مائارىپ
ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە ھەققىدە ئويلىغانلىرىم 9 ?/ E8 d/ {( n- x" m, ]4 [
. a! V( l1 ]8 B# D3 ^" d4 U
& Q' B F/ n+ S' r0 s3 q
' f$ R! Q5 z1 o3 j9 j- C6 c# |. d" ]" o8 Q1 P' A. ]3 r( _
ئەنۋەر سەمەت غەربى
- T; h( G4 R, l! l" I ^* ]
6 B' C" ]! E/ v( \شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 5 W) i0 A. I: n/ W; l
$ U: U a" V5 o- x
$ h \& m! G% f% D
3 i5 R) n. j! X3 ` ئائىلە - جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك، پائالىيەتچان بىرلىكى بولۇپ، ئۇ ئۆز ئالدىغا كىچىك جەمئىيەتتۇر. ئائىلە نىكاھ ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن شەكىللىنىدىغان، ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدىغان ۋە پارچىلىنىپ، شاخلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا، مەلۇم قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگەبولغان بارلىق ئائىلە ۋە شۇ ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرى بىر جەمەتنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا ئائىلە تارىخى ئەمەلىيەتتە قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسلىنىدىغان جەمەتنىڭ تارىخىي خاتىرىسىدۇر. ئۇيغۇر تىلىدا مەلۇم جەمەتنىڭ تارىخىي خاتىرىسى "نەسەبنامە" دېيىلىدۇ، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسدا "جۇرۇڭقاي" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. "نەسەب" ئەرەبچە سۆز بولۇپ، "تۇغقان، قان - قېرىنداش، قانداشلىق مۇناسىۋەت" دېگەن مەنىگە ئىگە. "نەسەبنامە" بولسا مەلۇم ئائىلە ياكى جەمەتنىڭ قان - قېرىنداشلىق يىلتىزى ۋە مۇناسىۋىتى خاتىرىلەنگەن جەمەت تارىخى دېگەنلىكتۇر. "جۇرۇڭقاي" سۆزىگە كەلسەك، بۇ سۆز ھازىر "ئائىلىنىڭ تارىخى خاتىرىسى" مەنىسىدە موڭغۇل تىلىدىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن بۇ سۆزنىڭ موڭغۇل تىلىدىن كىرگەن سۆز ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئالتاي تىللىرىغا ئورتاق سۆز ئىكەنلىكىنى جەزم قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلاردا ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەردە نەسەبنامە يېزىش ئەنئەنىسىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. قەدىمدە جەمەت نەسەبنامىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۇرۇق ياكى جەمەت مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بەرگەنلكنىڭ نەتىجىسى ئىدى. جەمەت نەسەبنامىسى ئەسلىدە قەدىمكى دەۋرلەردىكى چوڭ ئۇرۇقلار ياكى ئاقسۆڭەكلەر ئۇرۇقلىرىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ ھەممە مىللەتتە دېگۈدەك مەۋجۇت بولغان، ئەمما بىر مىللەتنىڭ ھەممە ئائىلە ۋە جەمەتلىرىدە بىردەك ئومۇملاشمىغان ھادىسىدۇر. ئەمما كېيىنكى دەۋرلەردە ، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك جەمەتلەر بولسۇن، ھەممىسىدە دېگۈدەك نەسەبنامە تۈزۈپ ساقلايدىغان ھەمدە ئۇنى ئەجداتتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىدىغان ئەھۋال بارلىققا كەلگەن. بۇ ياۋروپا مىللەتلىرى ۋە خەنزۇلاردا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنە ھېسابلىنىدۇ. ئەرەبلەردە نەسەبنامە "سىلسىلەتۇن نەسەب"(ئائىلە زەنجىرى ، قانداشلىق مۇناسىۋەت زەنجىرى، مەنىلىرىدە)دېيىلىدۇ. بۇ ھامان قانداشلىق مۇناسىۋەتنى تۈپ ئاساس قىلغان ھالدا تۈزۈلىدۇ. ياۋروپا مىللەتلىرىدىكى "Genealogy" دەپ ئاتىلىدىغان نەسەبنامىمۇ ئوخشاشلا ئائىلە ياكى جەمەتنىڭ تارىخىدىن ئىبارەت. نەسەبنامە ھەرقايسى مىللەت تىللىرىدا قانداق ئاتىلىشىدىن قەتئىنەزەر، نەسەبنامىلەر بىردەك بىر ئائىلە ياكى جەمەتنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈزۈلىدۇ، بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى ئۇدۇن خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدە مىلادىيىدىن ئىككى - ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىلا تىبەت ۋە قارۇشتى يېزىقلىرىداخاتىرىلەنگەن، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن خېلىلا مۇكەممەل بولغان نەسەب خاتىرىسى بولغان①. بۇنىڭدىن سىرت بىز ئورخۇن - يەنسەي مەڭگۈ تاشلىرىنى نەسەبنامىنىڭ خاراكتېرى ئېتىبارى بىلەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە كۆكتۈرك خانلىقى خان جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسى دەپ ئېيتالايمىز.
- g! D- t V; Y8 U) i! s2 v' E15 - ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا تەزكىرىچىلىك شەكىللىنىپ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى مەشھۇر شەخسلەر ۋە جەمەتلەرنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن تەزكىرىلەر بارلىققا كەلدى. مەسىلەن: "بۇغراخانلار تەزكىرىسى"، "ئاپپاق خوجا تەزكىرىسى" قاتارلىقلار. تېخىمۇ جانلىق دەلىللەر شۇكى، ھازىر قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تارىخى 500 يىلغا يېتىدىغان، خاتىرىلەنگەن ئادەم سانى 1000دىن ئاشىدىغان، مۇكەممەل كۆرۈنۈشلۈك نەسەبنامە(جۇرۇڭقاي)لار ساقلانماقتا ۋە ھازىرقى ئەۋلادلار تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلماقتا. دېمەك، بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ نەسەبنامە تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسىنىڭ بارلىقىنى كېسىپ ئېيتالايمىز. بىراق، نەسەبنامە تۇرغۇزۇش قەدىمكى دەۋرلەردە خان جەمەتى، ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى ۋە ئاز ساندىكى قەلەمدارلار ئارىسىدىلا چەكلەنگەن ئەنئەنە بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تارىخ ئېڭى كۈچلۈك، ئۆز ئائىلە تارىخىنى مىللەت تارىخىنىڭ بىر تەركىبى دەپ ھېسابلايدىغان، نەسەبنامە ئارقىلىق ئۆتمۈشنى كەلگۈسىگە ئۇلاشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇلماقتا.$ `. a+ D4 g; j1 j4 _
1996 - يىلدىن ئېتىبارەن "تارىم غۇنچىلىرى" ژۇرنىلى "يىلتىزىم" ناملىق سەھىپە ئېچىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى تارىخىنى بىلىش، ئېنىقلاش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە نەسەبنامىسىنى تۈزۈۋېلىشىغا رىغبەت بەردى. نەتىجىدە نۇرغۇن بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى ئۆزى بىلگەن دائىرىدە تونۇشتۇرۇش بىلەن تەڭ ئۆزلىرىنىڭ پاكىز ئەمما قىزغىن تارىخ تۇيغۇسىنى ئىپادىلىدى. مەن بالىلارنىڭ ئۆز ئائىلە نەسەبنامىلىرىنى تۇرغۇزۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە شۇ ژۇرنالنىڭ 1997 - يىللىق 12 - سانىدا "نەسەبنامە تۈزۈشنىڭ بىرقانچە ئىسخېمىسى" ناملىق ماقالەمنى سەبىيلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە سۇنغانىدىم. قىسىقىسى، نەسەبنامە تۈزۈش، شۇ ئارقىلىق ئەجداد- ئەۋلاد زەنجىرىنى ھاسىل قىلىش، نۆۋەتتىكى ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ، كۈچىيىشى، تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ناھايىتى جانلىق بىر تەرىپى ۋە ئىپادىسى بولۇپ قالدى.
- o, w5 `7 c8 P- S3 g( ] مەرىپەتلىك جەمئىيەتتە مەرىپەتلىك مىللەتلەر بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش، ھەر بىر پائالىيەت ۋە ھەر بىر ھەرىكىتىمىزدە ئۇيغارلىقنى ئىپادىلەش، مىللىي خاسلىقنى يوقىتىپ قويماسلىق، ئەۋلادلارغا كۈچلۈك تارىخ تۇيغۇسى ئاتا قىلىش ئۈچۈن نەسەبنامە يېزىش ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ياخشىراق چارە بولمىسا كېرەك. چۈنكى، ھازىرقى زاماندىكى مەرىپەتلىك مىللەتلەر ئۆز نەسەبنامىلىرىنى مىللەت تارىخىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تونۇيدۇ، ئۇنى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى ئېسىل دەرسلىك قىلىدۇ، نەسەبلىرى بىلەن پەخىرلىنىشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ، جەمەتداشلار ئارا ئىتتىپاقلىقنى، ئۇيۇشقاقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ، نىكاھ، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەيدىغان ماتېرىيال سۈپىتىدە قەدىرلەپ داۋاملاشتۇرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بىر تەرەپ شۇكى، جەمەت نەسەبنامىسى ھامان مەلۇم فامىلە تارىخىدۇر. نەسەبنامە - فامىلە ۋە ئۇنى قوللانغۇچى جەمەتداشلارنىڭ تارىخىي ئاساسىدۇر. فامىلە قوللىنىدىغان مىللەتلەردە ھامان شۇ فامىلىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ ئاۋۇشىغىچە بولغان جەريان ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نەسەبنامە بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا فامىلە قوللىنىش ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەر فامىلە قوللىنىش بىلەن نەسەبنامە تۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدۇ، فامىلە قوللىنىشتا نەسەبنامىنى يازما ئاساس قىلسا، نەسەبنامە يېزىشتا فامىلىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىش تەشەببۇسى كۆتۈرۈلگەندىن بېرى بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك پىكىرلەر ۋە لايىھىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مېنىڭچە بىر مىللەتتە فامىلە قوللىنىش ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تامامەن مۈمكىن. ئەمما فامىلە قوللىنىش ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، نەسەبنامە تۈزۈش مۇھىم يېزىق ئاساسى ۋە پرىنسىپ قىلىنىشى لازىم. چۈنكى، فامىلە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن باغلانغان بىر پۈتۈن جەمەتنىڭ ئومۇمىي بەلگىسىدۇر، نەسەبنامە بولسا شۇ بەلگىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئىشلەتكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدۇر. فامىلە قوللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا نەسەبنامە تۈزۈش بىرىنچى قەدەم قىلىنسا، ئۇنداقتا شۇ نەسەبنامە تەركىبىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر ئورتاق نامنى فامىلە سۈپىتىدە تاللاپ قوللىنىشىنى تېزلەتكىلى ھەمدە فامىلە قوللىنىشتا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قالايمىقانچىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم نەسەبنامە چوقۇم مەلۇم فامىلە بىلەن ئاتىلىشى لازىم بولىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر كىشى ئۆز جەمەتىنىڭ مەلۇم بىر ئورتاق نامغا ئىگە بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىر سۆزنى فامىلە قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغىنىدا، ئۇنىڭ تاللىغان فامىلىسىنى شۇ جەمەتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ناتايىن. ئەگەر ئۆز ئائىلىسىدىنلا باشلاپ قوللىنىشنى خالىسا، ئۇنداقتا بۇنداق فامىلىنىڭ ئەجدادلار ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى رولى ئاجىز بولۇشى، قانداشلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ساقلاشتىكى رولى چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، فامىلە شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگىلا خاس نام بولۇپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى قانداشلىق، قېرىنداشلىق ۋە جەمەت، ئائىلە تارىخى قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆزىگە يۈكلىگەن نامدۇر. شۇڭا نەسەبنامە ۋە فامىلىنى ھەر كىم ئۆزىدىن باشلىغاندىن كۆرە نىسبەتەن يىراقتىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلش مۇۋاپىق. مۇشۇنداق قىلغاندا، پۈتكۈل جەمەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق فامىلىسىنى بېكىتىپ چىققىلى، قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن فامىلە ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن نەسەبنامە تۈزۈشنى بىرگە ئېلىپ بېرىشنى ئەمەلىي ۋە مەنپەئەتلىك تەدبىر دەپ قارايمەن.بۈگۈنگە قەدەر تۈزۈلگەن نەسەبنامىلەردە مەزمۇن ۋە قۇرۇلما جەھەتتە نۇرغۇن پەرقلەر بار. مېنىڭچە نىسبەتەن ئومۇمىيلاشقان ۋە مۇكەممەلرەك بولغان نەسەبنامە كەم دېگەندىمۇ تۆۋەندىكىدەك سەككىز مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.1. مۇقەدددىمە 2. شۇ جەمەت ياكى ئائىلىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش 3. جەمەت شەجەرىسى 4. نەسەبنامە جەدۋىلى 5. جەمەتتىكى چوڭ ۋەقەلەر خاتىرىسى. بۇ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋاللىرى، باشقا مىللەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇش ئەھۋالى، شۇ جەمەتنىڭ گۈللىنىش، خارابلىشىش ئەھۋاللىرى ۋە سەۋەبى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ 6. شۇ جەمەتنىڭ ئولتۇراقلىشىش ماكانلىرى ۋە كۆچۈش ئەھۋالى 7. شۇ جەمەتتىكى كىشىلەرنىڭ قاچان، قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى، قەبرە ئورنى قاتارلىقلار 8. شۇ جەمەتتىن چىققان مەشھۇر شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرى. b2 U; U( m" p( K6 t; Z
ئەلۋەتتە، نەسەبنامىنىڭ مەزمۇنىنى نەسەبنامە يازغۇچى جەمەت ئەزالىرى ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ماتېرىيالنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، بىلم قۇرۇلمىسى، قىزىقىشى بويىچە بېيىتىشقا ۋە تەڭشەشكە بولىدۇ.نەسەبنامىگە شۇ جەمەت تەركىبىدىكى بارلىق ئەر ئەزالار ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە باي - كەمبەغەللىك ۋە يۇقىرى - تۆۋەنلىك پەرقىگە قارىماي تىزلىدۇ. ئايرىم مەشھۇر شەخسلەر ئۈچۈن مۇۋاپىق ئورۇندا بەت ئاجرىتىلىپ تەرجىمىھال تۇرغۇزۇلىدۇ. فامىلىسى بار جەمەت ئۆز نەسەبنامىسىنىڭ بېشىدا فامىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ. مۇۋاپىق تېپىلسا شۇ جەمەتنىڭ باشقا جەمەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان قائىدە - يوسۇن، ئۆرپ - ئادەت ۋە ھۈنەر - كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋاللىرى قوشۇمچە قىلىنسىمۇ بولىدۇ.ئائىلە ياكى جەمەت نەسەبنامىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى شەجەرىدۇر. "شەجەرە" ئەرەب تىلدا" بىر تۈپ دەرەخ" دېگەنلىك بولۇپ، بۇ "شجرەالنسب"(شەجەرە تۇن نەسەب) شەكلىدە ئىشلىتىلىپ "ئۇرۇق - تۇغقانلار مۇناسىۋىتىنى دەرەخ شەكلىدە كۆرسىتىش" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەجەرە بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ قاانداشلىق مۇناسىۋىتىنى يازما نەسەبنامىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق ھەم يىغىنچاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شەجەرىنىڭ خىلمۇخىل شەكىللىرى بار. شەجەرە تارىخى ئۇزۇن بولمىغان جەمەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلىپ، ئايال تارەپنىمۇ شەجەرىدە كۆرسىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر شەرت شۇكى، بىر جەمەتكە تەئەللۇق ئاياللارلا ئايرىپ كۆرسىتىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىش ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىغا ئايلىناي دەپ قالدى. شۇڭا بىز يېقىن كەلگۈسىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ فامىلە قوللىنىشى ۋە چىرايلىق نەسەبنامىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈشىمىز مۈمكىن. بىز مانا مۇشۇنداق يۈزلىنىشنى نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل شەجەرە ئىسخىمىسى ۋە بۇ ھەقتىكى پرىنسىپلارنى شەرھىيىلەيمىز.1. دەرەخ شەكىللىك شەجەرە بۇ ئەڭ دەسلەپتە قوللىنىلغان ۋە ئەسلى مەنىسى بويىچە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان شەكىلدۇر. بىر جەمەتنىڭ زورىيىپ ئۇلغىيىشىنى بىر تۈپ دەرەخنىڭ بىر تال ئۇرۇقتىن ئۈنۈپ، شاخلاپ، يوپۇرماقلاپ كۆكلىشىگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ. شۇڭا ئائىلە شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇشتادەرەخ شەكلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ شەكلى تۆۋەندىكچە:# @. }" ^8 Q9 j: ?0 q
بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا، دەرەخ شاخلىرىنى ئەۋلاد سانىغا قاراپ تەڭشىگەندىن سىرت، ھەر بىر ئەۋلادنىڭ پەرقىنى "ئەۋلاد چېگرا سىزىقى" ئارقىلىق ياكى ئوخشىمىغان رەڭلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش لازىم.
- j9 e U4 w4 o0 h+ q+ u L8 h; F+ H2. ئەپكەش شەكىللىك شەجەرە بۇ ئەۋلاد - ئەجداد قاتلىمىنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرسىتىشكە بولىدىغان شەكىل بولۇپ، ئەپكەشنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا تۇنجى ئەۋلاد كىشىنىڭ ئىسمى، ئاستىنقى رەتلەرگە يۇقىرىقى كىشىدىن شاخلىغان كىشىلەر ئەۋلاد تەرتىپى تىزىلىدۇ. شەكلى تۆۋەندىكىچە:
0 i3 F$ o6 }: ?3 A1 Z0 w0 n, p3. قۇياش شەكىللىك شەجەرە بۇنىڭدا قۇياشنىڭ ئىچىگە مەلۇم بولغان ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادنىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تارىغان ئەۋلادلار قۇياشتىن تارقالغان نۇر چەمبەرلەر ئىچىگە تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە:
+ g( x8 D' b I. ~5 v4. ئورغاق ئاي شەكىللىك شەجەرە بۇ شەكىل جەھەتتىن مۈشكۈلرەك ئىسخىما بولسىمۇ، لېكىن ياخشى لايىھىلەنسە، كۆركەم ۋە سىغىمچانلىقى يۇقىرى بولۇپ پۈتىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ چوڭ ئورغاق ئايغا تۇنجى ئەجدادنىڭ ئىسمى يېزىلىپ، ئۇنىڭدىن كۆپەيگەن ئەۋلادلار بوغۇن تەرتىپى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاي شولىسى شەكلىدىكى نۇر چەمبەرلەر ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ شەكىل تۆۋەندىكىچە:
) H" r3 _- `! X' W "شەجەرە" نىڭ "ئائىلە ياكى جەمەت مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان دەرەخ" دېگەن مەنىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى خىل شەكىللا ئەنئەنىۋى ۋە ئۆلچەملىك شەجەرە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ شەكىل ئاللىقاچان بېيىپ ئۆز مەنە دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتتى، شۇڭا ھەركىم ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىر شەكىلنى تاللىۋالسا بولۇۋېرىدۇ. بوۋىسى بىلەن ئۇلۇغ بوۋىسىدىن باشقىسىنى بىلمەيدىغانلار بوۋىسى ياكى ئۇلۇغ بوۋىسىنى ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى، دەپ قاراشقا مەجبۇر. فامىلە قوللىنىش ۋە نەسەبنامە تۇرغۇزۇش كۈتۈپ تۇرىدىغان ئىش ئەمەس. جۈملىدىن نەسەبنامە تۇرغۇزۇشتا كۆپىنچە پېشقەدەملەرنىڭ ئاغزاكى ماتېرىياللىرىغا تايىنىمىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن جەمەت تارىخىغا دائىر ئەھۋاللارنى بىلگۈچى شاھىدلار ئازىيىپ، تارىخمۇ يەرگە كۆمۈلۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا نەسەبنامە تۇرغۇزۇشنى ئىمكانقەدەر تېزراق باشلاپ، كەلگۈسىدىكى فامىلە قوللىنىش ئىشىنى ماتېرىيال ئاساسى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. بەزى جەمەتلەرنىڭ تارىخى ئويلىمىغان يەردىن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارغا ئالاقىدار بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا بىر پۈتۈن نەسەبنامە تۈزۈش ئەنئەنىسىنى تۇرغۇزۇش، ئېنىق فامىلە ۋە نام - شەرىپى بار كىشىلەرنى ھەمدە قاتلىمى ئېنىق جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتا مەلۇم ئىجادىي رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.9 @; ?5 Y4 N7 @, J9 k
/ z' Q7 Q: T2 A3 j
7 X. D& L2 g# @* X7 ~! t/ {
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |