلىدىغان خامان ناخشىسىنى ئېرىق - ئۆستەڭلەردە، كەڭ يايلاقلاردا ئېيتىپ كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرغىلى بولمىغاندەك ۋە باشقا ناخشىلارنىمۇ خامانلاردا ئېيتىپ ئەمگەككە جان ئاتا قىلغىلى بولمايدۇ. دېمەك خامان ناخشىسى باشقا ناخشىلاردىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار مەيلى ئولتۇرۇش - باراۋەتلەردە بولسۇن، ئىشلەپچىقىرىش سورۇنلىرىدا بولسۇن، سەنئەتتىن ئايرىلمىدى. ئۇلار تېرىم مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغان 4-3 مىڭ يىلدىن تارتىپ يېقىنقى 90 - يىللارغىچە كالا، ئات، ئېشەك بىلەن دېھقانچىلىق قىلدى. كالا قېتىپ بۇقۇزا بىلەن يەر ئاغدۇردى، ئېشەك، كالىلارنى قېتىپ خامان تەپتى. بۇ جەرياندا ئادەمگە ھۇزۇر ۋە كۈچ بېغىشلايدىغان ئوما ۋە خامان ناخشىلىرى مەڭگۈ قۇرىمايدىغان بۇلاق سۈيىدەك ئۇلارنىڭ قۇرىغان مەنىۋىيىتىنى پات - پات نەمدەپ، ياشارتىپ تۇردى. بۇ ناخشىلار ئۇلارنىڭ ئەمگەكچان، تىرىشچان، قورقماس روھىنى مەڭگۈلۈك مېلودىيە سۈپىتىدە بىزگە يەتكۈزۈپ بەردى.( I9 u) G+ V7 d( j* j' j
     نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى خامان مەدەنىيىتى دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، بەزى ئادەتلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭىلاندى ۋە ئۆز رولىنى يوقاتتى. تىراكتور، كومبايىنلارنىڭ تەرەققىياتى بۇرۇنقى ئەنئەنە ئورنىنى باستى. بۇ بىر خۇشاللىنارلىق يېڭىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى خامان مەدەنىيىتىنى ئاسراپ قېلىش، قوغداش ۋە ئۇنىڭ رولىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت، تەرەققىيات ئەھۋالى، ئۆرپ - ئادىتى، پسىخىكىسى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن كەلگۈسى ياش ئەۋلادلارنى بىر تال ئاشلىقنىمۇ قەدىرلەپ ئەمگەكنى سۆيىدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان قىلىپ تەربىيىلەشتە قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگەك سەرمايىسىنىڭ ئەڭگۈشتەرى بولغان دېھقانچىلىق ئادەتلىرى ۋە خامان مەدەنىيىتىگە ئائىت بىلىملەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇلارنى مول فولكلور بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مەلۇم ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.2 M4 R5 B) H% x! [+ W8 i7 }
; x7 W0 s; F" e
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
% ~: O$ P3 z* t8 P   ① لىن گەن، گاۋزىخۇ:«قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 - يىلى 12 - ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 87 - بەت.② «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989 - يىلى 11 - ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى.③ ياڭ شېڭمىن:«قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998 - يىلى 8 - ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى، 292 - بەت④ ئىمىن تۇرسۇن:«قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000 - يىلى 3 - ئاي، ئۇيغۇرچە نەشرى، 243 - بەت.: v. b' e; S" \4 \, P9 u

% ?, m4 l( x' l4 }, y0 j+ J4 _7 o ! R- [3 G% B# E

( l* E* G2 ~) u
, r+ c. \, X- @  [7 `8 ` مەنبەسى : بۇلاق ژورنىلى * s+ w: m+ d4 \, f
$ s, T% o( w& \& @1 ~! P, x) t9 g

/ D' c4 J8 W8 c6 y0 W$ R
3 z8 p! r) h: H/ p1 T5 B% O--------------------------------------------------------------------------------4 o/ {; M! e, ?$ l
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗