ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 532|ئىنكاس: 2

دەرىس ئوقۇ ئۇيغۇرئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

41

يازما

604

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
157 سەر
تۆھپە
147 سەر
تىللا
117 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d
ئوقۇ ئۇيغۇر
3 t, ?. {( A3 u& b3 J* d1 S/ Qئاپتورى: ئەردەۋىل (ئۇچقۇن)
$ p# e8 Y% |  d2 Y) j

' w% V2 s* u) L4 m) M( ~ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ كۆڭۈللۈك. ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل خاتىرىلىرى ئەنە شۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا يېزىلىشقا باشلايدۇ. ھەر جايلاردىن كەلگەن ھەمراھلىرىمىز بىلەن بىللە يېتىپ قوپقان ياتاقلار، دەرسخانىغا تۇتىشىدىغان يوللار، ئاشخانا، مۇئەللىمنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ھۆكۈم سۈرىدىغان دەرسخانىلار، قىز-يىگىتلەرنىڭ تاتلىق ئۇچرىشىشلىرىنىڭ شاھىدى بولغان رومانتىك مەكتەپ باغلىرى، گاھىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگىنىش قىلىدىغان جىمجىت ھەم باغرى ئىللىق مەكتەپ كۈتۈپخانىسى، ئۇتۇق قازانغان ياكى مەغلۇب بولغان ھەر بىر نەۋقىراننىڭ ھاياتىغا ئۆچمەس قۇرلارنى تىزىدۇ. شۇ سەۋەب ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ زادى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر شۇ تۆت يىلغا رازى بولىمىز. ھەتتا مۇمكىن بولسا يەنە ئوقۇسامكەن دېگەن قۇرۇق خىياللارمۇ كاللىمىزدىن كېچىدۇ. ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدىغان بۇ ئېسىل پۇرسەتتىن بەھرىمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خۇرسەن بولىمىز.7 m5 U- ^" i& [9 k* i; }' l
توغرا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەممىمىزگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئۆزىنىڭ ئۆتەلمىگەنلىكىدىن قايغۇرۇپ نەچچە كۈنلەرگىچە يىغلاپ، قاقشاپ چىققانلارمۇ، يۇقىرى نومۇر بىلەن ئېسىل مەكتەپلەرنىڭ قۇبۇللاش قەغىزىنى تاپشۇرىۋېلىپ تۇرۇپمۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ياكى يالغۇز ئانىسى سەۋەبلىك چاقىرىق قەغىزىنى باغرىغا بېسىپ ئاچچىق-ئاچچىق ياش تۆككەنلەرمۇ ۋە ياكى ماڭا ئوخشاش ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپلا تېخى ئالىي مەكتەپ باغرىغا قانماي تۇرۇپ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوت يۈرەكلەر بولسۇن، ھەممىسى شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ لەززىتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەختىنى، ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىدىن بولغان ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىنىڭ مەنىسىنى بىلگۈچىلەر، تەشنا بولغۇچىلار، ھەم قەدرىگە يەتكۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭمۇ، جۈملىدىن مېنىڭمۇ شۇنداق ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇپ باققۇم، ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتى بولغان ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشىدا ئېقىپ باققۇم، ئالىي مەكتەپ باغرىدا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغۇم، بولۇپمۇ بىلىم بۇلاقلىرىدىن شەربەت ئېىلپ تەشنا دىللارنى قاندۇرغۇم بار. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىم، ھەۋىسىم ئەنە شۇ تەشنالىقىمغا قوشۇلۇپ بۈگۈن كۈيىچىداشلىرىمغا تۆكۈلمەكتە.
6 T! \$ D5 l8 A1 h$ ^كۇلۇبىمىزدىكى ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىز دەل يۇقارىدا دېيىلگەن بەخىت ئىگىلىرىدىندۇر. مەيلى دىيارىمىزدىكى ۋە ياكى ئىچكىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ۋە ياكى چەتئەللەردە بىلىم كانىدىن ئوزۇق ئېلىۋاتقانلار بولسۇن، ھەممىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدىنى يۈدۈپ تۇرۇپ ئالىي مەكتەپكە قەدەم تاشلىغان بولىدۇ. مېنىڭچە بولسا ئۇلارغا ئاتا-ئانىنىڭ، مىللەتنىڭ-ۋەتەننىڭ ئارزۇ ئۈمۈدى بىلەن قوشۇپ، بايا يۇقىرىدا دېگەندەك بۇ بىلىم بېغىغا قەدەم باسالمىغان شۇ قارىكۆزلەرنىڭمۇ ئارزۇ-ئۈمۈ، نىشانلىرىنى يۈكلىسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم شۇ بەخىتتىن بەھرىمان بولىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى ھەقىقەتەن ئېغىر. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى بىلەن ئۇلارنىڭ شۇ بەختى تەڭ نىسبەتتە كەپ قالىدۇ دېسەك بولىدۇ.
' T! R2 w$ {5 w1 J5 d/ K5 @" N3 v9 eئەنە شۇنداق زور بەخىت ئىچىدە ئەللەيلىنىۋاتقىنىمىزدا زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ئارزۇ-ئۈمۈدنى، مەجبۇرىيتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا كىتابنى ئالدىمىزغا يېيىپ قويۇپ، قۇرۇق خىيالغا كەتكەندىن تارتىپ، ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىش، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ھەمدە تور ئويۇنلىرىغا قەدەر ئالتۇن ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىدىغان چوڭ-كىچىك ئىشلار ھەممىمىزدە ئازدىن-كۆپتۇر بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ئىشلار لايىقىدا بولسىغۇ مەيلىتىغۇ، لېكىن بىر قىسىم، ناھايىتى ئاز بىر قىسىملىرىمىزدا بۇنداق ئىشلار ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى. ناۋادا ئۆزىمىزدە شۇنداق نۇقسانلار بولسا ئىمكانقەدەر تۈزەتسەك، ئالتۇن ۋاقتىمىزنى غايىمىز يولىدا سەرپ ئېتەلىسەك، بۇ چاغدا ئۆزىمىزمۇ، باشقىلارمۇ ناھايىى رازى بولغان بولىدۇ. مېنىڭچە بولسا بەزى ئىشلار ھازىر راستنلا بالدۇر، كۆڭۈل ئاچىدىغان، ئوينايدىغان سورۇنلارغا كېيىن جەمئىيەتكە چىققاندا بېرىۋالساقمۇ بولىدۇ. كېيىن جەمئىيەتتە بۇنداق پۇرسەتلەر راستىنلا ناھايىتى كۆپ. ھەممە ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقتى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىل بىزنىڭ پەقەت بىلىم ئىگەللەيدىغان ۋاقتىمىز، ھەرگىزمۇ باشقا نەرسىلەرنى، ئويۇن تاماششانى ئىگەللەيدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس. شۇڭا شۇنچە كۆپ ئۈمۈدلۈك كۆزلەرنىڭ نۇرى بولغان ئەزىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ۋاقتىمىزنى توغرا يولغا ئىشلىتەيلى، قەدىرلەيلى!
4 K; P: f$ R$ @يەنە تېخىمۇ مۇھىم بولغان بىر تەرەپ، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا، ناھايىتى نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا تۆت يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنۋاننى كۆتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ خىزمەت تېپىشتىن ئىبارەت بېكىنمىچىلىك كۆز قاراش ئورناپ كەتتى. ئۆز كەسپى بىلەن ھېسابلاشماستىن مەمۇرىيلىققا يۈگىرەۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئىچكىرىدە ياكى چەتئەللەردە يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى ئىستەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. يۇقىرىلاپ ئوقۇيدىغانلار تېخىمۇ ئاز. دېمىسەكمۇ بىزدە كەسىپ ئەھلىلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، تەتقىقاتچىلار يېتەرلىك ئەمەس، نەتىجە قازانغانلار يېتەرلىك ئەمەس. بۇ يەردە ناھايىتى چوڭ بىر بوشلۇق بار؛ ئالىي مەكتەپتىن چىقىپلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا كىرىپ خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىپ جان بېقىش ئىدىيىمىزنى، يۇقىرىلاپ ئوقۇپ كەسپىي بىلىمنى پۇختا ئىگەللەپ جەمئىيتىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىدىيسىگە ئۆزگەرتەلىسەكلا ئەنە شۇ بوشلۇق تولغان بولاتتى.
0 l/ V6 b3 }+ a* M1 b& @بىزدە دېھقان كۆپ، تېخنىك ئاز؛ نامرات كۆپ، باي ئاز؛ باققال-يايمىچى كۆپ، شىركەت - كارخانا قۇرغۇچى ئاز؛ مۇسۇلمانچە يىمەكلىككە، مىللىيچە مەھسۇلاتلارغا تەشنامىزيۇ، ئەمما زاۋۇت-فابرىكىلارنى قۇرىدىغانلار ئاز؛ مەندەك قۇرۇق گەپ قىلىدىغانلار كۆپ، ئىرادىسىنى ئەمەلىيەتتە ئىپادىلەيدىغانلار ئاز؛ دېمەك، يۇقارقى ئازلارنى پەقەتلا ھازىرقى ئالتۇن ۋاقتىمىزنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ ئوقۇش ئۇنۋانىمىز بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇپ، كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللەپ يارقىن نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق تولدۇرالايمىز. شۇڭا ئوقۇيلى، قانائەتلەنمەيلى، داۋاملىق ئوقۇيلى!
! s! Z7 X9 w! A$ k0 K6 T6 N $ X" ?& D1 S4 c% u# Y- t( j* i

4 y9 j0 H# [* h2 y. S* uئاتا-ئاناڭ، ۋەتىنىڭنى، مىللەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،& }, k; x5 u, H) A
ئۈمۈد ھەمدە مېھىر بەرگەن ھىممەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر.* R$ L5 c0 i4 J% l
نىشانىڭغا توساق سالغان ئىللەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
  L6 U. l8 N2 Q) R3 ?مەنزىل تامان بەخىت كۈلگەن نىممەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
. L8 n. F; x$ _: _2 S- cدىلىڭدىكى بۈيۈك ئارمان خىسلەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر./ @& B% z1 m/ G) c
% a% K: L8 ?. m3 G8 C* u
  |6 ?2 @2 r0 u6 P
رىقابەتنىڭ زامانى بۇ ئىلىم-پەننى تەرك ئەتمە،  v8 N( F: c8 m+ l% R: F
مېڭىپ بولۇپ يېرىم يولنى سەن ئارقاڭغا يېنىپ كەتمە.( a* E; I( \/ g
يېڭىلگەنگە بىرەر قېتىم چۈشكۈنلىشىپ ھەسرەت چەكمە،
) L# G2 G* C) q- P/ k# cئىرادەڭنى پۇرسەت بىلەن قوشۇپ بىللە تاشلىۋەتمە،6 \5 A! P, g5 T1 |+ A
رىقابىتىڭ پۇرسەت ساڭا مەھكەم تۇتۇپ ئوقۇ ئۇيغۇر." h# y/ {+ _  j) C
$ ]+ w' Q  @- h) K* l. U& s
6 ~; E. t5 M$ ^! F0 @3 j& g
بۇرۇلمىغىن سەن ئارقاڭغا، قارىمىغىن ئوڭ-سولۇڭغا،
0 C- @. ^) R+ a( V. Sمەنزىل ئارا چېپىپ كەتكىن مىنگەن پېتى دۇلدۇلۇڭغا.9 p- ]* ?& a: V; `& z
دۇلدۇلۇڭنى تىزگىنىنى پەقەت ئۆزۈڭ ئال قولۇڭغا،3 G- M9 w  H& p. D3 [# ?
ئۇيغۇر چاقناپ مەنزىل ئارا ماياك بولىدۇ يولۇڭغا،
: F* o" Q+ ?# u  U4 F% J( S' Z. g% yچاقنىغان شۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئوقۇ ئۇيغۇر.+ |; E- \7 _+ u
; Y) ~6 _2 o9 |1 d
# v" g& E+ ]8 v) w; ?# m: B
ياشلىقىڭنى ئالتۇن بىلىپ بىلىم بىلەن تولدۇرۇشقا،
/ g: [0 r! v1 r" O% a& kباشلىرىڭغا مېھنىتىڭدىن تەلەي قۇشى قوندۇرۇشقا.6 ]* S+ g$ n& p2 v7 J" P
بۈيۈكلۈكنىڭ شۇ تەختىگە ۋارس بولۇپ ئولتۇرۇشقا،( c1 }# {& P. z3 @
تۆنۈگۈنكى ۋەدەڭگە ھەم ھەقىقىي سادىق بولۇشقا،+ C6 A$ b0 `$ t2 d/ T* o8 v
نەۋقىرانلىق چاغلىرىڭدا بوشاشماستىن ئوقۇ ئۇيغۇر.
" S+ [6 n5 ~& i5 a
% ]6 e* L2 _: e9 g. n; ?* A9 B0 U- X% @, P+ b7 K8 N
سەن، مەن ئۈچۈن قانلار كەچكەن ئەجدادنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
) S4 K: A$ p" U2 E* m. X2 pئىزلار بېسىپ كېلىدىغان ئەۋلاتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر.
  g3 x1 v* E+ @6 [4 Z- `% S/ Fئانا يۇرتۇڭ، خەلقىڭ بەرگەن مەدەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،4 L. y1 L- U8 r, [3 K( `# `" z
ئىرادەڭدىن داۋان ئاشقان غەيرەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر،
: Z( ?3 O0 D) _ئالدىڭدىكى زور نەتىجە ھەيۋەتنى دەپ ئوقۇ ئۇيغۇر.
* h: P7 F/ e. O& W, ~" M
% u, x' |$ ?8 G& B# V4 p9 A5 g9 p, D' O$ y- _# j
بايا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ دېدۇق، ئەمدى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولمىغان، ياكى يەنىمۇ كۆپ بىلىم ئىگەللەشكە تەشنا بولغان كىشىلىرىمىزگە كەلسەك، بۇنىڭدىن تەخمىنەن يەتتە ئايلار مۇقەددەم كۈيچى ئەپەندى باشلىق بىر قانچە ئېسىل ئەزىزلىرىمىز كۈيچى كۇلۇبىدىن ئىبارەت ئانا تىل مەكتىپىنى قۇردى. ھازىرغىچە ئىنگىلىزتىلى، خەنزۇتىلى، روس تىلى، تۈرك تىلى، قانۇندىن مەسلىھەت، پىسخىكا مەسلىھەت، كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە فىلىم ئىشلەش، ئۇيغۇر تىبابەت قاتارلىق خەلقىمىز ئېھتىياجلىق بولغان كەسپىي دەرسخانىلىرى كەڭ تورداشلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن. جەمئىيەتتىكى ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپ ئەھلىلىرى دەرسلەرنى ھەقسىز ئۆتۈپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەجرى بىلەن بىزنى، ھەر بىر ئۇيغۇرنى ئىلىم-پەنگە چاقىرىۋاتىدۇ. شۇڭا، تورغا چىققۇدەك ۋاقتىمىزلا بولسا ھەرقايسى دەرسخانىلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلاشقا ئۈندەيلى. كۈيچىنى بىلمەيدىغان تور ئويۇنىغا دۈم چۈشكەنلەر بولسا چاقىرىپ كېلىپ كۈيچى دەرسخانىسىغا باشلايلى. تورغا چىقىشنى بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتەيلى، تورنى كۈيچى دەرسخانىسىدىن باشلىسۇن. ئىشىنىمەنكى، كۈيچىدىكى ھەممەيلەن ئۆزىدە بار بولغان بىلىمىنى پۈتۈن مېھرى بىلەن قوشۇپ ئەزىز قېرىنداشلىرىغا بېرەلەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ دەرسخانىلار غېرىپ قالمىسۇن. ئۇنداقتا تېمامنىڭ ئاخىرىنى مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرسام:6 \6 [- [: r& K7 V5 _
; G! n. b8 j4 ^8 Y: r7 _
بىلىڭلاركى، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر.7 ~0 X7 J8 ~2 m0 e( I) g
جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر.
1 Y/ T$ K. G" K' d( D' M' oسۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر.
* Y$ W0 E' R) J4 B" q5 n
9 }  g2 k( b. l2 z$ ^9 N
& A& a! M' n* Q$ {: }& i- g6 B
                                                              مەنبە: كۈيچى مۇنبىرىدىن ئېلىندى./ t, }- `: D: ]% \
) W3 f, `# n" o! Q3 N% X* {7 X
دىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

89

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-2 21:28:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، داۋاملىق تېرىشىڭ....   

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-29 13:20:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىز ئۈزۈلمىگەي  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗