يانفۇن
بۈگۈن مەھەللىدىكى تۇرسۇن زابوي،ئەخمەت مەنتەڭ،ساتتار چاقچاق،غوپۇر سۇيۇق ۋە مەمەت دارازا قاتارلىق بەش –ئالتە چېكەرمەن بەڭگە ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئۆيگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇشتى.$ }1 N \+ ^# Q2 R
ئەمەت ئىتۋاز ئوتتۇرا بوي،قوي كۆز،يۇزلىرىگە مەزگىلسىز قورۇق چۈشكەن،ئۇزۇن بۇرۇتلۇق ئادەم بولۇپ ئىتقا ئامراق بولغاچقا مەھەللىدىكى چوڭلار ئۇنىڭغا ‹‹ئىتۋاز›› دەپ لەقەم قويۇپ قويغاندى.راست! ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئىتقا ئاجايىپ ھىرىسلىكى كشنى ھەيران قالدۇراتتى.قەيەردە ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابقسى بولۇپتۇ دېسە،شۇئان شۇ يەردە پەيدا بولاتتى. قەيەردە نەسىلىك ياخشى ئىت بار بولسىا،دەرھال شۇ يەردە ھازىر بولاتتى.قولىدا ئاجايىپ_ئاجايىپ ياخشى ئىتلار بېقلاتتى.ھازىر ئۇنىڭ ئۆيىدە ئالاھىدە نەسىلىك ئىت_قارا ئاپشاركا بار ئېدى.6 ~& ]6 R% {7 t: q( R6 r
قارا ئاپشاركا ئىتلار ئارسىدا نامدار پالۋان بولۇپ، ھەر قانداق يامان ئىتلارمۇ ئۇنى كۆرسىە جىننى كۆرگەندەك قورقاتتى.ئەمەت ئىتۋاز مۇشۇنداق ياخشى ئىتىنىڭ بارلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلنەتتى.
9 [+ f* W- b, Yئۇنىڭ يەنە نەشە چېكىپ قويىدىغان بىر يامان ئادىتى بار بولغاچقا ، پات_پات بۈگۈنكىدەك ئەل_ئاغىنلەر جەملشىپ بەزمە_باراۋەتلەر بولۇپ تۇراتتى.* A. K2 u% Z( ^2 T& ]
مېھمانلار كۆرپە ئۈستىگە جايلاشقاندىن كېيىن تۇرسۇن زابوي دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ،ئۆز ئارا تېچ_ئامانلىق سوراشتى.ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئايالى سېلمىخان داستىخان تەييارلاپ مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.& z% g& m- M9 v& G" [
_قېنى قەددىناس دوستلار داستىخانغا مەرھەممەت قىلىپ،ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن يېگەچ ئولتۇرۇڭلار._دېدى ئەمەت ئىتۋاز مېھمانلارنى مەزەگە تەكلىپ قىلىپ.
9 b, M. d$ e) s0 B% B$ ?# ?مېھمانلار ئاسا_باقسا بىلەن پاراڭلشىپ،ئۇنى-بۇنى يېگەچ ئولتۇردى.ئۇزۇن ئۆتمەي ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر لېگەن جۈسەي مانتسى كۆتۈرۈپ سېلمىخان كىرىپ كەلدى.1 [3 l' H" x4 t
_ھەر بىرلىرىنىڭ كېلشلىردىن بىخەۋەر مانتا ئېتىپ ئولتۇرۇپتمەن،قېنى ئاز بولسىمۇ يېگەچ ئولتۇرۇشسىلا،_دېگەچ قولىدىكى لېگەننى داستىخانغا قويدى.( Q! y' `" A a5 w
_بەلەن ئوخشاپتۇ يەڭگە،قوللىرىغا خۇدايىم دەرت كەلمسۇن،_دېدى غوپۇر سۇيۇق بىر مانتنى يەپ بولۇپ.
) }7 v& v, Y% Q0 A M' t" x_ئالامەت ئوخشاپتۇ مانتا،قوللىرى ھەقىقەتەن تاتلىقكەن،_دېدى ئەخمەت مەنتەڭ تىللىرىنى چاكلدىتىپ.
" P! f- Q" C6 e" ^0 \/ S4 gمېھمانلار بىر لېگەن مانتنى ھايالدا كاشال يوق سوقۇۋەتكەندىن كېيىن يەنە بارمۇ دېگەندەك ئەتراپقا قاراپ قويۇپ،قېنق دەملەنگەن چايلارنى ئېچىشكەچ پاراڭلشىپ ئولتۇرۇشتى.
) S f) J$ r! I_ئاغىنلەر،_دەپ گەپ باشلدى تۇرسۇن زابوي،_ماۋۇ مەھەللمزدىكى رەجەپ توپاق يىقندىن بۇيان ئىچىكىرگە نەچچە كىرىپ چىقىپ،جاھانغا پاتماي يۈرىۋاتاتتى.مانا ئەمدى مال ئسكلاتغا ئوت كېتىپ،ھەممە دۇنياسدىن ئايرىلىپ قاپتۇدەك.- C+ M5 } w! @* C
_راسىت دەيمەن!ئۇ گۇي تېرسىگە پاتماي يۇرەتتى.ئەجەپ ئوبدان بولاپتۇ.ئاڭلسام ئىچكىردە ئاق سېتىپ يۇردىكەن ھارامتاماق خۇمسى،_دېدى مەمەت دارازا تۇرسۇن زابوينىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلاپ.
5 u! G% H1 r' @3 X& m6 Kمېھمانلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالغاچ،ئۇلارنىڭ بىكار بولغان پىياللىرىگە چاي قويۇپ ئولتۇرغان ئەمەت ئىتۋاز تۇيۇقسىز قارا ئاپشاركىنىڭ ئاجىز ھاۋشىغان ئاۋازدىن كۆڭلى بىر ئشنى سەزدى_دە،ئورۇندىن تۇرشىغا ئشكدىن بىرسى كېرىپ كەلدى.
6 G h8 R7 f' w; o$ E_ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دوستلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟
" ?/ }: W6 M a2 ^$ Nكۆپچىلىك كىچىكىپ كىرگەن بۇ مېھىماننىڭ سالامنى ئىجازەت ئىلىپ ئورۇنلىردىن تۇرشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلشىپ كۆرۈشتى.3 f2 d- E; D/ _! k9 s
كېچىكىپ كىرگەن بۇ يىگىتنىڭ ئسىمى توختى رەندە بولۇپ ياغاچچى غولامنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى.ئۇنىڭغا قاچانلاردىن تارتىپ ‹‹رەندە››دېگەن لەقەمنىڭ قويۇلۇپ قالغانلقنى ھېچكىم بىلمەيتى.بەلكىم ئۇ ياغاچچىلىق قىلغاندا رەندىنى ھەم تىز ھەم توغرا تارتالايدىغانلقى سەۋەبدىن قويۇلۇپ قالغاندۇ.
) k+ ~1 m% U- I& P4 Dتوختى رەندە مېھىمانلار بىلەن بىر_بىرلەپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كۆپچلكتىن ئەپۇ سوراپ،كۆرپىگە جايلاشتى.
?. q! G- A1 o C2 Sئەمەت ئىتۋاز ساقندى مېھىمانغا چاي قۇيۇپ،مەزەگە تەكلىپ قىلدى.ئۈلپەتداشلار ئەمدى تولۇق جەم بولغان ئىدى.ئۆي ئىچىدىن كۈلكە چاقچاق كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.بىرنىڭ كەيندىن بېرى يۇمۇر-لەتىپلەرنى ئوقۇپ تۇراتتى.+ c6 O3 ?* ?6 L2 @; S
_بۇرادەرلەر،_دېدى ساتتار چاقچاق قولىدىكى پىيالنى داستخانغا قويۇپ،_ئاقيار يېزسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابقسىدا ئارا مەھەللىدىكى نورۇل توكانىڭ دىڭ قۇلاق ئىتى ھەممە ئىتلارنىڭ كۈلنى كۆككە سورۇپ،ئاللا_توۋسىنى چىقىرىپ تاشلدى.ئۇنىڭ ئىتنى ئالالىغۇدەك بىرەر ئىت مەيدانغا چىقمىدى.
5 E. p: j% n# A8 Y6 Aبۇ گەپنى ئاڭلغان ئەخمەت مەنتەڭ ئەمەت ئىتۋازغا تەنە ئارلاش:
+ l4 D/ Z, n$ p1 y% m_ئەمەتئاخۇن قارا ئاپشاركاڭلارنى نېمشقا ئېلىپ بارمدىڭلار؟ ئىتڭلار ئاغرىپ قالغانمۇ- يە؟_دېدى.! e$ m+ k3 h% h2 ]. g- y% i; V) L
_مېنى ئوبدان چۇشنىسىلەر ئاغىنلەر،ئىت ئاغرىپ قالمغان بولسىا مەن ئاشۇنداق يەردىن قالاتتىمۇ،بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىت تازا بىر نەرسە يېگلى ئۇنمايۋاتىدۇ،_دېدى ئەمەت ئىتۋاز مەيۈسلەنگەن ھالدا ئولۇغ-كىچىك تېنىپ.
5 m' {- c8 R* |% J8 sمېھمانلار ئىتنىڭ ئاغرىپ قالغانلقنى ئاڭلاپ بەس-بەس بىلەن قانداق قىلش توغرسىدا مەسلھەت بېرىشكە باشلدى.
. |+ u; v- {* m: H0 i+ S_قوي گۆشنى توخۇمنىڭ ئىقى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ بەرسىەڭ،تىز ساقيدۇ.. O4 J6 Y/ z$ G4 }
_قوناقنىڭ ئۇنىدىن زاڭ چېلىپ بەرسىەڭ،ئشتھاسى ئېچلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.; Y# T* |+ I( R0 N
ئەمەت ئىتۋاز كۆپچلكنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلكىگە رەھىمەت ئېيتىپ:" O: [- ^! Q$ O! `6 D; h' k
_مېنى ئۇنداق قىلمدى دەپ ئويلماڭلار،جاھاندىكى بارلىق ئامال-سەۋەبلەرنى قىلىپ باقتىم.لېكىن ئىتقا داۋا بولمىدى.قانداق قىلسام بولاركىن تاڭ؟!_دېدى بېشنى چايقاپ.
9 t7 z6 @' R4 n_مەن يېقىنىدا بىر ئىش بىلەن شەھەرگە كىرگەن ئىدىم،_دېدى تۇرسۇن زابوي جىددىي تەلەپپۇزدا،_بىر ئادەمنىڭ ئون مىڭ يۈەنلىك ئاپشاركا نەسىلىك ئىتى سىلىنىڭ ئىتڭلارغا ئوخشاش غىزا يېمەس بولۇپ قالغان ئىكەن،ئېگىسى قەيەردىن ئاڭلغان، ئىتقا نەشە چەكتۈرۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن نەشە چەككەن ئىتنىڭ ئشتھاسى ئېچلىپ،بىر نەرسىە يەپتۇمىش.' i j. P+ f8 x4 i; Y
تۇرسۇن زابوينىڭ گېپنى ئاڭلغان كۆپچلىك تازا كۈلۈشتى.. M8 ]# f$ l4 z9 @7 ?# n
_جاھاندا نەدىمۇ ئىت نەشە چىكىدىغان ئش بولسۇن،تازا قاملاشمغان بىر گەپ بولدى_دە،_دېدى ساتتار چاقچاق كۈلكسىنى تەستە توختىپ.7 l3 i5 x7 c/ t' s. ]
_بۇ گەپنىڭ ئىلمي ئاساسى بار بولۇشى مۇمكىن ئاغىنلەر،_دېدى غوپۇر سۇيۇق ئېتىراز بىلدۈرۈپ،_ئەجىبا،ئادەملەر نەشە چەكسە قورسىقى ئېچىپ،ئون يىل ئاچ قالغان بۆرىدەك ئالدىغا نېمە كەلسىە تويغىننى بىلمەي يەيدۇ،ئىت نەشە چەكسە ئۇنداق بولماسمۇ؟!
' j) G0 e9 J" E9 e* F# aكۆپچىلكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەمەت ئىتۋازنىڭ كۆڭلىدىن ئاللقانداق خىياللار ئۆتتى.ئۇ شۇنداق بولسمۇ دەرھال بىر ئىپادە بىلدۇرمەي جىم ئولتۇردى.
: g, m; ^. T d4 W* x_ئاغىنلەر قۇرۇق گەپنى قويۇپ بىرەر قاپاقتىن تارتمايلمۇ؟_دېدى كىرگەندىن بۇيان خۇمارى تۇتۇپ ئولتۇرغان مەمەت دارازا.4 W+ ?0 ?/ h+ f5 ]) w5 ~* O
مەمەت دارازىنىڭ گېپنى ئاڭلغان كۆپچىلىك تەڭلا ‹‹قانداق قىلمىز؟›› دېگەنچىلاپ ئەمەت ئىتۋازغا قارىدى.
+ ?9 ?) g. E8 N! kئەمەت ئىتۋاز كۆپچىلكىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن دەرھال ئورۇندىن تۇرۇپ،سىرتقا ماڭدى.ئۇ ئاۋۋال چوڭ دەرۋازنى چىڭ تاقاپ،قازناق ئۆيگە كىردى_دە،ئۆينىڭ بولۇڭغا كۆمۇپ قويغان چېلىم بىلەن سۇلياۋ خالتغا ئوراپ قويغان بىر مۇنەك نەشنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىردى., `9 P1 R* x# J, [3 z3 ]5 z, }
ئەمەت ئىتۋاز چېلىمنىڭ سەيخاسىغا كۆك تاماكىنىڭ ئىقنى ئىلغاپ ئېلىۋىتپ،كۆكنى چڭىداپ سالدى_دە،ئۈستىگە شەرقى شمالىنىڭ سورتلۇق نەشسنى ئۇۋاق قىلىپ باستى.مەمەت دەرازا تارشا ياغاچقا ئوت يېقىپ،ئەمەت ئىتۋازغا تەڭلدى.
( p7 R/ X0 q2 s$ _3 `شۇنداق قىلىپ ئۈلپەتداش بەڭگىلەر ئىككى نۆۋەتتىن چەككەندىن كېيىن باشلىرى قېيىپ،ئاشقازانلىرى تارتىشىشقا باشلدى.باياتندىن بېرى يېيلمىگەن قاتتىق نانلارنى بەڭگىلەر سۆڭەڭ غاجلىغاندەك قاساپ يەۋاتاتتى.سېلىمخان بىر نەچچە رەت خوشنىلارنىڭ ئۆيگە چىقىپ نان سوراپ ئەكىردى.
. r [% K% Q+ j) Iئەمەت ئىتۋاز ئايالغا ئوخشتىپ بىر لەغمەن ئېتشنى تاپلاپ،ئۈلپەتداشلارغا بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن:# S# j% T& e, r9 \
_ئاغىنلەر،تاماق پېشقىچە بىردەم پاراڭلشىپ ئولتۇرايلى،_دېدى.
* ?0 c Q7 M T_بۇرادەرلەر،_دەپ گەپ باشلدى تۇرسۇن زابوي قاتتىق بىرىنى ئەسنەپ قويۇپ،_ساغۇن يېزسىغا كەلكۈن كېلىپ،پۈتۈن يۇرتنى سۇ بېسىپ كېتىپتۇدەك دەيدۇ.
" N! y; D- }+ x* H* o_راسىت دەيسەن ئاداش،يۇرتنى سۇ بېسىپ كەتكەندىن كېيىن ئادەملەر سۇ ئۇستىدە لەيلەپ قاپتىمىش،_دېدى مەمەت دارازا چاقچاقغا پاس چىقىرىپ.- {0 v& U9 c' I" l
بۇ گەپنى ئاڭلغان ساتتار چاقچاق لەقمىگە يارشا:
- e e6 F1 m G+ U* q_ئاڭلسام،ئادەملەر لەيلەپ يۇرگەندىن كۆرە دەپ،سۇ ئۈستىگە ئۆي سېلۋالغانمىش،_دېدى.- B8 I3 y5 R+ i: ]8 o; H
ئۈلپەتداش دۇستلار ساتتار چاقچاقنىڭ كەلتۈرگەن چاقچقىدىن راسا كۈلۈشتى.ئارىدا بىر قانچىسى قورسقنى تۇتقۇنچە كىگىز ئۈستىدە يۇملاپمۇ كېتشتى.
3 R' O* a7 S( Q; r8 {/ }# Zتوختى رەندىگە نەشە ئەمدى كۈچنى كۆرسەتكەن بولسىا كېرەك،زۇۋانى ئېچلىپ،تۇرغايغا ئوخشاش سايرىغلى تۇردى.
8 |$ O0 c- X* n7 S_مۇشۇ نەشنى چەكسە كشنى ئەرشىكە چىقامش دەپ ئاڭلدىم.لېكىن ھازىرغىچە ھەر سورتلۇق نەشىلەرنى چېكىپ بىقپتىمەن،بىرەر قېتىم ئەرشىكە چىقىپ باقمىدىم.شۇنڭىدىن قارىغاندا بۇگەپ يالغان ئوخشايدۇ،_دېدى مەمەت دارازا كۆپچىلككە سوئال نەزىردە قاراپ.
$ L' Y* o. L, j' Z( e: c1 |5 T_راستنلا ئادەمنىڭ روھى ئەرشىكە چىقىدىكەن،_دېدى ساتتار چاقچاق،_ئۆتكەن يىلى بىر تام خوشنامنىڭ كەنجى ئوغلى مۇشۇ كاساپەتنى چىكىپ،روھى ئەرشىكە چىقىپ كېتىپ.ھازىرغىچە قايتىپ كەلمدى.# G; Y F! g# Y4 b1 a$ b. k
كۆپچىلىك ئەنە شۇنداق پاراڭلار بىلەن يېرىم كېچە بولۇپ قالغانلقنى سەزمەي قىلشتى.ئەمەت ئىتۋاز ئىتنىڭ غىڭشىغان زەئىپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھويلىغا چىقتى.ھويلىنىڭ بىر بولۇڭىدا قارا ئاپشارىكا بېشنى كۆتەرمەي ياتاتتى.ئىگىسنى كۆرگەن بىچارە جانۋار تەسلكتە بېشنى كۆتۈرۈپ،قويرۇقنى شىپپاڭشتىپ،ئىگسىنىڭ پۇتغا بېشنى سۇركىدى.بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى غەش بولغان ئەمەت ئىتۋاز ئىتنىڭ بېشنى يىرىك قوللىرى بىلەن سىيلاپ قويۇپ،ئۆيگە كىرىپ كەتتى.( B- b* L. F8 z
ئۈلپەتداشلار سېلىمخان ئېتىپ كىرگەن لەغمەندىن ئىككى تەخسىدىن يەپ بولۇپ ئۆيلىرىگە تارقاپ كېتشتى.مېھمانلارنى ئۇزتۇپ كىرگەن ئەمەت ئىتۋاز ئامراق ئىتنى قانداق ساقايتىش توغرسىدا يەنە ئويلنىشقا باشلدى.كاللسىغا توساتتىن باياتىن تۇرسۇن زابوي دېگەن گەپلەر كەلدى-دە،سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن لەغمەندىن ئىشپ قالغان خېمىردىن كىچىككنە بىر مۇنەكنى مەنتەڭگە سېلىپ پۇشۇرغاندىن كېيىن ئىچىگە نوقۇتتەك نەشنى سېلىپ قارا ئاپشاركىغا تەسلكتە يېگۈزۋەتتى.بىچارە ئىت گىلىغا تۇرۇپ قالغان خېمىرىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا قورسقى ئېچىپ،روھى_ھالتى ياخشلىنقا باشلدى.
6 ? I V3 w. mئامراق ئىتنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىشلەرنى كۆرگەن ئەمەت ئىتۋازنىڭ خۇشاللقىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچلىپ كەتتى.ئۇ كانارغا ئېسىپ قويغان يېرىم جىڭ كالا گۆشنى ئۇششاق پارچىلاپ،ئىتقا تاشلاپ بەردى.
5 f) E! R ]" F9 P0 ]قارا ئاپشاركا گۆشنى ئشتھا بىلەن يەپ بولغاندىن كېيىن نەشىنىڭ تەسىردە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا غەرق بولدى.ئەمەت ئىتۋازىمۇ خۇشال ھالدا ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى.
3 V: B9 z# K$ K7 Q; n4 Sيېرىم كېچە.ئەتراپ تىمتاس بولۇپ تولمۇ سۈرلۈك بىلنەتتى.بىر قارا كۆلڭگە ئەمەت ئىتۋازنىڭ ھويلسىدا پەيدا بولدى.0 t3 f, i$ L8 ?7 y7 x8 h- Q
قارا كۆلڭگە ئىت ۋە ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئۇخلاپ سەي بۇخارغا كەتكەنلكنى جەزملەشتۈرپ،ئۆز-ئۆزىگە: ‹‹بۇ ئامالمۇ بولىدىكەن››دەپ پىچىرلاپ قويدى.مانا ئەمدى قارا كۆلڭگە تىمسىقلاپ يۇرۇپ،ھويلىدىن بىر نەرسىە ئىزدەۋاتاتتى.8 z" x! U' A; v! J
قويلارنىڭ ئەنسىز مەرەشلىرىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن سېلىمخان مىڭ تەسىلكتە ئەمەت ئىتۋازنى ئويغاتتى.% r3 S; y- A* d+ A% {
ئەمەت ئىتۋاز ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇندىن تۇرۇپ،كېيمنى ئاستا كېيىپ،ھويلغا چىقتى.ئۇنىڭ كاللسىغا: ‹‹ قارا ئاپشاركا باغلاقتىن بوشناپ كېتىپ،قويلارنى بوغۇپ قويمغىدى›› دېگەن خىياللار كېلىپ،ئامراق ئىتى ياتىدىغان جايغا كەلدى. ئىتنىڭ بىخرامان ئۇخلاۋاتقانلقنى كۆرۈپ،كاللسىدىن چاقماق تېزلكىدە بىر شۇم خىيال كەچتى_دە، ئوقتەك ئېتلىپ قويلار بار ئېغلغا كىردى.ئەپسۇس،قويلار يوق تۇراتتى.چوڭ دەرۋاز بولىسا ھاڭغرقاي ئوچۇق تۇراتتى.
) i( t2 `% o! M+ {) uئەمەت ئىتۋاز سىرتقا چىقىپ،تۆت ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئايسىز بۇ كېچىدە ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلالماي ھويلغا يېنىپ كىردى.
, H0 \7 b, U; p, [& } D6 R( y7 c8 ?شۇ دەققىلەردە ئۇنىڭ ئاچچقى تازا كەلگەچكە كۆزىگە ھېچ نەرسىە كۆرۇنمەيۋاتاتتى.ئشكىنىڭ يېنىغا يۆلەپ قويغان يوغان كالتەكنى قولغا ئالدى_دە، ھېچ ئشتىن بىخەۋەر خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان قارا ئاشكارسىنى قاتتىق دۇمبالاشقا باشلدى.
- ~# D/ A. s7 X9 `) a7 Cبىچارە گۇناھىسز قارا ئاپشارىكا ئاخشامقى نەشىنىڭ تەسىردە لايدەك ئۇخلاۋاتاتتى.بۇ پاجئەدىن خەۋەرسىز روھى بولسىا ئەرشتە ساياھەت قىلىۋاتاتتى.
/ Q+ F3 A, J, E; R& E
& I2 F$ q* t0 B( Y( U. i% {0 k
4 Y: x# }: T5 Q0 m
1 g2 V' l3 A! o(مەزكۇر ھېكايە ‹‹قىزىلسۇ ئەدەبياتى››نىڭ 2004-يىللىق ساندا ئېلان قىلنغان)
$ Q, d; e$ |) r5 z$ T n# Z7 lنۇر تورى رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |