ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 480|ئىنكاس: 1

سېرىق ئۇيغۇرلاردىكى سىموۋۇللۇق رەڭلەرmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

41

يازما

604

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
157 سەر
تۆھپە
147 سەر
تىللا
117 دانە
جەۋھەر
0 دانە
يانفۇن
ئۇيغۇرلاردىكى سىموۋۇللۇق رەڭلەر
, n. L: a- }0 d

# O( K) H- K1 q
9740225472_7ac5b798e4_o.jpg
$ R0 `* V; z" x3 Z2 |# R' o

" M% _: ?, X& Kدۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەردە رەڭلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى ﻫەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بولغىنىغا ئوخشاش ، ئۇيغۇرلاردىمۇ رەڭلەرنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى ﻫەققىدىكى ئىدىيىۋى چۈشەنچىلەر بولغان ، بۇ خىل چۈشەنچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ، تۇرمۇش  ئادەتلىرىدە ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ .ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتىقادىدا ئاق ، كۆك ، قىزىل ، قارا رەڭلەر مۇﻫىم ئورۇندا تۇرغان .. C' N% m4 h, ?3 d6 q, @; m
1 . كۆك رەڭ % M4 Q1 _8 C: N' Z4 T/ @
كۆك رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئۇلۇغلىنىدىغان مۇﻫىم رەڭلەرنىڭ بىرى ﻫېسابلىنىدۇ . مەسىلەن "ئوغۇزخان" ئېپوسىدا ئوغۇز خاقاننىڭ بەزى تەسۋىرىرلىرىدە  "كۆك" سۆزى ئۇچراپ تۇرىدۇ .يەنە "مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى" دىمۇ : " كۆك ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ﻫىممىتى بىلەن ، مەن ئۆز خەلقىمگە ﻫۆكۈمران بولدۇم" دېگەن مەزمۇن ئۇچرايدۇ .
) m# m9 U1 Q2 S: {9 X! S' Pتارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە ، ﻫۇنلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىچىدە كۆك ئاتلىق قوشۇن ﻫەرقانداق جەڭلەردە شەرق تەرەپتە ( سەپنىڭ ئالدىدا) جەڭ قىلاتتى . چۈنكى ، كۆك ئاتلىق قوشۇن ئەڭ كۈچلۈك . غالىپ قوشۇن دەپ قارالغان . ئادەتتە سەپ تۈزگەندىمۇ كۆك ئاتلىق قوشۇنلار سەپنىڭ ئالدىغا تۇراتتى . ﻫازىرقى شامانلارنىڭ "پېرە ئويۇنى" دىمۇ كۆك رەڭلىك رەختتىن ياسالغان كۆك تۇغ پېرە ئوينىلىدىغان ئۆينىڭ شەرقىي تېمىغا قادىلىدۇ . ئەمما ،  شامانلارنىڭ "پېرە ئويۇنى" دىكى كۆك رەڭ تەرەپ ئىلاﻫى ( شەرق تەرەپ) نى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
( Q8 D& x4 D: w  p) lئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلار  قەبرە بېشىغا قاداپ قويىدىغان تۇغلار تەركىبىدىمۇ كۆك رەڭلىك تۇغلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ .
: P* P% A6 I' z3 Y, E3 |3 q2 s2 . ئاق رەڭ
  M2 d) _( Z7 b* W. H8 P1 ]( L7 wئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئاق رەڭمۇ مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ . تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلىنىشىچە ، ﻫۇنلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىچىدە ئاق بوز ئاتنىڭ غەرب تەرەپتە سەپ تۈزىدىغانلىقى مەلۇم . ئۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم رىۋايەتلەردە ، مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ئاق ئات ئۇلۇغلىقى ﻫەققىدىكى بايانلارمۇ مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ . ( مۇنبەردە "ئاق ئاتنى ئۇلۇغلاش ئادىتى" ناملىق يوللانما بار بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ﻫەقتە كۆپ توختالمايمىز ، ئايچىۋەر )   شامان يەنە "پېرە ئويۇنى" ئوينىلىدىغان ئۆينىڭ غەربىي تېمىغا ئاق رەختتىن ياسالغان ئاق تۇغنى قاداپ ، تەرەپ ئىلاﻫىنى ئىپادىلەيدۇ ..* }$ m) K7 e6 Q
ئەمما ئادەتتىكى ئۇيغۇر كىشىلىرى ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ ، ساپلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ . بۇ خىل قاراش شامان دىنىدىكى ئاق رەڭ چۈشەنچىسىدىن نىسبەتەن كېيىن پەيدا بولغان . يەنى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئاق رەڭ --- پاكلىق چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلىنغان . دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئاق رەڭ --- غەلىبە ، يورۇقلۇقلۇقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .
- `* u: A3 i9 ^! n# k9 B, Q, n2 y3 . قىزىل رەڭ
; o6 ?( G( a" Yئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە قىزىل رەڭ باشقا رەڭلەرگە ئوخشاشلا مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇرلار توي مۇراسىمىدا يىگىتنىڭ بېلىگە "توي پوتىسى" باغلايدۇ . قىزغىمۇ قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيدۈرىدۇ . ئۇندىن باشقا يېڭى ئۆي سالغاندا ، ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشتىن بۇرۇن خار ياغاچقا قىزىل رەختنى باغلاپ ، ئاندىن خارنى تامنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىدۇ . بۇنداق ئادەت دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇچرايدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە شامانلار "پېرە ئويۇنى" دا ئۆينىڭ جەنۇبىي تېمىغا قىزىل رەڭلىك تۇغ  قادايدۇ .
* I) X7 R- A8 C0 S1 T/ Cتارىخىي مەنبەلەردە ﻫۇن قوشۇنلىرىنىڭ ئىچىدە قىزىل تورۇق ئات مىنگەن قوشۇن جەنۇب تەرەپكە سەپ تۈزىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن . شىمالىي يايلاقتىكى ئەجدادلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ياشاش شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئۇلارغا نىسبەتەن جەنۇب تەرەپ ئىسسىق بولۇپ ، جەنۇب تەرەپنى ئىسسىقلىق تەڭرىسىنىڭ ماكانى دەپ قارىغان .
! k# [4 H4 D1 M; rئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ، قىزىل رەڭ -- ئوت ئىلاﻫىنىڭ سىمۋولى بولۇپ ، قىزىل رەڭنى ئۇلۇغلاش "ئوت ئىلاﻫى" غا چوقۇنۇش ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . شامان دىنىدا يەنە ئوت "ئەڭ پاك" دەپ قارالغان بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپكى "پاكلاش" پائالىيىتى ئوت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان . بۇ مەنىدىن قارىغاندا ، ئوت - پاكلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان . ئەمما ، ﻫازىر كىشىلەر ئوتنى خوشاللىق ، مېﻬىر - مۇﻫەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ .
5 R, K' W, d; [# L7 h! v4 . قارا رەڭ ! O  |8 Q! G0 |+ b0 f$ R/ U
ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ، يامان روﻫلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشايدۇ ، ئۇلار كېچىدە ﻫەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ . بۇ خىل چۈشەنچە قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش پائالىيىتىنى  چەكلىشى ، ئەجدادلارغا قورقۇنچ ئېلىپ كېلىشى ئۇلاردا ئازاب ئېڭىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى ئوبيېكتىپ سەۋەبىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان . ئىپتىدائىي ئەجدادلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەﻫىمىسىنى يېڭىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن قارا رەڭ تەدرىجىي ﻫالدا قاراڭغۇلۇقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئەجدادلارنىڭ قايغۇ ، ئازاب ﻫېسسىياتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان . يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازاب ئېڭىنى قارا رەڭ بىلەن ئىپادىلىگەن . گەرچە قارا رەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى چۈشەنچىسىدە ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ، كىيىنىش ، تىل ئادەتلىرىدە يەنىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . # j) u: `) G' z' J# F6 M' ]) F- F
ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۇرۇق - تۇققان ، قان - قېرىنداشلىرى ئۆلۈپ كەتسە ، قارا كىيىم كىيىپ ، ﻫازا تۇتىدۇ . ئادەتتە "ﻫازا تۇتۇش" نى "قارىلىق تۇتۇش" دەپمۇ ئاتايدۇ . ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدا "قارا باستى" ، " قارا نىيەت" ، "قارا كۈنلەر" ، "بەختى قارا"...... دېگەندەك تۇراقلىق ئىبارىلەر بار بولۇپ ، بۇ ئىبارىلەردىكى "قارا" سۆزىمۇ "يامانلىق" ، "بەختسىزلىك" ، "دەرد - ئەلەم" دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ، يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب ئېڭىنى ئىپادىلەيدۇ .8 w8 w+ Q2 H3 Z
يۇقۇرقى رەڭنى ئۇلۇغلاش ئادىتىدىن باشقا يەنە 3 ، 4 ، 7 ، 9 ، 40 قاتارلىق  سانلارنى ئۇلۇغلاش ﻫەم ئۇلارنى خاسىيەتلىك سان دەپ بىلىش ئادىتىمۇ بولغان . بۇ خاسىيەتلىك سانلار ﻫەققىدىكى يوللانما بۇۇرن مۇنبەرگە يوللىنىپ بولغانلىقتىن ، بۇ يەردە توختالمىدۇق .
9 y" K( p0 u! M: S- b3 M  I4 M; c/ v' Y$ S" ^2 e! g& F
مەنبە : راخمان ئابدۇرېﻬىمنىڭ "ئۇيغۇرلاردا شامانىزم" ناملىق  كىتابىدىن ئېلىندى .
( F4 \/ B7 L! ]  d7 d: e0 q& \
يۆتكەلگەن مەنبە:http://eser.okyan.com/eser/tehlil/mulahize/2007/0402/2663.htmlدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

2

يازما

80

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
8 سەر
تۆھپە
6 سەر
تىللا
57 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-12-7 19:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخمۇ تىرىشىڭ!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗