خەۋەرئۇ ئىچ – ئىچىدىن سۆيىنىدۇ. سەبىي تىلەكلەر بالقىپ تۇرغان قوزا كۆزلەر ئۈمۈد بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلگىنىدە؛ ئەمدىلا قەلەم تۇتۇشنى ئۆگەنگەن بۇدۇرۇق قوللار دوسكىغا يازغانلىرىنى ئىشتىياق بىلەن كۆچۈرگىنىدە؛ سورالغان سوئاللار چۈچۈك تىللار بىلەن ئەڭ سەمىمىي جاۋابقا ئېرىشكىنىدە؛ ئۈچكىدەك ئېغىزلار يېتىلىپ بولالمىغان سۈت چىشلارنى كۆرسىتىشكىنىچە ئۆزىگە ئەگىشىپ سۆز – جۈملىلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇغىنىدا؛ يۇمران بارماقلار ئاددىي ھېسابلار ئۈچۈن «جىددىي» يۇمۇلغىنىدا... # c0 L/ c. i+ {1 Y) ~
6 _3 F6 x1 ?6 S1 f' i- a; E, fئۇ تاتلىق ھىسلارغا چۆمۈلىدۇ. ئۆز پەرۋىشىدىكى نوتىلارنىڭ نۇرانە ئەتىسى خىيال ئېكرانىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكىنىدە...
) z. }0 X6 M8 i! N$ I; x$ F5 h; A) t, Z& N+ @
ئۇ ئەنسىرەپ قالىدۇ. كىمدۇر بىرى ساقسىز بولۇپ قېلىپ مەكتەپكە كېلەلمىگەندە، كىمدۇر بىرى دەرستە دېگەندەك يېتىشىپ كېتەلمىگەندە، يەنە كىمدۇر بىرى باشقىلاردەك ئېچىلىپ كۈلەلمىگەندە... + h0 l" g/ T0 ]2 s$ w7 Y' i
4 j8 `- B$ A" Q7 N- k% Hئۇ چارچاپ قالىدۇ. ھەممە دەرسنى ئۆزى دېگۈدەك ئۆتۈپ، كۈندە نەچچە سائەتلەپ مۇنبەردە ئۆرە تۇرغىنىدا؛ ھەر كۈنى چىراق يۇرىقىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ دۆۋە – دۆۋە تاپشۇرۇققا بىر- بىرلەپ بەلگە ئۇرغىنىدا؛ تېخى ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن مەكتەپ بېقىش نۆۋىتى يەنە ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغىنىدا... : O. J+ z7 R& F1 Y! P7 t
; m, M, _! }# }/ ]' R
ئۇ دىلىدىن زوقلىنىدۇ. بالىلارنىڭ يېشى بىلەن تەڭ ئەقلىنىڭمۇ چوڭىيىپ، خېلىلا «ئىش ئۇقىدىغان» بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلغىنىدا ...
$ L! \+ `# j, x5 t$ l' t
9 D* o9 N9 [" T, G! M L9 Q, w( Bئۇ ئالدىراپ قالىدۇ. كىمدۇر بىرىگە بالدۇرلا خىيال كىرىپ قالغىنىنى سەزگىنىدە؛ كىمدۇر بىرىنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا تاماكا چىكىپ يۈرگىنىنى كۆرگىنىدە... " ]6 o4 y! q4 l- s
' i4 @, C2 z% m. `/ C1 j" N: L' eئۇنىڭ يۈرىكى ئېچىشىدۇ. كىمدۇر بىرىنىڭ بىراۋلارنىڭ «قولى» بىلەن مەكتەپتىن بالدۇرلا ئايرىلىپ بالا باققۇچى، بالا نىمكار بولۇپ كەتكىنىنى بىلگىنىدە ... 7 F9 k% n3 C6 ?9 n: G+ |3 l& E
- V7 a& ^5 U3 m8 iئۇ ئىچىگە تىنىدۇ. دەستە – دەستە جەدىۋەللەر ياسالما سان – سىپىرلار بىلەن ئۆزىنىڭ تولدۇرىشىنى كۈتۈپ تۇرغىنىدا؛ قانۇنلۇق دەم ئېلىشىنىڭ سۈر - ھەيۋە بىلەن يوق قىلىنغىنىغا نەچچە ئاي بولغىنىنى ئويلىغىنىدا ...
6 s1 J3 e% Y1 Y, {$ j8 Y! C5 y4 p( i0 P: o1 b5 U
ئۇ ھەۋەسلىنىدۇ. بالىلارنىڭ «ئەت تاشلاپ» بىردىنلا چوڭىيىپ كەتكىنىگە، دىلىغا بىر تالاي ئارمانلارنى پۈككىنىگە...
) e, Q3 M! i+ V0 A+ N, O7 e, w
6 z$ b/ @5 N- jئۇ ئەپسۇسلىنىدۇ. كىمدۇر بىرىنىڭ داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ھېلىقى «مېھرى ئىسسىق قەغەز»لەر سەۋەبىدىن يوققا چىققىنىغا؛ كىمدۇر بىرىنىڭ ئائىلە قورغىنىغا بالدۇرلا كىرىپ قالغىنىغا... ! `# w2 o& z4 o8 ]5 M7 k
" E2 _- a% Q2 Z$ k
ئۇ ئۈنسىز ئىزدىنىدۇ. بالىلارنىڭ كۆزىدىن چاقنىغان ئۇچقۇن ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرگەندە؛ ئۇلارنىڭ ئەتىسىنىڭ ئۆز ئەتىسى ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە ...
# { b3 L( F- |. T* ]
! u8 e0 p. ?5 K" s" Aئۇ شادلىنىدۇ. ئون نەچچە يىللار تىرىشقان بالىلار ئاخىرى ئۇچۇرما بولۇپ شادلانغاندا؛ «ئۇستاز، بىزگە كۆپ ئەجرىڭىز سىڭدى»دېگەندەك سادالار ئاڭلانغاندا؛ ئىسسىق ئالقانلار خوشلىشىشقا سىقىلغاندا...
3 I0 d* u' Z2 V6 ^" q3 K+ D& i& i3 }# `0 U% u; C. w4 m$ [, W
ئۇ قايغۇرىدۇ. يەنە بىر مۇنچە بالا ھاياتىدىكى بۇ تولىمۇ زىل سىناقتىن ئۆتەلمەي قايغۇرغاندا ؛ بىرمۇنچە بالا «ئەقىل سىنىقى » دىن ئۆتسىمۇ، «ئاقچا سىنىقى»دىن ئۆتەلمەي ناتىۋانلىقتا بويۇن قىسقاندا... ; B7 X1 ~ W, x1 _/ F2 g+ y& ~) k4 d2 A
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |