ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 0

سېرىق تارىخىنى بىلمىگەنلەرنىڭ خەرىتىسىنى باشقىل ...ئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

42

يازما

601

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
155 سەر
تۆھپە
131 سەر
تىللا
113 دانە
جەۋھەر
1 دانە
3d تارىخىنى بىلمىگەنلەرنىڭ خەرىتىسىنى باشقىلار سىزىدۇ!
* C- W7 n+ R+ v9 r) s" Y7 P
20130616075532859.jpg
: T( t! H" ~# X; g: L
دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئادەم بالىسى ياشاۋاتقانلا يەردە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرىمىز. كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنىڭ سوغۇق ياكى كەسكىن ئۇرۇشلىرى ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەربىر ئۇرۇشنىڭ تەكتىدە «ئەڭ قۇدرەتلىك بولۇش ھېرىسمەنلىكى» يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. چۈنكى قۇدرەت تاپالىغانلار ئۆز كۈچىنى ئىشقا سالالىغان مۇددەتچە، مۇستەھكەم پۈت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.* m3 h& t$ _* R' s5 Y" V
مۇستەھكەم تۇرالىغان قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلماقچى بولغان ئاجىز دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تارىخىنى يوقۇتىدۇ ۋە خەلقلەرنى ئۆز تارىخىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خەلقلەرنى ئۆز تارىخىدىن نەپرەتلەندۈرىدۇ. ئامىرىكا باشلىق، ئۆز ئارزۇلىرىنى تۈركىيەنىڭ ھىسابىغا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ستراتىگىيەسىگە قارايدىغان بولساق، بۇنى ئوچۇق كۆرەلەيمىز.
: Z. g; K2 U- d* m% b( Q% B4 ~% oتۈركىيە ۋە باشقا بارلىق تۈرك دۆلەتلىرىدە، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى شۇنداقلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، كۆرگەن مەنزىرەدىن ھېچبىرىمىز خۇشھال بولمايمىز.) }, x& }, \4 L9 i; U6 r$ x. w
ئەجىبا، بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىرىمۇ؟) c3 j2 [/ W# y8 P! G$ R
ئۇلۇغ ياراتقۇچى بىز مۇسۇلمانلارغا مۇشۇنى تەقدىر قىلغانمۇ؟!$ n6 g# A; c  Y0 ]
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھرىبان ۋە ناھايىتى رەھىملىك زات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىمان كەلتۈرگەن ياكى كەلتۈرمىگەن بارلىق ئىنسانلارغا ئادالەت بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان. ئەمما تۈرك دۇنياسى ۋە باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلەر پۇخرالىرى مەۋجۇت بولۇش سۇپىتى بىلەن بۇ ئادالەتتىن نەسىۋىسىنى ئالالمىغان، ئالغان بولسىمۇ يېتەرلىك ئېلىشقا تىرىشمىغان، ئالغان نەسىۋىسىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلەتمىگەن بولسا، ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ ئادالىتى يەنىلا تەجەللى قىلىۋاتقان بولىۋىرىدۇ، ھېچكىمنى ئەيىبلەشكە ھەققىمىز بولمايدۇ.* S+ d( ]% t- B) N* M8 P4 A
«مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئىسلام دونياسىنى كونترول ئاستىغا ئېلىۋالماقچى بولۇۋاتقان، بىزنى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت بېسىمىنىڭ ئىسكەنجىسىدە سىقىۋاتقانلارغا قارشى بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن زادى نېمە ئىش قىلالىدى؟!»
; e4 F7 K2 R/ R& U* Vمانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىساقلا، كىچىككىنە بىر سىلكىنىش بىلەن ئۆز ئەسلىمىزگە كېلەلەيدىغانلىقىمىزغا، بىر-بىرىمىزنى تونىيالايدىغانلىقىمىزغا، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىمىزغا قىلچە گۇمان قالماسلىقى مۈمكىن./ [6 M: z% \8 @9 @
ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىمىز، ئىسلام ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى بۆلمەكچى ۋە پارچىلىماقچى بولغانلارغا قارشى ئەڭ كىچىك بىر بەدەل تۆلىيەلمەيۋاتقانلىقىمىز، قېرىنداشلىق مۇئەسسەسىنى مۇستەھكەم تۇتالماسلىقىمىز ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پالاكەتلەر بېشىمىزغا كېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟
* j* @1 X& P% a9 U5 lتۈرك دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەردە ھەل قىلىش مۈمكىن بولمايدىغان ئالاھىدە بىر پەرق مەۋجۇت ئەمەس." x$ B& U& w- P3 O3 r
مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ھەرقانداق بىر كىشى بىلىدۇكى، قىبلىمىز بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر، كىتابىمىز بىر ۋە ئىمان كەلتۈرگەن ئاللاھىمىز بىر.
, `$ z8 y' d" }. I; L0 kئۇنداقتا قىيىنچىلىق زادى قەيەردە؟
1 |3 L) m, h# V1 F- Xمانا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بەرگەن چېغىمىزدىلا مەسىلە ھەل بولىدۇ. لېكىن ھېچكىم بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىش ئۈچۈن بارمىقىنى قىمىرلىتالمايدۇ.
& [9 N2 z9 r0 {0 S& I0 Q7 s2 c( oمانا بۇلار بىزنى بىر يەرگە توپلاش، بىرلىك كۈچ تەشكىللەش، بىللە ئولتۇرۇپ ئۆزئارا چۈشىنىشىش، قېرىنداش بولۇش، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە لايىق بىر پىكىرنى مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب ئەمەسمۇ؟ ھەر قايسى مۇسۇلمانلار دۆلىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى، شۇنداقلا ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ئەڭ باشتا ئۆزىگە، ئاندىن يېنىدىكىلەرگە، كېيىن ئۆيىگە، ئۇندىن كېيىن مەھەللىسىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ياشاۋاتقان شەھىرىگە ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى توغرا يەتكۈزەلىگەن بولسا ئىدى، بۈگۈنكىدەك پارچە-پارچە، پاراكەندە ياشايدىغان بولۇپ قالمىغان بولاتتۇق؟!
+ H+ T% J( K; b+ }! d. ?+ v2 Rئىسلام تىرىتورىيەسىنىڭ بۇزۇلىشى، ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىملىرى ئاستىدا ئېزىلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل تارىخىمىزنى بىلمەسلىكىمىز ۋە ئۇنى ئۇنۇتقانلىقىمىزدۇر. تارىخنى بىلمىگەنلەرنىڭ تىرىتورىيەسىنى باشقىلار سىزىدۇ. ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە، يەنى چۈشكۈنلىشىش دەۋرىگە نەزەر سالساق، بۇ چوڭ ئېمپىرىيەنىڭ يېمىرىلىشىنىڭ سەۋەبى دۆلەتنى ئىدارە قىلغانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ، تارىخىي تەجرىبەلەردىن پايدىلانماسلىق بولغانلىقىنى كۆرىمىز.
8 Z4 x9 H0 |( O2 Lئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى يۈز يىل ئىلگىرى ئىنگىلىز جاسۇسى لاۋرانس تىكىپ قويغان ئۇرۇقلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ھازىرغىچىلىك تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىغا سوغۇق نەزەردە قارايدۇ، ئۆزلىرىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرىدۇ. بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال!/ Z9 N5 Y5 F2 b- m
دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ھەرقانداق بىر ئەقلى ساغلام ئىنسان قانداقسىگە قىبلىسى بىر، كىتابى بىر، پەيغەمبىرى بىر، ئاللاھى بىر بولۇشتەك ئەقىدەدىن ئېزىپ، باشقا ئازغۇن ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ھەرتۈرلۈك خەتەرگە قارشى دۈشمەن بىلەن بىر بولۇشنى ئىستىيەلىسۇن؟!
/ `. d: I" a/ h5 h9 d8 r9 Eبۈگۈن بىز دەل ئەنە شۇنداق قىلىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟
; Q6 ?& D; M& ]2 ~6 X& B7 Eبىر بىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە بولۇش ئۈچۈن بەسلىشىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟& H7 C: A8 \. z+ u$ n/ N& p+ l0 N
ماقۇل، بەسلىشەيلى. لېكىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئاستىدا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئاستىدا ئىڭراپ تۇرۇپ ئەمەس، بەلكى ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ھېس قىلدۇرغان ۋە قوبۇل قىلدۇرغان ھالدا بەسلىشەيلى. يەنى ئۇرۇشتىمۇ، تىنچلىقتىمۇ كۈچىمىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟
# N+ o2 s! `4 s* }, Z; B' Pھەرقايسى مۇسۇلمانلار دۆلىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى، شۇنداقلا ھەر بىر مۇسۇلمان كىشى ئۆتمۈشىنى ۋە تارىخىنى توغرا تونۇپ، دىنى تەلەپ قىلىۋاتقان قېرىنداشلىق مۇئەسسەلىرىگە ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىشتە بىردەكلىك ھەم باراۋەرلىك پەيدا قىلمىغۈچە، شۇنداقلا تارىخىمىزنى، ئۆتمۈشىمىزنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن رىسالىتىنى توغرا چۈشىنىپ، توغرا چۈشەندۈرەلمىگۈچە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى رىئاللىققا ئېرىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس.
' t4 O" t! C8 k! @0 _5 lھەربىر تۈركىيەلىك مۇسۇلمان بىرىنچى بولۇپ، باشقا بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، قېرىنداش بولۇش كېرەكلىكىنى بىلىشى لازىم. بارلىق ئۇنۇتقان، كۆرمەسكە سالغان ئىنسانلارنى ھەقىقى ئىنسانلىق يولىغا باشلاش ئاساسىدا دۇنيا ئىنسانلىرى تەلمۈرۈۋاتقان راھەت ۋە خاتىرجەملىكنى بەرپا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم." a  u+ x, Z4 A. Q" j6 {! q
ئاللاھ ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولمىغانلارنى ۋە كۈچىدىن قىلىپ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنى ھېساپقا تارتمايدۇ. لېكىن بىز تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام ئەللىرى ئەقلى-ھۇشى يوق، كۈچتىن قىلىپ ئەسىرگە ئىلىنغان دونيا ئەمەسمىز. بىرلىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا، بىرلىكسەپ قۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىشكە باشقا ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ بەكرەك ئىھتىياجلىقمىز. قۇدرەت تاپقان دۆلەتلەردىن ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مىليۇنلارچە ئىنسانلار بىزدىن دەل شۇنى كۈتمەكتە.
& K3 r! A" U. L9 eمۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئىنسانىيەتكە سۇنماقچى بولغان «ھەقىقى ئىنساندەك ياشاش» قارىشىنى ئەمەلىلەشتۇرۇش ۋەزىپىسىگە ئىگە جەمئىيەتتۇر. پەقەت مۇشۇ ۋەزىپىنى «تەرك ئىتىش»نىڭ ئۆزىلا زىيانكارلىق ئىچىدە ياشىشىمىزغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ «يىقىتقۇچى» ئەمەس، «بىنا قىلغۇچى» بولۇش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى «بىنا قىلىش»، «بىنا قىلغۇچى، قۇرغۇچى» بولۇش، «بىرلەشتۈرگۈچى» ۋە «پۈتۈنلىگۈچى» بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.9 Y6 J0 M: t7 G6 @5 B3 Y
9 i/ K0 R1 j  n7 W! P
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: غەيرەت بۇغرا5 d$ T* N3 x6 e7 [! _& l% B; T
(«تۈرك-ئىسلام بىرلىكى» ژورنىلى، 1-سان، 2005-يىل مارت-ماي)
! X+ l6 C/ Q  R1 f4 Mيوللانغان ۋاقتى: 2010- يىل 06- مارت2 P( P0 |9 S0 e
كونا مۇنبەردىكى مەنزىلى: http://akademiye.com/oldweb/?p=4655
. [/ `0 Y0 c$ A' P; Uمەنزىل : ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى http://www.akademiye.org/ug/?p=1456ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗