ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 1

دەرىس تارىختىكى 20 چوڭ كومپىيۇتىر ۋىرۇسىلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

75

تېما

110

يازما

1743

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
499 سەر
تۆھپە
352 سەر
تىللا
278 دانە
جەۋھەر
1 دانە
ۋاقتى: 2013-10-27 09:01:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەر
تارىختىكى 20 چوڭ كومپىيۇتىر ۋىرۇسى

. t1 f! H: ]/ K, M  y
1011-18.jpg
% S) Q, @9 b! I+ v5 b, x5 z
كومپىيۇتىر ۋىرۇسى تىلغا ئېلىنسا، ھەممە كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. قاتتىق دىسكىدىكى سانلىق مەلۇماتلار يوقاپ كېتىش، تور ئۇلۇنىشى ئۈزۈلۈپ كىتىش، بىر كومپىيۇتىر قاراپ تۇرۇپلا ۋىروس مەنبەسىگە ئايلىنىپ ، باشقا كومپىيۇتىرلارغا ۋىروس تارقىتىش...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كومپىيۇتىر ۋىرۇسى ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلاردۇر. كومپىيۇتىر ۋىروسلانسىلا، سىزنىڭ قاراچۈشىڭىز باشلىنىدۇ. 2008-يىلى ، بىر يىل ئىچىدە، دۇنيا بويىچە كومپىيۇتىر ۋىرۇسى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان 8مىليارد500 مىليون دوللارغا يەتكەن. كومپىيۇتىر ۋىرۇسى بايقالغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولۇپ، بۇنى ئەڭ دەسلەپكى كومپىيۇتىر تېخنىكىسى تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتىلا بىر قىسىم كىشىلەر كومپىيۇتىر سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى تېپىپ چىققان. 1949-يىلى پەن-تېخنىكا مۇتەخەسىسى يوھان « ئۆزىنى زاپاسلايدىغان پروگراممىنى يېزىپ چىقىش ھەرگىزمۇ سەپسەتە ئەمەس» دېگەن. بىراق 10 نەچچە يىلدىن كىيىن ، خايكېرلار ھەقىقىي كومپىيۇتىر ۋىرۇسىنى يېزىپ چىقتى. كومپىيۇتىر ئومۇملاشقاندىن باشلاپلا، كومپىيۇتىر ۋىرۇسى كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان قىززىق نوقتىغا ئايلاندى.
0 e  h, |* z9 M1.Creeperۋىرۇسى (1971-يىل); K2 b1 F, N* ~) ]$ E6 x; f
ئەڭ بۇرۇنقى كومپىيۇتىر ۋىرۇسى Creeper  1971-يىلى ياسالغان بولۇپ، بۇ 42 يىل بۇرۇنقى ئىش. ئەينى ۋاقىتتا ۋىروس دەپ ئاتالمىغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا كومپىيۇتىر ۋىرۇسى مەۋجۇت ئەمەس ئېدى. CreeperنىBBNتېخنىكا شىركىتىنىڭ پىروگرامما يازغۇچىسى روبىرت.توماس يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇ ARPANETتورىدا تارقالغان. Creeperتوردا تارقىلىپ، بىر سېستىمىدىن يەنە بىر سېستىمىغا ئۆزىنى كۆچۈرەتتى. بىراق يەنە بىرCreeperغا يولۇققاندا، يوقاپ كېتەتتى.2 z. {* Z2 ]* n
2.Elk Clonerۋىرۇسى(1982-يىل)9 s8 q( l  B/ B
رىچ.سىكرانتا ، ئالما كومپىيۇتىرىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى كومپىيۇتىر ۋىرۇسىنى يېزىپ چىقتى. 1982-يىلى سىكرانتا يۇمشاق دىسكا ئارقىلىق تارقىلىدىغان كومپىيۇتىر ۋىرۇسىElk Clonerنى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا كومپىيۇتىرلاردا قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچىسى يوق ئىدى. بۇ ۋىروس نەچچە ئونمىڭلىغان كومپىيۇتىرلارغا تارقالغان بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ زىيىنى يوق بولۇپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپىيۇتىرىدا بىر كوپلىت شىئىر پەيدا بولۇپ قالاتتى.4 S2 N+ [4 }- w, w2 ^
3.Melissaۋىرۇسى(1999-يىل)
1 k8 I4 x7 i/ m* D. z  M  C. fMelissaۋىرۇسىنى داۋىد.شىمىس ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ تىز سۇرئەتتە تارقىلىدىغان ماكرو ۋىروستۇر. بۇ ۋىروس ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى شەكلىدە تارقىلىدۇ.Melissaۋىرۇسى قوللىنىلغان ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ نامى« بۇ سىزنىڭ ماتىرىيالىڭىز، باشقىلار كۆرمىسۇن» بولۇپ، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى قوبۇل قىلغۇچى پوچتا يوللانمىسىنى ئاچسىلا، ۋىروس ئۆزىنى زاپاسلاپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ  ئالاقىلىشىش ئادرىسىدىكى 50 كىشىگە ئوخشاش ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى ئەۋەتىدۇ.بۇ ۋىروس ناھايىتى كۆپ ئېلىكتورونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش ئارقىلىق شىركەتلەرنىڭ ۋە باشقا ئىلىكتورونلۇق پوچتا يوللانمىسى مۇلازىمىتىرىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.گەرچەMelissaۋىرۇسى باشقا ھۆججەتلەرنى يوقىتىۋەتمىسىمۇ، بىراق بۇ ۋىروس 1999-يىلى 3-ئاينىڭ26-كۈنى تارقىلىپ، %15-%20 سودا كومپىيۇتىرىنى يۇقۇملاندۇرغان.
( s; H8 Z2 `/ R1 D% l4.سۆيگۈ قۇرتى ۋىرۇسى (2000-يىل)
5 s2 Z* q; D$ q+ Y& eMelissaۋىرۇسى تارقىلىپ بىريىلدىن كىيىن، فىلىپىندا يېڭى تىپتىكى بىرخىل كومپىيۇتىر ۋىرۇسى بايقالدى.Melissaۋىرۇسىغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ ۋىروس پارازىت قۇرت ۋىرۇسى بولۇپ، ئۆزىنى-ئۆزى كۆپەيتىدىغان مۇستەققىل پىروگراممىسى بار ئىدى. بۇ ۋىروسنىڭ ئىسمى سۆيگۈ قۇرتى ۋىرۇسى ئىدى. سۆيگۈ قۇرتى ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپتە ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى بىلەن تارقالغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلىق كۈچى Melissaۋىرۇسىدىن كۈچلۈك ئىدى. سۆيگۈ قۇرتى ۋىرۇسى قوللىنىلغان ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ نامى« بۇ سىزنىڭ سۆيگىڭىزنىڭ تەلەپ خېتى» بولۇپ، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى ئەڭ خەتەرلىك ئىدى. بۇ پارازىت قۇرت ۋىرۇسىنىڭ دەسلەپكى ھۆججەت نامىLOVE-LETTER-FOR-YOU.TXT.vbsبولۇپ، خايكىرلار VBتىلى ئارقىلىق بۇ ۋىروسنى ياساپ چىققان . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر فىلىپىنلىق ئاۋنىئېر.گوسمەننى بۇ ۋىروسنى ياساپ چىققان دەپ گۇمانلانغان. بىراق ئەينى ۋاقىتتا فىلىپىندا كومپىيۇتىرغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش توغرىسىدا قانۇن بولمىغاچقا، ھۆكۈمەت گوسمەننى باشقىلارنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىغان دەپ ئەيىپلىگەن. بىراق ئىسپات يىتەرلىك بولمىغاچقا، گوسمەننى قويۇپ بەرگەن. سۆيگۈ قۇرتى ۋىرۇسى 10 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن.8 ?  c- |0 X3 v# k* v
5.خىزمەت ئىزدەش خېتى ۋىرۇسى(2001-يىلى)* @4 S3 X$ L* S: Q- `; {4 v
خىزمەت ئىزدەش خېتى ۋىرۇسى كومپىيۇتىر ۋىرۇسى ساھەسىدە ئابىدە بولۇپ قالغان.بۇ ۋىروس تارقىلىپ بىر قانچە ئايدىن كىيىن، نۇرغۇنلىغان ئۆزگەرگەن شەكلى بارلىققا كېلىپ، ئىنتىرنىت تورىنى نەچچە ئاي قالايمىقان قىلغان. كۆپ كۆرىلىدىغان خىزمەت ئىزدەش خېتى ۋىرۇسى ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق تارقالغاندىن كىيىن، ئۆزىنى-ئۆزى كۆپەيتىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ  ئالاقىلىشىش ئادرىسىدىكى  كىشىلەرگە ئوخشاش ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى ئەۋەتىدۇ.بىر قىسىم شەكلى ئۆزگەرگەن خىزمەت ئىزدەش خېتى ۋىرۇسى باشقا ۋەيران قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە پىروگراممىلارنى ئېلىپ يۇرۇپ، كومپىيۇتىرنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم خىزمەت ئىزدەش خېتى ۋىرۇسى ۋىروس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالىنى مەجبۇرىي تاقىۋىتىدۇ ياكى ۋىرۇسى ۋىروس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى قىياپىتىگە كىرىۋالالايدۇ.) e. t7 `& w2 l" {' c6 g8 ^, p+ p
خىزمەت ئىزدەش خېتى ۋىرۇسى تارقىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، بىر قىسم خايكىرلار بۇ ۋىروسقا ئۆزگەرتىش كىزگۈزۈپ، ئۇنىڭ تارقىلىش نىسپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.
  g! B2 z' V2 q+ [, A9 ^6.قىزىل رەڭلىك كود ۋىرۇسى (2001-يىلى)
* A+ S; L8 Q9 ~7 qقىزىل رەڭلىك كود ۋە قىزىل رەڭلىك كودⅡ، بۇ ئىككى پارازىت قۇرت ۋىرۇسىWindows 2000ۋەWindows NTسېستىمىسىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇم قىلىدىغان ۋىروس بولۇپ، بۇ ئىككى سېستىما قوزغالغاندا، كومپىيۇتىر قوبۇل قىلغان سانلىق مەلۇمات بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كىتىپ، باشقا سېستىمىلار نورمال مەشغۇلات قىلالمايدۇ. ھەتتا كومپىيۇتىر سېستىمىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. بۇ ۋىروسنىڭ باشقا ۋىروسقا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، قىزىل رەڭلىك كود ۋىرۇسى مۇلازىمىتىرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا ھۇجۇم قىلماستىن بەلكى، مۇلازىمىتىرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.
& R  a0 y5 {0 ?/ i9 |! L7.Nimdaۋىرۇسى(2001-يىلى)
4 R4 h0 n( \4 e5 j3 W, n: dبۇ ۋىروس 2001-يىلى بايقالغان.Nimdaۋىرۇسى ئىنتىرنىت تورىدا تىز سۈرئەتتە تارقالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تارقىلىشى ئەڭ تىز ۋىروس بولۇپ قالغان. Nimdaۋىرۇسى ئاساسلىقى ئىنتىرنىت مۇلازىمىتىرىگە ھۇجۇم قىلاتتى. Nimdaۋىرۇسى ئېلىكتورونلۇق پوچتا يوللانمىسى قاتارلىك كۆپ خىل شەكىلدە تارقالغاچقا، تارقىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ۋىروس بولۇپ قالغان.- U  N$ P$ G; N) I
Nimdaۋىرۇسى ئىشلەتكۈچىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىدا بىر كەينى سۇپىدىكى پىروگرامما ھاسىل قىلىپ، ھۇجۇم قىلغۇچى باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە سېستىمىغا كىرەلەيدۇ.Nimdaۋىرۇسى نۇرغۇنلىغان ئىنتىرنىت سېستىمىسىنى ۋەيران قىلىپ، مۇلازىمىردىكى ماتىرىياللار پارازىت قۇرت ۋىرۇسى بىلەن توشۇپ كەتكەن.( r* N( E1 Q6 Y2 `* w  E* _
8.كۆك كەپتەر ۋىرۇسى(2001-يىلى)& v* ^6 Z# w" W/ k- R
كۆك كەپتەر ۋىرۇسى يىراقتىن كونتىرول قىلىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا كۆپ خىل يىراقتىن كونتىرول قىلىدىغان دېتاللارنى بىرلەشتۇرگەن ياغاچ ئات ۋىرۇسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتىرى بۇ ۋىروس بىلەن يۇقۇملانسا، ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەربىر ھەركىتى خايكىرنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. خايكىرلار كومپىيۇتىر ئىگىسىنىڭ باشقۇرۇش نومۇرى، مەخپىي نومۇرى، رەسىم، مۇھىم ھۆججەت قاتارلىقلارغا ئاسانلا ئېرىشەلەيدۇ. كۆك كەپتەر يەنە يىراقتىن كونتىرول قىلىنغان كومپىيۇتىرنىڭ ئېكرانىنى رەسىمگە تارتالايدۇ. كومپىيۇتىردىكى كامىرانى نازارەت قىلىپ، كومپىيۇتىرنى ئاپتوماتىك ئېچىش ئارقىلىق سىنغا ئالالايدۇ.2006-يىلى يىل ئاخىرىغىچە، كۆك كەپتەر ۋىرۇسىنىڭ 60 مىڭدىن كۆپرەك ئۆزگەرگەن ۋىرۇسى بايقالغان. قانۇنغا رىئايە قىلىپ ئىشلەتكەندە، بۇ ئىنتايىن ياخشى يىراقتىن كونتىرول قىلىش دېتالى بولسىمۇ، بىراق قانۇنسىز كىشىلەر پايدىلىنىپ كەتسە، كۆك كەپتەر ئىنتايىن خەتەرلىك خايكىر قورالى بولۇپ قالىدۇ.
! q9 M8 s! V# c6 `( E$ W$ U9.SQL Slammerۋىرۇسى(2003-يىلى)4 d: y# J) V1 e3 O- y8 U
SQL Slammerۋىرۇسى يەنە كۆك ياقۇت ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بىرخىل DDOSيامان غەرەزلىك پىروگراممىدۇر.بۇ ۋىروس يېڭى ئۇسۇلدا تارقىلىدىغان بولۇپ، مۇلازىمىتىرنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق مۇلازىمىتىرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. بۇ ۋىروس SQL Server سېستىمىسىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، مۇلازىمىتىرنى ئۈزىۋېتىپ، كومپىيۇتىر ئىچكى ساقلىغۇچىدا SQL Serverنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.يۇقۇملانغانSQL Serverسېستىمىسى ئارقىلىق SQL Serverسېستىمىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئىچكى توردا تۇسۇلۇش پەيدا قىلالايدۇ.SQL Serverسېستىمىسى يامىقى ۋە بۇ ۋىروسنى مەخسۇس تازىلايدىغان ۋىروسخور چىقىشتىن بۇرۇن، بۇ ۋىروس 1 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيان سالغان./ w3 _: @8 ^2 q  V6 c9 T$ k3 h7 q
10.MyDoomۋىرۇسى(2004-يىلى)6 r* N; R0 C: n, b8 S9 b
2004-يىلى2-ئايدا، مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ كەينى سۇپىسىدا پىروگرامما ھاسىل قىلىپ كومپىيۇتىرغا ھۇجۇم قىلىدىغان كومپىيۇتىر پارازىت قۇرت ۋىرۇسىMyDoomبارلىققا كەلدى. بۇ ۋىروس ، ۋىروس بىلەن ئەخلەت ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تىز سۈرئەتتە كارخانا ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانما سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ سانىنى تىز سۈرئەتتە كۆپەيتىپ، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانما سېستىمىسىدا توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ.باشقا ۋىروسلارغا ئوخشاش تەرىپى، بۇ ۋىروس ئىشلەتكۈچىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرىسىدىكى  كىشىلەرنى تېپىپ چىقىپ، توختىماستىن ۋىروس ھۆججىتىنى يوللايدۇ.بۇنىڭدىن باشقا بۇ ۋىروس ئىزدەش ماتورىغا توختىماستىن ئىزدەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىزدەپ تاپقان ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىغا ۋىروس ھۆججىتىنى يوللايدۇ. ئاخىرىدا گوگىلنىڭ ئىزدەش ماتورى مىليونلىغان ئىزدەش ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋېلىپ ، ئىزدەش مۇلازىمىتىرى ئاستىلاپ كىتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا تەخمىنەن ھەر 12 پارچە ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ ئىچىدە 1 پارچە ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى بۇ ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان.
# D$ F$ R7 i; e+ u11.Sasserۋىرۇسى(2004-يىلى)
* ^* C( H) C/ C9 K6 H& ?گېرمانىيىلىك 17 ياشلىق سىۋېن 2004-يىلىSasserۋىرۇسىNetSkyۋىرۇسىنى ياساپ چىققان.Sasserۋىرۇسى ۋىندوۋسنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى يوچۇق ئارقىلىق كومپىيۇتىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ.بۇ ۋىروسنىڭ باشقا پارازىت قۇرت ۋىرۇسى بىلەن بولغان پەرقى شۇكى، بۇ ۋىروس ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى بىلەن تارقالمايدۇ. كومپىيۇتىر بۇ ۋىروس بىلەن يۇقىملانسىلا، بۇ ۋىروس ئاپتوماتىك ھالدا سېستىمىنىڭ يوچۇقىنى ئىزدەپ، بۇ كومپىيۇتىرنى ۋىروس ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشكە ۋە ئىجرا قىلىشقا يىتەكلەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ۋىروسنىڭ تارقىلىشىدا ، باشقىلارنىڭ دەخلىسىگە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ۋىروس كومپىيۇتىر مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، كومپىيۇتىرنى مەجبۇرىي ئۆچۈرمىسە ، ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ.8 F* r1 ~2 J! R! f
Netskyۋىرۇسى ئىلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ۋە تور ئارقىلىق تارقىلىدۇ.مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە،Netskyۋىرۇسى ۋە بۇنىڭ ئۆزگەرگەن تىپلىرى ئىنتىرنىتقا ئۇلانغان %25 كومپىيۇتىرنى يۇقىملاندۇرغان.
/ B6 f" ?, u5 z12.Leap-A/Oompa-Aۋىرۇسى(2006-يىل)
" _- R$ Z8 }+ v4 cسىكرانتا ئالما كومپىيۇتىرىغا ھۇجم قىلىدىغان تۇنجى ۋىروسنى ياسىغاندىن كىيىنكى 24 يىل ئىچىدە ئالما كومپىيۇتىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋىروس كۆرۈلمىگەن. 2006-يىلى، Leap-A/Oompa-Aۋىرۇسى بايقالدى.بۇ ۋىروس ئالما كومپىيۇتىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ مۇنبەردە ئېلان قىلغانLeopardسېستىمىسىنىڭ رەسىمى ئارقىلىق توردا تارقالغان. ئابۇنىتلارنىڭ كومپىيۇتىرى بۇ ۋىروس بىلەن يۇقىملانسىلا، بۇ ۋىروس پاراڭلىشىش دېتالىiChatئارقىلىق باشقا كومپىيۇتىرلارغا تارقىلىدۇ. ۋىروس ئالما كومپىيۇتىرىغا كىرگەندىن كىيىن، iChatپاراڭلىشىش دېتالىدىكى ئالاقىلااشقۇچىلارنى ئىزدەپ ، بۇلارغا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ.$ |+ x% B- }% v; Y$ n" j
بۇ ۋىروس كومپىيۇتىرغا بەك چوڭ خەتەر ئېلىپ كەلمىسىمۇ، بىراق ئالما كومپىيۇتىرىنىڭمۇ ۋىروس بىلەن يۇقىملىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئالما كومپىيۇتىرىنىڭ بارغانسىرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ۋىروسلارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.9 D' y/ j4 B- m$ s3 ]  p) R  U; G
13.Storm Wormپارازىت قۇرت ۋىرۇسى (2006-يىل)% J$ Z5 Q, Q; K5 S# L! Y6 ?
Storm Wormپارازىت قۇرت ۋىرۇسى 2006-يىلى تارقالغان.بۇ ۋىروس قوللانغان ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ نامى« ياۋروپا بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 230 ئادەم ئۆلدى» بولۇپ، بۇ ۋىروس يەنە بوران-چاپقۇن پارازىت قۇرت ۋىرۇسى دەپمۇ ئاتالغان.
7 x' S4 c+ \# I- c1 a: n1 h14. كۈجە كۆيدۈرگۈچى مۈشۈك ئېيىق ۋىرۇسى(2006-2007 يىل)5 ?( H9 ~9 v1 [; d4 F1 V) R; Q% G
كۈجە كۆيدۈرگۈچى مۈشۈك ئېيىق ۋىرۇسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۆزگەرگەن تىپلىرى بار بولۇپ ، بۇ ۋىروسنى 2006-يىلى-10ئاينىڭ16-كۈنى جوڭگو خېبىيلىق لىجۈن ياساپ چىققان. 2007-يىلى 1-ئايدا توردا تارقالغان. بۇ ۋىروس ناھايىتى تىز سۈرئەتتە كومپىيۇتىر تور سېستىمىسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويالايدۇ. بۇ ۋىروس بىلەن يۇقىملانغان كومپىيۇتىرلاردا كۆك ئېكران كۆرۈلۈش، كومپىيۇتىر توختىماستىن قايتا قوزغۇلۇش، كومپىيۇتىر قاتتىق دىسكىسىدىكى ھۆججەتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ ۋىروس يەنە تار دائىرىلىك توردا تارقىلىپ، تار دائىرىلىك تورغا ئۇلانغان بارلىق كومپىيۇتىرلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ، تار دائىرىلىك تورنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.بۇ ۋىروس كېڭەيتىلگەن نامى exe,com,pif,src,html,aspبولغان ھۆججەتلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. كۆپ قىسىم ۋىروسخورلارنىڭ قوزغۇلىشىنى چەكلەپ، كېڭەيتىلگەن نامى ghoبولغان زاپاس ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ.يۇقۇملانغان بارلىق كومپىيۇتىرلاردىكىexeھۆججەتلىرى ، ئۈچ تال كۈجە تۇتۇپ تۇرغان مۈشۈك ئېيىق رەسىمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.4 E( e3 \2 P$ T# ?! e
15.ۋىروسخور ئاخىرلاشتۇرغۇچى ۋىرۇسى(2007-يىلى)0 `  O6 H! g# g; A4 ~
ۋىروسخور ئاخىرلاشتۇرغۇچى ۋىرۇسى ئاساسلىقى قۇرامىغا يەتكەنلەر تور بىكىتى، ئوغرى نەشر كىنو تور بىكىتى، ئوغرى نەشريۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش تور بىكىتى، ئوغرى نەشر ئىلىكتىرونلۇق كىتاب چۈشۈرۈش توربىكىتى قاتارلىقلارغا تارقالغان. بۇ ۋىروس ۋىروسخور ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنى چەكلەپ قويىدۇ. كومپىيۇتىر بىخەتەرلىك كاپالىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. كومپىيۇتىرنىڭ بىخەتەر ھالىتىنى بىكار قىلىپ، ئابونىتلار بىخەتەر ھالەتتە ۋىروس يوقىتىشقا ئامالسىز قالىدۇ. بۇ ۋىروس يەنە باشقا نومۇر ئوغۇرلايدىغان ۋىروس ۋە ياغاچ ئات ۋىروسلىرىنىمۇ بىللە چۈشۈرىدۇ.
) X6 b) j/ t* L16.ماگنىتلىق دىسكا ۋىرۇسى(2007-يىل)& D: l- w; O4 @2 `# Z9 F: a# ]
بۇ ۋىروس ۋىرۇسىخور ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنى چەكلەپ قويىدۇ. كومپىيۇتىرنىڭ بىخەتەر ھالىتىنى بىكار قىلىپ،بىر قىسىم ۋىروسخۇر ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ.يىراقتىن كونتىرول قىلىش ئارقىلىق باشقا كومپىيۇتىرلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ، ھەر بىر رايونداAUTORUN.INFھۆججىتىنى قۇرۇش ئارقىلىق ۋىروسنى ئاپتوماتىك قوزغىتىدۇ. SYSTEM32مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى بارلىق ئىجرا بولىدىغان ھۆججەتلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.RARپىرىسلاش دېتالىدىكى ماتىرىياللارنىمۇ يۇقۇملاندۇرالايدۇ.بۇ ۋىروسنىڭ زىيىنى كۈجە كۆيدۈرگۈچى مۈشۈك ئېيىق ۋىرۇسىدىن 10 ھەسسە كۆپ بولغان.( @0 P% w3 f" E2 G7 v
17.ماشىنا ئىت ۋىرۇسى(2007-يىلى)
6 s% s* l/ Y2 d3 w" R7 nماشىنا ئىت ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىدا، بىر ئىتنىڭ رەسىمى بولغاچقا، بۇ ۋىروس ماشىنا ئىت ۋىرۇسى دەپ ئاتالغان. بۇ ۋىروس ئاساسلىقى كومپىيۇتىر سېستىمىسىنىڭ تىزىملىتىش ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆپلىگەن ۋىروسخورلارنى قوزغىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ۋىروسخورنى چەكلىۋەتكەندىن كىيىن، ھەرخىل نومۇر ئوغۇرلايدىغان ۋە خايكىرلىق دېتاللىرىنى توردىن چۈشۈرۈپ، كومپىيۇتىر سېستىمىسىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
+ W" }" ~9 j1 F& T6 o) B- M18.ۋىرۇسى(2009-2010يىلى)$ j5 I$ ^) v2 u; u+ _# |, n2 o
Stuxnetۋىرۇسى ۋىندوۋىس سۇپىسىدىكى سانائەت كونتىرول قىلىش سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان پارازىت قۇرت ۋىرۇسى بولۇپ، بۇ ۋىروس تۇنجى بولۇپ كومپىيۇتىردىكى مەھۇم ۋىروس بولماستىن، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى نەرسىلەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋىروس بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.بۇ ۋىروس شىمىنزى شىركىتىنىڭ كونتىرىول قىلىش سېستىمىسى (SIMATIC WinCC/Step7)دا ساقلانغان يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، سانلىق مەلۇمات ۋە نازارەت قىلىش سېستىمىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، سېستىمىغا ئۆزىنىڭ كودىنى يازغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋىروس ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىراننىڭ بۇشىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىنىڭ قۇرۇلىشىنى كېچىكتۈرگەن
; U1 R$ V: s7 Q' V# [  b, Z- r6 Y19.Confickerۋىرۇسى(2009-يىل)+ W6 v9 H$ U! N/ q; ^
Confickerۋىرۇسى 2009-يىلى بايقالغان پارازىت قۇرت ۋىرۇسى بولۇپ، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ ۋىروس ،Windows 2000،Windows XP،Windows Vista،Windows Server 2003،Windows Server 2008ۋە Windows 7 Betaقاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىدىكى مۇلازىمىتىرىنىڭ يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ كومپىيۇتىر سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ.
3 g3 f/ i+ j; ~. c& `; I$ B20.OnlineGamesياغاچ ئات ۋىرۇسى
' q5 [5 d' L2 R- ~. z. A! K/ Eبۇ ياغاچ ئات ۋىرۇسى مودا بولىۋاتقان تور ئويۇنلىرىنىڭ  ھېسابات نومۇرىنى ئوغۇرلاپ، قورال-جابدۇق سېتىپ پايدىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

89

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-10-28 09:06:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗