خەۋەرمەدەنىيەتنىڭ «تولغىقى» ئېغىرلاشتى 7 M7 W/ E: H. x% ^, ?# F
' k4 p# ~* f1 m1 b' x6 n
~6 b; D, q# s9 p0 p+ r1 `
ياپونىيىدىكى «دۇنيا گېزىتى» 23- يانۋار ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يەر شارى كىلىماتىدىكى ئىللىتىشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىشى20- ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى سانائەتلىشىش مۇھىتىنىڭ يامانلىشىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ يېتىشمەسلىكىگە مۇجەسسەملىدى، ماددىنى ئەلا بىلىش بىلەن ئىلىم - ۇپەن ھەممىگە قادىر نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلغان غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كەمتۈكلۈكىمۇ كۈنسېرى ئاشكارىلاندى؛ تەبىئەت بىلەن ئادەمنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان شەرق مەدەنىيىتى ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن نامايان قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىدىيە ئاساسى بولۇپ قېلىشقا يۈزلەندى. دېمەك، ئىنسانلار ھازىر شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما بىز ھازىر سۈبھى ئالدىدىكى تۈن قاراڭغۇسى باسقۇچىغا كىردۇق، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مۇھىت مەسىلىسىنى يادرو قىلغان يەر شارى كرىزىسى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان يېڭى مەدەنىيەت پەيدا قىلغان «تولغاق» تۇر.
& }7 y5 i/ ], n+ A ئەگەر يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىش ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاشسا ئىنسانلار بۇ »گۈزەل سەييارە« دە داۋاملىق ياشىيالمايدۇ، 20- ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغان سانائەتلىشىش مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ۋە ئېنېرگىيىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن توختاپ قالىدۇ. شۇڭا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئەللىرىدىكى كىشىلەر ئادەم بىلەن تەبىئەت بىر - بىرىگە زىت، مەدەنىيەتنىڭ مەنىسى ئىنسانلارنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە تەقسىم قىلىش دېگەنلىكتۇر، دېيىشىۋاتىدۇ. مۇھىت كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىۋى شەرق مەدەنىيىتىدىكى «ئادەم تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈشى كېرەك» دەيدىغان ئىدىيە قايتىدىن دىققەت - ئېتىبارغا ئېرىشتى. بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغاندا، دۇنيا مەدەنىيىتى غەرب مەدەنىيىتى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنىڭ دەۋرىلىك ئالمىشىشىدىن ئىبارەت مەدەنىيەت دەۋرىلىك قارىشىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. |' Z2 v. v$ b' n+ F4 v
«مەدەنىيەت تارىخى» نىڭ يازغۇچىسى سۇن شەنجېنىڭ نەزەرىيىسىگە قارىغاندا، يەر شارى مەدەنىيىتىنى شەرق مەدەنىيىتى ۋە غەرب مەدەنىيىتى دەپ بۆلۈشكە بولىدىكەن ھەمدە دەۋرىلىنىش دەۋرى800يىل بولىدىكەن. ئەيسا دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنقى 400 يىلدا گرېتسىيە مەدەنىيىتى گۈللەنگەن ئىدى، كېيىنكى 400 يىلدا رىم مەدەنىيىتى گۈللەنگەن. بۇ مەزگىل ----- دېھقانچىلىق ئىلاھى بۇتخانىسى بىلەن رىمنىڭ يۇمىلاق شەكىللىك تىياتىرخانىسى ۋەكىللىكىدىكى غەرب مەدەنىيىتى ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى گۈللىنىشنى نامايان قىلغانىدى؛ شۇ چاغلاردا شەرق مەدەنىيىتى تېخى تەرەققىي قىلمىغان قاراڭغۇ دەۋردە تۇرۇۋاتقان ئىدى. & [- {! F- c* R+ x6 y3 |
لېكىن گرېتسىيە بىلەن رىم مەدەنىيىتى مىلادى 395- يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئاخىرلاشتى، مىلادى 400- يىلىدىن1200- يىلىغىچە بولغان 800 يىلدا شەرق مەدەنىيىتى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسلەپ گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى. بۇ دەۋردە جۇڭگو تاڭ، شىمالىي سۇڭ ۋە جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى؛ ياپونىيىمۇ بۇنىڭ تۈرتكىسىدە مىسلىسىز گۈللەندى، نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. غەرب جەمئىيىتى بولسا بۆلۈنۈپ، قاراڭغۇ ئوتتۇرا ئەسىرگە قەدەم قويدى.
; L* {2 R! j: W! e' s& ` مىلادى 1200- يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان 800 يىلدا غەرب مەدەنىيىتى قايتىدىن گۈللەندى. شەرق مەدەنىيىتى بولسا زاۋاللىققا يۈزلەندى. ئەدەبىيات - سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن، غەربنىڭ پەن - تېخنىكىسى تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلدى. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بايقىلىشى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇستەملىكە تالىشىش ئۇرۇشى كۈچەيگەندىن كېيىن، غەربنىڭ پەن - تېخنىكىسى، يەنە بىر بالداق گۈللەندى. يەر شارىلىشىش دەۋرى يېتىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب مەدەنىيىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىدى، بىراق ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. $ K$ \1 Z1 I" K) ]
غەرب مەدەنىيىتى مىلادىنى ئەلا بىلىش ۋە ئىلىم پەن ھەممىگە قادىر نەزەرىيىسى ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان بولغاچقا، مىلادى2000- يىلىدىن2800- يىلىغىچە بولغان ۋاقىت غەرب مەدەنىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش مەزگىلى بولىدۇ. ئەزەلدىن مەنىۋى قىممەت بىلەن ئېتىكا قارىشىنى ئەلا بىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى شەرق مەدەنىيىتى بولسا بۇ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدۇ، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ مېغىزىنى تاللاپ، شاكىلىنى تاشلىۋېتىدىغان يۈكسەك مەدەنىيەت دەۋرى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ. سۈن ---- مۇنداق دەپ قارىدى: 1975- يىلىدىن 2075- يىلىغىچە بولغان 100 يىل شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىش دەۋرى بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭى مەدەنىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋر بولىدۇ، بىز ھازىر دەل مۇشۇ باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز
( F) u9 I! E! [' I' S$ D يېڭى مەدەنىيەت يەر شارى كىلىماتىنى ئىللىتىۋېتىش بەدىلىگە بارلىققا كەلگەن يۈكسەك سانائەتلىشىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. تەبىئەت بىلەن ئادەمنى بىرلەشتۈۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان شەرق مەدەنىيىتىنىڭ قۇدرىتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. سۈن --- مۇنداق دەپ قارىدى. «مەدەنىيەت ھەرىكتىى» دىن كېيىنكى ياپونىيە 40يىلنى دەۋرىي قىلغان تەرەققىيات ۋە چېكىنىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ياپونىيە 1865- يىلىدىن باشلاپ ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ، دۆلەت ئەڭ نامرات، ئاجىز دەۋرگە كىردى، لېكىن 40 يىلدىن كېيىنكى 1905- يىلى ياپونىيە روسىيىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ غەلىبىدىن مەغرۇرلانغان ياپونىيە ئارمىيىسى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى، ئەمما 40 يىلدىن كېيىنكى 1945- يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي تۈگەشتى. لېكىن 1985- يىلىغا كەلگەندە ياپونىيە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، 2- قېتىملىق مۆجىزە ياراتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە يەنە چېكىنىش يولىغا ماڭدى. ئىقتىسادتىكى چېكىنىش ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. 2025- يىلىغا بارغاندا ياپونىيە بەلكىم 2- قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن. 6 f) A$ K* a u- L; t! H6 Q
لېكىن ئىنسانلار تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، بۇ يەردىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل يېڭى مەدەنىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ۋاقتىنى توغرا ئىگىلەش، ياپونىيىنىڭ ئەنئەنىسىدىكى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش، بارلىق مەۋجۇداتلار بىلەن ئىناق ياشاشنى نىشان قىلغان روھنى قايتا گۈللەندۈرۈش، غەرب بىلەن شەرقنىڭ يېڭى مەدەنىيىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە قاتنىشىشنى ياپونىيىنى قايتا ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان يول دېيىشكە بولىدۇ.
$ |$ V2 e H: L7 y' N
1 D3 x/ I# K$ e مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
% Q4 z# _& o1 H6 d/ ?& }9 z @% P4 O' h9 e
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |