ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 0

دەرىس قەدىمكى ئانىلىرىمىزدا گۈزەللىك قارىشىئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

44

يازما

606

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
145 سەر
تۆھپە
189 سەر
تىللا
83 دانە
جەۋھەر
0 دانە
مائارىپ قەدىمكى ئانىلىرىمىزدا گۈزەللىك قارىشى + S$ j9 ^/ j% z0 s8 l7 {* U
  
3 n- l( c: o& k( L4 K+ ^* e6 L- ^+ K
# w4 W& @# g6 ?+ y' z2 s
3 p/ c* V( O# P5 F& L0 r. T
6 g6 Q5 A, r; |  x# l  d
* [/ C' k1 c1 e
3 \+ \2 _# b9 M" t( l6 X* T$ d( G- Dئابلىز مۇھەممەت سايرامى: P: I4 q9 M  c# q* N- M

. W! N0 L6 U! S$ g
8 S8 \+ G% o* O1 I/ y
- \3 }! e7 G: X3 Hمەلۇمكى، دىيارىمىز - قەدىمكى غەربىي يۇرت مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى. بۇ خاسىيەتلىك زېمىن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق بولغان ئوتتۇرا بەلۋېغىغا جايلاشقان. ئەتراپى ئاسىيادىكى ئەزىم تاغلار -ئالتاي، تەڭرىتاغ، پامىر، قۇرۇم - قارا قۇرۇم، ئالتۇن تاغلىرى بىلەن ئورالغان، باغرىنى ھارارەتلىك تەكلىماكان چۆللۈكى كۆيدۈرۈپ تۇرىدىغان ھازىرقى شىنجاڭ رايونى نەچچە ئون مىڭ يىللىق ئىپتىدائىي ھايات مېلودىيىسى بىلەن تارىخقا كىرىپ كەلگەن. غەربىي يۇرت ئاھالىسىنىڭ يىراق ئەجدادلىرى بۇ جايدا ئۇزاق داۋام قىلغان ياۋايىلىق، ۋارۋارلىق، توپ پادىلىق ۋە ساددا - نادانلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كونا - يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە خاس ئىپتىدائىي گۈزەللىك قارىشى تارىخىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كېيىن يەنە برونزا(كۆك مىس)قوراللىرى دەۋرىگە كەلگەندە، خېلى مۇستەھكەم ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلانغان بىر قاتار گۈزەللىك قارىشى ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرگەن.دىيارىمىزدىكى سان - ساناقسىز قىيا تاش رەسىملىرى يۈزلەرچە ئىپتىدائىي قەبرە - يادىكارلىق ۋە قەدىمكى شەھەر - قەلئە خارابىلىرىدىن تېپىلغان ئوبرازلىق يادىكارلىقلارغا قارىغاندا، كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرىلىرى ۋە يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ باشلىرىدا ئانىلىرىمىز تۇرمۇشىدا گۈزەللىك قاراشلىرى بىخلىنىپ چىقىپ كۈنسايىن راۋاجلىنىپ بارغانلىقى ئىسپاتلانماقتا. روشەنكى، دىيارىمىزدا ياشىغان ئىپتىدائىي ئەجدادلار ئۆز پائالىيەتلىرىنىڭ تارىخىنى تاكى يېزىق ئىختىرا قىلىنغۇچە بولغان تولىمۇ ئۇزاق ۋارۋارلىق، ياۋايىلىق، نادانلىق دەۋرلىرىدە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە سەنئەت ۋاسىتىلىرى بىلەن كونا - يېڭى تاش قورال دەۋرى، برونزا قوراللىرى دەۋرىدىكى يادىكارلىقلىرىغا سىزىپ ۋە "يېزىپ" قالدۇرغان. يېزىق تارىخىدىن تولىمۇ ئۇزاق بولغان بۇ تارىخ ئۆزىنىڭ ئىپادىلىگەن مەزمۇنى، ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى ۋە ئىپادىلىگەن دائىرىسى جەھەتتىن يىراق ئۆتمۈشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا خاس خىلمۇ خىل بولغان، ھازىرقى كىشىلىرىمىز ئۈچۈن تېخى سىرلىق ياكى يېرىم سىرلىق كۆرۈنگەن بۇ ئىزنا - يادىكارلىقلار ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئەجدادلار تارىخىنىڭ، جۈملىدىن روھىيەت، تەپەككۇر ۋە گۈزەللىك قارىشى جەھەتتىكى تامغا، ئەنداز، بەلگە - ئالامەتلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئۇچۇر - ئېنفورتىيىسى ھېسابلىنىدۇ.2 U/ b3 g2 u5 X9 f5 F
ئەلۋەتتە، ئانا دىيارىمىز قەدىمكى غەربىي يۇرتتەك بۇ سىرلىق كەڭ زېمىن كۆكسىدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇشنىڭ تەسۋىرى يالدامىسى بىزگە تېخى ئۆزىنىڭ روشەن ۋە مۇكەممەل قىياپىتىنى ئاشكارىلىغىنى يوق. ئۇنىڭ بىر قىسمى تارىخ ئۇچقۇنلىرىدا مەڭگۈلۈك يوقالغان. شۇنداقتىمۇ 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان، ناگان - ناگاندا تېپىلىپ تۇرىدىغان ئارخېئولوگىيىلىك بايقىلىشلار بۇ كەڭ زېمىن كۆكسىدىكى ئىپتىدائىي ئىنسان ھايات پائالىيىتىنىڭ بىرقەدەر ئومۇمىي مەنزىرىسىنى قىياس قىلىشقا ئىمكانىيەت ياراتتى. بىز دىيارىمىزدىن بايقالغان دوندۇبۇلاقتىكى 20 - 15 مىڭ يىللىق قىيا تاش رەسىملىرىدىن ۋاڭ بو، جىڭ جيې:"ئالتاي تېغى دوندۇ بۇلاقتىكى كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە خاس قىيا تاش رەسىملىرى"، "تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى"، خەنزۇچە، 2005 - يىل 1 - سان 120 - 122 - بەتلەر  ، 15 - 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە تامغالىقتاش ئۆڭكۈرى (سۇبىخەي :"شىنجاڭ قىيا تاش رەسىملىرى"،1994 - يىلى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت - فوتو سۈرەت نەشرىياتى، خەنزۇچە، 409 - بەت   )   ،ئاقتاش ئۆڭكۈرى③، ھاكتاش ئۆڭكۈرى④ ۋە دولات جىلغىسى ئۆڭكۈرلىرى قاتارلىق ئىپتىدائىي ھايات ئۇزاق داۋام ئەتكەن تەبىئىي ئۆڭكۈر رەڭلىك سىزمىلىرىدىكى ئانا (ئايال)جىنسقا تېۋىنىش، ئانىنى ئۇلۇغلاشقا دائىر مەزمۇنلاردىن، ئالتاي، تەڭرىتاغ، ئالتۇنتاغ قىيالىرىغا چېكىلگەن 3 - 8 مىڭ يىللىق سان - ساناقسىز قىيا تاش رەسىملىرىدىكى ئانىلار ئوبرازى ۋە ھەرخىل تامغا، ئەنداز، بەلگە - ئالامەتلەردىن، تۇرپاندىكى ئاستانە، ئۈرۈمچىدىكى سەيۋوپۇ، لوپنۇردىكى سىڭىر، لوپنۇر كۆلى ئەتراپى، كونا شەھەردىكى ئوپال، قۇمۇلدىكى سەنداۋلىڭ، تۇرپاندىكى يارغول، توقسۇندىكى ھۈممەبۇلاق، پىچاندىكى قىزىلقۇم، ياڭخې ئاسقىلىق، ئاقتېرەك، مورىدىكى ئېرقاباق، ئالتايدىكى شىمىرشېڭ، چاقىلىقتىكى ئالتۇنتاغ، چەرچەندىكى جاڭگالساي، نىيە دەريا ئەتراپى، گۇمىدىكى كىلياڭ، كېرىيىدىكى باشقا نىسۇرا، كەلپىندىكى سارغان، مارالبېشىدىكى ئاقدالا، كۇچادىكى قارا دۆڭ قاتارلىق يېڭى تاش قورال دەۋرىگە  خاس (4   -  6  -يىللىق "شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى"، ئۇيغۇرچە، 2002 - يىللىق 1 -، 2 - قوشما سان، 6 -، 7 -بەتلەر) قەدىمكى ئىز - خارابىلەردىن تېپىلغان تاش، سۆڭەك مارجانلار ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرىدىن، 4000 - 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە لوپنۇردىكى گۇمۇگو قەدىمكى قەبرىستانلىقى، كروران گۈزىلى قەبرىستانلىقى، زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى، خوتەندىكى نىيە قەبرىستانلىقى، پىچاندىكى سۇ بېشى قەبرىستانلىقى، بايدىكى قىزىل قەبرىستانلىقى، خېجىڭدىكى چابخا، بۈگۈردىكى چۇمپاق، قۇمۇلدىكى يانبۇلاق، قارادۆڭ، لاپچۇق، ئەسكىشەھەر، خەنچىگو قەبرىستانلىقلىرى قاتارلىق يۈزلەرچە ئىپتىدائىي قەبرىستانلىقتا ياتقان كروران گۈزىلىگە ئوخشاش نازاكەتلىك، ساھىبجامال ئانىلىرىمىزنىڭ دەپنە قىلىنىش رەسمىيەتلىرىدىن، بەدەنلىرىگىچە ھەرخىل گۈل - نەقىشلەر چېكىۋېلىشلىرىدىن، يۈز ۋە كالپۇكلىرىنى قىزىل بوياقتا بويىۋېلىشلىرىدىن، ئانىلار جەسىتى بىلەن ئاخىرەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە كۆمۈلگەن تاش قاش قەلەم، تاش بوياق، سۆڭەكتىن ياسالغان سۈزگۈ - تاغاق، مىستىن ياسالغان ھالقا، بىلەزۈك، ئۈزۈك، مېدالىئون، زېرە، ئۇپا - ئەڭلىك ۋە گىرىم بۇيۇملىرى خالتىسى قاتارلىق ھەر خىل بېزەك بۇيۇملار، سېھىرلىك كۈچ دەپ تونۇلغان ئەڭ ئىپتىدائىي تىلتۇمار ۋە تۈرلۈك زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق نەق ماددىي يادىكارلىقلىرىدىن ئانىلىرىمىزنىڭ ناھايىتى يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلگەنلىكىنى، ئۆزىنى زىبۇ زىننەت ۋە گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن بېزەپ چىرايلىق ياسىنىشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ماددىي يادىكارلىق مەنبەلىرى گەرچە ئەينى زاماندىكى ئېتنىك مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ، ئۇ ئۇلار ئەينى زاماندىكى ئەجدادلار ئېتنىك مەدەنىيىتىنىڭ ھەممە تەرىپىنى، ھېچبولمىغاندا تۇرمۇش، ئېتىقاد، ئالەم قارىشى، گۈزەللىك، ئېستېتىك، روھىيەت قاراشلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈشتە ھەرقانداق يازما مەنبەدىن مىسلىسىز رەڭدار ۋە كونكرېت ئەۋزەللىكىنى ساقلىغان تارىخنامىدۇر. قەدىمكى ئەجدادلار تۇرمۇشىنىڭ بۇنداق بىۋاسىتە، بىرىنچى قول، ئەينەن، ئەمەلىي ۋە كونكرېت، نەق ماددىي يادىكارلىقلىرى ھەرقانداق تارىخچىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆتكەن دەۋرلىرىدىكى ئوردا - قەسىر تارىخچىلىرىنىڭ ھەرپ بىلەن يازغان تارىخنامىلىرىدىن چىن، ئەينەن، ھەقىقىي ۋە ئەينى پېتى ساقلانغان تارىخنامە ھېسابلىنىدۇ., k7 e4 v" ~7 w# u* C: `1 F
مەلۇمكى، گۈزەللىككە ئىنتىلىش ۋە گۈزەللىك يارىتىش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتىدىن بىرى. گۈزەللىك قارىشى ئىنساننىڭ ئېستېتىك تەپەككۇرى ۋە ئېستېتىك ئېڭى بىلەن بىللە قەدىمكى زامانلاردا پەيدا بولغان. گۈزەللىكنى پەرق ئېتىش، گۈزەللىككە ماھىلدارلىق، گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش ۋە گۈزەللىككە تەقلىد قىلىش، گۈزەللىك قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا يىراق قەدىمكى زامانلاردا مەيدانغا كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەمگىكىدىن باشلاپ، تۇنجى تاش قورال ياسىشىدىن باشلاپ، تۇنجى نۇتقى ۋە تۇنجى تەپەككۇرىدىن باشلاپ رېئال گۈزەللىكنى ھېس قىلغان ھەم شۇ ئاساستا ئېستېتىك تۇيغۇ قوزغاتقۇچى گۈزەللىك ھادىسىلىرى بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى گۈزەللىكنى بىلىش ۋە گۈزەللىك يارىتىش پائالىيىتى جەريانلىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغان ئەمەس.
6 P. @7 @: _" w9 p1.گۈزەللىك - ئىنساننى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان شەيئى. ئىنسان ئۆز تەسەۋۋۇرىدا، خىيال - ئارزۇسىدا، رېئال تۇرمۇشىدا ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان ھەرقانداق ئىبارىدىن كۆرە "گۈزەللىك" ئىبارىسىگە تولىمۇ ھېرىسمەن ۋە مەھلىيا. ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى تاگور گۈزەللىك توغرىسىدا:"گۈزەللىك تۇيغۇسىنى سىڭدۈرمەي تۇرۇپ، ئىنساننى كامالەتكە يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس" دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان.گۈزەللىككە ئىنتىلىش - ئىنسان تەبىئىيتىنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى، ياسىنىش ياكى گۈزەللىك ئادىتى ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىكى تۇنجى ئەمگىكى جەريانىدا يېتىلگەن ئىپتىدائىي تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قايتا ھاسىل بولغان گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ مەھسۇلى. ئىنساننىڭ پۈتۈن پائالىيىتى گۈزەللىك تۇيغۇسىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىگە ھامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. گۈزەللىكنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش بارلىق مىللەتكە ئورتاق ھالەت. ئەمما، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئاپىرىدە بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى ۋە ياسىنىش ئادەتلىرىدىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت. بىز كروران گۈزىلىگە ئوخشاش قەدىمكى ئانىلىرىمىزنىڭ ياسىنىش، كىيىنىش ئادەتلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە، ئېتنىك مىللىي پۇراققا ئىگە ئەنئەنىلىرىنىڭ ناھايىتى قەدىمدىن مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالايمىز.
/ q- u# j! r5 n& h9 h- rيەنە، ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يادىكارلىقلىرىدىن بولغان "ئوغۇزنامە" ئېپوسىدا ئاسماندىن چۈشكەن كۆك نۇردىن تۆرەلگەن قىزنىڭ تەسۋىرى مۇنداق بېرىلگەن :"ئۇ بەكمۇ چىرايلىق بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىن كۆكرەك، چېچى خۇددى دەريا سۈيىدەك، چىشلىرى ئۈنچىدەك ئىدى. ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى، كىشىلەر ئۇنى كۆرسە ئاھ، دەپلا قالاتتى". يۇقىرىقى بايانلار بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمكى نازاكەتلىك، ساھىبجامال ئانىلىرىمىزنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن ئەڭ قەدىمكى يازما يادىكارلىق نەمۇنىلىرىدىن بىرى.
: G( M; P* [8 W* l- jقىز - ئاياللار ئوبرازىنىڭ شۇنچىلىك ساھىبجامال تەسۋىرلىنىشى ئەينى ۋاقىتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىنىڭ خېلىلا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى، يەنى ئىلگىرى گۈزەللىكنى تەبىئەتتىن ئىزدىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە گۈزەللىكنى ئۆزلىرىدىن، بولۇپمۇ ئاياللاردىن تېپىشقا باشلىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. تارىختىن بۇيان نازاكەتلىك، ساھىبجامال ئانىلىرىمىز، جۈملىدىن ئۇيغۇر قىز - چوكانلىرى ياسىنىشقا، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە گۈزەللىككە ئېتىبارسىز قاراش -ھاياتىنى مەڭگۈ خورلۇق ۋە نومۇس ياشلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈش، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىبارسىز نەرسىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشقا سەۋەبچى بولىدۇ، دەپ قارىغان. (دىلئارا ئابلىمىت "ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادەتلىرى"،"شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى"، ئۇيغۇرچە، 2001 - يىللىق 1 - سان)  .ساھىبجامال ئانىلىرىمىز بولغان قەدىمكى زامان ئاياللىرى گۈزەللىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇلار كىيىم - كېچەك، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىغا ئېتىبار بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە ھۆسن تۈزەش جەھەتتىمۇ مىللىي ئۆزگىچىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار گۈزەللىك يارىتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا سۈنئىي پەرداز ئادەتلىرىدىن پەرقلىق بولغان تەبىئىي پەرداز ئادەتلىرى ۋە بۇيۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ بۇيۇملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن بولۇپ، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تۈرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.1 O6 o$ p9 q" i3 t# F; \9 d: L

$ L+ a$ B6 t% t' t9 D, n) ^2. قەدىمكى ئانىلىرىمىزدا ئىپتىدائىي گىرىم ئادىتى
1 s8 @3 b1 e" B0 y  A5 H# l, I; v
8 y9 |- [+ a: ]4 I& x" tقەدىمكى ئانىلىرىمىزدىكى گىرىم قىلىش ئادىتى ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ جەمئىيەتتىكى ئىپتىدائىي ئېستېتىك قارىشى ۋە گۈزەللىك قارىشى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانىدا ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر سۈيىدىن ۋە مىنېرال كان مەھسۇلاتلىرىدىن ھەرخىل بوياق ۋە رەڭ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھەرخىل بوياق ياساپ يۈزىگە گىرىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئۆسۈپ بېرىشى، ھەرخىل بوياق (گىرىم) ماتېرىياللىرىنىڭ بايقىلىشى ھەم ئەمەلىي تۇرمۇشىدا سىناق قىلىنىشى مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كېرەك.8 E2 k/ _. I6 [8 m" w" y
ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئوۋچىلىق ئەمگىكى جەريانىدا، ھايۋانلار يارىلانسا قان ئاقىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ قان ئېقىپ ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئادەملەرنىڭمۇ ياۋايى ھايۋانلار چىشلىۋالسا قېنى ئېقىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ھايات ۋاقتىدا كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ساغلام كىشىلەرنىڭ مەڭزى ۋە بەدىنىدە بىر خىل قىزىل رەڭگى جۇلالىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆلۈپ كەتكەندە سۇسلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.( B  ]. z6 c& ?: J' R% {# `
"ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئەجدادلىرى نەزىرىدە قىزىل رەڭ ھاياتلىقنىڭ بىر خىل ئابستراكت ئومۇمىيلىققا ئىگە مەنىدىكى سىمۋولى ۋە ئىسسىقلىقنىڭ، يورۇقلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان". ( سەنئەت ھوشۇر:"ئېستېتىكا ئاساسلىرى ئوقۇشلۇقى"، 128 -، 400 - بەتلەرگە قاراڭ)  "تۇز، تۈرلۈك مەدەنلەر، قىزىل سېغىز، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار خىسلەتلىك ھېسابلىنىپ ئالاھىدە قەدىرلەنگەن"( ئابدۇقەييۇم خوجا :"غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت"، 79 - 80 - بەتلەرگە قاراڭ). شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ ئۈستىۋېشىغا ۋە ئەتراپىغا قىزىل رەڭلىك تۆمۈر، مەدەن ئۇۋىندىلىرىنى چېچىش ئارقىلىق ئۆلگۈچىگە ھاياتىي كۈچ، قان، ئىسسىقلىق ئاتا قىلىشنى تىلىگەن، ئارزۇ قىلغان." ( سەنئەت ھوشۇر :"ئېستېتىكا ئاساسلىرى ئوقۇشلۇقى"، 128 -، 400 - بەتلەرگە قاراڭ) ."شىمالىي ئالتاي رايونى (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدە) دىن تېپىلغان قەدىمكى قەبرىلەردە جەسەتلەر قىزىل توپىغا مىلەپ كۆمۈلگەن. بۇنىڭدىن قىزىل تۇپراقنىڭ ھايات ۋە قاننىڭ سېيماسى قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا جەسەتنى چىرىشتىن ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چەرچەن ناھىيىسىدىكى زاغۇنلۇق كەنتىگە جايلاشقان )قەبرىگە دەپنە قىلىنغان جەسەتنىڭ بۇنىڭدىن 3800 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە توغرا كېلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن)قەدىمكى قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغان جەسەتلەرنىڭ يۈزىگە بىر خىل تەبىئىي قىزغۇچ مىنېرال بوياقتا گىرىم قىلىنغان. بۇ ئەھۋالمۇ يۇقىرىدىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن."  (ئابدۇقەييۇم خوجا :"غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت"، 79 - 80 - بەتلەرگە قاراڭ)! C0 y/ n  y8 G# J8 l
  دېمەك، ئىپتىدائىي ئەجدادلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى گۈزەللىك تۇيغۇسى قىزىل رەڭ بولغان. شۇڭا ئۇلار ئوۋچىلىق جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن(يارىلانغان) ھايۋانلارنىڭ قېنىنى يۈزلىرىگە ۋە بەدەنلىرىگە سۈرۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىنى ۋە گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان."  (مۇبارەك ئاۋۇت :"قەدىمكى غەربىي يۇرت ئاياللىرىنىڭ گىرىم سەنئىتى" "شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى"، ئۇيغۇرچە، 2000 - يىل 3 - سام، 53 - 61 - بەتلەرگە قاراڭ)  
3 ?; c% y  O* B3 ^$ r% J1 iدىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمكى ئەجدادلار ئەينى دەۋرلەردە ئاساسلىق 7 خىل رەڭنى يەنى يۇلغۇن چېچىكى، گۈلسۇرۇخ، لەيلىگۈل، زاراڭزا چېچىكى، ياڭاق پوستى، ئانار پوستى، گېل (زاك)، كۆكتاش، قىزىل تۆمۈر رۇدىسى، بورتوپىسى، سېغىز توپا قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" دىمۇ يەتتە خىل ئاساسلىق رەڭنىڭ نامى ئىزاھلانغان. كېيىنچە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئېھتىياج تەقەززاسى ۋە گۈزەللىك ئىستەكلىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، رەڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلىپ، كۆرۈك چېچىكى (يۇلغۇن تىپىدىكى بىر خىل چاتقال بولۇپ، گۈلى پورەڭ ئېچىلىدۇ)، تۇخۇمەك گۈلى، ئىنەك پىتى (ئابدىمىلىك)، قارىقات، ئالقات، ئاق يانتاق ئۇرۇقى، ئازغان ئۇرۇقى، پىياز پوستى، ئاق تېرەك پورى(جىگەررەڭ)، قارىغاي يىلىمى، ھەشقىپىچەك، نۆشۆدۇر(سىنك خىلورىد)، مىتوسىن (قوغۇشۇن ئوكسىد، ئاق رەڭلىك)، قارا ئۈجمە، شاتۇت(ئۈجمىنىڭ بىر خىلى)، قۇرۇم (ئاساسلىق تەركىبى كاربون) قاتارلىقلارنى ئۆزئارا تەڭشەپ، ھەرخىل رەڭلەرنى تەييارلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەجدادلار قارىغاي يىلىمى بىلەن ئانار شۆپىكىنىڭ ئېرىتمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بوياق ياسىغان. كۆكتاشنى يانجىپ ئېرىتىپ، ئۇنى ياڭاق پوستى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ، سۇس ھەم يارقىن بولغان كۆك رەڭنى ئىجاد قىلغان، ئۇلار بۇ خىل رەڭلەرنى تېرىسىگە سۈرتۈپ، ھەر خىل بويىغان( ئىسمائىل تۆمۈر :"ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى"، 318 - 319 - بەتلەرگە قاراڭ). يۈزلىرىگە ۋە كالپۇكلىرىغىمۇ چىرايلىق، يارىشىملىق رەڭلەر بىلەن گىرىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن./ p! x/ Y3 b6 h$ l/ I  y
قەدىمكى ئانىلىرىمىز مەڭزى، كالپۇكلىرىغا ھەرخىل يارىشىملىق سۈرمىلەر سۈرۈپ گىرىم قىلىشتىن باشقا قاش، كىرپىكلىرىنى پەردازلاپ گۈزەللەشتۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ قەدىمكى ئېتنىك ئادەت ئانىلىرىمىز ۋە قىز - چوكانلىرىمىز تۇرمۇشىدا ئەنئەنە بولۇپ ساقلىنىپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. مەسىلەن:يۈز ئېلىش - بۇ يۈز ئېچىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ چىراي گۈزەللىكى بويىچە قىلىنىدىغان بىر خىل پەرداز، بۇنىڭدا موچىن ۋە مەشۇت يىپتا يۈز، قاپاق ۋە پېشانىدىكى يۇمران تۈكلەرنى ئېلىپ يۈز - كۆزنى كۆركەملەشتۈرىدۇ.ئارخېئولوگىيىلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، كروران گۈزىلىگە ئوخشاش گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچى ۋە گۈزەللىك ياراتقۇچى لاتاپەتلىك، ساھىبجامال ئانىلىرىمىز مىس قوراللار دەۋرىدىلا (دىيارىمىزنىڭ مىس قوراللار دەۋرى مىلادىيىدىن ئىلگىرى 2000 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدىن باشلانغان) مىستىن ياسالغان موچىنلارنى ئىشلىتىپ يۈز ئېلىشقا ئادەتلەنگەن. قەدىمكى ئانىلىرىمىز ئىشلەتكەن ۋە ئۇ ئالەمگە بارغاندا داۋاملىق ئىشلىتىپ مەڭگۈ گۈزەل تۇرسۇن، دېگەن قاراشقا ئاساسەن جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن موچىنلار دىيارىمىزدىكى ئىپتىدائىي قەبرە - يادىكارلىقلاردىن داۋاملىق تېپىلماقتا.مەسىلەن، 1999 - يىلى ئارخېئولوگلار لوپنۇردىكى يىڭپەن قەدىمكى قەبرىستانلىقىنى قازغاندا، قەدىمكى ئانىلىرىمىز يۈز ئېلىشقا ئىشلەتكەن موچىنلارنىمۇ تاپقان، ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
2 p$ k* P$ r. y/ A3 p! E1( موچىن 1 دانە، نومۇرى M22:14:22، ئۇزۇنچاق شەكىللىك بولۇپ، ئىككى ئۇچى كۈرەك شەكىللىك كەلگەن بىر تال مىسنى ئوتتۇرىدىن ئېگىش ئارقىلىق ياسالغان. ئۇنىڭ پەقەت تۆۋەندىكى يېرىمىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قالدۇق ئۇزۇنلۇقى 6.1 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 0.35~ 0.6سانتىمېتىر، قېلىنلىقى، 0.1~ 15 سانتىمېتىر (دىلئارا ئابلىمىتنىڭ "ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادەتلىرى" "شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى"، ئۇيغۇرچە، 2001 - يىل 1 - سانىدا( ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى)  .2 موچىن 1 دانە، نومۇرى M 7:3. ئۇ ئۇزۇنچاق شەكىللىك بولۇپ، ئىككى ئۇچى كۈرەك شەكىللىك كەلگەن بىر تال مىسنى ئوتتۇرىدىن ئېگىش ئارقىلىق ياسالغان، ئىككى بىسى بىر - بىرىگە ئۇدۇل بولۇپ، قىسىشقا قۇلايلىق. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دەنە چەمبىرەك سېلىنغان بولۇپ، ئۇنى يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرگىلى، بۇنىڭ بىلەن موچىننى ئىختىيارىي ئېچىپ - يېپىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ دەستىسىنىڭ قۇيرۇقىدىكى تۆشۈكچىگە بىر چوڭ ھالقا كىرگۈزۈلگەن. موچىننىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9 سانتىمېتىر،كەڭلىكى 4.0 ~ 51.1 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 5.3 ~ 7.0 سانتىمېتىر، تۆشۈكچىسىنىڭ دىئامېتىرى 41 سانتىمېتىر كېلىدۇ.يەنە ھەر خىل يېمەكلىكلەر بىلەن يۈز تېرىسىنى ئاسراپ كەلگەن. مەسىلەن، ئالما، ھەسەل، خام قايماق قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئارقىلىق يۈز تېرىلىرىگە قورۇق چۈشۈشنىڭ، يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈز تېرىسىنى ئاقارتىش، سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.كۆز پەردازى-كونىلاردا "كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى" دېگەن ماقال بار. ئۇيغۇر ئاياللىرى كۆزلىرىنى نۇرلۇق ھەم يوغان كۆرسىتىش ئۈچۈن قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا سۈرمە ئىشلەتكەن. سۈرمىنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش رولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغىمۇ ئىگە.) S; L9 J; p6 B/ Z/ R# M, }
لەۋ پەردازى -  قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئاياللىرى تۈرلۈك قىزىل گۈللەردىن لەۋ گىرىم بۇيۇملىرى ياساپ، لەۋلىرىگە گىرىم قىلىپ كەلگەن، ئۇلار لەۋ گىرىمىنى "ئەڭلىك" دەپ ئاتىغان.8 ?7 I+ h. P. v0 R  v
قول پەردازى - قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە قىز - چوكانلىرى قول گۈزەللىكىگە ئەزەلدىنلا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇلار يازلىقى خېنە تېرىپ، ئۆسكەندىن كېيىن سوقۇپ، ئازراق زەمچە ئارىلاشتۇرۇپ قولىغا، تىرناقلىرىغا قويىدۇ. قول قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كىرىپ، خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئۆچمەيدۇ. خېنىنىڭ قولنى چىرايلىق قىلىشتىن سىرت، يەنە ئالىقان قىزىش، تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار
5 {; C4 z/ v) g" P0 rدىلئارا ئابلىمىتنىڭ "ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادەتلىرى" ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى"، ئۇيغۇرچە، 2001 - يىل 1 - سانىدا)ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى  .پۇراقلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئىشلىتىش - ئۇيغۇر ئاياللىرى پۇراقلىق ئۆسۈملۈكلەرگە ئامراق بولۇپ، ئۇلار ئىپار، ئەمبەر، سەندەل قاتارلىق پۇراقلىق ئۆسۈملۈكلەرنى يېنىدىن ئايرىمىغان. بۇ ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى خۇش پۇراق بولۇپ، ھازىرقى ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە ئەتىرلەرنىڭ رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ پۇراقلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاشارات، قۇرتلارنىڭ چېقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار. دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، قىز - چوكانلىرىنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى ئۇلارنىڭ يالغۇز گۈزەللىك ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ساغلاملىق ئېھتىياجى ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك خىزمەت قىلغان. قەدىمكى ئانىلىرىمىزنىڭ يۇقىرىقىدەك گىرىم قىلىش، قاش - كۆزلىرنى پەردازلارش ئادەتلىرى دىيارىمىزدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان جەسەتلەردە ئىسپاتلاندى. بۇ ئېتنىك ئەنئەنە ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇرمۇشىدا ھېلىھەم داۋام ئەتمەكتە.' N) L9 s! k/ o% y( \# q4 e! @; Y6 X
% Q* B* k, C8 ^. o/ a! C
3. قەدىمكى ئانىلىرىمىزدا بەدەنگە گۈل چېكىش (سىزىش) ئادىتى9 P3 Q8 }8 P. Y' g( P; q* A
2 w7 f; d. g$ t+ b' v& ^4 d
بەدەنگە گۈل چېكىش - ئەينى زاماندىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر خىل ئېستېتىك ئېڭى، گۈزەللىك قارىشى، بەدىنىنى ھەرخىل گۈل - نۇسخىلار بىلەن پەردازلىشى بولۇپ، دىيارىمىزدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان جەسەتلەرگە قارىغاندا بۇنداق ئېتنىك ئادەتنىڭ خېلى قەدىمدىلا ئەجدادلار تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. "ئىپتىدائىي ئادەملەر ھايۋانلار سۈرىتىنى توتېم سۈپىتىدە بەدەنلىرىگە چېكەتتى، بۇ بىر خىل توتېمغا چوقۇنۇش ئىدى. ئۆردەكنى توتېم قىلىدىغان قەبىلىلەردە ياشلار مۇراسىمغا قاتناشقاندا چوقۇندۇرغۇچىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ئۆردەك شەكلىنى، كۆز ئەتراپىغا چەمبەر، قېشىغا سىزىق سىزىپ قوياتتى. گۈل چېكىش تاش ۋە قۇلۇلە قېپى بىلەن تېرىنى تىلىش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تېرىدە قارا رەڭنىڭ قېنىق رەڭلىك قاپارتما ئىزلىرى قالاتتى"  (سەنئەت ھوشۇر :"ئېستېتىكا ئاساسلىرى ئوقۇشلۇقى"، 128 - 400 - بەتلەرگە قاراڭ) .ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ بەدەن بېزىكى مۇقىم ۋە ئۆزگىرىشچان بېزەك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. مۇقىم بېزەكلەر - بەدەنگە گۈل چېكىش، بۇرنىنى تېشىش، كالپۇكنى يېرىش، قۇلاقنى تېشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆزگىرىشچان بېزەك بولسا پۆپۈك ئېسىش، ھالقا سېلىش، لېنتا چېگىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدەننى بوياش، گۈل چېكىش، ماي، ئۆسۈملۈك سۇيۇقلۇقى ۋە لاينى بەدەنگە سۈرۈش ئارقىلىق ھاشارات ۋە پاشىدىن مۇداپىئەلىنەتتى ۋە تېرىسىنى پاكلايتتى."②  U3 D  p6 H+ U. Q1 F) a
"بىز ئىپتىدائىي ئادەملەر تۇرمۇشىدا تۈرلۈك زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى يەنى مونچاقلار، سىرغىلار ئېسىلغانلىقىنى، ئۈزۈكلەر تاقالغانلىقىنى، ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ بەدىنىنى يۇمشاق رەڭدار توپىدا جۇلالاندۇرغانلىقىنى، ھەرخىل ئۆسۈملۈك بوياقلىرىدا يۈز، قول، پۇتىغا، كۆكرەكلىرىگە نەقىش چېكىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئىپتىدائىي توتېم مۇراسىملىرى مۇنداق ياسىنىش ۋە بېزەك سېلىشنىڭ ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىدە ھەرخىل، ئەمما تولىمۇ باي، رەڭدار بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئازادە كىيىندۈرىدىغان، بەدىنىنى قىزىل گۈل بىلەن بويايدىغان، قاش، كۆزىگە رەڭ بېرىدىغان ھالەتتە ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى قەبرىلىرىدە كۆپلەپ تېپىلدى. شىنجاڭنىڭ لوپنۇر، ئالتاي، قۇمۇل، ئۈرۈمچى ۋە ئالغۇي كونا قەبرىلىرىدىكى جەسەتلەرنىڭ تارغاق، مىس ئەينەك، مارجان، چاچ خالتىسى،باغىرداق بىلەن دەپنە قىلىنغانلىقى، بەدەنلىرىنىڭ قىزىل بويىلىپ، قىزىل توپىغا كۆمۈلگەنلىكى بۇ خەلقلەر تۇرمۇش ئىستېتىكىسى تارىخىدىن بىزگە ئۇچۇر يەتكۈزدى." (*2ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن :"قاتلاملىق ئېستېتىكا"، 554 - بەتكە قاراڭ )
# _% C" V8 g3 r- l  q- ]. X"يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئارخېئولوگلىرى چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇنقى ئەر - ئايال قۇرۇق جەسەتلەرنى تاپتى. 2M قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ئايال جەسىتىنىڭ يۈزى سوزۇنچاق، بۇرنى قاڭشارلىق، كۆزلىرى يوغان، چاچلىرى قوڭۇر (ئاقارغان)، قۇلىقىنىڭ تۆشۈكىگە قىزىل يۇڭ يىپ ئۆتكۈزۈلگەن، پېشانە، چېكە، مەڭزىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆز، بۇرۇن ئۈستىدىن تاكى ئېڭەكلىرىگىچە سېرىق رەڭلىك بىر خىل مىنېرال بوياقتا ئۆزگىچە گۈللۈك شەكىل چىقىرىپ گىرىم قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە يۆگىمەچ شەكىل ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن. ئېڭىكى زىچ توقۇلغان قىزىل يۇڭ شوينا بىلەن باغلانغان. ئاخىرەتلىك گىرىم بۇيۇملىرى ئىچىدە ياغاچ، مۈڭگۈزدىن ياسالغان ئىككى تال تارغاق ۋە قاش قەلەم تېپىلغان. ئەر جەسەتنىڭ پېشانە ۋە ئىككى چېكىسى، مەڭزىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆز، بۇرۇن ئۈستىنى بويلاپ تاكى ئېڭەك ئاستىغىچە سېرىق رەڭلىك بىر خىل مىنېرال بوياقتا نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش شەكلى ۋە قوچقارنىڭ يۆگىمەچ مۈڭگۈزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىل ئالاھىدە گەۋدىلىك قىلىپ سىزىلغان. يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىزگە بەدەنگە گۈل سىزىش (چېكىش)نىڭ قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز بەدىنىنى زىننەتلەش ۋە گۈزەللەشتۈرۈشتە قوللانغان شەكىل ۋاسىتىلىرى ئىكەنلىكى، ئۇ يالغۇز ئەڭ بۇرۇنقى بېزەك - پەرداز مەزمۇنىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مول مەزمۇنلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك مەنىسىگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىلىرىگە دەپنە قىلىنغان ئەر - ئاياللاردىن ئۆرۈمە چاچ قويۇش بىلەن بەدىنىگە گۈل سىزىشنىڭ ئۆز زامانىسىدا تەڭ قوللىنىلغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇ خىل بېزىنىشلەرنىڭ شەكىل، مەزمۇن ئالاھىدىلىكلىرى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىدى." ("شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى"، ئۇيغۇرچە، 1997 - يىل 3 - 4 )- قوشما سان 56 - بەتكە قاراڭ  ., v: T2 t0 E2 M, _5 I7 s' }  I
يۇقىرىقى ئىككى جەسەتنىڭ يۈزىگە قىلىنغان گىرىملار ئىنتايىن ئوبرازلىق ۋە چىرايلىق بولۇپ، ئايالنىڭ يۈزىگە سىزىلغان گۈل - چېچەك نۇسخىلىرى ئەينى دەۋر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىككە، بولۇپمۇ گۈل - چېچەكلەرگە بولغان ھەۋىسىنىڭ بەكمۇ يۇقىرىلىقىنى ئىپادىلىسە، ئەرنىڭ يۈزىدىكى نۇر چېچىۋاتقان قۇياش شەكلى ئۇلارنىڭ قەبىلىسىنىڭ قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى، قوچقار مۈڭگۈزى بولسا ئەرنىڭ باتۇرلۇقى، ۋە كۈچلۈكلۈكىنى ئىپادىلىگەن. ئېتنوگرافىيە، مىللەتشۇناسلىق، قەدىمكى ئۆرپ - ئادەتلەرگە دائىر تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا بەدەنگە گۈل چېكىش ۋە سىزىشنىڭ يەنە بىر خىل مۇھىم مەنىسى بارلىقى قەيت قىلىنغان. مەسىلەن، تۇڭگۇس ئوۋچىلىرى ئىچىدە ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ بەدەنلىرىگە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس گۈل - چېچەكلەرنى سىزىدىغان ئادىتى بار ئىكەن. ئۇلار يۈز ۋە بەدەنلىرىگە سىزىلغان ئەنە شۇ شەكىللەرگە قاراپ قارشى تەرەپنى(ياكى دۈشمەن تەرەپنى) ئېنىق ئايرىپ زەربە بېرىدىكەن. شۇڭا، ئالىملار بەدەنگە گۈل چېكىش ۋە سىزىشنى مىللەت ياكى قەبىلىنىڭ بەلگە - ئالامەتلىرى، بىر توپ بىلەن يەنە بىر توپنىڭ شەرتلىك بەلگىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. (شىنجاڭ مەدەنىيىتى"، ئۇيغۇرچە، 1998-يىل 5 - 6 - قوشما سان، 11 - 13 - بەتلەرگە قاراڭ) , K- _+ O3 F- s7 q9 L( T
مەسىلەن، ئالتايدىكى بازىرىق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن ئېلىنغان جەسەتنىڭ ئوڭ پۇتى، ئىككى بىلىكى، مۈرىسى ۋە مەيدىسىگە ھەرخىل ھايۋان بىلەن گۈل - گىياھلار چېكىلگەن بولسا، زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان جەسەتنىڭ پېشانىسى، مەڭزى ۋە بوينىغا ھەرخىل بەلگە - ئالامەتلەر سىزىلغان. مۇنداق بەدىنىگە گۈل چېكىلگەن جەسەتلەر يەنە كاپكازدىكى داغىستاندىن تېپىلغان ئەر - ئايالنىڭ يۈزى، پېشانىسى ۋە بويۇنلىرىغىچە سىزىلغان.دېمەك، بەدەنگە گۈل چېكىش، يۈزىگە بوياق بىلەن ھەرخىل شەكىللەرنى سىزىش، بەدەنگە پەرداز قىلىش ئادەتلىرى ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان ئېتنىك ئەنئەنە بولۇپ، ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. ( مۇبارەك ئاۋۇت :"قەدىمكى غەربىي يۇرت ئاياللىرىنىڭ گىرىم سەنئىتى"، "شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى"، ئۇيغۇرچە، 2000 - يىل 3 - سان، 53 - 61 - بەتلەرگە قاراڭ)  .7 I: ?* f2 ~8 p

' A7 A+ z# w0 b( q, _" o& P& G4. قەدىمكى ئانىلىرىمىزدا ھەرخىل چاچ قويۇش ئادەتلىرى
! v7 y6 @9 C; s9 v
# X4 j& T/ m& i* t4 n7 bچاچ قويۇش - چاچنى ھەرخىل شەكىل ۋە ئۇزۇن، قىسقا قىلىپ ياساش، چاچقا ھەرخىل ئۆسۈملۈك مېيى ۋە مەلھەملەرنى چېپىپ پارقىرىتىش قەدىمكى ئانىلىرىمىز ۋە قىز - چوكانلىرىمىزدا ئۇزۇندىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنە ۋە گۈزەللىك ئۆلچىمى بولۇپ كەلگەن. شۇنداقلا ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆز چاچلىرىنىڭ ئۇزۇن - توملۇقى، قارىلىقى بىلەن ئالاھىدە پەخىرلىنىدىغان غۇرۇرى ھېسابلانغان. شۇڭا، يارىشىملىق سۇمبۇل چاچ قەدىمكى ئانىلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك سىمۋولى، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل، سۇمباتلىق كۆرسىتىدىغان پەخرىي - غۇرۇرى بولۇپ كەلگەن." @% T0 C5 m: L5 l* L: U
ھازىرغىچە دىيارىمىزدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن تېپىلغان چاچ شەكلىدىن قارىغاندا، قەدىمكى ئانىلىرىمىز ئەڭ دەسلەپتە چاچلىرىنى ناھايىتى ئۇزۇن قويۇۋېتىشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تارغاق بىلەن تاراپ ھەرخىل شەكىللەرگەكەلتۈرگەن. كېيىن يەنە چاچلىرىنى ئۆرۈپ، ئۇزۇن قويۇۋېتىدىغان بولغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆرۈمە چاچ قويغان دەۋرى خېلى ئۇزۇن بىر تارىخىي دەۋرلەرگىچە داۋام ئەتكەن. مىلادىيىدىن كېيىن بۇددىزم ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەندە، چاچنى كېسىدىغان، ھەر خىل شەكىللەردە بانتىلايدىغان، چىرايلىق قىرقىم چاچ قويىدىغان، چاچلىرىنى بويايدىغان، ھەتتا بۈدۈر قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن. ئىسلامىيەتتىن كېيىن يەنە ئىلگىرىكىدەكلا چاچلىرىنى بىر قانچە تال قىلىپ ئۆرۈيدىغان كونا ئادىتىگە قايتىپ كەلگەن. مۇنداق ئۆرۈمە چاچ قويۇش ئادىتىگە دائىر يادىكارلىقلار خوتەن، لوپنۇر، تۇرپان ۋە قۇمۇللاردىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان جەسەتلەردە ناھايىتى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن، 1979 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى لوپنۇر رايۇنىدىكى كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن قەدىمكى قەبرىستانلىقنى قېزىپ، يۇرتىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيىتىگە دائىر قىممەتلىك مول ماتېرىياللارنى تېپىپ چىقتى. ئالاھىدە بولغىنى شۇكى، بۇقەبرىستانلىقتىن بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇن دەپنە قىلىنغان جەسەت (كروران گۈزىلى)نىڭ ئېڭىكى سەل ئۇچلۇق، كۆزلىرى يوغان ۋە چوڭقۇر، قاش - كىرپىكلىرى ئۇزۇن ۋە قويۇق، بۇرنى قاڭشارلىق ۋە ئىنچىكە، كالپۇكى نېپىز، چاچلىرى سۇس قوڭۇر بولۇپ، مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ. جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن بەش تال ياغاچ قونچاق، بىر تال تاش قونچاق تېپىلدى. "بۇ قونچاقلارنىڭ باشلىرىغا ئۇچلۇق قالپاقلار كىيدۈرۈلگەن، چاچلىرى قىسقا ئۆرۈمە چاچ بولۇپ، مۈرىلىرىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ .
" g# g; n5 T$ y. p4 {2 v*2 ۋاڭ بىڭخۇا :"كۆنچى دەريا بويىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقنىڭ قېزىلىشى ۋە دەسلەپكى تەتقىقات"، ش (ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى "تۇنجى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى"، خەنزۇچە، 233 - بەتكە قاراڭ) 1976 -، 1977 -يىللىرى يەنە ئارخېئولوگلىرىمىز تەرىپىدىن ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن كان رايونىدىكى ئالغۇي جىلغىسىدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى قەبرىلەردىن تېپىلغان "بەزى جەسەتلەرنىڭ چېچى ئۇزۇن ئۆرۈلگەن، بەزىلىرىنىڭ چېچىغا تور شەكىللىكقاپ(چاچلىق )تارتىپ قويۇلغان"( ئابدۇقەييۇم خوجا :"يۇرتىمىز ئىپتىدائىي جەمئىيەت ئارخېئولوگىيىسىدىن ئومۇمى بايان"، ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى"، 1978 - يىل 2 - سانىغا قاراڭ )
; U( _3 Y5 }8 F- ? ئارخېئولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەبرىلەردىن تېپىلغان "ئالتۇندىن ياسالغان ئالاھىدە قىممەتلىك زىبۇ زىننەت بۇيۇملارنىڭ بەزىلىرى ئىچكى موڭغۇلىيىدىكى قەدىمكى ھون ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ئالتۇن بۇيۇملارغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن"③. 1959 - يىلىدىن 1997 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نىيە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن نىسبەتەن ياخشىراق ساقلانغان 20 دانە قۇرۇق جەسەت تېپىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چاچلىرى ھەرخىل شەكىللەردە بولغان. بەزىلىرى ھازىرقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ شەكلىگە ئوخشىشىدۇ. 1985 - يىلى ئارخېئولوگلىرىمىز يەنە چەرچەن ناھىيىسىنىڭ زاغۇنلۇق يېزىسىدىن قېزىۋالغان قەدىمكى قەبرىستانلىقتىنمۇ يۇقىرىدا مەلۇم بولغان ئۆرپ - ئادەت ئەنئەنىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى تېپىپ چىقتى. زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان بۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقتىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق قەبرىگە(M2)تۆت جەسەت  دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئەر، قالغانلىرى ئايال ئىكەن. مۇشۇ ئەرنىڭ جەسىتى بىلەن بىر ئايالنىڭ جەسىتى ئۆز ئەينى ساقلانغان بولۇپ، تەبىئىي مومىياغا ئايلانغان. ئەر جەسەتنىڭ چاچ - ساقاللىرى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، يېرىم ئاقارغان، چاچ ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈلگەن، ئۇزۇنلۇقى 3.0 مېتىر، چاچنىڭ ئۇچى تەرىپىدىن 0.51مېتىر ئارىلىقىغا قىزىل يۇڭ يىپ قوشۇپ ئۆرۈلگەن، چاچنىڭ توملۇقى 5 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئايال جەسەتنىڭ چېچى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن.  (ئابدۇقەييۇم خوجا :" يۇرتىمىز ئىپتىدائىي جەمئىيەت ئارخېئولوگىيىسىدىن ئومۇمى بايان"، "شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى"، 1978 - يىل 2 - سانىغا قاراڭ)  .
1 w( p1 i- T$ a4 c: H/ ~+ D5 P ئارخېئولوگلار زاغۇنلۇقتىكى بۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ "ئۇنىڭ كۆنچى دەرياسى ساھىلىدىن تېپىلغان مەدەنىيەتنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى" مۇئەييەنلەشتۈرگەن. قۇمۇلدىن تېپىلغان ۋە دەۋرى بۇنىڭدىن 3200يىل بۇرۇن دەپ بېكىتىلگەن قارا دۆۋە قەبرىستانلىقىدىكى ئەھۋاللار تېخىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن تېپىلغان ئاخىرەتلىك بۇيۇملار كۆنچى دەرياسى ساھىلىدىن تېپىلغان قەدىمكى قەبرىستانلىقتىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ قەبرىستانلىقتىن چىققان جەسەتلەرنىڭ "بەلگىچە چۈشىدىغان ئۆرۈمە چاچلىرىبولغان" ئەخمەت رېشىت، دولقۇن قەمبىرى :"تارىم ئارخېئولوگىيىسىدىكى بىر قېتىملىق زور تېپىلىش"،  (شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژورنىلى"، 1986 - يىل 1 - سان 5 - بەتكە قاراڭ).يەنە نىيە ناھىيىسىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان 2000 - يىللار ئىلگىرىكى ئايال جەسەتنىڭ چېچى ئالتە تال قىلىپ تال - تال ئۆرۈلگەن. دېمەك، بۇ ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار قەدىمكى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر(回)لاردىكى ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ قويۇش ئادىتىنىڭ قەدىمدىن تارىم ۋە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە ئېتنىكداشلىق قاتارلىق جەھەتلىرىدىمۇ ئورتاقلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىزگە ئۆرۈمە چاچ قويۇشنىڭ قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەجدادلارنىڭ ئۆز بەدىنىنى زىننەتلەش ۋە گۈزەللەشتۈرۈشتە قوللانغان شەكىل - ۋاسىتىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇ يالغۇز ئەڭ بۇرۇنقى بېزەك - پەرداز مەزمۇنىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مول مەزمۇنلۇق مەنىۋى مەدەنىيەت مەنىسىگىمۇ ئىگە (كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكنى سۆيگەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى)ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىلىرىگە دەپنە قىلىنغان ئەر - ئاياللارنىڭ ئۆرۈمە چاچ قويۇش بىلەن بىللە يۈزىگە بوياق بىلەن ھەر خىل شەكىللەرنى سىزغانلىقى، ئۆرۈمە چاچ قويۇش بىلەن بەدەنگە گۈل سىزىشنىڭ ئۆز زامانىسىدا تەڭ قوللىنىلغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇ خىل بېزىنىشلەرنىڭ شەكىل، مەزمۇن ئالاھىدىلىكلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلىدى.يىراق قەدىمكى زامانلاردا مەيلى ئەر ياكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۆرۈمە چاچ قويغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، قۇمۇل رايونىدىكى قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان ئايال مېيىت ( بۇنىڭدىن 3200 يىل بۇرۇنقى) نىڭ قوش ئۆرۈمە چاچلىرى، پىچان ناھىيىسىنىڭ سۇ بېشى دېگەن يېرىدىكى قەدىمكى قەبرىلەرگە  ( 2  - نومۇرلۇق قەبرە)دەپنە قىلىنغان ئايالنىڭ قوش ئۆرۈمە چاچلىرى يۆگەلگەندىن كېيىن مەخسۇس ياسالغان چاچ تورىغا تىقىلغان. 1983 - يىلى لوپ ناھىيىسىنىڭ سامپۇل يېزىسىدىكى قەدىمكى قەبرىلەر قېزىپ تەكشۈرۈلگەندە، مېيىتلارنىڭ ھەرخىل چاچ پاسونلىرى ئېنىقلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ئۆرۈمە، تال ئۆرۈمە، قوش ئۆرۈمە، ئەشمە چاچ ۋە ياسالما ئۆرۈمە چاچلار بار. ئەڭ كۆپلىرى 16 تال بولۇپ، تاق ئۆرۈمە چاچلارنى ئۈچ ئېشىم چاچلارنى بىرىكتۈرۈپ بىر قىلىپ ئۆرۈگەن. بۇنىڭدىن باشقا ياسالما (سالغان)چاچلار ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچى خىلى ئۈچ تۇتام چاچنى بىرىكتۈرۈپ بىر قىلىپ ئۆرۈگەندىن كېيىن ئاشۇ خىل ئۈچ دانە ئۆرۈمە چاچنى يەنە بىرىكتۈرۈپ بىر يۈرۈش قىلىپ ئۆرۈگەن. ئىككىنچى خىلى ئالتە تۇتام چاچنى بىرىكتۈرۈپ بىر يۈرۈش قىلىپ ئۆرۈگەن ( "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژورنىلى، 1998 - يىل 5 - 6 - قوشما سان، 11 - 12 - بەتتىن ئېلىندى)  .ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ نويان تاغلىرى ئەتراپىدىن قېزىلغان ھونلارغا ئائىت قەبرىلەردىن 17 تال يۇڭ شوينىنى قوشۇپ ئۆرىگەن چاچ تېپىلغان )"  北方文物 "   ژورنىلىنىڭ 1996 - يىل 4 - سان 66 - بېتىگە قاراڭ).ئارخېئولوگىيىلىك، ئېتنوگرافىيىلىك تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ قويۇش ئادەتلىرى ئىسلام دىنى تارىم ۋادىسى (ۋە باشقا رايونلار) دا ئومۇملاشقاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى "تۈركىي تىللار دىۋانى" دا خوتۇن - قىزلارنىڭ ئۆرۈمە چاچ قويۇش ئادەتلىرى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بايان قىلغان. لېكىن، ئەرلەرنىڭ ئۆرۈمە چاچ قويۇش ئادەتلىرى توغرىسىدا توختالمىغان. مەسىلەن، "تۈركىي تىللار دىۋانى" Ⅰتوم 129 - بەتتە: (ئۆرگۈچ - ئۆرۈمە چاچ)؛ (ئۆرۈمە ساچ- ئۆرۈمە چاچ)  Ⅰتوم 175 - بەت  . (ئۆنىك) چۇپۇرچاچ-ياسىما چاچ( Ⅰتوم 182 - بەت) ؛(ئۆنىكلەندى- چاچ سالدى ) Ⅰتوم 140 - بەت . (ئۇراغۇت ئۆنىكلەندى)خوتۇن چاچ تاقىۋالدى، يەنى چۇپۇرىن ياسالغان ماڭلاي چاچ تاقىۋالدى  (Ⅰتوم 409 - بەت ).ئومۇمەن، ھەر خىل شەكىللەردىكى ئۆرۈمە چاچلارنى قويۇش، ياسالما (سۈنئىي) چاچلارنى سېلىش، بېزىنىش ئادەتلىرى بىر خىل ئەنئەنە سۈپىتىدە دەۋرمۇ - دەۋر، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ ھازىرقى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردە تېخىمۇ كۆپ خىل شەكىلدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈمە چاچ قويۇش، بېزىنىش ئادەتلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىدا ھەرخىل ئۆرۈمە چاچ قويۇشتا بىر يۈرۈش ئادەتلەر شەكىللەنگەن.( "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى، 1998 - يىل 5 - 6 - قوشما سان، 11 - 12 - بەتتىن ئېلىندى.  )
3 q+ S1 v: |. J3 z) N  O! yئۇيغۇرلاردا توي قىلمىغان قىزلارنىڭ چېچى ئون بەش، ئون يەتتە، يىگىرمە بىر ھەتتا، قىرىق بىر قىلىپ ئۆرۈلىدۇ. ھەرگىز جۈپ ئۆرۈلمەيدۇ ھەمدە بۇنداق توي قىلمىغان قىزنىڭ پېشانىسىدە كوكۇلا چېچى بولىدۇ. ئۇنىڭ پاتاڭ(شىللە) قىسمىدىكى سۇمبۇل چاچنىڭ ئاستى قىسمى ئۇستىرا بىلەن چۈشۈرۈپ تۇرۇلىدۇ. قىزنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى ئۇنىڭ شىللە قىسمى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چۈشۈرۈلىدۇ.توي قىلىپ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن قىزنىڭ كوكۇل چېچى ئىككى تەرىپىگە قايرىلىدۇ. ئۇزۇن سۇمبۇل چېچى جۈپ ئۆرۈلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ياڭاق سېكىلەك چاچ قويۇلىدۇ. چاچنى جۈپ ئۆرۈش ياتلىق بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار جۇۋان دېيىلىپ، ئۇلار ياڭاق چاچ قويۇش بىلەن بىرگە چېچىنى بەش، يەتتە، توققۇز ... تال قىلىپ تاق ئۆرۈۋالىدۇ. بۇ، تۇللۇق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.ياشانغان (نەۋرىلىك بولغان)  ئاياللار ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ئۇنى چاچتەڭگە بىلەن جۈپلىۋالىدۇ ...دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ تۈرىگە ۋە سۇمبۇل چېچىنىڭ جۈپ ياكى تاق ئۆرۈلگەنلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان، ياشانغان ئايال ... ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ (ئا. راھمان قاتارلىقلار تۈزگەن: "ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى"، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1996 - يىل نەشرى،156 - بەتكە قاراڭ) قىسقىسى، چاچ پاسۇنلىرى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز گۈزەللىكىنى يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئاياللار ئۆز چاچلىرىنىڭ ئۇزۇن، توملۇقى، شۇنداقلا قارىلىقى بىلەن ئالاھىدە پەخىرلىنىدۇ. چۈنكى، سۇمبۇل چاچ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك سىمۋولىدۇر./ S% f# c: z5 w2 z( R* N/ \* Q/ C( K
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ شەكلىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تارالغان چاچ شەكلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نىكاھ ئەھۋالى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردا ياتلىق بولمىغان قىزلارنىڭ چېچىنى ئون بەش، ئون يەتتە، يىگىرمە بىر، قىرىق بىر تال قىلىپ تاق ئۆرۈيدۇ، پېشانىسىدە كوكۇل چېچى بولىدۇ، شىللە "پاتاڭ" قىسمىدىكى چېچىنىڭ ئاستى چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن، كوكۇل چېچى ئىككى تەرەپكە قايرىلىپ، سۇمبۇل چېچى جۈپ قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ياڭاق سېكىلەك چاچ قويۇلىدۇ. ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغان ياش ئاياللار جۇۋان دەپ ئاتىلىپ، ياڭاق چاچ قويۇش بىلەن بىرگە چېچىنى بەش، يەتتە، توققۇز تال قىلىپ تاق ئۆرۈيدۇ. بۇ شۇ ئايالنىڭ تۇللۇقىنىڭ بەلگىسى. نەۋرىلىك بولغان ئاياللارنىڭ بالچۇق، ياڭاق چاچلىرى بولمايدۇ. ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ، ئۇنى چاچ تەڭگە بىلەن جۈپلىۋالىدۇ. يەنە بىر خىل چاچ شەكلى - چاچنى يالغۇز بىر تال قىلىپ ئۆرۈۋېلىش بولۇپ، بۇ شۇ ئايالنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى، جۈپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان چاچ ئاسراشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. شۇڭا، ئۇلار چاچقا پايدىلىق بولغان نۇرغۇن پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن، يىلىم - يىلىم جىگدىدىن قايناپ چىقىدىغان شىلىمسىمان بىر خىل ماددا بولۇپ، رەڭگى دىۋىرقايغا ئوخشاش سېرىق، پارقىراق، يېپىشقاق كېلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز يىلىمنىڭ مۇشۇ خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان چاچ پەرداز بۇيۇمى سۈپىتىدە ئۇنى چېچىغا چېپىپ كەلگەن. يەنە چاچ ئاسراشتا قوي مېيى، سىيادان يېغى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. چۈنكى، قوي مېيى ۋە سىيادان يېغى جانسىز، قۇرغاق، ئېلاستىكلىقى قالمىغان چاچلارغا ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، داۋاملىق ئىشلىتىپ بەرسە، ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. سىيادان يېغىنىڭ يەنە چاچقا بالدۇر ئاق چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار (دىلئارا ئابلىمىتنىڭ "ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادەتلىرى" ،"شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى"، ئۇيغۇرچە، 2001 - يىل 1 - سانىدا ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى.  )
; ^" d3 \! Z" T3 wتۇخۇم - كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇمى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ ئاسراش بۇيۇمى بولۇپ، چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. تۇخۇم چاچنى يۇمشاق، پارقىراق قىلىش رولىغا ئىگە.قېنىق دەملەنگەن چاي - قېنىق دەملەنگەن چاي بىلەن چاچنى يۇغاندا چاچنىڭ چۈشۈشى ۋە چاچنىڭ كېپەكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چاچنى يۇمشاق ۋە پارقىراق قىلىدۇ. يۇقىرىقىلار قەدىمكى ئانىلىرىمىزدىن تارتىپ ھازىرقى قىز- چوكانلىرىمىزغىچە ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن چاچ ئاسراش - ئۆستۈرۈشكە دائىر ئېتنىك ئادەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.+ q, ~( L  q/ ?+ t# |& h
5. قەدىمكى ئانىلىرىمىزدا گىرىم قىلىش - گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ئادەتلىرى قەدىمكى ئانىلىرىمىزدا ھەر خىل بوياق ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ گىرىم قىلىش، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش ئادىتى ئۇلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان جەمئىيەتتىن - ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىن باشلانغان.
/ i0 k1 K7 V) W- E, |مەلۇمكى، دىيارىمىزدا يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكلى ئىپتىدائىي پادىلارچە تۇرمۇش شەكلىدىن ئانا ئۇرۇقى - تۇنجى ئاڭلىق نەسىلداشلىق جامائەسىگە ئۆتۈش بىلەن خاراكتېرلەنگەن. بۇ چاغدا دائىمىي تۇرار جاي، كوللېكتىپ ئەمگەك، ئوزۇق - تۈلۈكنىڭ بىرقەدەر زاپاس ساقلىنىشى، پائالىيەت رايونلىرى ۋە پائالىيەت تۈرلىرىنىڭ كېڭىيىشى، نەسىل كۆپەيتىش ئېھتىياجىنىڭ جىددىي بېسىمى، يات جامائەلەر ۋە ئۇرۇقداش جامائەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئانا رەھبەرلىكىدىكى ۋە يېتەكچىلىكىدىكى ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئەڭ دەسلىپىدە ئانا ھوقۇقىنى ئاساس قىلغان تەشكىلات - ئانا ئۇرۇقى جامائەسى( پاترىئارخاللىق ) تۈزۈمىدىن باشلانغان. ئانا ئۇرۇقى جامائەسى دىيارىمىز ئاھالىلىرى تارىخىدا ئىپتىدائىي قانداشلىق، ئۇرۇقداشلىق ئېتنولوگىيىلىك ئاڭ بىلەن ئىپتىدائىي ھوقۇق - نوپۇز ئېڭىنى نامايەندە قىلدى. شۇ ئاساستا ئىپتىدائىي تەبىئەت ۋە ئىلاھىيەت قاراشلىرى، ئەم - ئېرىم ئادەتلىرى، فولكلور ۋە مۇراسىم رىجىلىرى مەيدانغا كېلىش بىلەن تەڭ ئانىلار ئەرلەردىن پەرقلىق ھالدا ئۆزىنى تۈزەشتۈرىدىغان، يۈز - كۆز، قاش - قاپاقلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن گىرىم قىلىدىغان، روھىي گۈزەللىكى ۋە جىسمانىي گۈزەللىكنى نامايان قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بىر قاتار گۈزەللىك ئادىتىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈردى. بۇ ئادەت بارغانچە ئەۋج ئېلىپ ئانىلىق ئۇرۇق جامائەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە رەسمىي يوسۇنلاشتى ھەمدە ئانىلار بىلەن قىز - چوكانلارغا ئورتاق بولغان گىرىم قىلىش ئادىتى ھەرخىل ئېتنولوگىيىلىك ئەنئەنىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، تېخىمۇ بېيىپ بۇددا، مانى ۋە ئىسلام دەۋرلىرىدىمۇ ئادەت كۈچىنى يوقاتماي داۋاملىشىپ كەلدى.
# y+ i4 o3 G: B  Z" @# K9 R1 i) m2 pبىز قەدىمكى ئانىلىرىمىزنىڭ گىرىم قىلىدىغانلىقى ۋە ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلارنى يەنە 4000 يىللار ئىلگىرىكى كروران گۈزىلىگە ئوخشاش نازاكەتلىك، ساھىبجامال ئانىلىرىمىزنىڭ دەپنە قىلىنىش رەسمىيەتلىرىدىن، يۈز - كۆزلىرىگە گىرىم قىلىشتىن تاشقىرى بەدەنلىرىگىچە ھەر خىل رەڭدىكى نەقىشلەر چېكىۋېلىشىدىن، جەسەتكە بىللە كۆمۈلگەن ئاخىرەتلىك بۇيۇملار، سېھىرلىك كۈچ دەپ تونۇلغان ئەڭ ئىپتىدائىي تىلتۇمار ۋە زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىدىن، قەبرىگە كۆمۈلگەن رەڭدار گىرىم بۇيۇملىرى خالتىلىرىدىن ۋە گىرىم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ياغاچ قۇتىلاردىن قەدىمكى ئانىلىرىمىزدىكى بۇ ئېتنىك ئادەتنى روشەن كۆرۈۋالالايمىز.
  i; x2 d5 X# s2 X5 F, Kمەلۇمكى، يىراق ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ياشىغان دىيارىمىز ئاھالىلىرى توپ - پادا ھالەتتە، ۋارۋارلىق، نادانلىق جەمئىيەتتە ياشاۋاتقاندا ئۇلار تېخى مۇئەييەن ئىستېتىكىلىق تەلىماتقا ئىگە بولالمىغان. ئۇ چاغلاردا ئانىمىزم( تەبىئەتنى ئىلاھلاشتۇرۇش) كۆزقاراشلىرىدىن باشقا ئۇقۇملار پەيدا بولمىغان. كىشىلەر بۇ مۇقەررەرلىك ئالىمىدە غىل - پال يېنىپ ئۆچكەن ئەقىل ۋە گۈزەللىك ئېڭى سەنئەت يورۇقلۇقىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش بىلەن چەكلەنگەن.ئەجدادلىرىمىز ھاياتىدا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى، تېرىقچىلىقنىڭ پەيدا بولۇشى، ئوۋچىلىقتىن ھايۋان كۆندۈرۈشكە ئۆتۈشتىن باشلاپ ھايۋانات ئوبرازى بىرىنچى ئېستېتىك ئورۇندىن قالدى. بۇ چاغدا خېلى مۇستەھكەم ئادەتكە ئايلانغان ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ دىققەت - نەزىرى ئەجدادلارنىڭ ئۆزىگە، ئەجدادلار ئوبرازىغا قارىتىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئانىلىرىمىز ئۆزىنى تونۇپ، ئۆزىنى تەشكىللەپ، ئۆزىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي گىرىم سەنئىتى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشقا كىرىشكەنىدى. ئۇلار دەسلەپ ھايۋان سۆڭەكلىرى، چىش، تىرناقلىرىنى ۋە رەڭدار تاشلارنى زىننەت بۇيۇمى قىلغان بولسا، كېيىنچە تاشتىن، سۆڭەكتىن، مىس، تۆمۈردىن، ئالتۇن - كۈمۈشتىن زىننەت بۇيۇمى تاقاشتى، رەڭدار تاشلارنى ئۇۋۇتۇپ ئۇپا - ئەڭلىك ياسىدى. يۈزلىرىگە قان ۋە باشقا ئۆسۈملۈك سۈيىدىن گىرىم قىلىدىغان بولدى. ئاش بوياق ۋە تاش سۈرمىلەر ئىشلىتىشتى. ئۇلار مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى مىڭ، ئىككى مىڭىنچى يىللار ئالدى -كەينىدە خېلى مۇستەھكەم ئۆرپ - ئادەتكە ئايلانغان گىرىم سەنئىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
7 X1 @; I. r3 D$ x4 Z"مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى غەربىي خەن دەۋرلىرىدە بۇددا دىنى ۋە باشقا ھەرخىل دىنلارنىڭ غەربىي يۇرتقا ئېقىپ كىرىشى بىلەن ئانىلىرىمىزنىڭ گىرىم قىلىش ئۇسۇلىغا يېڭىچە مەزمۇن قوشۇلغان. ئۇ بولسىمۇ "ئاياللارنىڭ پېشانىسىگە، "3سىزىقلىق رەڭدار گىرىم قىلىش ئۇسۇلى" ئىدى. بۇنداق گىرىم قىزىل، يېشىل رەڭلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پېشانىسىگە سىزىقچە شەكىلدە سىزىلغان بولۇپ، سىزىلىشنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە، نەپىسلىكىدىن قارىماققا تەبىئىيدەك كۆرۈنىدۇ. لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان ئايال جەسەتنىڭ پېشانىسىگە دەل مۇشۇنداق گىرىم قىلىنغان بولۇپ، قەدىمكى لوپنۇر چارۋىچى ئاياللىرىنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى ۋە ئۆزگىچە سالاپىتىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن"(  لى شىياۋبىڭ :"جۇڭگو غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىم - كېچىكى ھەققىدە تەتقىقات"، 1995 - يىل 8 - ئاي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى، 193 - 195 - بەتلەرگە قاراڭ)  
: c. P# P' H6 k "نىيە خارابىسىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقلاردىن مىس ئەينەك، ئۇپا خالتىسى، ئەڭلىك خالتىسى قاتارلىق قىممەتلىك يادىكارلىقلار قېزىۋېلىندى. ئەينەكنىڭ دىئامېتىرى 12.4سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 0.6سانتىمېتىر بولۇپ،ياسىلىشى ئىنتايىن سۈپەتلىك. تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىنتايىن يېڭى ۋە پارقىراق ھالەتتە ساقلىنىپ قالغان.(  ③لى شياۋبىڭ :"جۇڭگو غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىم - كېچىكى ھەققىدە تەتقىقات"، 1995 - يىل 8 - ئاي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە نەشرى، 193 - 195 - بەتلەرگە قاراڭ  . ) "M4 قەبرىدىن بىر دانە مىس ئەينەك تېپىلغان بولۇپ دىيارىمىزدا ياسالغان، ئەينەكنىڭ كەينى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يىپ ئۆتكۈزۈش تۆشۈكچىسى( مونىكى  ) بار. مونىكىنىڭ دىئامېتىرى 2.4سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 1.2سانتىمېتىر كېلىدۇ. مۇشۇ قەبرىدىن يەنە كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارا ۋە قىزىل رەڭلىك بوياق قاچىلانغان گىرىم قاپچۇقىمۇ تېپىلغان." ! q' V4 N: O2 W; Z7 ]
("شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى"، ئۇيغۇرچە، 1999 - يىل 2 - سانىغا قاراڭ ). m2 e- I  {1 x3 w9 O" d- H* W. u
   "ئۇپا خالتىسى قوغۇشۇن ئۇپىسىنى قاچىلايدىغان خالتا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى يەتتە سانتىمېتىر، كەڭلىكى تۆت سانتىمېتىر كېلىدۇ. خالتىنىڭ سىرتىغا قىزىل، يېشىل رەڭلەردە ئۆسۈملۈك ۋە گۈل - چېچەكلەر كەشتىلەنگەن. خالتىنىڭ ئېغىزى چىگىلگەن، ئىچىگە نۇرغۇن گىرىم تاشلىرى قاچىلانغان، قوغۇشۇن ئۇپىسىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن، ھازىر تاش پارچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئەڭلىك خالتىسى سېرىق يىپەكتىن تىكىلگەن، ئىچىدە ئازراق ئوچۇق قىزىل رەڭلىك ئەڭلىك قالدۇقى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، خالتىنىڭ ئېغىزى ئاق رەڭلىك يىپەك يىپ بىلەن باغلانغان، خالتا ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىگە پاختا قالدۇقى قويۇلغان بولۇپ، رەڭگى جىگەر رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتكەن. بەلكىم بۇ ئايال جەسەتنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن ئەڭلىك سۈرتكۈچى بولۇشى مۇمكىن③. يۇقىرقى گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تېپىلىشى قەدىمكى ئانىلىرىمىزنىڭ خېلى بۇرۇنلا چىراي گۈزەللىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئېستېتىك قارىشى ۋە ماددىي، مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، گىرىم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى ھەمدە غەربىي يۇرت بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سودا - مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ غەربىي يۇرت ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش، گىرىم قىلىش ئادەتلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكە ئاياللىرىغا يېڭىلىق ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى.% O, @$ O% C3 c* u6 K* ]9 H" g
مىلادىيە 3 -، 4 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە، بۇددا دىنىنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە كەڭ ئومۇملىشىشى ئاياللارنىڭ گىرىم ئۇسلۇبىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. مۇشۇ دەۋردە "غەربىي يۇرت ئاياللىرىدا، پېشانىسىگە سېرىق رەڭدە گىرىم قىلىش مودا بولغان. بۇ خىل گىرىم سېرىق رەڭلىك ئۇپىنى پېشانىسىگە سۈرۈش ياكى سېرىق قەغەزلەرنى يۇلتۇز، ئاي، گۈل ۋە قۇشلارنىڭ قۇيرۇقى شەكلىدە كېسىپ پېشانىسىگە چاپلىنىدۇ. قۇجۇ تۇيۇق خارابىسىدىن تېپىلغان رەختنىڭ ئۈستىگە چاچلىرىنى بانتىلىۋالغان، پېشانىسىگە ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن سېرىق رەڭدە گىرىم قىلىۋالغان. بۇنداق گىرىم ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ۋە خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.(" لى شىياۋبىڭ :"جۇڭگو غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ كىيىم - كېچىكى ھەققىدە تەتقىقات"، 1995 - يىل 8 - ئاي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى خەنزۇچە نەشىرى، 193 - 195 - بەتلەرگە قاراڭ), Z- i; c2 H  G6 F4 f' _! j
  مىلادىيە 7 -، 8 - ئەسىرلەر مەزگىلىدە دىيارىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىش ئۇسۇلىمۇ كۆپ خىللاشقان، پېشانىسىگە سېرىق رەڭدە گىرىم قىلىش دىيارىمىز ئاياللىرى ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. بۇ دەۋردە ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدە سىم ئالتۇندىن كىيىم تىكىش مودا بولغاچقا، بۇ خىل گىرىم ئەنە شۇ ئالتۇن كىيىمنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.8 u, y/ @% X  T2 o
تاڭ دەۋرىدە دىيارىمىز ئاياللىرىنىڭ تولغان بولۇشى گۈزەللىك دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، ئاياللار گىرىمنى ئاشۇ خىل بەدەن قۇرۇلمىسى ۋە يۈز شەكلىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزگىچە يېڭى ئۇسۇلدا گىرىم قىلىدىغان بولغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى قاشلىق ئېتىش بولۇپ، ئاياللار دۈپدۈگىلەك، سېمىز يۈزلىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن " قاشلىرىنى توم ۋە قىسقا سىزىدىغان بولغان. تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىغا سىزىلغان "قورشاۋ شاھمات ئويناۋاتقان ئاياللار" نىڭ رەسىمىدە ئۇلارنىڭ قاشلىرى دەل ئاشۇنداق سىزىلغان ( *2 مۇبارەك ئاۋۇت :"قەدىمكى غەربىي يۇرت ئاياللىرىنىڭ گىرىم سەنئىتى"، "شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى"، ئۇيغۇرچە، 2000 - يىل 3 - سان،53 - 61 - بەتلەرگە قاراڭ  ). بۇ مەزگىلدە ئاياللار پېشانە پەردېزىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. 3 B9 t, @& |) l& Q" z( ]% H
  , z) i' Q3 F9 \* p0 w: M
; d& s; k2 d  Z' {( ~- x0 r% ]

8 L' P" ~2 ?2 c8 z: {3 x
9 J; O  Y" X/ v9 t9 D% H5 [; F : q8 y9 @9 ~. [9 L! c
& K1 n0 l7 e" D& x9 p
مەنبەسى : بۇلاق ژورنىلى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗