مائارىپ
1. يېڭىلىق يارىتىش ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان شەيئىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئەمەس. سىز مەلۇم بىر يېڭىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقارغان كىشىدىن ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىغانلىقىنى سورىسىڭىز، ئۇ بەلكىم خىجىل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى، ئۇ زادى قانداق قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇ پەقەت مەلۇم نەرسىلەرنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى كۆرەلىگەن خالاس، ھالبۇكى، بۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شۇنچە ئېنىق ۋە روشەن.3 j8 i) u! F( W/ [' V) l% ~/ P
2. ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىغاندا، ئادەم «ھاياتلىقتا يوقىتىش بولىدۇ» دەيدىغان ئىدىيەگە كىلىپ قىلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. چۈنكى، ھېچقانداق بىر نەرسىدىن غەم يېمىگەن ئەھۋال ئاستىدىلا، سىز ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايسىز.# \7 P$ s& y: ^$ f/ v/ ~
3. «ئاجايىپ قالتىس» دىگەن سۆزنى ئۆز ھاياتىڭىز بىلەن ئىپادىلەڭ! ھالبۇكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنداق تەلەپ يۇقىرى مۇھىتتا ياشاشقا ماس كەلمەيدۇ.
0 ^) [9 X: t9 [* ?( K4. گەرچە سىز ھازىر پەقەت ئۆتمۈشىڭىزنىلا كۆرۈپ، كەلگۈسىنى كۆرەلمىسىڭىزمۇ، بىراق، سىز چوقۇم كەلگۈسىڭىزنى يارىتىش قولىدىن كېلىدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادىغا، غەيرەت-جاسارىتىگە، تەقدىرى شۇنداقلا ئامىتىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك، مەن بۇ خىل ئىشەنچ يولىدا ئەزەلدىن توختاپ قالمىدىم، شۇنداقلا ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىدىم، بەلكىم بۇ دەل مېنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرىپىم بولسا كېرەك.7 L( w% z6 w8 w
5. خىزمەت سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر پۇشايمان قىلماي دېسىڭىز، چوقۇم ئۆزىڭىز ئەڭ توغرا دەپ قارىغان خىزمەتنى قىلىڭ، شۇنداقلا بۇ خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن سۆيۈڭ. ئەگەر سىز تېخىچە بۇنداق خىزمەتنى تاپالمىغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا داۋاملىق ئىزدەڭ. خۇددى يۈرىڭىز ئارقىلىق ھېس قىلالايدىغان باشقا ئىشلارغا ئوخشاش، سىز ئۇنى تاپقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، يۈرىڭىز ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. خۇددى ھەرقانداق بىر سەمىمىي مۇناسىۋەتكە ئوخشاش، ئۇ كۈنلەر ۋە ئايلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پەقەت سىز بىلەن تېخىمۇ يىقىنلىشىپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تاپقۇچە داۋاملىق ئىزدەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۇنى تاپقاندا ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ!
2 r+ b8 r& e" Z/ r- {6. قەبرىستانلىقتىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلىنىش-ئايلانماسلىق مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، مەن ئۆز-ئۆزۈمگە «بىز بۈگۈن ناھايىتى گۈزەل ئىشلارنى تاماملىدۇق» دېيىش.$ E8 k8 p& O; X3 h4 n
7. مەن بىز ۋۇجۇتقا چىقارغان نۇرغۇن ئىشلار بىلەن پەخىرلىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەن يەنە بىز تاماملاشنى خالىمىغان ئىشلارنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىمەن، چۈنكى، يېڭىلىق يارىتىش دېگەنلىك مىڭلىغان ئىشلارنى رەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.& A* [. s/ l* K9 ^7 M
8. مېنىڭچە، ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئىشنى قىلىپ، نەتىجىسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان بولسا، ئۇنداقتا مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ دىققىتىڭىزنى باشقا ئىشلارنى قىلىشقا سەرپ قىلىڭ. گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا بەك ئۇزۇن ۋاقىت مەشغۇل بولماڭ، داۋاملىق كېيىنكى نىشانىڭىزنى ئىزدەڭ.
6 ~& b& i) v' ~1 ]* ]/ z" c5 s* u. E9. ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن دورالغىنى مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش. چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوقاپ، يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە خاس بولغان يېنىك ۋە ئازادە تۇيغۇغا ئىگە بولدۇم، بۇ يەنە مېنى ھاياتىمدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچۈم ئەڭ تولۇپ تاشقان بىر مەزگىلگە باشلاپ كىردى.
4 V9 \1 u7 c9 G% e8 c! {10.سۈپەت ھامان سانغا قارىغاندا مۇھىم، بۇ خۇددى بىر قېتىم ئۇتۇش ئىككى قېتىم تەڭلەشكەندىن ئۈستۈن تۇرغانغا ئوخشايدۇ.) W9 W- j+ W) N
11. 17 ياش ۋاقتىمدا مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆزىنى ئوقوغانىدىم : «ئەگەر سىز ھەربىر كۈننى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنگە ئوخشاش ئۆتكۈزسىڭىز، ئۇنداقتا كۈنلەرنىڭ بىرى بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چوقۇم چۈشىنىپ يېتىسىز.» بۇ گەپلەر مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇندىن كېيىنكى 33 يىلدا، مەن ھەركۈنى ئەتىگەندە ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمدىن سوئال سورىدىم: «ئەگەر بۈگۈن مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئاخىرقى بىر كۈن بولسا، ئۇ ھالدا مەن يەنە بۈگۈن قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىشنى خالايتىممۇ-يوق؟ » ھەر قېتىم ئۇدا بىر نەچچە كۈن مەن بۇ سوئالغا «ياق!» دەپ جاۋاب بەرگەن ۋاقتىمدا، مەن ئىشلىرىمدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلەتتىم.
+ m: b$ q7 A4 Q' j12.ئىشىنىمەنكى، يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بىلەن يېرىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان كارخانىچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەقەت ساپ ۋە ئىرادىگە باغلىق.8 x6 }, Y$ s! D" A
13. مەن ئالەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان سىگنال ئۈسكۈنىسىدىن بىرنى ئورنىتىپ قويۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |