خەۋەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شامال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-20 21:29 " S! I- @5 }# u' q
/ p( @8 `/ E1 oئەسىر پويىزى << ئىلىكتىرون-ئاتوم>> بېكىتىدىن ئۆتۈپ، ئېلىكتىرون-ئۇچۇر بېكىتىگە يىتىپ كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن جاھان ئەھلى بۇ پويىزغا چىقىۋېلىش نىيىتىدە تىرىشماقتا. ئەپسۇسكى ، ئىلىم ھىكمەتتە كامالەتكە يەتكەن مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق كاتتا ئالىملارنىڭ ئىز باسارى بولغان بىزلەرنىڭ كۆپچىلىكىمىز يەنىلا جاھاندىن بىخەۋەر، بىغەم ۋە بىخوت يۈرمەكتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان باشقا ئەل-خەلىقلەر شۇنۇڭغا ھەيرانكى بۈگۈنكى ئىلىم دۇنياسى ئۇلارنى يەكلەۋاتامدۇ،ياكى ئۇلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنى ئۇلارنى ئۇلارنى ئىلىم ئىگەللەپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلەىرلىشىگە توسالغۇ بولىۋاتامدۇ؟
, H' C( g4 l4 x6 y0 D. e0 i% z9 F5 f( \5 [4 M0 |
ئىسلامنى ھەقىقى چۈشەنگۈچىلەر شۇنداق جاۋاپ بىرۇدۇكى: ياق،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ھەممىگە ئېنىقكى، ئىلىم-پەن ھەرقانداق بىر شەخىس ۋە گۇرۇھنىڭ خۇسوسى مۈلكى ئەمەس، ئۇنى كىم ئۈگەنسە قوبۇل قىلسا بولىۋىرىدۇ. بۈيۈك ئىسلام دىنىمۇ ئىنسانلارنى ئىلىم -پەن ئۆگىنىشنى چەكلىمەك تۈگۈل ئۇنى ئۆگىنىشنى پەرز ھىساپلايدۇ.
/ u! \1 f5 ~# o! r. d- a; H3 j4 O7 u. k) d* P: t8 R I" o
مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ 47-سۈرە 19- ئايىتىدە<<بىلگىنكى ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر>> دىيىلگەن.بۇ ئايەتنىڭ سۆز تەرتىپى ۋە مەنە ئېتىبارىدىن شۇ نەرسە ئېنىقكى ، ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىنى ھەقىقى تونۇش ئۈچۈن، ساغلام ئەقىل ۋە بىلىم ئالدىنقى شەرت ھىساپلىنىدۇ. بۇ ھەقىقەت قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش تەرتىپىدە بىرىنچى سۈرە دەپ قارىلىدىغان <<ئەلەق>> سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى ئايەتلىرىدە<<ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقىغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۈگەتتى، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.>> (1-2-3-4-5-ئايەتلەرگە قاراڭ). ئاللا بۇ ئايەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىشنى ،بىلمىگەننى بىلىشنى شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئالەمنى يارىتىشتىكى ھىكمىتى ۋە رەھمىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقى ئىتىقادقا ئېرىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ << ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ>>(35-سۈرە28-ئايەت) يوقۇرقى ئايەتتىكى <<ئالىم>> سۆزى <<ئەلەمە>> (بىلدى) سۆزىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ،<<بىلگۈچى>> دىگەن مەنىدە. ئەگەر بۇ يەردە تەكىتلەنگىنى پەقەت دىنى بىلىملا بولىدىغان بولسا بۇ يەرگە دىننى پۇراقتىكى بىرە رئىبارىنى قوشۇپ قويغان بولاتتى. دىمەك بۇ ئايەتتە تەكىتلەنگىنى دىننى ۋە پەننى جەھەتتە تەڭ يىتىلگەن ئالىملاردۇر.! C( U" S9 o4 S' T( J/ w
بىراق ئاللاھنىڭ الەمنى يارىتىشتىكى ھىكمەتلىرى توغرىسىدا ھىچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولماي مەنىۋى بېكىنمىچىلىك ھالىتىدە ياشىغان ۋە جاھاننى ئاددى كۆز بىلەنلا كۈزۈتۈپ، ئەقىل كۆزى تېخى ئېچىلمىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ، ئىلىم- پەندىن ئىبارەت بۇ يېڭى ھەم قۇدرەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە تۈرلۈك بەتناملارنى چاپلاپ ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئومومى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
" U( d$ {) o6 a/ Q << ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى؟ ئاسمان قانداق ئىگىز قىلىندى؟ تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى؟ زىمىن قانداق يېيىتىلدى؟>>(88-سۈرە17-20ئايەتلەر) يوقۇرقى ئايەتلەر ئارقىلىق ئاللاھ زوئولوگىيە،ئاستورونومىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەر(ئىلىم)نى ئۆگىنىپ، شۇ ئاساستا تەبىئەتنى چۈشىنىش ئاقىلىق ئاللاھنىڭ <<ئەڭ بۈيۈك ۋە ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى>> ئىكەنلىگىنى ھەقىقى تونۇشقا چاقىرىدۇ.
0 G/ ?* D" g0 g! _" v7 P6 aمەنبەسى: تور دۇنياسى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |