خەۋەر
" V7 e8 h2 F; Z- n* C% o+ n" K1 X, J1 ]2 A% n: _* d
8 b6 U+ e g" w0 k5 Z2 }
جەنۇبى شەھەر گېزىتى مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇخەي ئىنستىتۇتىدىكى بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ شىنلاڭ مىكروبىلوگىدا سۈرەتلىك خەۋەر يېزىپ،ئۆزلىرىنىڭ سىنىپقا كىرگەن ۋاقىتتا سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك بارماق ئىزى بېسىش ئۇسۇلى بويىچە دەرسخانىغا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىسىنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يالغاندىن ئورنىغا باشقا ئادەم سەپلەپ دەرستىن قېچىشتەك قىلمىشلىرىدىن ئانچە بەك ئەنسىرەپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.7 x4 N% o: z+ e! V0 m% |3 R
بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغان تورداش بولسا بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر كەسپىدە 3-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بولۇپ دىسكرت ماتېماتىكا دەرسىدە ئوقۇتقۇچىسى مۇشۇ خىل ئۈسكىنە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىما قىلغان ، مەكتەپنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئۇسۇل بەكمۇ ياخشى بولغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلماي ئۆزى سىرتلاردا ئويناپ ئورنىغا باشقا دوستلىرىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ يوقلىما قىلغاندا بار دېگەن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەككىسىنى بەرگىلى بولىدىكەن،بۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كەلگەندە ھەم دەرستىن چۈشكەندە بىر قېتىمدىن مۇشۇ ئۈسكىنىگە بارماق بېسىشىنى تەلەپ قىلغان.
, A. h9 o+ z- O- Vبۇ خەۋەر تور دۇنياسىدا پەيدا بولغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۆزىنىڭ پىكرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ،بۇرۇنقىدەك خالىغانچە دەرستىن قېچىپ سىرتلاردا لاغايلاپ ئويناپ يۈرىدىغان «ئەركىن»مىنۇتلارنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى،بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغانلىقىنى ئېيتقان،يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بولسا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قوللانغان تەدبىرىنىڭ تولىمۇ ئۈنۈملۈك ھەم ئۆزگىچە بولغانلىقىنى ماختىغان.# P6 g# V* |$ W N4 X- r
جەنۇبى شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە،بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى سىنىپقا ئېلىپ كىرگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ فامىلىسى جاڭ بولۇپ كومپيۇتېر ئىنىستۇتىنىڭ ياش دوكتور ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن.3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن مۇخبىر بۇ ئوقۇتقۇچىغا نەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان بولسىمۇ بىراق ئىزچىل ئالاقىلىشەلمىدى.
/ x4 s% t( n) l4 R5 \مۇشۇ مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ فامىلىلىك مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئوقۇتقۇچىغا بولغان باھاسىنىڭ بەكمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى،بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسنى بەكمۇ ياخشى سۆزلەيدىغانلىقىنى،مەكتەپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەرخىل ئۆزگىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق دەرس سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
9 F+ G# I, p! s- P, b+ t
+ n/ k& Q! F5 }+ k1 N' T/ B) b& `% p6 Qمەنبە : news.163.com دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |