ئۇيغۇر
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى : 7-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى داۋان جىنكۇن C رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇلۇغخان قاسىم مەھەللە ئەتراپىدىكى قوي گۆشى توپ تارقىتىش دۇكىنىغا كەلدى . ‹‹ يەنە بىر كۈندىن كېيىن مۇسۇلمان ئاممىسى رامىزان ئېيىغا كىرىدۇ ، رامىزان ئېيىدىكى تۇنجى ۋاق تاماق ئۈچۈن بىر ئاز يېڭى گۆش سېتىۋالدىم ›› دېدى ھۆرىخان قاسىم .; v. `: z9 i$ e. J R( h
ئۇلۇغخان قاسىمغا ئوخشاش ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى مۇسۇلمان ئامما ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللاردا رامىزان ئېيىغا تەييارلىق قىلماقتا .; U2 m) [8 A* _$ R0 G; v& H
يېقىندا، بىر قىسىم تور ئەھلى ئېنتىرنېت ، ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ‹‹ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويمايدۇ ›› دېگەن ئاتالمىش پىتنە-ئىغۋالار تارقىتىلغان ، بۇنىڭغا قارىتا ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇختەر ھەسەن مۇنداق دېدى : ‹‹ شىنجاڭدا ، ھەر مىللەت ئاممىسى دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ ، ھېچكىم دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ياكى دىنغا ئىشەنمىگەنلىكىدىن كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدۇ ، روزا تۇتۇشمۇ نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ، بىز بۇ دىنىي ئېتىقادقا تامامەن ھۆرمەت قىلىمىز ›› .# }+ k& w+ T! w, w
مۇختەر ھەسەن مۇنداق دېدى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن رامىزان ئېيىدىكى تۈرلۈك دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ ھەم بىر قىسىم دىنىي سورۇنلارنىڭ ئوتتىن، ئوغرىلىقتىن ، بۇزغۇنچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئامانلىق قوغداش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى دەل ۋاقتىدا يوقىتىپ ، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ رامىزان ئېيىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بىخەتەر، تىنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ .
3 k" ^% I- b$ c شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باشلىقى كېرەم ئابلىزنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بويىچە ، رامىزان ئېيى مەزگىلىدە ، بارلىق مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى كۈن چىققاندىن تارتىپ كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرقانداق يەپ-ئىچىش ، تاماكا چېكىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردىن پەرھىز تۇتىدىكەن . ئەڭ مۇھىمى ، بارلىق مۇسۇلمانلار ‹‹روزا تۇتۇش›› مەزگىلىدە ، قىڭغىر يولدا ماڭماسلىقى ، تۆھمەت-غەيۋەت قىلماسلىقى ، پىتنە-ئىغۋالارغا قۇلاق سالماسلىقى، بولمىغۇر ئىشلارنى خىيال قىلماسلىقى ، يامان غەرەزدە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى ، ئورۇنسىز جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقى ، ئوغرىلىق-قاتىللىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن .+ ]* o& D& w; b" w; U7 [8 ~, Q" j2 K
مۇختەر ھەسەن مۇنداق دېدى : ‹‹مۇسۇلمان ئاممىنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي ، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي ، بىخەتەر ، ئىناق بىر رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز ›› .
! ~9 @% D9 q/ u# y: J) aئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |