مائارىپ
جۇڭگولۇقلار ۋە ئامېرىكىلىقلار ) G6 y; |3 z7 S* g
+ S7 ^2 K( A* a2 M0 s0 u ! l3 {% t( ^; O/ K9 l
* ئىككى دۆلەتنى سېلىشتۇرساق، ئامېرىكىدا كۆپ نەرسىلەر جۇڭگودا ئاز ئىكەن؛ بىزدە بارلىرى ئۇلاردا كەمچىل ئىكەن؛ جۇڭگولۇقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان ئىشلارغا ئامېرىكىلقلار ھاڭ - تاڭ قالىدىكەن؛ ئامېرىكىلىقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان بەزى ئىشلارنى بىز يولدىن چىققانلىق، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، دەپ قارايدىكەنمىز. + d: E0 A, `6 R' C
$ H7 ^' W: k" a* k; x# P! ^7 J4 |, {8 D4 ]& j8 G$ D, m
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر - بىرىگە كۆپ جەھەتتىن ئوخشاشمايدۇ، بۇ ئىككىسىنى دۇنيا بويىچە پەرقى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا بىر - بىرىدىن ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەرلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر دېيىشكە بولىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ: ئۇلارنىڭ بىرى غەربتىكى دۆلەت، يەنە بىرى شەرقتىكى دۆلەت؛ بىرى غەرب مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنە بىرى شەرق مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ بىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت، يەنە بىرى بولسا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت؛ بىرى تارىختىكى ئەڭ ياش دۆلەت، يەنە بىرى تارىختىكى ئەڭ قەدىمىي دۆلەت؛ بىرى غەرب ئەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، غەرب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خوجائاكىسى، يەنە بىرى شەرق ئەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى … ; U' P3 y* l4 q; q( @
ئامېرىكىنىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى جۇڭگودا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلىشىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئىككى دۆلەت خەلقىگە باھا بېرىپ چىققان بولۇپ، جۇڭگولۇقلار بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەزىلىتىگە مۇنداق باھا بەرگەن: «جۇڭگولۇقلار ئەجدادىنى ماختاشقا ئامراق ئىكەن، ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنى ماختاشقا ئامراق؛ جۇڭگولۇقلار كوچىدا ۋارقىراپ - جارقىرىشىدۇ، لېكىن رەسمىي يىغىن سورۇنىدا خېلى تىنچ ئولتۇرىدىكەن؛ ئامېرىكىلىقلار كوچىدا ناھايىتى سىپايە، ئەدەپلىك يۈرۈشىدۇ، خانىم - قىزلارغا يول قويىدۇ، لېكىن يىغىن بولۇپ قالسا، ئەر - ئايال دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، ھارغىچە تالاش - تارتىش قىلىشىدۇ؛ جۇڭگولۇقلار دۇكان - سارايلارغا كىرسە، كېلىنچەكتەك رايىشلىشىپ كېتىدىكەن، ئامېرىكىلىقلار دۇكان - سارايلارغا كىرسە خوجايىندەك تەكەببۇرلىشىپ كېتىدۇ؛ جۇڭگونىڭ گېزىتلىرىدە نەتىجە كۆپ، ئامېرىكىنىڭ گېزىتلىرىدە ئاپەت كۆپ؛ جۇڭگولۇقلار زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورلارنى بىۋاسىتە سايلىيالايدۇ، ئامېرىكىلىقلار زۇڭتۇڭنى بىۋاسىتە سايلىيالايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورلارنى سايلاش ھوقۇقى يوق ھەم ئۇلارنى باھالىيالمايدۇ».
$ j9 b, u& ?6 ]3 c) G m% cجۇڭگولۇق بىر يازغۇچى ئامېرىكىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن مۇندق دەپ يازغان: «ئامېرىكا قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا 200 يىلدىن ئاشقان بوۋاق دۆلەت، بىز بولساق 5000 يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي دۆلەت. ئىككى دۆلەتنى سېلىشتۇرساق، ئامېرىكىدا كۆپ نەرسىلەر جۇڭگودا ئاز ئىكەن؛ بىزدە بارلىرى ئۇلاردا كەمچىل ئىكەن؛ جۇڭگولۇقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان ئىشلارغا ئامېرىكىلىقلار ھاڭ - تاڭ قالىدىكەن، ئامېرىكىلىقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان بەزى ئىشلارنى بىز يولدىن چىققانلىق، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، دەپ قارايدىكەنمىز؛ ئامېرىكىنى چۈشىنىش جۇڭگونى چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق ئىكەن، بۇ ئارقىلىق بىز ۋەتىنىمىزنى، ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدىغان بولىدىكەنمىز. ئامېرىكىنى چۈشىنىش يەنە بىزنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىشىمىزغا پايدىلىق ئىكەن».
/ k, \6 ?4 _; h% r! z1 Aمەن بۇ يازغۇچىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلىمەن. ئۇنىڭ «بىزدە بارلىرى ئۇلاردا كەمچىل ئىكەن» دېگىنىگە كەلسەك، بىزدە سەددىچىن سېپىلى، خان سارىيى دېگەندەك ئاسارئەتىقە ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلار قۇمدەك تولا، لېكىن ئۇلاردا ھەقىقەتەن بۇنداق نەرسىلەر يوق. تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا زىيارەتكە چىققىنىمدا نيو - يوركتا سېلىنغىنىغا 50 يىلدىن ئاشقان بىنالارنى چېقىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەيرانۇ - ھەس قالغانىدىم. بۇنداق قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، چوقۇم فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت ئىكەن، چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە 50 يىلدىن ئاشقان بىنانىڭ ئۆزىلا تارىخىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدىكەن.
5 d; G& l- G i" m7 G«جۇڭگولۇقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان ئىشلارغا ئامېرىكىلىقلار ھاڭ - تاڭ قالىدىكەن» دېگەن گەپكە كەلسەك، بىزدە ئۆي قىس بولغاچقا، قېرى - ياش ئۈچ ئەۋلاد بىر ئېغىز ئۆيدە يېتىپ - قوپىدىغان، كوچا - كويلاردا يىگىتلەر بىلەن يىگىتلەر، چوكانلار بىلەن چوكانلار قول تۇتۇشۇپ، مۈرىدىشىپ ماڭىدىغان ئىشلار تولا، بۇنى كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن قانداقمۇ بىللە يېتىپ - قوپىدىغاندۇ؟ قول تۇتۇشۇپ مېڭىۋاتقان ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى نېمانداق بۇنچە يېقىندۇ؟ دەپ، بۇ ئىشلارنى ھەقىقەتەن ئويلاپ يېتەلمەيدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بەزى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە جۇڭگونىڭ مۇنچىلىرىغا كىرىپ باققان، ئۇلار مۇنچىدا ھەر قېرى بوۋايلارنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ دۈمبىسىدىكى كىرلارنى سۈرتۈپ چىقىرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قېلىشىپتۇ، كۆڭلىدە بولسا: «ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا يېقىنچىلىق قىلىشقۇدەك نېمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟ بىز ھەتتا بوۋىلىرىمىزنىڭ دۈمبىسىنىمۇ سۈرتۈپ قويمايمىزغۇ» دەپ ئويلاپتۇ.
1 p4 R7 `; W- v. Sئەمدى ھېلىقى يازغۇچىنىڭ «ئامېرىكىلىقلارغا ئادەتتىكىچە بىلىنىدىغان بەزى ئىشلارنى بىز يولدىن چىققانلىق، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك، دەپ قارايمىز» دېگەن گېپىگە كەلسەك، ئامېرىكىلىقلار ئۈچ ئايلىق بولغان بوۋاقلىرىغا ئايرىم ئۆي راستلاپ بېرىدىكەن، بوۋاقلار قورسىقى ئېچىپ يىغلىسىمۇ ئاتا - ئانىلىرى ئاڭلىيالمايدىكەن، چوڭراق بولغاندا يىقىلىپ چۈشسە، ئاتا - ئانىلىرى يۆلەپ قويمايدىكەن، بالىلار چوڭ بولغاندا چوڭلارغا ئانچە ۋاپادارلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئانچە ھۆرمەتلەپ كەتمەيدىكەن؛ ئامېرىكىدا ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى قانۇنلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ياشانغان جۇڭگولۇقلار ئىككى ئەركەك ياكى ئىككى خوتۇن خەق بىر - بىرى بىلەن قانداق مۇھەببەتلىشىدىغاندۇ؟ نېمىنى مۇھەببەتلىشىدىغاندۇ؟ دەپ زادىلا چۈشىنەلمەيدىكەن.
) V5 [; j& {8 J+ R% ]& ?* }$ C2 }/ rبىر قەلەمكەش ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونى «ئەڭ ياش ۋە ئەڭ قەدىمىي» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن بولۇپ، بۇ سۆز ئادەمگە بىر يىگىت بىلەن بىر بوۋاينى ئەسلىتىدۇ. ياشانغانلار تەجرىبىگە باي كېلىدۇ، ياشلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئەمدى ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى: بىرىنىڭ يەر مەيدانى 9 مىليون 360 كۋادرات كىلومېتىر، يەنە بىرىنىڭ يەر مەيدانى 9 مىليارد 600 مىليون كۋادرات كىلومېتىر؛ بىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ماددىي مەدەنىيلىككە ئىگە، يەنە بىرى ئەڭ مول مەنىۋى مەدەنىيلىككە ئىگە؛ بىرى كاپىتالىزمنىڭ جەننىتى، يەنە بىرى كوللېكتىۋىزملىق دۆلەت؛ ۋاشىنگتوننىڭ ئەۋلادى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 15 ئەۋلادقىمۇ يەتمەيدۇ، كۇڭ زىنىڭ ئەۋلادى 75 ئەۋلادتىن ئېشىپ كېتىدۇ؛ ئامېرىكىنىڭ ئاران 200 يىللىق تارىخى بار، جۇڭگودىكى تۇڭرېنتاڭ دورىخانىسىلا 400 يىللىق تارىخقا ئىگە؛ ئامېرىكىنىڭ بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويۇۋاتقىنىغا 200 يىلدىن ئاشقان، جۇڭگونىڭ بولسا ئاران ئون نەچچە يىل بولدى.
& `1 {% \& i3 H8 p1 D, D# R5 ]ئامېرىكىلىقلار نۇرغۇن ساھەلەردە ياش دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ: ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدۇ؛ جۇڭگودا بولسا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتكە خاس سىپايىلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، «ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغا تاڭما» دېگەنگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتمايدۇ، پەسمۇ كۆرمەيدۇ، ھەرقانداق بېسىمغا باش ئەگمەيدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. لېكىن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، ھېچكىم پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. دەل مۇشۇ ئىككى چوڭ دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاچقىلا، دۇنيانىڭ تارىخى تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، موللىشىپ كەتكەن.
4 c9 [: ^; C$ Z0 c& I2 h/ o6 Nبىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزئارا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك جايلىرى كۆپ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامېرىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغىمۇ خېلى ئۇزاق بولۇپ قالدى، ئامېرىكىنى تەتقىق قىلىدىغان لىن يۈتاڭ، لياڭ شىچيۇدەك ئۇستاز شەخسلەرمۇ بارلىققا كەلدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ چوڭراق نەتىجە قازانغانلار يەنىلا ئاز.
! R- ~) Z/ X& R9 ]7 @ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە ماددىي كۈچىنى جۇڭگونىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكىدا 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا جۇڭگودىن ئۆگىنىش، جۇڭگونى تەتقىق قىلىش ئەۋج ئالغان. ئەينى چاغدا ياش ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن «ئاسىياغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىلمىي جەمئىيىتى» ئەمەلىيەتتە جۇڭگودىن ئۆگىنىش، جۇڭگونى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغان. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا جۇڭگونى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشقان، مۇشۇ تۈردە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەرمۇ مىڭغا يېقىن ئادەم بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ئىشقا 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان. فېي جېڭچىڭ بىلەن كېسىنگېر جۇڭگونى ھەممىدىن بەك چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. فېي جېڭچىڭ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونى تەتقىق قىلىش ھامان بىر كۈنى ئامېرىكىدا ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش جەھەتتە مەركىزىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ». ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىغا مۇنداق سۆز قالدۇرغان: «جۇڭگونى داۋاملىق تەتقىق قىلىڭلار، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ جۇڭگونى تەتقىق قىلىڭلار». كىسىنگېرمۇ ئامېرىكىلىقلار ئەقىللىق بولىمەن دەيدىكەن، جۇڭگولۇقلاردىن ئۆگىنىشى كېرەك، دېگەن. ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ سانى ئامېرىكا ئاھالىسىنىڭ% 1 ىگىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېغىزىدا: «ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇلى يەھۇدىيلارنىڭ يانچۇقىدا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى جۇڭگولۇقلارنىڭ كاللىسىدا» دېگەن بىر گەپ بار. : b1 B7 F2 M- A* S2 r3 X' H
8 ?+ Q) O" u1 ?. c مەنبەسى : جوڭگو مىللەتلىرى
C4 v& F% e2 x( g " m4 G% r/ h0 t6 x* @ h L7 Q n
( ?' m% w( V" y2 D7 ~) M9 P) C' q1 w) i9 e: O, |/ R
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |