3d
گېزىتچىلىكىمىزدە نېمە كەم 9 J# f4 l8 U* r& |7 x7 }; n$ h+ i6 i
4 r j( _( ^4 L' G- @
+ `9 W, @) L: R
2 P. b! v( [* A; T' X# {غالىب مۇھەممەت قارلۇق
$ p) [) w. H% \) ?4 G6 r4 @
2 ?2 n4 h. K2 Y$ Q+ r
f. Z/ y; v7 q- n- J# j6 x ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنى بۈگۈنكى كۈندە تارىختىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن گۈللىنىش ۋە ئويلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بىزدە ھازىر يەرلىك دەرىجىلىك مەتبۇئاتتىن تارتىپ دۆلەت دەرىجىلىك مەتبۇئاتقىچە بار. ئەنە شۇ مەتبۇئاتلىرىمىزدا ماقالە، ئەسەرلەر تۈركۈملەپ ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇغىنىسى، مەتبۇئاتلىرىمىزنىڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى، مىقدارى تولىمۇ تەكشىسىز، ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەتبۇئاتچىلىقىمىزدىكى بىر ئاچچىق ھالەت، ھەركىم ئۆز قايغۇسى بىلەن، ماقالە، ئەسەرلەر ئىنكاسسىز ھالەتتە. بەزى نەشرىي ----ئوقۇرمىنى تەھرىرلەرنىڭ ئۆزى، ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئاپتورلار ياكى بولمىسا ئىنتايىن ئاز ساندىكى، چەكلىك دائىرىدىكى ئوقۇرمەنلەر ھەتتا بەزى گېزىت، ژۇرناللار بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا. مەتبۇئاتلار ئارا ئۆتۈشمە، ھەمكارلاشما ھالدىكى ئالماشتۇرۇش، ئەكس سادا يوق دېيەرلىك. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ھەر بىر مەتبۇئاتنىڭ ئۆز- ئۆزىدىن «مەندە زادى نېمە كەم» دەپ سورىمىقى زۆرۈرىيەتلىك بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟! گەرچە ئۆزۈم مەتبۇئاتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانمىساممۇ، بىراق ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر گېزىتچىلىكى ئۈچۈن بىر نەرسە دەپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.
4 z" }% O) S0 s بىزدە گېزىتچىلىك ئىشلىرى ژۇرنالچىلىققا قارىغاندا بالدۇر باشلانغان ۋە گۈللەنگەن. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۇيغۇر گېزىتچىلىكىدە مەلۇم دەرىجىدە پەسكويلۇققا قاراپ يۈزلىنىش مەۋجۇت بولۇپ قالدى. بەلكىم بۇنىڭدا ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرى بار بولسىمۇ ئەمما گېزىتچىلىكىمىزدە يەنىلا يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. يەنى بىزدىكى گېزىتلەر ئاساسەن مەخسۇسلاشقان بولۇپ، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۆزى تەۋە تەشكىلىي مۇئەسسەسەنىڭ خاس تەشۋىقاتىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ھەم شۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ ئۆز مەزمۇنلىرىنى كېڭەيتكەن. شۇڭا گېزىتلىرىمىزنىڭ تەشۋىقات خاراكتېرى كۈچلۈك، مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئويلاندۇرۇش خاراكتېرى ئاجىزراق. ھەتتا بەزى گېزىتلىرىمىزنىڭ تەشۋىقاتچانلىق خاراكتېرىمۇ ئىنتايىن پاسسىپ ھالدا مۇنەكلىشىپ كەتكەن. ئىجتىمائىي خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارغا بولغان چوڭقۇر قېزىلىش ۋە دەۋر سەزگۈرچانلىقى كۈچلۈك تەلەپ قىلىنىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا گېزىتنىڭ تەشۋىقات خاراكتېرى ئارقىلىقمۇ گېزىتنىڭ ئىناۋەت ۋە ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يولغا ۋە ----مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى. شۇڭا گېزىتلەرنىڭ رايون ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتقان ھالدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆتكۈرلۈككە تولغان خەۋەر، ئۇچۇرلار بايلىقىنى قانداق ئېچىشى نۆۋەتتە چىڭ تۇتۇشقا، ئويلىنىشقا تېگىشلىك يارقىن بىر نۇقتا." {- E& Q/ A. K) o0 K- `
ئوقۇرمەنلەرنىڭ قاتلىمى، بىلىم سەۋىيىسى، قىزىقىش- ھەۋەسلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر گېزىتتىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ ئوخشاشمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا گېزىت تەھرىرلىرىدە يىراقنى كۆرەر چېچەنلىك بولمىسا بولمايدۇ. ھەتتا گېزىتنىڭ لايىھىلىنىشى، باسما سۈپىتى، خەۋەر، ماقالە- ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى، بەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا سۈرەت، رەسىملەر بىلەن يېزىقنىڭ سەنئەتلىك كىرىشتۈرۈلۈشىمۇ كۈنسېرى تېزلىشىۋاتقان تۇرمۇش ۋە خىزمەت رىتىمىگە، ئەمەلىي شارائىتقا ۋە مەنىۋى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، گېزىتتە ئۇزۇندىن- ئۇزۇن ماقالىلەرنى بېرىشمۇ گېزىت ئوقۇغۇچىلارنى «چارچىتىپ» قويارمىكىن؟ بولسا قىسقا، مېغىزلىق، ئۇچۇرچانلىق ھەم مەنپەئەتچانلىققا ئىگە ماقالىلەرنى بېرىش بىرقەدەر مۇۋاپىق، دەپ ئويلايمەن. مۇمكىن بولسا گېزىتتە چاتما ئوچېرك- ماقالىلەرنى، پوۋېست، رومانلارنى بۆلۈپ- بۆلۈپ بەرسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنى خېلىلا جەلپ قىلغىلى ۋە ئوقۇرمەنلەر ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولارمىكىن دەيمەن. مەن يەنە شۇنىمۇ ئويلايمەن: بىزدىكى مەلۇم گېزىتلەر تېخى مەخسۇسلىشىش، خاسلىشىش يولىغىمۇ ماڭسا تامامەن بولىدۇ. بۇ نۆۋىتىدە شۇ گېزىتنىڭ خاس ئوقۇرمەنلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن., N# F! U. M* X @
ئامېرىكىلىق تارقىتىش ئىلمىي ئالىمى كائىن مۇنداق دېگەنىكەن: «گېزىت كۆپ ھاللاردا كىشىلەرگە قانداق قاراشتا بولۇشنى ئېيتىپ بەرگەندە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئەمما كىشىلەرگە قايسى مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئېيتىپ بەرگەندە ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ». مېنىڭچە كائىننىڭ بۇ سۆزىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر گېزىتچىلىكىدە ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ( I4 H& i' P3 R( Z1 T- O
0 k0 M& E3 r4 G8 \' C2 a * @$ }% q# x# O# H
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |