يانفۇن
ھەر يىلى شەمسىيە كالېندارى بويىچە 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى غەرب دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − ئادەم ئالداش بايرىمىدۇر. بۇ بايرام فىرانسىيىدە پەيدا بولغان. 1564 - يىلى فىرانسىيە يېڭى ئىسلاھاتنىڭ يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى − گىرىگورىي كالېندارى (يەنى ھازىر ئورتاق قوللىنىۋاتقان شەمسىيە كالېندارى) نى قوللىنىشقا باشلانغان بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى بىر يىلنىڭ باشلىنىشى قىلغان. بىراق، بىر قىسىم كونىلىقنى ياقلىغۇچىلار بۇ ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇپ، جاھىللىق بىلەن كونا كالېندار بويىچە 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سوۋغات تەقدىم قىلىشىپ، يېڭى يىلنى تەبرىكلەشكەن. ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولسا قارشى تۇرغۇچىلارنى ئەخمەق قىلىپ، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۇلارغا يالغاندىن سوۋغا تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنى يالغاندىن زىياپەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى ئادەم ئالداش بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ كۈنى ھەركىم بىر قېتىم ئالدامچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئامال تېپىپ باشقىلارنى كولدۇرلىتىدۇ. ئالدانغان كىشىمۇ خاپا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ كۈن ئالدانغان «ئەخمەقلەر» ئۆتكۈزىدىغان بايرام - دە.+ d/ T! F5 Q' h; s) r5 ^
* a5 O9 n' B& h
9 k# v8 h6 }! |/ B$ x( R6 {
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |